يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 5

ئازىق (ت):ساڭياڭ جياسۇ – كۆرۈش بىلەن كۆرمەسلىك ئارلىقىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش بىلەن كۆرمەسلىك ئارلىقىدا

ساڭ ياڭ جيا سۇ (شىزاڭ)

قۇربانجان توختى ئازىق تەرجىمىسى


مەيلى كۆر ياكى كۆرمە مېنى
تۇرماقتىمەن شۇ يەردە تىمتاس
يا يىغلىماي ، يا كۈلمەي ھەردەم.

مەيلى سېغىن ياكى سېغىنما
رىشتىم باغلاپ ياتتىم شۇ يەردە
كېلەلىسەڭ،كېلەلمىسەڭمۇ غەم.

مەيلى سۆيگىن ياكى سۆيمىگىن
سۆيۈشلىرىم قالدى شۇ يەردە
ئۇلغايماي يا ئازايماي ئەلەم.

مەيلى ئەگەش ياكى ئەگەشمە
مېنىڭ قولۇم قولۇڭدا ھامان
قىيالمايمەن ، كېچەلمەيمەن ھەم.

كەل، باغرىمغا ئات ئۆزۈڭنى! يا-
ئېلىپ كىرگىن مىنى قەسرىڭگە
جىمجىتقىنە سۆيەيچۇ بىردەم.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

见与不见


仓央嘉措       西藏

你见,或者不见我
我就在那里
不悲不喜

你念,或者不念我
情就在那里
不来不去



你爱或者不爱我
爱就在那里
不增不减

你跟,或者不跟我
我的手就在你的手里
不舍不弃

来我怀里
或者
让我住进你的心里
默然相爱
寂静喜欢



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 00:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-27 14:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىسىگە سادىق بولغان ھالدا خېلى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىپسىز.

ۋاقتى: 2015-9-27 17:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم ، مۇشۇنداق ئىسىل تەرجىمە شېئىرلىرىڭىزغا تەشنامىز .

ۋاقتى: 2015-9-28 11:06:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە بوپتۇ،داۋاملىق ئالغا……

ۋاقتى: 2015-9-28 13:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازىق ئاكا، تەرجىمە سۈپىتى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ، ھەتتا ئۇدۇل تەرجىمىمۇ بولماي قالغان يەرلىرى بار ئىكەن. مۇشۇنداق بىر تەرجىمىگە  ئەركزات ئاكامنىڭ «ئەسلىسىگە سادىق بولغان ھالدا خېلى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىپسىز.» دېيىشى مېنى ئۇيۇلدۇردى.
ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز، تەرجىمىنى قايتا ئىشلەپ ئاندىن يوللىسىڭىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-29 08:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورتاقلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتە مەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش