كۈتتىم سېنى، كەلمىسىكەن دەپ
ئېزىز تۇرسۇن
كۈتتىم سېنى، كەلمىسىكەن دەپ
ھە،كەلسەڭ قېينايسەن جاننى ئىكەكلەپ.
ئۇنۇتماق بولىمەن مەن سېنى تەكرار...
غايىپتىن ئۆزۈمگە كۈچ-قۇۋەت تىلەپ.
سۆيگۈ-ئەسلى بىر پىيالە مەي،
ئامال بارمۇ بىز ئۇنى ئىچمەي.
سەنسىز ئۆتۈپ كەتكەن كۈنۈمگە،
ياشىيالامدىم ئەسلا ئۆكۈنمەي!؟
كۈتتىم سېنى، كەلمىسىكەن دەپ
كەلسەڭ ئەگەر قالمامدىم مەڭدەپ؟
«يارى يوقنى بىچارە دەڭلار!»
يىغلىماقتا ناخشام ئىسەدەپ...
بارالمايمەن، كىلەلمەيسەن ھەم
ۋاز كەچمەكتىن بارمۇ ئارتۇق غەم؟
«ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش»ساختا گەپ!
ئۇنتۇش ئۈچۈن كەلمە ئەزىزەم.
كۈتتىم سېنى، كەلمىسكەن دەپ،
چاقىرمىدىم، ئاڭلىمايدۇ دەپ.
مۇھەببەتقۇ ئەسلى بىر كېسەل،
ئاڭلىغانمەن ساقايمايدۇ دەپ.
2015-يىلى20-سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-26 14:43