يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2081|ئىنكاس: 21

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر: ئايەم كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1427169583517.jpeg



ئايەم كەلدى

( ھېكايە )


مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر


    ئايەم كەلدى ،ئەتە تاڭ ئاتسا ھېيت بولىدۇ. ماڭا نەچچە موچەن ھېيتلىق بېرەرسىز دادا؟
دېگىنىچە ئېشىكتىن  كۈلۈپ ، توشقاندەك سەكرەپ كىرگەن سەبى قىز دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ياماشتى.قىرانلىقتىن يېشى ھالقىمىغان بولسىمۇ،پىشانىسىگە تۇرمۇشنىڭ مۇشەقەتلىرى ئىز سالغان،  تىرەكنىڭ قوۋزىقىدەك يېرىك،قاداق باسقان قولىنى مەيدە يانچۇقىغا سالغان كۆيۈمچان دادا، ئوماق قىزىنىڭ پىشانىسىگە يىنىش-يىنىشلاپ سۆيۈپ تۇرۇپ،
-ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن خان بالام، ھەر بىر كۈنلىرىڭىز ئايەم شاتلىقىدا ئۆتكەي ئىنشا ئاللاھ! مانا مەڭ قىزىم، ماۋۇ بىر كوي سىزنىڭ ھېيتلىقىڭىز بولسۇن! تولا تۇتۇپ سارغىيىپ يۇمشاپ، لاتىدەك بولۇپ كەتكەن،بىر موچەن-بەشپۇڭلۇق قەغەز پۇللاردىن بىر كويغا جەملەنگەن بىر تۇتام قەغەز پۇلنى دادا مەمنۇنلۇق بىلەن قىزىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.  
     -جېنىم دادا ،بەك جىق بىرىۋەتتىڭىز؟ ئاچام ئۇكاملارغىمۇ ھېيتلىق بەرمىسىڭىز بولماس؟ مەن ئېككى موچەننىلا ئالاي،قالغان سەككىز موچەننى ئاچام ئۇكاملارغا ...
    -جېنىم بالام ،ئەقىللىق پەرىشتەم مېنىڭ، ئاچىڭىز ،ئۇكىڭىزغىمۇ بار قىزىم،بۇنى سىز خەجلەڭ.
     -ياق ! ياق.مەن كېچىك تۇرسام ،بۇنداق كۆپ پۇلنى خەجلىسەم بولمايدۇ. مۇئەلىم ئاتا-ئاناڭلاردىن ،ئېھتىياجىڭلاردىن ئارتۇق پۇل ئالماڭلار دېگەن. شۇڭا مەن ئېككى موچەننىلا ئالاي دادووو...
    -ئېككى موچەنگە ھېچنىمە كەلمەيدۇ قوزام؟
    -دادىجان ،بىزنىڭ مەكتەپنىڭ يىنىدىكى قۇرۇق مىۋە ساتىدىغان دۇكاندىكى داداش،بىر موچەنگە 8تال ياڭاق بېرىدۇ. تېخى ماگىزىندا بىر موچەنگە 10 تال كەمپىتمۇ بېرىدۇ..
    -دادا قىزىنىڭ چىچەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى، ۋە قىزىنى قايتا باغرىغا بېسىپ ئۈنسىز ياش تۆكتى.
1979 -يېلىدىكى قۇربان ھېيت .مانا بۇ قىز مەن ئىدىم.

*     *      *      *
   -دادوووووۋ..
    -ئوۋ قىزىم،
    -ھېيتقا يەنە بىر ھەپتە قاپتۇ،ئېككى تال ئۆرىمە چېچى بەللىرىگە يۆگۈشۈپ تۇرغان،ئەمدىلا 14  ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كۆزلىرى بۇلاقتەك، قوشما قاش ،ئاق يۈزلىك قىز دادىسىنىڭ دۈمبىسىدىن قۇچاقلىغىنىچە ،ئۇنىڭ يېرىك ساقال باسقان يۈزىگە يۈزىنى يىقىپ ئەركىلىدى ،ۋە سۆيدى.
     -ۋۇدان –ۋۇدان بوتا كۆز قىزىمنىڭ نىمە كەيگۈسى باركىن ؟
     -ھېچكىمنىڭ، مېنىڭ دادامدەك كۆيۈمچان دادىسى يوق،سىزدەك مېھرىبان دادام بولغاچقىلا مەن بەخىتلىكمەن دادۇي..
     -قوللىرى تىترىگەن دادا مەيدە يانچۇقىدىن ئېككى كوي،بىر كويلۇقتىن جەملىنىپ كونا پۇل قاپچۇقىغا رەتلىك سېلىنغان 30 كوينى قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
    -مانا ماۋۇ پۇلنى ئاز كۆرمەي ياخشى كۆرگەن كېيىمىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ قىزىم. بۇ كۈنلەردە سەل يېنىم قۇرۇق بوپ قالدى،  ھېيتتا (يۇرۇتتىكى) ئانامغا پۇل سالمىسام بولماس،ئۇكىلىرىڭىزنىڭ كېيىمى سەل يالاڭ بوپ قاپتۇ ،ئۇلارغىمۇ بىرەر قۇر يېڭى كېيىم ئەپ بىرەيلىمىكىن دەيمەن. ئانىڭىز نەچچە ھېيت بولدى،ئۇچىسىغا بىر تال قىلمۇ ئارتىپ باقمىدى. دادا ئېغىر خۇرسىندى.
     -قىز كۆز جىيەكلىرىدە ئەگىپ قالغان ياشنى تەستە يوشۇرۇپ، ئەمسە مەن 10 كوي خەجلەي دادا،20 كويغا ئانامغا كۆينەك ئەپ بىرەيلى.
    -ياق قىزىم ،سىزمۇ چوڭ بوپ قالدىڭىز، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كېيىمدىن ئېلىپ كېيىڭ،ئانىڭىزغا مائاشىمدىن ئايرىم يېغىپ كېيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىدىن بىر قۇر ئەپ بىرىمەن.
ئېچكەركى ئۆيدە سۇپىنىڭ گېرۋىكىدە ئولتۇرۇپ ياماق ياماۋاتقان ئانا ، دادا بالا ئېككىسىنىڭ دېيىشۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغاچقا ، ئاخىرقى سۆزلەر قۇلقىغا كىرگەندە، قوللىرى تىترەپ ياماق ياماۋاتقان يىڭنىسى رەھىمسىزلەرچە ئۇنىڭ بارمىقىنى تېشىپ ئۆتتى.
     - ۋايجان !..دەپ ئاچچىق توۋلىۋەتتى  ئانا.
     -دادا بالا يۈگۈرگەنچە ئانا ئالدىدا پەيدا بولدى،نىمە بولدىڭىز ئانا؟
    -قولۇمغا يىڭنە كېرىپ كەتتى،ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ ئاران چىقتى،
    - قايسى قولۇڭلارغا كېرىپ كەتتى ئانىسى؟
   -ماۋۇ قولۇمغا..دادا مېھرىبانلىق بىلەن ئايالنىڭ قولىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى. ئايال ئېسەدەپ يىغلىۋەتتى. ئۇنى يىغلاتقىنى قولىغا كىرىپ كەتكەن يىڭنە بولماستىن، خۇدانىڭ 365 كۈنىدە قوشمىسى تۈرۈكلۈك ،ئالدىراشلا يۈرۈيدىغان، ئاچچىقى يامان، بار ئاچچىقىنى ئۆزىدىن ئالىدىغان يولدىشىنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە،قىزىغا «مائاشىدىن ئوغۇرلۇقچە يېغىپ كېيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ بىرىمەن» دىگەندىكى ئۇرغۇلۇق،ئشەنچىلىك ئاۋازدىن كەلگەن مۇھەببەت، سۆيۈنۈش يېشى ئېدى. قىز ئانىنى قۇچاقلىدى، ئانىسىنىڭ يىڭنە تىشىۋەتكەن بارمىقىدىكى قان يۇقىنى سۆيدى،ئېچىدە بولسا« چوڭ بولسام مەنمۇ پۇل تېپىپ، مۇشۇ قان بەدىلى ئۈچۈن بۇ بارماقلارغا ئالتۇن ئۈزۈك قادايمەن» دېدى،ئۆز-ئۆزىگە..
1983-يېلى قۇربان ھېيت. بۇ قىز مەن ئېدىم.


*     *    *      *
    قىش پەسلى ،قار ئۇچقۇنداپ چۈشىۋاتقان بىر ئاخشىمى ئېشىك يېنىك چېكىلدى.
بۇ كېچىدە ئېشىك چەككەن كىم بولغىدى ،دەپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئېشىكنى ئاچقان ياش ئانا ،ئېشىك تۈۋېدە ئۈستى بېشى ئاپئاق قار بولۇپ كەتكەن دادىسىنىڭ ئېشىك ئالدىدا كۈلىمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ۋە دەرھال دادىسىنى ئۆيگە باشلىدى.
   -ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! ئوبدان تۇردىڭىزمۇ قىزىم. باللىرىڭىز ئوبدان تۇرىۋاتامدۇ؟
   -شۈكرى ،دادا! سىز بولغاچقا باللىرىمنىڭ بوينى قىسىلماي ،يېتىملىكنى بىلمەي بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ.
    - دادا..ياش ئانىنىڭ بۇرنى ئېچىشتى ،قاڭشىرى تاڭسۇق بولدىدە،دىمەكچى بولغانلىرىنى ئېچىگە يۇتۇپ زورىغا كۈلىمسىرىدى.
-قارىسام ھېيتقىمۇ ئازلا قاپتۇ قىزىم، سىزنى نىمە كويدا يۈرىدىكىن دەپ كېلىشىم ئېدى. قۇربانلىق قوينىڭ چوڭىنى ئالدىم. يېرىمىنى سىزگە ئاتاپ قويدۇق.
     يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن مۇشۇ نەچچە يىلدىن بېرى ھەر بىر ھېيتنى دادىسىنىڭ ھېمىتىدە، باياشات ئۆتكۈزىۋاتقان ياش ئانا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بالا تۇرۇغلۇق ھېچنىمە قېلىپ بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئازدەپ ،ھەر ھېيتتا ئېككى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچ كۈن ھېيتنى چوڭ ئۆيدە ئۆتكۈزىۋاتلىقىنى ھەر بىر ئويلىغىنىدا چېچىدىن ،تېرنىقىغىچە ئاتا–ئانىسىغا قەرىزدار بولۇپ كېتىۋاتقان دەك تۇيغۇدا بىئارام بولاتتى.
     - ئالدىنقى ئايدا مائاشىم ئۆسۈپتىكەن قىزىم ، شۇنىڭدىن سىزگە ئازىراق ئايرىپ ساقلاپ قويغان، تەمبەل گەۋدىسى سەل-پەل مۈكچەيگەن ئاتا قويۇن يانچۇقىغا قول ئۇزاتتى ۋە،قىزىل تاۋار قول ياغلىققا چىرايلىق قاتلاپ چىگىلگەن 1000 كوي پۇلنى قىزىنىڭ قولىغا تەڭلىدى.
     -دادا!  ..جېنىم دادا!!!
   قىزنىڭ پۇل تۇتقان قوللىرى قوقاستا كۆيىۋاتقاندەك،تىترەپ، ئازاپلىنىپ تۇرۇپ دادا باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ  يىغلايتى ،بوزلايتى. دادا بۇ ھالغا چىداپ تۇرالمىدى.
   -جېنىم بالام ،سىزنىڭ بەختىڭىزگە مەن ...
    -مەن ..مەن سىزنىڭ نىكاھ ئېشىڭىزنى قارغۇلارچە ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسام، سىز بۇ كۈنگە قالمايتىڭىز؟ مەن گۇناھكار ،مەن ئەيىپلىك خېنىم بالام!!!  
-     ياق،دادا بۇ تەغدىر،ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى..مېنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىمگە ھېچكىم سەۋەپچى ئەمەس..
1995-يېلى قۇربان ھېيت. بۇ  ياش ئانا مەن ئىدىم.


*   *      *     *
    ئايەم كەلدى ..
كۈز خازانلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغان ،بارچە مەۋجۇدات ئايەم شاتلىقىغا چۆمگەن مەلۇم بىر سەھەر، بىر قىز ،بىر ئوغلىنى يىتەكلىگەن 30 نەچچە ياشلار چامىسىدكى چىرايى سۇلغۇن ،كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپ قالغان ئانا زاراتگاھلىققا كەلدىدە، بىر پەس سۈكۈتتە تۇرىۋالغاندىن كېيىن،زومچەك-زومچەك قەبرىلەرنى ئاۋايلاپ كېسىپ ئۆتۈپ ئاددىيغىنە قوپۇرۇلغان قەبرە بىشىغا يۈكۈندى ۋە « جېنىم دادا مەن كەلدىم،ئارزۇلاپ باققان قىزىڭ كەلدى» دىگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ گېلىنى قېرىپ قويۇپ قىرائەت قىلىشى بىلەن ئانا، ئاستا-ئاستا ئىسەدەشتىن توختىدى.
    -ياق، ئۇ يۈرىكىدە يىغلاۋاتاتتى. ئۇ ئۆيدىن يانچۇقىغا سېلىپ كەلگەن بۇغداي، گۈرۈچ، قوناقلارنى تۇپراق بىشىغا چاچتى. كۆز ياشلىرى تۆكۈلگەن تۇپراقنىڭ توپىسىنى يۇمشاتتى.. بۇ دۇنيادىن كەتكىنىگە 10 يىل بولغان جاندىن ئەزىز، رەھمەتلىك ئاتىسى كۆمۈلۈپ ياتقان قەبرە بېشىدىكى سېرىق يۇمشاق توپىلارنى يۈزىگە سۈرىتتى.ئۇ يەنە، ئېككى بالىسى ئاڭلىيالمايدىغان يوچۇن تىلدا ئاتىسىغا ئېچىدىكى بارلىق ئەلەملىرىنى ،تارتقان كۈلپەتلىرىنى ئۈنسىز تۆكىۋالدى.
2008- يېلى قۇربان ھېيت. ئاتىسىنىڭ قەبرە بېشىدا يۇم-يۇم يىغلىغان بۇ ئانا مەن ئىدىم.


*      *     *      *
    ئايەم  كەلدى.
ئەتە ھېيت، بىراق ئانىنىڭ قولى پەقەت ئىشقا بارمىدى.يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئۆي سېتىۋېلىش ، پۇل غەملەش ھەلەكچىلكىدە تولا يول مېڭىپ چارچىغان بولسىمۇ ھەر قاچان كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن ھالەتتە ئېدى. ،بۈگۈنكىدەك ئايەمدە نە دادىسى،نە ئانىسى،نە بالىلىرى يىنىدا بولمىغانلىقتىن . ئەمما بۈگۈن روھى نىمجان،ئۆي ئېچىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىرى ،يىكەنداز سېلىنغان بۇلۇڭغا كېلىپ تامغا يۆلەنگىنىچە تەگسىز خىياللارغا غەرىق بولدى.ئارىدىن قانچىلىك ئۆتتىكىن،  تىلفۇنى سايراپ كەتتى.
     -ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئاپا! قانداق ئەخۋالىڭىز ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
     -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم ياخشى تۇرىۋاتىمەن،ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟ سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىزىم! ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى،
     -مەنمۇ ياخشى تۇرىۋاتىمەن ئاپا ،بۇ ھېيتنى نەدە ئۆتكۈزەي دەيسىز؟  مەن ھېيتنىڭ ئېككىنچى كۈنى ئىشلەيدىكەنمەن،شۇڭا بۇ ھېيتتا بىز بارالمايدىغان ئوخشايمىز، سىز كىلەلەرسىزمۇ ؟
   -مەن  يېقىندىن بېرى بەك چارچاپ كەتتىم  قىزىم، بۇ ھېيتتا ھېچ يەرگە بارماي ئۆيدە ئارام ئالايمىكىن دەيمەن؟ ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى، نەپسى بوغۇلدى.
    - يالغۇز قالارسىزمۇ ئاپا، قىزنىڭ ئاۋازىمۇ تىترىدى.
-كېرەك يوق قىزىم كۆنۈپ قالغانمەن. دەم ئېلىشىڭىزنى يىغىپ كىلەرسىز ئەمسە..ئانا تىلفۇننى قويدىدە يۇم-يۇم يىغلىۋەتتى. تىلفۇن يەنە سايرىدى.
    -ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئانىجان،ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن!
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قوزام، سېنىڭمۇ ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن! ئانا ئوغلىنىڭ ئاۋازىدىن ھاياجانلاندى.
    -ئانىجان، بۇ ھېيتتا مەن ئارام ئالالمايدىغان بولدۇم. ئىدارىدكى بىر خىزمەتدىشىم يۇرتىغا قايتماقچىكەن ..دەم ئېلىشى ئۇزۇنراق بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىدا ئۇزاقراق تۇرالايدىكەن ،ماڭا بەك يالۋۇرۇپ كەتتى ،ئورنۇمغا ئىشلەپ بەرسەڭ دەپ،ماقۇل دېدىم.شۇڭا مەندىن رەنجىمىگىن ماقۇلمۇ ئاپا؟ مەنمۇ دەم ئېلىشىمنى يېغىپ سېنىڭ يىنىڭغا بېرىپ ئۇزاقراق تۇرسامكەن دەيمەن..
     -بولىدۇ جىگىرىم، نەدىلا بولساڭ ئامان بولغىن قوزام. ئەمما- ئاپاڭ سېنى بەك-بەك سېغىندى ..ئانا سۆزلىيەلمىدى. سۆزلەرنىڭ تېلى كېسىلگەن ئېدى. تىلفۇندا بىر دەقىقە ئۈنسىز ياش تۆكۈشلەر،ئېغىر-ئېغىر ئۇھسىنىشلار ئاڭلىنىپ تۇردى،ئەمما- نە ئانا،نە ئوغۇل تىلفۇننى قويمىدى، سۈكۈتلەر بىزۇۋان ...
2015-يېلى قۇربان ھېيت. تىلفۇننى تۇتقىنىچە ياغلىقىنى چىشلىگەن ,كۆزى ياش بۇ ئانا مەن ئىدىم..



2015-يېلى 9-ئاينىڭ 23 كۈنى ، ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 22:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-24 00:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راست ئ‍ايەم كەلدى، دىللار ئ‍ايەم شادلىقىدىن سۆيۈندى، ئولۇغ قۇربان ھېيتىمىزغا بېغىشلانغان ئ‍ەسىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-24 00:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ سىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىڭزدىن تارتىپ ھازىرقى ئانا بولىۋاتقان چاغلىرىڭىزغىچە ھاياتىڭىزدائوتكۈزگەن ھىيىت خۇشاللىقلىرىڭىزنى تەسەۋۋۇر ئىكرانىمدىن ئۆتكۈزىۋىتىپ ھىكايىڭىزدىن تەسىرلەنگەن بولسام كىرەك كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەملەندى. ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، ئامەتلىك بولۇڭ!

باھا سۆز

يىزىۋېتىپ ئېھتىيارسىز ئۆزۈممۇ ياش تۆكۈپ سالغان ئېدىم..  ۋاقتى: 2015-9-24 05:40 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 09:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭكىگە كېلىڭە مۇنەۋۋەر ئاچا، بىرلىكتە ھېيت قىلايلى !

باھا سۆز

رەھمەت ئوماق سىڭلىم ،مەمنۇن بولدۇم  ۋاقتى: 2015-9-24 05:37 PM
ئاھ،گۈلبەدەن دېگەن ئىسىمنىڭ ئاستىدا ئاخىرى سىزنى كۆردۈم ئاپپاق ئاي پەرى!  ۋاقتى: 2015-9-24 02:38 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 10:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ھەدە ھىكايىڭىز ىڭىز بەك تەسىرلىك بوپتۇ.

توردىشىڭىز دىلچىندىن سىزگە ئايەملىك سالام! كۈنلىرىڭىز خوشال ۋە مەنىلىك ئۆتكەي.

باھا سۆز

رەھمەت سىڭلىم پىكىرلىشىپ تۇرايلى  ۋاقتى: 2015-9-24 05:38 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 10:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ تەسىرلىك يېزىپسىز...

باھا سۆز

سىزنى تەسىرلەندۈرەلىگىنىم، مېنىڭ مۇۋاپىقىيىتىم دەپ ئويلۇدۇم  ۋاقتى: 2015-9-24 05:39 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 12:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قۇرۇلمىسى ئۆزگۈچە چىرايلىق،ئاددى تىللار بىلەن يۇغرۇلغان ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ مۇڭلاندۇق.قوللىرىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

باھا سۆز

زاغرا تېلىم سىزگە يارىغان بولسا ،يەنىمۇ ياخشى يىزىشقا تىرىشىمەن  ۋاقتى: 2015-9-24 05:41 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 14:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر خانىم ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ تەسىرلەندىم .

باھا سۆز

رەھمەت زۇلپىيە ...  ۋاقتى: 2015-9-24 05:56 PM
ۋاقتى: 2015-9-24 14:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مۇنەۋۋەر ھەدە، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ھېكايىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپلا  كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۈكۈلگىلى تۇرۇۋىدى، ئەڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكىچە يىغلاپ چىقتىم...
كىچىك چاغلىرىمدا شۇنداق شوخ ،غەمسىز ئىدىم. كۈلسەم كۈلكىدىن ئۆزۈمنى توختىتىۋالالماي ئېڭىكىم ئاغرىپ كېتەتتى. خۇددى بوراندەك تېز كېتىۋاتقان ماشىنا تورمۇز  تۇتالماي تېرەككە ئۈسۈپ توختىغاندەك كۈلكىدىن ئۆزۈمنى توختىتىۋالالماي ئۈزۈمنى ئۆزۈم ئۇرۇپ باقاتتىم، تامغا ئۈسۈپمۇ باقاتتىم. بىرەر قىزىقارلىق ئىشنى خىيال قىلىپمۇ ، خىيالىمنىڭ ئاخىرىدىن تېخىمۇ كۈلكىلىك نەتىجە چىقىرىپمۇ كۈلەتتىم،كۈلەتتىم...كۈلۈپ ئېڭەكلىرىم ئاغرىپ كېتەتتى...
ھازىر خۇشھال بولساممۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ. بىراۋنىڭ تونۇش ياكى ناتۇنۇش بولسۇن بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلىرىگە،بىرەر ئېغىز تاتلىق ياكى قاتتىق گەپكە، كىشىنىڭ قىلغان غەرەزسىز ياخشىلىقلىرىغا...ئىشقىلىپ ھەممىلا ئىشلارغا، ھەر جايدا يىغلىغۇم كېلىدۇ. يۈرىكىمنىڭ  ئېزىلمىگەن بىرەر پارچىسىمۇ قالمىدىمىكىن دەيمەن... ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشىمىز بىلەن بەلكىم بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز...


باھا سۆز

تامغا ئۈسسىۋەرسە ئاشتا بوپ قالىدۇ  ۋاقتى: 2015-9-24 03:54 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-24 17:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-9-24 14:59
سالام مۇنەۋۋەر ھەدە، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ھېكاي ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،زىرەك  سىڭلىم،قەلەمدىشىم پاتىگۈل،ئايىمىڭزگە مۇبارەك بولسۇن!!!!
مەندىن بارلىق قېرىنداشلىرىڭىزغا ۋەئايىلىڭىزغا سېغىنىشلىق سالام لار يەتكەي..كېچىك چاغلىرىمدا مەنمۇ خۇددى، بالىلىقىڭىزدىكى سىزدەك،شوخ ،چىچەن ، كۈلگۈنچەك ،بەختىيار بىر قىز ئېدىم..كۈلسەم دادام رەھمەتلىك « قىز بالا دىگەن ئاۋازىنى چىڭ چېقىرىپ كۈلمەيدىغان ،ئۇيات بولىدۇ  قىزىم» دەپ نەسىھەت قىلاتتى.  
ئۇف....ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بەزىدە كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيدىغان ،كۈلىۋېتىپ يىغلاپ سالىدىغان بولۇپ قالىدىكەنمىز..
ئەقلى ئويغاق ئاياللار يىغلاڭغۇ  كىلەمدۇ يا »سىزدەك» بىلمىدىم..مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە سىزنىڭ باغرىڭىز يۇمشاق،بەلكىم شۇ سەۋەپتىن ...
ئەتىگەندە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قېلىپ، يىغلىتىپ قويغۇنىمدىن ئەپسۇسلاندىم..كۈلۈڭ ئوماق سىڭلىم، بىر كۈن بولسىمۇ كۈلۈپ ياشايلى. قايغۇ-ھەسرەتلەرنى چۆرۈپ تاشلايلى..ئانىلار يىغلىسا زىمىن يىغلايمىش. بىز كۈلسەك پۈتۈن كايىنات كۈلىدۇ جېنىم ئۇكام...

ۋاقتى: 2015-9-24 22:38:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئايەم كەلدى» ناملىق بۇ ھىكايىڭىزنى بۈگۈن ئاخشام يانا قايتا بىر ئوقۇپ چىقتىم. ھىكايىڭىزدە ئاتا بالىلىق مىھرى مۇھابەت، تۇرمۇشنىڭ قاينام-تاشقىنلىق ئىسسىق-سوغۇق كەچۈرمىشلىرى،بەخىتسىز نىكاھنىڭ قىسمەتلىرى، ئادەم ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ھىيىت خۇشاللىقلىرى ئەينەن يورۇتۇلۇپتۇ. بۇ ھىكايىڭىزنى قايتا بىر قىتىم ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن سىزنىڭ ھاياتلىق ئالىمىڭىزدىكى ياشاش ئىستىكىڭىز، ئۈمۈتكە تولغان غەيرەت-جاسارىتىڭىز  ھەقىقىي بىر ئۇلۇغ ئانىنىڭ جۈملىدىن مەرھۇم جاپاكەش، مىھرىبان ئانامنىڭ يارقىن سىماسىنى ئەسلىتىپ مىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى  ئۈنسىز يىغا چىرمىۋالدى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە قۇربان ھىيىتلىق سالام ۋە ئالى ئىھتىراملار بولسۇن!
ئۇلۇق قۇربان ھىيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
سىزگە ئۈمۈتكە تولغان ياشاش ئىرادىڭىز مەڭگۈ ھەمرا بولسۇن!
ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىڭىز ئىلھام بۇلاقلىرى بىلەن قىنىپ سۇغۇرۇلغاي!
سىزگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە بەخىت-سائادەت مەڭگۈ يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-9-25 11:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   -ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئاپا! قانداق ئەخۋالىڭىز ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
     -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم ياخشى تۇرىۋاتىمەن،ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟ سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىزىم! ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى،
     -مەنمۇ ياخشى تۇرىۋاتىمەن ئاپا ،بۇ ھېيتنى نەدە ئۆتكۈزەي دەيسىز؟  مەن ھېيتنىڭ ئېككىنچى كۈنى ئىشلەيدىكەنمەن،شۇڭا بۇ ھېيتتا بىز بارالمايدىغان ئوخشايمىز، سىز كىلەلەرسىزمۇ ؟
   -مەن  يېقىندىن بېرى بەك چارچاپ كەتتىم  قىزىم، بۇ ھېيتتا ھېچ يەرگە بارماي ئۆيدە ئارام ئالايمىكىن دەيمەن؟ ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى، نەپسى بوغۇلدى.
    - يالغۇز قالارسىزمۇ ئاپا، قىزنىڭ ئاۋازىمۇ تىترىدى.
-كېرەك يوق قىزىم كۆنۈپ قالغانمەن. دەم ئېلىشىڭىزنى يىغىپ كىلەرسىز ئەمسە..ئانا تىلفۇننى قويدىدە يۇم-يۇم يىغلىۋەتتى. تىلفۇن يەنە سايرىدى.
    -ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئانىجان،ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن!
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قوزام، سېنىڭمۇ ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن! ئانا ئوغلىنىڭ ئاۋازىدىن ھاياجانلاندى.
    -ئانىجان، بۇ ھېيتتا مەن ئارام ئالالمايدىغان بولدۇم. ئىدارىدكى بىر خىزمەتدىشىم يۇرتىغا قايتماقچىكەن ..دەم ئېلىشى ئۇزۇنراق بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىدا ئۇزاقراق تۇرالايدىكەن ،ماڭا بەك يالۋۇرۇپ كەتتى ،ئورنۇمغا ئىشلەپ بەرسەڭ دەپ،ماقۇل دېدىم.شۇڭا مەندىن رەنجىمىگىن ماقۇلمۇ ئاپا؟ مەنمۇ دەم ئېلىشىمنى يېغىپ سېنىڭ يىنىڭغا بېرىپ ئۇزاقراق تۇرسامكەن دەيمەن..



بۇ قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ ئىختىيارسىز كۆزۈم نەملەندى .
رىياللىققا قانچە يېقىنلىشىش ئەدەبىياتنى شۇنچە چىنلىق قىممىتىگە ئىگە قىلىدىكەن مېھرىبان بۇ ھېكايىڭىزدا خۇددى نەسىر ئوخشاش قۇرۇلما باركەن .ھەر بىر ھېيتىكى تۇرمۇش دېتالىرىنى باغلىغاندا شۇ ۋەقەدە رول ئالغان قىزنىڭ ‹‹مەن ›› ئىكەنلىگىنى تەكرالاش ئارقىلىق بىر خىل رېتىم شەكىلەندۈرۈپسىز
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-25 11:28  


باھا سۆز

رەھمەت ئادىشىم..بىرلىكتە تېرىشايلى!  ۋاقتى: 2015-9-26 02:27 PM
ۋاقتى: 2015-9-25 16:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنەۋۋەر ھەدە بۇ ھىكايىڭىز قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ دىلىم سۈيۈندى. بۇندىن كىيىن ھىكايە يېزىشقىمۇ كۈچىسىڭىز بولغۇدەك سىزدىن ياخشى ھىكايە چىقىدىكەن سىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى قىزغىنلىقىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.

باھا سۆز

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت ئۇكام..  ۋاقتى: 2015-9-26 02:18 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-26 14:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkan.5 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-24 22:38
«ئايەم كەلدى» ناملىق بۇ ھىكايىڭىزنى بۈگۈن ئاخشام يانا  ...

ئاددى زاغرا تىلىمدا يىزىلغان كۆڭۈل چەشمىلىرىمگە رەت-رەت نەزەر ئاغدۇرغانلىقىڭىزدىن سۆيۈنىش ئېچىدە سىزگە رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى. بەلكىم ھېكايىدىكى ۋەقەلىك رىياللىق بولغانلىقى ئۈچۈن سىزگە شۇنچە تەسىر قىلغاندۇر. مەن بەك ياخشى يازدىممۇ دىيەلمەيمەن،ئەمما پىروزىغا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار. مۇشۇنىڭدەك كېچىك دىتاللاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كېيىنچە ئەڭ ياخشى بولغان «پوۋسىت» «ھېيكايە»لەرنى يازالايدىغانلىقىمغا ئېشىنىمەن..
ئاخرىدا سىزنىڭمۇ ئىجادىيەتلىرىڭىزگە نەتىجە ،تىنىڭىزگە ئامانلىق تىلەيمەن..

ۋاقتى: 2015-9-26 17:02:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ھېيتىڭىزغا قۇت تىلەيمەن مۇنەۋۋەر، مۇبارەك بولسۇن! ھىكايىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. يۈرۈگۈم نىمىلەرگىدۇ ئېچىشتى. كۆڭلۈم يېرىم بولمىدى دىسەم يالغان بولىدۇ. چۈنكى تۇنجى قېتىم قۇربان ھېيىتنى ئانىسىز ئۆتكۈزىۋاتىمەن. نۇرغۇن ئەسلىمىلەر مىنى يىغلىتىشقا ئاران تۇرىۋاتىدۇ.  بەك ياخشى يېزىپسىز.
تىنىڭىز سالامەت بولسۇن! ھەر ۋاقىت  كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن!

باھا سۆز

سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن كەسىپدىشىم ،رەھمەت  ۋاقتى: 2015-9-27 03:27 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش