كۆرۈش: 876|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدتۇرسۇن ئەبەيدۇللا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەممەدتۇرسۇن ئەبەيدۇللا 1966-يىلى 12-ئايدا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارىقىر يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن.ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1986-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان« يول ئۈستىدە» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان، ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى»،« يېڭى قاشتېشى»قاتارلىق گېزىت –ژورناللاردا يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تىلىنىڭ گۈزەللىكى، بەدىئىلىكىنىڭ يۇقۇرىلىقى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر، پىكرىنىڭ تىرەنلىكى، ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. مەتبۇئاتلاردا قايتا-قايتا كۆچۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان. رادىئو ئىستاسىلىرىدا  ئاڭلىتىلغان.«گەپتە ئېشىلگەن قامچىلار» ناملىق بىر گۇرۇپپا شېئىرلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا «مۇناۋەر ئەسەر»مۇكاپاتىغا،« چۆل ناخشىلىرى» ناملىق چاتما شېئىرى 1993-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك « تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر قارىقىر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش