يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 1

بەگيار(ت):يېزىقچىلىق ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېزىقچىلىق ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىش
(ھېمىڭۇېي بىلەن مائېستىرونىڭ سۆھبىتى)

   مىننىئاپولىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن يىگىرمە ئىككى ياشلىق ئارنولد سامۇئېلسان مەشھۇر ئەدىب ھېمىڭۇېي بىلەن ئۇچرىشىنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يىراق مىچىگان شتاتىدىن يولغا چىقىپ،فلورىداغىچە بولغان سەلكەم ئىككى مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى گاھ پىيادە، گاھ توغرا كەلگەن ئۇلاغلار بىلەن بېسىپ، ئارزۇسىدىكى مەشھۇر ئەدىپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،تىلى گەپكە كەلمەي بىردەم گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى. كېيىن:
    -ھېمىڭۇېي ئەپەندى،ماڭا يازغۇچىلىقنى ئۈگەتسىڭىز،-دېدى تۇيۇقسىز.
    -بولىدۇ،ئۆگىتىمەن-دېدى ئەدىپ مىيىقىدا كۈلۈپ.
    ئاخىرى ئامىتىنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايراق تۇرغان يىگىتنى ئۆزىنىڭ مەشھۇر «پىلەر»ناملىق قورۇقىغا ساقچى قىلىپ ئېلىپ، كۈنىگە بىر دوللاردىن ھەق بەلگىلىدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئارنولد سامۇئېلسان توپتوغرا بىر يىلغىچە ھېمىڭۇېي بىلەن بىللە تۇردى. ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى چىقىپ،ئوچۇق دېڭىزدا بىر نەچچە كۈنلەپ سۆھبىتىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا مەشھۇر يازغۇچىغا ئىسكىرىپكا بىلەن مۇزىكا چېلىپ بېرىپ،مائېستىرو دېگەن نامنى ئالدى ۋە ھەر قېتىم دېڭىز سەپىرىدىن قايتىپلا ھۇجرىسىغا بېكىنىپ، ئۇستازىدىن ئاڭلىغانلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ ماڭدى.ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ پوۋېست ۋە ھېكايىلىرىنى گېزىت، ژۇرناللارغا ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ تۇراتتى. گەرچە ئۇنىڭ يازغانلىرى ھە دېگەندە يورۇقلۇق كۆرمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى. ناھايەت،«ماتار-بائېتىڭ»ناملىق بېلىقچىلار ژۇرنىلى ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسىنى باستى. ھېكايە ھېمىڭۇېيغا ياققان ئىدى.
     -مانا ئەمدى سەنمۇ يازغۇچى بولدۇڭ، مائېستىرو!-دېدى ئۇ تىرىشچان شاگىرتىنىڭ يەلكىسىگە قېقىپ.
ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ،«سۈرگۈن قىلىنغان مىكسىكىلىقلار»ناملىق رومانىنى نەشردىن چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئارنولدنى يەنە بىرىنچى بولۇپ ھېمىڭۇېي قۇتلاپ: «سىز بىلەن پەخىرلىنىمەن، مائېستىرو!» دەپ تېلېگرامما يوللايدۇ.
      «ئېرنېست ھېمىڭۇېي بىلەن بىللە» ناملىق نۆۋەتتىكى يىرىك ئەسىرى باسمىدىن چىققىنىدا بولسا مائېستىرو،يەنى ئارنولد سامۇئېلساننىڭ ئۆزىمۇ، ئۇستازىمۇ ئاللىقاچان دۇنيادىن ئۆتكەن ئىدى...
تۆۋەندە ئېرنېست ھېمىڭۇېينىڭ«مائېستىرو بىلەن سۆھبەت» ناملىق ئەسىرى قىسمەن قىسقارتىلىپ نەشر قىلىندى. مۇئەللىپ شاگىرتى ئارنولد سامۇئېلسانغا مەسلىھەت تەرزىدە يازغان مەزكۇر ئەسىرىنى بىرىنچى قېتىم «ئېسكۋەير»ژۇرنىلىنىڭ 1935-يىلى ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلغان ئىدى...
                                                *                     *                          *
     -ئۇنتۇماڭ، مائېستىرو، بىر ئولتۇرۇشتا بەك كوپ يېزىۋەتمەسلىك يېزىچىلىقنىڭ مۇھىم قائىدىسىدۇر. كۆڭلىڭىزدە يىغىلىپ قالغان گەپلەرنى بىراقلا تۆكۈۋەتمەڭ. ھەتتا قىسسىڭىزنىڭ ئەڭ قىزىق يېرىگە كېلىپ قالسىڭىزمۇ،ئاخىرىدا نېمە بۇلىشىنى كۆرۈپ،بىلىپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ، يېزىشتىن توختىۋېلىڭ. قەغەز، قەلەمنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ،ئۆزىڭىزگە ئارام  بېرىڭ. كېچىسى قېنىپ ئۇخلاپ، ئەتىسى ئۆزىڭىزنى ياخشى ھېس قىلسىڭىز،ئۈستەلگە ئولتۇرۇڭ.بىراق ئىشنى ئاخشام توختاپ قالغان جايىدىن ئەمەس، قايتا بېشىدىن كۆچۈرۈش بىلەن باشلاڭ. ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭ.ناۋادا ئەسىرىڭىزنىڭ ھەجمى چوڭىيىپ كەتكۈدەك بولسا،ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئابزاسىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقىپ،ئەسەرنىڭ روھىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئىشتىياق بىلەن قايتا ئاققا كۆچۈرۈڭ. ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم قوليازمىڭىزنىڭ مۇقەددىمىسىگە قايتىڭ. ھەممىسىنى بىر باشتىن يېزىپ چىقىڭ. ئەنە شۇندىلا سىزدە مۇكەممەل ئەسەر پەيدا بولىدۇ. ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن، تېكىستتىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك بولغان سۆز-جۈملىلەرنى ئاختۇرۇپ تېپىڭ.ئەڭ ئاساسىيسى ئەينەن نېمىلەرنىڭ كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يىتىشتە.
       شۇنداق،يېزىچىلىق دېگەن بەك ئېغىر مېھنەت.بىراق، روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئېغىرلىقى ئېغىر،لېكىن ئىلاج قانچە. مەن، مەسىلەن، «ئەلۋىدا، قورال!»نىڭ بىرىنچى قىسمىنى سەل كەم ئەللىك قېتىم قايتا كۆچۈرگەنمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك سەۋر-تاقەت كېرەكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ...
يەنە بىر مۇھىم گەپ، ھەگىز ئۆزىڭىز ياخشى بىلمىگەن تېمىغا ئېسىلماڭ.خىيالپەرەسلىكنى شېئىر كۆتۈرىدۇ،نەسر ئەمەس. نەسردە تەسۋىرلەۋاتقان نەرسىلىڭىز ۋە ئادەملىرىڭىزنى ياخشى چۈشەنمىسىڭىز، مەغلۇپ بولۇشىڭىز مۇقەررەر.
                                                  *                       *                          *
      -ئېيتايلۇق،قىسسىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى يېزىپ تۈگەتتىڭىز،ھەتتا ئەتە يەنە نېمىلەرنىڭ يېزىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز.لېكىن، ئەتىدىن كېيىن نېمىلەرنى يېزىشىڭىز سىز ئۈچۈن قاراڭغۇ... بۇنىڭدىن چۆچۈ مەڭ.ئىندىن يېزىلىدىغان نەرسىلەر ئەتىكى ئىشىڭىزدىن كېيىن ئايد ىڭلىشىدۇ.
      -ئەمدى تەھلىل ھەققىدە... قايسى ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيسىز؟
      -ستىۋېنسوننىڭ،تارانىڭ... ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ دەپ بولالمايما يمەندە...
      -«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»نى ئوقۇغانمۇسىز؟
       -ياق...
       -سىزنىڭچە ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلغان ئادەم ئۆزىدە ئەدەبىي قابىلىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق بىلسە بولىدۇ؟
      -بۇنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس.ئىقتىدارنىڭ تۇيۇقسىز خۇددى  چاقماقتەك ۋال قىلىپ چاقنىشى ئۈچۈن يازغۇچى تىنىمسىز تىرىشىشى كېرەك. چۈنكى، تالانتىڭىزبولسا، بۇ بۈگۈن بولمىسا ئەتە چوقۇم نامايان بولىدۇ.گەرچە يېزىچىلىق تۈگىمەس دارامەت مەنبەسى بولمىسىمۇ،لېكىن سىزگە ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇش مەسلىھەتىنى بېرىمەن.
     -ئۆتكەن يىلى مەن بىرقانچە شتاتلاردا ساياھەتتە بولدۇم. ئۈستىگە ئېغىر يۈك بېسىلغان ئۇلاغلارنى ھەيدىدىم. بۇنداق ھايات تەرزى ئىجادكار ئۈچۈن ياخشى تەجرىبە مەكتىپى بۇلالىشى مۇمكىنمۇ؟
     -مۇمكىن.بۇنداق ئىشلار مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن. ھازىر بولسا ئائىلەمگە باغلىنىپ قالدىم. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆز شەخسىيىتىڭىزنى چۈشەنمەكچى،ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز، بىر يەرگە مۇقىم ئورۇنلىشىپ،ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىپ كۆرۈشىڭىز، ئۆزلۈ كىڭىزنى ئاڭقىرىپ يېتىشىڭىز كېرەك.ياشاش ئۈچۈن ئاددىي شەرت-شارائىتلىرىمۇ بولمىغان نامراتلارنىڭ كۆلبىلىرىدىنمۇ يېزىشقا ئەرزىگۈدەك نەرسىلەرنى تېپىشنى بىلىش كېرەك. سىز«ھېكلبېر فىننىڭ سەرگۈزەشتلىرى»نى ئوقۇغانمۇ؟
      -خېلى بۇرۇن ئوقۇغان.
     -يەنە قايتا ئوقۇڭ.بۇ ئاجايىپ رومان،ئۇنى ئامېرىكا ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى دېسەكمۇ بولىدۇ.ستىۋېن كرېيننىڭ«كۆك رەڭلىك مېھمانخانا»ناملىق ئەسىرىنى  ئوقۇغانسىز ھە قاچان؟
     -ئوقۇمىغان.
     -مەن سىزگە ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىدىغان ھەر بىر يازغۇچى  چوقۇم ئوقۇشى شەرت بولغان ئەسەرلەرنى دەپ بېرەي:
ستىۋېن كرېين-«كۆك رەڭلىك مېھمانخانا»،«ئوچۇق كىتاب».
گوستاف فىلوبېر-«بۇۋارى خانىم».
جامس جويس-«دۇبلىنلىقلار».
ستېندال-«قىزىل ۋە قارا».
سامورسېت ماۋخام-«بەشەرىي ئېھتىراسلار يۈكى».
لېف تولستوي-«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»،«ئاننا كارېنىنا».
توماس مان-«بۇددېنبرۇكلار ئائىلىسى».
جورج مۇر-«ئىدېئالىزمنىڭ ئىنكار قىلىنىشى».
دوستىيېۋسكىي-«ئاكا-ئۇكا كارامازوفلار».
ئېدۇئارد كاممىڭا-«مۇھەببەتلىك ئۆي».
شارلوتتې برانتې-«جىن ئېير».
ھېنرى جامس-«ئامېرىكىلىق».
مۇبادا بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغان بولسىڭىز،بەدىئىي سەۋىيىڭىز تېخى تايىنلىق ئىكەن.بۇ ئەسەرلەردە يېزىقچىلىق سەنئىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسلۇبلىرى مۇجەسسەملەنگەن.ئۇلار شۇنداق ماھارەت بىلەن يېزىلغا نكى، رومانچىلىق بۇنىڭدىن كېيىن ئېرىشەلمەيدىغان چوققىدەك تۇيۇلىدۇ.
      -روماننى باشلاشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ سيۇژېت قۇرۇلمىسىنى تۈزۈۋېلىش، شۇ قۇرۇلما ئاساسىدا بابلار،پاراگرافلارغا ئاجرىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوقۇغانمەن...
     -بىكار گەپ. مەلۇم شەرتلىك پىلان  ئاساسىدا يازىدىغان بولسىڭىز، ئوقۇرمەن سىزنى بىر دەمدىلا چۆرۈپ تاشلايدۇ. قەلىمىڭىزنى پىلان ئەمەس، مەنتەقە باشقۇرسا بۇ باشقا گەپ. بەزىدە ئەسىرىڭىزنىڭ خاتىمىسى سىزگە ئالدىن مەلۇمدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىز بىلەن ھەممىسى باشقا تەرەپكە كېتىپ قېلىشى مۇمكىن...
    -يازغۇچى ئۆز پائالىيىتىنى گېزىتلەردىن،ئاددىي، ئەرزىمەس نەشر لەردىن باشلىشى كېرەك، دېيىشىدۇ.
    -بۇ سەپسەتىگە ئىشەنمەڭ.يازغۇچى بولۇشقا نىيەت قىلدىڭىزمۇ، پۇل تېپىشنى باشقا بىر كەسپ-كارىدىن ئىزدىشىڭىزگە  توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە،باي بولۇشنى ئىستىگەن كىشىلەر يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلمىغىنى ياخشى.
...ھەر كۈنى مەشىق قىلىپ تۇرۇش لازىم. كۆرگەن، باشتىن كەچۈرگە نلىرىڭىزنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. مەسىلەن، فىلوبېر مۇپاسسانغا شۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ.بىرەر نەرسىنى،ئېيتا يلۇق، ۋوگزالدىكى يۈك ۋاگونىنى، دېڭىز بوغۇزىدا گۈركىرەپ تۇرغان كېمىلەرنى،توختىماي دولقۇنلىنىۋاتقان دېڭىز سۇلىرىنى قەلەمگە ئېلىڭ.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە روھىي تەسىراتلىرىڭىزنى سىڭدۈرۈڭ. ئەگەر ھەر كۈنى مانا شۇنداق يېزىپ مېڭىشنى ئادەت قىلسىڭىز، ئۇلارنى جان دەپ ئوقۇپ چىققان بولاتتىم.
        - بىر كۈندەقانچىلىك يازالايسىز؟
        -ئوخشىمايدۇ.بەزىدە بىر ئولتۇرۇشتا ئانچە-مۇنچە قەغەز بوياپ قويمەن.بەزىدە بىر نەچچە كۈنلەرگىچە قولۇم كەلمەي، قىينىلىپ يۈرىمەن.
     -بېرناد شاۋ،يازغۇچى ئۆزىنى ھەر كۈنى كەم دېگەندە مىڭ سوز يېز ىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك، دەيدۇ.
    -ياق،بۇ بەك كۆپ. ئەگەر شۇ تەرىقىدە ئىشلىسىڭىز، ئۇزاق ئۆتمەي جۇلۇقىڭىز چىقىپ كېتىپ،بولار-بولماس نەرسىلەرنى يېزىشقا باشلا يسىز. بىر كۈندە بەش يۈز سۆز يازالىسىڭىزمۇ، بۇ بىر يىلدا يۈز سەكسەن مىڭ سۆز، يەنى چوڭ ئىككى  رومان دېگەن گەپ بولىدۇ.
    -نېمىلا بولمىسۇن يېزىقچىلىققا ئىشتىياقىم زور. لېكىن، ھەر قېتىم يېزىشقا ئولتۇرغىنىمدا، ئۆزۈمنى ناھايىتى ناچار، قىينىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
     -بۇ تېخى ھېچ گەپ ئەمەس.مەن ھەر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالسام، بەك بولسا ئىككى قۇر خەت يېزىشقىمۇ ئاجىز كېلىدىغان كىشىدەك بوپ قالىمەن.يېزىقچىلىق ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىش. بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەڭ قىيىنى!
      -ھېكايىنىڭ ئوقۇشلۇق چىقىشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
    -قىزىق بىر ۋەقەنى قەغەزگە چۈشۈرۈپ،ئۇنى تەسىرلىك  بايان قىلىشنى كۆپىنچە كىشىلەر قىلالايدۇ. لېكىن ھەممە گەپ ھە دېگەندە كۆزگە تاشلانمايدىغان ئادەتتىكى، ئاددىي ۋەقەلەردىن قىزىقارلىق، مەزمۇنى چوڭقۇر، ھېسسىياتلىق ھېكايە يېزىپ چىقىشتا.
     -ئەسەرلىرىڭىز شەخسىي ھاياتىڭىزدىن ئېلىپ يېزىلغانمۇ؟
     -ياق.مەن ئۇلارنى ئويلاپ تاپقان... بىرەر تونۇشۇمنىڭ يېشى، ئىسمى، نەسل-نەسەبىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇنى ئۆمرىدە كۆرمىگەن باشقا بىر مەملىكەتنىڭ پۇقراسى قىلىپ، ئىلاجىنىڭ بارىچە ئىشەنچلىك پېرسوناژغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنى مۇرەككەپ ۋەقە-ھادىسىلەر گىردابىغا تاشلايمەن. قالغىنى قەھرىمانىنىڭ تەبىئىتىدىن كېلىپ چىقىپ داۋام ئېتىۋېرىدۇ. ئەگەر ئويلاپ تېپىش،كەشىپ قىلىش چارىسىنى ئېگىلىۋالسىڭىز، كۆڭلىڭىزگە سىغقانچە يېزىۋېتىشىڭىز مۇمكىن.
     -مەندىمۇ شۇنداق ئىقتىدار پەيدا بولارمۇ؟
     -بۇ پەقەت ئۆزىڭىزگە باغلىق. جاپادىن قاچمىسىڭىز ۋە يەنە ئەڭ مۇھىمى كۆپچىلىكىمىزگە تەككەن كېسەللىك-بۈيۈك يازغۇچىلىق دەۋاسىنى ئۆزىڭىزگە يېقىنلاشتۇرماي،ئەدەبىياتنىڭ جاپاسىدىن راھە تلىنىپ ئىزدىنىۋەرسىڭىز،چوقۇم شۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولالايسىز.
    -ئادەم ئۆزىنىڭ توغرا يولنى تاللىغانلىقىنى ئالدىن بىلگىلى بولامدۇ؟ مەن كۆپىنچە چىرايلىق سۆز ئىزدەپ قىينىلىمەن.
     -بۇمۇ كۆپچىلىك گىرىپتار بولغان كېسەللىك... سىز ھەمىشە ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر،تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنىڭ سۆز بايلىقىدىن ئۆز لۇغىتىڭىزنى بېيىتىپ بېرىشىڭىز  كېرەك. چۈنكى ئاددىي،ئادەتتىكى سۆزلەر ئەڭ ياخشى سۆزلەردۇر...

ئۆزبېكچە«جاھان ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 13:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-23 21:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ قويۇش كىرەك بولغان بىرئىلمى ئەمگەك ئىكەن ئەجىرىڭزگە رەھمەت،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش