يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 3

ئەنۋەر جۇلا(ت): مىلان كوندىرا ــ ئارمىنى تۈگىمەس ئالتۇن ئالما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئارمىنى تۈگىمەس ئالتۇن ئالما
مىلان كوندىرا (چېخ)

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

   ئۇلار قوغلىشىۋاتقىنىنىڭ پەقەت ئۆزى ئىكەنلىگى، ئەمما ئۆزىنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى ئەمەسلىگىنى بىلمەيدۇ
                               ـــــ بورس پاسكال



ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
   مىلان كوندىرا (1929-يىلى تۇغۇلغان)، چېخنىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر ھېكايىچىسى. ئۇ چېخنىڭ بۇرنو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى رويالچى ئىدى. بالىلىق چاغلىرىدا ياخشى بولغان مۇزىكا تەربىيىسى ۋە تاۋلىنىشىدا بولغان، ياش-ئۆسمۈرلىك چېغىدا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشنى باشلىۋەتكەن. ياش چاغلىرىدا شېئىر يازغان، رەسىم سىزغان، مۇزىكا چالغان ۋە كىنوچىلىق ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شائىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەدەبىيات سەھنىسىگە قەدەم قويغان. 30 ياشلار ئەتراپىدا تۇنجى ھېكايىسىنى يېزىپ ھېكايە ئىجادىيىتى يولىغا كىرگەن. 1967-يىلى تۇنجى رومانى «چاخچاق» چېختا نەشىر قىلىنىپ، بىراقلا ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان. 1975-يىلى فىرانسىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭ «باشقا جايدىكى تۇرمۇش»، «خەير-خوش ۋالىس»، «ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يېنىكلىك»، «ئۆچمەس» قاتارلىق رومانلىرى ئىلگىرى دۇنياغا كەڭ تارقالغان. غەرپتىكى بەزى ئوبزورچىلار ئۇنىڭغا «پەلسەپىۋىي رومانلىرىنى چۈشتەك لېرىكىلىققا ۋە ھېسسىياتقا باي بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن»، «20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇق ھايات يازغۇچى» دەپ باھا بەرگەن.
مارتىن

مارتىننىڭ مەن قىلالمايدىغان بىر ئىشى ھەرقانداق كوچىدا ھەرقانداق ئايالنىڭ ئالدىنى توسالايدۇ. ئېتىراپ قىلىشىم لازىمكى، مارتىننى تونىغان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاشۇ ماھارىتىدىن ئالغان ھاسىلاتىم ئاز ئەمەس، چۈنكى ئاياللارنى ياخشى كۆرۈش جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئانچە قېلىشمىساممۇ ئەمما ئۇنىڭدەك جۈرئەتلىك ئەمەس ئىدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئاتالمىش «ئاياللارنى قولغا ئېلىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى بەزى چاغدا مارتىننىڭ بىر خاتا تونىشى سەۋەپلىك ئۇنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىدىغان ئوبيېكىتقا ئايلىنىدۇ، مارتىنمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇ بۇرۇن دائىم ئازاپلانغان ھالدا «مەن ھۇجۇمچىغا ئوخشايمەن، دائىم باشقىلارغا پاس چىقىرىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئاسانلا ۋارىتارغا توپ كىرگۈزىشىگە، ئاندىن ئاسانلا شان- شەرەپ قۇچۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن» دەيتتى.
ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ ۋازىلوۋ مەيدانىدىكى بىر قەھۋەخانىدا مارتىننى ساقلىغاچ ناھىيىتى توم بىر نېمىسچە كىتاپنى ۋاراقلاپ ئولتۇردۇم، ئۇ قەدىمقى ئېتروسكان مەدەنىيىتىگە ئائىت ئىدى. ئۇنۋېرسىتېت كۈتۈپخانىسىدا بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن گېرمانىيىدىن بۇ كىتاپنى ئارىيەتكە ئالغان ئىدىم. دەل ئاشۇ كۈنى بۇ كىتاپ قولۇمغا يەتكۈزۈلدى. شۇڭا مەنمۇ ئۇنى بىر قىممەتلىك بۇيۇمدەك قولۇمغا ئالدىم. ئەمىلىيەتتە، مارتىننىڭ كېچىكىپ كېلىشى مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى، بۇنداقتا مەن قەھۋە ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۈتۈۋاتقىنىمغا ئۇزاق بولغان بۇ كىتاپنى كۆرۈۋالاتتىم.
ھەر قېتىم قەدىمقى مەدەنىيەتنى ئەسلىەىنىمدە ئۆتمۈشكە بولغان مۇھەببىتىم تەبىئىيلا ئۇرغۇيدۇ. بەلكى بۇ يالغۇزلا بىر زوق ئەمەستۇر: قەدىمقى مىسىر مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشتى؛ ئەكسىچە قەدىمقى گىرىك مەدەنىيىتى ئاران مىڭ يىل داۋاملاشتى. بۇ جەھەتتىن كىشىلىك ھايات بىلەن ئىنسانلار تارىخى خۇددى بىر قېلىپتا قۇيۇلغاندەك ئاۋال مۇقىم، ئاستا ھالەتتە تۇرغان بولسا كېيىن تەدرىجى تېزلەشكەن ئىكەن. بەختكە قارشى مارتىن بىلەن ئىككىمىز كۈن ۋە ئاي- يىللار ئەسەبىي سۈرئەتتە ئۆتىدىغان باسقۇچقا كىرگەن ئىدۇق. يەنى ئىككى ئاي بۇرۇن مارتىن قىرىق ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.
شۇغىنىسى، «ھەممە نەرسە كىشىلەرنىڭ قانۇن قائىدىلەر بىلەن تىركىشىش ئىقتىدارىغا باغلىق» دەيتتى مارتىن. ئۇنىڭ دەۋاتقىنى پۈتۈنلەي يەر قانۇنى ياكى ئومۇمىي قانۇنىيەتلەر ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، ئېكولوگىيە قانۇنىيىتى ياكى ۋاقىت قانۇنىيىتى ئەمەس ئىدى. مارتىن ئۆزىنىڭ قىرىق يېشى بىلەن تىركىشەتتى: ئۆزىنىڭ تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىقى، قۇتراشلىرى، دورا بىلەن قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان سەبىيلىگى...ئۇنىڭ تىركىشىش كۈچىنىڭ ئاساسلىق تايانچى ئىدى.

تەۋەككۈلچىلىكنىڭ باشلىنىشى

   دەل بۇ مارتىن كەيپىمنى ئۇچۇردى. ئۇ تۇساتتىن قەھۋەخانىنىڭ ئەينەك ئىشىگىدە پەيدا بولدى-دە، ئاندىن ئۇدۇل ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپ بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدىن يېرىپ ئۆتكەچ بەكمۇ مەنىلىك قول ئىشارىسى قىلدى ھەمدە چىرايىنى شەيتانلىق بىلەن پۈرۈشتۈردى. ئەسلىدە بىر قىز ئۇ يەردە قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى ئۇ قىزدىن بىر دەقىقىمۇ ئۈزەلمىدى.
-        ئاۋۇ قىز قانداقراقكەن؟ - سورىدى مارتىن.
مەن ھەقىقەتەن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. ئەمىلىيەتتە مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ تېخى ئەمدىلا ئۇ قىزغا دىققەت قىلغان ئىدىم. ئېتىراپ قىلىمەنكى، ئۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. دەل ئاشۇ ۋاقىتتا قىز ئورنىدىن تۇرۇپ قارا گالۇستۇك تاقىغان كۈتكۈچىنى چاقىرىپ ھېساپ قىلماقچى بولدى.
-بىزمۇ ھېساپلىشايلى! – دېدى مارتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ.
بىز يەنە قىزغا ئەگىشەيلى دەپ تۇراتتۇق، ئويلىمىغان يەردىن قىز كىيىم ساقلاش ئۆيىدە ھايال قالدى. ئۇ پەقەت مال خالتىسىلا ساقلىغان ئىكەن، كۈتكۈچى يېرىم كۈن ئىزدەپ ئاندىن خالتىنى قىزنىڭ ئالدىغا قويدى. قىز كۈتكۈچىگە تۆلەش ئۈچۈن ئون گالېرلىق ئىككى تەڭگىنى تەڭلاۋاتقاندا مارتىن ئېھتىياتسىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ قولۇمدىكى نېمىسچە كىتاپنى تارتىۋالدى.
- بۇ يەردە تۇرسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ،- دېدى ئۇ يۈزى قېلىنلىق بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەلەپپۇزدا، ئاندىن كىتاپنى ئېھتىيات بىلەن قىزنىڭ خالتىسىغا سالدى. قىز بىراقلا داڭ قېتىپ قالدى.
- قولدا كۆتۈرىۋالسا بەك ئەپسىز ئىكەن،- دېدى مارتىن قىز خالتىنى قولىغا ئېلىۋاتقان چاغدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمدە ماڭا كۆزۈڭ مال تونىمايدىكەن، دېگەندەك مەنىدە ئالىيىپ قويدى.
قىز باشقا ئۆلكىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى ئىكەن. ئۇ پىراگاغا پەقەت مەنزىرە كۆرگىلى كەلگەنلىگىنى، ھازىر ئالدىراش فىلورونىچ باش بېكىتىگە كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز قىزغا ھەمرا بولۇپ تىرامۋاي بېكىتىگىچە بولغان قىسقىغىنە ئارىلىقتا دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىنى چۈشەندۈردۇق، تېخى شەنبە كۈنى B شەھىرىگە بېرىپ بۇ ئوماق قىزنى زىيارەت قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق. مارتىن تولىمۇ مەنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ چوقۇم چىرايلىق قىز خىزمەتداشلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
تىرامۋاي كەلدى. مەن خالتىنى قىزغا تەڭلىدىم. ئۇ ھېلىقى كىتاپنى خالتىدىن ئېلىۋاتقاندا مارتىن بىر ئەپچىل قول ئىشارىسى بىلەنلا ئۇنى توسۇپ قويدى. ئۇ كىتاپنى شەنبە كۈنى بېرىپ ئېلىۋالىدىغىنىمىزنى، ئۇڭغىچە ئۇنىڭ بىر قۇر تەپسىلى ئوقۇۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز تەئەججۈپ بىلەن كۈلۈپ كەتتى. تىرامۋاي ئۇنى ئېلىپ ماڭدى، بىر ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتۇق.
بۇنىڭغا يەنە نېمە دېگۈلۈك؟ ئاۋۇ ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدىن كەتمەيدىغان كىتاۋىم كۆز ئالدىمدىلا يىراققا ئېلىپ كېتىلىۋاتاتتى. بۇنى ئويلاپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى. بىراق مەلۇم بىر مۇددىئا دەل جايىدا روھىمنى ئۇرغىتىپ مېنى لەيلەۋاتقاندەك بىر ھالەتكە ئېلىپ كىردى. مارتىن تىتىلدىغان ھالدا شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە ئاخشىمى ئۈچۈن قانداق باھانە تېپىپ ياش خوتۇنىغا چۈشەندۈرۈش ھەققىدە جىددى كاللا قاتۇرۇشقا باشلىدى (چۈنكى ئەھۋال مۇنداق: ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ياش خوتۇنى بار ئىدى؛ چاتاق يېرى مارتىن ئۇنى ياخشى كۆرەتتى؛ تېخىمۇ چاتاق يېرى مارتىن ئۇنىڭدىن قورقۇيتتى؛ ئەڭ-ئەڭ چاتاق يېرى مارتىن ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزىدىن ئەنسىرەيتتى).

بىر قېتىملىق غەلىبىلىك تىزىملاش

چاي پۇلۇمغا ساياھىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن چىرايلىق بىر فىيات ماركىلىق ماشىنىنى ئارىيەتكە ئالدىم. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ماشىنىنى ھەيدەپ مارتىننىڭ ئىشىگى ئالدىغا كەلدىم، مارتىن ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز يۈرۈپ كەتتۇق. 7-ئاي ئىدى، ئىسسىق جاننى ئالاتتى.
بىز تېزرەك B شەھىرىگە يېتىپ بېرىشقا ئالدىرىدۇق. لېكىن بىر كەنتتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىككى يىگىتنى كۆردۇق، ئۇلار پەقەت سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى كىيىۋالغان بولۇپ نەم چاچلىرىنىڭ بەكرەك قايىل قىلىش كۈچى بار ئىدى. دەرھال ماشىنىنى توختاتتىم. ئەمىلىيەتتە كۆل يېقىنلا جايدا ئىدى، بىر نەچچە چامداپلا يېتىپ باردۇق، يەنى بىر تاش ئېتىپ ئارىلىقتا ئىكەن. ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئادەتتىكىدەك ئۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئىدىم. نېمە ۋەجىدىنكى، مەن كارىۋاتتا ئۇيان ئۆرىلىپ، بۇيان تولغىنىپ تا سەھەر سائەت 3 تە ئاندىن مەجبۇرى ئۇخلىغان ئىدىم. مەن كەيپىياتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدىم. مارتىننىڭمۇ سۇ ئۈزگۈسى كەپتۇ.
بىز سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سۇغا سەكرىدۇق. مەن سۇغا باشچىلاپ شۇڭغۇپ كىرىپ بىردەمدىلا قارشى قىرغاققا يېتىپ كەلدىم. مارتىن پەقەت سۇغا چىلىنىپ بەدىنىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قىرغاققا چىقىۋالدى. مەن بىردەم بەھوزۇر ئۈزگەندىن كېيىن قىرغاققا قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ خىيالغا غەرق بولغانلىقىنى بايقىدىم. قىرغاقتا بىر توپ بالا قىيا-چىيا قىلىپ ئىنتايىن خوشال ئويناۋاتاتتى. ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا بىر نەچچە مۇشۇ يەرلىك يىگىت توپ ئويناۋاتاتتى. بىراق مارتىن شۇ تاپتا كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي بىر قىزنىڭ نازۇك قامىتىگە تىكىلگەن ئىدى. ئۇ قىزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئەللىك ئېنگىلىز چىسىلا كېلەتتى. ئۇ مىدىر-سىدىر قىلماي كۆل سۈيىگە قاراپ تۇراتتى.
-        قارا،- دېدى مارتىن.
-        كۆردۈم.
-        نېمە دېگۈڭ بار؟
-        نېمىنى دەيمەن؟
-        راستىنلا نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتامسەن؟
-        ئارقىسىغا ئۆرۈلگىچە ساقلايلى،- دېدىممەن سىناش تەرىزىدە.
-قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلگىچە ساقلاپ تۇرمايلى. ئۇنىڭ سىڭا يۈزى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بولدى. ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇنى تىزىملىۋالاي،- دېدى مارتىن ھەمدە يېنىدىكى سۇ ئۈزۈش ئىشتىن كىيگەن بىر ئوغۇل بالىغا قاراپ:
-ھەي بالا، ئاۋۇ قىزنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى قىزنى ئىما قىلىپ.
قىز قارىماققا ھېچ چۈشىنىپ بولمايدىغان سوغۇق كەيپىياتقا چۆمۈلگەن ئىدى. ئۇ تېخىچە مىدىر-سىدىر قىلماي كۆل سۈيىگە تىكىلىپ تۇراتتى.
-ئاۋۇ قىزمۇ؟
-توغرا، دەل ئاشۇ قىز.
- ئۇ بۇ يەرلىك ئەمەس،- دېدى ئوغۇل بالا.
مارتىن يەنە ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان 12 ياشلاردىكى بىر قىزچاقتىن سورىدى:
- ھەي بالا، سىز ئاۋۇ يەردە تۇرغان ئاۋۇ قىزنىڭ كىملىگىنى بىلەمسىز؟ كۆلنىڭ يېنىدا تۇرغان ئاۋۇ قىزنى دەيمەن؟
قىزچاق ئورنىدىن تۇرۇپ ئىنتايىن  چېچەنلىك بىلەن سورىدى:
-        ئۇمۇ؟
-        توغرا دەل ئۆزى.
-        ئۇ مەنكا...
-        مەنكا؟ مەنكا نېمە؟
-        مەنكا پەنكو...تېرراپۇرىدىن كەلگەن...
ئۇ قىز تېخىچە بىزگە دۈمبىسىنى قىلىپ كۆل سۈيىگە تىكىلىپ تۇراتتى. تۇساتتىن ئۇ بېلىنى تۆۋەنگە ئېگىپ سۇ ئۈزۈش بۆكىنى ئالدى. ئۇ قايتىدىن قەددىنى تۈزلەپ سۇ ئۈزۈش بۆكىنى بېشىغا كىيىۋاتقاندا مارتىن ئاللىقاچان ئىككى تاقلاپلا  كېلىپ شۇنداق دەۋاتاتتى:
   - ئۇ تېرراپۇرىدىن كەلگەن مەنكا پەنكۇ ئىكەن. بىز ئەمدى داۋاملىق يولىمىزغا ماڭايلى.
   ئۇ پۈتۈنلەي خاتىرجەملىكىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ يۈزلىرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئېنىقكى، قالغان مۇساپىدە ئۇ باشقا خىيالنى كۆپ سۈرمىدى.

شىڭگىل نەزەرىيە

مارتىننىڭ ئاتالمىش «تىزىملىشى» شۇ. ئۇ مول تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ يەكۈننى چىقارغان ئىدى: قىز كەلتۈرۈش ئەمىلىيەتتە ئانچە تەس ئەمەس، تەس يېرى ھەر ۋاقىت تېخى كەلتۈرۈپ قولغا چۈشۈرمىگەن نۇرغۇن قىزنى چۈشىنىشتۇر. ئەگەر مۇشۇ ساھەنىڭ بىزگە ناھىيىتى نۇرغۇن سان تەلىۋى بولغان تەقدىردە.
شۇڭا ئۇنىڭ جاكارلىشىچە مەيلى قاچان، قەيەردە بولىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەڭ-كۆلەملىك تىزىملاپ ئېلىپ بېرىشىمىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خاتىرە دەپتىرىمىز ياكى كاللىمىزغا (مارتىن ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتنى ماختايدۇ) ئاشۇ جەلپكار ئاياللارنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلىشىۋېلىشىمىز كېرەككەن. چۈنكى مەلۇم بىر كۈنى ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ قالساق ئەجەپ ئەمەسكەن.
ئالاقە باغلاش بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قاتلىمى ئىدى. ئۇ ئامال قىلىپ كۆزىمىز چۈشكەن مەلۇم بىر ئايالغا يېقىنلىشىپ، تونۇشۇپ، ئارقىدىن تېخىمۇ ئىچكىرىلىشىمىزدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇ كۆرەڭلەرچە ئۆتكەننى ئەسلەشكە ئامراق ئىدى. بۇ چاغدا ئۆزى بىلەن ياتقان بىر قاتار ئايالنىڭ ئىسمىنى دەپ تاشلايتتى. ھالبۇكى كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېتەرلىك تىزىملىگى، ئالاقىلاشقان ئاياللىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئالاقە باغلاشتا ئەڭ ئاخىرى بىر قاتلام ئېشىپ قالىدۇ. مەن مارتىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى قاتلامنىلا قوغلاشقۇچىلارنىڭ ساپلا پەسكەش، بىچارە ئىپتىدائىي ئادەملەر ئىكەنلىگىنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتتىم. ئۇلار بىزگە يالغۇز قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا كالىدەك ئۈسۈپ بېرىشنىلا بىلىدىغان، لېكىن ئالدىراقسانلىق بىلەن ۋارىتارغا توپ ئۇرۇشنىلا ئويلاپ ۋاراتا (ياكى كېيىنكى چاغدىكى نۇرغۇن ۋارىتا)نىڭ قەيەردىلىگىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان سەھرالىق پۇتبولچىلارنى ئەسلەتمەيدۇ، يەنە توپ مەيدانىدا لازىم بولىدىغىنى بىر قېتىملىق ئەمىلىي كۈچ رىقابىتى ۋە ئادىل، ئۆلچەملىك مۇسابىقىدۇر.
- سېنىڭچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قىزنى زىيارەت قىلغىلى تېراپۇررىغا بارىدىغانسەن؟- ماشىنا قايتا قوزغالغاندا سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن...- دېدى مارتىن.
- قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈن ئىشنىڭ بېشىدىلا غەلىبە قىلىۋالدۇق،ـ دېدىممەن.

ئويۇن ۋە زۆرۈرىيەت

تەخمىنەن 3 يېرىم ئەتراپىدا بىز كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن B شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىدىن قىز سېستىراغا تېلېفۇن بەردۇق. ھايال ئۆتمەي ئۇ چىقتى، سېستىرالىق بۆكى بىلەن ئاق خالات كىيگەن ھالدا. يۈزىنىڭ سۇس قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. بۇ ياخشى بىشارەت ئىدى.
مارتىن شۇئان پاراڭلىشىپ كەتتى. قىز سائەت 7 دە ئىشتىن چۈشىدىغانلىقى، ئۇنىڭغىچە دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرىشىمىزنى ئېيتتى.
-        دوستىڭىز بىلەن دىيىشىپ قويغانسىز؟- سورىدى مارتىن.
-        دېيىشىپ قويدۇم، بىللە بارىمىز،- دېدى قىز بېشىنى لىڭشىتىپ.
-قالتىس،- دېدى مارتىن،- لېكىن دوستۇم كەچكىچە تىكىلىپ ئولتۇرسىلا بولمايدۇ جۇمۇ!
- بولىدۇ،- دېدى قىز مارتىننىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىپ،- ئۇنى كۆرگەچ كېتەيلى. بوجىنا ئىچكى بۆلۈمدە ئىشلەيدۇ.
مىسىلدىغىنىمىزچە دوختۇرخانا قوروسىنى كېسىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا مەن خىجىللىق بىلەن دېدىم:
-        ھېلىقى قېلىن كىتاپنىڭ قولىڭىزدا بار- يوقلىقىنى بەك بىلگۈم بار ئىدى.
   قىز بېشىنى لىڭشىتىپ بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمىلىيەتتە كىتاپ دوختۇرخانىدا ئىكەن. ئاخىرى ئېغىر غەمدىن خالاس بولدۇم. مەن ئالدى بىلەن كىتاپنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتتىم.
   ئەلۋەتتە، مارتىننىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن قاملاشمىغان ئىش قىلغان ئىدىم. مەن ئوچۇقتىن- ئوچۇق كىتاپقا ئامراقلىقىمىنى، ھەتتا تونۇشتۇرۇلۇش ئالدىدىكى قىزدىنمۇ بەكرەك ئامراقلىقىمنى پاش قىلغان ئىدىم. ھەقىقەتەن ئىچىمدىكىنى يوشۇرالمىدىم.
   ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ئېتروسكان مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۇ كىتاپنى كۆرەلمىگەن كۈنلەردە دەرۋەقە بەك ئازاپلانغان ئىدىم. پەقەت قەيسىرانە بېسىۋېلىش روھى بىلەن سەۋر-تاقەت قىلىپ قەددىمنى تىكلەپ كېلىۋاتاتتىم. مەن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئويۇنىمىزنى بۇزۇۋېتىشنى خالىمايتتىم. ماڭا نىسبەتەن بۇ ئويۇن يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئويۇندىن ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. بارلىق شەخسىي مەنپەئەتىم ۋە ئارزۇيۇم چوقۇم ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.
   ئامراق كىتاۋىم بىلەن جەم بولغان تولىمۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەردە مارتىن داۋاملىق ئۇ چىرايلىق سېستىرا قىزغا ئېچىلىپ-يېيىلىپ كاسىلداۋاتاتتى، تاكى ئۇ قىز خىزمەتچىلەر قوروسىدىن بىر كىچىك ئۆينى ئارىيەتكە ئېلىپ، خوتىسكىي كۆلىگە جايلاشقان بۇ ئۆيدە خۇشال بىر كېچىنى ئۆتكۈزىشىمىزگە ماقۇل دېگۈچە كاسىلدىدى. ھەممىمىز قەۋەتلا خوش بولدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا بىز دوختۇرخانا ھويلىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ كىچىكرەك بىر يېشىل بىناغا كىردۇق. ئىچكى بۆلۈم مۇشۇ بىنانىڭ ئىچىدە ئىكەن.
   بىر سېستىرا بىلەن بىر ۋىراچ بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى. ۋىراچنىڭ تەقى-تۇرقى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، بەئەينى «پۇرچاق شادىسى» ئىدى، بىر جۈپ يوغان سالپاڭ قۇلىقى قىزىقىشىمنى قوزغىدى. بۇ چاغدا بىزنىڭ سېستىرايىمىز بىلىكى بىلەن مېنى نوقىدى. مەن پۇخخىدە كۈلۈپ سالدىم. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن مارتىن بۇرۇلۇپ ماڭا ئېيتتى:
   - نېمىلا دېگەن بىلەن تەلىيىڭ بار جۇمۇ سەھرالىق، ئۇنداق چىرايلىق قىزغا ھەرگىز ماس كەلمەيتتىڭ.
   ھەقىقەتەن ئىزا تارتىپ كەتتىم، پەقەت «پۇرچاق شادىسى»غا قاراش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئۇ قىزنىڭ چىرايىغا زادىلا دىققەت قىلماپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن رازى بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. قانداقلا بولمىسۇن، ساختىلىق بىلەن پەقەتمۇ چىقىشالمايتتىم. دېمەكچىمەنكى، مېنىڭچە مارتىننىڭ ھەۋىسى مېنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمدىن كۆپ كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھەۋىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولغان قىزىقىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا مەن كۆپ چاناتتىم. مەن بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئوبيېكىتلىقى ۋە تەرتىپى بارلىقىنى ياخشى كۆرەتتىم، ھەتتا نازاكەتلىك ئىشلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى ــــ تامامەن مەلۇم خىل خاتا قاراش سەۋەپلىك ئاندىن ئۇ بىردىن-بىر ئەركىنلىك دۇنياسىغا ئايلىناتتى. شۇڭا مەن تەبىئىلا بىر قىسىم كەسپ ئىگىلىرىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ پىكرىگە تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەت قىلىمەن.
   بەزىلەر ئېھتىمال مېنى شۇ مىنۇت، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئاشنىلىرىدىن بىرى(ئېنىقلا بىردىن-بىر بولىشى مۈمكىن ئەمەس) ھەققىدە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئاجراشقان ئەر، خىجىل بولماي ئۆزىنى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار دەۋالغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ساختىپەزلىكتە ئۇچىغا چىققان، دەپ ئويلىشى مۈمكىن. ھالبۇكى، مەن يەنىلا ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار. ئېھتىمال بەزىلەر مېنى مارتىن ھاياتلىقتىكى چوڭ ئىش دەپ بىلگەن نەرسىنى بۇ بالىلار ئويۇنى قاتارىدا كۆرىدۇ، دېيىشى مۈمكىن. بەزىدە مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق شەكلىدىكى تۇرمۇشۇمنى پەقەتلا پەقەت باشقىلارنى دوراشنىڭ نەتىجىسى دەپ ھېس قىلىپ قالىمەن، گەرچە بۇنداق دوراشنى راستىنلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلمىساممۇ. بىراق مەن يەنىلا بۇنداق ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانغان مەلۇم خىل ئىنتايىن ئىختىيارىي، كۈلكىلىك، بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان نەرسىنى، بەلكى گۈزەل سەنئەت سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا ياكى چەتئەل ساياھىتىدە ئۇچرايدىغان ئاشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئوخشايدىغان نەرسىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم، لېكىن ئۇنى مارتىننىڭ رومانتىك تۇرمۇشىنى قوللايدىغان ئۇ خىل قەتئىي بۇيرۇق (مەن ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىپ كەلدىم) بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەشكە ئازراقمۇ ئامالىم يوق. دەل مۇشۇ خىل قەتئىي بۇيرۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مارتىننىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئىدى. قارىسام ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان باھاسى تەبىئىيلا مېنىڭمۇ باھايىم بولۇپ چوقۇم ئۇنىڭ ئاغزىدىن دېيىلىشى كېرەك ئىدى.

ئېھ ئائىلە، شىرىن ئائىلە

   دوختۇرخانا دەرۋازىسدىن چىققاندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن ئۇ يەنە بىر جۈملە قوشۇپ قويدى:
   - ئەلۋەتتە، بۈگۈن ئاخشام ھەرىكەتنى تېزرەك قىلىشىمىز كېرەك. مەن تېخى سائەت 9 دىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ بولۇشنى ئويلاۋاتىمەن.
   بۇ گەپتىن قاتتىق ھەيران قالدىم: سائەت 9 دىن بۇرۇن؟ بۇ سائەت 8 دە بۇ يەردىن ئايرىلىشىمىزدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنداقتا، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىز ھەقىقەتەن چۈشىنىكسىز بىر ئىش بولاتتى. مەن ئەسلىدە پۈتۈن بىر كېچە تۈنەشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم!
-        سەن نىمىشقا بۇ يەردە ۋاقىت ئىسراپ قىلىسەن؟!
لېكىن بىز بۇ يەرگە توپ-توغرا بىر سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېتىپ كەلدۇق، يەنە نېمە دېمەكچى ئىدىڭ؟ 7 بىلەن 8 نىڭ ئارىلىقىدا يەنە نىمىش قىلالايتىڭ؟
   - ھەممىنى قىلالايمەن. كۆردۈڭغۇ، مەن بىر كىچىك ئۆينى راسلىدىم، بۇنداقتا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. گەپ سەندە قالدى. سەن چوقۇم يېتەرلىك كەسكىن ئىش قىلىشىڭ كېرەك.
   - لېكىن سەن نىمىشقا زادى سائەت 9 دا ئۆيگە قايتىپ بارىسەن؟
   - مەن يىجىنكاغا شۇنداق دېگەن. ئۇ شۇنداق ئادەتلەنگەن، ئۇ ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىردەم روم قارتى ئوينايدۇ.
   - پەرۋاردىگارىم...-دېدىممەن ئېغىر خۇرسىنىپ.
   - يىجىنكا تۆنۈگۈن ئىشلەۋاتقان ۋاقتىسىدا يەنە ئازار يەپتۇ، شۇڭا مەن قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر چوقۇم شەنبە كۈنى ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىشىم كېرەك. ئەجىبا بۇنداق قىلمامتىم؟ بىلىسەن، ئۇ مەن ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى ئايال. قانداقلا بولمىسۇن، - دېدى ئۇ ئەڭ ئاخىرى،- سەن خوشال بولساڭ توغرا بولاتتى، يەنە تېخى پۈتۈن بىر ئاخشام سېنى پىراگادا ساقلايمەن.
   مەن داۋاملىق گەپ تالىشىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىقىنى چۈشەندىم. مارتىن ئۆز خوتۇنىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئەزەلدىن ئالدىراپ يوقىتالمايتتى. ئۇ ھەر سائەت-ھەر دەقىقىدە پۈتمەس-تۈگىمەس رومانتىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش مۈمكىنچىلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشەنچىنى ھېچنېمە تەۋرىتەلمەيتتى.
   - روھلۇقراق بول،- دېدى مارتىن،- سائەت 7 گە تېخى 3 سائەت بار. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى.
   
ئالداش

   بىز يەرلىك باغچىنىڭ ئازادە يولىغا دەسسىدۇق. بۇ باغچا يەرلىك ئاھالىلەرگە سەيلى مەيدانى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. بىز يېنىمىزدىن ئۆتكەن ياكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىزلارغا سىنچىلاپ قارىدۇق. ئۇلارنىڭ چىرايى بىزگە ئانچە يارىمىدى.
چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەك بولغىنى مارتىن ئىككى قىزنى ئىلىندۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بىلەن خالىيدا ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى پۈتۈشتى. مەن ئۇنىڭ ئانچە راستىل بولمىغىنىنى بايقىدىم. بۇ پەقەت ئاتالمىش ئالاقە باغلاش مەشىقى ئىدى. مارتىن ھەمىشە تالانتىنى مەشقلەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇ تالانت شېخىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.
بىز ئىنتايىن ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا باغچىدىن ئايرىلىپ چوڭ كوچىغا كىردۇق. ھەممە يەرنى كىچىك جاينىڭ ئاددىي، زېرىكىشلىگى قاپلىغان ئىدى.
- بىر نەرسە ئىچەيلىچۇ، ئۇسساپ كەتتىم،- دېدىم مارتىنغا.
بىز تاختىسىغا قەھۋە خېتى يېزىلغان بىر ئېغىر ئۆينى تاپتۇق. كىرگەندىن كېيىن خېرىدارلار ئۆزىگە ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ كاھىشلىق ئۆي بولۇپ سۆرۈن ۋە دۈشمەنلىك كەيپىياتى يېغىپ تۇراتتى. بىز پۇكەينىڭ ئالدىغا كېلىشتىن بۇرۇن بىز مۇز تەلەت ئايالنىڭ قولىدىن ئىككى ئىستاكان سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان لىمۇن شەربىتى سېتىۋېلىپ بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بىراق ئۈستەل نەم ۋە قاسماق بولغاچقا دەرھال ئۇ يەردىن نېرى بولدۇق.
- بۇنىڭغا كايىما،- دېدى مارتىن، - بۇ دۇنيادا سەتنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ياخشى يېرى بار. ھېچكىم ھەرقانداق جايدا تۇرۇشنى خالىمايدۇ، كىشىلەر ھامان ئالدىراش ماڭساملا دەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا كىشىنى رازى قىلىدىغان تۇرمۇش رېتىمى ئۆزلىگىدىن تۇغۇلىدۇ. بۇنداق تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كېتىشنى خالىمايمەن. ئەكسىچە بۇ ئەبجەق جاي بەك بىخەتەر. ھازىر بىز خاتىرجەم ھالدا نېمە دېيىشسەك بولىۋېرىدۇ،- ئۇ لىمۇندىن بىر نەچچىنى ئوتلىغاندىن كېيىن يەنە دېدى،- تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقتىڭمۇ؟
- شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ،- دېدىممەن جاۋابەن.
   - ئۇنىڭ چىرايى قانداقراق؟ تەپسىلىي سۈرەتلەپ بېرە.
   شۇنىڭ بىلەن مەن تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان قىزنىڭ تەقى- تۇرقىنى بىر قۇر تەسۋىرلەپ بەردىم. ماڭا نىسبەتەن بۇ تولىمۇ ئاسان ئىش ئىدى، قانداقتۇ تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان شۇنداق بىر قىز بولمىغان تەقدىردىمۇ. راست. بەلكى بۇ ئوبرازىمنى چۈشۈرىۋېتەر، ئەمىلىيەت راستىنلا مۇنداق ئىدى: ئۇ قىز مېنىڭ توقۇلمام ئىدى.
   پەرۋاردىگارغا قەسەم قىلىپ بېرەلەيمەنكى، بۇنداق قىلىشىمدا ھېچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى، مارتىننىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى كۆز-كۆز قىلمىدىم ھەم ئۇنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەشنى ئويلىمىدىم. تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان ئۇ قىزنى توقۇپ چىقىرىشىمدىكى بىردىن –بىر سەۋەپ مارتىننىڭ سوراۋېرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالمىغىنىمدىن ئىدى.
   مارتىننىڭ مېنىڭ ھەرىكىتىمگە ھۆكۈم قىلىشى راستىنلا تۇترۇقسىز ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئايال بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىشىمغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئۇ ھامان مېنى مەن بىلەن تۈپتىن ئوخشىمىغان باشقا ئادەم كۆرەتتى. ناۋادا مەن ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن بىر ھەپتىدىن بۇيان ئوخشىمىغان ئاياللار تۈگۈل، تۈپتىن ھېچقانداق بىر ئايالغا يېقىنلاشمىدىم دېسەم ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا مېنى ساختىپەز دەپ ئويلايتتى.
   دەل مۇشۇ سەۋەپلىك تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى مەن تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان مەلۇم قىزنى تىزىملىۋالغىنىمنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. شۇ چاغدا مارتىن رازى بولغان ئىدى. ئۇ مېنى ئۇنىڭ بىلەن تېزرەك ئالاقىلىشىشقا سۈيلىگەن ئىدى. بۈگۈن، ئۇ مېنىڭ تەرەققىياتىمنىڭ نەدىن- نەگىچە بارغانلىقىنى سىناۋاتاتتى.
   - ئۇ قانچىلىك سەۋىيىدە؟ ئۇ...- ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ قاراڭغۇلۇقتا تەڭپۇڭلۇق ئۆلچىمى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇس تۇساتتىن ھەر ئىككىمىز تونۇيدىغان بىر دوستىمىزنى ئېسىگە ئالدى،- ئۇ ماگىداغا يېتەمدۇ؟
   - ئۇنىڭدىن ئۇستۈن،- دېدىم مەن.
   - ئۇنداقتا...- مارتىننىڭ تەلەپپۇزىدىن ھەيران قالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
   - ئۇنىڭ چىرايىنى يىجىنكاغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.
مارتىنغا نىسبەتەن ئۆز خوتۇنى ئەڭ ئۈستۈن ئۆلچەم ئىدى. مېنىڭ گېپىم ئېنىقلا ئۇنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقتى. سەلدىن كېيىن ئۇ خىيالغا چۆككەندەك بىر ھالەتكە كىردى.

بىر قېتىملىق غەلىبىلىك ئالاقىلىشىش

دەل مۇشۇ چاغدا تار چىبەرقۇت شىم ۋە كالتە خىرۇم جىلىتكە كىيگەن بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۇدۇل پۇكەينىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئىستاكان گازلىق سۇ بۇيرىدى، ئاندىن ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ دەل بىزنىڭ شىرەيىمىزنىڭ يېنىدىكى شىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى.
   مارتىن قىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ:
   - خانقىز، بىز سىرتتىن كەلدۇق، بۇ جاينى بىلمەيمىز. سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراپ باقساق،- دېدى.
   قىز كۈلدى. ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى.
-        بىز ئىسسىقتىن ئۆلەي دېدۇق، قانداق قىلىشنى بىلمەيۋاتىمىز.
-        سۇغا چۆمۈلگىلى بارساڭلار بولىدىغۇ.
-        مەسىلە مۇشۇ يەردە. بىز نەگە بېرىپ چۆمۈلۈشنى بىلمەيۋاتىمىز.
-        لېكىن بۇ يەردە سۇغا چۆمۈلىدىغان يەر يوق.
-        بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟
-        بىر سۇ ئۈزۈش كۆلى بار ئىدى، لېكىن بىر ئايدىن بېرى سۇ يوق.
-        دەريا بولامدۇ؟
-        ئۇلار دەريا دەريا يولىنى چېپىۋاتىدۇ.
-        ئۇنداقتا سىز قەيەرگە بېرىپ چۆمۈلىسىز؟
-پەقەت خوتىسكىي كۆلىگە بېرىپ چۆمىلىمەن، شۇغىنىسى ئۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ئاز دېگەندىمۇ 5 ئېنگىلىز مىلى كېلىدۇ.
-بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، بىزدە ماشىنا بار، بىزگە ھەمرا بولۇپ بارالىغان بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
-بىزگە يول باشلىغۇچى بولسىڭىز،- دېدىممەن.
- تېخىمۇ ئېنىقىنى دېگەندە بىزگە ماياك بولسىڭىز،- دېدى مارتىن گېپىمنى تۈزىتىپ.
- ئۇنداقتا نىمىشقا بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز بولمىغۇدەك؟!- دېدىممەن.
- بىزنىڭ چۆمۈچ يۇلتۇزىمىز،- دېدى مارتىن قوشۇپ.
- قانداقلا دېمەيلى، بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز ۋېناستىنمۇ نۇرلۇق،- دېدىم مەن تولۇقلاپ.
- سىز بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز، شۇڭا تەرىپلىشىمىزگە سۆز يەتمەيدۇ، چوقۇم بىز بىلەن بېرىڭ،- دېدى مارتىن.
بىز ھاماقەتلەرچە چاخچىقىمىز بىلەن قىزنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرىۋەتتۇق. ئەڭ ئاخىرى ئۇ بىز بىلەن بىللە بېرىشقا ماقۇل بولدى. لېكىن ئۇ قىلىدىغان ئازراق ئىشى بارلىقىنى، ئاندىن سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىر سائەتتىن كېيىن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرىشىمىزنى ئېيتتى.
بىز خۇشاللىقتا ساراڭ بولدۇق. بىز ئۇنىڭ كاسىسىنى ئويناتقىنىچە بۈدۈر چاچلىرىنى يەلپۈتۈپ نازلىق مېڭىپ ئۇزاپ كەتكىنىگە قاراپلا قالدۇق.
- قارىغىنە مانا،- دېدى مارتىن، - ھايات تولىمۇ قىسقا. بىز ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

دوستلۇقنى مەدھىيەلەش

   بىز يەنە بىر قېتىم باغچىغا كىردۇق. ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر نەچچە جۈپ قىزنى يەنە كۈزەتتۇق. كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئەھۋال شۇكى، نۇرغۇن جۈپ-جۈپ قىزلارنىڭ ئىچىدە ھامان بىرسى ناھىيىتى چىرايلىق، يەنە بىرسى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن.
   - بۇ يەردە مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە قانۇنىيەت بار ئىكەن،- دېدىممەن مارتىنغا،-  سەت قىز ھامان چىرايلىق بىر دوستىنىڭ جەلپكارلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىت قىلىدىكەن؛ ئەكسىچە چىرايلىق قىز سەت قىزنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى سەلبىيلىك ئىچىدە تېخىمۇ نامايەن قىلىشنى ئۈمىت قىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ دوستلىقىمىز ئۈزلۈكسىز سىناققا دۇچ كېلىدۇ. بىز ئەزەلدىن «گۈزەل تاللاش»تا ئۆز مەيلىمىزچە ئېلىپ بارمىدۇق ھەم «گۈزەل تاللاش» سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئورا كولاشمىدۇق. بۇ نۇقتىنى مەن ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. «گۈزەل تاللاش» بىزگە نىسبەتەن باشتىن-ئاخىر قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇپ كەلدى. بىز ھامان تېخىمۇ چىرايلىق قىزنى ئۆزئارا ئۆتۈنۈشتۇق، خۇددى كونا زاماننىڭ ئىككى مۆتىۋىرى كەمتەرلىك بىلەن قارشى تەرەپنى ئاۋال كىرىشكە ئۆتۈنۈپ مەڭگۈ بوسۇغىدىن پۇت ئاتلىيالمىغاندەك.
   - ھەئە،- دېدى مارتىن تەسىرلەنگەن ھالدا،- سەن ھەقىقەتەن دوستلۇققا يارايسەن. كېلە، بىردەم ئولتۇرىۋالايلى، پۇتۇم بەك ئاغرىپ كەتتى.
   شۇنىڭ بىلەن بىز ئارامخۇدا بىر ئولتۇرۇپ تاغ ئارقىسىغا چۆكۈش ئالدىدىكى قوياشقا قارىغىنىمىزچە دۇنيانىڭ ئەتراپىمىزدا سەزدۈرمەي چۆرگىلىشىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتۇق.

ئاق كىيىملىك قىز

   مارتىن شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ (ئېنىقلا مەلۇم سىرلىق سېزىمى سەۋەبىدىن) باغچىدىكى بىر خىلۋەت چىغىريولغا تىكىلىپ قارىدى. ئاق كىيىم كىيگەن بىر قىز دەل بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. يىراقتىن قاراپ ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلىشى بىلەن چىرايىغا پۈتۈنلەي ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن بىز ئۇنىڭ بىر خىل ئالاھىدە، ئوڭاي كۆرگىلى بولىدىغان تارتىش كۈچىنى ئېنىق كۆردۇق، ئۇنىڭ ئوبرازىدىن بىر خىل پاكلىق ۋە مۇلايىملىق بالقىپ تۇراتتى.
   قىز يېقىن كەلگەندە بىز ئۇنىڭ ئىنتايىن ياش، بالىلىق بىلەن رېسىدە بولمىغان قىز ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز شۇ ھامان ئەس-ھۇشىمىزنى يوقىتىپ ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالمىدۇق. مارتىن ۋاششىدە ئىككى تاقلاپلا قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
   - خانقىز، مەن رېژىسور جېشىنى، كىنو رېژىسورى. بىزگە بىر ياردەم قىلسىڭىز،- دېدى.
   ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىنى ئۇزاتتى. قىزچاق قاتتىق تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشتى.
   مارتىن ماڭا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ دېدى:
-        بۇ مېنىڭ ئوپېراتورۇم.
-        مەن كالىش بولىمەن،- دېدىممەن قولۇمنى ئۇزىتىپ.
   قىز بېشىنى لىڭشىتتى.
   ئەھۋالىمىز ئىنتايىن چاتاق. مەن ھازىر فىلىمىم ئۈچۈن مەنزىرە ئىزدەۋاتىمەن. بىر ياردەمچىمىز بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلەتتى. ئەسلىدە مۇشۇ يەردە كۆرۈشمەكچى ئىدۇق، لېكىن ھازىرغىچە قارىسىنى كۆرسەتمىدى. شۇڭا بەك تىتىلداپ كېتىۋاتىمىز، بۇ شەھەر بىلەن ئەتراپتىكى يېزىلاردا قانداق ئايلىنىشنى بىلمەيۋاتىمىز. دوستۇم كالىش،- دېدى مارتىن چاخچاقنى باشلاپ،- بۇ يەردە ھامان بېشىنى چۆكۈرۈپ ئاۋۇ قېلىن نېمىسچە كىتاۋىنى ئوقىغىنى ئوقىغان، لېكىن چاتاق يېرى كىتاپتا يول باشلاش خەرىتىسى يوق-تە.
   مەندىن توپ-توغرا بىر ھەپتە ئايرىلغان كىتاپ تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا نىمىشقىكىن، شۇ ھامان ئاچچىقىم كەلدى:
   - ئەپسۇس، بۇ كىتاپقا بولغان قىزىقىشىڭ ئازراقمۇ ئاشمىدى دېسە،- دېدىممەن رېژىسورغا ھۇجۇم قىلىپ،- ئەگەر سەن تەييارلىقنى پۇختا قىلغان بولساڭ ئوپېراتور ئۈچۈن غەم يەپ كەتمەيتتىڭ، فىلىمىڭمۇ بەلكىم بۇنداق يۈزەكىي چىقمايتتى، ساپلا يالغان...كەچۈرۈڭ،- مەن بۇرۇلۇپ قىزدىن كەچۈرۈم سورىدىم،- بىزنىڭ خىزمەت توغرىلىق تالاشقانلىرىمىز سىزگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويماس-ھە. بۇ قېتىم سۈرەتكە ئالماقچى بولغىنىمىز تارىخىي تېمىدىكى فىلىم ئىدى، بوخېمىيەدىكى ئېتروسكان مەدەنىيىتىگە چېتىلىدۇ...
   - ھە،- دېدى قىز بېشىنى لىڭشىتىپ.
   - بۇ كىتاپ بەك قىزىقارلىق، كۆرۈپ بېقىڭ،- دېدىممەن كىتاپنى قىزغا تەڭلەپ. ئۇ خۇددى دىنغا بولغان ھۆرمەت بىلەن كىتاپنى قولىغا ئالدى. مەن ئۇنى ئوبدانراق كۆرەرمىكىن دەپ ئويلىسام ئۇ بوشقىنە بىر نەچچە بەتنى ئۆرىدى.
   -پاچېك قەلئەسى چوقۇم بۇ يەرگە يېقىن،- دېدىم مەن سۆزۈمنى داۋام قىلىپ،- ئۇ بوخېمىيە ئېتروسكان مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى...بىز قانداق قىلىپ ئۇ يەرگە يېتىپ بارالايمىز؟
   - پەقەت كىچىككىنە بىر يول بار،- دېدى قىزچاق، شۇ ھامان يەڭگىللەپ قالدىم. چۈنكى بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان چۈشىنىكسىز پارىڭىمىز ئۇنى تۇمانغا غەرق قىلىۋېتىدىغان بولدى دەپ تۇرساق، لېكىن گەپ پاچېك قەلئەسىگە تۇتىشىدىغان يولغا كەلگەندە ئۇنىڭ پۇختا بىلىمى ئاخىرى ئۇنىڭغا بىر پارچە مەزمۇت تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى.
   -شۇنداقمۇ؟ ئۇ جاي بىلەن پىششىق تونىشامسىز؟- دېدى مارتىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان قىياپەتتە قىزدىن سوراپ.
   - مەن تەبىئىيلا ئىنتايىن پىششىق تونىشىمەن-دە!-دېدى قىزچاق،- بىر سائەتلىك مۇساپە.
   - سىز پىيادە ماڭساق دېمەكچىمۇ؟-سورىدى مارتىن.
   - ھەئە، پىيادە ماڭساق،- دېدى قىز جاۋابەن.
   - ياخشى يېرى بىزدە ماشىنا بار،- دېدىم مەن.
   - سىز بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇشنى خالىمامسىز؟- سورىدى مارتىن. بۇ قېتىم مەن دائىمقىدەك ئۇنداق قىزىقچىلىق قىلمىدىم. بىۋاستە سېزىمىم مارتىننىڭكىدىن توغرا ئىدى. مەن بۇقېتىم يەڭگىللىك بىلەن چاخچاق قىلسام ئىش بۇزۇلىدىغانلىقىنى پەم ئەتتىم، مۇتلەق ئۆز لايىقىدا بولۇشلا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى قورالىمىز ئىدى.
   - خانقىز، بىز راستىنلا سىزنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمىز،- دېدىممەن،- مۇبادا سىز خالىس نىيەتتە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىرنەچچە بىز كۆرمەكچى بولغان جاينى ئايلاندۇرغان بولسىڭىز بىزنىڭ چوڭ ئىشىمىزغا ياردەم قىلغان بولاتتىڭىز، بىزمۇ سىزدىن يەتكۈچە مىننەتدار بولغان بولاتتۇق.
   - ھە،- دېدى قىز يەنە بىر قېتىم باش لىڭشىتىپ،- مەن تولىمۇ خوشاللىق بىلەن، بىراق مەن...- دەل بۇ چاغدا بىز ئاندىن ئۇنىڭ مال خالتىسى كۆتۈرىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، خالتىنىڭ ئىچىدە ئىككى باش ئۇسۇڭ بار ئىدى،- مەن بۇ ئۇسۇڭنى ئانامغا ئاپىرىپ بېرىشىم كېرەك، بىراق ئۆيۈم يېقىنلا يەردە، مەن بىردەمدىلا قايتىپ كېلىپ بولىمەن...
   - سىز ئەلۋەتتە ئۇسۇڭلارنى دەل ۋاقتىدا ساق-سالامەت ئاپىرىپ بەرسىڭىز بولىدۇ،- دېدىممەن،- بىز تولىمۇ خۇشاللىق بىلەن سىزنى بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىمىز.
   - ئۇنداقتا ياخشى، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ،- دېدى قىز يەنە بىر قېتىم بېشىنى لىڭشىتىپ، ئاندىن ئالدىراش ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
   - پەرۋاردىگارىم!- دېدى مارتىن ۋە ئولتۇردى.
   - ئەجىبا قالتىس ئەمەسمىكەن، ھە؟
   - مەنمۇ شۇنداق دېمەكچى ئىدىم. بۇ قۇرغۇي ئۈچۈن ئاۋۇ ئىككى مىس-مىس دوختۇر قىزنى قۇربان قىلىۋېتىشنى خالايتتىم.
   
بىھۇدە ئىشىنىشتىن ئالدىنىش

   ھالبۇكى 10 مىنۇت ئۆتتى، بىر چارەك ئۆتتى، ئۇ قىزنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
   - ئەنسىرىمە،- دېدى مارتىن ماڭا تەسەللى بېرىپ،- ئەگەر جەزىملەشتۈرىدىغان قانداقتۇر بىر ئىش بولسا، دەل ئاشۇ قىزنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىشى. ئىككىمىزنىڭ ئويۇنى ئىنتايىن پۇختا بولدى، ئۇ قىزچاق ئاللىقاچان قاپقانغا چۈشتى.
   مەنمۇ ئورتاق ھېسسىياتتا ئىدىم. شۇڭا داۋاملىق ساقلىدۇق. ھەر مىنۇت- ھەر دەقىقە، ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بۇ قىزچاققا بولغان تەقەززالىقىمىز توختىماي ئاشاتتى. بۇ ۋاقىتتا چىبەرقۇت شىم كىيگەن قىز بىلەن پۈتۈشكەن ۋاقتىمىز ئۆتۈپ كەتتى. بىز بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئاق كىيىملىك قىزىمىزنى كۈتۈپ جايىمىزدىن قىمىرمۇ قىلمىدۇق.
   ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى.
-        قارا مارتىن، مېنىڭچە ئۇ كەلمىگۈدەك،- دېدىم مەن سەۋر-قاچام توشۇپ.
-نېمە دەيسەن، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ قىز بىزگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشەندى.
- توغرا،- دېدىم مەن،- بۇ دەل بىزنىڭ تەلىيىمىزنىڭ كاجلىقى. دېمەكچىمەنكى ئۇ بىزگە ئىنتايىن ئىشىنىپ كەتتى!
- نېمە؟ ئەجىبا سەن ئۇنىڭ بىزگە ئىشەنمەسلىگىنى ئۈمىت قىلامتىڭ؟
- قانداق بولسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىش ئەڭ ئوسال ئىتتىپاقداشتۇر.
بىر ئوي تۇساتتىن پۈتكۈل روھىمنى ئىگىلىدى: «سەن مەلۇم بىر ئىشقا شەك-شۈبھىسىز چوڭقۇر ئىشەنگەن چېغىڭدا ئىشىنىش ئارقىلىق ئۇنى غەلىتە كۈلكىلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرىسەن. بىر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى، مەسىلەن، سىياسىي ئېتىقادچىنى مىسالغا ئالساق ئۇ ھەرگىزمۇ سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى راست دەپ قالمايدۇ. ئۇ پەقەت نەيرەڭۋازلىق ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئەمەلىي مەقسەتنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيساق، سىياسىي يالغانچىلىق بىلەن نەيرەڭۋازلىق ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئىشىنىشى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. ئۇلار كۆپۈنچە بىر خىل ئادەت- يوسۇنغا ئايلانغان باھانە رولىنى ئالىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىنتايىن دۆت بولغاچقا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇنداق ھېلە- نەيرەڭ ئىچىدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە تولۇپ –تاشقان ئاجىزلىقلارنى بايقايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرى چوقۇم ئابرويى تۆكۈلىدۇ، ئاقىۋەتتە بىدئەتچى، ئاسىي- مۇناپىق بولۇپ سۈپۈرىلىدۇ. توغرا، ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىش ئەزەلدىن ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرگەن ئەمەس، بۇ يالغۇزلا سىياسىي ياكى دىنىي سىستېمىغا ماس كېلىپ قالماستىن ھەتتا  ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىغا، يەنى دائىم قىزلارنى ئازدۇرىدىغان ئۇسۇلىمىزغىمۇ ماس كېلىدۇ».
-قانداقكىن بىلمىدىم، تېخىچە گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم.
- تولىمۇ ئاددىي: ئاۋۇ قىزچاققا نىسبەتەن بىز ئەمىلىيەتتە سالاپەتلىك، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان مۆتىۋەرلەرگە ئوخشايمىز. قىزچاققا كەلسەك، ئۇ بەئەينى ئاپتۇبۇستا ياشانغانلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىدىغان بىر ئەدەپلىك بالىغا ئوخشاش تەبىئىيلا بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىمىزگە ئېرىشىشنى تولىمۇ ئۈمىت قىلىدۇ.
- ئۇنداقتا، ئۇ نىمىشقا بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىمىزنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ؟
- چۈنكى ئۇ بىزگە بەكلا ئىشىنىپ كەتتى. ئانىسىغا ئۇسۇڭنى سۇنۇپ بېرىۋاتقان چاغدا خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى بېسىۋالالماي بىزنىڭ ئىشىمىزنى كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە ھەممىنى دەۋەتتى: تارىخىي تېمىدىكى فىلىم، بوخېمىيەدىكى ئېتروسكانلار قاتارلىقلارنى، بىراق ئانىسى...
- ھە، ئەمدى پۈتۈنلەي چۈشەندىم...- دېدى مارتىن گېپىمنى بۆلۈپ ئورۇندۇقتىن تۇرغان ھالدا.

ئاسىيلىق

   قۇياش ئاستا-ئاستا كىچىك شەھەرنىڭ ئاسمىنىدىن پەسكە ساڭگىلىدى. ھاۋا بىردىنلا سالىقىنلاشتى. قەلبىمىز مەيۈسلۈككە تولدى. بىز قەھۋەخانىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ چىبەرقۇت شىم كىيگەن قىز ۋاقىتنى خاتا ئاڭلىۋېلىپ تېخىچە بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان بولمىسۇن دەپ قاراپ باقماقچى بولدۇق. ئۇ ئەلۋەتتە ئاللىقاچان غايىپ بولغان ئىدى. سائەت 6 يېرىم بولدى. بىز ماشىنا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ تۇساتتىن سەرگەندانغا ئوخشاپ قالغانلىقىمىزنى، يات شەھەردە سۈرگۈنگە ئۇچراپ بارلىق خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى سەزدۇق. بىز ئەمدى ئۆزىمىزنى ئامالسىز، قىلغۇدەك ئىشىمىز قالماي، ماشىنا ئىچىگە قايتىپ ئۇ يەردە تېرىتورىيە سىرتىدىكى ئازغىنە ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىشقا ئاگاھلاندۇردۇق.
   - بولدى،- دېدى مارتىن روھىمنى كۆتۈرۈپ،- قانداق بولۇپ كېتىشتىن قەتئىنەزەر يىغلامسىرىما. بىزنىڭ تېخى ھەرقانداق ئۈمۈتسىزلىنىشكە سەۋەبىمىز يوق. ئويۇننىڭ قىزىقى تېخى ئالدىمىزدا!
   مەن ھەقىقەتەن بىر ئېغىز جاۋاپ قايتۇرماقچى ئىدىم، يىجىنكا ۋە ئۇنىڭ رۇمچە قارتا ئويۇنى سەۋەبىدىن بىزنىڭ پەقەت بۇ قىزىق ئويۇننى ئويناشقا بىر سائەتلا ۋاقتىمىز قالغان ئىدى، بىراق مەن يەنىلا سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىم.
   - نېمىلا بولسۇن،- دېدى مارتىن تولىمۇ خۇشال ھالدا،- بۈگۈنكى ھوسۇلىمىز ئاز ئەمەس. تېرراپۇرىدىكى قىزنى تىزىملىۋالدۇق؛ چىبەرقۇت شىم كىيگەن قىزچاقنى ئىلىندۇرىۋالدۇق. ھەرھالدا كەلگۈسى ئۈچۈن بارلىق تەييارلىقلىرىمىزنى پۇختا قىلىۋالدۇق، پەقەت خالىساقلا ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتسەك بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماي ماشىنا ھەيدەپ كەلسەكلا بولدى.
   مەن ھەرقانداق قارشى پىكىردە بولمىدىم. توغرا. تىزىملاش بىلەن ئالاقە باغلاش ئىنتايىن ياخشى ئورۇندالغان ئىدى. كەم- كۈتەسىز. بىراق، دەل شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلدىكى، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان مارتىن توختىماي تىزىملاپ، ئالاقە باغلىغاندىن سىرت قىممىتى بار بىرەر ئىشنى قىلماپتۇ.
   ئۇنىڭغا قارىدىم. بىر جۈپ كۆزى بۇرۇنقىدەك شەھۋانىلىق بىلەن چاقناپ تۇراتتى. بۇ چاغدا، تۇيۇقسىز مارتىننى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئۇ ھامان ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرمۇشتا جەسۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيتتى: ئۇ مەڭگۈ قىز-ئاياللارنى قوغلىشىدىغان بايراق ئىدى.
   ۋاقىت ئۆتمەكتە.
   - سائەت 7 بولدى،- دېدى مارتىن.
   بىز ماشىنىنى ھەيدەپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا تەخمىنەن 30 ئېنگىلىز چىسى كېلىدىغان جايدا توختاتتۇق. بۇنداقتا ئارقىنى كۆرسۈتۈش ئەينىكى ئارقىلىق دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرنى تەلتۆكۈس كۆرەلەيتتۇق.
   مەن تېخىچە ئۇ بايراقنى ئويلاۋاتاتتىم. بۇرۇنقىدەك بۇ ئەمىلىيەتنى ئويلىدىم: بىزنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى قىز- ئاياللارنى قوغلاشقىنىمىز ھەرگىزمۇ قانداقتۇر قىز-ئاياللار ئىشى ئەمەسكەن، بەلكى كۆپۈنچە ئۆز-ئۆزىمىزنى قوغلاشقىنىمىز ئىكەن. ئەگەر ئىشتىن ئاۋال بۇنداق قوغلىشىشنىڭ قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك ئىكەنلىگىنى بىلگەن بولساق ھەرقانداق ساندىكى قىز- ئاياللارنى قوغلىشىپ بولغان بولاركەنمىز، شۇنىڭدىن بۇ خىل قوغلىشىشىمىز بىر خىل مۇتلەق قوغلىشىشقا ئايلانغان بولاركەن. دېمىسىمۇ، مارتىن مۇتلەق قوغلىشىش چېكىگە يەتكەن ئىدى.
   5 مىنۇت ساقلىدۇق. قىزلار تېخىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى.
   بۇنىڭدىنمۇ ۋايىم قىلىپ كەتمىدىم. ماڭا ئەمدى ئۇلارنىڭ كېلىش- كەلمەسلىگى بەرىبىر ئىدى. ئۇلار كەلگەن تەقدىردىمۇ قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە ماشىنا بىلەن يالغۇز كەپىگە ئاپىرىپ مۇھەببەتلىشەلەيتتۇقمۇ؟ ئاندىن سائەت 8 بولىشى بىلەن خۇشال- خورام خوشلىشىپ ئۆيىمىزگە قايتالايتتۇقمۇ؟ ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. مارتىن ئۈنۈملۈك ۋاقتىمىزنى سائەت 8 گە توغرىلىغاندىلا ئەمىلىيەتتە پۈتۈن ئىشنى ئۆزىمىزنى ئالدايدىغان ئويۇننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن ئىدى. توغرا، بۇ سۆز ئەڭ- ئەڭ جايىغا چۈشتى. بارلىق تىزىملاش ۋە ئالاقە باغلاش بىر مەيدان ئۆز- ئۆزىنى ئالدايدىغان ئويۇن ئىدى. مارتىن ئۆزىنىڭ مۇنۇ خامخىيالىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى: بارلىق ئوتتۇرىچە قىممەت ئۆزگەرمەيدۇ، سۆيۈملۈك ياشلىق كومېدىيىسى داۋاملىق ئوينالماقتا، ئاياللارنىڭ سىرلىق ئوردىسىنىڭ باش-ئايىقى يوق، مەن بۇرۇنقىدەكلا بۇ سىرلىق ئوردىدا ئەركىن سەير قىلماقتىمەن.
   10 مىنۇت ئۆتتى. دەرۋازا ئالدىدا ھېچكىم پەيدا بولمىدى.
   مارتىن غەزەپتىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدى:
   - ئۇلارغا يەنە بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىمەن، يەنە ساقلىيالمايمەن.
   مارتىننىڭ ياشلىقتىن خوشلىشىشقا تېخى بىر مەزگىلى بار ئىدى. مەن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئويلىدىم ــــ ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز خوتۇنىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئىنتايىن تەرتىپلىك، تولىمۇ بەختلىك نىكاھلىق تۇرمۇشى بار ئىدى. بۇ بىر تەرىپى. يەنە بىر تەرىپى (شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا)، مارتىننىڭ ياشلىقى تەسىرلىك، بىگۇناھ، پاك ھالدىكى ئۆز-ئۆزىنى ئالداش بىلەن داۋاملاشماقتا: مەڭگۈ ئۆچمەس، لىققىدە خۇشاللىققا تولغان ئازغۇن ياشلىق بىر نوقۇل ئويۇنغا ئۆزگۈرۈپ، ئۇنى ھەقىقىي تۇرمۇشقىمۇ كىرەلمەيدىغان رېياللىقتىكى بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرماقتا. مارتىن مۈشكۈلگە ئۇچرىشى بەرھەق چەۋەنداز بولغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خوشى ئىشلىرىنى باشقىغا زىيان كەلتۈرمەيدىغان ئويۇنغا ئايلاندۇراتتى، لېكىن ئۆزى بۇنى ھېس قىلمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ھەر قېتىمقى گۈزەل ئۇچرىشىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چۆكۈپ كېتەتتى.
   بولدى، ئۆزۈمگە كېلەي. مارتىن ئۆز-ئۆزىنى ئەسىرگە ئالغۇچى. ئۇنداقتا مەن نېمىگە ھېساپ؟ بۇ كۈلكىلىك ئويۇندا نىمىشقا ئۇنىڭ ياردەمچىسى رولىنى ئوينايمەن؟ ھەممىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قۇرۇق چەللىدە ئات چاپتۇرىمەن؟ بۇنىڭدىن مارتىندىنمۇ بەكرەك كۈلكىلىك ئىكەنلىگىمنى كۆرىۋالغىلى بولماسمۇ؟ شۇ دەقىقىدە مەن بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر نىشانسىز ۋاقىت ۋە بىر نەچچە توڭ قىز ئىكەنلىگىنى ئېنىق چۈشەندىم، شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا گۈزەل بىر ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئىپادىدە بولغۇدەكمەن؟
   دەل شۇ پەيتتە ئارقىنى كۆرسۈتۈش ئەينىكىدىن دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولغان ئىككى قىزنى كۆردۈم.  يىراقتىن ئۇپا- ئەڭلىكىنىڭ جۇلاسى تارقىلىپ تۇراتتى. گىرىم ئۇلارنى تولىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ كېچىكىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلغانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئىككى قىز تۆت ئەتراپقا بىردەم كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ماشىنىمىزغا قاراپ كەلدى.
   - مارتىن، بىز ھېچنېمە قىلالمايمىز،- دېدىممەن، ئىككى قىزدىن ۋاز كېچىپ،- بىر چارەك كېچىكتى. قايتايلى.
   مەن ماي كىلاپانىنى دەسسىدىم.

خاتالىقنى تونۇش

   B شەھىرىدىن ئايرىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر قاتار پاكار ئۆيلەردىن ئۆتۈپ، يېزا يولىغا كىرىپ ئېتىز- ئورمان ئارىسىدا ماڭدۇق. غايەت زور قۇياش ئاستا-ئاستا دەرەخ ئۇچلىرىغا قونماقتا.
   بىز سۈكۈتكە چۆمۈلدۇق.
   مەن ئىختىيارسىز يۇدا ھەققىدە ئويغا چۆكتۈم. بىر مەشھۇر يازغۇچى شۇنداق يازغان ئىدى: يۇدانىڭ ئەيساغا خائىنلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئەيساغا بەك ئىشەنگەنلىگىدە؛ ئەيسا مۆجىزە ئارقىلىق يەھۇدىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا يۇدا راستىنلا كۈتۈپ تۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانى ئۆزىنى قىينىغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكىتى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا خائىنلىق قىلدى، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەقەززا ئىدى.
   ئاھ، پەرۋاردىگارىم، ئۆزۈمگە ئېيتتىم، مېنىڭ مارتىنغا ئاسىيلىق قىلىش غەرىزىم ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئالىجاناپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىم ئەمىلىيەتتە ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمدىن ئىدى. (ئەمدى ئۇنىڭ قىز-ئاياللارنى قوغلىشىدىغان سىرلىق كۈچىگە ئىشەنمەيتتىم). مەن يۇدا ۋە ئازدۇرغۇچى شەيتان تۇماسنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، بەكمۇ يىرگىنىچلىك ئىدىم. مەن ئۆز خاتالىقىم سەۋەپلىك مارتىنغا ھېسداشلىقىمنىڭ توختىماي ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ مەڭگۈ قوغلىشىدىغان بايرىقى (مەزكۇر بايراق تېخىچە باش ئۈستىمىزدە لەپىلدەۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى)دىن تەسىرلىنىپ يۇم-يۇم يىغلاۋاتقىنىمنى ھېس قىلدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ يەڭگىلتەكلىگىنى ئەيىپلەشكە باشلىدىم.
   ئەمدى مېنى ئاشۇ ئەركىن- ئازادە لاغايلاپ يۈرىدىغان، ئۈزلۈكسىز تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان دەۋرگە، ئاشۇ بىمالال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىدىغان دەۋرگە قايتۇرۇپ كېتىدىغان ھېچقانداق ماگنېت مەيدانى قالمىغانمىدۇ؟ ئەجەبا ياشلىقىمدىن دېرەك بېرىدىغان ئاشۇ قىلىقلىرىمدىن چەك-چېگرا ئايرىغاندىمەنمۇ؟ بۇرۇن ھېچ بولمىغاندىمۇ باشقىلارنى دوراشنى بەرھەق بىلىپ ھېسسىيات تۇرمۇشۇم ئىچىدىن بۇنداق ئەخمىقانە قىلىقلىرىم ئۈچۈن كىچىككىنە بىر پارچە بىخەتەرلىك بەلۋىقى ئىزدەيتىم. ئەجابا بۇ خىل تۇيغۇم پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىنىپ قالغانمىدۇ؟
   بۇ، بىر مەيدان بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىككە تولغان ئويۇن بولغان تەقدىردىمۇ نېمە زىيىنى؟ بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ نېمە بوپتۇ؟ ئەجەبا مەن قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك دەپلا بۇ ئويۇندىن قول ئۈزدۈممۇ؟
   مەن ئەھۋالنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسلىگىنى چۈشەندىم. چۈشەندىم-دە، ماشىنىنى قايتىدىن پىراگانىڭ سىرتىغا ھەيدەپ قايتىدىن (كونا ھۈنەرنى ئىشلىتىپ) قىزلارنى كەلتۈرۈشكە بارماقچى بولدۇم ھەمدە بىرمۇنچە يېڭى ھىيلىلەرنى ئويلاپ تاپتىم. پۈتكۈل بىر مەيدان ئويۇن داۋامىدا مېنىڭ بۆلگۈنچى خارەكتىرىم تەل-تۆكۈس ئىپادىلەنگەن ئىدى. مەن ھامان ئىنتايىن گۇمانخور، تەۋرىنىشچان ئىدىم. بىراق مارتىن گويا رىۋايەتلىك كىشىلەردەك ئىچ-تېشى بىر خىل، تەۋرەنمەس ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا ۋاقىت بىلەن، تۇرمۇش ئىچىدە تۈگۈلىۋالغان ئاشۇ نادانلىق ۋە تار چەكلىمىلەر بىلەن ئۇلۇقۋار، مېتافىزىكىلىق كۈرەش قىلىۋاتاتتى.

ئارمىنى تۈگىمەس ئالتۇن ئالما

   يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىۋى بارا-بارا بېسىقتى.
   - ئاڭلا،- دېدى ئۇ،- ھېلىقى تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان قىز راستلا شۇنداق چىرايلىقمۇ؟
   - ئېيتتىمغۇ ساڭا، ئۇنىڭ چىرايىنى پەقەت يىجىنكا بىلەنلا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.
   مارتىن زېرىكمەي قوغلىدى. مەن تېبابەت ئۆگىنىۋاتقان ئۇ قىزنى يەنە بىر قېتىم تەسۋىرلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
   - بەلكى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانسەن، ھە؟- دېدى ئۇ ئۇلاپلا.
   مەن ئىمكان بار يوللۇق ئىش قىلغۇچى قىياپەتكە كىرىۋالدىم.
   - ئۇ تەس توختارمىكى. سەن مېنىڭ ئاغىينەم، بۇ نۇقتا ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ، ئۇنىڭ مۇستەھكەم پىرىنسىپى بار...
   - مۇستەھكەم پىرىنسىپى بار...- دېدى مارتىن ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا. ئېنىقكى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بىئارام بولغان ئىدى.
   بىراق مەن ئۇنىڭ بىئارام بولىشىنى خالىمىدىم.
   - سېنى تونىمىغان بولىۋالاي، ياكى باشقا قىياپەتكە كىرىۋالساڭمۇ بولىدۇ،- دېدىم مەن.
   - قالتىس، بەلكى جېشىنىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالارمەن، خۇددى بۈگۈنكىدەك.
   - ئۇنىڭ قانداقتۇ كىنو رېژىسورى بىلەن كارى يوق، ئۇ تەنھەركەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
   - نىمىشقا بولمىغۇدەك؟- دېدى مارتىن،- مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.
   - بىز ئېچىلىپ-ييىلىپ بىرمۇنچە پاراڭلاشتۇق. بارا-بارا بۇ پىلان بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى. سەلدىن كېيىن ئۇ چىرايلىق، پىشقان، پارقىراق ئالمىغا ئوخشاش كۆز ئالدىمىزدا، گۇگۇم قوينىدا پۇلاڭلاشقا باشلىدى.
   مېنىڭ بۇ ئالمىغا مەڭگۈ ئارمىنى تۈگىمەس ئالتۇن ئالما دەپ تەنتەنىلىك ئات قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭلار.(تامام)
   
چەتئەل ئەدەبىياتى نەشىرىياتى تۈزگەن «ئەڭ ياخشى ھېكايىلەر قامۇسى»دىن   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-19 21:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-23 12:41:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىز ئارقىلىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ زوق ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىپتىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-23 13:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان كوندىرا تېخى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمىدى. لېكىن ھەر يىلى دېگۈدەك نامزاتلارنىڭ ئالدى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە ئەڭ تېگىشلىك بىر يازغۇچى.

ۋاقتى: 2015-10-14 11:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسەرنىڭ ئىسىلىنى، يۈزنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ، بىزگە سۇنىۋاتقان ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىگە سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئەسەرنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم، ئوقۇشۇمغا يەنە ئەرزىيدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش