يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 4

ئەنۋەر جۇلا (ت): ئاللان پوئې ــــ بوتۇلكا ئىچىدىكى قوليازما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-9-23 00:04:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بوتۇلكا ئىچىدىكى قوليازما
(ھېكايە)
ئاللان پوئې(فىرانسىيە)

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى


كەلگەندە جان تۇمشۇققا،
يوشۇرغىدەك سىر قالماس.①
                               ــــــ كېنو:«ئاتىس»تىن.②

ئېدگار ئاللان پوئې (1809—1849) ئامېرىكا مەشھۇر يازغۇچىسى، شائىرى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئوبزورچىسىدۇر. سەنئەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»نى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىستىتىزم ۋە مىستىكىزمنى تەرغىپ قىلىدۇ. غەربىي ياۋروپا بولۇپمۇ، فىرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئەدەبىياتىنىڭ چۈشكۈن ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ زور ئۇچرىغان. ھېكايە، پوۋېست-رومانلىرىدىن «روژدېستىۋا ھېكايىلىرى توپلىمى»، «قارا مۈشۈك»، «ماگ كوچىسىدىكى قەستلەش دېلوسى» قاتارلىقلار بار. «يېزىقچىلىق پەلسەپىسى»، «شېئىر پىرىنسىپى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. 1841- يىلى ئېلان قىلغان «ماگ كوچىسىدىكى قەستلەش دېلوسى» ناملىق پوۋېستى ئەڭ بۇرۇن ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان رازۋېتكا ھېكايىسى بولۇپ ئۇنىڭدا مەخپىي ئۆيدە يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قاتىلنىڭ ئورانگوتان بولۇپ چىققانلىقى سۆزلىنىدۇ. 1842- يىلى ئېلان قىلىنغان «مارى روج سىرلىق دېلوسى» ناملىق پوۋېستىدا نوقۇل ئەقلىي يەكۈن بىلەنلا دېلونى پاش قىلغانلىق توغرىسىدىكى ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. باشقا ئەسەرلىرى مەسىلەن، «سېرىق قاسراقلىق قۇرت»، «سەن قاتىلنىڭ قاتىلى»، «ئوغۇرلانغان خەت» قاتارلىق بەش پارچە ھېكايىسى 5 خىل ئەقلىي يەكۈن ھېكايە ئەندىزىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تۇرغۇزۇپ چىققان. ئاللان پوئې «رازۋېتكا ھېكايىچىلىقىنىڭ بوۋىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ ۋەھىمىگە تولۇپ تاشقان.
  ئۇنىڭ تۆۋەندە بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان «بوتۇلكا ئىچىدىكى قوليازما» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ 24 يېشىدا يېزىپ ئېلان قىلغان خىيالىي فانتازىيە ھېكايىسى بولۇپ، پۈتۈنلەي قويۇق شېئىرىي تىل بىلەن يېزىلغان بۇ ھېكايە ئارقىلىق پوئېنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانتىنى كۆرۈۋالالايمىز.                            ـــــــ تەرجىماندىن.

ۋەتىنىم ۋە ئائىلەم ھەققىدە ھېچقانداق دېگۈدەك گېپىم يوق. يەتكۈچە خورلاندىم، دۆلىتىمدىن قوغلاندىم، نۇرغۇن يىل سەرگەردان يۈرۈپ ئائىلەمدىنمۇ يىراقلىشىپ كەتتىم. ئاتا- بوۋامدىن مىراس قالغان مال- مۈلۈكلەردىن ئادەتتىكىچە بولمىغان تەربىيىگە ئىگە بولدۇم، ئاندىن ئۇنىڭغا پىكىر قىلىشقا بولغان تۇغما قىزىقىشىم قوشۇلغاچقا ئۆسمۈرلۈك ۋاختىمدىن باشلاپلا تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ قەلبكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەرنى توپلاپ تۈرگە ئايرىدىم. بولۇپمۇ، گېرمانئېتىكاشۇناسلىرىنىڭ تەلىماتلىرى مەندە غايەت زور قىزىقىش قوزغىدى؛ بۇ مېنىڭ قانداقتۇ ئۇلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىلىرىغا بولغان قارىغۇلارچە چوقۇنۇشۇم ئەمەس، بەلكى ئەستايىدىل پىكىر قىلىش ئادىتىم بولسىلا ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا بىت-چىت قىلالايتتىم. باشقىلار ھەمىشە تالانتىڭ يوق دەپ چېقىۋالاتتى؛ «تەسەۋۋۇر كۈچى ئاجىز»ــــ بۇ مېنىڭ جىنايەتلىك نامىمغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى، تونۇشۇم ئىچىدىكى گۇمانىي سەپسەتىلەر باياناتلىرىمنىڭ چېچىلىپ يېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىشىلەر قانداقلىكى ئىش يۈز بەرسە ئۇنى مېتافىزىكىلىق پىرىنسىپ بويىچە تەھلىل قىلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ مېتافىزىكا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ مۇشۇنداق قارايتتى. راست، مەن مېتافىزىكىغا ئىنتايىن قىزىققاچقىلا بۇ دەۋردە ئىنتايىن ئومۇملاشقان خاتا چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلىۋالغان ئىدىم. قىسقىسى، ھەممە كىشى ماڭا ئوخشاش ئوڭايلا ساختىغا ئىشىنىپ قېلىپ، ئەمىلىيەتتىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئويلايمەنكى، مېنىڭ مۇقەددىمىنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ئوبدان بولدى، ئۇ تۆۋەندەسۆزلىمەكچى بولغان توقۇلما ھېكايەمنى كىشىلەرگە بۇ بىر قالايمىقان جۆيلۈش ئىكەن، دېگەن تەسىرات بېرىپ قويۇشتىن ساقلايدۇ ھەمدە ئەزەلدىن قۇرۇق خىيالغا ئىشەنمەيدىغان ۋە قۇرۇق خىيال قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى ئىكەن دەپ بىلىۋالمايدۇ.

چەتئەلدە ساياھەت قىلىۋاتقىنىمغا نۇرغۇن يىل بولدى، 18xx-يىلى، باي- باياشات، نوپۇسى زىچ جاۋا ئارىلىنىڭ باداۋېيا③ پورتىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇندا تاقىم ئاراللىرىنىڭ④ دېڭىز يۈزىگە قاراپ ماڭدۇق. كېمىدە مەن يولۇچى بولغاچقا ھېچقانداق پىلانىم يوق ئىدى، لېكىن يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ تۇرغاچقا خاتىرجەم بولالماي ئىشىكتىن چىقتىم.
ئولتۇرغىنىمىز 400 توننىلىق چىرايلىق يەلكەنلىك كېمە ئىدى، كېمە گەۋدىسى مىس بىلەن قاپلانغان بولۇپ بومبايدا مالابا مالى ياغىچىدىن ياسالغان ئىدى. كېمىگە لاككادىۋىيتاقىم ئارىلى⑤ ئىشلەپچىقارغان ساپ پاختا بىلەن ماي قاچىلانغان بولۇپ، يەنە كوكۇس تالاسى، قارا شېكەر، ئېرىمچىك، كوكۇس ۋە ئىككى- ئۈچ يەشىك ئەپيۈنمۇ بار ئىدى. مال بەك چىڭداپ بېسىلغاچقا كېمە ئىككى تەرەپكە لەپپەڭشىيتتى.
بىز بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كىچىككىنە شامالغا يەلكەن چىقىرىپ ئىزچىل جاۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى بويلاپ كېتىۋاتقاچقا بىر نەچچە كىچىك قوش ماچتىلىق كېمىنى ئۇچراتقاندىن باشقا بۇ سۇندا ئارىلىغا يول ئالغان سەپەردە زېرىكىشنى باسقۇدەك ھېچقانداق يېڭىلىقنى ئۇچراتمىدۇق.
بىر كۈنى كەچتە، مەن كېمە قۇيرۇقىدىكى سالاسۇنغا يۆلەنگىنىمچە غەربىي شىمال تەرەپتىكى ئىنتايىن ئالاھىدەبولغان بۇلۇت پارچىلىرىغا نەزەر تاشلىدىم. بىز باداۋېيادىن ئايرىلغان بولساقمۇ لېكىن ئارقىمىزغا قارىساقلا ئەشۇ تولىمۇ رەڭدار، كىشىنى تولىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان بۇلۇت پارچىلىرىنى كۆرەلەيتتۇق. مەن ئىزچىل پۈتۈن دىققىتىم بىلەن قۇياشنىڭ دېڭىزغا پېتىشىنى كۈتتۈم، بۇلۇتلار بىردىنلا غەرپ ۋە شەرق ئىككى تەرەپكە كېڭىيىپ ئاسماندا تارغىنا بۇلۇت بەلۋىقىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۇزۇن بىر دېڭىز ساھىلىغا ئوخشاپ قالدى. شۇئان گىلرەڭ ئاي ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دېڭىز مەنزىرىسى دىققىتىمنى تارتتى. دېڭىز مەنزىرىسى توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇراتتى، دېڭىز سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈك ئىدى. گەرچە دېڭىز تېگىنى شۇنداق ئېنىق كۆرگىلى بولسىمۇ، ئەمما چوڭقۇرلۇق ئۆلچەش قوغۇشۇنى تاشلىغاندىلا ئاندىن كېمىنىڭ 15 سارجان چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز يۈزىدە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. بۇ چاغدا ھاۋا ئوتتىن يېڭىلا سۇغۇرۇپ ئېلىنغان تۆمۈر پارچىسىدىن چىقىۋاتقان قىزىق ھوردەك ھۆپۈلدەپ تۇراتتى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ شامال تالالىرى ئاستا-ئاستا يىتتى، ئەتراپ شۇ قەدەر تېنچلاندىكى، بۇنداق جىمجىتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايتتى. كېمە قۇيرۇقىدا بىر تال شام يېقىلسا ئوت يالقۇنىنىڭ لىپىلدىشىنى ئازراقمۇ كۆرگىلى بولمايتتى، بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن پىلىكنى مىدىرلاتسىمۇ ئوت يالقۇنى ھېچقانچە لىپىلدىمايتتى. بىراق، كاپىتان قانداقتۇ بىر شۇملۇقنىڭ ئالامىتىنى سەزگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن كېمىنى قىرغاققا قاراپ ھەيدىتىپ يەلكەننى يىغىپ، لەڭگەر تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ كېچىلىك كۈزەتچىلىك قىلىشقا ئادەم قويمىدى؛ كېمىدىكى ماتروسلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مالايسىيالىق بولۇپ، ئۇلار پالۇبا ئۈستىدە خاتىرجەم ھالدا پۇت-قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇشۇپ ئۇيقىغا كېتىشكەن ئىدى. مەن كېمە بۆلمىسى ئىچىگە كىردىم، يۈرىكىم نامەلۇم بىر بالا-قازا كېلىۋاتقاندەك ئاسقىپ تۇراتتى. راست دەۋاتىمەن، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىشلاردىن راستىنلا بىر مەيدان قارا بوراننىڭ شەپىسىنى سېزىپ ئەنسىرىدىم. مەن بۇ ئويۇمنى كاپىتانغا ئېيتتىم؛ كىم بىلسۇن، ئۇ گېپىمگە پىسەنت قىلمىدى، بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قايتۇرماي نېرىغا كەتتى. مەن خاتىرجەم بولالمىدىم، ئۇيقۇممۇ ھارام بولدى، تەخمىنەن يېرىم كېچىدە بۆلمە سىرتىغا چىقتىم. ئارقا پالوبىنىڭ بىرىنچى باسقۇچ پەلەمپىيىگە دەسسىشىمگىلا خۇددى تېز سۈرئەتتە پىرقىرىغان سۇ چاقپىلىكىنىڭ ئاۋازىدەك كۈچلۈك شاۋۇلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، چۆچىدىم، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە كېمە گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرەپكە لەپپەڭشىۋاتقىنىنى بايقىدىم. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن كۈمۈش دولقۇن كېمىنى ئۆڭتۈرىۋەتكىلى تاس قالدى، دولقۇن كېمە گەۋدىسىگە توختىماي ئۇرۇلاتتى، پۈتكۈل پالوبا باشتىن- ئاياق سۇغا چىلاشتى.
كۈچلۈك، ئەسەبىي بوران ئەكسىچە كېمىنىڭ نىجاتكارىغا ئايلاندى. گەرچە كېمىگە پۈتۈنلەي سۇ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ماچتا سۇنۇپ كېمە سىرتىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە كېمە گەۋدىسى سۇ ئىچىدىن ئاستا- ئاستا لەيلەپ چىقىپ بوراننىڭ كۈچلۈك سىلكىشى بىلەن بىر ھازاغىچە ئىرغاڭلاپ ئاخىرى تەڭپۇڭھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
مەن قانداقلارچە مۆجىزىلەرچە ھايات قالغىنىمغا ئۆزەممۇ بىر نېمە دېيەلمەيتتىم. دولقۇننىڭ زەربىسىدىن ھۇشۇمدىن كەتكەن ئىدىم، ھۇشۇمغا كەلسەم بەدىنىم كېمە قۇيرۇقىدىكى تۈۋرۈك بىلەن رولنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قاپتۇ. تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، بېشىم قېيىپ كۆزۈم تورلاشقان ھالدا ئەتراپقا قارىدىم، بىردىنلا كېمىمىزنىڭ غايەت زور دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قۇدرەتلىك دېڭىز قاينىمىدا كۈكۈم- تالقان بولۇش گېردابىغا بېرىپ قالغانلىقى ئېسىمگە كەلدى، بۇ قاينام بەك قورقۇنچلۇق ئىدى، ھەتتا ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىدى.سەلدىن كېيىن بىر شىۋېتسىيەلىك چالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ پورتتىن ئايرىلغان ۋاختىمىزدا بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققانلارنىڭ بىرسى ئىدى. مەن بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى چاقىردىم، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە يۈگۈرۈپ كېمە قۇيرۇقىغا كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پەقەت ئىككىمىزنىڭلا بۇ ئاۋارىيىدىن قۇتۇلغىنىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. كېمىدىكى باشقا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېڭىزغا تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى؛ كاپىتان بىلەن ياردەمچى كاپىتان ۋە رولچىلار ئۇخلاۋاتقان پېتى پاجىئەگە يولۇققان ئىدى، چۈنكى كېمە بۆلمىسىگە لىق سۇ كىرىپ كەتكەن ئىدى. ياردەم قىلغىلى ئادەم يوق ئىدى، بىراق كېمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىدۇق، لېكىن بىز ھە دېگەندىلا كېمە چۆكۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ قورقۇپ لاغىلداپ تىترەشتىن باشقىغا يارىمىدۇق. دېمىسىمۇ، تەيفېڭ بورىنى لەنگەر ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋەتمىگەن بولسا كېمە ئاللىقاچان ئۆڭتۈرۈلۈپ كەتكەن بولاتتى. كېمىمىز دېڭىز دولقۇنىنى يېرىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيتتى، دېڭىز سۈيى پالوبىنى يالايتتى، لېكىن بىزنى تارتىپ ئېلىپ كەتمىدى.  كېمە قۇيرۇقىدىكى جاھازلار پارە-پارە بولۇپ ھېچقانداق يەر ساق قالمىدى؛ بەختكە يارىشا سۇ چىقىرىش پومپىسى بۇزۇلمىغان ئىدى، يۈكمۇ ھېچقانچە تۆكۈلۈپ كەتمىگەن ئىدى، بۇ ئادەمگە ئۈمىت بېغىشلايتتى. بوراننىڭ كۈچى ئاللىقاچان بېسىقىپخەتىرى تۈگىگەن بولسىمۇ، ئەمما سالپايغىنىمىزچە بوراننىڭ پۈتۈنلەي توختىشىنى كۈتتۇق؛ بىزگە ئېنىقكى، بۇنداق بۇزۇلۇپ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتكەن كېمىدە پەقەت ئۆلگەندىلا ئاندىن توختىماي ئورۇلىۋاتقان غايەت زور دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيتتۇق. بىراق تەلىيىمىزگە قاتمۇ- قات ئاساسقا ئىگە قورقۇشلىرىمىز ھازىرچە پاكىتقا ئايلىنىدىغاندەك قىلمايتتى. بىز نۇرغۇن ھەرەج تارتىپ ماتروسلار بۆلمىسىدىن ئازراق قارا شېكەر تېپىپ چىقتۇق ھەمدە توپ-توغرا 5 كېچە- كۈندۈز قارا شېكەر بىلەن قورساق گوللىدۇق. بۇ 5 كۈن ئىچىدە ئەبجەق كېمىمىز توسقۇنسىز يۈرۈپ كەتتى، دەممۇ- دەم چىقىۋاتقان كۈچلۈك بوراندا ئادەم قورققۇدەك سۈرئەتتە ئالغا چاپتى، بۇ بوران گەرچە باشتىكى بوراندەك ئۇنداق شىددەتلىك بولمىسىمۇ ئەمما مەن ھېچقاچان بۇنداق كۈچلۈك بورانغا يولۇقۇپ باقمىغان ئىدىم. دەسلەپكى 4 كۈندە مېڭىش يۆلۈنىشىمىز ھېچقانداق ئۆزگەرمەي ئىزچىل شەرقىي جەنۇپقا ــــ يېڭى گوللاندىيە(ھازىرقى ئاۋىستىرالىيەنىڭ كونا نامى) قىرغىقىغا قاراپ ئىلىپتەك تۈز ماڭدى. 5- كۈنىگە كەلگەندە شامالنىڭ يۆلىنىشى ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكەلدى، ھاۋامۇ چىدىغۇسىز دەرىجىدە مۇزلاپ كەتتى. قۇياشنىڭ جانسىز، سارغۇچ نۇرلىرى ئۇپۇق سىزىقىغا يېيىلدى، ئۇپۇق سىزىقىغا يېيىلىپ ئازراقلا كۆتۈرۈلۈپ قويۇپ سوغۇق نۇر چاچتى. ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى، لېكىن بوران بارغانسېرى كۈچىيىپ دەم پەسىيىپ دەم گۈركىرەيتتى. تەخمىنەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە بارلىق دىققىتىمىز يەنە قۇياشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە مەركەزلەشتى. قۇياش نۇر چىقىرالمايتتى، ئاتالمىش ھەقىقىي نۇر پەقەت كىچىككىنە سۇس قىزىللىق بولۇپ ھېچقانداق ھارارەت يوق ئىدى، گويا ھەممە نۇرىنى سەرپ قىلىپ تۈگىتىپ بولغاندەك. قۇياش تېخى دولقۇنلۇق دېڭىز ئىچىگە پاتماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ يالقۇنى تۇيۇقسىز ئۆچتى، گويا قانداقتۇ بىر سىرلىق كۈچ تۇيۇقسىز پۈۋلەپ ئۆچۈرىۋەتكەندەك. پەقەت غۇۋا بىر ئاق نۇر ھالقىسىلا قالغان بولۇپ، ئۇمۇ ھەش- پەش دېگۈچە تەگسىز دېڭىز چوڭقۇرلىقىغا پېتىپ غايىپ بولدى.
بىز ئۇندا كۈتۈپ- بۇندا كۈتۈپ 6- كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە پايلاپ بولالمىدۇق ـــــ مەن ئۇ كۈن تېخى يېتىپ كەلمىدى،دەيتتىم. شىۋېتسىيىلىك چال بولسا ئۇ كۈننى ئەمدى پەقەتمۇ كۆرەلمەيمىز، دەيتتى. شۇندىن كېيىن بىز بىر پارچە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىپ كېمىدىن 20 قەدەم نېرىسىدىكى نەرسىنى ئىلغا قىلالمىدۇق. ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچە بىزنى يەنە ئورىۋالدى، دېڭىز يۈزىدە ئىسسىق بەلۋاغدا بىز تولا كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن پوسفور نۇرى چاقناپ قالسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر پارچە قاراڭغۇلۇق ئىدى. بىز تېخىچە بوراننىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدۇق، لېكىن ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىمىزدىن ئىزچىل ئەگىشىپ شاۋقۇنلۇق كۈمۈش دولقۇن ھاسىل قىلغىنىنى كۆرەلمىدۇق. ئەتراپ سۈرلۈك قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم ئىدى، دېڭىز دولقۇنى دەم كۆتۈرۈلۈپ، دەم پەسىيىپ تۇراتتى. شىۋېتسىيىلىك چال  ئويلىغانسېرى شۇنچە خۈدۈكسىرەپ، قورقۇپ ئۆلەي دەۋاتاتتى، لېكىن مەن پەقەتلا گاڭگىراپ قالدىم. بىز كېمىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن رول قېشىغا بارمىدۇق، چۈنكى كېمە يەنە بۇزۇلالمىغۇدەك دەرىجىدە بۇزۇلغان ئىدى، بىز ماچتىنىڭ سۇنغان ياغىچىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە ئەسەبىي دېڭىزغا قارايتتۇق، لېكىن ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز ئىدۇق، قەيەرگە كەلگەنلىكىمىزنىمۇ بىلەلمەيتتۇق.لېكىن كاللىمىز سەگەك بولغاچقا جەنۇپقا قاراپ كېتىۋاتقىنىمىزنى بىلەتتۇق، بۇرۇن ھېچقانداق بىر دېڭىزچى بىزدەك بۇنداق يىراققا لەيلەپ كەتكەندە خادا تاشقا سوقۇلۇشتىن ئامان قالمىغان ئىدى، غەلىتە يېرى بىز خادا تاشقا يولۇقۇپ باقمىدۇق. بۇ چاغدا بىز ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت ئاسمانپەلەك زور دولقۇننىڭ بىزنى يۇتۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچراپ تۇردۇق. ئەسەبىي دولقۇن ھەممىنى يۇتۇۋېتەلەيتتى، لېكىن بىزنى يۇتۇۋەتمىدى، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى. ھەمرايىمنىڭ كېمىدىكى يۈك ئېغىر ئەمەس،دېگىنىنى ئاڭلاپ بۇ يەلكەنلىك كېمىنىڭ بەك پۇختا ياسالغانلىقىنى ئويلىدىم؛ مەن گەرچە ئۈمىدنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان بولساممۇ، ئەمما يەنە ئۈمىتسىزلىك ھىس قىلىپ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈشكە تەييارلىنىپ بولغان ئىدىم، كېمە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنسېرى سۈرلۈك قاراڭغۇلۇقتىكى دېڭىز شۇنچە قورققۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى، مەن مانا ئۆلىمەن، ھېلى ئۆلىمەن دېگەن تۇيغۇغا ئەسىر ئىدىم. بىز ھەر ۋاقىت ئاسمانپەلەك كۆتۈرۈلگەن دولقۇنغا قارىغىنىمىزچە قورققىنىمىزدىن نەپەس ئالالمايتتۇق، ئاندىن بېشىمىزغا تۆكۈلگەن سۇ كىرىستاللىرىدىن بېشىمىز قېيىپ كۆزىمىز تورلىشىپ كېتەتتى، سۇ كىرىستاللىرى ئىچىدە ھاۋا توختاپ قالاتتى، دېڭىز ئالۋاستىسىنى شىرىن چۈشىدىن ئويغىتىۋەتكىدەك ئاۋازمۇ چىقارمايتتى.
بىز تەگسىز چوڭقۇرلۇققا كىرىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا دەھشەتلىك قاراڭغۇلۇقتىن ھەمرايىمنىڭ قورقۇپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى:
- قاراڭ! قاراڭ! ئاھ تەڭرىم! قاراڭ!قاراڭ!
ئۇ توۋلاۋاتقاندا بىر غۇۋا قىزىل نۇرنىڭ بىزنىڭ بۇ غايەت زور تەڭنىمىزنىڭ تۆت ئەتراپىغا چۈشۈۋاتقىنىنى، پالوبىنى سۇس يورۇقلۇق يورىتىۋاتقىنىنى كۆردۈم. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن جان-پېنىم چىقىپ كەتتى. بېشىمنىڭ ئۈستىدىكى قول يەتمەس جايدا بىر 3 ماچتىلىق كېمە جىددى بۇرۇلىۋاتقان قاينامنىڭ گىرۋىكىدە تۇراتتى، تەخمىنەن 4 مىڭ توننىلىق كېلەتتى. بۇ كېمە گەرچە ئۆزىدىن يۈز ھەسسە چوڭلۇقتىكى غايەت زور دولقۇننىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ قارىماققا ھەر قانداق جەڭ كېمىسى ياكى ھىندىستان شېركىتىنىڭ سودا كېمىلىرىدىن خېلىلا يوغان كۆرۈنەتتى. غايەت زور كېمە گەۋدىسىنىڭ ھەممە يېرى قاپقارا بولۇپ ئادەتتىكى كېمىلەرنىڭكىدەك نەقىشلىرى يوق ئىدى. ئوچۇق تۇرغان زەمبىرەك تۆشۈكىدىن بىر قاتار مىس زەمبىرەكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئارقانلارغا ئېسىلغان سانسىز جەڭ چىراقلىرى لەپپەڭشىگىنىچە پارقىراق زەمبىرەك كانايچىسىنىڭ ئۈستىنى قىزغۇچ يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ كېمە بۇ غەلىتە دېڭىزغا ، رەھىمسىز تەيفېڭ بورىنىغا پەرۋا قىلىپمۇ قويماستىن ھەممە يەلكەنلىرىنى تولۇق چىقىرىپ قويغان ئىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇراتتى. كېمىنىڭ باش تەرىپىگە قارىسام، ئۇ چوڭقۇر قاينام ئىچىدىن ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ جىددى تولغىنىۋاتقان قاينامنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتى، ئاندىن ئىككى تەرەپكە چايقىلىپ ئىرغاڭلىغىنىچە يەنە پەسكە شۇڭغۇپ،قورقۇتۇپ جېنىمىزنى ئالغىلى تاس قالدى.
نېمە ئىشلىقىنى بىلمىدىم، يۈرەك رېتىمىم بىردىنلا ئىزىغا چۈشتى. جان- جەھلىم بىلەن سەنتۈرۈلگىنىمچە بىر نەچچە قەدەم چېكىندىم-دە، مەردانە ھالدا كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى كۈتتۈم. كېمىمىز ئاخىرى تەن بەردى بولغاي، بىردىنلا دېڭىز ئىچىگە غەرق بولدى. ئاۋۇ جىددى پەسلەۋاتقان يوغان كېمە بىر ئۈسسۈپلا چۆكۈپ كېتىۋاتقان كېمىمىزنىڭ بىر تەرىپىگە سوقۇلدى، بۇ سوقۇلۇش ئەجەللىك ئىدى، مەن ئۇ ناتونۇش كېمىنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىش ئۈچۈن ئۆزەمنى ئاتتىم.
يىقىلىپ چۈشۈشۈم بىلەن تەڭلا ئۇ كېمىنىڭ بېشى بۇرۇلۇپ شامالنىڭ كۈچى بىلەن يۈرۈپ كەتتى؛ بەختكە يارىشا، قالايمىقانچىلىقتا ماتروسلارنىڭ دىققىتىدىن قېچىپ قۇتۇلدۇم. ھېچقانداق شەپە چىقارماي ئىشىكى يېرىم ئوچۇق ئوتتۇرا بۆلمىنىڭ ئالدىغا كەلدىم-دە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدىم. نىمىشقا مۆكۈۋالماقچى بولغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. بۇ كېمىنىڭ ماتروسلىرىنى كۆرۈشۈم بىلەنلا ئىچىمگە قورقۇنچ كىرىۋالدى، مۆكۈۋېلىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك. مەن ئۇلارنى ناھىيىتى تېزلا كۈزىتىپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى، شۈبھىلەندىم، خاۋاتىرسىزلەندىم، ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا يەنىلا كېمە بۆلمىسىنىڭ ئىچىدە بىر جاينى تېپىپ مۆكۈۋېلىشنىڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. مەن يۆتكىلىشچان پالوبىنى ئازراق كۆتۈرسەملا بۇ غايەت زور كېمىنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە كىرىپ يوشۇرىنالايتتىم.
يۆتكىلىشچان پالوبىنى ئەمدىلا كۆتۈرۈشۈمگە بۆلمىنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىدىم-دە، ئوپۇل- توپۇللا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدىم. بىر ئادەم كۈچسىز ھەم دەلدەڭشىگەن ھالدا مەن مۆكۈنگەن جاينىڭ ئۈستىدىن ئۆتتى، مەن ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىدىم، لېكىن پۇرسەت تېپىپ تاشقى قىياپىتىنى تەخمىنەن بولسىمۇ ئىلغا قىلدىم. قارىماققائۇ ناھىيىتى قېرى، ئۆلۈمتۈك ئادەمدەك قىلاتتى. چۈنكىياشىنىپ قالغان ئادەمنىڭ پۇتلىرى ماغدۇرسىز بولغاچقامەزمۇت تۇرالمايتتى ۋە تىزلىرى تىترەپ تۇراتتى. ئۇ ئۆز- ئۆزىگە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى، ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمىدىم، ئۇ بىر بۇلۇڭدىكى بىر دۆۋە كۆرۈنۈشى غەلىتە بولغان ئۈسكۈنىلەر ۋە كۆكۈرۈپ كەتكەن دېڭىز خەرىتىسى ئارىلىقىدا تىمىسقىلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتىدا 70 ياشلىق چاللارنىڭ ئەشۇ چۇس، ۋەزمىن سالاپىتى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى بۆلمىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇنى قايتا كۆرەلمىدىم.

ئىچىمدە تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان مۇرەككەپ بىر تۇيغۇ ـــ بىر خىل چۈشىنىش قىيىن بولغان ھېسسىيات پەيدا بولدى، ئىلگىرىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرىم بىلەن بۇ تۇيغۇنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمەيتتى، ئېھتىمال كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بۇ تۇيغۇنى تەھلىل قىلالماسلىقىممۈمكىن. بۇنچىلىك كاللام بىلەن كەلگۈسىگە بىر نېمە دېيەلىشىم يوق گەپ. مەن مەڭگۈ ئۇنداق تۇيغۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدىغىنىمنى بىلەتتىم. بۇ خىل تۇيغۇ شۇ قەدەر غۇۋا بولىشىغا قارىماي ئاددىي ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ تېگى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىدى. كاللامدا يېڭى بىر تۇيغۇـــ يېڭى بىر تونۇش پەيدا بولغان ئىدى.
بۇ قورققۇنچلۇق 3 ماچتىلىق كېمىگە چىققىنىمغا خېلى بولدى، ماڭا بارلىق كەلمىشلەرنىڭ باش- ئاخىرى ئاستا- ئاستا ئايان بولۇشقا باشلىدى. نېمىدېگەن قالتىس ئادەممەن-ھە! ئۇلار مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتسە مېنى سەزمەيتتى، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلەي دېسەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ بۇنداق مۆكۈۋېلىشىم ھەقىقەتەن ئەخمەقلىكتە چېكىگە يەتكەنلىك ئىدى، چۈنكى ئۇلار مېنى كۆرەلمەيتتى. باياتىن تېخى ئۆزەمچە ياردەمچى كاپىتاننىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم؛ يەنە يۈرەكلىك ھالدا كاپىتاننىڭ بۆلمىسىگە كىرىپ سىيا ۋە قەغەز ئېلىپ مۇشۇ نەرسىلەرنى يازماقچى بولدۇم، مانا يېزىۋاتىمەن. مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى يېزىشىم كېرەك. توغرا، بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە پۇرسەت بولماسلىقى مۈمكىن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بىر ئامال قىلماي بولمايدۇ-دە. بۇنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى بوتۇلكىغا سېلىپ دېڭىزغا تاشلايمەن.

باياتىن ئازراق ئىش يۈز بەردى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە ئويلاندىم. بۇ تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان تاسادىپى ماس كېلىپ قېلىشمىدۇ؟ مەن بۆلمىدىن بالدۇرلا يېنىپ چىقىپ ئىنسى- جىنغا تۇيدۇرماي قولۋاقنىڭ ئاستىدىكى بىر دۆۋە ئارغامچا بىلەن كونا يەلكەننىڭ ئارىسىدا ياتتىم. تەقدىرىمنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى ھەققىدە ئويلانغاچ ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا بىر قاراماي چوتكىسىنى قولۇمغا ئالدىم-دە، يېنىمدىكى بىر چوڭ تۇڭنىڭ ئۈستىگە رەتلىك قاتلاپ دەستىلەپ قويۇلغان قوشۇمچە يەلكەننىڭ گىرۋىكىگە خەت يازدىم. ھازىر بۇ قوشۇمچە يەلكەن كېمىنىڭ ئۈستىدە لەپىلدەپ تۇراتتى، قاراماي چوتكىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا«بايقاش» دېگەن خەتنى يازدىم......
باياتىن، بۇ كېمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىر قۇر كۈزەتتىم. گەرچە كېمىدە ھەربىيچە قوراللار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي كېمىدەك قىلمايتتى. كېمىدىكى ئەسۋاپ- جابدۇق ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن بارلىق ئەسلىھەلىرى بۇ پەرەزنى تەستىقلايتتى. بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ ھەربىي كېمە ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق كېمە ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. مەن كېمە گەۋدىسىنىڭ غەلىتە ھالىتىنى بىرمۇ-بىر كۈزىتىپ چىقتىم، ماچتا جاھازىسىنىڭ ئۆزگىچە ھالىتى، چوڭلۇقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيدىغان غايەت زور يەلكىنى، ئاددى- ساددا كېمە بېشى، قەدىمىي تۈستىكى كېمە قۇيرۇقى قانداقتۇ ئادەمگە بۇرۇن كۆرگەن بىر تونۇش نەرسىگە يولۇقۇپ قالغاندەك، ئۆتمۈشتىكى ئىشلار غۇۋا ئېسىگە كەلگەندەك، ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمىگىدەك دەرىجىدە قەدىمقى چەتئەل تارىخى ۋە ئەلمىساقتا يۈز بەرگەن ئىشلار ئېسىگە كەلگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى......

كېمە قۇرۇلمىسىغا داۋاملىق سېپ سالدىم. بۇ كېمىگە ئىشلىتىلگەن ياغاچنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، بۇ خىل ياغاچنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا ئادەم ئۇنى كېمە ياساشقا قانداقمۇ ماس كەلسۇن دەپ قالاتتى. دېمەكچىمەنكى، بۇ ياغاچلار بەكمۇ پور ئىدى، دېڭىزدا يۈرىدىغان كېمىنىڭ ياغىچى بۇنداق پور بولسا قۇرتقا يەم بولىشى مۇقەررەر ئىدى، ئۇنى دېمىگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق ياغاچ ئاسانلا چىرىيتتى. بۇ خىل قاراش قانچىلىك پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ بىلمەيمەن، بىراق بۇ ياغاچتا ئىسپانىيەنىڭ دوپ دەرىخى ياغىچىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكى بار ئىدى، ئەگەر ئەشۇ خىل ئىسپانىيە دوپ دەرىخى قانداقتۇ بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن كۆپتۈرۈلىدىغان بولسا.
يۇقۇرىقى جۈملە ئېسىمگە كېلىۋاتقاندا، تۇساتتىن ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن بىر گوللاندىيەلىك دېڭىزچىنىڭ غەلىتە بىر نەسىھىتىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئۇ ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن شۈبھىلەنگەندە « قىلچە خاتاسى يوق، كېمە گەۋدىسى دېڭىز ئىچىدە خۇددى دېڭىزچىنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش سۇغا چىلانغانسېرى شۇنچە كۆپىدۇ » دېگەن مۇشۇ گەپنى قىلاتتى......
تەخمىنەن بىر سائەتنىڭ ئالدىدا مەن بىر توپ ماتروسلارنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالدىم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمغا دىققەت قىلمىدى، گەرچە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆرە تۇرغان بولساممۇ، ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنىمنى پۈتۈنلەي بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن كېمە بۆلمىسىنىڭ ئىچىدە كۆرگەن ھېلىقى كىشىگە ئوخشاش چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن چال سىياقتا ئىدى. ھەممىسىنىڭ تىزى تىترەپ تۇراتتى، قېرىغىنىدىن دۈمچىيىپ كەتكەن بولۇپ، قورۇلۇپ كەتكەن تېرىلىرى شامالدا تارسىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى، ئاۋازى ھەم تۆۋەن ھەم بوغۇق چىقاتتى، كۆزلىرى قېرىلارغا خاس ياشاڭغۇراپ ، چاچلىرى بۇراندا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇلار دەسسەپ تۇرغان پالوبىنىڭ ھەممە يېرىدە ئاجايىپ-غارايىپ كونا پوسۇندىكى خەرىتىلەر تاشلىنىپ تۇراتتى. .....
مەن بايا تىلغا ئالغان ھېلىقى ياردەمچى يەلكەننى ئۈستىگە چىقاردىم. شۇندىن باشلاپ بۇ كېمە ناھايىتى راۋان ھالدا جەنۇپقا قاراپ ماڭىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دېڭىز لىنىيىسىدە داۋاملىق يۈرۈپ كەتتى. كېمە ماچتىسىنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچ تاجدىن تا ئاستىدىكى ياردەمچى يەلكەننىڭ خادىسىغىچە ھەممە يەلكەن تولۇق چىقىرىلدى، كېمىدىكى يەلكەن لىملىرى ھەرقاچان -ھەر زامان دەھشەتلىك دولقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇراتتى، بۇ دولقۇننى قانچىلىك قورققۇنچلۇق دېگىلى بولسا شۇنچىلىك قورققۇنچلىق ئىدى. مەن پالوبىدىن ئايرىلدىم، گەرچە دېڭىزچىلار ھېچقانداق غەيرىلىك ھىس قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۈستىدە داۋاملىق ئۆرە تۇرالمىدىم. بىزنىڭ بۇ كېمىمىزنىڭ غايەت زور گەۋدىسى بۇ يەردە دېڭىزغا چۆكۈپ كەتمىدى، قارىماققا بۇ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز بىر مۆجىزە ئىدى. بىز ھەرگىزمۇ غەرق بولۇپ كەتمەيتتۇق، پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى ھايات-ماماتلىق گىرۋىكىدە داۋاملىق ئېلىشىش ئىدى. كېمە گەۋدىسى گويا ئېقىپ كېتىۋاتقان چايكىدەك يېنىك، نىشانسىز ھالدا مىڭ ھەسسە خەتەرلىك دولقۇن ئىچىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى؛ بىپايان دېڭىز بەئەينى دېڭىز ئالۋاستىسىنىڭ ئۆزى ئىدى، غايەت زور قولىنى ئۇرىمەن دەپ ئېگىز كۆتۈرەتتى-يۇ، لېكىن پەقەت ئادەم قورقۇتۇشنىلا بىلىپ جانغا چېقىلمايتتى. مەن ئىختىيارسىز ھالدا مۇشۇنداق بىر قېتىم-بىر قېتىمدىن ئەجەلنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇشنى پەقەت تەبىئىي ئامىل ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بولىدىكەن، دەپ قارىدىم. بۇ كېمە چوقۇم بۇ قەدەر قۇدرەتلىك ئېقىم ياكى شىددەتلىك دېڭىز ئاستى ئېقىمىنىڭ كۈچى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك. ...
كاپىتاننىڭ بۆلمىسىدە ئۇنىڭغا يۈزمۇ-يۈز قارىدىم، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالغان ئادەمگە ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ھېچقانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىختىيارسىز ئەيمەندىم، ھەتتا قورقۇپ داڭ قېتىپ قالدىم. ئۇنىڭ بويى مېنىڭ بويۇم بىلەن تەڭ كېلەتتى؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا 5.8 ئېنگىلىز چىسى كېلەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى ساغلام ۋە قاۋۇل بولۇپ، ئورۇق- سېمىزلىكى ئوتتۇرىھال ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەلىتە ئىپادىگە ــــ شۇ قەدەر كۈچلۈك، شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق، شۇ قەدەر سۈرلۈك، جېنى تۇمشۇقىغا كەلگۈچە قېرىپ چېكىگە يەتكەن قېرىلىق ئىزنالىرىغا قاراپ ئىچىمدىن بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيغۇ، چۈشۈنۈكسىز كەيپىيات ئۆرلەپ چىقتى. ئۇنىڭ پىشانىسىدە قورۇق كۆپ بولمىغان بىلەن ئەمما ئەلمىساقنىڭ ئىز-تامغىسى بار ئىدى. خۈنۈك ئاق چاچلىرى ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى بولسا، توق كۈلرەڭگە مايىل يېشىل كۆزلىرى كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرەتتى. كايوتا ئىچىدىكى يەر ئۈستىدە غەلىتە تۆمۈر تۈگمە بىلەن ئىزمىلەنگەن كىتاپلار، قۇيما ئىلمىي ئەسۋاپلار زىچ دەستىلەپ قويۇلغان ئىدى، يەنە ئۇنتۇلغان ئۆتمۈشتىن قالغان كېرەكسىز دېڭىز خەرىتىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن بېشىنى تۇتۇپ كۆز ھەرىكىتى جىددىلەشكەن ھالدا بىر پارچە ھۆججەتكە تىكىلىپ تۇراتتى، مەن ئۇنى پادىشاھنىڭ قاشتېشى مۆھۈرى بېسىلغان بىر يارلىقتەك كۆردۈم. ئۇ پىچىرلاپ ئوقۇيتتى، مەن كايۇتا ئىچىدە كۆرگەن ھېلىقى دېڭىزچىدەك بىر نەچچە جۈملە چەتئەلچە گۇڭۇرلىدى؛ گەرچە گەپ قىلىۋاتقان ئادەم كۆز ئالدىمدىلا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا گويا بىر چاقىرىم نېرىدىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلاندى....
بۇ كېمە ۋە كېمىدىكى بارلىق نەرسىلەر قەدىمىي تۈستە سىرلانغان ئىدى. دېڭىزچىلار گويا ئەرۋاھتەك شەپە چىقارماي ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرۈشەتتى؛ كۆزلىرىدىن بىر خىل جىددىلىك، خاتىرجەمسىزلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى؛ ھەر تەرەپكە نۇر چېچىپ تۇرغان جەڭ چىراقلىرىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئۆتەر يولۇمنى توسۇۋالغىنىنى كۆرسەم ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر خىل غەيرى تۇيغۇغا چۆمۈلەتتىم، گەرچە مەن بىر ئۆمۈر ئاسارە- ئەتىقە بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا بالبېك⑥، تاتامو⑦، پېرسې پولىس⑧ قاتارلىق ئەشۇ ياتما ھالەتتىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ سايىسى ئورىۋالغاندا ئۆزۈممۇ بىر ئاسارە- ئەتىقە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك....
4 ئەتراپىمغا قاراپ باياتىنقى قورقۇشلىرىم ئۈچۈن خىجىل بولۇپ كەتتىم. ئەگەر مەن ئىزچىل ماڭا ئەگىشىۋالغانقۇيۇننى كۆرۈپ قورقۇپ تىترەپ كەتسەم ئۇنداقتا ئەسەبىي بوران ۋە دېڭىزدىكى بىر مەيدان ھايات- ماماتلىق ئېلىشىشقا يولۇققاندا قورققىنىمدىن جېنىم چىقىپ كەتمەمدۇ؟ پەقەتلا قۇتراڭغۇ قۇيۇن ۋە بوران- چاپقۇن دېگەن بۇ سۆز بىلەن بۇ خىل ھايات- ماماتلىق ئېلىشىشنى تەسۋىرلەش ئىنتايىن ئاددى بولۇپ قالىدۇ، يەنى بۇ بىرجايىغا چۈشمىگەن سېلىشتۇرۇشتۇر. كېمىنىڭ تېشىغا قارىسىڭىزلا ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇلۇق بولۇپ، قولنى ئۇزاتسىڭىز 5 بارمىقىڭىزنى كۆرەلمەيسىز، يەنە ئەلمىساقتىن بېرىقى تۇماندا كۈمۈش دولقۇنلۇق دېڭىز سۈيىنى كۆرەلمەيسىز؛ كېمىنىڭ ئىككى بىقىنىدىن بىر دېڭىز مىلى يىراقلىقتا پات-پات ئىنسى- جىن يوق بوشلۇقتا چوقچىيىپ تۇرغان مۇزتاملارنى غۇۋا كۆرەلەيسىز، قارىماققا ئۇ كائىناتنىڭ قورغىنىغا ئوخشايتتى......
مۆلچەرىمگە قارىغاندا، بۇ كېمە ناھىيىتى ئېنىقلا ئېقىمغا ئەگىشىپ يۈرىۋاتاتتى ـــــ مۇبادا ئاق مۇزلارغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ قاتتىق گۈركىرەۋاتقان، يەر- جاھاننى ئۆرىۋەتكىدەك شاۋقۇن چىقىرىپ جەنۇپقا ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان بۇ دولقۇننى ئېقىم دېگىلى بولسا.....
قارىماققا ئىچىمدىكى بۇ خىل ئالاقزادىلىكنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى؛ مۇبادا كاللام پۈتۈنلەيقۇرۇقدىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن يەنىلا قاتتىق ھەيرانلىق ئىلكىدە بۇ قورقۇنچلۇق رايوننىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىرىغان ۋە بۇ ئەڭ ھالاكەتلىك مەنزىرىگە قاراشقا رازى بولغان بولاتتىم. كېمىمىز ئېنىقلا كىشىنىڭ ھەيرانلىق تونۇشىنى ئاشۇرۇپ مەڭگۈ بىلگىلى بولمايدىغان سىر مەنزىلى- ئۆلۈم يولىغا تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى. بەلكى بۇ ئېقىم بىزنى جەنۇبىي قۇتۇپقا ئېلىپ كېتىۋاتقاندۇ. ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ پەرىزىم بىمەنىدەك قىلغان بىلەن، لېكىن راست بولۇپ چىقىشىنىمۇ پۈتۈنلەي چەتكە قاققىلى بولمايتتى......
ماتروسلار پالوبا ئۈستىدە دەڭدەڭشىگەن ھالدا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ ئەمما ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئۈمىتسىزلىككە تولغان تاتىراڭغۇلۇق ئەمەس بەلكى ئۈمىتكە تولغان بىقارارلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
بىر چاغدا بوران بۇرۇنقىدەكلا كېمە قۇيرۇقىغا ئۇرۇلدى، يەلكەنلەر تولۇق چىقىرىلغاچقا كېمە پات-پات دېڭىز يۈزىگە ئۆرلەپ چىقاتتى! ياپىر! قورقۇنچنىڭ قاتلىمى نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! بىردىنلا ئوڭ تەرەپتىكى مۇزتام يېرىلدى، سول تەرەپتىكى مۇزتاممۇ يېرىلىپ بېشىمىز قېيىپ، كۆزلىرىمىزئالاق- جالاق بولغىنىچە چوڭلۇقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيدىغان قاينامنىڭ گىرۋىكىدە پىرقىراشقا باشلىدۇق. كۆلىمى غايەت زور دۈگىلەك تىياتىرخانىنىڭ تۆت ئەتراپى پىرقىرا- پىرقىرا زادى توختىمايتتى، تىياتىرخانىنىڭ تام- تورۇسى قاراڭغۇلۇق ۋە يىراقلىقتا كۆرۈنمەيتتى. بىراق مەن ئۆز تەقدىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم! قاينام بىردىنلا كىچىكلىدى ــــ بىز شىددەت بىلەن قاينامنىڭ ئالۋاستى ئالقىنىغا چۈشۈپ پىرقىرىدۇق ــــ دېڭىز ۋە بوراننىڭ قاتتىق نەرە تارتىپ گۈركىرىگەن، ھۇۋلىغان سادالىرى ئىچىدە كېمە قاتتىق تەۋرەندى ـــــ ياپىرىم! كىممۇ ئويلىسۇن ـــــ شۇنىڭ بىلەن كېمە ئاستا-ئاستا چۆكۈشكە باشلىدى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
1 ئەسلى تېكىستى فىرانسۇزچە.
2 كېنو (1635-1688)، فىرانسىيەلىك دىرامماتورگ، يۇقارقى تېكىست ئۇ 1674-يىلى يازغان ئوپېرا «ئاتىس»تىن ئېلىنغان.
③بۈگۈنكى جاكارتا پورتى.④ھېندوزىيە دېڭىز بويىدىكى ئاساسلىق تاقام ئاراللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ⑤ھىندونوزىيەدىكى ئەرەپ دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى ئارال.⑥سۈرىيە لىۋاندىكى قەدىمىي بال شەھىرى. ⑦سۈرىيىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان قەدىمقى شەھەر، مىلادى 273- يىلى خاراپ بولغان.⑧قەدىمقى پارىس شەھىرى، مىلادى 330- يىلىدىن بۇرۇن ئىسكەندەر ماكادونسكىي تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان. ھازىرمۇ يۈز تۈۋرۈكلۈك ئوردا خارابىسى بار، ھازىرقى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىگە يېقىن.

(1833-يىلى)
خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۈنى نەشر قىلىنغان «چەتئەل نادىر ھېكايىلىرى قامۇسى- ئاللان پوئې» ناملىق كىتاپتىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 12:38  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-23 00:33:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئەسەرلىرىڭنى ئوقۇتۇپ، چۈشەندۈرۈشكە مەن چىقمىسام بومىغۇدەك ئەندى. بۇ يەردە زايا بولمىسىلا بولاتتى.

ۋاقتى: 2015-9-23 00:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئاللان پو (1809−1849) بوستوندىكى بىر جاھانكەشتى سەنەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئائىلىسىنى قامداش تەسكە چۈشكەنلىكتىن ھاراقنى بۇلىشىغا ئىچىپ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئىز-دېرىكى بولمايدۇ. «بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ» دېگەندەك، ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسىمۇ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. يار-يۆلەكسىز قالغان ئاللان پو، ئاللان پو خانىمنى  ياخشى كۆرىدىغان باي بىر سودىگەر تەرپىدىن بېقىۋېلىنىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تەربىيىگە ئېرىشىپ، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لېكىن، ھاراقكەشلىك ۋە خىزمەتتىكى بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە مەكتەپتىن قوغلىنىدۇ.
     ئۇ، ھەربىي مەكتەپتىن قوغلانغاندىن كېيىن، ئۇزاققا سوزۇلغان يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. شېئىر، ھېكايە، شۇنىڭدەك ئەدىبىي ئوبزورلارنىمۇ يازىدۇ. ئۇ، گوت ئۇسلۇبىدىكى ۋەھىمىلىك ھېكايىلەرنىڭ ناھايىتى بازار تاپقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭا، دىققىتىنى بۇ تەرەپكە قارىتىدۇ ھەمدە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىجادىيەتتە قىڭغىر يولغا مېڭىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا، ئاللان پو خۇسۇسىي تۇرمۇشىدا بەخىتسىزلىككە ئۇچىرايدۇ. 1835-يىلى، نەۋرە سىڭلىسى بىلەن بەخىتلىك ھالدا توي قىلىدۇ. لېكىن، ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئامراق ئايالى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۈن بويى ھاراق ئىچىپ قايغۇسىنى باسماقچى بولىدۇ. 1849-يىلى، بالتىموردا يەنە ھاراققا بېرىلىپ كېتىدۇ. بىر قېتىملىق قاتتىق سەرخۇشلۇقىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ئاجايىپ تالانتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە ئۆتكۈنچى غېرىبلىق باسقان ھاياتىنى باشلايدۇ.
     ئۇ، 1846-يىلى، «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى ئوبېكتىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەمەس، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەشمۇ ئەمەس، مەلۇم ئالاھىدە كەيپىياتنى يارىتىپ كىشىلەرگە گۈزەللىكتىن بەھر ئالدۇرۇش؛ سەنئەت ساپ سۇبيېكتىپ تەپەككۇرنىڭ ئىپادىلىنىش جەريانى، دەپ قارايدۇ. ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، شېئىر يېزىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شېئىرلىرى ھەمىشە ئۇنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىق كەيپىياتىنى چىقىش قىلىدۇ، غەلىتە ئاجايىپ-غارايىپ، كېسەللىك ھالىتىدىكى ھادىسلەرنى تەسۋىرلەپ يازىدۇ ياكى ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت، مەيۈسلۈك، چۈشكۈنلۈك تۈسىنى ئىپادىلەيدۇ.
     30-يىلاردىن باشلاپ، ئۇ پروزا ئەسەرلىرى يېزىشقا كىرىشىدۇ. 70 پارچە ھېكايە يازىدۇ، كېيىنچە ھەممىسىنى «غەيرىي بايانلار» توپلىمىغا كىرگۈزىدۇ. بۇ ھېكايىلەرنى ئاساسەن مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىر تۈردىكىسى، ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر، ئالايلۇق «ئۇشېر قەدىمىي  كەپىسىنىڭ ئۆرىلىشى»، «قارا مۈشۈك» قاتارلىقلار؛ يەنە بىر تۈردىكىسى، ئەقلى خۇلاسە ھېكايىلىرى، ئالايلۇق «مورگې كوچىسىدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى»، «سېرىق قوڭغۇز» قاتارلىقلار. بۇ ھېكايىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇ ھۆرمەتلەيدىغان «گوت ئۇسۇلۇبىدىكى ھېكايە» ئىدى. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى، تۈس تۇتۇق، كەيپىياتى قورقۇنۇشلۇق، تەپسىلاتلىرى بىمەنە، ئوبرازلىرى كېسەللىك ھالتىدە بۇلۇپ، ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ئۆزگىچە، ئۈمىتدسىزلىك ۋە سىرلىق تۈسكە تولغان. دائىم ئەسەرلىرىدە جىنايەت، ئۆلۈم، خاراپلىق ۋە بىنورمال پسىخىكا ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىدۇ، «رەزىللىك ئەسلى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىپتدائىي  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» دەيدىغان بىر خىل تېمىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ.
     «ئۇشېر قەدىمىي كەپىسىنىڭ ئۆرىلىشى» بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش ئۈچۈن، ئاپتور ھېكايە باشلىنىشى بىلەنلا ئۈنۈملىك سېلىشتۇرما ئېلىپ بارىدۇ. تام-سېپىللار، قۇرىغان كاۋچۇك دەرەخلىرىدىن، سۈرلۈك ئورمانلىقتىكى تىنىق كۆلگىچە، ھەمدە بۇ جىمجىت مەنزىرىلەردىن تارقىلىپ چىققان زەھەرلىك تۇمانلارغىچە كىشىلەرگە بىر خىل  مەيۈسلۈك، ئىچى سىقىلىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، تامدىكى ئەگرى-بۈگرى، قالايمىقان يېرىقلار كىشىلەرگە ھېكايە ماۋۇسىدىكى «ئۆرۈلۈش» دېگەن بىر سۆزنى تېخىمۇ ئېسىگە سالىدۇ. ئاپتور، بىر قاتار ئالاھىدە سەھنە ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر خىل  كۈچلۈك شۇملۇق ئالامىتى تارقىتىدۇ.
     لېكىن، قەسىر-سارايلاردىكى مەنزىرە-كۆرۈنۈشلەر كىشىنىڭ دېمىنى سىقىدۇ. تۆت تامدىكى قارىداپ كەتكەن،  ۋەيرانە ئائىلە سايمانلىرى كىشىلەرگە ئۇنىڭ ئاخىر زامان كۈنى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ساراي خوجايىنى لودرېد، ئائىلىنڭ يالغۇز پەرزەنتى، شۇنداقلا بۇ جەممەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى. بۇنداق تەنھالىق كىشىلەرگە قۇيۇق ھالاكەت تۇيغۇسى بېرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن كېسىلى، ئۇلارنىڭ ئەك ئاخىرقى ئۆلۈكنى تىرلدۈرۈش ئۈمىدىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
     بۇ ھېكايىدە، ئاساسلىقى بىر خىل ۋەھىملىك ئۈنۈم يارىتىلغان، شۇڭا ھېكايىدىكى بارلىق قۇرۇلما ئاممىللىرى، مەسىلەن: ۋاقىت، ئورۇن، پېرسوناژ، تەپسىلات، كەيپىيات ۋە يېزىش ئۇسۇلۇبىنىڭ ھەممىسى بۇ خىل مۇددىئانى چۆرىدەپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. بىر قاتار گەۋدىلەندۈرۈش ۋە روشەنلەشتۈرۈشلەردىن كېيىن، ھېكايە ئاخىرىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلىدۇ− مادېلىڭ ناھايىتى ۋەھىملىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ، قەسىر-سارايلار گۆلدۈر-قاراسلاپ غۇلاپ چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتورنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.
ئەقلى خۇلاسە ھېكايىلىرىمۇ ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، لېكىن ئۇنىڭ ۋەھىملىك ھېكايىلەردە تەرغىپ قىلىدىغان ۋەھىمىلىك پسىخىكىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەقلى خۇلاسىلىك ھېكايىلەردە، ئۇ ئىشتىن سىرتقى بىر رازۋىتچىك بولۇپ، دوبىڭنىڭ ئوبرازىنى تۇقۇپ چىقىرىدۇ. باش قەھرىمان ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆزىنى جىنايەتچىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، جىنايەتچى ئۆز جىنايەتلىك ئىشلىرىدىن ئەقلى خۇلاسە چىقىرىدۇ. جىنايەتچىنى ئۆزىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى بوينىغا  ئالمىسا بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ، ئاندىن يەنە گەپدانلىق قىلىپ جىنايەتچىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرگۈزىدۇ. بۇنداق بايان قىلىش ئۇسۇلى، ئاساسەن كېيىنكى 100 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان رازۋېتكا ھېكايىسىنىڭ ئەنزىسىنى شەككىللەندۈرىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئاللان پونى ھازىرقى زامان رازۋىتكا پروزىچىلىقىنىڭ بوۋىسى دېيىشكە بولىدۇ.
     ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچۇق-ئاشكارە ھالدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپى «ھەزىلنى ئەپسانىۋىيلىككە كۆتۈرۈش، قورقۇنۇشنى ۋەھىمىگە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەقىل-پاراسەتنى كۆپتۈرۈپ مۇبالىغىلەشتۈرۈش، ئاجايىپ-غارايىپلىقنى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ۋە سىرلىق قىلىش» دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ۋە ئەمەليىتى غەرىب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، ئۇ غەرب مۇدېرنىزم شېئىرىيىتى ۋە مۇدېرنىزم پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

---
: ساقلانما ماتېرىيالىللىرىمدىن.
---
(ئەركىن نۇر تەيياللىغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 00:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-23 00:56:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم،ھېيتتىكى كۈنلەردىن پايدىلىنىپ پوئېنىڭ ھېكايىلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى يەنە ئويلىشىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-9-23 11:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش