(17-سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدا «دۆلەت بايرىمى، ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە قۇربان ھېيتنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن ئوقۇرمەنلەر چاي سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلدى، بۇ شېئىر يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلغان بولۇپ، مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر مېنىڭدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرەتلەر يوللانماي قالدى، ئۆزرە!)
نەزەرنىڭ سالىمى
(«ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن)
ھەممىمىز جەم بوپتۇق تەكلىپ بىلەن،
پولۇ، كاۋاپسىز بۇ «غورىگۈل» چايغا.
لېكىن چېھرىمىزدە يالتىرار بىر نۇر،
خۇشلۇقىمىز تەڭ چىقاندەك ئايغا.
تونۇشمىغانلار تونۇشىۋالدۇق،
كۆرۈشمىگەنلەر كۆرۈشىۋالدۇق.
ئىرپان، كىتابلارھەققىدە،
ئۆز-ئارا كۆڭلىمىزدىكىنى تۆكۈشىۋالدۇق.
قەلبتىن قەلبكە تۇتاشتى يوللار،
كۆڭۈللەرنى چاتتۇق، قانغۇچە سىردىشىۋالدۇق.
سانىساق چاينىڭ تۈرى بەكلا كۆپ،
داستىخان چېيى،
گۈلچاي،
دوستلار چېيى،
قاتار چاي...
جىقلىقىدىن قايسى بىرىنى ئاتاي؟
تۈرلۈك يىمەك بولسىمۇ بەك مول،
ئەمما كۆپىدىن قۇرغاق ھېد چىقار.
بىلىم قانداق،
جاھان نەدە؟
بولۇنمايدۇ بۇنىڭ پارىڭى.
كىمنىڭ كىيىمى ياراشتى،
كىمنىڭ كەينىدىن كىم قاراشتى؟
سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى بۇندىن ھالقىماس،
(ھەممىمىزگە ئېنىققۇ؟)
بۇنداقلارنى دەيمىز جاھان سارىڭى!
بىراق بۇ چاي ئاڭا ئوخشىماس،
چېچىلىدۇ بۇندىن يورۇقلۇق، زىيا.
جېنىغا مىڭ جان قوشۇلار،
بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتناشقان تۇرماق-
ئاڭلىغاننىڭمۇ ئىشىكتىن قىيا...
«ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت چېيى»دا،
بەك جىق ئىدى دەيدىغانلىرىم.
ھاياجىنىم پاتماي ئىچىمگە،
تۇنجۇقتى ئەمما قالدى سۆزلىرىم.
ئۇستازلار، رەھبەرلەر، كىتاب ئاشىنالىرىغا،
يەتسۇن، چالا دېمەڭلار، مۇشۇ سالىمىم!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-22 19:30