كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 3

ئەنۋەر جۇلا(ت): مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق ۋە سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
7-باپ
مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق ۋە سوبيېكتىپ مەۋجۇتلىق
ــــــــ ئىنسان بىلىشىنىڭ چەكلىمىلىكلىگى

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

   پەلسەپە بىر خىل ئالاھىدە تەپەككۈر پائالىيىتى، پەلسەپىنىڭ ئوبيېكتى مۇتلەق، پەلسەپىنىڭ تارىخى مۇتلەق تارىخنى قوغلىشىشتۇر. ـــــ گېگىل

ئەگەر «بىز ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل مەۋجۇتلۇق بارمۇ-يوق؟» دەپ سورالسا ئۇنىڭ جاۋابى شەك-شۈبھىسىزكى، «ھەئە»دۇر. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىنى ھەقىقى بىلىشى ۋە ئۇنى دەل جايىدا ئىپادىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش.
ئىنسان بىلىشىنىڭ چەكلىكلىگى بىلىشىمىزنىڭ پەقەت شەيئىنىڭ بىر باسقۇچى، بىر تەرىپى ئىكەنلىگىنى بەلگىلەيدۇ، بىلىشىمىزنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولغىنى ئاتالمىش «مۇستەقىل مەۋجۇت»لۇقتۇر. شۇڭلاشقىمۇ كىشىلەر ھەمىشە يۈزەكىي تەرەپلەر ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىپ، ئاندىن ئۇنى بۇ ئوبيېكتىپ بولماي قالدى، ياكى خاتا بولۇپ قالدى، دېيىشكە ئامراق.
مەسىلەن، يەردە تۇرۇپ جاھانغا قارىساق، جاھاننىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرىمىز؛ تۈمەن گەز ئېگىزلىكتىكى ئايروپىلاندىن پەسكە قارىساق، يەر يۈزىدىكى دۇنيا نېپىز بىر قەۋەت توپا-چاڭدەك كۆرۈنىدۇ. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىنسان تۇنجى قېتىم ئايدا دەس تۇردى. ئاي شارىدا تۇرۇپ يەر شارىغا قارىسا يەر شارى كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان كۆك رەڭلىك «چوڭ ئاي»دەك كۆرۈنىدۇ، يەنە كېلىپ، بۇنداق تەجرىبىۋىي سېزىم ۋە ئۇقۇملاشقان بىلىشنى يەرشارىدا تۇرۇپ مەڭگۈ شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا ئاينىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ ئايغا قارىغاندا ئاينىڭ قاپقاراڭغۇ، سوغۇق، قاقاسلىق ۋە  تېپ-تېنچ  تەجرىبىۋىي سېزىمى بىلەن ئۇقۇملاشقان بىلىشىنىڭ يەر شارىدا تۇرۇپ قارىغاندىكى ئاۋۇ يوپيورۇق تەجرىبىۋىي سېزىمى ۋە ئۇقۇملاشقان بىلىشى بىلەن ئاسمان–زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
«ئادەمنىڭ چەكلىمىلىكلىگى» ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. مەسىلەن، ئالەم چوڭ پارتلاشتىن ئىلگىرى نېمە ئىدى، ئۆلگەندىن كېيىن روھ بولامدۇ-يوق، ۋاھاكازالار. كېيىن بۇنداق مەسىلىلەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلىقى تۇساتتىن بايقالدى، چۈنكى ئىنساندا ئۇنداق مەسىلىلەرنى ئويلاپ يېتەلىگۈدەك ئىقتىدار تۈپتىن يوق ئىدى. ئىنساننىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى تەبىئىيلا لوگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «سەۋەپ» ۋە «نەتىجە» ئۇقۇمى بولمىسا بىز پىكىر قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز. لېكىن ئىنساننىڭ پىكىر قىلىشى يەنە بىر شەرتكە مۇھتاجتۇر ، ئۇ بولسىمۇ سېزىش. مەيلى بىز قانداقراق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئىجات قىلايلى، ئەڭ ئاخىرى بىز قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى سۈرەت، ئاۋاز، پۇراق، بېسىم كۈچى، بېسىم كۈچىنىشى دېگەندەك ئىنساننىڭ تەبىئىي سېزىمىگە ئايلىنىدۇ. ئاتالمىش پىكىر قىلىش دېگىنىمىز سېزىشتىن كەلگەن «ماددىي ماتېرىيال»نى «لوگىكا»لىق پىششىقلاپ ئىشلەشتۇر.
شۇڭا، چوڭ پارتلاشتىن بۇرۇنقى ئالەم قانداق ئىدى؟ دېگەندەك بۇنداق مەسىلىلەردە، چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىنى توغرا دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ، چوڭ پارتلاشتىن بۇرۇن ۋاقىت تېخى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى دېسەك، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئاشۇ يەردە ئۈزۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۆلگەندىن كېيىن روھ بولامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە، مەسىلە ئۇ نەرسىنىڭ روھ ياكى روھ ئەمەسلىكىنى قانداق ھۆكۈم قىلىپ ، قانداق كۈزىتىش ئېلىپ بېرىشتا ئىپادىلىنىدۇ. روھ ئۆزى زۇۋان چىقىرىپ مەن شۇ دېمىسە، بىز ئۇنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز.  بۇنداق مەسىلىلەردە بىرسى لوگىكا كارغا كەلمەيدۇ، تۈپتىن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، يەنە بىرسى كۈزىتىش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، «ماددىي ماتېرىيال» يوق. بۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ئويلاشقا  ئىنساننىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق، ئىنساننىڭ بىلىش سەۋىيىسى شۇ يەردە توختاپ قالغان.
ئىنساننىڭ بىلىشى چەكلىك. دېكارتنىڭ «ئويلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» ئىدىيىسىدىن كانتنىڭ «قەلب ئۇسۇلى»غىچە بولغان سوبېكتىپلىقتىن بىلىشنىڭ سوبېكتىپ بولىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ، يەنى، بارلىق بىلىشتە سوبېكتىپلىقنىڭ قاتنىشىشى ۋە ھاسىللىشى بار. بۇنداق ئاشكارىلىنىش پەلسەپىدە ئىنتايىن مۇھىم تونۇشلوگىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە.
دۇنياغا نىسبەتەن،  ئۇنىڭدىكى بارچە مەۋجۇتلۇقنى مۇنداق ئىككى ساھەگە ئايرىشقا بولىدۇ، يەنى، مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق ۋە سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق. سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق دېگەندە ئادەمدىكى ئاڭنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتسە، مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق دېگىنىمىز ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئوبيېكتىپ چىنلىقنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ ئېڭى سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقتۇر. ئادەم تېنى ئۇنىڭ ماددىلىقى سەۋەبىدىن مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقتۇر، شۇڭا ئادەم چوقۇم دۇنيا ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئادەمدە ئاڭ بولغانلىقى سەۋەپلىك ئادەم سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقتۇر. ئادەمدە ئاڭ بار، شۇڭا ئادەم سوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقتۇر. ئاڭ سوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە گەرچە ئادەم تېنىنى بۇ خىل مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇستەقىللىقنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
بارلىق بىلىشلەر تاشقى دۇنيا تەمىنلىگەن ئوبيېكىتقا تايىنىدۇ، تاشقى دۇنيا تەمىنلىگەن ئوبېكىتتىن ئايرىلسىمۇ بىلىش بولمايدۇ. ھالبۇكى، تاشقى دۇنيا تەمىنلىگەن ئوبېكىتلار ئادەمنىڭ مېڭىسى ئىچىدە كۆرۈنگىنىدەك بولىدۇ، يەنى سوبيېكتىپ ھالەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلىدۇ، شۇڭا سوبيېكتىپ ھالەتتىن ئايرىلغاندا، بۇنداق بىلىش ھالىتى شەكىللىنەلمەيدۇ. شۇڭا، بىلىش ئاڭنى ئىلغاپ زۆرۈرىيەتسىز ئاڭ ئۇسۇلىدىكى بىلىشكە كىرەلمەيدۇ.
مەسىلەن، سۇ بىزگە سوغۇقلۇق سېزىمى ۋە تونۇشىنى بەرسە، ئوت قىزىقلىق سېزىمى ۋە تونۇشىنى بېرىدۇ. بۇ يەردىكى سوغۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق سېزىمى ياكى تونۇشى سۇ بىلەن ئوتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەبىئىي مەۋجۇت ئوبېكىتنىڭ فىزىكىلىق ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ تېگىش سېزىمى، نېرۋىسى، چوڭ مېڭىسىنىڭ تەجرىبىۋىي سېزىمىنىڭ سوبيېكتىپ ئۇسۇلى بىلەن، شۇنداقلا ئۇقۇملاشتۇرۇپ بىلىشنىڭ سوبيېكتىپ ئۇسۇلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.  مۇبادا نېرۋا يوللىرى مەست قىلىۋېتىلىپ ياكى كېسىۋېتىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، سۇنىڭ سوغۇقلىقى بىلەن ئوتنىڭ قىزىقلىق تەجرىبىۋىي سېزىمىمۇ غايىپ بولىدۇ.
شۇڭا، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە بىلىمى نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەجرىبىۋىي سېزىم بىلەن ئۇقۇملاشقان تونۇشنىڭ ھاسىلاتىدۇر، بۇ يەردە تەبىئىي مەۋجۇتلۇق بىلەن قەلب سوبېكتىۋلىقىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت ئىنسان قەلبىنىڭ ھامان ئۆز بەدىنىگە تايىنىپ مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقنى قوبۇل قىلىپ، تەجرىبىۋىي سېزىم بىلەن ئۇقۇملاشقان بىلىشنى شەكىللەندۈرۈشنى بەلگىلەيدۇ. روھنى تەندىن ئايرىۋېتىش ئۇسۇلى بارلىق تەجرىبىۋىي سېزىم بىلەن ئۇقۇملاشقان تونۇشنى يوقۇلۇش گېردابىغا ئاپىرىدۇ.

ئۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىنساننىڭ بىلىشى ھامان چەكلىك بولىدۇ، ھەمدە ئىنسان ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى تونۇيدىغان چەكلىمىلىكتە تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت كۆپ تەرەپلىمە پىكىر قىلغاندىلا ئاندىن چەكلىمىلىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئىنسان ئۆزلىكىنى تاكاممۇللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

دەرس ھاسىلاتى
ئىنسان تەپەككۈرى مانا شۇنداق، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا بۇمۇ ئىنساننىڭ بىر بىچارە تەرىپى. نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن، ئارېستوتېل ئىككى ئوخشاش شەكىلدىكى، ئەمما ئېغىرلىقى ئوخشىمايدىغان جىسىمنى ئوخشاش بىر ئىگىزلىكتىن بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنگە تاشلىسا بىرلا ۋاقىتتا يەرگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. نەچچە ئەسىردىن كېيىن، گالېلىي نۇرغۇن خۇراپىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ نادانلىقى ۋە ئاتالمىش جاھىل «ئېتىقاد»ىنى كۈكۈم تالقان قىلدى. بۇنداق ھەقىقىي مىساللار ھەددى-ھېساپسىز. ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى «تەجرىبە» دېگەن بۇ يولغا كىرگەنىكەن، چوقۇم ئۆزى چىقارغان يەكۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئاغدۇرىدۇ، ئەگەر خۇراپىيلىق مەلۇم خىل پىكىر قىلىش مىتودى بولسا ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ لەھىتىنى ئۆزى كولايدۇ!

«ئەڭ-ئەڭ مۇكەممەل خارۋارد پەلسەپە دەرسى»دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-22 19:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-22 13:24:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت،داۋامىنى يوللاپ تۇرارسىز.بىزدە پەلسەپەگە دائىر ماتىرياللار بەكلا كەمچىل بولىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-22 16:10:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلىسەپىگە بولغان تۇنۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەجىر قىلىۋاتقان ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-9-25 11:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى  پەلەسەپە نامراتلىغى  ئىجاديەتىكى بوغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرسى . بىراق ئەھمىيەتسىز يازمىلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ  مۇشۇنداق ياخشى يازمىلاردىن بەھىر ئالىدىغانلارنىڭ ئاز بولۇشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش