دىل بايان
(تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن)
نەچچە كېچە ئولتۇردۇم ئىچىمدىكى سۈكۈتتە،
يامغۇر ياغار توختىماي كۆزۈمدىكى ئاسماندىن.
تالاي قىتىم ياتلاندى تىلىمدىكى بىر تال سۆز،
‹‹ئاشىقلىققاداۋا يوق›› قەدىم-قەدىم زاماندىن.
كۆكتە ئۈزەر تۇلۇنئاي خىيالىمدەك سەرگەردان،
نىمە ئانچە كۆپ دەرد بۇ، ئالمىچىلىك يۈرەكتە.
ئۆتمۈشۈمنىڭ كەلگۈسى ھەر نەرسىگە ئويۇلغان،
كۆپتىن بىرى زارىقىپ مەن تەلمۈرگەن تىلەكتە.
تارىتماسلىققا چارە يوق، ئەيتماسلىققا باھانە،
پۇچىلانغان بۇ قەلبىم بىر ئايالغا يىلىنغان.
چاقىرغاندەك ئۆلۈمۈم ئۆچەي دېدى ئۈمىدمۇ،
ئەسلى مىنىڭ ھاياتىم مۇھەببەتكە تىۋىنغان.