پەلسەپەگە كىرىش
روگېر پول دىرويىت [فىرانسىيە]
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
روگېر پول دىرويىت: فىرانسىيەنىڭ بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپى. «دۇنيا گېزىتى» «كىتاپ ئوقۇش مەخسۇس سانىنىڭ مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى. دىرويىت بۇددا دىنى ئىدىيىسى تەتقىقاتى، غەرپ قەدىمقى پەلسەپىلىرىنى قايتىدىن شەرھىلەش، پەلسەپىۋى ئىدىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپى قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى مۇنەۋۋەر تۆھپىلەرنى قوشۇپ، 2004-يىلى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرەپ بىلەن چەۋەندازلار ئوردېنىغا ئېرىشكەن.
ئاپتور بېغىشلىمىسى:
ئۆزىگە سۇئال قويالايدىغان، ئەمما جاۋابىدىن رازى بولمايدىغان بارلىق قىزلار ۋە يىگىتلەرگە بېغىشلايمەن.
مۇندەرىجە
1- چىن ئىدىيە ئىزدەش
2- دانىشمەنلىكمۇ، ئالىملىقمۇ
3- سۆزلەر يولى
4- نۇرغۇن ئەركىنلىك يولى
نېمە ئۈچۈن بۇ كىتاپنى يازدىم؟
پەلسەپە ئادەمنى قورقىتىدىغان بىر سۆز. كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇرەككەپلىگىدىن سۈر باستۇرىدىغان مەسىلىلەرنى، بىر قىسىم تېپىشماقتەك سۆزلۈكلەرنى، ھەتتا بىر قىسىم كىتاپلارنىڭ ماۋزۇلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىمۇ ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ. پەلسەپە ئالاھىدە بىر دۇنيا، ئاز ساندىكى بىر نەچچە مۇتەخەسىسكە قالدۇرۇلغان تېررىتورىيە، بەلكى ئۇلار تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن مېھمان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەممە كىشىگە يۈزلەنگەن بىر پائالىيەت ئەمەس. لېكىن، كىشىلەر مۇشۇنداق ئويلىسا خاتالاشقان بولىدۇ.
چۈنكى ھەممە ئادەم، بولۇپمۇ بالىلار، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە باشقا تۈپكى مەسىلىلەرگە سۇئال قويالايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ھەر بىر ئادەمدە ئويلاش، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى بولىدۇ، ھەمدە ئوي-پىكىرلىرىنى تەشكىللىيەلەيدۇ. پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندا باشقا ھەرقانداق ئۇسۇلنىڭ ھاجىتى يوق: بىر قىسىم مەسىلىلەر، ئويلاش ئىقتىدارى بولسىلا كۇپايە.
بىراق، كىشىلەر بەك تېزلا خاتىرجەم بولۇپ قالسىمۇ شۇ ھامان باشقا بىر تۇزاققا دەسسەيدۇ. پەلسەپە بۇنداق ئاددىيلىشىپ كەتسە ھەممە كىشى ئۇنى قولىنى ئۇزىتىپلا ئالالايدۇ، بۇنداق ئاددىي بولۇپ قالسىمۇ ئۇ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، گويا نەپەس ئالغاندەك، ئەتىگەندىن كەچكىچە، ھەتتا بىلىپ-بىلمەي. ئەگەر كىشىلەر مۇشۇنداقلا ئويلايدىكەن، يەنە خاتالاشقان بولىدۇ.
پەلسەپە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئۇپرىتىدىغان پائالىيەت ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزلىكىدىن، سىتىخىي ھالدا پەيدا بولىدىغان پائالىيەتمۇ ئەمەس. كىشىلەر ئوخشىمىغان قاتلاملاردا پەلسەپىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ، مەسىلەن، مۇزىكا، تەنتەربىيە ياكى ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق. كىشىلەر دەسلەپكى ئۆگەنچى بولالايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولالايدۇ، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار ياكى كەسپىي زات بولالايدۇ.
مۇھىمى ئوبدانراق كىرىشىپ، پەلسەپىگە بولغان خامخىياللارچە، بىرتەرەپلىمە ياكى مۈجىمەل چۈشىنىۋېلىشتىن يىراق تۇرۇشتۇر. بۇ دەل بۇ كىتاپنىڭ ئاساسىي مەقسىدى: كىشىلەر ئېيتقان «پەلسەپە»نىڭ بىر پۈتۈنلىگى ۋە كۆپ خىللىقى توغرىسىدا ئەڭ ياش دەسلەپكى ئۆگەنچىلەرگە بىر خىل چۈشىنشلىك، دەل- توغرا ئىدىيە بىلەن تەمىنلەشتۇر.
ئىشىنىمەنكى، بۇ كىتاپچە بۇ خىل پائالىيەتنىڭ زادى نېمىلىگىنى چۈشىنىشكە يول ئالغان ئاشۇ ئوغۇل-قىزلارغا ھەقىقىي ئەسقاتىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل مەنىۋىي پائالىيەت بىر خىل پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىق، ھەيرانلىق ۋە ئەركىنلىك بۇلىقىدۇر.
ئالدى بىلەن بىر نۇقىنى تەكىتلەي، سەل تۇرۇپ مەن 16 ياشقا كىرگەن قىزىم بىلەن دىئالوگ قانات قانات يايدۇرىمەن، بەلكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان ئوقۇرمەنلىرىممۇ ئىنتايىن ئوڭايلا بىزنىڭ دېيالوگىمىزنى چۈشىنەلەيدۇ. بۇ ئۆمرۈمدە مەن بەزىبىر پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىدىم، تەتقىق قىلدىم ھەمدە بۇ ئەسەرلەر توغرىسىدا تەقرىز يازدىم. مەنمۇ ھەمىشە بىر قىسىم ھايات پەيلاسوپلار بىلەن بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇرىمەن. ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە پەلسەپە ساھەسىدىكى كىتاپ بايلىقىغا بىر نەچچە كىتاپ يېزىپ تەقدىم قىلدىم.
شۇنداقلىقىغا قارىماي پەيلاسوپلارنىڭ كۆپ خىللىقى سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدە شەكىللەنگەن ئاجايىپ، ئىشەنگۈسىز، كۈتمىگەن يەردىن چىقىدىغان ئىدىيەلەر سەۋەبىدىن، بەزىبىر تەھلىللەردىكى دانالىق ۋە ئىنچىكىلىك سەۋەبىدىن، كاللىدىكى دۇنيا ئىچىدىن چىققان پەۋقۇلئاددە ئەركىنلىك سەۋەبىدىن ھەمىشە قاتتىق ھەيران قالىمەن. بۇلاردا ھەرقانداق مۇھاكىمە توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ، ھەرقانداق مۈمكىنچىلىك چەكلەنمەيدۇ، ھەرقانداق تەنقىتمۇ ئايرىۋېتىلمەيدۇ.
ئىدىيىدىكى بۇنداق ھۆرلۈك پەلسەپىنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق كۈچ كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئىشىنىمەنكى، كىشىلەر قانداق ئويلىسا شۇنداق ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر كىشىلەر تار ئۇسۇل بىلەن تەپەككۈر قىلسا كەچۈرىدىغىنىمۇ تار چەكلىمىلىك تۇرمۇش. ئەگەر كىشىلەر ئەركىن ئۇسۇلدا تەپەككۈر قىلسا كەچۈرىدىغىنىمۇ ئەركىن تۇرمۇش. بىزنىڭ شەخسىي ۋە كوللېكتىپ مەۋجۇتلىقىمىزغا ئىدىيە ئەزەلدىن تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغان.
شۇڭا مەندە ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىنتايىن سەمىمىي بىر خىل ئالاھىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ، پەلسەپىگە تۇتىشىدىغان ئەڭ دەسلەپكى يولنى يەتكۈزمەكچى بولدۇم. ئويلايمەنكى، مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، لېكىن بىلىمەن، مۇكەممەللىك پەقەت بىزنىڭ مەلۇم چۈشىمىزدە مەۋجۇت بولىشى مۈمكىن، رېياللىقتا مۇكەممەللىكنىڭ كەم بولىشى يەنىلا نورماللىقتۇر.
1. باپ
چىنلىق ئىزدەش ئىدىيىسى
ئۇنداقتا پەلسەپە دېگەن نېمە؟
بىز بىرلىكتە ئىزدەيلى. شۇنداقلا مەن تاپالايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن، شۇ ھامان جاۋابى چىقامدىكىن دەپ ئالدىراپ كەتمەڭ، بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
سىناپ كۆرمەمدۇق!
ياق، بۇ ئاقمايدۇ. لۇغەت سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ، مەسىلەن، قەدىمقى گىرىكچىدە «پەلسەپە» دېگەن بۇ سۆز «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش» مەنىسىگە ئىگە. سىز ئۇنى ئىنتايىن قاملاشمىغان بىر گەپكەن دەپ قېلىشىڭىز مۈمكىن. چۈنكى «ئەقىل-پاراسەت» دېگەن بۇ سۆز مۇقەررەرلا كىشىگە «مەككارلىق!» دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ قۇلىقىغا پەقەت ياقمايدۇ. بۇنداقتا سىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيسىز، چۈنكى ئۆزىڭىزدىن كىشىلەر دەۋاتقان «ئەقىل-پاراسەت»نىڭ قانداق مەنىسى بار دەپ سوراشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. سىز «پەلسەپە» دېگەن بۇ سۆزنىڭ قانداق مەنىدە ئىكەنلىگىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز مۈمكىن، لېكىن پەلسەپە ئەمىلىيەتتە زادى نېمە، بۇنى يەنىلا چۈشىنەلمەيسىز.
ئەگەر ماڭا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەلۋەتتە مەن ئۇنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن!
ھەرگىز بۇنداق بولمايدۇ. سىز «ياپونىيە» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاسىيادىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى ئىكەنلىگىنى ئۆگىنىۋاتقاندا بۇنىڭلىق بىلەن ياپۇنىيەنى بىلگەن بولمايسىز. ياكى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر بالا «ماتېماتىكا» سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمىدى، سىز ئۇنىڭغا بىر ئېنىقلىما بەردىڭىز: سان ۋە شەكىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھازىر ئۇ بالا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلدى، ئۇ بەلكىم بۇنى تەدبىقلىيالايدىغان بولدى، بىراق سىز ئۇنى ماتېماتىكىنىڭ زادى نېمىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدى دېيەلەمسىز؟
ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق دېيەلمەيسىز.
قاراڭ...يالغۇز سۆز بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ! مەلۇم نەرسىنى تونۇش ھەرگىزمۇ بىر سۆزنى بىلىۋېلىشتىنلا دېرەك بەرمەيدۇ، جەزمەن شۇ ئىشنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىشىڭىز كېرەك. سىز ھېساپلاشقا، فورمۇلالىق ئىسپاتلاشقا، ھېساپ، ئالگېبرا ياكى گىيومېتىرىيە بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن «ماتېماتىكا»نىڭ زادى نېمىلىگىنى بىلىسىز. ياپونىيىگە كەلسەك مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ئوقۇش، كۆرگەزمە، كىنولارنى كۆرۈش، ئەلۋەتتە يەنە شۇ يەرگە بېرىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق ئاندىن بۇ دۆلەتنى تونۇيسىز!
ئۇنداقتا پەلسەپىنى چۈشەنمەكچى بولساق ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشىمىز لازىمكەن-دە؟
تامامەن شۇنداق! سىز نەق يېرىنى تۇتىۋالدىڭىز. پەلسەپە، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ بىر دۆلەت ئەمەس، كىشىلەر بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان بىر جاي ئەمەس. خۇددى ماتېماتىكىغا ئوخشاش بىر خىل پائالىيەت.
قوشۇلىمەن. لېكىن كىشىلەر پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغاندا زادى نىمىلەرنى قىلىدۇ؟
ھەقىقەتنى بىلىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولىدۇ. مانا بۇ ئوبدانلا بىر دەسلەپكى ئاساس: پەلسەپە، بىر خىل ھەقىقەت ئىزدەيدىغان پائالىيەت. لېكىن بۇ يەنىلا يەتمەيدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر رازۋېتچىكىمۇ ھەقىقەت ئىزدەيدۇ. ئۇ بىر دېلونى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىۋاتقاندا ئەگەر چېتىشلىق بولغىنى بىر قېتىملىق قاتىللىق دېلوسى بولسا ئۇ قاتىلنى تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خۇددى سىز بىلگىنىڭىزدەك ھەر بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ، ھەرخىل نۇسخىلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەنمۇ ئۇدۇللاشتۇرىدۇ...يەنە پىكىر يۈرگۈزىدۇ! ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇ سىستېمىلىق ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىدىن گۇماننى سۈرۈشتۈرىدۇ.
پەيلاسوپلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىرىشىدۇ. ھەقىقەت ئىزدەش ئۈچۈن ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد ئۈستىدىن پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنىمۇ گۇمانلىق ئوبېكىت قىلىدۇ. لېكىن پەيلاسوپلار ھەرگىزمۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازۋېتچىكلىرى ئەمەس! خىلمۇ-خىل ئادەملەر ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى تېپىشقا مەسئۇل. رازۋېتچىكلاردىن باشقا، ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ دائىرىسى ئىچىدە يەنە كىملەرنى ئېسىڭىزگە ئالدىڭىز؟
بىلمىدىم...بەلكى يەنە تارىخچىلار باردۇ؟ ئۇلار ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شۇنداق، سىز بۇنى بىر خىل مۈمكىنچىلىك دېسىڭىز بولىدۇ. يەنە ئىلىم- پەن ئالىملىرى بار، سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا ئاساسەن بىز ئۇلارنىمۇ ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر قاتارىغا كىرگۈزىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟
ھەئە، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇلار خېمىيە، فىزىكا ياكى بىيولوگىيە مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ.
تامامەن توغرا! سىز ئىنتايىن ئاسانلا چۈشىنىسىز، بىز يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان 3 مىسالدىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈنگە ئېرىشىمىز: ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازۋېتچىكى، تارىخچى، ئالىم (ئەلۋەتتە يەنە باشقا بىر قىسىم ئادەملەرمۇ بار)نىڭ ئورتاقلىقى ھەقىقەت ئىزدەشتە. لېكىن ئۇلار ئوخشىمىغان ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ. مېنىڭچە، پەيلاسوپلارنىڭ زادى نىمىش قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشتە بىز يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغاندەك قىلىمىز، ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە بار. نېمە مەسىلىدۇ ئۇ؟
مېنىڭچە تۆۋەندە بىز پەيلاسوپلارنىڭ قايسى ساھەدە ھەقىقەت ئىزدەيدىغانلىقىنى تېپىشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
ياخشى! ئۇنداقتا سىزچە پەيلاسوپلار قايسى ساھەدە ھەقىقەت ئىزدەيدىغاندۇ؟ ئۇلار خۇددى رازۋېتچىكلارغا ئوخشاش جىنايەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇلمۇ؟ ياكى ئالىملارغا ئوخشاش فىزىكا ياكى خېمىيەنى تەتقىق قىلامدۇ؟
ياق! مېنىڭچە ئۇنداق دېگىلى بولمىغىدەك، ئۇلار ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنى تەتقىق قىلىشقا لايىقتەك...
گېپىڭىزنىڭ جېنى بار، لېكىن يەنىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك. دەرۋەقە، پەيلاسوپلار ئېتىكا(نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قايسى توغرا، قايسى خاتانى ئايرىيدىغان) ياكى سىياسى (پۇقرا ۋە ھوقۇق، قارارنى تەشكىللەيدىغان) ساھەدە خىزمەت قىلىدۇ. بىراق، يۇقۇرىدىكىسى بىردىن-بىر مۇناسىۋەتلىك ساھە ئەمەس. بىز پەلسەپىنى بايقىۋاتقان چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپلىگى ۋە تۈرىنىڭ كۆپخىللىقى سەۋەبىدىن ھەيران قالىمىز. ئەمىلىيەتتە، پەيلاسوپلار ئىلىم-پەن، سەنئەت، لوگىكا، پىسخولوگىيە، تارىخ...ھەممىگە قىزىقىدۇ، بىراق ئۇلار ئالىم، سەنئەتكار، لوگىكاشۇناس، پىسخولوگ، سىياسىيون ياكى تارىخچى ئەمەس...
بۇ يەرگە كەلگەندە مەن چۈشىنەلمىدىم. ئۇلار ھەممىگە قىزىقىدىكەنۇ، بىراق يەنىلا ھېچقايسى تەرەپنىڭ مۇتەخەسىسى ئەمەسمۇ؟
سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ، مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىشكە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئامىللارغا قايتىدىن بىر نەزەر سالساق پۈتۈنلەي بىر تېپىشماققا ئوخشايدۇ: بۇ كىشىلەر بىر ساھە(ماتېماتىكا، ئېتىكا ۋە سەنئەت) ئىچىدە خىزمەت قىلىدىكەن، بىراق يەنە بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان مۇتەخەسىس ئەمەسكەن، ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداقراق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟
سىر يەنىلا داۋاملاشماقتا...بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە.
ماتېماتىكا ساھەسىدە ھەقىقەت ئىزدىگۈچى كىشىلەر نورمال ئەھۋال ئاستىدا ماتېماتىكلاردۇر. تارىخ ساھەسىدىكىلەر تارىخچىلاردۇر. باشقىلىرىمۇ مۇشۇ لوگىكا بويىچە ماڭىدۇ. ئەگەر پەيلاسوپلارمۇ بارلىق مۇشۇ ساھەلەردە ھەقىقەت ئىزدەيدىكەن، ئۇلار بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىشى، بارلىق ساھەلەرنى قۇچىدىغان بىر ساھەدە خىزمەت قىلىشى لازىم. تېپىشماقنىڭ جاۋابى چىقىدىغانغا ئاز قالدى: پەيلاسوپلار ھەقىقەت ئىزدەيدۇ، دەل ئىدىيە ساھەسىدە. ھەر قېتىم سىز بىر پەيلاسوپنىڭ بىر ساھەدە قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەكچى بولغىنىڭىزدا، سىز چوقۇم «......غا ئالاقىدار ئىدىيە» دېگەننى قوشۇپ باشلايسىز. پەيلاسوپلار بىر ئادۋۇكات ياكى بىر سوتچى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا ئادالەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار يەنە سىياسىي ساھەدىكى زاتلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ھوقۇققا قىزىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى قۇرۇق ھوقۇق «ئىدىيىسى».
شۇنداقلا ئۇلار بارلىق ساھەلەردە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا خىزمەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ماتېماتىكا ساھەسىدە پەيلاسوپلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ھېسابات نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، ئىسپاتلاش ياكى سانلار ئۇقۇمى. تارىخ ساھەسىدە ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى ۋەقە، ئىنقىلاپ، زوراۋانلىق ياكى تېنچلىق ئۇقۇمى. ئېتىكا ساھەسىدە ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇمى. ياكى يەنە نۇقسان، مەسئۇلىيەت، قائىدە- قېلىپقا دائىر ئۇقۇم.
بۇ يەرگە كەلگەندە سىز چۈشىنەلەيسىز، باشقا ھەرقانداق ساھەنىڭ بۇ خىل ئىدىيىلىرىنى قۇچىدىغان بۇ ساھەدە پەيلاسوپلار قانداق خىزمەت قىلىدىكەن ھەمدە تۈرلۈك كەسپلەرگە ئارىلىشىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭ مۇتەخەسىسى بولالمايدىكەن؟
ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئىدىيە مۇتەخەسىسلىرىكەن- دە!
تامامەن توغرا. لېكىن يەنە تولۇقلاش كېرەك، بۇنداق ئىدىيە ساھەسىدىكى ھەقىقەت ئىزدەش تەتقىقاتىنى ئاساسەن بىر خىل فورما بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ: ......غا ئالاقىدار ئىدىيە زادى نېمە؟ كۆپ چېكىتنىڭ ئورنىغا «ئەركىنلىك»، «سەنئەت ئەسىرى»، «ھوقۇق»، «ئادالەت»، «شەخس»، «روھ»، «ئادەم»، «غۇرۇر»...دېگەندەك يۈزلىگەن-مىڭلىغان باشقا ئۇقۇملارنى قويسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، پەيلاسوپلارنىڭ ئىزدەۋاتقىنىنىڭ دەل ھەر بىر ئىدىيىنىڭ ئەڭ زور ئىمكانىيەتتىكى توغرا ئېنىقلىمىسى ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇلار بۇ ئېنىقلىمىلار ئىچىدە قايسىسىنىڭ چىن ئىكەنلىگىنى ئىزدەيدۇ.
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى زادى كونكىرىت ھالدا نېمىگە ئىشلەيدۇ؟
تۇرمۇشقا ئىشلەيدۇ، پەقەتلا تۇرمۇشقا پايدىلىق! ھەرخىل ئىدىيىلەر ھەرگىزمۇ بىر يەككە ساھە ئەمەس، شۇنداقلا بىر چەتكە جايلاشقان مەلۇم خىل گۈللۈكمۇ ئەمەس. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەمىلىيەتتە ھەر خىل ئىدىيىلەر ھەرىكەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئەخلاقىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
سىز ماڭا ئىشەنمەسلىككە ھەقلىق، ئىنسانىيەت ھامان پەلسەپىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. نۇرغۇن ئادەم تۇرمۇشتا پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى قارىمۇقنىڭ قاسرىقىدەك بىر ئۇقۇمغىمۇ مۇھتاج بولماي ياشايدۇ، ھەم بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق كۆرسەتكەن ئەمەسقۇ!
بىر سېكۇنت ساقلاڭ...! ئەگەر سىز كىشىلەر ئۇقۇملار ئارىسىدىكى ھەقىقەتنى ئىزدىمەيمۇ تاماق يەلەيدۇ، ئۇخلىيالايدۇ، چوڭ بولالايدۇ دېمەكچى بولسىڭىز، ئېنىقلا گېپىڭىز توغرا. كىشىلەر ئەگەر سۇ ئىچمىسە، تاماق يېمىسە، ئۇخلىمىسا ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. لېكىن، ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق ھالىتىنى ئىنتايىن ئوبدان ساقلاش ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ھالدا پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ. مەسىلە بۇ يەردە ئەمەس. مەسىلە قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئادىمىيلىككە ئىگە بولۇش، تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇسۇلدا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى چۈشىنىشتە. شۇنداقلا بۇ جەھەتتىن سىز ئىدىيىگە بولغان ئويلىنىشتىن ھەرگىزمۇ مۇستەسنا بولالمايسىز.
ئىدىيىگە نىسبەتەن ئويلىنىش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمغا بىزدە ھامان بىر قىسىم ئىدىيە بولىدىغانلىقى سەۋەپلىك. پەلسەپە مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىدىيە ئاۋۇ يەردە ئىدى، ھەرگىزمۇ پەلسەپە ئىدىيىنى ئىجات قىلغان ئەمەس. ئۇدۇللا ئېيتساق پەلسەپە شۇ بىر قىسىم ئىدىيىلەرنى دەڭسەپ، ئانالىز قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ قايسى ئىدىيىنىڭ چىن، قايسى ئىدىيىنىڭ ساختا ئىكەنلىگىنى ئايرىيدۇ.
مەن ئۇنىڭ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرەلمىدىم-يا.
ئۇنداقتا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. بۇ ئىلگىرى سوقرات دېگەن بىر پەيلاسوپ ئېيتقان ئىنتايىن قەدىمىي بىر ھېكايە. بىر نەچچە بالا نېمە يىيىشنى بىلەلمەي تاللاشقا دۇچ كەپتۇ. ئەگەر ئۇلار تورت دۇكىنى ياكى كەمپىت دۇكىنىغا بېرىپ قارىسا ئۇلارغا نىسبەتەن تورت بىلەن كەمپىت ياخشى نەرسە. بىراق ئەمىلىيەتتە بۇنداق تاتلىق يېمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى زەخمىلەندۈرىشى، سەمرىتىۋېتىشى، ھەتتا بىر كۈنلىرى ئۇلارنى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويىشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ «ياخشى»غا بولغان ئىدىيىسىدە خاتا كۆزقاراش تۇغۇلغاچقا ئۇلار كېسەلگە گىرىپتار بولىشى مۈمكىن: ئۇلار تەملىك، يىيىشلىك نەرسىلەرنى بەدەنگە پايدىلىق نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چۈشىنىۋالىدۇ.
ئەكسىچە، ئەگەر ئۇلار تېۋىپنىڭ قېشىغا بارغان بولسا ئىدى، تېۋىپ ئۇلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگەن بولاتتى: «سىلەرگە پايدىلىق بولىدىغىنى ساغلاملىقىڭلارغا، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىڭلارغا پايدىلىق بولغان كۆپ خىل يېمەكلىكلەر، سۈت، مېۋە، بېلىق تۈرلىرى، كۆكتات...ۋە ئازراق (ياكى پۈتۈنلەي كېرەك ئەمەس) تورت بىلەن ئىنتايىن ئاز (ياكى پۈتۈنلەي كېرەك ئەمەس) كەمپۈتتۇر». ئۇنداقتا، بالىلار تېۋىپنىڭ گېپىگە قانداق قارايدىغاندۇ؟
ئۇلار تېۋىپنى خاتالاشتى دەپ قارايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار تېۋىپكە قارىغاندا نېمىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئەڭ يىيىشلىك نەرسە ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
شۇنداق، ئۇلار ھەتتا بۇ ئادەم بەكمۇ ئەسكىكەن، بىزگە ئۇستاتلىق قىلىۋاتىدۇ، خۇشال بولۇشىمىزنى چەكلىمەكچى دېيىشى مۈمكىن؛ ياكى بىزگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىگىنى پەقەتمۇ بىلمەيدىكەن دېيىشى مۈمكىن؛ يەنە ياكى ئۇ خاتالاشتى، ھەقىقەتنى ئازراقمۇ بىلمەيدىكەن دېيىشى مۈمكىن.
ئۇنداقتا ئىككى ئىشنىڭ ئىچىدە بىر ھەقىقەت بار. بىر بولسا بالىلار باشتىن-ئاخىر خاتا سەزگۈسىدە چىڭ تۇرىدۇ، بۇ ئېنىقلا ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئىش كەمپۈت بىلەن تورت يىيىشكە تايىنىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ئۇنداقتا بۇ ئامال ئۇلارنىڭ ھەزىمىدىن چاتاق چىقىرىدۇ. يەنە بىر بولسا ئۇلار تېۋىپنىڭ سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، گەرچە بۇ ھەقىقەت ئۇلارنى خۇشال قىلمىسىمۇ، ئەمما قاراشنىڭ ئۆزگۈرىشى ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان تەن ساغلاملىقىغا ئىگە بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ...ئوخشىمىغان قاراش كىشىنى ھەم كېسەلگە گىرىپتار قىلدى ياكى تېنىنى ساغلام قىلدى! سىز ھازىر ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان مۇھىملىقىنى بىلدىڭىزمۇ؟
مەن سىزنىڭ ئالاھىتەن بۇ ھېكايىنى توقۇپ چىقىپ...ئۇنى دېمەكچى بولغىنىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرگىنىڭىزنى جەزىملەشتۈرىمەن.
مەن قىلچىمۇ ھېكايە توقىمىدىم. يەنە بىر قېتىم ئېيتاي، بالىلار تورتچى ئۇستامغا بەك ئامراق، تېۋىپنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا ئىنتايىن ئۆچ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنىڭ بىرى سوقرات 2500 يىل بۇرۇن يۇناندا ئېيتقان ھېكايە! سىز بۇ مىسالنى ئالاھىدە بىر ئەھۋال دەپ قاراۋاتىسىز، ھەم ئىدىيىنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىملىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيۋاتىسىز. ئۇنداقتا، بىز باشقا بىر بۇلۇڭدىن ئوخشاش بىر ئەھۋالغا نەزەر سېلىپ باقايلى. كىشىلەرنىڭ ئادالەتكە نىسبەتەن شەكىللەنگەن ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى بىر خىل مۇھىملىق ئەمەسمۇ؟
شۇنداق، ئەلۋەتتە!
ئۇنداقتا، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك، ئۆلۈم، باراۋەرلىك، بەختكە نىسبەتەن شەكىللەنگەن بۇ قاتار ئىدىيىلىرى مەۋجۇتلۇقتا رول ئوينىيالامدۇ- يوق؟
ياخشى، قوشۇلىمەن، چۈشەندىم. بىر قىسىم ئىدىيىلەر بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئۇنداقتا چۈشىنىسىزكى، تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قايسى ئىدىيىنىڭ چىن، قايسى ساختا ئىكەنلىگىنى بىلىۋېلىش بۇ ئىنتايىن مۇھىم. پەرەز قىلىپ بېقىڭ، مەلۇم بىر ئادەم بەخت ياكى ئەركىنلىككە نىسبەتەن خاتا ئىدىيىدە بولسا بەختلىك ۋە ئەركىن بولالىشى مۈمكىن، لېكىن ئۇ يولنى خاتا ماڭىدۇ، ئازغىشىدۇ، ئېھتىمال يەنە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى مۈمكىن...بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ!ئۇ ئىدىيەم توغرا دېيىشى مۈمكىن، لېكىن ئۇنىڭ خاتا بولۇپ قالسا مەغلۇبىيەتلىك ۋە بىھۇدە ھاياتقا مېڭىش مۈمكىنچىلىگى كۆپ بولىدۇ.
لېكىن، ئۇ بىر خاتا ئىدىيە بولسا نىمىشقا ئۇ ئۇنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىدۇ؟
ياخشى سۇئال! جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمىلىيەتتە، كىشىلەر بىر ساختا ئىدىيىنى چىن دەپ قاراپ مۇبادا ئۇنى دەڭسىمىسە، يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ كۈزەتمىسە مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەرقاچان ئۆزىمىزدە يۈز بېرىشى مۈمكىن. ھەتتا بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەڭ ئادەتتىكى بىر ئەھۋال. ئىشىنىمەن، ھەردائىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرغىنى ئۈچۈن مەلۇم نەرسىلەرنى چىن دەپ قاراپ قالىمەن، ئىنتايىن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا بىلەتتىم، ھەممە ئادەم قۇلىقىمغا شۇنداق تەكرارلايتتى. چۈنكى كاللىمىزدىكى بارلىق ئىدىيە سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن. ئۇلار بىزنىڭ روھىمىزغا كىرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن كىرگىنىنى ھەقىقىي بىلمەيمىز. بۇ قاراشلار ئائىلىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن، دوستلىرىمىزدىن كېلىدۇ. ئادەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ياراتقان ئۆزىمىزنىڭ قارىشى ئەمەس! ئوخشاشلا، گەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىشلەتكەن سۆزلەرنىمۇ ئۆزىمىز ئىجات قىلمىغان!
ھەمىشە، بۇ ئىدىيىلەر بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا يىلتىز تارتىپ بىخلايدۇ، ئۇلار «بىزنىڭ» قارىشىمىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ، ھەمدە بىز ئۇلارنى ھەقىقىي ئىلغىمايمىز. بىز ئۇلارغا «ھەئە» بىلەن «ياق»نى ئىنتايىن ئاز دەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ چىن- ساختىلىقىنى چۈشىنىشكە ھەقىقىي ئۇرۇنمايمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا دۆۋە- دۆۋە ساختا قاراشلار بولىدىكەن، بىراق ئۇنى ئۆزىمىز بىلمەيدىكەنمىز- دە؟
ئەلۋەتتە شۇنداق! ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ چاتاقراقى: دۆۋە- دۆۋە ساختا نەرسىلەرگە ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىشىنىشى، ھەمدە ئەقلىي ھالدا ئۇلارنى چىن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىشى.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ كىشىلەر بۇ ئىللەتنى قانداق ساقايتىدۇ؟
ئۇنداقتا كېلەيلى...كىشىلەر داۋالىيالمايدۇ، لېكىن، كىشىلەر پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ! بۇ ئېھتىمال بىزنى بىز سۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشتۈرەلەيدىغان بىردىن- بىر ئۇسۇل بولىشى مۈمكىن: ئىدىيىمىزنى سىناپ، بۇ ئىدىيىلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تاللاپ چىقىش.
پەخەس بولغاچ تۇرۇڭ، بىز يېڭى بىر جاۋاپقا ئېرىشتۇق: پەلسەپە بىر خىل تەنقىت پائالىيىتى. پەلسەپە ھەرگىزمۇ ئىدىيە ساھەسى ئىچىدىن ھەقىقەت ئىزدەشكە قانائەت قىلمايدۇ. بۇ خىل نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پەلسەپە يەبە ئىمكاننىڭ يېتىشىچە خاتا قاراشلارنى يوقىتىدۇ. پەلسەپە خاتا قاراشلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنىڭ داۋاملىق زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىز يەنە بىر قېتىم باشقا بىر خىل ئۇسۇلغا ئالمىشىپ سۆزلەيلى: ھەممىمىزدە بىر قىسىم ئىدىيە بار. ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشى، ئىمان-ئېتىقادىمىز بار. ئۇلار سىياسىي، دىن، ئېتىكا، ئادالەت، سەنئەت...كە چېتىلىدۇ. ئارىمىزدىكى ھەر بىرەيلەيننىڭ كۆزقارىشى ۋە ئېتىقادىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ھەرگىزمۇ پەلسەپىنىڭ دائىرىسىگە ھەقىقىي مەنسۇپ بولالمايدۇ. بىر ئەسلەش پائالىيىتى بولۇش سۈپىتىدە كىشىلەر ئۆزىدىن سورايدۇ: «كاللىمىزدىكى بارلىق بۇ خىل ئويلارنىڭ ئارىسىدا قايسى ئويىمىز چىن؟ مېنىڭ بىلگۈم بار، ئۇلارنى تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرمەكچىمەن!» پەلسەپىۋىي پىكىر يۈرگۈزۈشتە بۇ ھەرگىزمۇ بىردىن-بىر پىكىر يۈرگۈزگەنلىك، بىر قىسىم ئىدىيىسى بولغانلىق ئەمەس. بۇ ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى كۈزىتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ، خۇددى سەلگىنە سىرتتىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنىڭ، كاللىسىنى سەل- پەل تازىلاۋاتقىنىنىڭ ئىپادىسى.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەلسەپە بىر خىل ئالاھىدە پائالىيەت. يەنە بىر قېتىم ئېيتاي، بۇ ھەرگىزمۇ يالغۇزلا پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئەمىلىيەت ئەمەس. كىشىلەر نۇرغۇنلىغان پەرقلىق ئۇسۇلدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئەتە قىلماقچى بولغان ئىش ياكى تۆنۈگۈن ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئويلاش، دوستلىرى ياكى تەتىلنى ئويلاش، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش- خىزمەتلىرىنى ئويلاش...لېكىن بۇنداق ئويلارنىڭ ھېچقايسىسى پەلسەپە ئەمەس.
ئاخىرى، پەلسەپە ئالاھىدە ئوي سۈرۈشكە تەۋە بولدى...
تامامەن توغرا! قوشۇپ قويىدىغىنىم، بۇ ئىدىيىلەر ھەرگىزمۇ ئىچكى مەزمۇنى سەۋەبىدىن ئالاھىدە ئەمەس، بەلكى ئۇسلۇبى سەۋەبىدىن ئالاھىدە.
نېمە دېمەكچىسىز؟
ئەمىلىيەتتە، ئوينىڭ «ئالاھىدە» بولۇپ ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەپ ھەرگىزمۇ ئۇلارغا يۈكلەنگەن تېمىلار سەۋەبىدىن ئەمەس (مەسىلەن، ئەركىنلىك، ئادالەت، خۇدا، قاتارلىقلار). بۇنداق تېمىلارغا نىسبەتەن مەندە بىر قىسىم ئوي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەلسەپىگە ئائىت بولىشى ناتايىن. مەن ئاتىغان پەلسەپىۋىي ئىدىيە ئۇسلۇبىنى ئەگەر سىز «مەۋجۇتلۇق ئۇسۇلى» دەپ ئاتاشنى تېخىمۇ خالىسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈشتىن، ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشتىن دېرەك بېرىپ، شۇ يەردىن بۇ ئويلىرىڭىزنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى بىلىسىز، ياكى ھەتتا تېخىمۇ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېيتقاندا، شۇ يەردىن ئۇلارنىڭ ئېنىق قىلىپ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىسىز. دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇل پەلسەپىۋىي ئىدىيىنى ئالاھىدە قىلىدۇ.
بىر مىسال كۆرسىتەلەمسىز؟
بولىدۇ. سىز بىر ساننىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
ئەلۋەتتە. مەن پۈتۈن سان، ئونلۇق كەسىر...لەرنىمۇ بىلىمەن.
شۇنداق، لېكىن زادى ئۇ نېمە، بىر سان؟
نېمە دېسەم بولار...بىر رەقەمغۇ!
قالتىس! بىز يەنىلا ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى...ئۇنداقتا، ئۇنىڭ زادى نېمىلىگىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، ئىنتايىن ئېنىق بىلسىڭىز.
ئۇ بىر رەقەم.
نېمە، توغرا ئەمەس! (0دىن 9غىچە) رەقەمنى ئىشلىتىپ سان يازىسىز، لېكىن رەقەم بىلەن سان ئوخشىمىغان ئەھۋالغا تەۋە بولۇپ ئايرىلىدۇ: سىزدە 10 رەقەم بار، لېكىن ئۇنى چەكسىز سانلىق مىقدارلارغا گۇرۇپپىلىيالايسىز...سىز يەنە، مەسىلەن ئەرەپ رەقىمى «3» ياكى رىم رەقىمى «Ⅲ» بىلەن ئوخشاش بىر سانلىق مىقدارنى يازالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سان بىلەن رەقەم ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. ئۇنداقتا مەن قايتىدىن سۇئال سوراشقا باشلاي: بىر سان زادى ئۇ نېمە؟
ئۇ بىر خىل سان ساناشقا ئىشلىتىدىغان قورال.
بىر سەنپەن؟ بىر ھېساپلىغۇچ؟ بارماقلار؟
بۇ تولىمۇ ئاددىيغۇ! بىر رەقەم، رىيال تۇرمۇشتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئاۋۇ يەردە ئىككى جۈپ ئاياق باركەن، ماۋۇ يەردە 3تال شام...بۇ نەرسىلەرگە قاراپ ئۇنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا مەن «ئىككى»، «ئۈچ» دېگەن سانلارنى ئېيتتىم.
لېكىن سىزدە سان بولمىغان تەقدىردە قانداق ھېساپلايسىز؟ بىردەم ئويلىنىپ بېقىڭ...بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ 3تال شامنى كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزدە سانلىق مىقدار «3» ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئاللىقاچان مۇشۇ سانلىق مىقدارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم بولغانلىقتىن، ئۇ يەردە 4 ياكى 5تال شام ئەمەس، بەلكى3 تال شام بارلىقىنى ئاندىن بىلگىنىڭىزدە.
دەرۋەقە، بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ئادەمنى ساراڭ قىلىۋېتىدىكەن...راستىنلا، بىر ساننى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيلا قالدىم...لېكىن ئەمىلىيەتتە نىمىشقا ماڭا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىسىز؟
پەلسەپە مەسىلىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىمەن-دە. سان، كىشىلەر دەسلەپ ئۇنى كۆرگەندە پەقەتلا ماتېماتىكىغا ئائىت ساھە دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە خۇددى سېنىڭ قىلىۋاتقىنىڭدەك ئۇنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىمىز دەيدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئىزدەشكە باشلىغىنىمىزدا مۈجمەل بىر ھالەتكە كىرىپ قېلىپ ئۇنى بىلمەيدىغىنىمىزنى ئاڭقىرىمىز. بىز ئەسلىدە ئۇنى ئېنىق دەپ قارىساقمۇ لېكىن ئۇنىڭ مۈجىمەل، تۇتۇق ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق. بىلىمەن دېگەن نەرسىنى ئەكسىچە بىلمىدۇق. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ!
پەيلاسوپلارنىڭ سۇئال سوراش ئۇسۇلى ھەمىشە مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئوغىسىنى كەلتۈرىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سوقرات كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق شۇ سەۋەپلىك مەشھۇر بولغان تۇنجى كىشى. ئەينى ۋاقىتتا، سوقرات يۇناننىڭ ئافېنا شەھىرىدىكى كوچىلىرى، پارتېنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەچ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشپ، ئۇلارغا ئۇلار بىلىمەن دەپ قارىغان نەرسىلەرنى ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
مەسىلەن، سوقرات بىر پىشقەدەم ھەربىيدىن سوئال سوراپتۇ، ئۇ نۇرغۇن جەڭگە قاتناشقان ناھىيىتى تەجرىبىلىك بىر گېنېرال ئىكەن. مەزكۇر گېنېرال نېمىنىڭ باتۇرلۇق ئىكەنلىگىنى بىلىمەن دەپ قارايدىكەن.
- باتۇرلۇق قورقماسلىق دېگەن گەپ،- دەپتۇ ئۇ.
سوقرات پەقەتلا ياندۇرۇپ سوراپتۇ:
- ئەگەر بىر ئادەم قورققىنىدىن ئۆلگىدەك بولسا، لېكىن يەنىلا داۋاملىق جەڭ قىلىپ قورقۇنچ ئۈستىدىن غالىپ كەلسە ئۇنداقتا ئۇ ئاۋۇ قورقۇشنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان ئادەمدىنمۇ بەكرەك باتۇر ھېساپلىنامدۇ قانداق؟
گېنېرال قايىللىق بىلدۈرۈپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ باتۇرلۇققا بولغان چۈشەنچىسى توغرا ئەمەس. خۇددى سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇ گېنېرالنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ، چۈنكى بىرسى ئۇ مەن ئەڭ ياخشى بىلىمەن دېگەن نەرسىسى ئۈستىدىن خاتالاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى- دە!
بۇنداق مىساللار پىلاتونىڭ دىيالوگ خاتىرىسىدە نۇرغۇن ئۇچرايدۇ، پىلاتو ئەينى چاغدا نۇرغۇن ۋاقىت سوقراتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە پىلاتونى سوقراتنىڭ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئۇسۇلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. شۇنداق، سوقرات مەنمەنچىرەك كەلگەن بىر ئۆلىمانى گۈزەللىك توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۆلىما نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىمەن دەپ ماختانغان، ھەمدە ھەرقانداق مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرەلەيمەن، دەپ پو ئاتقان ئىكەن! ئۆلىما قاقاھلاپ كۈلگىنىچە:
- ئاسانلا مەسىلىغۇ ئۇ! خۇددى كىچىك بالىنىڭ ئويۇنىدەك.
ئۇ، سوقرات ئاسانلىقىدىن كۈلكىلىك بىر سۇئال بىلەن ساقىلىمنى غېرىچلاۋاتىدۇ، ئەمدى ئالقىنىمغا چۈشتى، دەپ ئويلاپتۇ- دە، سوقراتقا تولىمۇ ئاددىيلا جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۇ بىر ئالتۇن تەشتەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-گۈزەللىك دېگەن مۇشۇ، - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن سوقرات ئۇ كىشىنىڭ سۇئالنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىگىنىنى ئېيتىپتۇ، ھەمدە چىرايلىق بىر نەرسىنى مىسالغا ئېلىپ ئەمەس، «گۈزەللىك» دېگەن نېمە، گۈزەللىك دەپ نېمىنى كۆرسىتىدۇ، قانداق ئايرىلىدۇ، مۇشۇنىڭغا جاۋاپ بېرىڭ دەپتۇ. ئۇ كىشى بىر ھازاغىچە بۇ سۇئالنىڭ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەپتۇ، يەنە قايسى ئۇسۇلدا كەتكۈزىۋەتكەنلىگىنىمۇ بىلەلمەپتۇ. ئۇ داۋاملىق ئېزىپ، شۇنداق دەپتۇ:
- يەنە بىر تۇلپار ياكى بىر ياش قىزمۇ گۈزەل.
- مەن سىزدىن گۈزەللىك دېگەن نېمە دەپ سوراۋاتىمەن، يەنى، سىز كەلتۈرگەن بۇ مىساللار (بىر دانە تەشتەك، بىر ئات، بىر ياش قىز)غا ئورتاق بولغان گۈزەللىك دېگەن مۇشۇ ئالاھىدىلىك. مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم دەل...
گۈزەللىك ئۇقۇمىمۇ؟
- دەل شۇ! ئاۋۇ ئۆزىنى «ئەپەندىم، مەن ھەممىنى بىلىمەن» دەپ ئاتىۋالغان ئۆلىما مەسىلىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىگىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ! ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىككە ئېنىقلىما بېرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. ئۇ گۈزەللىكنىڭ نېمىلىگىنى بىلىمەن دەپ قارايتتى، دەل ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلىيەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، خۇددى سىزنىڭ باياتىنقى سان چۈشەنچىڭىزگە ئوخشاش...
بىز بىلىمەن دەپ قارايدىغان، ئەمما ئۇنى ئەمىلىيەتتە چۈشەنمەيدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار كۆپمۇ؟
بىر پاتمان بار! ئاۋگۇستىن ئىسىملىك بىر مەشھۇر پەيلاسوپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ شۇنداق ئېيتقان: «كىشىلەر ۋاقىت دېگەن نېمە، دەپ سورىمىغان ۋاقىتتا مەن ۋاقىتنىڭ نېمىلىگىنى بىلەتتىم. كىشىلەر مەندىن بۇ سۇئالنى سورىغان چېغىدا ئاندىن مەن بىلدىم». بۇ مىسالنى ئويلىنىپ بېقىڭ، نۇرغۇن كۆزقاراشلاردا مۇشۇنداق ئەھۋال بار. ۋاقىتنى مىسالغا ئالساق، بىز ۋاقىتنىڭ نېمىلىگىنى بىلىمىز دەپ قارايمىز، ھەتتا بىلىشكە، ئېنىق بىر ئۇسۇل بىلەن چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق بولمايمىز. لېكىن بىز ئىنتايىن توغرا بىر ئۇسۇل بىلەن ۋاقىت ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن چېغىمىزدا شۇ ھامان قىيىنچىلىققا سېپىلىمىز. پەلسەپە دەل مۇشۇنداق قىيىنچىلىقنى تەجرىبە قىلىشقا ئۇرىنىدىغان بىر پائالىيەت.
ئورۇندىيالامدۇ؟
ھەئە، كۆپۈنچە شۇنداق. بەختكە يارىشا، ھەممە مەسىلىنىڭ باشتىن- ئاخىر جاۋابى بولمايدىغان ئىش يوق! پەلسەپىدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ھەمىشە بۇنداق بولىۋەرمەيدۇ، چۈنكى بەزىدە بىز بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقساق، ئۇلار پەقەت بىزنىڭ ئامالسىزلىقىمىزنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. لېكىن ئېغىر ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇنى ياخشى ئەھۋال دېيىش كېرەك...
ئەگەر ئۇ كىشىنى قىيىنچىلىققا پاتۇرسا قانداقسىگە ئۇنى ياخشى ئىش دەيمىز!
ئەمىلىيەتتە شۇنداق. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «قىيىنچىلىققا پاتۇرۇش»نىڭ مەنىسىدە بىرلىككە كېلىۋېلىشىمىز كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر كىشىنى گاڭگىراتمايدىغان ئىشلارغا تېخىمۇ ئامراق. بىز نۇرغۇن بوشلۇقنى ئىگەللەيدىغان نەرسىلەر(قەغەز يەشىك، ساندۇق)نى تازىلاپ تۇرىمىز، ئۇلار ھەجمى بىلەن بوشلۇقنى ئىگەللەپ ھەرىكەتلىنىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئىدىيىگە نىسبەتەنمۇ ئەھۋال ئوخشاش: ئادەتتە بىز كىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش مۈمكىنچىلىگى بولغان بىر قىسىم ئىچ پۇشۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ تۇرىمىز، كاللىمىزدىكى نۇرغۇن ئورۇننى ئىگەللەپ پۇتلىكاشاڭ كەلتۈرۈش مۈمكىنچىلىگى بولغان بىر قىسىم ئازاپلارنى تازىلاشقا ئۇرىنىمىز.
ئەگەر بىز پەيلاسوپلارنىڭ نېمە ئۈچۈن زادىلا بىر قىسىم كىشىگە قىيىنچىلىق كەلتۈرىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئامراقلىقىنى بىلمەكچى بولىدىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز توغرا نىشاندىن قېيىپ كەتكەن بولىمىز. قىيىنچىلىق دەپ بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقىنى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان ھەمدە ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان نەرسە. ئەگەر مەن سىزدىن سان دېگەن نېمە، دەپ سورىسام سىز باشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلىپ نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدىڭىز، لېكىن سىز ئەسلىدە ئۇنى ئاسان دەپ قارايتتىڭىز. سوقرات باشقىلارنى باتۇرلۇق ۋە گۈزەللىككە ئېنىقلىما بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا، قارشى تەرەپمۇ مۇشۇنداق تەسىراتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بىراۋ ئاۋگۇستىندىن ۋاقىت دېگەن نېمە، دەپ سورىغاندا، ئاۋگۇستىنمۇ مۇشۇنداق قىينالغان ئىدى.
مەنچە، پەلسەپە دەل مۇشۇنداق كىشىنى گاڭگىرىتىشتىن، مۇشۇنداق ئالاھىدە تەشۋىشتىن تۇغۇلىدۇ. بۇ دەل پەلسەپىنىڭ چىقىش نۇقتىسى. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش بىلەن تەئەججۈپلىنىش بىر گەپتۇر، ئۆزىمىزدىن سورايمىز: «نېمە ئىشتۇ بۇ؟ نېمىنىڭ سان (ياكى باتۇرلۇق ۋە گۈزەللىك) ئىكەنلىگىنى چۈشەنمىدىم، داۋاملىق ئىزدىنەي!»
پەلسەپە ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ «بىلمەيدىغانلىقى»نى بايقىغان ۋاقتىمىزدىن باشلىنىدۇ. بىز مەن جاۋاپ بېرەلەيمەن دەپ قارايمىز، بىز ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا جاۋابىم بېرەلەيمەن دەپ قارايمىز، لېكىن بىز قانداق جاۋاپ بېرىشنى ئەسلا بىلمەيمىز.
ئۆزىمىزنىڭ بىلمەيدىغىنىمىزنى ھېس قىلغان چېغىمىزدا بۇ خىل تۇيغۇ ئارامسىزلاندۇرىدىكەن...
شۇنداق، بۇ ئادەمنى ئارامىدا قويمايدۇ. پۈتۈنلەي پۈتكەن تەييار جاۋاپلار كىشىنى شۇنداق خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ بىلمەيدىغىنىنى بايقىغان ھەر بىر چېغىمىزدا بىر خىل قاتتىق ھەيرانلىق قوزغىلىدۇ. بۇ خۇددى پۇتىمىز ئاستىدىكى گىلەم سىرىلىپ، بىز تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان، تۇتاي دېسەك تۇتقىدەك بىر نەرسە يوق ھالەتكە ئوخشايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، پەلسەپە ھەمىشە «كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ». بۇ سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسىدىن چىقىپ ئېيتقىلى بولىدۇكى، ئۇ ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرۇپلا قالماي يەنە كىشىنى دەم ئالدۇرمايدۇ. ئەگەر بىز جەزملىيەلىسەكلا ئاندىن بەكرەك خاتىرجەم بولىمىز. سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭ جېنى بار، ئۇنىڭدا كىشىنى خۇشال قىلمايدىغان تۇيغۇ بار. ئۇندىن باشقا، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن كىشىلەر مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيقۇمىزنى ھارام قىلىدۇ، دائىم چاقىرىدۇ، دەپ پەيلاسوپلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن دەل شۇلار بولغاچقىلا بىز داۋاملىق يول ماڭىمىز.
نەگە ماڭىمىز؟
سىزچىچۇ!
قارىماققا ئاسان! ئۇ ناھىيىتى ئۇزۇن، مۇشەققەتلىك، ئادەمنى چارچىتىدىغان سەپەر، ئادەم مەڭگۈ ئۇنىڭ ئاخىرى بارلىقىغا جەزم قىلالمايدۇ. لېكىن پەلسەپە ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيدا بولىشى ھامان بەزى كىشىلەر ھەرۋاقىت قۇربانلىق بېرىشكە تەييارلىنىپ بۇ مۇساپىگە ئاتلىنىدۇ.
ئۇلار نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇلار نىمىشقا ھەقىقەت ئىزدەيدۇ؟
ھەقىقەتنى بايقاش ئۈچۈن، پەقەتلا شۇنداق! مۇشۇنچىلىك ئاددىي! ئىنسانىيەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەلۇم نەرسىلەر كىشىنى ھەقىقەتكە تەقەززا قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۇ خىل تەقەززالىقنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن، ھەم ئۇنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى بىلەنمۇ كارىمىز بولمىسۇن. بۇ مەسىلىلەر بىزنى بەك يىراققا ئېلىپ كېتىدۇ. لېكىن بىز كىشىنى ھەقىقەت ئىزدەشكە قۇترىتىدىغان «مەلۇم نەرسە»نىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىۋېلىشقا مۇھتاج. كىشىلەرمۇ ئۇنى بىلىم ئىزدەش تەشنالىقى، دەپ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش: ساختا نەرسىلەرنى ئىزدەشكە تەقەززا بولىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. كىشىلەر بىلىم ئىزدەۋاتقاندا ھەقىقەتنى بىلىشنى ئويلاۋاتقان بولىدۇ.
يالغۇز پەيلاسوپلارلا ئەمەس! بىزمۇ ئوخشاش، بالىلار، يەنە ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ...
تامامەن توغرا. يەنە كىم بار؟
ئالىملار، مەسىلەن، بىز ئەڭ دەسلەپ ئېيتتىققۇ.
ئېيتقىنىڭىز پۈتۈنلەي توغرا، ئەمىلىيەتتە بۇ ئوخشاش. پەيلاسوپلار بىلەن ئالىملارنىڭ بەكمۇ چوڭ پەرقى يوق.
قانداقسىگە؟ قانداقلا بولمىسۇن بىر گەپ ئەمەستۇ!
بۈگۈنىمىزدە پەرق بەكلا زورىيىپ كەتتى، ھەقىقەتەن شۇنداق. قارىسىڭىز بىيولوگلار، خېمىكلار ياكى جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ خىزمىتى راستىنى ئېيتقاندا پەيلاسوپلارنىڭ خىزمىتى بىلەن بەكلا يىراقلىشىپ كەتتى. لېكىن بۇنداق كەسپلەرنىڭ بۆلىنىشى يېقىنقى ئىش، بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن پەيلاسوپلارمۇ ئىلىم-پەن، ماتېماتىكا، فىزىكىلارنى تەتقىق قىلغان. شۇنىڭدەك يەنە ئېتىكا ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىمۇ تەتقىق قىلغان.
بىلىم ئىزدەشتە بىرخىل بىردىن- بىر ئىستەك بار، ئادەمنى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىشكە، قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر چۈشىنىش ۋە بىلىش مۈمكىنچىلىگى بولغان ھەممە ساھەنىڭ ئىشلىرىنى بىلىشكە تەقەززا قىلىدىغان. ئۇ دەل نىمە ئۈچۈن قەدىمقى يۇنان، قەدىمقى رىم دەۋرىدىكى، ئوتتۇرا ئەسىر ياكى قەدىمقى دەۋردىكى پەيلاسوپلارنى ھەقىقەتنى بىلىشكە، مەيلى دېڭىز تاشقىنىنى چېكىندۈرىدىغان مىخاينىزىم، بولسۇن ياكى تېخىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت مىخاينىزىمى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇرۇندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇلارنىڭ ياخشىلىق دېگەن نېمە، ئادالەت دېگەن نېمە، بەخت ياكى دوستلۇق نېمە، دەپ سۇئال سورىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىدى. ئۇلار ئىنسانىيەت روھىنىڭ قانداق تۈزىلىدىغانلىقىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپلا قالماي يەنە بېلىقلارنىڭ قانداق ھەزم بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمىدى...
ئەمىلىيەتتە، پەيلاسوپلارنىڭ ئارزۇسى ھەممىنى بىلىش، قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، بىلىمنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى قۇچاقلاش. بۇ ئارزۇنىڭ كەينىدە، ھەقىقەت ئىدىيىسى ھەرگىزمۇ سان-ساناقسىز مۇستەقىل بۆلەكلەرگە پارچىلانمايدۇ: يەنى، بۇ يەرگە قارىسا بىيولوگىيە، ئۇ يەرگە قارىسا سىياسىي، ئۇندىن باشقا ئېتىكا دېگەندەك.
لېكىن بۇ خىل بارلىق تەتقىقاتلارنى قانداقمۇ بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟
بۈگۈن بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنى چۈشىنىش ئاسان ئەمەس. بىز بىلىمنىڭ ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە ساھەگە بۆلۈنۈشتىن بۇرۇنقى ھالىتىنى ئالدىراپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. لېكىن، بىلىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ئائىت بۇ ئۇقۇم ناھىيىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ پەلسەپە تارىخىغا چوڭقۇر بەلگە سالدى، ھەتتا پەلسەپىنىڭ ئۆزىنى پىلانلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. شۇڭا، ئەگەر خالىسىڭىزلا يەنە ئىككى مىنۇت تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ...
بولىدۇ، بەك سوزىۋەتمەڭ، سەل چارچىغاندەك قىلىمەن...
پەقەت بىر سۆزنى تەكىتلەي: Sophos، بۇ گىرىكچە، بۇ سۆز ئادەتتە ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە: «بىلىمى مول ئادەم» ۋە «دانىشمەن». قەدىمقى يۇنانلىقلارغا نەسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئىككى خىل مەنىنى ئاجراتقىلى بولمايدۇ: بىر بىلىمى مول زات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇمۇ تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى ئەخلاقنى يۈرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولىدۇ. بىر دانىشمەن بولۇش سۈپىتىدە يەنە، ئەلۋەتتە ھەرخىل بىلىملەرنى ئىگەللەش لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نەرسىلەرگە بۇنداق قاراش نۇقتىئىنەزىرىگە ئاساسەن، ھەر ئىككىسىنى تەڭ ھازىرلىيالمايدىغان مۇنداق ئادەم بار: ئۇ بولسىمۇ «بىلىمى مول تەلۋە»، ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆرىنەرلىك بىلىمى بار، لېكىن يۈكسەك ھوقۇققا ئېرىشىشتىكى قارا نىيىتى بار.
ۋاھ!ۋاھ!ۋاھ!...مېنىڭ مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسقۇم كېلىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇپ كەتسەم...ۋاھ!ۋاھ!ۋاھ!
تامامەن توغرا. بىر قەدىمقى يۇنانلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئادەمنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بىلىمى مول بولسا تەبىئىيلا ئۇنىڭ يېتەرلىك ئەقىل-پاراسىتى بولىدۇ، ئۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان غوجايىن بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلىسا ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقىي ئالىم ئەمەس. قەدىمقى يۇنانلىقلار چىنلىقنى بىلىشنىڭ ياخشىلىقنى بىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. بىلىش يالغۇز ئۆگىنىشتىنلا دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى يەنە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنى ياخشىلاشتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنىڭ بىز بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ بۇنداق مۇناسىۋىتى بار: سۈپەت سۆزى «Sophos» «بىلىملىك دانىشمەن»مەنىسىگە ئىگە، سىز ئۇنى «پەيلاسوپ» (Philosophos) دېگەن بۇ سۆزدىن تاپالايسىز. «Philo» سۆزى يەنىلا قەدىمقى گىرىكچىنىڭ ئورانى ئىچىدە بولۇپ، دوستلۇق سۈپىتىدىكى سۆيۈش، پالانە بىلەن دوست بولۇش ياكى دوست بولۇشقا ئىنتىلىش مەنىسىگە ئىگە. پەيلاسوپ دەل «Sophos»دېگەن ئاشۇنداق ئادەمگە ئايلىنىپ، دەل «ئەقىل- پاراسەت» (Sophia)نىڭ دوستى بولۇشقا ئىنتىلىدۇ، ئۇ ئەقىل-پاراسەتنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز بۇ خىل قوش قاتلىمىلىق مەنىنىڭ بىلىم بىلەن ئەقىل- پاراسەتنى بىرلەشتۈرگەن بىردىن- بىر سۆز «Sophia» بىلەن ئىپادىلەنگەن قوش قاتلىمىلىقنىڭ تارىخىي جەرياندا تەدرىجى بۆلۈنۈپ ئايرىلغىنىنى كۆرىمىز. بىر قىسىم كىشىلەر پەلسەپىنى ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان پائالىيەت دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پەلسەپىنى بىلىمگە بولغان ئىزدىنىش دەپ قارايدۇ. لېكىن، مۇشۇ يەردە ئازراق دەم ئېلىۋالايلى. ھېلىمۇ بىر باشلىغانچە خېلى كۆپ ئىلگىرىلىدۇق. سىز ئوبدانراق دەم ئېلىۋېلىڭ!
2-باپ
دانىشمەنلىكمۇ، ئالىملىقمۇ
سىز سوقرات ۋە قەدىمقى يۇنانلىقلار ھەققىدە توختالدىڭىز. شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدىكەن، پەلسەپە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇ بىر پايدىلىنىش سىستېمىسى بولىدىكەن. نېمە ئۈچۈن؟
ئەگەر سىز بىلمەكچى بولسىڭىز بۇنىڭ بىر نەچچە جاۋابى بار. ئالدى بىلەن قەدىمقى يۇنانلىقلار بىزگە ئىنتايىن مۇھىم پەلسەپە ئەسەرلىرىنى قالدۇردى. سىز پىلاتو، ئارېستوتېل دېگەن بۇ ئىسىملارنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۈمكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قالتىس تالانت ئىگىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۈتۈپخانىلاردىكى كىتاپ ئىشكاپلىرىنىڭ بىر قەۋىتىنى ئىگەللەيدۇ، ياۋروپا تارىخىدىكى پەيلاسوپلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئۇلار ئۈلگە. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى يەنە ئەرەپ، يەھۇدىي پەيلاسوپلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە باھاسىغا نائىل بولغان. قەدىمقى يۇنان تېكىستلىرى بولمىش پىلاتو ۋە ئارېستوتېلنىڭ ئەسەرلىرى ئىدىيىۋىي ئويغىنىش دەۋرىدىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى تەتقىقاتلارغا نائىل بولغان. كېيىنكىلەرمۇ ئۇنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ تېكىستلەر تا ھازىرغىچە داۋاملىق تارقالماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ ئەسەرلەرنى ئوخشىمىغان دەۋردىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا چۈشىنىدۇ، لېكىن كىشىلەر يەنىلا بۇ ئەسەرلەرنى توختىماي ئوقۇيدۇ ۋە مۇھاكىمە قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ پەيلاسوپلار ئىدىيە ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم تەسىرگە ئىگە.
بىراق نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلارنىڭ قانداق ئالاھىدە يېرى بار؟ ئۇلارنىڭ يەنە قانداق ئىدىيىسى بار؟
شۇنداق ئېيتالايمىزكى، ئۇلار پەلسەپىنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى كەشپ قىلدى، پەلسەپىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بىلەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئۇلارغا مەنسۇپ. ئۇلار بۈگۈن بىز ئوينىساق بولىدىغان ئويۇننىڭ ھەممىسىنى ئالدىن كۆرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئويۇن قائىدىسىنى كەشپ قىلدى. بۇ نۇقتىدىن دېيەلەيمىزكى، پەلسەپە دېمەك يۇنانچە ئويۇن ئويناش دېمەكتۇر. بىز ئالدىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق، ھەقىقىي چىن ئىدىيىنى ئىزدەش ئىستىكى، سۆزلەش ئۇسۇلىنى تەپتىشلەش پوزېتسىيىسىنى دەل يۇنانلىقلار ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار بۇ نۇقتىنى قانداق ئويلاپ يەتكەن؟
بۇنىڭغا كەلسەك، بۇ بىر قىيىن سۇئال. ئەمىلىيەتتە، بىر ئادەممۇ ئۇنىڭغا جەزملەشتۈرۈپ جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. خۇددى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە يۈز بەرگەن ئېتىقاد قاتلىمىدىكى بىر مەيدان كىرىزىستەك. كىشىلەر قايتا ئەنئەنىگە، ئەپسانىگە ئىشەنمەس بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا رىياللىقنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا، ئۆز كاللىسى بىلەن دۇنيانىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بايقاشقا، ياكى قانداق پىرىنسىپ بىلەن تۇرمۇشنى يېتەكلەش لازىملىقى ۋە قانداق پىرىنسىپ بىلەن ئادالەت تىكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دانىشمەنلەرنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلاپتۇ...
پەيلاسوپلار ئەجابا دانىشمەن ئەمەسمۇ؟
ياق، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. پوتوگىراس، ئېيتىشلارغا قارىغاندا دەل بۇ كىشى «پەيلاسوپ» دېگەن بۇ سۆزنى ئىجات قىلىشتا نەق مۇشۇ پەرقنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانىكەن. دانىشمەنلەرچۇ...ئۇلار پەيغەمبەرلەردۇر! ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت بار. پەيلاسوپلارغا كەلسەك، ئۇلار ئەقىل-پاراسەت ئىزدەيدۇ. ئۇلار ئەقىل-پاراسەتنى ئىگىلىۋالمايدۇ، ئۇلار تىرىشىپ ئەقىل-پاراسەت ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەقىل-پاراسەتنى پەرق ئېتىدۇ. پىكىر قىلىش ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق ياخشى نىشان، ياخشى چارە تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەقىل- پاراسەت ھەرگىزمۇ بىر خىل مۆكۈنگەن ئەقىل-پاراسەت ئەمەس، بەلكى قۇرۇلمىسىنى قۇرغىلى بولىدىغان، دەلىللىگىلى بولىدىغان مەلۇم خىل نەرسە. ئۇ ھەرگىزمۇ ئەپسانە بىلەن ئېتىقاد قاتلىمىدىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى بىر خىل لوگىكىلىق ئەقلىي ۋەزىپە.
ئۇنداقتا، پەقەت يۇنانلىقلارلا بۇنداق بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانمۇ؟
بۇمۇ بىر جاۋاپ بېرىش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە، ئۇ نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق جەزم قىلغان ئىدى، يۇنانلىقلار ئەينى يىللىرى بىردىن-بىر پەلسەپىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلار «پەلسەپە» دېگەن بۇ نامنى كەشپ قىلغان ھەمدە شۇنىڭغا لايىق پەلسەپە ئەمىلىيىتىنى كەشپ قىلغان. شۇڭا، يۇنانلىقلار ئەينى ۋاقىتتىكى يەكتالاردىن ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىدى، ھەتتا كىشىلەر ئۇلارنى «يۇنان مۆجىزىسى!»دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى.
بۇنداق ئىشەنچ ئىلگىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ھازىرمۇ بەزى كىشىلەر مۇشۇ ئىشەنچكە قوشۇلىدۇ. ماڭا كەلسەك، يەكۈنىمچە ئۇ توغرا قاراش ئەمەس. قارىشىمچە، باشقا مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا، قەدىمقى ھىندىستان، جۇڭگو، يەنە يەھۇدىي مەدەنىيىتى، ئەرەپ مەدىنىيىتى ئارىسىدىمۇ پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلار بولغان. يۇنانلىقلار ھۆرمەتكە سازاۋەر، لېكىن پەلسەپە ساھەسىدە ئۇلار يەكتا ئەمەس.
ئالاقىدارلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان ئاشۇ دەۋرگە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇناندا، بىز ھېلىلا دەپ ئۆتتۇق، ئاشۇ پوتوگىراس ياشاپ ئۆتكەن دەۋردە يەنە تالىس ۋە باشقا مۇتەپەككۈرلەرمۇ بار ئىدى. بۇ دەۋرگە ياندىشىپ پەلسەپە بىلەن ئىلىم-پەن دۇنياغا كېلىپ، ئەقلىيلىككە ۋە لوگىكىلىق دەلىللەشكە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇلدى.
ھىندىستاندا، ئوخشاش دەۋردىكى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئۇچرىشىشلار بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئورنى، شەيئىلەرنىڭ ماھىئىيىتى، تەقدىر ھەمدە تېنچلىنىش ئۇسۇلىغا دائىر پەۋقۇلئاددە ئىدىيە ھەرىكىتى باش كۆتۈردى. سەل كېيىن بۇددا دىنى ئىدىيىسىگە ئەگىشىپ، ھىندىستاندا يەنە بىر خىل ئويلىنىش ئۇسلۇبى پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىگى پەلسەپىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ.
جۇڭگودا، يەنىلا ئوخشاش مەزگىلدە ئاشۇ پەرقلىق مەدەنىيەت زىلزىلىسى بىلەن تۈزۈك ئۇچراشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر خىل يېڭى ئىدىيە شەكلى مەيدانغا كېلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. لاۋزى دېگەن بىر بۈيۈك پەيلاسوپ «داۋدېجىڭ» (ماھىئىيەت ۋە خۇلق ھەققىدىكى ئەسەر)نى يېزىپ بىر تارىخى ئۇزۇن ئىدىيىۋىي ئېقىمنى ئاچتى، ھەمدە ئىدراكنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈردى.
قىزىقارلىقى، بۈگۈنمۇ كىشىلەر بۇ كىتاپنى ئوقۇيدۇ، خۇددى كىشىلەر تېخىچە نوم ياكى يۇنان دەۋرىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقىغاندەك.
ئۇ ئىدىيەلەر ئىنتايىن كونا تۇرسا قانداقسىگە بۈگۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟
بۇ ئېھتىمال ئۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ ھازىرقى رىياللىق بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇققا تۇتقان پوزېتسىيىمىزگە چېتىلىپ، بىزنىڭ ئارزۇ، ئۆلۈم، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇ خىل ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئىچىگە كىشىلەر ئورۇن ئالغان جەمئىيەت تىپلىرىمۇ ئارىلىشىدۇ، لېكىن كۈچلۈك يوسۇندا ئەمەس. گەپنىڭ قىسقىسى، ناھىيىتى قەدىمقى دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۈرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھازىرقى دۇنيادىكى بىز ئوتتۇرىمىزدا ئورتاقلىق پەرقنى بېسىپ چۈشىدۇ. يۇنان جەمئىيىتى بىلەن بىز تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەت قىلچىمۇ ئوخشىمايدۇ. لېكىن بۇ قەدىمقى پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى يەنىلا بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، گەرچە ۋاقىت ئارىلىقىمىز بەك ئۇزۇن بولسىمۇ يەنىلا باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بەكمۇ يېقىن.
قەدىمقى ھىندىستان، ئەنئەنىۋىي جۇڭگو، «ئىنجىل» دەۋرىدىكى يېرۇسالىم ياكى ئەرەپ ئىدىيىسىنىڭ مەركىزىگە نىسبەتەن ھەممىسىنى بىز شۇنداق ئېيتالايمىز. ئەمىلىيەتتە، قەدىمقى تېكىستلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان پۈتۈن مۇھىتنىڭ ھەممىسى يوقالدى. قەدىمقى دەۋردىكى ئۆيلەر، ئاھالىلەر، ئۇلارنىڭ كىيىمى، تاماق يىيىش ۋە يۆتكىلىش ئۇسۇلى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى...بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى. بۇ جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا بىز پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قەدىمىي ئىدىيىلەر داۋاملىق بىزگە گەپ قىلىدۇ، بىز دائىم ئۇلاردى ئۆزلەشتۈرىمىز ھەم مۇنازىرە قىلىمىز.
قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇ تېكىستلەرنىڭ ئاپتورلىرى ھايات بولمىغاچقا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ!
بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. لېكىن ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەر ئۇلار بىلەن توختىماي مۇنازىرىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. پەيلاسوپلار ۋاقىتتىن ھالقىپ بىر دەۋردىن يەنە بىر دەۋرگىچە ئۆزئارا جاۋاپ قايتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىتاپلارنىڭ ياردىمىدە ئۇلار ۋاقىتتىن ھالقىپ ھايات ئادەملەر بىلەن دىيالوگلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھۋال. لېكىن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىرمۇ كىشىنىڭ قەدىمىي ئىدىيىلەر بىلەن ئىشى يوق. فىزىكا، بىيولوگىيە ۋە باشقا پەنلەر ئارىسىدىكى بىلىملەرنىڭ يېڭىلىنىشى قەدىمقى ئىدىيەلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. بىر قىسىم تارىخچىلار ئۆتمۈشتىكى بىلىملەرنى تەتقىق قىلىپ قايتىدىن قۇردى. لېكىن، ئالىملار بىر نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئىدىيىلەرگە قىزىقمايدۇ. بۈگۈنكى ئىلىم- پەنگە نىسبەتەن قەدىمقى ئىدىيىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، پەلسەپە ساھەسىدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەرەققىيات ھەقىقىي تۈردە يۈز بەرمىدى، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش بىر مەنە قاتلىمىدىن ئەمەس. بىر قىسىم نەزەرلەر ئۆزگەردى، بىر قىسىم يېڭى قاراشلار پەيدا بولدى، لېكىن بۇلار قەدىمىي ئىدىيىلەرنى تۈپتىن يوقىتىۋېتەلمىدى. بۇ ئىلىم- پەن ساھەسىدە ساقلانغان پاسىللىق قەدىم بۈگۈن مۇناسىۋىتىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەدەبىيات ساھەسى (كىشىلەر ھەمىشە ھومېر داستانى ياكى «ئودېسسا»دىكى يولىسىسنىڭ خەتەرلىك ھېكايىلىرىنى ئوقۇيدۇ) ياكى سەنئەت ساھەسى (كىشىلەر بۈگۈنمۇ قەدىمىي ھەيكەللەر ۋە ئەسىرلەر ئىلگىرىكى تام رەسىملىرىگە مەھلىيالىق قىلىدۇ) بىلەن تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا پەرق بار: پەلسەپە ساھەسىدە بىز ھەرگىزمۇ قەدىمقى قاراشلارغا چوقۇنۇشقا قانائەت قىلمايمىز، لېكىن كىشىلەر ئۇنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، قەدىمدىن ھازىرغىچە يەنىلا بىر قىسىم ئىشلار يۈز بەردى! سىزنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگىنىڭىز پەقەت مىلادىدىن خېلى بۇرۇنقى ئىشلاركەنغۇ.
تەخمىنەن بەش ئەسىر ئىلگىرىكى. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئەسىرنىڭ نۇرغۇن پەيلاسوپلىرى بار، تا بۈگۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قەدىمقى يۇنان، رىم دەۋرلىرى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىسەم كىشىلەر قەدىمقى دەۋرنى توختاۋسىز ئەسلەيدۇ. لېكىن يەنىلا يېنىپ چىقىدۇ. يېنىپ چىققىلى قويۇڭلار. ئۇزۇنغا سوزۇلغان پەلسەپە تارىخىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىنى قۇچۇپ ئىدىتلىشىمىزغا ئىجازەت بېرىڭلار. ئېنىقكى، ھەممىنى بايان قىلىپ بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلالامسىزكىن؟ 25ئەسىردە مىڭدەك پەيلاسوپ ئۆتتى، 10مىڭدەك پەلسەپە كىتاپلىرى يېزىلدى...بىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلساق ئاندىن ئۇنى بىر قۇر ئوقۇپ بولىمىز، ئۇ بىزنى ناھىيىتب ھاردۇرىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا، دەسلەپكى قەدەمدە يېقىنلىشىش ئۈچۈن مەن سىزگە ناھىيىتى ئاددىي بىر پاسىلنى تەۋسىيە قىلاي. مەن پۈتۈن غەرپ پەلسەپە تارىخىنى پەقەت 2 چوڭ قىسىمغا ئايرىيمەن. بىرىنچى باسقۇچتا كىشىلەر دانىشمەنگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلغان. قىسقىسى، بۇ قەدىمقى يۇنان، رىم دەۋرىدە يۈز بەرگەن. ئىككىنچى باسقۇچتا كىشىلەر بىلىمى مول ئالىملارغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلدى، يىرىك قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ھازىرقى زاماندا يۈز بەردى.
دانىشمەنگە ئايلىنىش دېگەن زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېيتقاندا، دانىشمەنلەر مۇنداق ئادەملەردۇر: ئۇلار تاپقان چىن ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېتەكلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق شارائىتىغا غەلىبىلىك كىرگۈزەلەيدۇ.
بىر نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈر: ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش بىر خىل ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. قەدىمقى پەيلاسوپلارنى چۈشىنىشتە بۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا. ئۇلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار بىر قىسىم قەلبنى تاۋلاش ئۇسۇلىنى ئىجات قىلىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئورۇنلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق پەيلاسوپقا ئايلىنىدۇ. بۇ كۆرۈش دائىرىسىدە ئۇلار ئالىم-پىروفېسسور ئەمەس. ئۇ بىر قىسىم دەرسلەرنى ئۆتۈپ قويۇش ياكى بىر قىسىم كىتاپلارنى يېزىپ قويۇش بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مەۋجۇتلۇق ئىچىدە ئوخشىمىغان پوزېتسىيە قوللىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ پەيلاسوپلار كىتاپ يازمامدۇ؟
ھەممىسىلا يېزىپ كەتمەيدۇ. ئاۋۇ كىتاپ يازغان پەيلاسوپلار كىتاپ يېزىشنى ئەقىل-پاراسەتكە قاراپ قانداق ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن قىلىدۇ؛ ياكى قەلبنى تاۋلاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئۆزىنى مەشقلەندۈرۈپ دانىشمەنگە ئايلىنىدۇ.
ئۇلار نىمىشقا دانىشمەنگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەختلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن! يەنە قېلىپ ھەل قىلغۇچ ئۇسۇل بىلەن. دانىشمەنلەر ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختسىزلىك، تەشۋىش، ئەنسىزلىك، ئۈمىتسىزلىك، ھەسەت، كۈتۈش ۋە ھەرخىل ئەپسۇسلىنىشلاردىن ئاجرىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ھامان تەشۋىشسىز، قىلچىمۇ ئىسەنكىرىمەيدۇ. ئۇلار ھەتتا خالىغان ۋاقىتتا پانىينى تەرك ئېتىدۇ، قىلچىمۇ ئىككىلەنمەيدۇ، خۇددى تاماق شىرەسىدىن ئايرىلغاندەكلا...
ھېچكىم بۇنداق قىلالماسمىكى!
ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلارمۇ بىلىدۇ، ئۇ ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارمۇ ئېيتىدۇ، ئېھتىمال ئەزەلدىن ئادەتتىكى ئادەمدىن ئۆزگەرگەن ئەۋلىيا بولۇپ باقمىغان. بۇنداق ئەۋلىيا تىپىدىكى دانىشمەنلەر پەقەتلا بىر غايە. ئۇ بىر خىل سېزىم. ئېھتىمال كىشىلەر ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. لېكىن كىشىلەر تىرىشىش ئارقىلىق بۇ پەللىگە يېقىنلىشالايدۇ. كىشىلەر مۇشۇ يۆلىنىشكە قاراپ ئالغا باسالايدۇ.
قانداق ئورۇنلايدۇ؟
ئوخشىمىغان ئېقىم، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم پەرقلەر بار. بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەل ئىدراكىي تۇرمۇشنى تەتقىق قىلىش، قەلبنى تاۋلاشنى ئۆزلەشتۈرۈش كىشىنى بەختكە يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن پىلاتونى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ قارىشىچە بىزنىڭ روھىمىز بىلەن چىنلىق ئىدىيىسى چېتىشلىقتۇر. روھىمىزنىڭ ئىدراكىي قىسمى دەل ھەقىقەتنى سوغۇققانلىق بىلەن كۈزىتىشتىن كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ دەل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور بەختى، دەل ئىنسانىيەت ھاياتلىقىدا ئورۇندىيالايدىغان ئەڭ ياخشى پەللە. ئارېستوتېل ئەسلىدە پىلاتونىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كېيىن ئاندىن پىلاتونىڭ نۇرغۇن كۆزقاراشلىرى ئۈستىگە تىغدەك قارشى تۇرغان. ئۇنىڭدىنمۇ پىلاتونىڭكىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىپ كېتىدىغان بىر خىل كۆز قاراشنى تاپقىلى بولىدۇ: ئىنسانلار بىلىش ئۈچۈن تۇغۇلغان. كىشىلەر بىلىمگە تەشنا، ھەمدە بىلىش دەل ئۇلارنىڭ ئەڭ زور بەختى.
بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئويناش ئاسان ئەمەسكەن!
مۇشۇنداق ئويلايدىغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن...مەيلى نىمىلا دېمەيلى، مۇھىمى پىلاتو، ئارېستوتېل ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئەستە تۇتۇشتا ئەمەس. مۇھىمى بارلىق كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەردە. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ: ئىنسانىيەت قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تۇرمۇشقا يېتەلەيدۇ، ئىنسانىيەت شارائىتىدىكى ئالاھىدە قابىلىيەتنى تېخىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟
خۇددى كۆرگىنىڭىزدەك بۇ بەخت مەسىلىسى بىلەن ئورتاق بىر مەسىلە. ئەمىلىيەتتە، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان، مۇنەۋۋەر، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇقەررەركى، بەختلىك ھاياتتۇر.
ئۇنداقتا يەنە باشقا جاۋاپلارمۇ بارمۇ؟
مەسىلەن، خوشاللىق.
بۇ بەك ياخشىكەن!
شۇنداق. مەسىلەن، تەتقىقاتتىكى خۇشاللىق، ئىدراك، بايقاش ۋە بىلىنگەن خوشاللىق...دېگەندەك خۇشاللىققا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپىلەرنى بىز پەقەت بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. لېكىن، كىشىنى بەختلىك ھېس قىلدۇرىدىغان خۇشاللىقنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بەدەن، جىنسىيەت ۋە يېمەكلىكتۇر. ئېپىكورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر پەلسەپە ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنى سەراسىمگە سالىدىغان كېرەكسىز ئىستەكلەردىن خالىي بولالىسا ئۇنداقتا ئۇ كىشى بەختكە يەتكەن بولىدۇ. بۇ خىل پەلسەپىلەر بىر خىل تېببى ئۇسۇلدىكى داۋالاشتەك، رېتسىپتەك، تۇرمۇشىمىزدىكى نامۇۋاپىقلىقنى داۋالاۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. زور كۆپ ساندىكى قەدىمقى پەلسەپە ئېقىملىرى ئەقىل- پاراسەتكە تۇتاشقان ئويلىنىش سەپىرىدە مەلۇم خىل پەلسەپىنىڭ «شىپالىق دورا»سىنى نامايەن قىلغان.
ئېپىكور ئېقىمىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى 4 گۇرۇپپىدىن تۈزۈلگەن رېتسىپ. بىرىنچى، ئاسمان- زېمىن تەڭرىلىرىدىن قورقماسلىق. ئىككىنچى، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. ئۈچىنچى، شەخسىي ئىستەكنى تەڭشەش. يەنى، كېرەكسىز ياكى مەۋھۇم نەرسىلەرنىڭ ئارمىنىنى قىلماسلىق. تۆتىنچى، ئازاپقا چىداش. ئەگەر بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مەۋجۇتلىقىمىزدا بۇ تۆت نۇقتىنى بىرلەشتۈرەلىسەك ئاندىن بىر خىل خاتىرجەم تۇرمۇشنى ئۆتكۈزەلەيمىز، دەيدۇ، ئېپىكور. ئۇ بىر خىل ئازاپ ۋە بەختسىزلىك بولمىغان بەختلىك مەۋجۇتلۇق. ئەلۋەتتە جىمجىتلىق بىلەن ئازادىلىكنىڭ بىزنى بەختلىك تۇيغۇغا ئىگە قىلالايدىغىنىنى ئېتىراپ قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا...
سىز بۇ نۇقتىغا ئىشەنمەنسىز؟
قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسىدە باشقا ئېھتىماللىق نەزەرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، بىز بىر قىسىم پەيلاسوپلارنىڭ ئېپىكور ئېقىمى تەشەببۇس قىلغان بۇنداق تېنچ-خاتىرجەم خۇشاللىققا قارشى چىققىنىنى بايقايمىز. بىر قىسىم ئادەملەر «ھەرىكەت ئىچىدىكى» خۇشاللىقنىڭ تېخىمۇ ئېسىللىققىنى قوللايدۇ.
بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقىنى نېمە؟ تەننىڭ خۇشاللىقىمۇ؟
ئىككى خىل خۇشاللىق ئۇقۇمى ئۆزئارا زىت كېلىدۇ. تېنچلانغان ھالەتتىكى خۇشاللىقتا: يەنى، ئۇ يەردە ئازاپلىنىش بولمايدۇ. قورسىقىڭىز ئاچمايدۇ، ئۇسسىمايسىز، ھېرىپ-چارچىمايسىز. ئازاپتىن خالىي ھوزۇر ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولىسىز. ھەرىكەت ھالىتىدىكى خۇشاللىقتا: كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېڭى سېزىمدىن دېرەك بېرىدۇ. تاماق يىيىش، سۇ ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت، ئۇسۇل ئويناش، ئۇخلاش...بۇنداق خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ئۈچۈنمۇ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئىستەكنىڭ كېرىلىش كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئەگەر سىز خۇشاللىقنى ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دېسىڭىز، ئەگەر مەن مۇشۇنداق دېيەلىسەم بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇ بىر خىل تېنچ خۇشاللىقنىڭ ئازاپنى يەڭگىلىتىشكە ئورۇن بوشىتىشىدۇر، ياكى كېرىلىش كۈچى بىلەن شاتلىققا تولغان خۇشاللىقتۇر. بۇ مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم نۇقتا.
قەدىمقى دەۋردىكى يەنە بىر قىسىم باشقا پەيلاسوپلار ئىرادىنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا قويىدۇ، يەنە روھنىڭ خاتىرجەملىكىنىمۇ. ئۇلارنىڭ تەشەببۇس قىلىشىچە، ھېچكىممۇ ھەرقانداق قىلىپ بىزنىڭ روھىمىزغا تاقابىل تۇرالمايدىكەن. روھ گويا بىر قەلئەگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەركىنمىز، گەرچە تېنىمىز ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ياكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ. كىشىلەر ئېيتقان سىتويىك ئېقىمىمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر تەن ئازابى، مۇشەققەت، مۇستەبىتلەرنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىسىمۇ يەنىلا بەخت ھېس قىلىشى مۈمكىنكەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل نەرسە بىزگە، پەقەت ئۆزىمىزگىلا باغلىق ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ ئىرادە. قەدىمقى دەۋر پەلسەپە ئېقىملىرى ئىچىدە ھاياسىزلىق ۋە گۇمانچىلىقنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر. ھاياسىزلىق ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، بەختكە يېتىدىغان ئەڭ بىۋاستە يول دەل تۇغما تەبىئەت بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىكەن. شۇڭا ئۇلار خۇددى ئىتقا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن (بۇ يەردىكى «ھاياسىز»نىڭ مەنىسى kunos تىن كەلگەن بولۇپ، گىرىك تىلىدا ئىت مەنىسىگە ئىگە)، بۇ پەيلاسوپلار ھوزۇر، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە بارلىق ئىجتىمائىي قائىدىلەرنى رەت قىلىدۇ، ئۇلار داق يەردە، كوچىلاردا ئۇخلايدۇ، كوچا بويلاپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ.
بۇ بەكلا مۇشەققەتلىككەن، لېكىن ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئەركىن ئىكەن!
گۇمانچىلىقچىلارغا كەلسەك، ئۇلار بىزنىڭ بىر خىل ھەقىقەتكە مەڭگۈ غەلىبىلىك يېتەلمەيدىغىنىمىزغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئاسما (ئېھتىماللىق قالدۇرۇپ) ھۆكۈم چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەڭگۈ يا «ھەئە»، يا «ياق» دېمەيدۇ، مەڭگۈ بىر نەرسىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا، بىر ئىدىيىنىڭ چىن- ساختىلىقىغا جەزم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ئومۇمىي گەۋدىدىن گۇمانلىنىش دەل ئەقىل-پاراسەت ۋە بەختكە تۇتىشىدىغان يولدۇر.
باشقا مىڭ خىل چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بىز ھەرخىل كىتاپلارنى يېزىپ، ھەقىقەت ئىزدەۋاتقان ئاۋۇ كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىزاھلىيالايمىز. لېكىن بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس! مەن پەقەت سىزگە بۇ ئېقىملارنىڭ موللىقى ۋە كۆپخىللىققىنى بىلدۈرسەملا بولدى. گىرىتسىيە، رىم، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغىقىنى قورشاپ تۇرغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، بۇ ئېقىملار ئىلگىرى بىر نەچچە ئەسىر جانلانغان. كېيىن، ھەممىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
نېمە سەۋەپتىن؟
خىرىستيان دىنى سەۋەبىدىن. مىلالىدىندىن كېيىنكى ئالدىنقى ئۈچ ئەسىر ئىچىدە خىرىستيان دىنى پۈتكۈل رىم ئېمپىرىيىسىدە بارغانسېرى زور تەسىرگە ئىگە بولدى. ئېھتىمال بىلگىنىڭىزدەك، 323-يىلى، ئېمپىراتور كونىستانتىننىڭ بىر بۇيرۇق ئېلان قىلىشى بىلەن خىرىستيان دىنى ئەڭ ئاخىرى رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق دۆلەت دىنى بولدى.
بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي پىسخىكىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بۇ خىل تەۋرىنىشنىڭ نۇرغۇن ئاقىۋەتلىرى ئىچىدە بىزنى قىزىقتۇرىدىغان بىر نۇقتا بار. دانىشمەنلەرنىڭ ئىدىيىلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي چۆكۈپ كەتتى، يەنە پەلسەپىۋىي ھاياتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمۇ بىكارغا كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-21 18:25
|