مويەن: جۇڭگو ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىياتى سەۋىيىسىگە يەتتى
مو يەن، لى فۇ
(سۆھبەت خاتىرىسى)
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
تەھرىر ئىلاۋىسى: 2008- يىلى 10- ئايدا، مويەن ئۆز ئۆيىدە كامېرا ئالدىدا بۇ سۆھبەتنى تاماملىغان ئىدى، گەرچە ئۇ چاغدا مو يەن تېخى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمىگەن بولمىسىمۇ ئەمما مەزكۇر ئىنتايىن تەپسىلى سۆھبەت ئارقىلىق بىز مويەننىڭ دۇنياسىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىۋالالايمىز.
لى فۇ: مو يەن مۇئەللىم، نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆز يۇرتىدىن چىقالمايدۇ ياكى ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، ئەسەرلىرىڭىز بىلەن تونۇش كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى، سىز ئىزچىل گاۋمىنىڭ تۇپرىقىدىن ھېكايە قېزىۋاتىسىز.
مو يەن: بىر يازغۇچىنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان ھېسسىياتى بىر خىل مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھالەت بولسا كېرەك، خۇددى مەن «قىزىل قوناق» دېگەن رومانىمنىڭ باشلىنىشىدا يازغىنىمدەك گاۋمى يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ كۆرۈمسىز، يەنە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان، ئەڭ مەردۇ- مەردانە، ئەڭ ئىپلاس بىر جاي. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت تەڭلا يۈز بېرىدىغان بىر خىل ھېسسىيات. ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئايرىلغۇڭىز، قېچىپ كەتكۈڭىز كېلىدۇ، بەلكى قانچە يىراققا كەتسىڭىز شۇنچە ياخشى، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيسىز. لېكىن يۇرتىڭىزدىن ئايرىلدىڭىزمۇ شۇ ھامان ئۇنى ئىنتايىن كۈچلۈك سېغىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھىس قىلىسىز، بەلكى بۇ چاغدا يۇرتقا بولغان سېغىنىشىڭىز ئىنتايىن كونكىرىتلىشپ، دەريادىكى بىر كىچىك تاش كۆۋرۈك ياكى كەنت دوقمۇشىدىكى بىر تۈپ يوغان دەرەخ، ھەتتا يول بويىدىكى بىر قورام تاشمۇ تۇساتتىن چۈشىڭىزگە كىرىشى ئىنتايىن مۈمكىن، شۇڭىمۇ مەن يازغۇچىلار بىلەن ئانا يۇرتنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىنى بىر خىل قانداشلىق مۇناسىۋەت دەپ تونۇپ كەلدىم، ئۇنىڭدىن ئالدىراپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەتكە چوقۇم بويسۇنىشىمىز، ئۆز ئەدەبىياتىمىز مەسىلىلىرىنى چوقۇم مۇشۇ مۇناسىۋەت ئىچىدە تەپەككۈر قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ تەسىراتىممۇ پۈتۈنلەي ئۆز قەلبىمنىڭ چوڭقۇر جايىدىن كەلگەن ئەمەس، يەنە نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىنىمۇ قوبۇل قىلغانمەن، ئوقىغان ئەسىرىڭىز ئاۋۇغانسېرى، تونىغان يازغۇچىلىرىڭىز كۆپەيگەنسېرى ئانا يۇرتنىڭ ھەرقانداق بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى ئۇ جۇڭگولۇق ياكى چەتئەللىك بولسۇن، مەيلى قېرى ياكى ياش بولسۇن ھامان ئالدىراپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر چۈش ئىكەنلىگىنى شۇنچە چۈشىنىدىكەنسىز.بەلكى، ھەر بىرەيلەن ئەمىلىيەتتە ئۆز يۇرتىدىكى ۋەقەلەر ئارىسىدىن تىرىشىپ ئىجادىي ئىلھام ئىزدەيدۇ، بۇ بايقىشىم مېنىڭچە ئۆزۈمگە نىسبەتەن بىر خىل ئىنقىلاۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يۇرتۇمنى بايقاشتىن بۇرۇن، يۇرت بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بۇ خىل زىچ مۇناسىۋىتىنى بايقاشتىن بۇرۇن يېزىقچىلىقىمنى ئىنتايىن مۈشكۈل دەپ ئېيتىشقا بولاتتى، ئۇنىڭ ئەڭ رۆشەن بىر ئىپادىسى شۇكى، يازىدىغان خام ماتىرىيالنى تاپالمايتتىم، قانداقراق ھېكايىنى رومانىمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى بىلمەيتتىم. ئانا يۇرتۇمنى بىردىنلا«بايقاش»تىن كېيىن ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن خام ماتىرىيالغا ئىگە بولدۇم، بۇرۇن بىز سەل قارىغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئەمىلىيەتتە روماننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەن.
لى فۇ: «بايقاش» ئىزدەشنىڭ نەتىجىسى، ئۇنداقتا ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
مو يەن: ئۇ ئۆزگىرىش ئىنتايىن رۆشەن بولدى، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خاتىرەم ئىچىدىكى گاۋمى بىلەن رىياللىقتىكى گاۋمىنىڭ يەر شارىدىكى ئورنى ئۆزگەرمىگەندىن باشقا ھەممە نېمىسى ئۆزگەردى. بارلىق قۇرۇلۇشلار ئۆزگەردى، مەن تونۇيدىغان ھەممە ئادەم ئۆزگەردى، قۇرداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ياشاندى، بۇرۇن مەن ئەسكەرلىككە كەتكەن چاغدا تۇغۇلمىغان نۇرغۇن بالىلار ھازىر چوڭ ئادەم بولۇپ كەتتى، ھەممىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى. شۇڭا ھازىر گېپىنى قىلىۋاتقان ئانا يۇرت، رومانىمدا كۆرۈلىدىغان گاۋمى ماڭا ئىنتايىن يىراقتىكى بىر چۈشتەك تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگى تەسەۋۋۇرۇمنىڭ ئۇلى ئۈستىگە قۇرۇلغان ياكى گاۋمىنىڭ ھەقىقىي جۇغراپىئەلىك مۇھىتى ئۈستىدىكى بىر تەسەۋۋۇردىكى پادىشاھلىققا قۇرۇلغان، نۇرغۇن نەرسىلەر شۇنىڭدىن باشلاپ كېڭىيىدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ، ھەر يەر- ھەر يەردىن ئېلىپ كېلىنىدۇ.
لى فۇ: گەرچە ئازراق تەسەۋۋۇر تەركىبى بولسىمۇ، ئەمما چۈشىڭىز يەنىلا كاللىڭىزدىكى رىياللىقتۇر.
مو يەن: چۈنكى، ئەدەبىيات بىلەن رىيال تۇرمۇش جەزمەن ئاجرىتىش تەس بولغان مۇناسىۋەتكە ئىگە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىيات تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، بۇ جەزمەن ھەقىقەت.لېكىن يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرى بۇنىڭ ئىچىدىمۇ غايەت زور رول ئوينايدۇ، ئەدەبىيات رېئاللىقتىن كېلىدۇ، ئەمما ھەرگىز رېئاللىقنى ئەينەن كۆچۈرمەيدۇ. تەسەۋۋۇرنى قانداق قىلغاندا بۇ خىل رېئاللىقتىكى ئاددىي تۇرمۇشقا قانات قىلىپ ئورناتقىلى بولىدۇ، يەنى، رېئال ئانا تۇپراقنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات تۇپرىقىنى قانداق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يازغۇچىنىڭ زور مىقداردىكى جاپالىق خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق. بۇ خىزمەت تۇرمۇش دائىرىڭىزنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ، ئۆز يۇرتىڭىزنى چۈشىنىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇن يۇرتلارنى چۈشىنىسىز ،يالغۇز جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىپلا قالماي، چەتئەلنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنىمۇ، ھازىرقى دەۋرنىلا چۈشىنىپلا قالماي يەنە قەدىمقىنىمۇ چۈشىنىسىز، ھەتتا كەلگۈسىنى قىياس قىلىشىڭىزمۇ مۈمكىن. مەنچە بۇ ھەر تەرەپتىن كەلگەن، قەدىمقى بىلەن بۈگۈن، جۇڭگو بىلەن چەتئەلنىڭ يىغىندا كۈچىدۇر، ئارقىدىن بۇ خىل ئاساستا مۇنۇ ئانا يۇرت ھەقىقىي ئەدەبىيلىككە ئايلىنىدۇ.
لى فۇ: مو يەن مۇئەللىم، دەسلەپكى ئەدەبىي ئويغىنىشىڭىز بىلەن كىتاپ ئوقۇش ئەھۋالىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
مو يەن: بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى ئەشۇ ياش ئۆسمۈر چاغلىرىمدا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولسىمۇ ئەمما سىز ئوقىغۇدەك ئۇنچە كۆپ كىتاپ يوق ئىدى، كىتاپ كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ يەنە ئۇنى ئوقىغۇدەك ئۇنچە كۆپ ۋاقتىڭىز بولمايتتى، چۈنكى ئۇ چاغلار بەك بىچارە ئىدى. مەن ئەيتاۋۇر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-،3- يىللىقىدىن باشلاپ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇشنى باشلىدىم. لېكىن ئۇ چاغدىمۇ، يەنى «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى»دىن بۇرۇن يەنىلا خەلق ئارىسىدىكى شەخسلەر ساقلىغان جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى مەسىلەن، بىز ھەممىمىز بىلىدىغان «3 پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «ئەۋلىيالار ھەققىدە قىسسە» دېگەندەكلەرنى تاپقىلى بولاتتى، لېكىن كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە بىر نەچچە قىزىل كىلاسسىك ئەسەر بولمىش «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا»، «كۇسەيگۈل»، «ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلانغان ئەزىمەت» قاتارلىقلار بار ئىدى. مەكتەپتىكى بەزى مۇئەللىملەر يەنىلا ئەدەبىيات مۇخلىسى بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن كىتاپ سېتىۋالغان ئىدى، ئۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقىغان ئىدىم، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يېتىپ كەلگەندە بۇ قىزىل كىلاسسىكلارمۇ يوقىتىلىپ، ئوقىغۇدەك كىتاپ قالمىدى.
بۇ مەزگىلدە، مەن كىتاپ ئوقۇش تەشنالىقىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئاكامدىن قالغان بىر نەچچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە تاياندىم. چوڭ ئاكام ئەينى چاغدا شاڭخەي خۇادۇڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكولتېتىدا ئوقۇيتتى، ئۇ ئۆيگە بىر نەچچە يەشىك «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن بۇرۇنقى ژورناللارنى قويۇپ قويغان ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىگىمۇ بار ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىگى ئەدەبىيات ۋە خەنزۇ تىلى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ خەنزۇ تىلى ئاساسلىقى لوگىكا بىلەن گىرامماتىكا ئىدى؛ ئەدەبىياتتا ئوقۇش ئاساس قىلىناتتى، يەنى نۇرغۇن قەدىمقى ۋە بۈگۈنكى مەشھۇر ئەسەرلەر ئوقۇشقا تاللانغان ئىدى، ئۇ مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ پارچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، بۇ دەرسلىكلەر ئاران 3 كىتاپ بولسىمۇ، ئەمما ماڭا ياردىمى ئىنتايىن زور بولغان ئىدى. ئۇلاردىن مەن جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ماۋدۇننىڭ، لاۋ شېنىڭ، لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىنى، يەنە گو مورونىڭ دىراممىلىرىنى چۈشىنىپلا قالماي يەنە بىر قىسىم چەتئەل يازغۇچىلىرى، جۈملىدىن پوشكىن قاتارلىقلار بىلەن تونۇشتۇم. كېيىن مەن ئەسكەر بولدۇم، ئەسكەر بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەنىلا كىتاپ ئوقۇشقا خۇمار بولدۇم. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى سەپدىشىمنىڭ بولغۇسى ئايالى كۈتۈپخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. سەپدىشىمنىڭ بۇ قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيىتى جىق 11- ئەسىر، 18- ئەسىردىكى فىرانسىيەنىڭ، روسىيەنىڭ تەنقىدىي رىيالىزملىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقىدىم. مەسىلەن تولىستوي، بالزاك قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئوقىۋەتكىنىم ئاز ئەمەس. 1984- يىلىدىن كېيىن «يېڭى دەۋر» باشلاندى، ئەلۋەتتە ئوقىغان كىتاۋىممۇ بىر قەدەر كۆپ بولدى، بۇ چاغدا كەسپىممۇ ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى، كىتاپ ئوقۇشمۇ خىزمىتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، بىر قىسىم غەرپ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان فۇلېكنېر، ھىمىڭۋاي، ماركۇز قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بار ئىدى. ئۇندىن كېيىن كىتاپ ئوقۇشۇم ئۈزۈلۈپ- ئۈزۈلۈپ داۋاملاشتى، چۈنكى، يېزىقچىلىق نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئالدى، چاغداشلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئوقۇشۇم مۈمكىن ئەمەس ئىدى، يەنە ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلىنىپ چىقىۋاتقان يېڭى كىتاپلارنى ئوقۇشنىمۇ گاھىدا توختىتىپ، گاھىدا داۋاملاشتۇردۇم. ئۇ چاغدىكى كىتاپ ئوقۇشۇم مېنىڭچە ساپلىقىدىن قالغان ئىدى، كىچىك ۋاقتىمدىكى، ياش ۋاقتىمدىكى ئەشۇ خىل كىتاپ ئوقۇشۇم ساپ ئوقۇرمەنلىك بولغان ئىدى، كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولاتتىمكى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىجادىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتى دەپ ئويلىۋالمايتتىم. شۇڭا، 1984- يىلىدىن كېيىنكى كىتاپ ئوقۇشۇمغا قويۇق بولغان مەنپەئەتلىنىش خارەكتىرى يېپىشقان بولۇپ، يالغۇز ھېكايىلا ئوقۇپ قالماي يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىن تېخنىكا ئوقۇيمەن، باشقىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى تەتقىق قىلىمەن. مەنچە بۇ خىل كىتاپ ئوقۇش ئەڭ دەسلەپتىكى ئۇ خىل كىتاپ ئوقۇشنىڭ ساپلىقى ۋە خۇشاللىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ھازىرقى كىتاپ ئوقۇشۇممۇ دەل شۇنداق، دەسلەپكى ساپ ئوقۇرمەندەك تۇرۇپ ئوقىيالمايمەن، ھازىرقى كىتاپ ئوقۇشۇمدا ئەمىلىيەتتە بارغانسېرى خۇشاللىق ئازىيىپ كەتتى، ئەڭ دەسلەپكى كىتاپ ئوقۇش ھوزۇرىنى سۈرىشىم ئىنتايىن تەس، بەلكى، ئۇنى ئورۇنلىمىسام بولمايدىغان خىزمەت قاتارىدا كۆرۈپ داۋاملاشتۇرىمەن.
لى فۇ: سىزدە قانداقتۇر بىر كىتاپتىن ھاياجانلىنىپ يېزىقچىلىق ئىلھامى قوزغالغان ئەھۋال بارمۇ-يوق؟
مو يەن: كونكىرىت كىتاپ يوق، لېكىن نۇرغۇن كىتاپ بار، ئۇ ئەينى چاغدا ئوقىغان «پولات قانداق تاۋلاندى»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئوقىغان. ئۇنداق رومانلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن راستىنلا قېنىم قايناپ تاشاتتى. ھەرقانداق بىر ياش ئەينى چاغدا «پولات قانداق تاۋلاندى» دېگەندەك بۇنداق روماننى ئوقىسا، مەنچە ئۇنىڭ كەيپىياتى تېنچلىنالمايتتى. بىر جەھەتتىن كىتاپتىكى ئادەمنىڭ تەقدىرىدىن، كىتاپتىكى ئادەمدىن تەسىرلەنسە، يەنە بىر جەھەتتىنمۇ كىتاپ ئىچىدىكى تەسۋىر ۋە ئەشۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكى دولقۇنلۇق تۇرمۇشمۇ ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىۋالاتتى. شۇڭا مەنمۇ ئەينى يىللاردىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ روماننى ئوقىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىنقىلاپقا چۆكۈپ كەتكىنىنى تولۇق چۈشىنىمەن. مەنچە، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئەشۇنداق بىر شەرت بولىدىغان بولسا ھەممىمىز پەرەز قىلالايمىزكى بىز چوقۇم «پولات قانداق تاۋلاندى» دېگەن مۇشۇنداق رومان سەۋەبىدىن ئىنقىلاپقا ئۆزىمىزنى ئاتقان بولاتتۇق. لېكىن قايسى رومان يېزىقچىلىق ئىلھامىمنى بىخلاندۇردى، بۇنى بىلمەيمەن، ھەقىقەتەن يوق.
لى فۇ: سىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقىغانلىرىڭىز ئانچە كۆپ بولمىغىنى بىلەن ئەمما تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كىتاپ ئوقۇش جەريانىڭىز بولسا كېرەك.
مو يەن: ئەڭ دەسلەپكى كىتاپ ئوقۇش ئەمىلىيەتتە ئادەمنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ، ئۇ چاغدا ئەدەبىي تەنقىتكە دائىر ئوي يوق ئىدى، ھەمدە بىر پارچە كىتاپنى ياخشى- ناچار دەپ ئايرىيالايدىغان قابىلىيەتمۇ يوق ئىدى، پەقەت نەشر قىلىنغان كىتاپنىڭ ھەممىسى قالتىس، ھەممىسى ئۇلۇغ، ھەممىسى قول يەتمەس تۇيۇلاتتى، شۇڭا ھەممىسىنى قوبۇل قىلاتتۇق. ئەلۋەتتە بەزى كىتاپلارنىڭ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتى چوڭقۇر، بەزى كىتاپلارنىڭ تېيىز بولاتتى، بەزى كىتاپلار تەسىرلەندۈرەتتى، بەزى كىتاپلار ئانچە تەسىرلەندۈرەلمەيتتى. ئەينى چاغدىكى باھالاش ئۆلچىمى ئىككى خىل ئىدى، يەنى ماۋۇ ياخشىكەن، ئاۋۇ ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، دەيتتۇق. نۇرغۇن قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقىغىنىم ئېسىمدە، مەسىلەن، «تۈمەنلىگەن دۇڭخەي دولقۇنلىرىنى بويسۇندۇرۇش»، «دامېن ئارىلىغا قىزىل تۇغ قاداش»، «لۈ لياڭنىڭ قەھرىمانلىق قىسسىسى»، «تاغلىق يېزىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش» قاتارلىقلار، يەنە سىلەرنىڭ ئەنخۇيدىكى دابيېشەن تەسۋىرلەنگەن «تاڭ ئېتىش خاتىرىسى» دېگەن باپلىق رومانمۇ بار. ئاندىن »قىزىل قىيا»، «ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلانغان ئەزىمەت»، «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا»، «ياشلىق ناخشىسى»، «كۇسەيگۈل»، «باھار گۈلىنى كۈتىۋېلىش» قاتارلىقلارمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن بۇرۇن ئوقۇپ بولغانمەن، جۈملىدىن، «بىر دەۋر بوران- چاپقۇن» چاتمىسى دېگەندەكلەرنىمۇ ئوقىدىم.
لى فۇ: تۇنجى يېزىقچىلىق قىلغان ۋاقتىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟
مو يەن: مەن 1973-يىلىغۇ دەيمەن، جياۋسەي دەرياسى بويىدىكى ئەمگەك ئورنىدا ئىدىم، ئۇ يەر ئائىلىمىزگە يۈز چاقىرىمدىن كۆپرەك كېلەتتى، دەريا چاپقىلى بارغان ئىدىم. ئۇ چاغدا رومان يازغىم كېلىپ بىر خاتىرە دەپتەر سېتىۋالدىم، ئارقىدىن بىر قۇتا سىيا، بىر گاڭبى سېتىۋېلىپ «جياۋسەي دەرياسى بويىدا» دەپ بىر رومان يازماقچى بولدۇم، چۈنكى، شۇ چاغدىمۇ بىر قىسىم «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى مودا ھېكايىلەرنى ئوقىغان ئىدىم، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىللىرىدىكى مودا ھېكايىلەر «نامسىز جايدىكى شىددەتلىك جەڭ»گە ئوخشاش ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى، يەنە ئىككى پارچە زىيالىي ياشلارنىڭ يېزىغا چۈشكەندىكى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرمۇ بار بولۇپ، بەرىبىر ھەممىسى سىنىپىي كۈرەشنى، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارغا قارشى تۇرۇشنى باش تېما قىلغان رومانلار ئىدى.
لى فۇ: تۇنجى رومانىڭىزنى ياخشى يازالىدىڭىزمۇ؟
مو يەن: «جياۋسەي دەرياسى بويىدا»نى مەن تەخمىنەن نەچچە مىڭ خەت يازغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرالمىدىم، ئۇنىڭ بېشىمۇ باپلىق ئىدى، كىمدۇر بىر پارتىيە ياچېيكا شۈجىسى دەريانى چېپىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ، كىمدۇر بىر قېرى پومېشچىك ئۇنىڭغا ئورا كولايدۇ... جەزمەن بىر قېرى پومېشچىك بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. باشلىشىم بىلەنلا كىتاپقا ئالدى بىلەن ماۋجۇشىنىڭ «سۇ يېزا ئىگىلىگىنىڭ قان تومۇرى»، «بىز چوقۇم دېڭىز- دەريالارنى تۈپتىن تۈزىشىمىز كېرەك» دېگەندەك بىر قاتار ئۈزۈندىلىرىنى يېزىشىمغا توغرا كەلدى، ئارقىدىن بىر ياش ليەنجاڭنى يازدىم، چوقۇم ياش زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ، ئارقىدىن دەريانى رېمۇنت قىلىش ۋەجىدىن تويىنى كېچىكتۈرگەنلىگى، پىشقەدەم ياچېيكا شۈجىسىنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، يىراقنى كۆرەر ئىكەنلىگى، يالغاندىن ئالغا باسقان قىياپەتكە كىرىۋالغان قېرى پومېشچىكنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يازدىم، ئەلۋەتتە، مۇشۇ نەرسىلەر. بۇ ئەڭ دەسلەپكى بىر ئەدەبىي ئويلىنىشىم. كېيىن تاشلاپ قويدۇم، چۈنكى جياۋسەي دەرياسى بويىدىكى ئەمگەك ئورنىغا بېرىش ئۈچۈن سەھەر سائەت 3 تە يولغا چىقىپ، ئاخشىمى 9 دا ئاندىن قايتىپ كېلەلەيتتۇق، بىر كۈندىكى 3 ۋاخ تاماقنىڭ ھەممىسىنى ئەمگەك مەيدانىدا يەيتتۇق، بوران سوقۇپ، ئاپتاپ چېقىپ، گاھىدا توڭلاپمۇ قالاتتۇق، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گەمىگە تىقىلىپ كىرىپ قىستاڭچىلىقتا ھەرگىزمۇ يازغىلى بولمايتتى. ئەشۇ دەسلەپكى بىر-ئىككى كۈندە تەرلەپ تۇرۇپ بىر نەچچە مىڭ خەت يېزىۋالغىنىم قاپتىكەن، كېيىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كەنتتىكى جاپالىققا ئەمگەككە چۆكۈپ كەتتىم، ئادەم ھەرگىزمۇ ئولتۇرۇپلا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىق قىلغىلى بولمايدىكەن.
لى فۇ: دەسلەپكى يېزىقچىلىقىڭىز مەغلۇپ بوپتۇ، ھەقىقىي يېزىقچىلىقنى باشلىغان ۋاقتىڭىز قاچان؟
مو يەن: ھەقىقىي قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىق قىلىشنى قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن باشلىدىم. 1976- يىلى ھەربىيلىككە كىردىم، 1978- يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئەدەبىياتنىڭ قايناق دولقۇنىغا دۇچ كەلدىم، ليۇ شىنۋۇدەك بىر تۈركۈم يازغۇچىلار كەينى-كەينىدىن چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە «كىمگە تېگىشىم كېرەك»،«قانداق قىلىشىم كېرەك» دېگەندەك ئەشۇ ئەسەرلەر بار. بۇ ۋاقىتتا ئوت يەنە تۇتاشتى، دېمەكچىمەنكى، يېزىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ چاغدا يازغىنىم ھېكايە ئەمەس بىر پارچە درامما ئىدى. ئۇ چاغدا ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدىن گو مورو بىلەن ساۋ يۈنىڭ سەھنە كىتاۋىنى ئارىيەتكە ئالدىم، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلدىم. ئەسىرىمنى كېيىن «ئازاتلىق ئارمىيە ئەدەبىيات سەنئىتى» ژورنىلىغا بىر نەچچە قېتىم ئەۋەتسەم ئۇلار ئارگىنالنى قايتۇرىۋەردى، كېيىن ئۇنى توختىماي ئۆزگەرتىش جەريانىدا كۆيدۈرىۋەتتىم.
ئۇندىن كېيىن يەنە «ئانام ھەققىدە ھېكايە» دەپ بىر ھېكايە يېزىپ بىر پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئانىنى تەسۋىرلىدىم، لېكىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ، مۇشۇنداق بىر رومان.
رومان 1981-يىلى ئېلان قىلىندى. 1981- يىلى 10- ئايدا، خېبېي باۋدىڭدىكى «نىلۇپەر كۆلى» ژورنىلىدا تۇنجى ھېكايەمنى ئېلان قىلدىم، ئۇندىن كېيىن ئاستا-ئاستا، ئېلان قىلغانلىرىم بارغانسېرى كۆپەيدى. ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياسىشىم 1884- يىلى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن باشلاندى، «سۈزۈك سەۋزە» دېگەن بالىلىق ۋە ئانا يۇرت تەسۋىرلەنگەن روماننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەدەبىياتنىڭ زادى قانداق نەرسىلىگىنى ئاستا-ئاستا بىلدىم.
لى فۇ: «سۈزۈك سەۋزە» ناھىيىتى زور ئىنكاس قوزغىدى، بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسىمۇ ياكى رىئاللىقنىڭ تەسىراتىمۇ؟
مو يەن: 1984- يىلى، ئەيتاۋۇر قىشنىڭ ناھىيىتى سوغۇق بىر ئەتىگىنى بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر ئەمگەك مەيدانى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ساتما ، ساتمىنىڭ ئىچىدە سەۋزىلەرگە قارايدىغان بىر بوۋاي تۇرىمىش، ئاندىن يىراقتىن بىر قىزىل كىيىم كىيگەن قىز كېلىپ بېلىق سانچىيدىغان ئارا بىلەن بىر سەۋزىنى سانچىپ ئالىدۇ-دە، قۇياشقا تەڭلىگىنىچە...ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىمغا بىر چۈش كۆرگىنىمنى ئېيتتىم، بۇ چۈشنى ھېكايە قىلىپ يازغىلى بولارمۇ؟ شۇنداق قىلىپ يېزىش جەريانىدا يەنىلا بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى، بالىلىقتىكى ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى قوزغاتتىم. چۈنكى 10 نەچچە ياش ۋاقتىمدا بىر كۆۋرۈك قۇرۇلىشىغا قارا ئىشچى بولۇپ كىرىپ بىر قېرى تۆمۈرچىنىڭ شاگىرتى بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۇچىقىغا ئوت قالاپ، ئوت پۈۋلىگۈچىنى چۆرۈپ، بازغان سوقىشىغا ياردەم قىلىپ دېگەندەك 50 كۈنچە شاگىرت تۆمۈرچىلىك تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ باققان ئىدىم، ئارقىدىن مەن ئەشۇ چۈشۈمنىڭ ئاساسىدا ئۇنىڭغا بىر مەزگىللىك كەچۈرمىشىمنى بىرلەشتۈرۈپ «سۈزۈك سەۋزە» دېگەن مۇشۇنداق بىر ھېكايىنى يېزىپ چىقتىم.
شۇ چاغدا ھېكايىنى يېزىپ بولۇپ ئۆزۈمگە ئانچە ئىشەنچ قىلالمىدىم، ھېكايە مۇشۇنداق يېزىلامدۇ-يوق، چۈنكى ئۇنىڭغا زور مىقداردا ئەركىن تەسەۋۋۇر قوللانغان ئىدىم، ئۇ كىچىك بالا قۇلىقى بىلەن رەڭنى ئاڭلىيالايدۇ، قۇلىقى بىلەن ئىنتايىن يىراقتىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، جۈملىدىن سۇنىڭ ئاستىدىكى بېلىقنىڭ ئاۋازىنى، چاچنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ، يەنە ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك-تۈمەن خىياللار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، سەۋزىنى يورۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ پوستىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى شەربەتنىڭ ئېقىۋاتقىنىنى كۆرەلەيدۇ. شۇ چاغدا فاكولتېتىمىزدىكى كەسپىي ئىش بېجىرگۈچى ليۇ يىرەن دېگەن شائىرغا كۆرۈشكە بەرسەم ئۇنىڭغا بەك ياراپ كېتىپ «بۇ ئەركىن تەسەۋۋۇركەن» دېدى. ئارقىدىن ئۇنى مۇئەللىمىم، شۇ چاغدىكى فاكولتېت مۇدىرى شۈ خەيجۇڭمۇ ئۇنى كۆردى، ئۇنىڭ خانىمىمۇ كۆردى ۋە زور دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارقىدىن ئۇنى «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژورنىلىغا ئەۋەتتىم، ئەسىرىم «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»نىڭ 2- سانىدا ئېلان قىلىندى.
لى فۇ: شۇ چاغدا ئېلان قىلىنىشى ئوڭۇشلۇق بولغانمۇ؟
مو يەن: ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغان. يەنى شاۋ لىجۈن، ھازىرقى «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»نىڭ ئورۇنباسار باش مۇھەررىرى شۇ چاغدا بۇ ھېكايەمنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان، ئۇ مەخسۇس ئەدەبىيات فاكولتېتىمىزغا كېلىپ بىر تۈركۈم ساۋاقداشنى تەشكىللەپ ئۇ ھېكايە ئۈستىدە توختالغان ئىدى.
لى فۇ: «سۈزۈك سەۋزە»نىڭ مۇۋەپپىقىيىتى سىزگە ناھىيىتى زور ئىشەنچ ئاتا قىلدىمۇ قانداق؟
مو يەن: ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن فېڭ مو ئەپەندى جۇڭگو مۇھاجىرى بىناسىدا ناھىيىتى چوڭ بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ «سۈزۈك سەۋزە» توغرىلىق مۇھاكىمە قىلدى. ئېسىمدە، شۇ چاغدا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى مېھمانخانىسىدىكى نۇرغۇن خىزمەتچىلەر ناھىيىتى غەلىتىلىك ھىس قىلىشىپ «بۇ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاچقان يىغىن ئوخشىمامدۇ،سىلەر نېمە ئادەملەر، قانداق سەۋزە سۈزۈك بولىدۇ»دېيىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن بىر ياش يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاستا-ئاستا ئەدەبىيات سەھنىسىدە ئۆز ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇردۇم. تاكى 1986-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە ئاندىن «خەلق ئەدەبىياتى»دا «قىزىل قوناق»نى ئېلان قىلدىم، ئاندىن شۇ يىلى، مەن «قىزىل قوناق»نىڭ پۈتكۈل چاتمىسىنى يېزىپ بولدۇم.
لى فۇ: بىز «سۈزۈك سەۋزە»دىن «قىزىل قوناق»قىچە بولغان بۇ ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىگىنى كۆردۇق.
مو يەن: مەن ئۆزۈممۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆزگىرىشنى ھىس قىلالمىغان، ئۇ ۋاقىتتا گەپنىڭ قىسقىسى توختىماي يېزىشنىلا بىلەتتىم. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا «سۈزۈك سەۋزە»نى يېزىپ بولۇپ 1985-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلدۇردۇم، ئارقىدىن يىل ئاخىرىدا «قىزىل قوناق»نى يازدىم. «قىزىل قوناق» 1986-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىندى، بۇ ئارىلىقتا يەنە بىرمۇنچە ئەسەر بار، 10دەك قىسقا ھېكايە، جۈملىدىن «يۇمىلاق چاقماق»مۇ بار، بۇ چاغدىمۇ «قىزىل قوناق» بىلەن «سۈزۈك سەۋزە»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ھىس قىلمىدىم، مەن ئۆزۈم ھىس قىلالمىدىم. لېكىن كېيىنرەك بۇ ئىككى پارچە ئەسەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىپ، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقەتەن بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىگىنى بايقىدىم، «سۈزۈك سەۋزە» يەنىلا ئېغىر بېسىقراق، ئاددىيراق تۇيۇلدى. قىزىل قوناق» بولسا ئىنتايىن قايناق ھېسسىياتتا يېزىلغان بولۇپ ئوتتەك يالقۇنجايتتى ۋە پۈركىلەتتى، ئاندىن ئۇنىڭ تىلىمۇ ناھىيىتى نەپس. ھازىر گې فېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن داڭلىق يازغۇچىلار، يەنە تەنقىدىي قارىشى ئىنتايىن ئۆتكۈر يازغۇچىلارمۇ باشتىن- ئاخىر «سۈزۈك سەۋزە»نى مېنىڭ ھېكايىلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى دەپ قاراپ كەلدى. ئەلۋەتتە، داڭقىنى دېسەك چوقۇم «قىزىل قوناق»نىڭ ئەڭ يۇقۇرى تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ كىنو قىلىپ ئىشلىنىشى ۋە روماننىڭ ئۆزى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، روماننىڭ ئۆزىدىن ھاسىل بولغان ئەشۇنداق مەنزىرە ۋە كەيپىيات ئادەمنىڭ قېنىنى ئۇرغىتىۋېتىدۇ، «قىزىل سەۋزە» ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنداق ھاياجانغا سالالمايدۇ، ئەكسىچە ئوقۇرمەنلەرنى بارغانسېرى ئېزىۋېتىدۇ، «قىزىل قوناق» قاننى قاينىتىۋېتىدۇ.
لى فۇ: رومانىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «قىزىل قوناق» دېگەن كىنوغا ئۆزىڭىز قانداق قارايسىز؟
مو يەن: رومان بىلەن كىنونىڭ پەرقى ئىنتايىن زور، چۈنكى روماندا ھەر بىر ئادەم ئۇ تېكىست ئاساسىدا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ «قىزىل قوناق»ىنى كۆرمەكچى بولسام، گەرچە مېنىڭ يازغىنىم شەندۇڭ گاۋمى بولسىمۇ، لېكىن ئەنخۇيلۇق ئوقۇرمەنلەر بۇ ھېكايىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەنخۇي يېزىلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن باغلايدۇ، بۇ تامامەن توغرا ھەم چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك. لېكىن كىنو بىر چىقتىمۇ بولدى ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى مۇقىملىشىپ كېتىدۇ. كىنونىڭ تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىدىغان ئوبرازى مۇشۇنداق بىر ئوبراز. بىرسى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنى مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى تۇرمۇشنىمۇ مويسىپىتلىرىمىزنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بىلەن ئۆزۈمنىڭ رىئال تۇرمۇش تەجرىبىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ چىققان، ئۇ چاغدىكى ئادەملەر كىنو ئىچىدە ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشامدۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس، بەلكى ئوخشىمايدۇ. لېكىن، مەنچە «قىزىل قوناق» دېگەن بۇ كىنو نېمىلا بولمىسۇن سەنئەت ئەسىرى بولغاچقا شۇ دەۋردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ مەلۇم مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى، ھېچ بولمىغاندىمۇ جۇڭگودىكى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا كېرەك. شۇڭا مەنچە ئۇنى زادى ئەينى چاغدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىدىمۇ يوق، پالانىنىڭ كىيىۋالغان دوپپىسى راستىنلا شۇنداقمىدى، كىيىۋالغىنى شۇنداق جۇل- جۇلمىتى، بەدىنىدە راستىنلا پىت بارمىتى، دېگەندەك ئىنتايىن ئىنچىكە زىغىرلاپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
لى فۇ: «قىزىل» ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.
مو يەن: بۇ «قىزىل»غا كەلسەك، مەنچە ئۇ بىر خىل ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى مەن يېزىۋاتقان چېغىمدا قىزىل رەڭنىڭ ئەسەر ئىچىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئۇنچە ھىس قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. چۈنكى «قىزىل قوناق»نى يېزىشتىن بۇرۇنمۇ يەنە بىر «قىزىل» بار ئىدى، يەنى «سۈزۈك سەۋزە»، ئاندىن «قىزىل قوناق»تىن كېيىنمۇ يەنە «قىزىل چېكەتكە»، «قىزىل قۇلاق»، «قىزىل ئورمان» قاتارلىقلار بار بولدى، كېيىن تەنقىتچىلەر مېنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىم ئىچىدىن بۇنداق قىزىل رەڭنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلگەنلىگىنى، تەكرار ئىشلەتكىنىمنى بايقاپتۇ. ئەلۋەتتە، يوشۇرۇن ئېڭىمدا ئەشۇنداق نەرسىنىڭ بار-يوقلىقىغا ئالدىراپ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. مەن نىمىشقا ئۇنى ئەل ئىچىدىن كەلگەن دەيمەن؟ دەل بىزنىڭ گاۋمىدىكى خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن سەنئەت بار، قەغەز قىيمىنى مىسالغا ئالايلى، ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە ئاق دەرىزە قەغىزى ئۈستىگە قىزىل قەغەز چاپلىنىدۇ، يەنە لاي قونچاقمۇ بار، لاي قونچاقنىڭ ئىچىدىكى رەڭمۇ ئىنتايىن مۇبالىغە قىلىنغان، ئۆزئارا پەرقى بەكمۇ ئېنىق بولۇپ، قىزىلى بەك قىزىل، يېشىلى بەك يېشىل، جۈملىدىن خەلق ئىچىدىكى بۇرۇنقى قىزلارنىڭ كىيىم كىيىپ ياسىنىشىمۇ قىپ-قىزىل يوتقان تېشىنى ئۇچىسىغا ئارتىۋالغاندەكلا كۆرىنىدۇ. شۇڭا، قىزىل رەڭ ئەل ئارىسىدا ئەقەللىسى خۇشاللىق تەنتەنىسى بىلەن قىزغىنلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق يېزا مەدەنىيەت كىلىماتى ئىچىدە ياشىغاچقا تەبىئىلا «قىزىل»غىمۇ ئالاھىدە سەزگۈرلىشىمەن، ئېھتىمال ئۇ ئېڭىمنىڭ يوشۇرۇن قاتلىمى ئىچىدە بولىشى مۈمكىن. كېيىن مەن ئەسەرلىرىمدە «قىزىل»نىڭ كۆپ تەكرارلانغىنىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن مەقسەتلىك ھالدا ئۆزەمنى تارتىپ قىزىل رەڭ دېگەن بۇ نەرسىنى قايتا داۋراڭ قىلمايدىغان بولدۇم، ئەلۋەتتە، «قىزىل»نىڭ ئىنقىلاپ بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوق؟ بۇنىڭغىمۇ ئالدىراپ بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ.
لى فۇ: ئەل ئارىسىدىكى خۇشال كەيپىياتتىن باشقا، ئاڭلىساق بەزىلەر ئۇنى «قىزىل قۇياش» بىلەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»غا باغلاپ چۈشىنىۋاپتۇ.
مو يەن: بىر يىلى مەن ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغاندا بىر ياپۇنلۇق ئالاھىتەن سورىغانىدى: «قىزىل قوناق» رومانىڭىزدىكى «قىزىل» سىلەر جۇڭگولۇقلار «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئېيتقان «قىزىل قۇياش ماۋ زېدوڭ»دىكى «قىزىل» بىلەن قاندۇقتۇ ئىچكى باغلىنىشقا ئېگىمۇ قانداق؟ ئاندىن مەنمۇ ئۇ سۇئالغا ئىنتايىن توغرا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىز كېلىپ مۈجىمەلرەك ھالدا جاۋاپ بەردىم: قىزىل قۇياشتىكى «قىزىل» ئاسماندىكى قىزىللىقنى كۆرسىتىدۇ، قىزىل قوناقتىكى «قىزىل» بولسا يەردىكى قىزىللىقنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ بىر خىلى ئاسماندىكى «قىزىل» بولسا، يەنە بىر خىلى يەردىكى «قىزىل»دۇر، ئىككىسى ئوخشاشمايدۇ، پەرقى بار.
لى فۇ: سىزنىڭ كېيىنكى، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بۇرۇنقى ئەسەرلىرىڭىز ئوتتۇرىسىدا ناھىيىتى زور ئوخشىماسلىق بار. بولۇپمۇ «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا»، «ئاق سەندەل جازاسى»دەك تېخىمۇ ئۇسلۇپلىشىش مەيدانغا كەلدى، ھەتتا بەزى تىپىك رومانلىرىڭىزدا سىز ئۆزگەرگەن تومۇرلارنى ئىدىتلاپ باققانمۇ؟
مو يەن: بۇنىڭغا ئامال يوق، بىر يازغۇچىنىڭ يېشىنىڭ ئۇلغىيىشىغا، ئوقۇرمەنلىك تارىخىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئۇ ئۆزى ھىس قىلالمايدۇ، پەقەت ئارقىغا بۇرۇلۇپ تەپتىشلىگەندىلا ئاندىن تومۇرلارنى تەخمىنىي كۆرگىلى بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا نىمە ۋەجىدىن ئۆزگەرتكىنىمگە كەلسەك، ھازىر ئۇنىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. ئەلۋەتتە، يەنە «ئاق سەندەل جازاسى»دەك ئەسەرلەرنى يازغان ۋاقتىمدىكى نىشانىم يەنىلا بىر قەدەر ئېنىق ئىدى، ئالايلۇق، مېنىڭ ئەل ئىچىگە يۈزلىنىپ(ئەلۋەتتە مەن كۆزدە تۇتقان ئەل ئارىسىنىڭ چوقۇم شۇ بولىشىمۇ ناتايىن)، ئۆز خەلقىمنىڭ ئارىسىغا قايتىپ بېرىپ ئۆز خاسلىقىمىز، جۇڭگوچە ئۇسلۇپقا ئىگە رومانلارنى يازماقچى بولغىنىم ئىنتايىن ئېنىق بولغان. لېكىن ئەل ئارىسىغا قانداق چۆكتۈم، قانداق خام ماتىرىيال، قانداق ۋاستە بىلەن ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم؟ ئەلنەغمىلەر، يۇرتۇمنىڭ ئاۋازى ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن، قانداقتۇ مۇشۇ نەرسىلەر ئاستا-ئاستا ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جەريان بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ئۇ توغرىمۇ ياكى خاتا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆزۈم، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۆزۈم ئۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلالمايمەن.
لى فۇ: مەن سىزنىڭ رومانلىرىڭىزنى ئىزچىل جۇڭگو ھېكايىچىلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى دەپ قاراپ كەلدىم، بۇ سىزنىڭ مەدداھلىق ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رومانلىرىڭىزنى ئوقىسام ھەمىشە بىر ساياق مەدداھ قولىغا قەلەم ئېلىپ قەلەم بىلەن ھېكايە «سۆزلەۋاتقان»دەك تۇيۇلىدۇ. ئالدىڭىزدا بىر مەيدان بار، لېكىن مەيداننىڭ ئىچىدە تىڭشىغۇچىلار ئاز، ھەتتا ئۇنى بىر قۇرۇق مەيدان دېيىشكىمۇ بولىدۇ، مەن ئىزچىل مۇشۇ تۇيغۇدا بولۇپ كەلدىم. مەن ھەمىشە سىزنى پۈتۈن جۇڭگونى كېزىپ چىققان، دۇمبىقىنى تاشلىۋەتكەن بىر سەنئەتكار مەدداھ ئورنىدا كۆرىمەن. بۇ مېنىڭ سىزگە بولغان تونۇشۇم ھەمدە جۇڭگو ئەدەبىياتىغا بولغان تەسەۋۋۇرۇم، مەن سىزنىڭ رومانلىرىڭىزنى تىپىك جۇڭگو رومانلىرى دەپ قارايمەن. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە جۇڭگولۇقلارنىڭ تىلى نېمە؟ يەنە جۇڭگو رومانى دېگەنچۇ؟
مو يەن: بۇ ئىككى سۇئالنىڭ توغرا بىر جاۋابى بولمىسا كېرەك، جۇڭگو تىلى دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە، ياخشى تىلغا بىز مىسال ئالالايمىز، جۇڭگونىڭ تىلى ئەمىلىيەتتىمۇ رەڭگارەڭ، مۇقىم بىر قېلىپى يوق. چۈنكى ھەر بىر ياراملىق يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ئۇسلۇبى بار، ھەر بىر ياراملىق يازغۇچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ياكى رۆشەن بەلگىسى دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەنلىگىدە، خۇددى لۇشۈننىڭ ئۇسلۇبى، شېن سۇڭۋېننىڭ ئۇسلۇبى، جاڭ ئەيلىڭنىڭ ئۇسلۇبى، جۈملىدىن بۈگۈنكى يازغۇچى ۋاڭ سۇنىڭ ئۇسلۇبى دېگەندەك، مەنچە بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرەلىگەنلىگى ئۇنىڭ ئىنتايىن زور تەلىيىدۇر ھەمدە ئۇنىڭ ئىنتايىن يارقىن نام كارتۇچكىسىدۇر. كىشىلەر بىر قاراپلا بۇ كىمنىڭ تىل ئۇسلۇبى دېيەلەيدۇ. ئۇسلۇبلۇق يازغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇبى دەل جۇڭگونىڭ تىلىدۇر. شۇڭا مەن ئىزچىل ھالدا ھېكايىچى بىلەن ئەدىپنىڭ پەرقى بار دەپ كەلدىم، ئەدىپلەر نېمىلا بولمىسۇن مىللىتىمىزنىڭ تىلىغا تۆھپە قوشۇپ كەلدى، ياكى ئۇنىڭ تىل بايلىقى مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى بېيىتتى، مانا بۇنى ئەدىپ دەپ ئاتايمىز، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئېنىق ئۇسلۇبى بولماي تۇرۇپ نۇرغۇن رومان يېزىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن ھېكايە سۆزلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى ھېكايىچى دېگىلى بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئەدىپ دېگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى دەۋرىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق ئەدىپ ئۆلچىمىگە توشىدىغان يازغۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ۋە ناھىيىتى ئۆزگىچە بولغان تىلىنى تاۋلاپ چىقىش بۇ ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ھەربىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنىڭ ئالدىدىكى ئىنتايىن مۇشكۈل ۋەزىپە ۋە ئىنتايىن قىيىن ئۆتكەلگە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. مەنچە بۇمۇ ئاستا-ئاستا ئەمەلگە ئاشىدۇ، بىرىنچىدىن تىرىشچانلىققا، ئىككىنچىدىن تەلەيگە تايىنىش كېرەك. تەھلىل قىلىشىمىزچە بۇ خىل تىل ناھىيىتى شۇ بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ: بىر تۈرى كىتاپتىن ئوقىغان تىل، بۇنىڭ ئىچىدە تەرجىمە رومانلار، قەدىمقى ئەدەبىيات، تاڭ شېئىرلىرى ۋە سۇڭ تېكىستلىرىمۇ شۇنىڭغا ھېساپ؛ يەنە بىر تۈرى ئىنتايىن مول بولغان خەلق ئېغىز تىلىدۇر، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان دىئالېكت، يەرلىك دېئالېكت، ئەنخۇي دېئالېكىتى، شەندۇڭ دېئالېكىتى، چياۋجۇ دېئالېكىتى، سىچۇەن دېئالېكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېئالېكت ئىچىدە نۇرغۇن كىتابىي نەرسىلەر بار بولۇپ كىتاپقا يېزىلسا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان كىشىلەر توپى ئوقىيالايدۇ. قانداق قىلىپ خەلق ئىچىدىكى بۇنداق بىپايان، ھاياتى كۈچى ئويناپ تۇرغان، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تىل دېڭىزىدىن ئەڭ قۇۋۋەتلىك ئامىللارنى ئىلغاپ ئېلىپ ئۆزىنىڭ تىلىغا قېتىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ئەلۋەتتە، يەنە بەزى جەھەتتىكى يۈزەكىي تىللارمۇ بار، تىل تەرەققىياتى جەريانىدا شاللىنىپ كەتكەن تىل تاشقاتمىلىرىمۇ رومان ۋە ئەدەبىياتنىڭ تىلىنى بېيىتالايدۇ. مەسىلەن، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە مودا بولغان تىلىمىزنى، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دەۋرىدە مودا بولغان تىلىمىزنى، مەلۇم ئالاھىدە ساھە ئىچىدە قوللىنىدىغان، تېخنىكا تۈسىگە ئىگە تىلىمىزنى يازغۇچىلار ئازراق پىششىقلاپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئەسىرىنىڭ ئىچىدىكى تىلغا قېتىۋەتسە بولىۋېرىدۇ.
تىل مېنىڭ نەزىرىمدە بىر سائەتمۇ بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدىغان بىر ئىزدىنىش. بىز ھەمىشە يېزىۋاتقان، دىققىتىمىزنى ۋەقە توقۇشقا قويغان ۋاقتىمىزدا بەزىدە تىلغا بولغان ئىزدىنىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بىر مۇنەۋۋەر ئەدىپ، بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزۇن مەزگىللىك چېنىقىشتىن كېيىن ئۇنىڭ تىلىمۇ بىر خىل ستىخىيلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئالاھىتەن ئىزدىنىپ يۈرمەيدۇ، لېكىن يازسا ئىنتايىن ياخشى چىقىدۇ.
جۇڭگوچە رومان دېدۇق، جۇڭگوچە رومان دېگەن نېمە؟ مەيلى جۇڭگونىڭ ياكى چەتئەلنىڭ رومانلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر ئۆلچەم بار: ئىنتايىن ياخشى تىل بىلەن بايان قىلىنىدۇ، يەنە بىر نۇقتا روماندا ئۇنتۇلغۇسىز، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەم ئوبرازى يارىتىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتا مەنچە ئەڭ مۇھىم، ئەلۋەتتە باشقىلىرىنى يېڭى ئىدىيە ئامىلى بولسا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، ئۆز دەۋرىدىن ھالقىش، يەنە مول ئىدىيە بىلەن تويۇندۇرۇش تېكىستنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات يېشىپ ئوقۇيدىغان شەرت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
جۇڭگونىڭ دېگەندە مەنچە بولغاندا چوقۇم جۇڭگونىڭ تۇپرىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان، جۇڭگونىڭ يازغۇچىسى يازغان، ئىنتايىن نەپس جۇڭگو تىلى بىلەن بايان قىلىنغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزگىچە خۇلق- مىجەز ئۇسۇلى ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلى ئىپادىلەنگەن بولسا ئەنە شۇ جۇڭگونىڭ رومانىدۇر. لېكىن ئالدى بىلەن روماننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى تويۇندۇرۇلۇپ ئاندىن روماننىڭ خاسلىقى تويۇندۇرۇلىشى كېرەك. نېمە بەك مىللىيلەشكەنسېرى شۇ بەك دۇنياۋىيلىشىدۇ. بۇ گەپ ئادەتتىكى مەنىدىن توغرىدەك قىلغان بىلەن ئەمما مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا توغرا بولىشىمۇ ناتايىن. مەسىلەن، سىز ھەددىدىن زىيادە مىللىيلىك قوغلاشسىڭىز ئۇ بىر خىل غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش ياكى غەلىتە ئۆرپ-ئادەتلەرنى توقۇپ چىقىرىش، يەنە ياكى بىر خىل ئۆز مىللەت مەنمەنچىلىكىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن، مەنمەنچىلىك بۇنداق ھالەتتە سەلبىي تەرەپكە ئېلىپ بارىدۇ. ياخشى رومان يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقىپ ئىجات قىلغان رومانىدۇر، يازغۇچىنىڭ شەخسىي تەسىراتى بىلەن دەۋرنىڭ تەلىپى بىر خىل تاسادىپى ھالدا ماس كېلىپ قالسا مانا بۇ زور تەلەيدۇر. يازغۇچىنىڭ شەخسىي ئازابى رومانىدا راسا بوزلاۋاتقىنىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ئازاۋىغا جۆر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەرت ئېيتىش ئىستىگىنى قاندۇرالىسا ئۇنداقتا بۇ روماندا چوقۇم دۇنياۋىي قىممەت بولغان بولىدۇ.
لى فۇ: ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە چوڭقۇر چۆكىشىڭىزدىن رازىمۇسىز؟
مو يەن: ئىچىمدە ئاز- ماز رازىمەنلىك ھىس قىلىمەن، «ھايات- ماماتلىق چارچاش»نى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا ئەمىلىيەتتە كۆز ئالدىمدىكى يېزىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر، ئەڭ زۆرۈر مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىم ۋە قارىشىمنى ئىپادىلىگەن ئىدىم. خانلىق- سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشى، جۈملىدىن جۇڭگو كومپارتىيىمىزنىڭ يەر ئىنقىلابى، يەر ئىسلاھاتى ھەمدە 1958-يىلىدىكى خەلق گۇڭشېسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە يەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەردۇر، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى ئاتالمىش يېزا ئىسلاھاتىمۇ يەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىگەن، دېھقان قاچان يەرگە چوڭقۇر مېھرىنى بەردى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى شۇ ھامان يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ دېھقان مول ھوسۇل ئالدى. قاچان دېھقان يەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى، شۇ ھامان يېزا ئىگىلىگى ئىنتايىن پالەچ، قالاق ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھازىر، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرى دېھقان كوللېكتىپلىشىش ئەمگىكىدىن ئازات قىلىنىۋېدى، ھەر بىر دېھقاننىڭ يەككە ئىگىلىك ھالىتى ئەسلىگە كېلىپ نېمە تېرىش، قاچان ئەمگەك قىلىشتا ئۆز-ئۆزىڭىزگە غوجايىن بولىدىغان بولدىڭىز، بۇ بىراقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىغا غايەت زور ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ، يېزا ئىسلاھاتى زەپەر قۇچتى. بۇرۇن كۆپچىلىك تويغىدەك تاماق يىيەلمەيتتى، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس ئىدى، ھازىر قورساق ۋە كىيىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، مەنچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90- يىللىرى خېلى بولاتتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ھازىرغىچە دېھقان يەنە يەردىن يىراقلىۋالدى. چۈنكى، يەر بىر تەرەپتىن بارغانسېرى ئازلاپ كەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەردىن ئايرىلغان دېھقانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان مېھرىنى قانداق قىلىپ قايتىدىن قوزغاتقىلى بولىدۇ؟ مەنچە، مېنىڭ «ھايات-ماماتلىق چارچاش» رومانىمدا تەسۋىرلەنگەن ئەشۇ ھۆددىگەر ئائىلىگە ئوخشاش، يەر «مەن»نىڭ ھاياتى، يەر «مەن»گە نەپەستەك مۇھىم بولغاندا «مەن» ئۆز يېرىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى يەر ئىسلاھاتى «مەن»گە يەر تەقسىملەپ بەردى، خەلق گوڭشېسى «مەن»نىڭ قاتنىشىشىغا ئىزچىل قارشى تۇردى، بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلسىمۇ ھېچنېمىسىنى ئايىمىدى. بۇ دەل دېھقاننىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا مەنچە 17- نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنى ئەلۋەتتە بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەرنى ھۆددىگەرلەرگە تەقسىملەپ بېرىمىز دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دېھقانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدىغان، دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىمۇ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدىغان بولدى، مېنىڭچە بۇ بىر ئىسلاھات بولدى، بۇ بىر بىر قىسىم ئۆزگىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى رۆشەنلىشىدۇ، بۇ بىر كەسكىن ئۆزگىرىش بولدى، ياكى دۆلەت مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ھەر بىر دېھقانغا بىر پارچىدىن بەرىكەتلىك سوۋغا ئىنئام قىلىپ، قايتىدىن دېھقان بىلەن يەرنى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلدى. «ھايات- ماماتلىق چارچاش» دېگەن بۇ روماننى ئىجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەن رېئال تۇرمۇشتىن قايتقان ئۇ خىل ئىنكاسنى كۆرۈپ ھىس قىلدىمكى، يازغۇچىدا بەزى چاغلاردا بىر خىل بىۋاستە سېزىم بولىدىكەن، يازغۇچىنىڭ شەخسىي تەسىراتتىن چىقىپ ئىجات قىلغان نەرسىسى بەزىدە جەمئىيەتنىڭ تەلىپى بىلەن ماسلىشىپ قالىدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە بىر خىل تاسادىپىيلىق. شۇڭا دېمەكچىمەنكى، ھازىر «ھايات- ماماتلىق چارچاش»نى قايتىدىن چۈشەندۈرگەندە تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئادەممۇ مېنىڭ «ھايات- ماماتلىق چارچاش» رومانىمغا يېزىنى چۈشەنمەيدۇ، دەپ قاراپتۇ. مەن ئۇزۇن مەزگىل بېيجىڭدا ياشىغاچقا نۆۋەتتىكى يېزىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن، «ھايات- ماماتلىق چارچاش»تىكى يېزا تۇرمۇشى نۆۋەتتىكى يېزا تۇرمۇشىغا يېقىنمۇ كەلمەسمىش. مەنچە، ئەمىلىيەتتە ئۇلار يېزىنى، دېھقاننىڭ قەلبىدىكى ئېھتىياجنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.
لى فۇ: سىز ۋە سىز بىلەن قۇرداش يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كۈچۈڭلارنى سەرپ قىلىپ جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى قۇرۇپ چىقتىڭلار، 30 يىلدىن بۇيان سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار دۇنيا ئەدەبىياتى دائىرىسىدە ئومۇمى قىزىقىشنى قوزغىيالىدىمۇ-يوق، تەتقىقاتچى ۋە كۈزەتكۈچىلەر قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟
مو يەن: غەرپ خەنزۇشۇناسلىق ساھەسى، جۈملىدىن غەرپتىكى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشى بىر جەرياندۇر، دەسلەپتە كۆپچىلىك جۇڭگونىڭ ئەدەبىياتى ئىچىدىن جۇڭگونىڭ سىياسىتى، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئوقىماقچى بولىدۇ، جۇڭگونىڭ بارلىق رومانلىرىنى مەسىلە رومانى قاتارىدا كۆرۈپ ئوقۇيدۇ، خەنزۇشۇناسلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئادەممۇ جۇڭگودا ئەدەبىيات يوق، دەپ قارايتتى، بىزدە پەقەت تەشۋىقات بۇيۇمى بار ئىدى، شۇڭا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 80- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى بۇ تۈركۈمدىكى ئەسەرلەردە، مەسىلە رومانلىرى، ئىجتىمائىي رومانلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمىلىيەتتە ئۆتمۈشنىڭ ئۇ خىل ئىزلىرى بار بولۇپ، ساپ مەنىدىكى ئەدەبىيات مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. مېنىڭ قارىشىمچە مەسىلە ۋە ئىجتىمائىي رومانچىلىقنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن قۇتۇلغان ئەسەرلەرنى دېگەندە، چوقۇم 1985-يىلى بىزنىڭ بۇ بىر تۈركۈم رومانلىرىمىز مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ بەلگە قىلىشىمىز كېرەك. يەنى، ۋاڭ ئەنيىنىڭ «شياۋباۋ كەنتى»، خې لىۋېينىڭ «ئاق قۇش»، ئاچېڭنىڭ «شاخمات شاھى»، ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ «سۈزۈك سەۋزە»، «قىزىل قوناق» دېگەن ئەسەرلىرىم بار، مېنىڭچە شۇ چاغدا جۇڭگو ئەدەبىياتى ئاندىن ئاستا-ئاستا سىياسىغا، تەشۋىقاتقا خىزمەت قىلىش ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئاستا-ئاستا ئىنسانىي روھ، ئىنسانىي تەقدىرنى يېزىش ئەڭ قوغلىشىدىغان رومانغا ئايلاندى. بۇ دەل دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق خارەكتىرىنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلدى. كېيىن غەرپنىڭ تەرجىمانلىرى، خەنزۇشۇناسلىرىمۇ ئاستا-ئاستا دىققىتىنى ئەڭ دەسلەپكى جۇڭگونىڭ مەسىلە رومانلىرىغا تىكىشتىن جۇڭگونىڭ ساپ ئەدەبىياتىغا دىققەت قىلىشقا يۆتكىدى. غەرپنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ تەرجىمانلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە پەيدىن-پەي جۇڭگو ئەدەبىياتىنى چۈشەندى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى غەرپ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان رومانلارنىڭ سانى بەك ئاز ئىدى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ، ئەڭ يېقىنقى 7-8 يىلدىن بۇيان سان بارغانسېرى كۆپەيدى، تەرجىمە قىلىنغان يازغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، كىتاپلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەلۋەتتە، جۇڭگورىمىزدەك بۇنداق غايەت زور دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىمىز ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلىكى بىلەن ئىنتايىن ماسلىشالمايدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، ئەدەبىيات ئولېمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئەمەس، ئەدەبىيات تېخىمۇ ئىقتىساد ياكى ئارمىيە ئىشلىرى ئەمەس سان بىلەن باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، بۇنىڭدا ھالقا يەنىلا سۈپەتكە تايىنىش كېرەك.
لى فۇ: غەرپ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشەنچىسى كۆپ ئەمەس، ھەتتا ئۇلار بۇ ئۆزگىچە دۇنياغا سەل قارايدۇ، سىز جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا قانداق قارايسىز؟
مويەن: قارىشىمچە نۇرغۇن ئوبزورچىلار، جۈملىدىن بىر قىسىم خەنزۇشۇناسلار جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا ئىنتايىن تۆۋەن باھا بېرىدۇ، بۇنىڭدا بىز ئۇلارغا ھكرمەت قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ تەنقىدىنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك. لېكىن مېنىڭ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا بېرىدىغان باھايىم ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە بىزنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىللىق ئەدەبىياتىمىزنى تامامەن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»، «تېنچ دون» دېگەندەك بۇنداق بۈيۈك رومانلىرىمىز يوق، لېكىن پوۋېست- ھېكايىلىرىمىز مېنىڭچە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭكىدىن كەم تۇرمايدۇ، پوۋېستلىرىمىز پۈتۈنلەي دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىدە تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئىشىنىمىز ھەمدە چوقۇم كۆرەلەيمىزكى، ماركوسنىڭ «يۈز يىل غېرىپلىق»ى مەيدانغا كەلگەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ ئۇنىڭدەك بۈيۈك ئەسەر قايتا مەيدانغا كەلمىدى، شۇڭا مەنچە جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇنچە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ھەمدە ئايرىم ئوبزورچى ۋە خەنزۇشۇناسلارنىڭ ئەشۇنداق كېسىپ ئېيتقان گەپلىرىگە قايىل بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. بىزدە چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمى بولىشى كېرەك، بىزدە چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچى بولىشى كېرەك، بۇمۇ مەن يېقىندا جۇڭگو مەدەنىيەت مۇنبىرى ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگو- ئامېرىكا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئىزچىل بايان قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تېما. يەنى، بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن ۋەزمىن يوسۇندا دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن دېئالوگلىشىشىمىز، چەتئەل يازغۇچىلىرى بىلەن باراۋەر تەرىزدە پىكىر ئالماشتۇرىشىمىز كېرەك، بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۇلاردەك ياخشى يازالمايتتۇق، لېكىن يېقىنقى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان يازغىنىمىز ئۇلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس.
لى فۇ: خەلقئارادىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىڭىز كۆپمۇ؟
مويەن: مەن نۇرغۇن چەتئەل يازغۇچىلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق دېئالوگلارنى ئېلىپ بارغان، جۈملىدىن ئورخان پامۇك، مىسىرلىق كامال خىتونى، ئىسرائىلىيەلىك ئامۇس ئوتىز، مارتىن ۋالىز، كورىيەلىك خۇاڭ جېيىڭ، ياپونىيەلىك داجياڭ جيەنسەنلاڭ...لار بىلەن تولىمۇ مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشكەن.
مويەن: بىز ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق چۈشەنمىگەنگە ئوخشاش، ئۇلارمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنى قىسقا تەكرارلاش دەرسىچىلىك چۈشىنىدۇ. ئامۇس ۋوتىزنى مىسالغا ئالساق، ئۇ مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن مېنىڭ ئىبراي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان باشقا ئەسەرلىرىمنى ئوقىغان ئىكەن. مەنمۇ ئالدىنئالا ئۇنىڭ 5-6 كىتاۋىنى ئوقىدىم ھەم بەك ئەستايىدىل ئوقىدىم، ئالدىنئالا ئۇنىڭ كىتاۋىنى ئوقىۋېلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئۇنداق سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق مەنىسى بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ كىتاۋىنى ئوقىسىڭىزلا ئاندىن ئۇ يازغۇچىنىڭ قايسى جەھەتتىن بىردەكلىگىنى، قايسى جەھەتتىن ئويىدا ئوخشىماسلىق بارلىقىنى بىلەلەيسىز. جۈملىدىن بۇ قېتىم مارتىن ۋالىز كەلگەندىمۇ مەن ئاۋال ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، يەنە قىسقىچە دەرسلىك قىلىپ تونۇشتۇم، كىتاۋىنى سېتىۋالدىم، توردىن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېپىپ كۆردۈم. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىلكەن، كىتاۋىمنى تاپالماي دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «قىزىل قوناق» ۋە «جەننەتتىكى سامساق قەبرە ناخشىسى» دېگەن ئىككى پارچە ئەسىرىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئايرۇپىلاندا ئوقۇپ بەك جىق خاتىرە يېزىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئوقىغاچقا جۇڭگو ئەدەبىياتىغا بولغان
قارىشى ئۆزگىرىپتۇ. بۇرۇن ئۇمۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ھېچنېمە يوق دەپ قاراپتىكەن، مېنىڭ نېمىسچە رومانلىرىمنى ئوقىغاندىن كېيىن ئاندىن بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى زامان گېرمانىيە ئەدەبىياتىدىن ئازراقمۇ كەم تۇرمايدىغانلىقىنى ھىس قىپتۇ. بۇ سۆھبەت ئەلۋەتتە ماڭا بىر رىغبەت بولدى. شۇڭا مەن ئەقەللىسى ئەشۇ يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇم كېرەك.
گېرمانىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى بىر ۋەكىللىك يازغۇچىسىنى ئوقىساق ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلارنىمۇ قاپلايدۇ-دە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقىغاندەك بولىمىز.
لى فۇ: غەرپ يازغۇچىلىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق سىز جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى ئۇلارغا يەتمەيدۇ دەپ قارامسىز؟ مەسىلەن، غەرپ يازغۇچىلىرى ئىچىدە بەزىلىرى پىروزىچى بولۇپلا قالماي يەنە باشقا سالاھىيەتنىمۇ ھازىرلىغان بولىشى مۈمكىن، مەسىلەن مارتىن ۋالىز پروزىچى بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ بىر زىيالىي.
مويەن: ئۇ بىر زىيالى. غەرپ يازغۇچىلىرى ئاڭلىق ھالدا بىر خىل زىيالىيلىق رولنىمۇ ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆز ھوقۇقى جۇڭگو يازغۇچىلىرىغا قارىغاندا بەكمۇ كۆپ، مارتىن ۋالىز، گۇنتې گىراس دېگەندەك بۇنداق يازغۇچىلىرى گېزى كەلسە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى، زوڭلىسى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ دۇنيا ۋە گېرمانىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلىشەلەيدۇ. جۇڭگودا بىرمۇ يازغۇچى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلىشەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە سىز قارىشىڭىزنى ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قارىشىڭىز ئۇنداق دىققەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە مېنىڭ قارىشىمدىمۇ بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ نۇرغۇنلىرى زىيالىيلىق رولنى ئۆتەشنى خالاپ كەتمەيدۇ، شەخسەن مەنمۇ يەنىلا ئەدەبىي ئۇسۇل ئارقىلىق سۆزلەشنى، ئەدەبىي ئۇسۇل ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە ھاياتقا بولغان قارىشىمنى ئىپادىلەشنى خالايمەنكى، ھەرگىزمۇ سەھنىگە سەكرەپ چىقىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرگە ئوخشاش ئۆز قارىشىمنى ئىپادىلەشنى خالىمايمەن. ۋالىز بىلەن گىراستەك نۇرغۇن غەرپ يازغۇچىلىرى بۇنداق رولنى ئېلىشنى خالايدۇ ھەم ئۇلاردا شۇنداق رولنى ئالالايدىغان قابىلىيەتمۇ بار. ئۈلۈش يىلى، گېرمانىيەنىڭ بىر ژورنىلى بۈگۈنكى گېرمانىيە سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە شەخسلەرنى ئاشكارە توپلىغاندا، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئىچىدە پاپا 1- ئورۇندا، گىراس ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىر يازغۇچىنىڭ جەمئىيەتتىكى بۇ قەدەر زور داڭقى مېنىڭچە غەرپ جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا غەرپتىكى بەزى يازغۇچىلار بىلەن زىيالىيلىقنى بىر مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.
لى فۇ: مىلان كوندىرا قىزغىنلىقى جۇڭگو ئەدەبىياتى ئوقۇرمەنلىگىدە ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىنىدىغان بىر ھادىسە، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەتتا سىياسىي ئوقۇرمەنلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى، بۇ ئېقىمنىڭ جۇڭگو ئەدەبىي يېزىقچىلىقىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى غايەت زوردۇر، سىز بۇ ھادىسىگە قانداق قارايسىز؟
مويەن: ئۇ ئىلگىرى ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا بۇنداق زور تەسىر قوزغىشى دەل ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بىزنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرغانلىقىدا. شەرقىي ياۋروپانىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى، ئۇ خىل بيۇروكرات تۈزۈلمىسى، ئۇ خىل خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشى بىزنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى سىياسىي تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرىدۇ، شۇڭا بىزدە كۈچلۈك بولغان بىر خىل تونۇش تۇيغۇسى تۇغىلىدۇ. بۇ بىزدەك ئۇنداق بىنورمال ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشنى ئۆتكۈزۈپ باققان ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن قىزىق تۇيۇلۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىمىسى ۋە تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭ رومانلىرىدا سىياسىغا بولغان ئۇنداق مەسخىرە بولمىغىنىدا، ئۇنداق كۈچلۈك سىياسىي يۆنىلىشچانلىق بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ ئوقۇشچانلىقى، ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن بولاتتى.
كوندىرانىڭ رومانلىرى بەكلا تېخنىكىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تېخنىكىلىشىشنى بەكلا تەكىتلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە روماننىڭ بۇنداق يۈزەكىي تېخنىكىلىشىشى ئەمىلىيەتتە ئانچە تىلغا ئالغۇچىلىگى يوق ئىش بولۇپ، ئەڭ ئاسان گەۋدىلىنىدىغان نەرسىمۇ شۇ. قانداقتۇر ئاتالمىش مۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسىدەك بۇ خىل نەرسىلەر ئادەمنى ئىنتايىن زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ. سىز ئۇنى ئوخشايدۇ دېسىڭىز ئوخشايدۇ، لېكىن ئوخشىمايدۇ، مۇزىكا دېگەن مۇزىكا، رومان تېكىستى دېگەن رومان تېكىستى، يازغۇچى ئىجات قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بۇ نەرسىنى تىرىشىپ قوغلىشىشى مۈمكىن، لېكىن ئوقۇرمەنلەر ئۇنى ئوقىۋاتقان ۋاقتىدا مۇزىكا ساۋادى بولمىسا ئۇنى ھىس قىلالمايدۇ، زور كۆپ ساندىكى ئادەملەر مۇزىكىدا تەربىيەلەنمىگەن، شۇڭا ئۇلار سىزنىڭ ئاتالمىش مۇزىكا قۇرۇلمىڭىزنى ھىس قىلالمايدۇ.
لى فۇ: جۇڭگو ئەدەبىياتى غەرپنىڭ يېزىقچىلىق تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم زىيانلىق تەسىرلەرنى يۇقتۇرىۋالامدۇ قانداق؟
مويەن: زىيانلىق تەسىرى دېگەندە مەنچە بۇ بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزدىكى يەككە شەخسنىڭ مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ خەقنىڭ ئەسىرى زىيانلىق دېيىشكە بولمايدۇ. ئۆزىمىز ئوقىۋېتىپ ئېغىپ كېتىمىز، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۇغۇلغان سەلبىي تەسىرلەر دەل بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بېكىنمىچىلىگىمىز سەۋەبىدىندۇر، بىز ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بىر كۆرۈشىمىز بىلەنلا تەبىئىلا قايىل بولۇپ ئايلىنىپ كەتتۇق. بۇ مەسىلە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشتى. ئكتكەن قېتىم بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا خەقنى بەك چوڭ بىلىپ كەتكىنىمىزنى، ھەتتا ئۇلارنى كۈچۈكلىنىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغىنىمىزنى، قارا-قويۇق ھەممە نېمىسىنى ماختاپ كەتكىنىمىزنى تىلغا ئالغان ئىدىم، ماركوزنىڭ شۇنداق يازغىنىنى كۆرۈپلا ھەممىمىز قايىل بولدۇق. بىز ھازىر 30 نەچچە يىللىق ئەمىلىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇق، قاملاشسا- قاملاشمىسۇن، ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزدۇق، ئەمدى بولغاندا ئۇلارغا ئۇدۇل قارىشىمىز كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا بىز چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ پەقەت ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرەتتۇق، ھەممىسى بىزدە يوق ئىدى، ھازىر سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كەمچىلىكنى بايقىيالايمىز، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا بىزنى قايىل قىلغان نۇرغۇن كىلاسسىك نەرسىلەرنى قايتا ئوقىغىنىمىزدىمۇ ئۇنىڭدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىيالايمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىگىمىز.
شۇڭا چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۇنداق سەلبى ۋە زىيانلىق تەسىرى مەنچە ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىدىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز قوبۇل قىلغان چاغدىكى چەكلىمىلىكىمىزدۇر. جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەر ۋە يازغۇچىلار غەرپ ئەدەبىياتىنى ئوقۇۋاتقان ۋە قوبۇل قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنى تەڭشەپ تۇرىشىمىز كېرەك. بىز ئىلگىرىكى خەقنى ئۈستۈن كۆرىدىغان چوقۇنۇش پوزېتسىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئەقلىي، پۈتۈنلەي باراۋەر پوزېتسىيە بىلەن ئۇلارنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەن بولساق، ئۇنداقتا ھازىر ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كەمچىلىگىنى تاپايلى، ئاندىن ئەدەبىياتىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەدەبىياتىمىزدا ئىلگىرى بولمىغان، غەرپ ئەدەبىياتىدىمۇ بولمىغان يېڭى نەرسىلەرنى قانداق يېزىشنى بېكىتەيلى. بىز ئىجات قىلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا دوراش ۋە تەقلىد قىلىشتا توختاپ قالماي چوقۇم ئىجات قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئىجادىيەت يالغۇز بىزدىلا يوق نەرسە بولۇپ قالماستىن غەرپتىمۇ يوق نەرسە بولسۇن.
لى فۇ: 80-، 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار بىلەن ئالاقىڭىز بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۇرامسىز، بىۋاستە بېرىش-كېلىش قىلامسىز، يازغۇچىلارنىڭ دەۋر تامغىسى بار دېگەنگە قوشۇلامسىز-يوق؟
مويەن: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىجادىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ، ياش ھالىتىڭىزنى ھەرقانچە تىرىشىپ ساقلاي دېسىڭىزمۇ يەنىلا تەبىئەتكە ئەگىشىسىز. ياش ھالىتىمنى ساقلايمەن دېيىشمۇ توغرا ئەمەس، بىر 50 ياشلىق ئادەم ھەرقانچە ئۆزىنى ياشلاردەك تۇتۇشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېنى ۋە روھىنىڭ قېرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا سىز مېنىڭ كۆڭلۈم تېخى ياپ-ياش دېسىڭىزمۇ لېكىن ھەرگىزمۇ ھازىرقى 80- ۋە 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭكىدەك ياپ-ياش بولالمايسىز. چۈنكى بىزنىڭ ئىدىيىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى نۇرغۇن كۆز قاراشلار گەپنىڭ سەتىنى ئېيتقاندا تۇغۇلىشىمىزدىن كەلگەن بولۇپ، قايتىدىن تۇغۇلىمەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ۋە ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن 90- يىللىق ياكى 80- يىللىق بالىلار بىلەن ئوخشاش بولىمەن دېسىڭىز بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. مۇشۇ شەرتكە ئاساسەن بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز بىلەن 80- ۋە 90- يىللىقلارنىڭ ئىجادىيىتى رۆشەنلا بىر ئىش ئەمەس. مەن ئىلگىرىمۇ ئېيتقان، بىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز ئوخشىمايلا قالماي يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تايىنىدىغان تەسەۋۋۇر ماتىرىياللىرىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ. ھەممىمىزدە تەسەۋۋۇر بار، لېكىن بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىز قانداقراق ماددىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان؟ بىزنىڭ يېزا-كەنت، ئېتىزلىق، پۇرچاق، قىزىل قوناق دېگەندەك بەكرەك ماددىي نەرسىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئەمما 80- ۋە 90- يىللىقلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بولسا بەزى ئابىستىراكىت، باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاساسىدىكى نەرسىلەرگە قۇرۇلىدۇ، كارتون، ئۆزگىرىشچان ۋاجرا، خىيالىي فانتازىيە ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ئۇ بىر خىل تەسەۋۋۇرنىڭ داۋاملىشىشى. بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىز ئىنتايىن كونكىرىتنى، ئىنتايىن رېئالنى بولۇپ زېمىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە بۇنداق كۈچلۈك پەرق ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەر، ھېكايە-رومانلاردىكى پەرقلەر ئىنتايىن كۆرىنەرلىك.
يازغۇچى ئۆزگەرسە، ئوقۇرمەنمۇ چوقۇم ئۆزگىرىدۇ. ھازىرقى 80-ۋە 90- يىللىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىزغىن ئوقۇرمەنلەردۇر، بۇ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر يەنىلا ئۆز تەڭتۈشلىرى ئىجات قىلغان خىيالىي فانتازىيە رومانلىرى، ياشلىق رومانلىرى، مەكتەپ رومانلىرى، ئاسىيلىق رومانلىرى، ھەتتا كېپەن ئوغرىسى، ۋاقىتتىن ھالقىش، يېڭى چامباشچىلىق رومانلىرى دېگەندەكلەرنى ئوقۇشنى خالايدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئېغىر تارىخىي تۇيغۇ، ئېغىر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئەسەرلىرىمىز ھازىرقى بۇ بىر تۈركۈم 80-ۋە 90- يىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتەلەمدۇ-يوق، مەنچە بۇ ھەقىقەتەن گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنىڭغا ئامال يوق. مېنىڭچە، بىز ئۇلارنى مەجبۇرى بىز تەرەپكە قارىتىمىز دېسەكمۇ بولمايدۇ ھەم ئۇنداقمۇ قىلالمايمىز، لېكىن بىز يەنىلا بۇ ياش يازغۇچىلاردىن ئۆگىنىشكە تىرىشىپ، ئىمكان بار ئۆزىمىزدىكى قاتمال نەرسىلەرنى ئازراق بولسىمۇ بوشاتساق بەلكىم ئاز-تولا يېڭىلىقى بار ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىمىز مۈمكىن.
80-، 90-يىللىقلارنىڭ رومانىغا دىققەت قىلىپ تۇرامسىز؟ ياش بىر ئەۋلات يازغۇچىلارغا قانداق باھا بېرىسىز؟
مويەن: بۇنىڭغا دىققەت قىلماي تۇرالمايسىزكەن، چۈنكى سىز ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئادىمى-دە، ئۇ نەرسىلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىزكەن، ئۇ سىزگە قاراپ كېلىۋېرىدىكەن. ژورنالنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىزلا ئۇلارنىڭ ئەسىرىنى كۆرىسىزكەن، ئاندىن بەزى 80-،90- يىللىق ياشلار، كىچىك دوستلار دەپمۇ قويىمىزغۇ ئۇلارنى، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ رومانلىرىنى توختىماي ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، ئەۋەتكەن ئىكەن كۆرۈپ باقىدىكەنسىز، بىر كۆرۈشىڭىز بىلەنلا يەنىلا ئۇلارنىڭ يازغىنىدا ئىنتايىن دەۋر پۇرىقى بارلىقىنى ھىس قىلىدىكەنسىز. ئالدى بىلەن ھىس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى بەك يۇقۇرىكەن، سۆز ياساپ جۈملە تۈزۈش، خەتكە جان كىرگۈزۈش جەھەتلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋاقتىمىزدىكىدىن كۆپ پىشقان ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-22 23:46