ئاتاقلىق شائىر ئىمىن ئەخمىدى قاتارلىقلار يوپۇرغا ناھىيەسىدە
9-ئاينىڭ 20-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى يازغۇچى-شائىرلارئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تېتىملىق، نادىريازما ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق شائىر ئىمىن ئەخمىدى ۋە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن قەشقەر دىيارىدىكى ئاتاقلىق شائىرلاردىن تاھىرتالىپ، تۇرسۇن نىياز ۋە مەدەنىيەت تەتىقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم سابىت قاتارلىقلار يوپۇرغا ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ ناھىيەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى،دراماتورگ ساھىت سادىق، يازغۇچى ئابدۇناسىر يونۇس ياۋايى، شائىر ئابدۇقېيۇم تۇرادىن مەجنۇن قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىرلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى ھەمدە بۇ ناھىيەدە ئاۋامغا نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئاۋام كۇتۇپخانا، كىتابخانىسى»غا كېلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە تۈرلۈك كىتابلارنى كۆردى ۋە بۇ يەرنىڭ قۇرغۇچىسى، كىتابخۇمارياش ھامۇتجان ھوشۇر بىلەن كۇتۇپخانا، كىتابخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى، تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىرلىشىپ، قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى ۋە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
سۈرەتتە: ئىمىن ئەخمىدى قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
تېما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتىش:
سىز رەسىم يوللىماپسىز ياكى يوللىماقچى بولغان رەسىملىرىڭىز يوللانماپتۇ. تولۇقلاپ قويغايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-21 08:24