يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 3

شاۋگۇنى: ئاتەش دىياردىكى «ئاتەش ئۇسسۇلى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                     ئاتەش دىياردىكى -ئاتەش ئوسسۇلى

                                           مۇھەممەدباي بادۇر شاۋگۇنى

زەردۇشت دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى ئىلىمىز تاجىكلار ئىچىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.بۇ خىل تەسىرنىڭ بىر قىسىملىرى تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتىمىزىدە،بىر قىسىملىرى مەدەنيەت-سەنئەت،ئەدىبياتىمىزدە ھىلمۇھەم ساقلىنۋاتىدۇ.
ئاتەش ئۇسسۇلى- ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ (زوروئاستېردىنى دەپ ئاتايدۇ) ساقىندىسى بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئەڭ بورۇن ئاتەشپەرەسلىك دىنىنى ئىجاد قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ۋە مۇقەددەس «ئاۋېستا» كىتابتا پوتۈلگەن ئارى-ساك قەۋىم-قەبىلسى،جۈملدىن شۇ دەۋردىكى يىرىم كۆچمەن چارۋىچى ساك قەبىلىسىنىڭ قەيەرگە بارسۇن ئوينايدىغان ئۇسسۇل شەكلى بولۇپ، بۇ كەچ كىرىش بىلەن تەڭ چىراغ يىقىپ، ئىسرىق سىلىپ، گۈلخان يىقىپ ئەتراپتا يوملاق ئولتۇرۇشۇپ نەغمە-ناۋا قىلىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ھاياتلىققا بولغان ئىشەنچ،غەيرەت-شىجائەت، ئارزۇ-ئۈمىد مىنۇتلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا تەنتەنە قىلىشدۇ.
بۇ ئارقىلىق قۇياش،ئوت-نۇرىغا بولغان چىن ئىخلاس-ئەقىدىسى،سېغىنىشى،تەلپۈنۈشى ھەمدە نۇر-ئوتنى ئولۇغلاش ئېتىقادىنى ئوسسۇل تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.(گۇلخان ئۇسسۇلى،بىژباڭ ئاتەش ئوسسۇلنىڭ بىر تەركىبى قسىمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ). مانا بۇ ئۇسسۇل شەكلى قەدىمكى ئارى- ساك -(بۈگۈنكى پامىر تېپىلىق تاجىك)لىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بولغان ئاتەش ئۇسسۇلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئاتەشپەرەسلىك مەدەنىيىتىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئاتەشپەرەسلىك سەنئىتى، جۈملىدىن بارات ئېيىدىكى «پىلىك ھېيت»،تام رەسىملىرى،غۇڭقا-چەڭ چالغۇسى، ئاھۇرامازدا ئىلاھنىڭ گۈمبەز قەبرىلەردىكى ئوبرازلاردۇر*.مانا بۇلار «ئاتەش ئۇسسۇل»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە شەكىلىدۇر.
يەنە مۇنداق بىر تارىخى نۇقتىغىمۇ دىققەت بىلەن قاراش  كېرەككى، شۇ دەۋرىدە ئانا ئورۇغداشلىق جەمىئيەتنىڭ تەسىرى چوڭ بولغاچقا ،ئاياللار ئاساس ئورۇندا ئىدى ھەمدە ھۆرمەتلىناتتى.بۇ خىل ھۆرمەتلەش ئادەت تاجىكلار ئارىسدا يېلتىز تارتقان بولۇپ تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدىن «ئاتەش ئۇسسۇل»ىدا بىر ئايال باش ئۇسسۇلچى بولىدۇ. قالغان ئۇسسۇلچىلار ئوت،يورۇقلۇققا دائىر ھەرىكەتلەر ۋە ئىپتىدائىي ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوسسۇل ئوينالغان. مانا بۇ نۇقتا «ئاتەش ئۇسسۇل» نىڭ مەركىزى نۇقتىسى ۋە تەتقىق قىلىش ئۇبىيكىتىمىزدۇر.
تاشقۇرغان ناھيەدىكى «ئاتەشكەدە»،ناھيە بازىردىكى «چىراغدان مازىرى»، تېزناپ يېزا چەشمان كەنتتە «ئاتەش دىن»نىڭ ئىزناسى «ئاتەش ئۇسسۇل»نىڭ كىلىپ چىقىشتىكى پۇلاتتەك دەلىل ۋە پاكىتى. بۇنىڭدىن باشقا «ئاققۇ ئوسسۇلى»،«قىلىچ ئوسسۇلى»،«تۆگە ئوسسۇلى»،«تاجىك تاغ مەشرىپى»،«ئارغىماق ئوسسۇلى» قاتارلىقلاردىمۇ ئاتەش دېنگە مۇناسۋەتلىك ئامىللار كۆپ ئۆچرايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاتەش دىننىڭ خورۇچلىرى تاجىك تۇرمۇشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا ئىگە.
ئوزۇن يىللىق تاجىك ئۇسسۇل تەتقىقاتمنىڭ بىر تۈرى بولغان «ئاتەش ئوسسۇل»نى تۆتىنچى ئەۋلاد ياش ئوسسۇل رېژسۇر غەرىبشا مۇبارەكقەدەمغا «ئاتەش ئوسسۇل»نى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلدىم.كېيىن ياش  رېژسۇر غەرىبشا مۇبارەكقەدەمنىڭ  بۇ ئۇسسولنى مۇۋەپىقيەتلىك ھالدا خەلق تۇرمۇشتىن سەھنىگە باشلاپ ئەپچىقتى، بۇ ئوسسۇل پۈتۈن شىىنجاڭ،مەملىكەت جامائەتچىلىككە تونۇلدى.قۇياش قەبلىسى-ئاتەش ئوسسۇلنىڭ ۋارىيانتىتۇر.بۇ ئوسسۇلنىڭ تېخمۇ مۇكەممەل بولۇشى يەنىلا ئوسسۇل تەتقىقاتچى ، ئىجادىيەتچىلەرگە باغلىق بولغان سەنئەت غەزىنىسى.ئومۇمەن ئاتەش دىياردىكى ئاتەش ئۇسسۇلدا قۇياش ۋە نۇر-ئوتقا چوقۇنغان ئاشۇ زاماندىكى ئارىيان قەۋم-قەبىلىلەرنىڭ،جۇملدىن پامىر ئېگىزلىكتىكى تاجىكلارنىڭ ئېتىقادى ۋە فولكىلۇر روھىيىتى ۋاستە قىلىنپ ھەم ئۇنى ئوسسۇل ھەرىكىتدە ئىپادىلىگەن.


*شىنجاڭ مەدەنيىتى ئوقۇشلۇقى:2009-يىلى 12-ئاي1-نەشىرى،جوڭ گاۋا تۈزگەن(114-بەت،يوقۇردىن سانغاندا 3-5-قۇرلار
ئالاقلىشش تىلغۇن نۇمۇر:13779844443
تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونۇم ناھيەلىك مەدەنيەت-سەنئەت ئىدارىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 21:00  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-21 16:28:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاۋگۇنى يىگىت، ماقالىنى ياخشى يېزىشقا تىرىشىپسىز، بىراق ئىملاغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ قويۇڭ: « ئادەتىمىزىدە، ئەدىبياتىمىزدە، پوتۈلگەن...» دېگەندەك چالا ياكى خاتا يېزىلىپ قالسا بولماس. بۇنداق سۆزلەر بەك كۆپ ئۇچرايدىكەن. يەنە بىر مۇشۇ ماقالىدىكى نۇقتىئىنەزەرنى يورۇتۇپ بەرگۈچى دەلىل-ئىسپاتلار ھەققىدە يەنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن چوڭقۇرراق ئويلىنىش كېرەكمىكىن، دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-21 17:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجاننىڭ دېگىنى توغرا، ماقالىدىكى نۇقتىئىنەزەرنى  تولۇق يورۇتمىسا  ،دەلىل-ئىسپاتلارنى
جايدا ئىشلەتمىسەماقالە ماقالىغا ئوخشىمايدۇ! تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن، سىزگە ئوتۇق تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-22 20:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن بارلىق ئالتۇن قەلەم ئىگىلىرگە«شاۋگۇن»نىدىن ئوتلۇق سالام...قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش