كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 1

ئابدۇراخمان سادىق: 40 يىلدىن كېيىن ئۇچۇرشۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
40 يىلدىن كېيىنكى ئۇچۇرۇشۇش

(ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇراخمان سادىق

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغلۇم شەۋكەت بىلەن قىزىم نەرگىزەنىڭ قوش توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى، يانفونۇم سايراپ قالدى، ئېكرانغا قارسام ماڭا تونۇش نومۇرنىڭ ئۈستىدە مەمەت ئىمىن دېگەن ئىسىم كۆرۈندى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەمەت ئىمىن ياخشىمۇسىز دېدىم قىزغىن ھېسىياتتا.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئابدۇراخمان قانداق ئەھۋالىڭىز قىسقىچە سالام – ساھەتتىن كېيىن ئۆز مەقسەتكە كۆچتى.
-بىرىنچى مايدا يەنى قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل پەسلىدە سەپداشلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش پائالىيتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان شۇڭا سىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلشىم دېدى.
كۆڭلۈمدە 10-ماي كۈنى پەرزەنتلەرنىڭ قوش توي مەرىكە كۈنى بولغاچقا دەرھال جاۋاب بېرەلمەي دۇدۇقلاپ قالسام كېرەك.
-نېمە مىجەزىڭىز يوقما، يا قىيىنچىلىق بارمۇ قانداق؟ دېدى مەمەت ئىمىن باشقىچە تەلەپپۇزدا.
-يوقسۇ باشقىچە ئويدا بولۇپ قالماڭ، شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىم سەپداشلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇشقا شاھىت بولۇشنى ئويلىسام ئىچىمدىكى خۇشاللىق تېرەمنى تېشىپ چىققىدەك دەرىجىدە، ئەمما 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوغلۇم بىلەن قىزىمنىڭ قوش توي مەرىكە كۈنى ئىدى. رېستۇراننى بۇلتۇر بېكىتىپ قويغان شۇڭا ئويلىنىپ قالدىم دەپ چۈشەندۈردۈم مەمەت ئىمىنگە.
-مۇبارەك بولسۇن، قۇتلۇق ئىشلارغا تۇرۇپسىز ، ئىشلار ئىلگىرى بولسۇن، ئۇچۇرۇشىشنى كەينىگە سۈرەيلى، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە خەۋەر قىلىمەن دېدى مەمەت ئىمىن دەرھالدا.
-تويدىن كېيىن ئايالىمنى ئېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلش ئويۇم بار ئىدى، بەك ياخشى خاسىيەتلىك ئىشلارغا تەرەدۇت قىپسىز، رەھمەت سىزگە. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەنبە) سائەت 4:00 دە قاينام رېستۇرانىغا تويغا تەكلىپ، باغاق ئەۋەتمىدىم دەپ خوشلاشتۇق.
راستىنى ئېيتسام 10-ماي كۈنى ئۆتكۈزىدىغان قۇتلۇق قوش توي ئائىلىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرە كۈنى بولۇپ ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇ شاتلىق توي مەرىكىگە شاھىت بولۇشتىن ئۆزگە خۇشاللىق مىنۇتلار بولمىسا كېرەك.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مەمتىمىن بالىلار يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدىمۇ، بايا ئەخەت قوماندان بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشتۇق (قىزىل سۇ ئوبلاست شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى) سەپداشلار ئۇچۇرۇشۇشىنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگە بېكىتتۇق. يەنى بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلىدىغان بولدۇق، قاچانداراق يولغا چىقاي دەيسىز دەپ قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ.
11-چىسىلانىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاس قىلدىم، خۇدا بۇيرىسا سائەت 9:15 دا ئۇچىمىز دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم.
6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 9:30 دا ئايروپىلان ئايرىدورمىنى بىر ئايلىنىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
ئانا زېمىننى خۇددى تۇنجى قېىتم كۆرۈۋاتقاندەك ۋەتەننىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىغا دەرىزىدىن تويماي قاراتتىم، تەڭرىنىڭ بەندىلىرىگە سېيخىيلىق بىلەن بەرگەن تاغۇ – دەريالىرىغا قاراپ ئەي ۋەتەن سەن نېمە دېگەن گۈزەلسەن ھە، دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ بىپايان گۈزەل زېمىنغا زوق بىلەن تويماي قاراتتىم، زوقلىناتتىم، شۇ مىنۇتلاردا دېرىزىدىن پەسكە قاراپ كۆرۈنۈۋاتقان قارلىق چوققىلار ۋە بىپايان زىمىنغا قاراپ ھەربىي سەپكە قاتناشقان مەزگىلدىكى مەكىت دېھقانچىلىق مەيدانى، قارا قۇرۇم ۋە تىبەت ئېگىزلىكىدىكى شەرەپلىك ھەم جاپالىق مىنۇتلار كۆز ئالدىمدىن كىنو ئېكرانلىرىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.  كىچىكىمدە ھەربى بولۇش ئىستىكى قەلبىمدە چوغ بولۇپ ياناتتى. دەرۋەقە 1970-يىلى خىيال ئارزۇلۇرۇم رىئاللىققا ئايلىنىپ ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ماش رەڭ ھەربى فورما كىيىش ئارزيۇۇم ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. ئاددى دېھقان بالىسىدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپە ئۆتەشكە نائىل بولغانلىقىمدىن پەخرىلىنەتتىم. راستىنى ئېيتسام قىسىمغا بارغان دەسلەپكى مەزگىلدە يۇرتۇمنى، ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى سېغىنىپ كۆز ياشلىرىم دائىم يۈزۈمنى نەمدەپ تۇراتتى. كۈنلەرنىڭ ئوتىشى بىلەن قىسىم تۇرمۇشىغا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدىم. كېيىنكى كۈنلەردە شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم. قىسىم ئەسلىدە بىر ئالى بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئونىۋېرسال بىلىمگە، ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە تولۇق تەربىيلەپ چىقىدىغان ئالىي ئونىۋېرسىتېت ئىكەن. قىسىمدا ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ساۋاتسىزلىق بولدى. مەن باشلانغۇچ 3-سىنىپقىچە ئوقۇغان، ساۋاتسىز دېسەممۇ بولىدۇ. 3-سىنىپنى پۈتتۈرۈپلا بالا دېھقان بولغان نەچچە يىللاردا ئاساسەن باشلانغۇچ بىلىملىرىنى ئۇنتۇپ بولغان ئىدىم. قىسىمدا كۈندە سىياسى ئۆگىنىش، تەسىرات سۆزلەش كىتاپ ئوقۇشتا نەتىجەم نۆل ئىدى. سەبداشلارنىڭ ئالدىدا تەسىرات سۆزلەش، ماقالە يېزىش، كىتاب ئوقۇشلاردا يۈزۈمنىڭ چوغدەك قىزىرىشى ۋە رەھبەرلەرنىڭ تەنقىدلىشىدىن نومۇستىن ئۆلەي دەيتتىم، ئۇستازىم، كوماندىرىم مىجىت ئەيسانىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۆزلىرىم نۇرلاندى. تىلىم راۋان بولدى. 2 يىل ئىچىدە ھەر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن جەڭچى بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىندىم.
ھەمدە ئىنقىلاۋى قۇربان كۈرەش قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ھەربىي رايۇن دەرىجىلىك ئىلغار كوللىكتىپ 3-بەنگە بەنجاڭ بولدۇم، كېيىنكى ئۈچ يىلدا كۆپ قېتىم نەمۇنىچى جەڭچى، 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دېگەن ناملارغا نائىل بولدۇم. ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدىكەن. بىر ئويلىسام ئۇ ئىشلار ئاخشامقى ئىشلاردەك تۇيۇلىدۇ. ئالدىمدا تۇرغان سەبداشلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتكە قارىسام 1972-يىلى 27-ئۆكتەبىر دەپ تۇرىدۇ. دېمەك 42 يىل ئۆتۈپتۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ ۋاقىتنىڭ قەدىمە ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدىكەن. مۇلازىملارنىڭ قەشقەرگە كەلدۇق دېيىشىدىن چۆچۈپ خىيالدىن سۈزۈلۈپ چىقتىم.
مەمەت ئىمىن بىزنى ئايدورومنىڭ 2-چىقىش ئىشكىدە كۈتۈۋالدى.
قەشقەر بۇ قېتىمقى سەپداشلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش سەپرىمىزنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئىدى، ئۇيغۇر مىراسلار غەزىنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشىكى قەدىمكى شەھەر قەشقەر مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىېۋېىتش ۋە شىنجاڭ يىغىنىنىڭ روھىي بويىچە ھالقىلىق ئىقتىساد تەرەققىيات ئالاھىدە رايون قەشقەردە قاينام تاشقىنلىق ھېسسىياتىم قەلبىمدە دولقۇنلاپ تۇرغان ئۆزگىچە تەسىراتلىرىم يېنىپ تېپچەكلەيتتى. بولۇپمۇ مەھمۇت كاشىغەرى مەقبەرىسىنى كۆرۈش، زىيارەت قىلىش ھەم 40 يىل كۆرەشمىگەن سەپداشلارنى كۆرۈشكە تەقەززالىق ئىلكىدە 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11:00 دە گۈزەل قەشقەر زېمىنىغا ئاياغ باسقىنىمدا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئاجايىپ بىر سېزىم پۈتۈن جىسمىمدا ياناتتى. مەمەت ئىمىن قەشقەر ئايدىرومىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە شوپۇرى ئەنىۋەرجان بىلەن بىزنى كۈتىۋالدى. (مەمەت ئىمىن ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە تورغات چارۋۇچىلىق 2-مەيدان 6-لىيەنىدە). بىز ئولتۇرغان «كالا بېشى» ماركىلىق ئاق دالا ماشىنا ئايرودورومدىن چىقىپ شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترەتتىن ئۆتۈپ دەل – دەرەخلىك ئەتراپى بوستانلىق ئاشپۇزۇلنىڭ ماشىنا توختاش مەيدانىدا قاتار تۇرغان ماشىنلارنىڭ يېنىدا توختىدى. ماشىندىن چۈشۈشىمىزگە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇش كەپسىلەر بېشىدا بادام دوپپا، ئۇچىسىدا كانىۋاي ئاق كۆينەك، بېلىدا كۆك شايى پۇتا باغلىۋالغان يىگىت بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى. بۇ دەل چۈش مەھەل بولغاچقا ئاشپۇزۇلدا لىسسىدە ئولتۇرغان مېھمانلارغا قاراپ بىز ئولتۇرغۇدەك ئورۇن بار – يوقلىقىنى ئىلغى قىلىپ ئۈلگۈردۈم، تۆت ئادەم ئەمەس بىر ئادەممۇ قىسىلىپ ئولتۇرغۇدەك ئورۇن يوق ئىدى. بىرىنچى شىرەدە ئولتۇرغان تۆت يىگىت بىزنىڭ ئۆرە تۇرۇپ قالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ:
-قېنى مېھمانلار بۇ شىرەگە كېلىشسىلە دەپ بىزگە ئولتۇرغان ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ بېرىپ ھاۋالىق سالقىن جايدىن ۋاز كېچىپ ئۆزلىرى ئاشپۇزۇل ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بىر قاراشتىنلا ئاقكۆڭۈل دېھقان باللىرى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارغا بەكلا ھەۋەس قىلدىم ۋە سۆيۈندۈم.
قەشقەردە تۇنجى كۆرگۈنۈم ئاقكۆڭۈل كىشلەر، ئەتراپى يېشىللىق كەڭ ئازادە يوللار، مۇنبەت ئېتىزلار، كۆك ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان ئېگىز بىنالار چېھرىدە كۈلكە يېغىپ تۇرغان ھەر مىللەت خەلقى، ئىسلاھات ۋە شىنجاڭ يىغنىدىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەندەك بۇ قېتىمقى سەپەردە قەشقەردە ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن ئاز بولمىغان زوق ئالدىم.
مەمەت ئىمىننىڭ ئۆيى قەشقەرنىڭ تىكەن بېشى يەنى شەھەرلىك ئاممىۋى ئاپتۇبۇس 9-ۋە 21-يوللارنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەن. ئاق رەڭلىك دالا ماشىنا باغلىق ھويلىنىڭ ئالدىدا توختىتىدى، كوچا ئېغىزدىن دەرۋازا ئالدىغىچە ئەگمە سالاسۇنغا ئۈزۈم تاللىرى ئارتىلغان بولۇپ مۇنەك مۇنەك ئۈزۈملەر قۇياش نۇرىدا خۇددى مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇراتتى، ئۈزۈم باراڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەرخىل مېۋىلىك چاققانغىنا باغ كۆزگە ئىسسىق كۆرنۈپ تۇراتتى. تال باراڭ ۋە ھويلىنىڭ ئەتراپىغا تىزىلغان تەشتەكتىكى ھەرخىل گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ خۇش بۇي ھىدى گۈپۈلدەپ دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ ئادەمگە ئاجايىپ ھوزۇر بېرىپ تۇراتتى، مەمەت ئىمىننىڭ ئۆيى قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە ۋە نەققاشلىق ھۈنىرى نامايەن قىلىپ ياسالغان بولۇپ ئادەمگە ئاجايىپ ھوزۇر بېرەتتى، قارىسىڭىز قارىغىڭىز كېلەتتى، ھۈنەرنىڭ نەپىسلىكى ئەقلىڭىزنى لال قىلاتتى.
پاكىز، ئازادە پېشايۋاننىڭ سۇپىسىغا سېلىنغان كۆپىگە ئولتۇرۇپ پاتىھە ئوقۇپ ئائىلە ئەزالار بىلەن قىزغىن ھال – ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن:
-مەمەت ئىمىن سەپداشلار يىغلىشىغا يەنى ئىككى كۈن بار ئىكەن، ئاتۇشقا كىرىپ سەپداشلارنى يوقلاپ كېلەي، 13-چىسىلا سەپداشلار بىلەن بىرگە كېلەرمىز ئىجازەت بەرسىلە دېدىم.
-بولىدۇ، توغرا ئويلاپسىز، 13 –چىسىلا يولۇڭلارغا قارايمەن، ئەنۋەرجان ئاتۇشقا ئاپىرىپ قويسۇن، دېدى شوپۇرى ئەنۋەرجاننى چاقىرىپ. ئەنۋەرجان يول بويى مەركەزنىڭ شىنجاڭ يىغىنى روھى بويىچە ھالقىلىق تەرەققىيات، ئەمىن قۇرۇلۇشى، قەشقەرنىڭ ئىقتىساد، تەرەققىيات ئاۋامنىڭ يېڭى تۇرمۇشى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بەردى. كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىق راستلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.
مانا بۇ يەرنىڭ ئۇ تەرىپى قىزىلسۇ ئوبلاستقا تەۋە، قەشقەر بىلەن ئاتۇش پاسىلىنى كۆرسىتىپ ئاۋۇ كۆرۈنگەن سول تەرەپتىكى يېشىللىق يېقىندىن روياپقا چىقارغان يېشىل بەلۋاغ، ئوڭ تەرەپتىكى باغلار بولسا بۇرۇنقى قاقاسلىق ئىدى، ھازىر ئىشچانلارنىڭ قولىدا جەننەت كەبى باغلارغا ئايلاندى. تاشلىق سايلاردا كۆكۈرۈپ تۇرغان ياپيېشىل باغلارنى كۆرسۈتۈپ ئەنۋەرجان:
ئىلگىرى ئۆزۈم تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان گۈزەل ئازادە شەھەر ئەنجۈر ماكانى ئاتۇشقا يەنە كەلدىم. 2012-يىلى 26-ئاۋغۇسىت ئاتۇشقا ئالدىراش كېلىپ توي مەرىكىسىنى تۈگۈتۈپلا كېتىپ قالغان ئىدىم، ۋاقىت بەكلا قىس ئىدى، شۇ سەۋەب ئىچىمدە بىر ئوت قالغان بولۇپ بۇ قېتىم ئاتۇشنى قانغۇچە زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم. دېمەكچىمۇ سەپدىشىم قاسىم بىلەن ئايالى مىنەۋەر خانىم (قاسىم 1974-يىلى كەتتايلاق يېزدىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئىنقىلابىي قۇربان كۈرەش قەھرىمانى ئىسمايىل ئەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان 3 – بەندە جەڭچى كېيىن بەنجاڭ بولۇپ 1977-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ دەسلەپ شەھەرلىك سودا سانائەت ئىدارىسىدا كېيىن ئوبلاستلىق سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان)، بىزنى ئاتۇش شەھرىنىڭ ئاۋات قايناق جايلىرىغا، سەمەت سودا شەھەرچىسىگە، سۇتۇق بۇغراخان مەخبەرىسىنى ئاندىن ھاۋالىق بوستانلىق ئاغا يېزىسىنىڭ دېھقانلار شاتلىق ئارامگاھىنى سەيلە قىلىپ ئۆزگىچە تائاملىرىدىن ھوزۇرلاندۇق. ئاتۇشتىكى 2 كۈنلۈك زىيارەتتىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئاتۇش شەھرىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەردىن ئاجايىپ زوق ئالدىم. ئاتۇشقا قىلغان سەپرىمدە ماڭا تەسىر قىلغان بىرىنچى ئىش، قەشقەردىن كېلىشتىكى يېشىل ئورمانلىق، ۋە يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مېۋىلىك باغلار بولدى، بەزىدە ئىشلار شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالىدىكەن مىنەۋەر خانىمنىڭ ئىنسى ئەركىن ساۋۇت بىز كۆرگەن ئاشۇ باغلارنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن، بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىمىزدىن خەۋەر تاپقان ئەركىن ساۋۇت بىزنى ئاشۇ باغقا مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان ئۇ يىگىتنىڭ دەستۇرخانىغا داخىل بولۇشتىن راستىنى ئېيتسام قورۇندۇم، ئەمما، تاشلىقتىن باغقا ئايلانغان بۇ مۆجىزىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ئىستىكى بايىقى قورۇنۇشنىڭ ئورنىغا ئۆتتى، قاسىم ۋە مىنەۋەر خانىمنىڭ ھەمراھلىقىدا سائەت 4 تە مەھەلدە كىچىك ماشىنىدا ئولتۇرۇپ چوڭ يولدىن سولغا قايرىلىپ ئىككى تەرىپى باغ تاشلىق يول بىلەن مېڭىپ چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا توختىدۇق. ئەركىن ساۋۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى قىزغىن كۇتىۋالدى، پاتىھەدىن كېيىن ئەركىن ساۋۇت بىزنى باغقا باشلاپ كىردى، بىز ئۆز قولىمىز بىلەن مەي بولۇپ پىشقان ئۈژمە، ئۆرۈكلەرنى تويۇنۇپ مەزە قىلىپ يېدۇق.
-بۇ باغنىڭ ئورنى ئەسلى تاشلىق ساي ئىدى، ئەتراپنى كۆرسۈتۈپ ئەركىن ساۋۇت، 10 يىللىق ئەجر ئەمگىكىدە باغنى مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلدىم دېدى يەرگە ئېڭىشىپ بىر سىقىم چىلان توپىنى سىقىمداپ، بۇ 30 مو باغنى باغ قىلىش ئۈچۈن نەچچە ماشىنا توپا ئەكەلگىنىمنى دەپ بېرەلمەيمەن، ئالدى بىلەن تۇربا سۇ ئەكەلدىم، قىشلاقتىن نۇرغۇن ئوغۇت ئەكەلدىم، سورتلۇق مېۋىلەرنى ئۇلاپ پەرۋىش قىلدىم،
ئەركىن ساۋۇتنىڭ كەيسەر ئىرادىسىگە ئاپرىن ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ  ئىشلىرىغا ئامەت ۋە بەركەت تىلەيمەن.
ئاتۇشتا تەسىر قىلغان ئىككىنچى ئىش.
ئاتۇشلۇقلاردا ئاجايىپ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئورتاقلىق بار ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ، سۆز ھەرىكىتى سىلىق، خۇش پىچىم، ئەدەپ-قائىدىلىك، كېيىنىشى رەتلىك ھەم پاكىز قەددى-قامەتلىك، سودا ئېڭى يۇقىرى ۋە ئۆز-ئارا مۇئامىلىدە يارقىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن. كارخانىچىلار بولسۇن، سودىگەر ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەر بولسۇن، شەھەر ئائىلىسى بولسۇن ئوخشاشلا گۈل چىراي ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ھۆرمەت ئېھتىراملىرى بىزنى ئاجايىپ تەسىرلەندۈردى. بۇ قېتىم ئاتۇشنى چۈشىنىش ئاۋالقىدىن زور بولدى. ساياھىتىمنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىدىن سۆيۈندۇم، ئايالىم زۆھرە، قاسىمنىڭ ئايالى مىنەۋەر خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى بولغان بىلەن بىردەمدىلا كونا دوستلاردەك بولۇپ كەتتى، قاسىمنىڭ دادىسى يېقىندا قايتىش بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقەردىكى سەبداشلار ئۇچۇرىشىشغا بارالمايدىغانلىقىنى سەبداشلارغا ھۆزۈر ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلاپ سائەت 9 دا گەرەجدە خوشلاشتۇق. مىنبۇستا قەشقەرگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، بۈگۈن 40 يىل كۆرۈشمىگەن سەبداشلارنى، رەھبەرلەرنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مۇئاۋىن لىيەنجاڭ سۇلايمان ئىمىن (جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىدا 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن) سىياسىي يېتەكچى، باتالىيۇن كوماندىرى، پولىك كوماندىرى ۋە ياتاقداش سەبداشلار بىلەن دىدار مۇلاقەت بولۇشنى ئويلاپ بىر خىل خوشاللىق ئىچىمگە سىغماي قالدى.
تۈمەن دەريا بېكەتتىن تاكسىغا ئالمىشىپ مەمەت ئىمىننىڭ ئۆيىگە كەلدىم. قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، پىچاندىكى سەبداشلار كېلىپ بولغان ئىكەن. قورادىكى ئۈستەل ئورۇندۇقتا سەبداشلار، ئۇستازلار ئولتۇراتتى، چوڭقۇر سەبداشلىق ھېسىياتى بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. ئىززەت-ئېھتىرام بىلەن سالام-ساھەتتىن كېيىن ئۆز ئورنىمىزدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشتۇق. كۆز چاناقلىرىمىزدا ھاياجان ياشلىرى لىغىرلار تۇراتتى.
1962-يىلى جۇڭگو-ھىندىستان چىگرا ئۇرۇشىدا يەنى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولىك ئېغىر پىلىموت لىيەندىكى ۋە 6-لىيەندىكى (ئەسلىدىكى ئېغىر پېلىموت لىيەنىدىكى كېيىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان) پېشقەدەم كوماندىر جەڭچىلەر ۋە ئىزچىلار بولۇپ 30 دىن ئوشۇق سەبداشلار جەم بولغان ئىدۇق.  
سەبداشلار غىزالانغاچ مۇڭداشتۇق، كۈلۈشتۇق 1962-يىلى جۇڭگو-ھىندىستان چىگىراسىدا ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش جېڭىدە قۇربان بولغان كۈرەش قەھرمانى ئىنقىلاۋى قۇربان ئىسمايىل مەمەت قاتارلىق ئىنقىلاۋى قۇربانلارنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلىدۇق.
14-چېسلا ئەتتىگەن سائەت 10 دا مەمەت ئىمىننىڭ يول باشلىشى بىلەن مەھمۇت كاشىغەرى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئوپالغا قاراپ يول ئالدۇق. گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە توققۇزاق ناھىيەسىدە ئالەمچە ئۆزگۈرۈشلەر، يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنى، ئەمىن قۇرۇلۇشى، ئونىۋېرسال چوڭ بازار قەدىمىلىكى نامايان قىلىنىپ تۇرغان قايناق شەھەر تۈسىنى ئالغان يېڭىلىقلارنى يول بويى زىيارەت قىلىپ ئوپالغا كەلدۇق. يىراقتىنلا بۈككىدە ئورمانلىق، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان جەننەت كەبى باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەھمۇت كاشىغەرنىڭ ئاپئاق ھەيكىلى قۇياش نۇرىدا پارلاپ تۇراتتى.
مەھمۇت كاشىغەرى مەقبەرىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ ئۇلۇغ زاتنى زىيارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتۇق. مەركەز ۋە ئاپتۇنوم رايون رەھبەرلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمايىل ئەھمەت، ئابلەت ئابدۇرېىشىت، تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېغىشلىمىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. سەبداشلار مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسى ۋە ھەيكىلى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ئاندىن ئەتراپتىكى مازارلىق، مەسجىد، سىرلىق بۇلاقلارنى زىيارەت قىلىپ قەشقەرگە قايتتۇق.
مەمەت ئىمىن بىزنى قەشقەردە ساقلىنىپ قالغان ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قايتا رېمۇنىت قىلىپ ئەسلى ھالىتىنى ۋە قەدىمىلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان ئۆيلەرنى، تۈمەنكۆل باغچىلارنى، قەشقەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چاھار باغنىڭ ئۆزگىچى مەنزىرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ زوقلاندۇرۇپ، چاھار باغدا كەچلىك تاماققا داخىل بولۇپ سازەندىلەرنىڭ قەشقەر خەلىق ناخشا موزىكىلىرىنى ئاڭلاپ زوقلاندۇق. خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەۋجى ھەممىمىزنىڭ زوقىغا زوق قوشتى. مەمەت ئىمىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى، ھۈنەر كەسىپ مەركىزى، قەدىمى قايناق شەھەر قەشقەرگە جەم قىلىپ 40 يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن سەبداشلار بىلەن ھەمسۆھبەت ۋە دىدارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ھېكىمىتىگە، ئادىمگەرچىلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ 15-چېسلا قەشقەر مۇقام رېستۇرانىدا ناشتىلىقتىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.
سەبداشلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش 2-بىكەت ئاقسۇ، ئاقسۇدىكى سەبداشلار قەشقەرگە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىزنى 15-چېسلا ئاقسۇدا يولىمىزغا قارايدىغان بولغان ئىدى.
ئاقسۇدىكى سەبداشلاردىن مەمەت موللەكتىن باشقا سەبداشلارنى كۆرمىگىلى 40 يىل بولغان ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈش ئىستىكى قەلبىمىزدە دەريا دولقۇنلىرىدەك دولقۇنلايتتى. ئىبرايىم رەجەپ، ئابلىمىت ئاسىم، ئايالىم زۆھرە، مەن تۆتىمىز 15-چېسلا سائەت ئىككىدە ماڭىدىغان خوتەن-ئۈرۈمچى تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئاقسۇغا ماڭدۇق.
سەبداشلىق مۇھەببەت بىزنى قەشقەر، ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىكى سەبداشلار بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇلەقەت قىلدى. 40يىل مۇقەددەم ھەر قايسسىمىز تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىدە ئىزدىشىپ بولالمىغان بولساقمۇ ئەمما قىسىمدا قالدۇرۇلغان ئادېرىسلار بويىچە خەتلەر يېزىپ يېرىم دىدارلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. سەبداشلار مېھرى ۋە دوستلۇقىمىز بىزنى 40 يىل مەھكەم باغلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن دىدارلىشىشتىن ئىبارەت گۈزەل دەقىقىلەرگە مەمەت موللەك سەۋەب شاھىت بولدۇق.
40 يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن سەبداشلار ئاقسۇدا جەم بولۇشتىن ئىبارەت دىدار مۇلاقەت دەقىقىلەر بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئاقسۇ ۋوگزالىدىن چۈشكەندە ئاجايىپ بىر ھاياجان يۈرۈگۈمدە دولقۇنلايتتى.
بۇ سەبداشلار بىلەن كۆرۈشۈش ئورتاق بولغان سېغىنىش ۋۇجۇدۇمدىكى ئىپادىلىنىشى بولسا كېرەك. ۋوگىزالدىن چىقىش ئىشىكىدە مەمەت موللەك (ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى) بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ماشىنا مىللىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان تولىمۇ چىرايلىق بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى. مەمەت موللەكنىڭ باشلىشى بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق. 2-قەۋەتتە رېستۇران خادىملىرى ئالاھىدە ئىززەت-ئېھتىرام بىلەن بىزنى سەبداشلار ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا باشلىدى. سەبداشلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بىزنى  قىزغىن كۈتىۋالدى. يولۋاس، تۇرەك ئالىم، مەمەت سەتىراش،«مەمەت ئاقسۇ قۇمباشتىن  ،ئاتا كەسىپ ساتىراش بۇلوپ قىسىمدا كوماندىر جەچىلەرنىڭ چاچ-ساقىلىنى ئالاتتى ،مەمەت ئاتلىقلار بىر نەچچى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى مەمەت ساتىراش دەپ ئاتاتتى» داۋۇت. تۇرسۇن زىيالى،« تۇرسۇننىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى بىقەدەر يۇقۇرى بۇلغانلىقى ئۇچۇن تۇرسۇن زىيالى دەپ ئاتايتى» ، ئابلىمىت،(ئابلىمىت ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەپتىش مەككىمىنىڭ باشلىقى) مەمەت سىدىق قاتارلىق سەبداشلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ بىزگە قالدۇرغان بوش ئورۇنلارغا ئولتۇردۇق ، پاتىھەدىن كېيىن مەمەت موللەك،
-ئابدۇراھمان سەبداشلارنى تونىيالىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى،
-تونۇدۇم، يېنىمدىكى مەمەت سىدىقتىن تارتىپ بارلىق سەبداشلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، مىجەزى، خاراكتېرىدىن تارتىپ بىرمۇ-بىر تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم.
-ۋوي پېشقەدەم بەنجاڭ ئېسىڭىزدە ئەجەپ بەلەن قاپتىمىزا، سىلى ئوبدان تۇرۇپلا، پەقەتلا ئۆزگەرمەپلا،-دېدى ئونسۇنىڭ ساپ يەرلىك شىۋىسىدە ھەيران بولۇپ يولۋاس.
-ۋوي، يولۋاس مەن ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسام سىلەر تونىمايدىغان ئابدۇراخمان بولۇپ قالمامدىمەن، سەبداشلار كۈلۈشۈپ كەتتى. چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايلىق كېيىنگەن سەبداشلارنىڭ خانىملىرى ئايالىم زۆھرەخاننى ئارىغا ئېلىپ قىزغىن سۆھبەتلىشىپ ئۇنى قۇۋاندۇراتتى.
40 يىللىق ئەسلىمىلەر يارقىن بايان قىلىنىپ ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇرغان سەبداشلار شاتلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ھېسىياتتا مۇڭداشتۇق. پاراڭ تېمىسىغا ئاساسەن قىسىمدىكى دوستلۇق كارتىنىلىرى بولدى. ھەمدە جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى خىزمەت، ئۆگىنىش، ئائىلە، تۇرمۇش جەھەتلەردە بولدى. مېنى ئاقسۇدا خوش قىلغان بىرىنچى ئىش ئىنقىلاۋى قۇربان كۈرەش قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان 3-بەندىكى (1970-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە)، ئىبراھىم رەجەپ، مەمەت موللەك، يولۋاس، ھەسەنجان، مەمەت سەتىراش مەن قوشۇلۇپ 3-بەندە ئۆگىنىش، ھەربى مەشىق، يېتىپ-قوپۇش، ئاق-قار، كۆك مۇز دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىبەت قارا قۇرۇم قاراۋۇلخانىدا جاپالىق ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش سەپىرىدە ياتاقداش 6 سەبداشلارنىڭ جەم بولۇشى، 40 يىلدىن كېيىن بىر بەندە خىزمەت قىلغان سەبداشلارنىڭ جەم بولۇشى بىر مۆجىزە ئىدى. دېمەك ھاياتىمىزدىكى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە سەبداشلار ئۇچۇرۇشى بولدى.
سورۇنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان سازەندە ناخشىچىلار «بىللە ئويناپ چوڭ بولغان»، «بالىلىقىم» دېگەن مەناغا باي مېلودىيەسى يېقىملىق ناخشا كۈيلىرى بالىلىقىمىزنى ئەسلەتسە ھەم قىسىمدىكى چىن، دوستلۇقىمىزنى نامايەن قىلىپ بېرەتتى. تاخشا تېكىستلىرى خۇددى بىز ئۈچۈن يازغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، بىزنى شېرىن تۇيغۇلارغا شاھىت قىلاتتى.
1970-يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ يەكەنگە ماڭغاندا ئاقسۇدا بىر قونۇپ ئۆتكەن ئىدۇق، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا سەبداشلار بىلەن ئاقسۇنى بىر ئايلىنىپ چىققان ئىدۇق، شۇ چاغدا ئاقسۇ قەدىمىلىكى بىلەن ناھىيە تۈسىنى ئالغان كىچىك شەھەر ئىدى. 44 يىلدىن كېيىن ئاقسۇغا قايتا كەلگىنىمدە ئاقسۇنى پەقەتلا تونۇماي قالدىم. ئاقسۇنىڭ تەرەققىياتى مېنى داڭ قالدۇردى، كۆز ئالدىمدىكى ئاقسۇ شەھەر باغچىلاشقان، سانائەتلەشكەن، تەرەققىي قىلغان زامانىۋى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. شەھەر ئىچى-سىرتىدىكى يوللاردا  ياپيېشىل تال-تېرەكلەرسايا  تاشلاپ، شەھەرگە باشقىچە ھۆسۈن قوشقاپتۇ. . ئېھ- ئاقسۇ ساڭا ئاپىرىن!
16-چېسلا مەمەت موللەك بىزنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ يىغىنىنىڭ يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە روياپقا چىققان يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى ساياھەت قىلدۇردى.
16-چېسلا سائەت 10 دا ئونسو ناھىيەسىگە كەلدۇق. نەزىرىمدە ئونسو ناھىيەسىنى يېزا تۈسى ئالغان كىچىك ناھىيە دەپ ئويلىغان ئىدىم. بەزىدە ئادەمنىڭ سېزىمى كۆپ ھاللاردا ئەقىلنىڭ قەدىمىگە ئالدىراپ چەك قويىدىكەن. ئونسو ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى شەھەر تۈسى ئالغان قىياپىتىنى كۆرۈپ راسىتىنى ئېيتسام بايىقى قىياسىمدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم. دېمەكچىمۇ ئاۋامنىڭ بەخىتلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئونسۇغا بارغاندا يولۋاس بىزنى ئونسۇناھىسىدىكى  ئەڭ گۈزەل بولغان يېشىلزار دېھقانلار شاتلىقى ئارام گاھىغا ئالاھىدە دەستۈرخان راسلاپ ئونسۇنىڭ ئاھىدە مېۋىللىرىدىن بولغان ئۈژمە، ئۈرۈك ۋە ئېسىل نازۇ نىممەتلەر بىلەن قىزغىن كۈتىۋالدى،ئۇدىھقانلار شاتلىق ئارام گاھىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بېتىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.يولۋاس 1973-يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ 1976-يىلى قىسىمدىن قايتىپ ئونسۇ ناھىلىك خەلىق قۇراللىق بۆلىمىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر دەم ئېلىشتا.
ئاقسۇدا خوش بولغان ئىككىنچى ئىش
16-چېسلا ئونسودىن يېنىپ مەمەت موللەك، تۇرسۇن زىيالى، ئىبىرايىم رەجەپ، ئابلىمىت ئاسىم، ئايالىم زۆھرە بىلەن ئاقسۇ شەھەرنىڭ غەربى جەنۇب تەرەپتىكى يەنى دەريا ساھىلى بويىدىكى خامان رېستۇرانىدا كەچلىك تاماقتا ئاقسۇ شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ باش مۇھەرىرى ياش شائىر يازغۇچى ئابلىز ئوسمان بىلەن دىدار مۇلەقەت ھەمسۆھبەتتە بولغان مىنۇتلار بولدى.
ئابلىز ئوسمان بىلەن 2012-يىلى ئۈرۈمچىدە ئانىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى كۆكرەك دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىۋاتقان مەزگىلدە كۆرۈشكەن ئىدىم. بالنىستا ئابلىزنىڭ دادىسى ئوسمان ئەپەندىم ۋە ئانىسى بىلەن بىر نەچچە مىنۇت سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق. ئابلىز ئوسمان مېنىڭ ئاقسۇغا كەلگىنىمدىن خەۋەر تېپىپ ئالدىراش بولسىمۇ ئىشلىرىنى تاشلاپ مېنى يوقلاپ كەلگىنىدىن سۆيۈندۈم ۋە خۇرسەن بولدۇم. ئۆز-ئارا ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدۇم. ئۇ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا ئانىسىنىڭ قايتىش بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى. خۇددى ئۆز ئانامدىن ئايرىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈم بۇزۇلدى، مەرھۇمنىڭ يەنى ئۇنى كۆرگەندىكى تەبەسسۇم چېھرى، تېتىك سىماسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولدى.  
بالا ئانىغا ۋە مەڭگۈلۈك جۇدالىققا قانداق چىدايدۇ، بىردەملىك سۈكۈناتتا ئانام كۆز ئالدىمدا لىپپىدە پەيدا بولدى. ئۇ 1970-يىلى دېكابىر غۇلجا شەھەر 10-كوچا ھەربى گەزەرمە ھەربى فورما كىيگەن 5-كۈنى مېھرىبان ئانامدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش مىنۇتلىرى ئىدى. 200 دىن ئوشۇق يېڭى ئەسكەرلەر گەزەرمىدىن مېڭىش ئالدىدا (نەگە قايسى شەھەرگە بېرىشتىن خەۋەرسىز ئىدۇق) كوماندىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا يۇم-يۇم يىغلاۋتقان ئانامغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. كوماندىرنىڭ توختا كەينىڭگە يان دېگىنىگە قارىماي ئانامغا ئۆزۈمنى ئېتىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئانام يۇمران قولى بىلەن پىشانەمنى سىلاپ «يىغلىما بالام، يىغلىما بارغىن سېنى يېڭى شەرەپلىك خىزمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ» دەپ پېشانەمگە سۆيۈپ يامغۇردەك كۆز ياشلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان ھالەتتە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويغان كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمەيدۇ. ئۇ ئانام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈشۈش ئىكەنلىكىنى ئويلىسام ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. مەن قىسىمدىكى يەنى 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى قەدىرلىك ئانام بىزنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كېتىپ قالغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلەتتى، جۇدالىقنىڭ بېشىمغا كەلگىنىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. تەغدىر قىسمەتكە ئەلھەكمۇللا دېمەي نېمە ئامال.
ئابلىز ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم باشقىچە ئىدى. مەن ھەۋەسكار قەلەمكەش بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىردەملىك ئەدەبى ئىجادىيەت ھەققىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن ئۇ ماڭا
-ئابدۇراخمان ئاكا سەبداشلار بىلەن 40 يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچۇرۇشۇش كاتتا ئىش بوپتۇ، سىز «40 يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچۇرۇشۇش» دېگەن تېمىدا ئەدەبى خاتىرە يېزىڭ دەپ ئىلھام بەردى. راسىتىنى ئېيتسام بۇ ئەدەبىي خاتىرىنى ئۇنى ياراتكۈچى دېسەم بولىدۇ، ئابلىز ئوسماننىڭ ئائىلىسىگە بەخىت خەلقىمگە بەركەت ،قۇۋەت تىلەيمەن.
قەشقەر ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىكى سەبداشلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ھەم ئەڭ قىممەتلىك دەقىقىلەر بولۇپ قىسىمدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلىرىمىزنىڭ يارقىن كارتىنىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن مەنالارغا باي ئۇنتۇلغۇسىز ئۇچۇرۇشۇش بولدى.
قەشقەر، ئاتۇش ۋە ئاقسۇنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى ۋە سەبداشلارنىڭ قىزغىن مېھرىبانلىقى، ھۆرمەت ئېھتىراملىرى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار بىلەن خوشلاشقان چاغدىكى قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىپ يېنىش-يېنىشلاپ قۇچاقلاشلاردىن كېيىنكى كۆز چاناقلىرىمىز قىزارغان چاغلار ....
(سەبدىشىمىز مەمەت مۇللەك 2015-يىلى25-ماي ئاقسۇدا كېسەل سەۋەۋى بىلەن ھالامدىن ئۇتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 20:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-20 23:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرگىدەك تارىخى ئەسلىمە بوپتۇ.سىزگە تەشەككۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش