كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 1

ئابدۇنىياز ئىمىن(ت): كارل گۇستاف ياڭ ــ رېئالىلىق ۋە ھالقىما رېئالىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              رېئالىلىق ۋە ھالقىما رېئالىلىق
                                                           كارل گۇستاف ياڭ
                                                   ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمسى

مەن رېئاللىقتىن ھالقىغان ھېچقانداق نەرسىنى بىلمەيمەن، رېئاللىق مەن بىلەلەيدىغان بارلىق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، چۈنكى مەندە رول ئوينايدىغان نەرسىنىڭ ھەرقاندىقى رېئال ۋە ئەمىلىيدۇر. ئەگەر ئۇ ماڭا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىسە ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىنىمۇ بىلمەيمەن، مەن پەقەت رېئال نەرسىلەرنىلا تەسۋىرلەپ بېرەلەيمەن. رېئال ئەمەس، رېئاللىقتىن ھالقىغان ئىشلارنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، ئەلۋەتتە، پەقەت بەزىلەر «رېئال» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ چېكىنى بېكىتكەندە بۇ ئېنىقىلىغۇچىنى پەقەت دۇنيا رېئاللىقنىڭ ئالاھىدە قىسىمىغىلا ئىشلىتىدۇ، بۇ خىل رېئاللىقنى بىز ھېس قىلالايدىغان ماددىي ئوبىكتىپ رېئاللىق بىلەن چەكلەپ قويىدىغان ئۇسۇل بولسا بىر خىل ئالاھىدە تەپەككۇر شەكلى، يەنى «مۇكەممەل ساۋات» نى شەكىللەندۈرىدىغان تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، بۇ ھەم بىزنىڭ ئادەتتىكى تىل ئادىتىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىندىغىنى «كاللىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئالدى بىلەن تۇيغۇدا مەۋجۇت» دېگەن تۇنۇش پىرىنسىپتۇر. بۇ ئەمەلىيەتكە ئېتىبارسىز قارىساق،  بىزنىڭ روھىمىزدىكى نورغۇن نەرسىلەر ھېس ماتېرىياللىرىدىن كەلمىگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە ھېس دۇنياسىدىن كەلگەن نەرسىلەرلا ئاندىن رېئال بولىدۇ.
بۇنداق دۇنيانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن چەكلىنىش بولسا غەربلىكلەرنىڭ دۇنياغا بولغان بىر خىل يۈزەكى تۇنۇشىدۇر، بۇنداق يۈزەكى تۇنۇش ھامان ناھايىتى ئادالەتسىز ھالدا گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ ئەقلىنى خاتاغا چىقىرىۋاتىدۇ، دۇنيانى ماددىي رېئاللىق بىلەنلا چەكلەپ، پۈتۈن رېئاللىقتىن نىسبەتەن چوڭ بولغان قىسىمىنى بۆلۈپ تاشلىغاندا، قىپقالغىنى پەقەت بىر پارچىسى بولۇپ،  بۇ پارچىنى ئوراپ تۇرغىنى يەنىلا غايەت چوڭ سايىدۇر. بۇ سايىنى كىشىلەر ئامالسىز ھالدا رېئال ئەمەس ياكى رېئاللىقتىن ھالقىغان دەپ ئاتاشقان، بۇ خىل تار دائىرىلىك نەزەر شەرقىلىقلىكلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا شەرقلىكلىكلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ھەرقانداق رېئاللىقتىن ھالقىغان پەلسەپىۋى ئۇقۇملارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بىز ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چەكلەپ قويغان رېئاللىق ئۈزلۈكسىز «ھېستىن ھالقىغان»،« تەبىئەتتىن ھالقىغان» ھەم بۇنىڭدىن سىرىت نورغۇن شەيئىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچىرايدۇ. شەرقنىڭ رېئاللىقى ناھايىتى تەبئىي ھالدا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ بولسا پىسخىكىلىق ئوقۇملار بىر قاتار قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا پىسخىكىدىكى نەرسىلەر فىزىكىلىق سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە ئۈنۈم بولۇپ،  چوڭ «مېڭنىڭ ئاجىرالمىسى» ياكى مەلۇم چوڭ جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش نەرسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل ماددىي دۇنياغا تەۋە بۇيۇملار ھەم ھەممىگە قادىردەك قارىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ماددىي دۇنيانىڭ سىرلىرىنى كۆزىتىپلا قالماي يەنە «روھىي» شەكىلدە ئۆزىنى تۇنۇيدۇ، ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممسىى يەنىلا پەقەت ۋاستىلىك رېئاللىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.
   ئىدىيە رېئال بولامدۇ؟ بۇ خىل تەپەككۇر شەكلىگە ئاساسلانغاندا، ناھايىتى ئېھتىمالغا يېقىنكى، پەقەت ئۇنىڭ چېتىلغىنى مەلۇم سەزگىلى بولىدىغان شەيئى بولغاندا، ئۇ ئاندىن رېئال بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ «رېئال ئەمەس»، « خىيالىي» دەپ قارىلىدۇ. ھەم مەۋجۇت ئەمەس دەپ جاكارلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈزبېرىپ تۇرىدۇ، گەرچە بۇ پەلسەپىدىكى بىر تەرەپلىمىلك بولسىمۇ. ئىدىيە يەنى ئۇ شەكىللىك رېئاللىققا چېتىلمىسمۇ باشتىن ئاخىر رېئال بولغان بولىدۇ. ئۇ ھەتتا بىرخىل تەسىرگە ئىگە، بولمىسا ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ. بىراق «بولىدۇ» دېگەن مۇشۇ بىر سۆز سەۋەبلىك بىزنىڭ تەپەككۇر شەكلىمىزگە ئاساسلىنىپ، چېتىلغىنى پەقەت مەلۇم ماددىي نەرسە، شۇڭلاشقا، «رېئال ئەمەس» ئىدىيەمۇ غۇۋا رېئاللىقتىن ھالقىش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە غەيرىي رېئاللىققا تەڭلەشتۈرۈلگەنلكتىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق ئىدىيە ئاللىمۇقاچان ئاسان ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىقنىڭ جاراھىتىنى قالدۇرغان بولىدۇ. بەلكىم بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئايرىلىپ تاشلانغان بولىشمىزنىمۇ بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى بۇ بىزنى ئۆتە ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى ئىشلەتكەن ئۇقۇمىمىز بەلكىم توغىرلاشقا مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، راسىت، ھەتتا ئاممىباب ئەدەبىياتمۇ ھەر خىل «ھالقىما» ئۇقۇملىرىنى ئۆزىنىڭ روھىي ئۇپۇقلىرى ئىچىگە سىغدۇرپ كەتتى. بىز بۇنداق ئۇسۇلغا بەك ھېسداشلىق قىلىمىز، چۈنكى، بىزنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش ئۇسۇلىمىزدا ھەقىقەتەن مەسىلە بار، بىز نەزەرىيەدە  جەھەتتە ناھايىتى ئاز، ئەمەلىيەت جەريانىدا بولسا ئاڭ بىلەن ماددىي ئوبىكىتنىڭ ئارىسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت يوقلۇقىنى ئاساسەن ئويلاپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ھېس قىلغىنىمىز پەقەت تاشقى كۆرىنىشتىن باشقىسى ئەمەس. بۇ سىرتقى كۆرىنىش بولسا ۋاستىلىك ھالدا ناھايىتى مۇرەككەپ نېرىۋا قۇرۇلمىسى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن. تۇيغۇ ئەزالىرىمىزدىكى نېرىۋىلار ۋە ئاڭدىكى سىرىتقى ھادىسە ئارىسىغا بىر ئاڭسىز جەريان قىستۇرۇلغان، بۇ جەريان مەسىلەن «نۇر»دىن ئىبارەت بىر فىزىكىلىق رېئاللىقنى «يۇرۇقلۇق»دىن ئىبارەت پىسخىكىلق سىرتقى ھادىسىگە ئۆزگەرتكەن. بىراق بۇ خىل مۇرەككەپ ئاڭسىز ئۆزگىرىش جەريانىغا نىسبەتەن ئاڭنىڭ ماددىي نەرسىلەرنى تۇيىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ تۆۋەندىكىدەك نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: بىۋاستە رېئاللىق بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن نەرسىلەر بولۇش سۈپتىدە، ئەمەلىيەتتە ئىنىچكە پىششىقلانغان سىرتقى ھادىسدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىز بىۋاستە سىرتقى ھادىسە دۇنياسىدا ياشىغۇچى. ماددىي دۇنيانىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز خېميەلىك ۋە فىزىكىنىڭ ئىنىچكە ئەسلىھەلىرىگە ۋە مۇرەككەپ پىروگىراممىغا مۇھتاج، ئىلىم پەن ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلارنىڭ پەم-پاراسىتىگە ياردەم قىلىدىغان قورالدۇر. ئۇ بىزنى سىرتقى ھادىسىىنىڭ ئادەم ئالدايدىغان چۈمبەردىسىنى قايرىپ، ھەقىقي غەيرىي پىسخك دۇنيانى كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا، بىز ئۇچراشقىنىمىز ھەرگىزمۇ بىر ماددىي دۇنيا ئەمەس، بەلكى بىر پىسخك دۇنيا. بىز پەقەت بۇ پىسخك دۇنيا ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيتىگە قارىتا ۋاستىلىك پەرەز ۋە ھۆكۈملەرنى چىقىرىمىز. پىسخىكىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە رېئاللىق بولۇپ، ئۇ بارلىق شەكىلدىكى روھىي ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھەتتا ھەرقانداق  سىرتقى شەيئىلەرگە چېتىلماسلىقى سەۋەبلىك «رېئال ئەمەس» بولغان قاراش ۋە ئىدىيەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئۇلارنى «تەسەۋۋۇر» ياكى « خام خىيال» دەپ ئاتايمىز، بىراق بۇ  قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ بىزگە بولغان تەسىرنى ئازلىتالمايدۇ. ھەقىقەتكى، ھەرقانداق بىر « رېئال» ئىدىيە « رېئال ئەمەس» ئىدىيە تەرىپىدىن ھېچ زامان چەتكە قېقىلمايدۇ. بۇ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك تېخىمۇ تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. فانتازىيلىك قاراشلارنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇش كۈچى ماددىيلىقنىڭ خەتىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بىزنىڭ كۆز بويايدىغان ئاڭنىڭ تەسىرىدە ئېتىراپ قىلماي تۇرىۋېلىۋاتقانلىقىمىزمۇ بىر ئەمىلىيەت. بىز ماختاپ ئۇچۇرغان ئەقىل ۋە يۇقىرى مۆلچەرلىگەن ئىرادە «غەيرىي رېئال» ئىدىيەگە يۈزلەنگەندە ھامان كۈچسىز ۋە زەئىپ. مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان كۈچ ھامان مۇشۇ ئاڭسىز روھىي ئامىلدۇر. ئاشۇلار ئاڭنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھەم دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇتلەق زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ روھىي ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان بىر دۇنيادا ياشايمىز.
     بۇنىڭدىن غەرب ئېڭىنىڭ غايەت چوڭ يىتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، ئۇ بىزنى پەقەت بىر خىل رېئاللىقنى، يەنى ماددىي سەۋەبدىن يارىتىلغان رېئاللقنى ئېتىراپ قىلغۇزىدۇ. شەرقلىقلەر بىر قەدەر ئەقىللىق، چۈنكى ئۇلار بايقىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ماھىيتى ئىنسان پىسخكىغا يىلتىز تارتقان. ماددا ۋە روھ بىلمىگەن ماھىيەت ئارىسىدا روھىي رېئاللىق يەنى پىسخكىلىق رېئاللىق مەۋجۇت بولۇپ، مانا بۇ بىز بىۋاستە باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجىرىبە قىلايدىغان بىردىنبىر رېئاللىقتۇر.  

ئەسكەرتىش:
بۇ ماقالە كارل گۇستاف ياڭنىڭ « پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات» نامىلىق توپلامى( فېڭ چۈەن ۋە سۇكىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن بېيجىڭ بىرلەشمە كىتاب شىركىتى تەرىپىدىن 2013-يىل 11-ئايدا نەشىر قىلىنغان) دىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 19:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-20 22:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش