قاراقاش ناھىيەسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى:
2015-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىگەخوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن، سىياسىي كېڭەش خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى يالقۇن قادىر قاتارلىق رەھبەرلەر، رەسسام، گۈزەل-سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ 100 نەپەرگە يېقىن كىشى قاتناشتى.
كۆرگەزمىگە ناھىيەمىز تەۋەسىدىن 35 نەپەر رەسسام ۋە گۈزەل-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ 70 پارچە ماي بوياق ئەسىرى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 26 نەپەر ئاپتورنىڭ جەمئى 53 پارچە ئەسىرى تاللاپ كۆرگەزمىگە قويۇلدى. كۆرگەزمىگە ئەسىرى تاللانغان ئاپتورلار ئىچىدىن دېھقان رەسسام 3 نەپەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 23 نەپەر. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەردە ئاپتورلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەردىن سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ھېسسىياتى، «جەلپكار قاراقاش» قا بولغان سۆيگۈ ئىستەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن خاسلىققا، بەدىئىيلى كجەھەتتىن زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-19 18:43