باغچىدىكى تەنھا ئورۇندۇق
مىرادىل راخمان
باغچىدىكى تەنھا ئورۇندۇق،
ئوخشاپ قالغان گويا قەلبىمگە.
بولسىمۇ گەر ئۇچقۇسى يىراق،
پۇتلىرى چىڭ مىخلانغان يەرگە.
ئاپئاق قارلار باسقان ئۈستىنى،
كۆرۈنىدۇ شۇنچە پەرىشان.
بارچە شادلىق ئايلىنىپ مۇزغا،
قالغىنىدەك ئازاپلا ھامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-19 15:49