يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 0

ئىلھام مۇھەممەد: رۇس-سوۋېت ئەدىبلىرىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇس-سوۋېت ئەدىبلىرىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى
ئىلھام مۇھەممەد

ھاياتىدا مۇھەببەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئادەم بولمىسا كېرەك. شۇنىڭدەك دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭمۇ قىزىقارلىق مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. بەزى ئەدىبلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش شېرىن مۇھەببەت، كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ، بەختلىك ئائىلىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ۋىسال شادلىقى، تۇرمۇش لەززىتىدىن بەھرىمان بولغان بولسا، بەزى ئەدىبلەرگە بۇنداق ۋىسال شادلىقى نېسىپ بولمىغان، ئۇلار مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، ھەتتا تەن سالامەتلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلاپ، بىباھا ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 19-،20-ئەسىردىكى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى نۇرغۇن نادىر يازغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرگىنى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا ئائالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دەۋردە دۇنياغا داڭلىق بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلار مەيدانغا كېلىپ، رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتقان. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بانايېۋا بىلەن نىكراسوف، گوركىي، ماياكوۋسكى، يېسىنىن قاتارلىقلارنىڭ  ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان.

بانايېۋا بىلەن نېكراسوفنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى
ئاۋدونيا ياكوۋلېۋنا بانايېۋا (1820-1893) 19-ئەسىر رۇسىيە ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بىردىن بىر ئايال يازغۇچى، ئۇنىڭ رومانتىك مۇھەببەت كەچۈرمىشى  ئادەمنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ.  بانايېۋا پېتېربۇرگتا ئارتىس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، پېتېربۇرگ دىراما مەكتىپىدە ئوقۇپ، كىچىكىدىنلا ياخشى سەنئەت تەربىيىسىگە ئىگە بولغان. بىر يىلى پېتېربۇرگتا پاراۋانلىق ئويۇنى قويۇلماقچى بولغاندا، ياش يازغۇچى ئىۋان ئىۋانوۋىچ بانايېف ئۆزى رۇسچىغا تەرجىمە قىلغان شېكىسپېرنىڭ «ئوتېللو» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى بانايېۋاغا ئالغاچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولغان ئون توققۇز ياشلىق ئەقىللىق، گۈزەل قىز بانايېۋا دەرھال رېپىتېسىيە قىلىشقا كىرىشىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن بانايېف بىلەن بانايېۋا بىر-بىرنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار توي قىلىدۇ. بانايېۋا كۆڭۈلسىز ئائىلە مۇھىتى ۋە سەھنە ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ. ئىدىيىۋى ئېتىقادى بىردەك بولغان بۇ ياش ئەر- خوتۇننىڭ تويدىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇشى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئىشلاردا گېپى بىر يەردىن چىقىپ، ئەدەبىيات ھەققىدە ئورتاق مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەختلىك كۈنلىرى ئۇزاققا بارمايدۇ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئازارلىق بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بەگزادىلەرچە تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان بانايېفنىڭ ئىلگىرىكى قىزغىنلىقى بارا- بارا يوقۇلۇشقا باشلايدۇ، بانايېۋانىڭ تۇرمۇشىغا ئېتىبارسىز قاراپ، دائىم ئۇنى ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، سىرتلاردا ئويناپ يۈرىدۇ. كىتاب كۆرۈش، ئەسەر يېزىش ۋە ئىجتىمائى باردى- كەلدى قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ئىشلار بۇ ياش ئايالنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارزۇسىنى تولدۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق كۈنلەردە ئەينى ۋاقىتتا بىر ئاز نام چىقارغان، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، دەپ نام ئالغان نېكراسوف (1821-1878) ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ. نېكراسوف ھاللىق ھەربىي ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەربىي مەكتەپكە كىرمەي، پېتېربۇرگ ئونىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بەرگەچكە، دادىسى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى ئىنتايىن نامراتلىقتا قالدۇرغان ئىدى.
ئەينى دەۋردىكى داڭلىق ئەدەبىي تەنقىدچى بېلنىسكى (1811-1848) بانايېۋ، بانايېۋا ۋە نېكراسوفنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئىدى. بىر كۈنى بېلنىسكى نېكراسوفنى بانايېۋانىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارىدۇ. نېكراسوفنىڭ دېكىلاماتسىيە قىلغان ۋاقىتتىكى غەلىتە قىلىقلىرىنى بانايېۋاغا ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن رېئال مەسىلىلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن بانايېۋا بىلەن نېكراسوف ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. يىغىلىشتا كەچ قالغان كۈنلىرى نىكراسوف باشقا يازغۇچىلاردەك بانايېۋلارنىڭ داچىسىدا قونۇپ قالىدۇ. ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەچۈرمىش، ئورتاق ئىنتىلىش، رېئال مەسىلىلەرگە بولغان ئوخشاش چۈشەنچە ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نېكراسوفنىڭ رەتسىز يۈرىدىغان، قىمار ئوينايدىغان يامان ئادەتلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، ئاددى-ساددىلىق ھەم گۈزەللىكنى تونۇپ يەتكەن بانايېۋا بىر نەچچە يىلغىچە ئىككىلىنىپ، 1846-يىلغا كەلگەندە نېكراسوف بىلەن قويۇق ئارىلىشىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بانايېف بىلەن بانايېۋا، بانايېۋا بىلەن نېكراسوۋ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەت ئىنسانىيەتنىڭ مۇھەببەت تارىخىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ.
نېكراسوف بىلەن بانايېف ياخشى دوستلاردىن بولغاچقا، بانايېۋا نېكراسوف بىلەن بىللە تۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىنمۇ ئېرى بانايېف بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ،  نىكراسوف بىلەن بانايېۋا بانايېف ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ بىلەن بىر قورودا تۇرىدۇ. بانايېۋا نىكراسوف بىلەن بانايېفنىڭ تۇرمۇشىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كەسىپتىكى ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. بىر يىلى نېكراسوفنىڭ «كېنەز خانىم» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى «ھاقارەتلەندىم» دەپ قارىغان فىرانسىيەلىك بىر دوختۇر رۇسىيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن دوئېلغا چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىچە «ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم» دەپ يۈرگەن نېكراسوف ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن دوئېلغا چىقىشقا قوشۇلىدۇ. بانايېف نېكراسوفقا بىلدۈرمەي دوختۇرغا نىكراسوفنىڭ مەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، بىر قېتىملىق پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قانۇن جەھەتتىن بانايېف يەنىلا بانايېۋانىڭ ئېرى بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا نېكراسوف بوغۇز تۇبېركۇليوز (سىل) كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بانايېف بانايېۋاغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ كېسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.
  1856-يىلى نېكراسوف داۋالانماقچى بولغاندا، بانايېۋا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ۋېنا، رىم، نابلىس ۋە پارىژ شەھرىگە بىللە بېرىپ كېلىدۇ. ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تالاش-تارتىشلار، جىددىي خىزمەت بېسىمى، ئېغىر ھاردۇق، دائىم كۆرۈلۈپ تۇرۇدىغان ئاۋارىچىلىقلار سەۋەبىدىن بانايېف 1862-يىلى فېۋرالنىڭ بىر كۈنى بانايېۋانىڭ ئالدىدا ھوشىدىن كېتىدۇ، بانايېۋا ئۇنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ھوشىغا كەلگەن بانايېف بانايېۋاغا ئۇزۇندىن بۇيان ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزلىرىنى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى خىجالەتچىلىكلىرىنى ئېيتىدۇ. بىر نەۋرە ھەدىسىنىڭ ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان بانايېف قايتا ھوشىغا كەلگەندە، بانايېۋانىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:«مېنى تاشلىۋەتمەڭ! مېنى بۇ يەردىن تېزرەك ئېلىپ كېتىڭ!» دېگەندە، بانايېۋا ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بانايېف بېشىنى ئۇنىڭ مۇرىسىگە قويۇپ:«مېنى ئەپۇ قىلىڭ! مەن نۇرغۇن ئىشلاردا...» دېگىنىچە جىمىپ قالىدۇ. دوختۇردىن بانايېفنىڭ جان ئۇزگەنلىكىنى ئاڭلىغان بانايېۋا ھوشىدىن كېتىدۇ...
نېكراسوف 1940-، 1950- يىللاردا بانايېۋاغا بېغىشلاپ نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى يازىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك سىناقلارغا، پىتنە- ئىغۋالارغا بەرداشلىق بېرىدۇ. نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، يېڭى دەۋر روھىغا ئىگە، يازغۇچىلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرغان بانايېۋا ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ئۆيىنى «ئەدەبىيات- سەنئەت سارىيى»غا ئايلاندۇرىدۇ. 1848-يىلى «زامانىمىز كىشىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ قوشۇمچە سانىدا تەرجىمىھال خاراكتېرلىك تۇنجى رومانى «تارنىكوف ئائىلىسى» ئېلان قىلىنىپ بېلنىسكىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ 1864-يىلغىچە، نېكراسوف بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش جەريانىدا «كۆرۈمسىز ئەر»، «گۈزەل ئايال»، «سائەتچىنىڭ ئايالى»، «ھەرە بېقىش مەيدانى»، «مۇئەللەق راۋاق»، «يايلاقتىكى قىز»، «ئاياللارنىڭ تەقدىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى، نېكراسوف بىلەن بىرلىكتە «سەرگەردان»، «خىلۋەت كۆل» ناملىق داڭلىق روماننى يېزىپ چىقىدۇ. نېكراسوفنىڭ تالانتىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلغان بانايېۋا ئۇنىڭ بىلەن 16 يىل ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتىدۇ. ئەمما، ھەر ئىككىسىنىڭ مىجەزى ناھايىتى تەرسا بولغانلىقتىن، بەزى ئىشلاردا بىرلىك بولماي، 1863-يىلى ئۇلار ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ باردى-كەلدىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. كېيىنكى يىلى بانايېۋا «زامانىمىز كىشىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ كاتىپى، ئوبزورچى ئا. گولوۋاچېف بىلەن توي قىلىدۇ. بانايېۋا تويدىن كېيىنمۇ ئەدەبىيات ساھاسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋملاشتۇرىدۇ. 1877-يىلى گولوۋاچېف بانايېۋا بىلەن بىر كىچىك قىزىنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. نامرات، جاپالىق تۇرمۇشتا تەنھا ياشاشقا مەجبۇر بولغان بانايېۋا 1880-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «ئەسلىمە» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ تاماملايدۇ.  
                                                                              
گوركىينىڭ دەسلەپكى مۇھەببەت كەچۈرمىشى
ماكسىم گوركىي (1868-1936) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىرولېتارىيات يازغۇچىسى، سوتسىيالىستىك رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. گوركىي نېژنى نوۋگورد شەھرىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، گۆدەك چېغىدا دادىسىدىن يىتىم قالغان. گوركىينىڭ دەسلەپكى ئايالى ئولگا كامىنىسكايا بىلەن ئاجايىپ رومانتىك مۇھەببەت تارىخى بولۇپ ئۆتكەن. دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئولگا كامىنىسكايا ئۈچ يېشىدىن تارتىپ ھاممىسى بىلەن پولشادا تۇرىدۇ. ئاقسۆڭەك قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋاغا قايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋ. كامىنىسكىي بىلەن توي قىلىدۇ. كامىنىسكىي نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىدۇ. كېيىن ئولگا قىزىنى ئېلىپ تېبلىسقا كېلىپ، بولىسلاۋ كورساكقا ياتلىق بولىدۇ. گوركىي ئولگا بىلەن 1889- يىلى 6- ئايدا تونۇشىدۇ، ئولگا بىلەن بەش مىنۇت پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۈمىنى كۆرگەن گوركىي ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بىر قېتىم گوركىي سۇ ئۈزۈۋېتىپ يارلىنىش سەۋەبىدىن، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. ئولگا ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، گوركىي ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. ئولگا گوركىينى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېتاراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى سۆھبەتتە ئولگا «ئاجىز» ئېرىدىن ۋازكېچەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، گوركىي كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ «پۈتۈن قەلبىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدىغانلىقى» غا قەسەم قىلىدۇ. 1890- يىل 6- ئايدا ئولگا پارىژدىكى ئېرىنىڭ قېشىغا كېتىدۇ. گوركىي كېيىنكى نېژنى نوۋگورد شەھرىدىن ئايرىلىپ سەرگەدانلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. گوركىي ئولگادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل جەريانىدا، گەرچە ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئەقىللىق ئاياللارنى ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئولگانى زادىلا ئېسىدىن چىقىرالمايدۇ. 1892- يىلى 23 ياشلىق گوركىي ئولگانىڭ تېبلىس شەھرىدە ئىكەنلىكىنى، ئېرى بىلەن ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. گوركىي ئارسالدى بولۇپ تۇرغاندا، ئولگا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ. ئىككىسى ئۇچراشقاندىن كېيىن، تۈن يېرىمىغىچە سۆھبەتلىشىدۇ. شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ كەتكەن گوركىي ئولگاغا بېغىشلاپ شېئىرلارنى يېزىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويىدۇ. ئولگا گوركىيدىن ئون ياش چوڭ بولسىمۇ، ئولگادىن باشقا ئايالنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولمىغان گوركىينىڭ نەزىرىدە ئولگا ئۆزىگە ھەددى- ھېساپسىز كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، مىسلىسىز خۇشاللىق ئوتىنى يالقۇنلىتالايدىغان ئايال ئىدى. 1892- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى گوركىي يۇرتى نىژنى نوۋگورود شەھرىدە ئولگا بىلەن توي قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئىككى يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. گوركىي بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ خۇشاللىقنىڭ لەززىتىنى تېتىغان بولسىمۇ، گوركىي بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى، دەپ قارىغان ئولگا ئۆزىنىڭ گوركىي «ئېھتىياجلىق» بولغان ئايال ئەمەسلىكىنى بايقاپ قالىدۇ. گوركىيمۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا شۇملۇقنىڭ ساداسى بارغانسېرى ياڭراۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەر- خوتۇن ئىككىسى گەرچە ھېسسىيات جەھەتتە ماس كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىردەك بولمايدۇ. گوركىي باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلسا، ئولگا مېھمان چاقىرىپ توسالغۇ بولىدۇ، گوركىينىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر كۈنى گوركىي دانكو ئوبرازى يارىتىلغان «ئېزىرگىل موماي» ھېكايىسىنى كېچىچە يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئولگاغا ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭ پۇشۇلدىغىنىچە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گوركىي يۈرىكى زېدە بولغاندەك بىر خىل تۇيغۇغا چۆمىدۇ. نەتىجىدە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تۈزىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يامانلاشقانلىقتىن، 1894- يىل 12- ئايدا ئۇلار ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. گوركىي «سامارا گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىمەكچى بولۇپ يولغا چىقىش ئالدىدا، ئولگا ئۇنى ئۇزىتىپ قويىدۇ. گوركىي 1921- يىلى لېنىننىڭ مەسلىھەتى بىلەن چەتئەلگە داۋالىنىشقا بارىدۇ. يالغۇز ئوغلى ماكسىم بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان گوركىي ئولگا كامىنىسكايانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ «دەسلەپكى مۇھەببەت» دېگەن بىيوگرافىيە خاراكتېرلىك ھېكايىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسىرىدە ئولگانىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ناھايىتى پاساھەتلىك تىللار بىلەن تەسۋىرلىگەندىن باشقا، تۇنجى ئايالىدىن بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كىشىلەرنى«تۇرمۇش دېگەن جىددىي ۋەزىپە» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ماياكوۋسكىنىڭ ئاخىرقى مۇھەببىتى
ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ ماياكوۋسكى (1893-1930) سوتسىيالىستىك رېئالزم شېىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، ئۆزىنىڭ جاسارەتكە تولغان ئىجادىيەت تالانتىنى ئوكتەبىر سوتسىيالستىك ئىنقىلابىغا بېغىشلىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى شائىرلارنىڭ بىرى. ماياكوۋسكى گىروزىيەدە ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشى ئجادىيىتىدىنمۇ مۇرەككەپ بولغان. بۈگۈنگە قەدەر ماياكوۋسكىنىڭ لىلىيە يۇريېۋنا بىلەن بولغان مۇھەببىتى كىشىلەرگە ئايان بولغانبىلەن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن لىلىيەنىڭ خىزمەتدىشى، تىياتىر ئارتىسى ۋىلونىكا پولونسىكايا  نىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى كىشىلەرگە سىر بولسا كېرەك. ماياكوۋسكى قەلبىدە تۇنجى مۇھەببەت ئوتىنى ياققان تىياتىر ئارتىسى لىلىيە يۇرىيېۋنا بىلەن توي قىلىدۇ. تويدىن كېيىن ماياكوۋسكى لىلىيەگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ھەقىقىي مېھرى بىلەن كۆيۈنىدۇ. لىلىيە سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، دائىم سەرخىل گۈللەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىن ئەكەلگەن پىكاۋىنىمۇ ئۇنىڭغا بېرىۋىتىدۇ. لىلىيەمۇ ماياكوۋسكىغا خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، لىلىيە سەل شەپقەتسىز، ئۆكتەمرەك بولۇپ، دائىم يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدۇ، گۇمانخورلۇق قىلىپ، ماياكوۋسكىنى سەمىمى ئەمەس، دەپ ئەيىپلەيدۇ.
  1929-يىلى 13-مايدا ماياكوۋسكى موسكۋادىكى ئات بەيگىسى مەيدانىدا مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بىرك ئەر-خوتۇننىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن پولونسىكايا بىلەن تونۇشىدۇ، تۇنجى كۆرۈشۈشتە ماياكوۋسكى پولونسىكاياغا ناھايىتى قامەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ. پولونسىكايا 1908-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، موسكۋا بەدىئى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى يانشىن بىلەن 17 يېشىدا توي قىلىدۇ. ئېرى ئۇنىڭغا كىچىك قىزلارنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياكى خىزمىتىنى ئەزەلدىن سوراپ باقمايدۇ. بىر كۈنى پولونسىكايانىڭ خىزمەتدىشى كادايېفنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يانشىن ئەر- خوتۇن قاتناشقان كەچلىك ئولتۇرۇشتا ماياكوۋسكى بىلەن پولونسىكايا بىردەمدىلا چىقىشىپ قالىدۇ. ئەتىسى ئۇلار بىللە كوچا ئايلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلار، چەتئەللەردىكى يېڭىلىقلار ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى پولونسىكايا ماياكوۋسكىدىكى كامالەتكە يەتكەن ئۆتكۈر كۆزىتىش، چوڭقۇر تەپەككۇرنى ھېس قىلىپ، «ناۋادا بۇ ئادەم خالىسىلا بىللە ياشاشقا رازى ئىدىم» دەپ ئويلايدۇ. يەنە بىر كۈنى ئۇلار كوچا ئايلانغاندىن كېيىن، ماياكوۋسكى پولونسىكايانى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدۇ، كىتابلىرىنى كۆرسىتىپ، بىر نەچچە شېئىرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن پولونسىكايا ھەر كۈنى دېگۈدەك ماياكوۋسكىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرىدۇ. پولونسىكايا تىياتىر گۇرۇپپىسىدىكى ئارتىسلار بىلەن كافكازدىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندە، ماياكوۋسكى بىر جۈپ ئەتىرگۈلنى ئېلىپ پويىز ئىستانسىدا ئۇنى كۈتىۋالىدۇ. ماياكوۋسكىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان پولونسىكايا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي ماياكوۋسكىنىڭ مىجەزى بەكلا ئوساللىشىپ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن خاپا بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇلار ماياكوۋسكىنىڭ ماشىنىسى بىلەن سەيلى قىلىشقا چىقىپ، پېتروۋسكىدىن قايتىش سەپىرىدە ماياكوۋسكى پولونسىكاياغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىزھار قىلىدۇ. 22 ياشقا كىرگەن پولونسىكايا ماياكوۋسكىغا پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن بېرىلىپ كېتىدۇ. بىر قېتىم پولونسىكايا ئېرى باشقا جايدىكى ۋاقىتتا ماياكوۋسكىنىڭ قەتىئي تەلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە  قونۇپ قالىدۇ.
بۇ چاغدا ماياكوۋسكىنىڭ لىلىيەگە بولغان مۇھەببىتى ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، لىلىيە ماياكوۋسكىنىڭ پولونسىكايا بىلەن بولغان مۇھەببىتىگە پەرۋا قىلمايدىغاندەك، ھەتتا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قوللاۋاتقاندەك پوزىتسىيە بولىدۇ. پولونسىكايا ماياكوۋسكى بىلەن خۇپىيانە ئۇچراشقانلىقىنى ئېرىدىن قاتتىق سىر تۇتقان بولسىمۇ، بىراق يانشىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ ھەمدە ئايالىنىڭ ماياكوۋسكى بىلەن ئايرىم بىللە تۇرىشىغا يول قويمايدۇ. ئەمما، ماياكوۋسكىغا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مۇشائىرە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ماياكوۋسكى دەسلەپ يانشىنغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، پولونسىكاياغا بولغان مەپتۇنلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ پولونسىكايانى ئېرىدىن كۈنلەيدۇ، ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇشنى، تىياتىر ئويناشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پولونسىكايا ماياكوۋسكىغا كەلگۈسىدە جەزمەن بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.
1930-يىلى ئجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك ھالدا چىكىنىشكە باشلىغان ماياكوۋسكى ئۆز مەغلۇبىيىتىنى سېزىۋالىدۇ. ھەددىدىن زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن كەيپىياتىمۇ تۇراقسىزلىشىپ، سالامەتلىكىمۇ يامانلىشىدۇ. بىر كۈنى پولونسىكايا، يانشىن، ماياكوۋسكى تىياتىرخاندىكى لوژدىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ماياكوۋسكى يانشىندىن پولونسىكايا بىلەن بىردەم ئايلىنىپ كېلىشكە رۇخسەت ئالىدۇ. سىرتقا چىققاندا پولونسىكايانىڭ يالغانچىلىقىنى مەڭگۈ ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ماياكوۋسكى بىلەن بىللە ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەن پولونسىكايامۇ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار كۆڭۈلسىزلا خوشلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر- بىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۆزئارا تەسەللىي بېرىشىپ تۇرىدۇ.
بىر كۈنى كەچتە پولونسىكايا يانشىن بىلەن كادايېفنى يوقلىغىلى بارغاندا، ناھايىتى غەمكىن ھەم غەرق مەست بولغان ماياكوۋسكى كۆپچىللىكنىڭ ئالدىدا «پولونسىكايا بىلەن بولغان  مۇناسۋىتىنى يانشىنغا ئاشكارىلايمەن» دەيدۇ. تاپانچىسىنى چىقىرىپ «ئۆزۈمنى ئېتىۋالىمەن، سېنىمۇ ئۆلتۈرىمەن» دەپ ھەيۋە قىلىدۇ. 14-ئاپرىل ئەتىگەندە ماياكوۋسكى پولونسىكايانى ئۆيگە بەنت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئىشىكنى قۇلۇپلاپلا پولدا ئولتۇرۇپ يىغلايدۇ. پولونسىكايانىڭ بۈگۈن سائەت بەشتە چوقۇم تېلېفون بېرىشىنى جېكىلەپ، ئۇنىڭ تاكسىدا ئولتۇرىشى ئۈچۈن 20 رۇبلى بېرىدۇ. پولونسىكايا ئۆيدىن چىقىپ دەرۋازىغا قاراپ بىر نەچچە قەدەم چامدىشىغا تاپانچا ئوقنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن پۇتىدا جان قالمىغان پولونسىكايا داد-پەرياد كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىشكە پېتىنالمايدۇ. كېيىن قەتئى نىيەتكە كېلىپ ئۆيگە كىرىپ، تاپانچىنىڭ ئىس- تۈتىكى تېخى تارقىمىغانلىقىنى، كۆكرىكىدە بىر ئاز قاننىڭ ئىزى بار ماياكوۋسكىنىڭ ئىككى قولىنى يانغا تاشلىغان ھالدا گىلەمدە ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ... پولونسىكايانىڭ 1938-يىلى يازغان «ئەسلىمە»سى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ماياكوۋسكى مۇزېيىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

يېسىنىننىڭ مۇھەببەت تىراگىدىيەسى
سېرگىي ئالىكساندىروۋىچ يېسىنىن(1895-1925) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى. يېسىنىن رازان ئوبلاستىنىڭ كازمى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، موسكۋادا دۇكان خىزمەتچىسى، باسما زاۋۇتنىڭ كوررېكتورى بولغان. 1916- يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، بىر يىلدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن ئايرىلغان. 1916-يىلى 21 ياشلىق يېسىنىن پېتربۇرگتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە «كەمبەغەل دېھقانلار گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان چىرايلىق، ئەقىللىك، ئىستىداتلىق 19 ياشلىق قىز بېنسىرافۇسكايا بىلەن تونىشىدۇ. يېسىننىڭ پەزىلىتى، تالانتى بېنسىرافۇسكايادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە يېسىنىننىڭ شېئىر دېكلاماتسىيەسى بېنسىرافۇسكايانىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، يېسىنىنگە بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بېرىش-كېلىشىنىڭ قۇيۇقلىشىشغا ئەگىشىپ بېنسرافۇسكايا يېسىنىننىڭ يېقىن دوستى ھەم سۆيگۈنىگە ئايلىنىدۇ. قوربان بېرىش روھىغا ئىگە، ئىچى كۈچلۈك بېنسرافۇسكايا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يېسىنىنگە بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرى بىر يەردىن چىقىپ بىر مەزگىل بەختلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما شېرىن مۇھەببەت، بەختلىك كۈنلەر ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق سەنئەتكار ئىسادورا دۇنكان (1877-1927) بىلەن تونۇشۇپ، مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالغان يېسىنىن بېنىسرافۇسكايا بىلەن ئاجرىشىپ، دۇنكاننىڭ ئوت-پىراقىدا يېنىشقا باشلايدۇ.
1921-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى موسكۋادىكى چوڭ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بىر مەزگىل شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دۇنكان لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. دۇنكاننىڭ نەپىس ئۇسسۇلى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل ھۆسن-جامالى قەددى-قامىتى كېلىشكەن يېسىنىننىڭ ئادەتتە غەمكىن كۆرۈنىدىغان زەڭگەر كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، قەلبىدە ئاجايىپ نازۇك بىر تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. كونسېرت ئاخىرلىشىپ يېسىنىن دۇنكانغا تونۇشتۇرۇلغاندا، ئىككەيلەن قول ئېلىشىپ بىر-بىرىگە قارىشىپ، ھاياجان ھەم ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالىدۇ. يېسېنىن غەربلىك بۇ ئايالدىكى ئالاھىدە سېھرى كۈچ، ئۆزگىچە گۈزەللىك ۋە قىزغىن ھاياجاننى ھېس قىلدۇ. بۇ بىر جۈپ ئەر- ئايال بىر كۆرۈشۈپلا ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇشۇپ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا يېسىنىن ئەمدىلا 26 گە، دۇنكان بولسا 43 كە كىرگەن بولۇپ، يېسىنىن ئىنگلىزچىنى، دۇنكان رۇسچىنى بىلمەيتتى. ياش ۋە تىل جەھەتتىكى بۇ پەرقلەر ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تەلۋىلەرچە مۇھەببىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدا ئورتاقلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، قويۇق ئارىلىشىشقا باشلايدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. دۇنكان موسكۋادىن باشقا جايلارغا كونسېرت كۆرسەتكىلى بارغاندا، يېسىنىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىپ باشقا جايلارنى ساياھەت قىلىدۇ. دۇنكان چەتئەلگە چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغاندا، يېسىنىنمۇ چەتئەلگە چىقىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملايدۇ. ئۇلار 1922-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى توي قىلىپ، ياۋروپا سەپىرىگە  ئاتلىنىپ «شېرىن ئاي ساياھىتى»نى باشلايدۇ. قاتتىق روھىي زەربىگە ئۇچرىغان بېنىسرافۇسكايا قەيسەر ئىرادە بىلەن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ ياشايدۇ.
غەرب ئەللىرىدىكى بايلار بىلەن نامراتلار پەرقىنىڭ زور بولۇشى، سەنئەتكە سەل قاراشتەك مەسىلىلەر يېسىنىننى ئۈمىدسىزلەندۇرۈپ، ئۇنىڭ ۋەتىنىنى سېغىنىش ئوتىنى كۈچەيتىدۇ. تىلى، يېشى ۋە مىجەزى جەھەتتىكى پەرقلەردىن ھەر ئىككىسى ئوتتۇرىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،«غەمكىن» مىجەزلىك شائىر بىلەن «شاد-خۇرام» ئۇسسۇلچى دائىم ئازارلىشىپ قالغانلىقتىن، ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. دۇنكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كېيىن يېسىنىن تۇنجى سۆيگۈنى بېنىسرافۇسكايانى سېغىنىدۇ. 1923-يىلى كۈزدە يېسىنىن بىلەن دۇنكان موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، دوستلۇق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كېلىشىپ ئايرىلىپ كېتىدۇ. يېسىنىن دۇنكاننى كاۋكازغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئىككى سىڭلىسىنى ئېلىپ بېنسىرافۇسكايانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. يېسىنىننىڭ قايتا مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن بېنسىرافۇسكايا يېسىنىننى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىدىكى يېقىن سىردىشى، ياردەمچىسى، شۇنداقلا سادىق ھەمراھى بولىدۇ. دۇنكانغا بۇرۇندىنلا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن بېنىسرافۇسكايا قىرىمدا دەم ئېلىپ داۋالىنىۋاتقان دۇنكانغا «يېسىنىنگە خەت ياكى تېلېگرامما ئەۋەتمەڭ! ئۇ يېنىڭىزغا مەڭگۈ قايتىپ بارمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما يوللايدۇ. تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يېسىنىن بىلەن قايتا يارىشىپ قىلىشنى ئويلىغان دۇنكان پويىز بىلەن موسكۋاغا كەلگەن بولسىمۇ، كۆڭلى يېرىم ھالدا قايتىپ كېتىدۇ. 1924-يىلى كۈزدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا قايتىپ، يېسىنىن بىلەن بولغان ئۈچ يىللىق رومانتىك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
بېنسىرافۇسكايادىن ئىللىقلىق ھەم كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشكەن ھېسسىياتچان بۇ شائىر ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىر مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ. 1925-يىلى 3-ئايدا بېنسرافۇسكايانىڭ  ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە ئاتاقلىق يازغۇچى لېف تولستوينىڭ نەۋرىسى− ئەقىللىق، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ساھىبجامال سوفىيە ئاندرېيىۋنامۇ قاتنىشىدۇ. يېسىنىن ياشلىق گۈللىرى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان سوفىيەنىڭ گۈزەل جامالىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. بېنسىرافۇسكايا بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ بىر خىل شېرىن خىيال ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلسىمۇ، يېسىنىنى بۇ ئىشتىن توسۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇ يىلى 5-ئايدا يېسىنىن بادېنغا كېلىپ، بېنسىرافۇسكاياغا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىغان بىر پارچە خەت يازىدۇ. سىڭلىسى كاتىيەگە يازغان بىر پارچە خېتىدە سوفىيەنى ئېلىپ قىرىمغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا يېسىنىن سوفىيە بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، ماددىي تۇرمۇش پاراغىتىدىن قانغۇچە بەھرىمان بولىدۇ. بېنسىرافۇسكايا پەرەز قىلغاندەك، سوفىيە زېھنى ئۆتكۈر ئايال بولسىمۇ، ئۇنىڭدا سەنئەت بىلىمى، مېھرىبانلىق كەمچىل بولغاچقا، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشتىن يېسىنىن بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ، دەسلەپكى ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. ئەركىنلىك ۋە غايىگە ئىنتىلىدىغان يېسىنىن ئەنئەنۋىي ئائىلە تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بولغاندىلا، بېنسىرافۇسكايانىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىككىنچى قېتىم تونۇپ يېتىدۇ. كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، مىجەزىمۇ قوپاللىشىپ روھى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان يېسىنىن شۇ يىلى 11-ئايدا موسكۋادىكى بىر دوختۇرخانىدا بىر ئاي داۋالىنىدۇ. داۋالىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن، قىرىمدىكى ئىككى بالىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ، لېنىنگرادتىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىدۇ ھەمدە  تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. 1925-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە، ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن يېسىنىن مېھمانخانىنىڭ ياتاق ئۆيىدە «ۋىدالىشىش» دېگەن شېئىرىنى قان بىلەن يېزىپ قويۇپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
يېسىنىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان دۇنكان شۇئان پارىژدىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللايدۇ. ھايات ۋاقتىدا «دۇنكاننىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق ئەسلىمە بىلەن «ئۇسسۇل سەنئىتى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئەمما، قېرىپ مومايغا ئايلانغاندىمۇ دوستلىرى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئويۇن- تاماشىنى قولدىن بەرمەرمەيدۇ. 1927-يىلى چوڭ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، خىيالى بىر جايدا بولمىغاچقا، شارپىسى ماشىنىنىڭ چاقىغا ئىلىنىپ قېلىپ، قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىنى ئېچىنىشلىق ھالدا ئاخىرلىشىدۇ. روھىي جەھەتتە قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بېنسىرافۇسكايا يېسىنىن بىلەن سوفىيە توي قىلغان يىلى كۈزدە نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، خىزمەتتىن توختاپ داۋالىنىدۇ. كېسىلى ياخشىلىنىشىغا قاراپ يۈزلەنگەن كۈنلەردە، يېسىنىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. 1926-يىلى قىشتا ئوتتۇز ياشقا توشمىغان بېنسرافۇسكايا ئىشىق-مۇھەببەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىش يولىنى تاللىۋېلىپ، بىر پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ قويۇپ، تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

(مۇئەللىپ چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2015- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش