ئىچەيلى
قېنى دوستلار مەرھابا، چىلاشقىچە ئىچەيلى،
ئەقلى-ھۇشنى يوقىتىپ تىللاشقىچە ئىچەيلى.
«ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق» دەپ توۋلاپ لاۋزا ناخشىنى،
پالتا-پىچاق كۆتىرىپ چاناشقىچە ئىچەيلى.
بۈگۈن دېگەن غەنىمەت، شۇنداق ئۆتەر كۈنىمىز،
ئەتە ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئويلاشقىچە ئىچەيلى.
قىرىق ياشقا بارمايلا سەكسەن ياشلىق بوۋايدەك،
بەللىرىمىز ئېگىلىپ پۇرلاشقىچە ئىچەيلى.
بىزنى كۈتۈپ ھوجرىدا ياتسا خوتۇن تەلمۈرۈپ،
كوسۇك ئىتنىڭ كەينىدىن قوغلاشقىچە ئىچەيلى.
نۇمۇس قىلماي ئاۋامدىن ساقال سۆرەپ قاۋاقتا،
نەۋرىمىزمۇ چوڭ بولۇپ تويلاشقىچە ئىچەيلى.
جان تالىشىپ سەكراتتا، قىلماي تۆۋە-ئىستىغپار،
رەسۋا بولۇپ دۇنيادىن خوشلاشقىچە ئىچەيلى.
ئۇدۇم قىلىپ ئەۋلادقا مەيخورلۇقنى، ئاقىۋەت-
بىزگە لەنەت ياغدۇرۇپ قاغاشقىچە ئىچەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-19 13:20