«قۇملۇق جىلۋىسى» نەشردىن چىقتى
شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «قۇملۇق جىلۋىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
بۇ كىتاب شائىرنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كېيىن نەشردىن چىققان ئىككىنچى توپلىمى بولۇپ، بۇ كىتابقا شائىرنىڭ 90-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ بېشىغىچە يېزىلغان جەمئىي 166 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
«قۇملۇق جىلۋىسى» دىكى شېئىرلاردا ئاساسەن سۆيگۈ-ۋاپا، ساداقەتنى ئۇلۇغلاش، ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنۈش، چىن ئىنسانىي پەزىلەتنى كۈيلەش،ئادىمىيلىك پەزىلەت بىلەن ياشاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەبۇس قىلىشتىن ئىبارەت ئاكتىۋال ئىدىيەلەر تىل بايلىقىمىزنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان ماقال-تەمسىل، ئىدىيوم قاتارلىق تۇراقلىق تەركىبلەر ۋە تاللانغان، تاۋلانغان ئوبرازلىق، يېقىشلىق تىللارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خېلىلا جانلىق، تېتىملىق ھالدا ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، مەنىۋىيىتىمىزگە بەلگىلىك ئىستېتىك زوق ئاتاقىلىش بىلەن بىرگە، بىزنى ئەمەلىي تەربىيەگىمۇ ئىگە قىلىدۇ. مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ شېئىرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئالماش قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-18 17:26