كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 3

جۇلا(ت): ۋاڭ مېڭ ــــ كېلەر يىلى قېرىيمەن (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                        كېلەر يىلى قېرىيمەن
                                             (ھېكايە)

                                            ۋاڭ مېڭ

                                  ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

   ئىلاۋە: بۇ ھېكايىنى «گۈللۈك شەھەر»(花城) ژورنىلىدا ئۇچرىتىپ ئوقۇغان چېغىمدا دەسلەپتە ئانچە ھوزۇرلىنالمىغانىدىم. يەنە كېلىپ، شۇ چاغدا ماڭا خېلىلا ھاردۇق يېتىپ قالغانىدى. دەسلەپتە، ئىشخانىدا مۈگدەپ ئولتۇرۇپ ئۈچ بېتىنى ئوقۇدۇم، ئۈچ بېتىنى ئوقۇغىچە گاراڭ ھالەتتىكى كاللامغا ھېچ نېمە چۈشمىدى. پەقەت ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى تونۇشلۇق ۋاڭ مېڭ دېگەن بۇ داڭلىق ئىسىملا مېنى ئازراق سەگىتىپ تۇراتتى. ئاخىرى، ھېكايىنى داۋاملىق ئوقۇغۇم كەلمىدى، تاشلاپ قويدۇم. ئەتىسى يەنە ئازراق ئوقۇدۇم، ئوخشاشلا زېرىكتىم. ئۆگۈنى يەنە ئازراق ئوقۇدۇم...شۇنداق قىلىپ بۇ ھېكايىنى ئۈچىنچى كۈنى ئوقۇپ بولدۇم. نېمىدېگەن زېرىكىشلىك...   ھېكايە دېگەندە، ناھايىتى ئوچۇق بولغان بىر ياكى بىر قانچە لىنىيىدە ھېكايە فىلىملىرىدەك بىر ۋەقەلىك سۆزلەنمەمدۇ؟ بۇ ھېكايىدە سۆزلەنگىنى ساپلا مارجان مىلەڭزىدىن تۆكۈلۈپ چۈشكەن مەرۋايىتلەردەك پارچە-پارچە كۆرۈنۈشلەر ئىكەن. تازىمۇ بىر.  لېكىن، شۇندىن كېيىن بۇ زېرىكىشلىك ھېكايە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇزۇن بىر لىرىك نەسىر كاللامغا كىرىپلىۋالدى. كاللامغا كىرىۋالغانچە ۋەزنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مەن ئىلگىرى ئوقۇغان جىددىي، قىزىقارلىق ۋەقەلىك سۆزلەنگەن بىر مۇنچە نادىر ھېكايىلەرنى تېگىگە بېسىۋالدى، خۇددى بىر باسقۇنچىدەك. بارا-بارا بۇ ھېكايىنى زېرىكىشلىك ئەمەسكەن، دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇ زېرىكىشلىك بولغان بولسا ئون نەچچە كۈن كاللامغا كىرىۋالارمىتى؟ ھېكايىنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ ئىچىمدىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەيدەپ چىقتى، خۇددى بىر ئاڭ ئېقىمىدەك. توغرا، بۇ ھېكايە ئاق ئېقىمىنىڭ دەل ئۆزى! ئاڭ ئېقىمى كىنو ۋەقەلىكىدەك ئۇنداق تەرتىپلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۈزۈك-ئۈزۈك، بەزىدە ساراڭنىڭ خىيالىدەك، بەزىدە شېئىرىي ئىماگدەك، بەزىدە ئالدىغا سىلجىغان، بەزىدە كەينىگە داجىغان... بولىدۇ. ھېكايىدە تىلغان ئېلىنغان «لولىتا»نى چۈشۈنۈش ئۈچۈن نابوكوۋنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىمىنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆردۈم، قەلبىم ھاياجانغا تولدى. ھېكايىگە بولغان چۈشۈنۈشۈم بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئۈرۈمچىدىكى سۇ ئۈستى ئارامگاھىدا موللاقچى تەخسىگە چىقىپ ئىككى مىنۇتتا مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىپ كەتكىنىم ئېسىمگە كەلدى. يەنە بارلىق ئەسلىمىلىرىم ئۈزۈك-ئۈزۈك مونتاژدەك ئېسىمگە كەلدى. رەڭلىك، رەڭسىز...ئاخىرىدا، 44 يىللىق ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئۇنتۇلغان ئەستىلىكلىرىم يۈرىكىمنىڭ رېتىمسىز سوقۇشلىرىنىڭ كۈچىدە ئاشقازىنىمدىن سوپۇن كۆپۈكچىلىرىدەك لەيلەپ چىقتى.
   شۇنىڭ بىلەن بۇ ھېكايىنى تەرجىمە قىلماسلىققا كۆڭلۈم قويمىدى...


   بىلىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە سىزنىڭ ئويىڭىز، قاتنىشىشىڭىز، تىلىكىڭىز، كۈلۈمسىرىشىڭىز ۋە ياش داغلىرىڭىز بار. تاكى ئەڭ ئاداققى ۋاقىتلىرىڭىزغىچە بىر خىل رېتىمدا يېنىك، خاتىرجەم، لېكىن تارتىنىپقىنە ئالغان تىنىقلىرىڭىز بار. 2012 دېگەن بۇ خەتەرلىك ۋە ئازاپلىق يىلنىڭ كۈز پەسلى يېتىپ كەلدى. يۇقۇرى مەھەللىدىكى كۆل-ساسلىقتا، قوشنىمىزنىڭ گۈللىكىدە سارغۇچ يوپۇرماقلار پەيدىن-پەي قىزاردى، بوياپ ياكى رەڭگە چىلىۋەتكەندەك ئاچ قىزىللىق پەيدىن-پەي ئەتراپقا قانات يايدى، شۇ قەدەر كۆركەم ۋە جۇلالىق. ئۇ بارغانسېرى سۇۋۇۋاتقان ھاۋانى كۈتىۋالدى. قىزىل يوپۇرماق پەسلى قىروۋ بىلەن تەڭلا كەلدى. شياڭشەنگە تۇتىشىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بەكمۇ قىستاڭ ئىدى، يوپۇرماقتىنمۇ ئادەم كۆپكەن دەپ قالاتتى كىشى. كۆرىدىغىنىمىز قىزىل يوپۇرماق ئەمەس، زىچلىقىدىن شامالمۇ ئۆتمەيدىغان قارا چاچلار. ئۇلۇق دۆلىتىمىزدە مەلۇم ئامىللار كەم بولىشى مۈمكىن، لېكىن شاۋقۇن بىلەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەرگىز كەم بولغان ئەمەس.
يازدا ماڭا سالقىن كەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. گەرچە بىر شېئىردا «كۈز شەپىسىنى تومۇزدىن بىل، چىش ئاغرىقىنى قوۋۇزدىن» دېگەن مىسرالار بولسىمۇ. بۇ چاغدا، ھەتتا غەمكىنلىك ۋە ئىلاجسىز پەرىشانلىقنىڭ تۇيۇقسىز دەۋرەپ كەلگەنلىگىنى ھىس قىلىسىز. گويا قوماندانى بار قوشۇن ياكى مېنىڭ كونا گېپىمچە بولغاندا، ئەزرائىلنىڭ جازاسىنى باشنى سالپايتقان ھالدا كۈتىۋاتقاندەك. سىز ھىندى دىنىدىكى ئەزرائىل سىۋانىڭ ئۇلۇقلىقى ۋە بۈيۈكلىگىنى چۈشىنىشنى خالاپ قالىسىز. رەھىمسىزلىك بىر ئۇلۇق گۈزەللىك. رەھىمسىزلىك گۈزەللىكنىڭ ساپلىقىنى تاۋلايدۇ، گۈزەللىكنىڭ قەبرە تېشى گۈزەللىكنىڭ ئاخىرقى چېكىدۇر.  رەھىمسىزلىكتە شەكسىز بۈيۈك گۈزەللىك بار. يالغۇزلۇق ئەڭ يۈكسەك ۋەسۋەسە. كېتىمەن دېدىڭىز كەتتىڭىز، ھەرگىز ئارقىڭىزغا قاراپ قول پۇلاڭلاتمىدىڭىز، مۇلايىم ياكى ئۈنلۈك ھالدا خوش دېمىدىڭىز. تارتىشىۋېرىپ ھەممىسى تارتىشىش بولمىغان بىر ھالغا كىردىم، قايغۇمنىڭمۇ تارى ئۈزۈلدى. ۋىدالىشىشنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىسىمۇ يەنىلا بارچە ئۈمىتلەر قېپقالىدۇ. مەۋجۇتلۇق پەقەت مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىدۇ. بىر مىنۇتنىڭ پەقەت كەلگۈسىدىكى بىر مىنۇتقا تەڭ بولىدىغانلىقىنى ئېسىمدە تۇتتۇم. مەڭگۈلۈك ئايرىلىش يەنە بىر ھېساپتا مەڭگۈلۈك ئەسلىمە ۋە جانلىنىشتۇر. پەيدا بولۇش مەڭگۈلۈكتۇر. دۇنياۋىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى شەخسنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پروفېسسور ماڭا شۇنداق دېدى:«مەڭگۈلۈك يوق». ياخشى، ئۆزلۈكنىڭ بولمىغىنى مەڭگۈلۈك شۇدۇر. بار يوققا ئۆزگىرىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەڭگۈلۈكگە ئۆزگىرىدۇ. بار بولغىنى مەڭگۈلۈك شۇدۇر، ئاخىرلىشىش باشلىنىشتۇر، ئۇلۇغ چەكسىزلىكنىڭ ئىچىدە تۈز سىزىق چەمبەردۇر. نىسپىيلىگىمىز بولمىسا بىزنىڭ چېكىمىز يوقتۇر.
ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا بولۇق ئۆسكەن كوتىنوس دەرىخى ئادەمنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك باراخسانلىدى. ئۇ ھازىر كۈز پەسلىگە خاس مەنزىرىگە كىردى، ئۆزىگە بولغان تەمەنناسى ئىچىدە يىلنىڭ چۆلدەرىتىشىمۇ يوق ئەمەس ئىدى، غېرىپلىقىدا يەنە ئاستا-ئاستا يۈتىۋاتقان ئوتتەك ھارارىتىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋېدالىشىش ئالدىدىكى ئەشۇ كۆركەم جەزىبىسى چەكسىزلىك ئىچىدە سىزنى سەرخۇش قىلغاندا ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مۇلايىم ھالدا ئۇنى تەرىپلىمەي تۇرالارسىزمۇ؟ ئېھتىمال پەقەت سىز كەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن مەن كۈز پەسلىگە زەن سېلىپ قارايدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ تېنىگە زەن سالىمەن، ئۇنىڭ تىنىقىغا زەن سالىمەن، ئۇنىڭ جەزىبىسىگە زەن سالىمەن، ئۇنىڭ مۇلايىم ۋە قوپاللىقىغا زەن سالىمەن. گويا ئۇنىڭدا سىزنىڭ 60 يىللىق ئىللىق قۇچاقلاشلىرىڭىز بىلەن شۇ قەدەر مۇلايىم چېھرىڭىز باردەك. يەنە گاھ يېغىپ گاھ توختايدىغان يامغۇرىڭىز، گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيدىغان ئاي يۇلتۇزىڭىز، گويا 60 يىل بۇرۇنقى تولغان ھالىتىڭىز باردەك.
   بەلكى كۈن ساختا بولسا مەن باشقا بىر 70،80-يىللاردا ياشاۋاتقاندىمەن. گىنكو دەرىخى بىلەن جۇڭگو چىنارىنىڭ يوپۇرماقلىرى ھازىر ئاچ سېرىق ۋە توق سېرىق رەڭگە كىرىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ چىڭ-مەزمۇت، ئېسىل -بىباھالىقى كۈزنىڭمۇ مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئارامبەخشى ۋە ئەتىۋارى. كۈز- شېئىر، كۈز-ئەدەبىيات، كۈز- ئەسلىمە، كۈز -تەكرارلاشتۇر. كۈز بۈيۈك تەبىئەتنىڭ پۈتەي دەپ قالغان ئارگېنالىدۇر. كومپيوتېرنى تاقىلدىتىپ ئاسمانغا لىق كەلگەن يۇلتۇزلار، يەرگە لىق چۈمكەلگەن يوپۇرماقلار ۋە كۆلگە لىق تولغان ئاق بېلىقلارنى پەيدا قىلدىم. ئەبنۇس دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى يوپۇرماقلارنىڭ تامامى دېگۈدەك چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. قېپقالغىنى پەقەت مىجىر-مىجىر سېرىق مېۋىسىلا ئىدى. ئىشىنىمەنكى، مەلۇم شالاڭ يۇلتۇزلۇق كېچىدە شاخ ئۇچىدىكى كىچىك ئەبنۇسلار بىراقلا پارقىرايدۇ، خۇددى شام ياندۇراي دەۋاتقاندا تۇيۇقسىز توك كەلگەندەك. پەسىل يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى گۈل- غۇنچىسىنى ئېچىلدۈرۈپ، ئېرلاندىيە خەلق ناخشىسى «ياز، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئەتىرگۈل»نى ئەسكە سالدى، ئۇلارنىڭ يېتىلگەن مەزمۇت يوپۇرماقلىرى تۆكۈلدى، يېڭى بىخلىرىغا ئاندا-ساندا ئاپېلسېن رەڭگى ۋە قىزىللىق يۈگۈرۈپ پەسىلگە ماس كەلمىگەن ھالدا چېچەك يارماقچى بولدى، بارغانسېرى چوڭقۇرلاۋاتقان كۈز پەسلى ئىچىدە باھار چۈشىنى كۆرمەكچى بولدى، شۇغىنىسى ئۇلار ھايال ئۆتمەيلا قىش جۇدۇنلىرىدا توختايدۇ. قومۇشلار كۆل قىرغىقىغا ياندىشىپ ئۆسكەن ئىدى، بىر نەچچە قېتىملىق شامال ئۇلارنىڭ زور كۆپ ساندىكى پۆپۈكلىرىنى ئۇچۇرتىۋەتكەن ئىدى، بىز ھەممىمىز قېرىدۇق، ئۇلارنىڭ زەپىران- مىسكىنلىگىدىن رەڭ ئالدۇق. قومۇشلارنىڭ يېنىدىكى نازۇك مامكاپلارمۇ ئۆزىنىڭ مامۇق پۆپۈكلىرىنى ئۇزىتىپ بولدى. نىسبەتەن ئاجىز بولغىنى چىملار بولۇپ، ئۇلار سارغىيىپ كەتكەن ياكى سارغىيىش ئالدىدا تۇراتتى، ئۇلار بىردەملىك يازنىڭ يېشىللىقى ۋە ئالدىراڭغۇلىقىغا يوشۇرۇنغان ئىدى، ئۇلار تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دولقۇنلۇق خىيالغا پاتقان ئىدى. زەيلىكتە سۆگەت كۆپ، قامىتى ئاياللارنىڭكىدەك تولغان ئىدى ۋە ئىختىيارى تاشلىنىپ تۇرىدىغان مەجنۇنتاللارنىڭ ئۇزۇن تاللىرى يەنىلا ئاداققى ناز-كەرەشمىسى بىلەن يەلپۈنۈپ تۇراتتى. «ياق، بىز تېخى كەتمىدۇق، بىز تېخى بار، تېخى سەن بىلەن ئوينايمىز، تېخى سېنى پەپىلەيمىز» دەيتتى ئۇلار. سىز قەيەردە بولسىڭىز مەنمۇ شۇ يەردە، سىز مەن بىلەن بىرگە، مەن سىز بىلەن بىرگە.
   مەن سىزنىڭ سوغۇق ھەيدەر ئۆي دەپ ئىسىم قويۇشلىرىڭىزغا ئامراق: ھوجرىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇقچىلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. سىز قەدىمقى ئادەملەردىنمۇ چىداملىق ئىدىڭىزكى، ئۇلار تۆپىلىكتىكى سوغۇقتىن قورقسا سىز تۆپىلىكتىكى سوغۇقتىن ۋە ئېگىزدىن قورقمايتتىڭىز. ئېگىزلىك پەقەت بىر رېئاللىق ئىدى، شۇڭا سىز گەپ يوپۇتمايتتىڭىز ھەم تەن بەرمەيتتىڭىز. سىز سوغۇق ھەيدەر ھوجرىمىزدا بىر تىيىن ۋە بىر پاقلاننى باققان ئىدىڭىز، سىز سوغۇق ھەيدەر ھوجرىمىزنىڭ سوغۇق ھەيدەر راۋىقىدا ئاينى كۈيلەپ شېئىر ئوقۇيتتىڭىز، ئۇ ئەمدىلا باشلانغان بىر چۈش ئىدى، ئۇ تېخى پىشمىغان بىر ھېكايە ئىدى.
   
  مەن ئىلگىرى بېرىپ باقمىغان بىر دۆلەت، ئەشۇ ئايلانما ئەينەك ئىشىك، ئەشۇ يېرىم كېچىدە قايتىپ كېلىش، ئەشۇ شاكىلات ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق قارىغاي ھارىقى، ئەشۇ بوغۇق ئۈن ۋە چېلىنىۋېرىپ تارى ئۈزۈلگەن گېتارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىكى ئازاپ ھەققىدە گەپ قىلدىم. سەپەردىشىم كۈلگىنىچە چاخچاق قىلدى:
-        سەل ھاياجانلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟
ئۇ «پورېلتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋە «سىنىپىي كۈرەش»تە قارىلانغان، ئەمىلىيەتتە بەختلىك «گېزەندە ئاشىق-مەشۇق»نىڭ ھېكايىسى ئىدى. ياۋروپانى كۆرۈپ گويا بىر توپ تالالىق كىيىم كىيگەن، لېكىن يېرىم-يالىڭاچ، بىز ئۇزۇندىن بۇيان تىلغا ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان مەلۇم ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋەتكەن تەنناز قىز بىلەن ئىشقىۋاز يىگىتنى كۆرگەندەك بولۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم ھەم قورقتۇم، ھەۋەسلەندىم ھەم باش چايقىدىم. يەنە ئەشۇ ھەررەڭ-سەررەڭ ماشىنىلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ قىرلىق نۇر قايتۇرىدىغان ئارقا ئەينەكلىرى، ئەشۇ رەڭگى ھەرخىل، پۇرىقى دىماقنى يارىدىغان ۋە مەستخۇش قىلىدىغان ئەتىرلەرنىڭ پۇرىقى، ئەشۇ دائىم مۇز پارچىسىدا ئالتۇن سۈيىدەك چايقىلىپ تۇرىدىغان شوتلاندىيە ۋىسكىسى، ئەشۇ كۈتكۈچى قىزنىڭ پىگورىسى بىلەن قىسقا يوپكىسى، ئەشۇ قاۋاقخانىدىكى ناخشىچى قىزنىڭ ئالتۇن چاچلىرى بىلەن ئۇزۇن پۇتلىرى، يەنە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنىۋاتقان قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا.
   مەن چىش مىلىكلىرىمنىڭ چاتما دۇمباق ساداسى دەستىدىن بوشاپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىم، شۇ تاپتا قۇرت يىگەن چىشىم سۇناي دەستىدىن ئاغرىۋاتاتتى، ساق چىشلىرىم ساكىسفون مۇزىكىسىغا تەسىرلەنگەن ھالدا ئاجرىماقتا ئىدى، قۇلىقىم ئىسكىرىپكىنىڭ سېھىرلىك ئوۋلاشلىرىدا قانىماقتا ئىدى، ئۇ قەسەم قىلىۋاتامدىكىنە؟ ئۇ ئانت ئىچىۋاتامدىكىنە؟ ئۇ قېچىپ ئاسىي بولماقنى ئىستەمدىكىنە؟ ئۇ بىر ئۇچار يىلپىزغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. كۆزۈم سوقما سازنىڭ ئاۋازى دەستىدىن چىڭ يۇمۇلماقتا، كۆزۈم ھەددىدىن زىيادە ئەسەبىيلىكتىن ئاغرىماقتا؟ پارتلاپ كېتەمدىمەن نېمە؟ ياكى بۇ يەردىن كېتەيمۇ؟ مەن يېرىم كېچىدە يولغا چىققان شاھزادىنى كۆردۈم، ئۇ ئەزەلدىن ئەيش- ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى، خەلقتىن ئايرىلغان ئىدى، دۇنيانىڭ جاپا- مۇشەققىتىنى بىلمەيتتى، ھاياتى ئىللىقلىققا لىق تولغان ئىدى، دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن بەخت تېلىكى ئاتا قىلدىم دەپ قارايتتى. ئۇ بېرلىن تېمىدەك تامغا دۇچ كەلگەندە كىلاسسىك قاپارتما نەقىشكە ئايلىناتتى، ئاندىن پەتنۇس ئۈستىدە كۆيۈپ، تاختاي ئۈستىگە ئويۇلۇپ، تاش ۋە قاشتېشى ئۈستىگە نەقىش قىلىنىپ، نام كارتۇچكىسىغا بېسىلىپ، شۇ ساھەلەرنىڭ بىردىن-بىر تەۋەرۈكىگە ئايلىناتتى.
   مەن ئۆزۈمنىڭ مۇراسىمىنى كۆردۈم، سىزنىڭ گېتاردا تەڭكەش قىلىپ بېرىشىڭىز بىلەن «قايتىپ كەل، قايتىپ كەل» دېگەن ناخشىنى ئېيتتىم. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بىللە تەپكۈچ تېپىپ ئوينايتتۇق، «بىزدىن سىزگە كىم كېرەك»گە سەكرەيتتۇق، ئېگىزدىن سىيرىلەتتۇق. كېيىن سىز ياۋروپاغا كەتتىڭىز، مەن نېمە بولسا شۇنى كۆرەي دەپ مۇشۇ يەردە قالدىم. ناخشىڭىز بەك مۇڭلۇق ئىدى ، كىيىمىڭىز بەك قەدىمىي ئىدى، مۈرىڭىز بەك كەڭرى ئىدى،  لەۋلىرىڭىز بەك قېلىن ئىدى، ياق، مەن پەقەت ياقلا دېيەلەيتتىم، ناۋ، نو، نيې، نەن... ئىشقىلىپ، بەش سىزىقلىق نوتىدىكىN  ھەرىپىگە ئۇلىنىدىغان  ھەر خىل سوزۇق تاۋۇشلارغا ئوخشاش  ئاڭسىزلارچە مۇرەككەپ ھېسسىياتتا. ياكى ئىستىراھەت مەيدانىدىكى پىرقىرىما ئىلاڭگۇچ، موللاقچى ئاسما كىران، ساراڭ چاشقان، سۇدا سىيرىلىپ چۈشىدىغان ئەركىن قېيىققا ئوخشاش. ھاردىم، چارچىدىم، سۆزىڭىزنى يەنە ئاڭلىيالمايتتىم ھەم كۆزۈمنى ئاچالمايتتىم، مەندە بىزارلىقمۇ ھەم مەمنۇنىيەتمۇ بار ئىدى. لېكىن مېنىڭ ئەمەس سىزنىڭ بېشىڭىز قېيىپ كەتكەن ئىدى. سىز يوپۇرماق نەقىشلىك دەرىزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەن ئىدىڭىز.
   ئەشۇ كۈندىن باشلاپ مەن يوپۇرماق نەقىشلىك دەرىزىنى سېغىنىشقا باشلىدىم. ئەشۇ كۈندىن باشلاپ يېڭى ئەسىرىمدە يوپۇرماق نەقىشلىك دەرىزىنى ئوبدانراق تەسۋىرلەپ يېزىشنى ئىرادە قىلدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، گو مورو تەرجىمىسىدىكى «يىكەنداز كۆلى» ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ستامنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. مەن مەدھىيە ناخشىسىنى ئاڭلىدىم. رەھمەت ماڭا ئىلىم بەرگەن باشلانغۇچ مەكتىپىم، ئۇ ماڭا ياۋروپاچە مىلودىيە بىلەن خەنزۇچە ناخشا تېكىستى ئۆگەتكەن ئىدى: «بېلىقچى بوۋاي، ئۈزەر قولۋىقى...بېشىدا چىغ قالماق، قولىدا قارمىقى... » يەنە «غالىپ گېنىرالنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشى»مۇ بار ئىدى. مەن زىممەمدىكى بۇرچنى بىلەتتىم، ئەشۇ ئوت يۈرەك كىشىلەرنىڭ پاك جاسارىتىدىن تەسىرلەنمەسلىككە ھېچقانداق باھانەم يوق ئىدى. دۇنيادىن تەسىرلەنمەسلىككە باھانەم يوق ئىدى، نۇرغۇن كۈتۈشۈم، نۇرغۇن ئالقىشىم، نۇرغۇن ئوبدان تەكلىپىم ۋە ئۈمىدىم بار ئىدى. مەن تولا مۇھاكىمە قىلىشنى، تولا پىلان سوقۇشنى، مەمەدانلىق ۋە قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشنى ياقتۇرمايمەن. گەرچە مەنمۇ دائىم تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشنى چەتكە قاقمىساممۇ، لېكىن كوتىنوس دەرىخى تۈۋىدە ئۇخلىماقچى بولسام بۈگۈنمۇ يېنىمغا 15 مىڭ ۋاتلىق ئېلېكتىرستاتىك قوغدىنىش ئەسۋابىنى قويۇپ قويمايمەن. چۈنكى بۇ يەردە ئاز دېگەندىمۇ يېرىم كېچىدە جىندەك نىقاپلىنىپ كېلىدىغان 5 ئائىلە بار. مۈگدەك ئىچىدە ساقلايدىغىنىم ئالپىس تېغىدىكى بۇلاقتەك سەگەكلىك، پەزىلەت، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە تالانتىمنىڭ بىرىكمىسى ئىدى. غەلىتە يېرى بۇ قېتىم مەن «مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە» دېگەن كىنونىڭ باش مۇزىكىسى سەۋەبىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم. ماڭا قانداقتۇ دو مى مى دونىڭ ئارقىسىدىن مى سو مى سو لا سو دو لا كېلىدىغاندەك ھەم «مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە» بىلەن «ئايدىڭدىكى قوش بۇلاق»مۇ ئۇلىنىدىغاندەك تۇيۇلدى. ھېسسىيات مىلودىيىگە ئوخشايدۇ، ئۇ گاھ تىك كۆتۈرىلىپ، گاھ پەسكە سىيرىلىپ دولقۇن ياسايدۇ، ئۆزگىچە تەرىزدە، خۇددى تارنى تۇتقان قول بارماقلىرىدەك مۇشەققەت بىلەن ئالدىغا يۆتكىلىپ، ئۈمىتسىزلىك بىلەن پەسكە سىرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «پىغانلىق ئاۋاز» چىقىرىدۇ ـــ ئۇ يۇرتۇمدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىك تىياتىرلارنى باھالىغاندا ئېيتىدىغان سۆزى ، گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھىس قىلسىمۇ.
   بىر ئېيتىشىش بولىدىغان، ئۇنى ما جى ئېيتتىمۇ ياكى نيۇ چۇن ئېيتتىمۇ ئۇنتۇپتىمەن، ئۇنىڭدا، ھەييار ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى مۇقامنى بىر ناخشا قىلىپ ئوقىيالايمەن دېسە، قىزىقچى ئۇنداق بولسا ماڭا خېبېي تاكتىكى بىلەن «مېنىڭ قۇياشىم»نى ئوقۇپ بەر دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەييار «ئو ــ قى ــ يال ــ مايمەن» دەيدۇ-دە، ئېيتىشىش ئۇشتۇمتۇت ئاخىرلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەن خېبېي تاكتىكىنى تەڭكەش قىلىپ « سۈيۈملۈك قۇياش، يامغۇردىن كېيىن چاچىسەن ئاپتاپ...»نى ئوقىيالايتتىم. ئۇنى مەن گويا جاھاننى زۇلمەت باسقاندەك، بىر ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەندەك، مۇھەببەتتىن ئۆلۈمنى تېخىمۇ خوپ بىلىدىغاندەك پۇراقتا ئوقىيالايتتىم، بۇ پۇراق ئىتالىيىنىڭ ناپلېس خەلق ناخشىسى بىلەن خېبېي چاڭچىلىسىگە ئورتاق چۈشكەن ئىدى.
   شۇنداق، بۇ ئۆسەك ئەمەس، راستلا ئەمەس. لېكىن، كۈلدۈرگىنىڭ بارلىقى، ئىتالىيە چۆپى ۋە 3 رەڭلىك مارۇژنىنىڭ بارلىقى، رېيىن دەرياسىدىكى كاتېرنىڭ ئۈستىدە كۆپ- كۆك ئاسمان ۋە ئوتتەك ئاپتاپنىڭ بارلىقى، ئاچچىق قەھۋە، 15 مىڭ چاقىرىم ئارىلىق ۋە 7 سائەتلىك ۋاقىت پەرقىنىڭ بارلىقى راست. بۇ يەردىمۇ بىر شېئىر بار:
   «چاقىرىشلىرىڭدىن بېشىم ساڭگىلايدۇ. شۇ ھالدا  چېچىمنىڭ ئاقىرىشىنى كۈتىمەن.»
ئېھتىمال مەندە تۈرلۈك ئېھتىياتسىزلىق ۋە خاتا تەدبىر، بىپەرۋالىق ۋە ئالدىراقسانلىق بولىشى مۈمكىن، لېكىن ئەزەلدىن بەڭباشلىق بولغان ئەمەس، بەڭباشلىقنى مەن رەزىللىك ۋە چۈپرەندىلىك دەپ قارايمەن.

  يەنە بۇرۇن مەندە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىمۇ بولغان، 15 يېشىمدا. مەن رېپىتسىيە قىلغىنىڭىزنى كۆرگىلى بارغاندا، سىز ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي چۈ شىشيەننىڭ ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئوينىغان ئىدىڭىز. ھەممە سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ئۇسسۇل ئويناشتا ئەمەس بەلكى رويال چېلىشتا دەيتتى. ئەمما، پۈتۈن خەلق ناخشا- ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئۇ زاماندا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جەڭگىۋارلىق لازىم ئىدى، كىم سىزنىڭ شۇ قەدەر يۇمراق ئاق تېرىڭىز بولسۇن دەپتۇ؟ سىز ماڭا ئالاھىدە تەرىزدە كۈلۈمسىرىدىڭىز، باشقىلارغىمۇ شۇنداق كۈلۈمسىرەيدىغىنىڭىزغا ئىشەنمەيتتىم. سىز قاشتېشى ياكى كەترەنگە، ئاپئاق قارغا، شوبېرت ياكى شۇمانغا، ئاق بۇلۇت ياكى نەشپۈت چېچىكىگە ئوخشايتتىڭىز. يەنە قىزىلبايراققا، قىزىل مەشۇتقا، نۇر يىغىش لامپىسىغا، داقا- دۇمباققا، مىزگانغا، بەلدۇمباققا ئوخشايتتىڭىز. مېنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچۈم 80 پېرسەنت ئىدى، كۈلۈمسىرىشىڭىز بەختىمنى داۋالغۇتىۋەتتى. ھەر بىر قۇش ئاۋازى، ھەر بىر تامچە باھار يامغۇرى، ھەر بىر ئارزۇ، ھەر بىر كۈلۈمسىرىشىڭىز بىر ئىلتىپات ئىدى. سىز بەختلىكمۇ يوق دەپ سورايدىغان ئادەم يوق چاغدا بىز ھەقىقەتەن بەختلىك ئىدۇق. سىز كۈلۈمسىرىگەن ۋاقتىڭىزدا مەن خۇش ھىدىڭىزنى پۇرىغاندەك بولغان ئىدىم، گۈل بەرگىنىڭ ئەمەس، بەلكى جۇدۇنلۇق باھار پەسلىنىڭ جىلۋىسىنى.

ئەمما سىزنى، مەڭگۈ ساغلام ۋە ئەڭ تارتىنچاق، ئەڭ ئوبدىنىم سىزنى يوقىتىپ قويدۇم ، پىسخىك ساپاسى مەندىن كۆپ تەمكىن ۋە بەردىمىم سىزنى يوقىتىپ قويدۇم. قورالىڭىز ۋە دوبۇلغىڭىز ئادەتتىكىچە ئىدى. ئېغىر بېسىقلىقنى قوغلىشاتتىڭىز، خېلى بۇرۇنلا ئېغىر- بېسىقلىقنى تەكىتلەيتتىڭىز. سىزگە نىسبەتەن، ھەممىسى قايتىپ كەلمىگۈدەك دەرىجىدە تارتىۋېلىنغان ئىدى، مەدەنىي يادىكار تىلى بىلەن ئېيتقاندا كونىنى مىڭ ئۆزگەرتسىمۇ كونىلىقى يىتمىگەندەك ياكى ھەممە بۇرۇنقىدەك تۇرغاندەك. بارلىق ھېلە- مىكىرلەر ئويۇن ئىدى، سۈلھى ئىدى، ھەممىسى ئەخمەقنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئىش تېپىشى ۋە ئىشنى تەتۈر قىلىپ قويسىمۇ ئوڭىدىن چىقىپ قېلىشى ئىدى، ئۇ ھەممە كىشىلەرگە قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. مەن رازىمەنلىك بىلەن ئۆز تەرىپىمگە، ئەسلىدىكى جايىمغا قايتىپ كەلدىم. بۇ يەر مېنى ئازاپلىمايتتى ھەم سەراسىمگە سالمايتتى. رۇسچە «ئۇزاقلاردا»نى توۋلىدىم، ئېنگىلىزچە ھېسسىياتنى توۋلىدىم، ئۇيغۇرچە قاپ-قارا قوي كۆزلىگىمنى ئېيتتىم، تىلسىز ھالدا قەبرىستانلىققا تازىم قىلىشنى ئېيتتىم. بارلىق يامان كۆزلەر تېپىلغۇسىز ئىدى، ئۇنىڭدىن يىراق تۇردۇم، ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى دەپ چۈشىنىلىپ قېلىشتىن ساقلانماقچى بولدۇم. شۇنداق، قۇتۇلغۇنۇم قاچقىنىم ئەمەس، قېچىشقا مەجبۇر بولۇشۇم تەڭرىنىڭ ئىرادىسى. بارلىق تۆھمەتلەر ھەقىقەت ئالدىدا مات بولىدۇ، مات بولغاندىن كېيىن جەننەت ئايان بولىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە دۇچ كېلىشنىڭ ھەممىسى مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە ئىزدەپ تاپالمىغاندا تۇساتتىن قولغا كېلىپ قالغان نەرسىلەردۇر. ياقتۇرغىنىمىزنى ئېيتىشقاندىن كېيىن ئارتۇق ناز قىلىشمايلا ئۆزئارا تەزىم ئېتىشتۇق. ئۇ بۇرادەرلەر مەڭگۈ ماڭا يېتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئەزەلدىن ئۇلار بىلەن ئوينىمايتتىم.
مەن بىر ئۆمۈر سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە ياشىدىم. مەن تونىيە بىلەن ئوۋلىيەنى مەڭگۈ ياخشى كۆرەتتىم، سىز خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، ئۇ ئەمەس. ئىككى سائەتكىچە تېلېفۇنىڭىز كەلمىگىنى ئۈچۈن ماڭا بەك تەس كەلدى. سىز مەڭگۈ مەن بىلەن بىرگە ئىدىڭىز. كىشىلەرنى قورقۇتۇپ جان باقىدىغان چىراينىڭ جەلپكار يېرى تەبەسسۈمدۇر. دۇنيادا ئۆزىنىڭ چىرايىغا شۇ كەبى مەپتۇن ئادەم بولسا ئۇ يېڭىلمەيدۇ. ياخشىلارنىڭ سەمىمىي- ئاقكۆڭۈللىگى ئادەمنى ئىختىيارسىز باش لىڭشىتىشقا ۋە ئۇھ تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق بېلىجان بىلەن راكنىڭ ئويۇنىمۇ ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تېلېقتۇرىۋېتىدۇ.
بىز ھەمىشە كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىرلىكتە ناخشا ئېيتاتتۇق. ئوقۇيدىغىنىمىز كەترەن گۈلى، سېنجىدېما، ياپونغا قارشى تۇرۇش، ئۇلۇقلار، تۈنپىراق گۈلى، شەپەقتىكى ناخشىچى قىز تېمىسى بولىشىدىن قەتئىنەزەر. يەنە مەنجياڭخۇڭ بىلەن شوبېرتنىڭ يۇرت ۋە قېرى دوپ دەرىخىنى كۈيلەيدىغان ناخشىسىمۇ بار ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ياش چاغلىرىمىز ئىدى، كېيىن بىز چوڭ بولدۇق، كېيىن قېرىدۇق، كېيىن سىز كەتتىڭىز. بۈگۈن يەنە ناخشىنىڭ رەڭگىنى سىزىپ بويىۋېتىشنى خالىمايمەن، پەقەت بەزىلەر سولچىل ياكى ئوڭچىل رەڭلىك ئىنقىلاپقا مەجبۇرلىمىسىلا. مەن ئەزەلدىن ئۇنداق بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم، ئەزەلدىن ئۇنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ باقمىدىم. لېكىن سىزدىن چىڭقى چۈشتە تېلېفۇن كەلدى، قازانغا دۈملەنگەن گاڭپەننىڭ پىشقىنىنى بىلگەندەك «پىشتى، پىشتى» دېگەن ئىدىڭىز، ئاۋازىڭىز قەتئىي ۋە ئېنىق ئىدى خۇددى تۆنۈگۈنكىدەك ۋە خېلى يىللار بۇرۇنقىدەك. سىز «مەن ئىنتايىن ياخشى تۇردۇم» دېگەن ئىدىڭىز، شۇنداق دەيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم. سىز « ئەمدى مۈمكىن ئەمەس» دېگەن ئىدىڭىز، ئىشەنمىگەن ئىدىم. مەن مۈمكىنلىكىگە، يەنە مۈمكىن بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتىم. تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىمىزدىكى تېلېفۇن نومۇرۇم 41414 ئىدى، بىر قېتىم مەن سىزنى 7 سائەت ساقلىغان ئىدىم. لېكىن ياتىقىڭىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئۇنتىغان ئىدىم. مەن قەتئىيلىك بىلەن بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، يۈز قېتىمدەك سىزگە تېلېفۇن ئۇردۇم. «كەتكىنى مەڭگۈگە كەتسۇن، لېكىن مەن بار، 18 ياشتىن 80 ياشقىچە» دېگەن ئىدىڭىز. كۆزۈمنى ئاچتىم، ئەتراپنى گاڭپەننىڭ ھىدى قاپلىغان ئىدى، ئاۋازىڭىز ئاۋالقىدەك ئىدى، بۇ مېنى خاتىرجەملىككە چۆمۈلدۈرگەن ئىدى.
تۇرمۇش شۇنداق ، گۈرۈچ سېتىۋالىمىز، ئادالايمىز، كۆكتات يۇيىمىز، توغرايمىز، ئاندىن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ پونى زەي سالماي ئاتىمىز. ئۇندىن كېيىنكىسى مەڭگۈلۈك مۇھەببەتكە تولغان كىشىلىك ھايات، دۆت ۋە ئۇنتىغاق قىياپەتكە كىرىۋېلىش، تۈگىمەس قىيىنچىلىق. ئاندىن سىزنىڭ مېنىڭلا راست دەيدىغان، قىلىمەن دېگەننى قىلماي قويمايدىغان مىجەزىڭىز. ئاندىن بالنېستتا يېتىپ قېلىشىڭىز، ICU ــــ ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش بۆلىمى، ECU ئەمەس، ئاپتوموبىل ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى ئەمەس، CEO ــــ باش دىرېكتور ياكى مەمۇرى لېدىر تېخىمۇ ئەمەس. ئامېرىكا زۇڭتوڭ نامزاتى رۇمېنگنى لېدىر دېسە بولىدۇ. سىز قەدىر-قىممىتىڭىز بىلەن خاتىرجەم كەتتىڭىز. ھەرخىل تۇرۇبا ۋە سىملار بار، ماشىنىلار بار، ئۈسكىنىلەر بار، ئارقىدىن بۇلارنىڭ ھەممىسى چۇۋۇلىدۇ... مەن بىر قېتىم- بىر قېتىمدىن يەر- جاھاننى قاپلىغان گۈللەر ۋە شوبېرتنىڭ «بالىلىق» مۇزىكىسىنى سىلىدىم. مۇلايىم ۋە ئېسىللىقىڭىزنى سۆيدۈم. ئۇ كەبى گۈللەر ۋە ئۇ كەبى كۈيلەردىن مەن ھاياتنى گويا بىر قېتىملىق قۇم چېچىپ مەرۋايىت ئېلىشقا ئوخشاتتىم. ھايات گويا رېپىتسىيە قىلىش ۋە ئويۇن قويۇش، ئۇنىڭغا تەشەككۈر سالىمى ۋە چاۋاكنىڭ لازىمى يوق.
مەن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەر ساھەدىكىلەر سۇنغان نۇرغۇن چوڭ- كىچىك  گۈل سېۋىتىگە تىكىلىپ قارىدىم. بۇ يەردە ئاۋاتلىق يوق، بۇ يەردە يەنىلا گۈزەل ئەسلىمە بار، گەرچە تېننىس توپ مەيدانىدا ئۆچكە بېقىلىۋاتقان، قار تېيىلىش مەيدانىدا شاپتۇلزارلىق ئەھيا قىلىنغان، يۈز ياشقا كىرەي دېگەن موماينىڭ ئېيتىپ قانمايدىغان ناخشىسى، ئۆزلەشتۈرگىلى بولمايدىغان ۋە يەنىلا تاغ-دالاغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ھېكايىسى  بولسىمۇ. تاغ- دالادا بىز خاتىرجەم ياتاتتۇق. قۇرۇق تاغ قۇرۇق ئەمەس ئىدى، تۈن قۇشلىرى سايراپ تۇراتتى. سىز ماڭا ئاتا قىلغان ھايات مەڭگۈ ئىللىقلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئىدى.
   
   دەل شۇ ۋاقىتتا كونا ئورگېنالنى بايقىدىم، 1972- يىلى قولدا يېزىلغان ئىدى، ئۇ چاغدا مەن «7-ماي» كادىرلار مەكتىپىدە بىلىمىمنى تاكاممۇللاشتۇرىۋاتاتتىم، بارغانسېرى قىزىللاشتۇرۇلۇپ، ئەڭ ساپ ئىنقىلاۋىيلىققا ئىگە قىلىنىۋاتاتتىم. لېكىن يېرىم كۈن ئىنقىلاۋىيلاشسام يېرىم كۈن پىياز كۆچۈرەتتىم. يۇقۇرى پەللىگە يامىشاتتىم. مەن ھەممە تەرەپتىن غەمخورلۇققا ئېرىشىۋاتقان تۇرمۇشنى يازدىم. گەرچە ھوقۇق- ئىمتىياز تۇرمۇشقا ئۆچمەس تامغا باسقان بولسىمۇ ھەر ھالدا تۇرمۇش تەكەللۇپقا تولغان ھەم ھەددىدىن زىيادە كۆرەڭلىك ۋە ھۆرپىيىشلەر چۆرۈپ تاشلانغان ئىدى. قۇدرەتلىك كۈچ بەلكىم كىشى قەلبىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۈمكىن، ئەمما ئادەمنىڭ قەلبىنى ھەرقانداق ئەجەللىك زەربە ۋە  ھەركۈنى ئۈزۈلمەي ئېتىلىدىغان توپ ئوقىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قاغدالمىغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.
   بىزنىڭ 1919، 1921، 1927، 1931 ... 1949، 1950- يىللىرىمىز بولغان، ئەسلەشكە ھەم خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان 1960، 1966، 1970- يىللىرىمىزمۇ بولغان. تۇرمۇشىمىزدا بوشلۇق يوق ئىدى، ئەدەبىياتىمىزدا بوشلۇق يوق ئىدى، ئىككىمىزدىمۇ بوشلۇق يوق ئىدى. ئېگىز ئاق تېرەكلەر ئاستىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرى گازىر چاققاچ كۇسۇرلىشاتتى. ئاقئۆستەڭدىكى سۇ ھېچ بولمىغاندىمۇ 40 يىللار بۇرۇنقى ئورگېنالنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئاقاتتى. ئىككىمىز ئاق ھاراقتا مايچىراقنى سۈرتۈپ گويا لامپا يوقتەك سۈزۈك قىلىۋېتەتتۇق. ئىككىمىز 5 كۇۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ 3.7 كۇۋادرات مېتىرلىق لاي سۇپىسىدا ياتاتتۇق. « ئىككىمىز ئىتتىپاق، جىددىي، ئەستايىدىل، روھلۇق» دېگەن ئىدىم مەن. بۇ لىن بياۋ تەشەببۇس قىلغان «3 چوڭ ئىنتىزام 8 دىققەت»تىكى ئاشۇ 8 خەت ئىدى. بۇ 8 خەت سىزنى كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىڭىزنى ئۈزىۋەتكىلى قىل قالغان ئىدى، بىز ئەڭ بەختلىك بىر جۈپ ئىدۇق. گەرچە ئۇ چاغلاردا «سىز بەختلىكمۇ؟» دەپ سورىسا «ياق، فامىلەم شىڭ ئەمەس، جاۋ» دەپ جاۋاپ بېرىدىغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ. بىز خۇاخۇا ئىسىملىك ئاشۇ مۈشۈكنى ياخشى كۆرەتتۇق، ئۇنىڭ ئەقىل ۋە ھېسسىياتى ئاكېدېمىك دەرىجىسىدە ئىدى. ئۇ بىز بىلەن بىرلىكتە تىك-تاك توپ ئوينايتتى. سىز يەنە مېنىڭ ئىنتايىن ئاچپاقىلىقىمنى  تۈنىكە مەشكە، ئىسسىز كۆمۈرگە ئوخشىتىپ مازاق قىلاتتىڭىز، «كۆمۈر گۈررىدە كۆيۈشى بىلەنلا بىردەمدە مەشنى قىزارتىدۇ-يۇ، بىردەمدە ئاق كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، كۆمۈرنىڭ سۈپىتى قىزىل كۈلدىن پەرقىسىز . كۈل گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ يالقۇنىنى پەسەيتىدۇ-يۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھارارىتىنى ساقلايدۇ، مانا بۇ ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش» دەيتتىڭىز. ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنىمۇ، ياكى بىر ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ سىز مەشنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۈلنى تارتىۋېتىپ كۆمۈر سېلىۋېدىڭىز، 10 مىنۇتتىن كېيىن كۆمۈر شىددەت بىلەن كۆيۈشكە باشلىدى، ئوت يالقۇنى گۈرۈلدەپ ئاۋاز چىقىراتتى، ئاۋاز گۈرۈلدىگەنسېرى ئوت شۇنچە كۈچىيىپ تەپتى يۈزىمىزنى سىلايتتى، مەن بۇنداق كۈچلۈك ھەم ئالدىراپ پەسكويغا چۈشمەي كۆيىدىغان كۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئوتىنى ياخشى كۆرەتتىم. قىشنىڭ ئوتى گۈلگە ئوخشايتتى، قىشنىڭ ئوتى قىزىلگۈلدەك يۇمران ئىدى. يۇمرانلىقى 1950- يىلى سەنئەت ئۆمىگىدە تۇرغان چېغىڭىزدىكى مەڭزىڭىزگە ئوخشايتتى. مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدىغىنىم ئوت يالقۇنى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلىشىدىكى تەڭپۇڭلۇقى، داۋراڭسىز ئىلگىرىلەيدىغان تىرىشچانلىقى ئىدى.
   يەنە ئېكىنزارلار، ئالمىلىق باغلار، چوڭ كىچىك ئېرىقلار، خامان، كۆتەك ھارۋا، مۇھەببەت ناخشىلىرى، خەلق ناخشىلىرى، سۇ تۈگمىنى، ھەسەل ھەرە ساندۇقى، قوغۇنلۇقتىكى ئېگىز قىر، يەنە كەتمەن بىلەن ئورغاقلار بىزنىڭ ئورتاق كۈنىمىز، ئورتاق شاھىدىمىز، ئورتاق كەچۈرمىشىمىز، ئورتاق ئەسلىمىمىز ئىدى، خۇددى سېپىل قىشى كەبى تىزىلغان كۆمۈر كۇمۇلىچىدەك. ئۇ نەرسىلەرگە مېھرىڭىز بار ئىدى، مېنىڭمۇ مېھرىم بار ئىدى، كۆڭلىمىزدە گويا يېپيېڭى زېمىننى، يېپيېڭى تەجرىبىنى سەير قىلاتتۇق، ئۆزىمىزنى گويا شۈ شياكې، گۇللىۋېر، كولومبو ياكى  تاملارغا دۇچ كەلمىگەن ۋە قاپارتما نەقىشكە ئايلىنىپ كەتمىگەن شاھزادە بىلەن مەلىكىدەك ھىس قىلاتتۇق. مۇبادا سىز قار مەلىكە بولسىڭىز مەن 7 پاپا بولار ئىدىممۇ؟ مۇبادا سىز كۈلقىز بولسىڭىز مەن تانسا ئۇيۇشتۇرغان شاھزادە بولمايتتىم. ئەمما 2012 مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى خاتىرىلىرىمنى ئەسلىيەلمىدىم، ئۆتكەن ئىشلار ئىسقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئورگېناللىرىم توپا بېسىپ ياتقىلى 40 يىل بولغان، ئەينى ۋاقىتتا 40 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان يازغۇچى ھازىر 80 ياشلىق تەۋەللۇت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ پىلانىنى سوقىۋاتاتتى، ئەلۋەتتە، رۇخسەت قىلىنسا؛ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆڭۈپ كەتكەن سىيا بىلەن سارغىيىپ كەتكەن قەغەزنىڭ ياردىمىدە ئەسلىمىلىرىم قايتىدىن جانلىنىپ، ئۆتمۈشۈم ئايان بولدى، ئاقلىق ئەمدى ئاقلىق ئەمەس ئىدى، ئىلھام مەڭگۈ جىمىيدىغاندەك ئەمەس، گۈلچېھرىڭىز، ماڭا ئاتا قىلغان بارلىقىڭىز قايتىپ كەلدى.
   مەن ئەمدى بۇيۇمغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇنداق بىر خېمىيىۋىلىك ئۆزگىرىشنى بايقىغان ئىدىم، تۇم كۆك رەڭلىك سىيانىڭ رەڭگى شۇنچە ئۇزۇن يىلغىچە ئۆزگەرمەي قاراكۆك سىيا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.
   بىز كەسكىن ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە ياشىدۇق، ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتۇق ياكى ئۇنتۇلدۇق. مەسىلەن، 35 يىل ئىلگىرى 40،50-يىللاردىكى ئىشلارنى ئەسلا تىلغا ئالالمايتتۇق. ماڭا ئەڭ ھوزۇرلۇق تۇيۇلىدىغىنى جياڭنەنلىكلەر ئورتاق تەلەپپۇزدا «ئىش»(事情) سۆزىنى ئېيتقان ۋاقتىدا، «情» نى ھەرگىزمۇ يېنىك توندا ئېيتمايتتى، بەلكى ئۈزۈپ- ئۈزۈپ事ــــ情ــــ دەيتتى، ھەمدە «情» ئىككىنچى توندا كېلەتتى. بىزچە بۈگۈن تۆنۈگۈننىڭ دەپىنگاھى، بىز كۆپۈنچە بۈگۈننى قەدىرلەپ ئۆتكەننى ئۇنتۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە، ئەڭ ئازاپسىز، ئەڭ زەخمىسىز تاللاش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز ھەممىمىز بېيجىڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «كۈتۈنۈش لېكسىيەخانىسى» پىروگراممىسىنىڭ ساۋىقىنى ئاڭلاپ باققان. كۈتۈنۈش ئىلمى دۆلەت ئىلمىنىڭ يادرولۇق قىممىتىگە ئايلىنالامدۇ يوق؟ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىلمى دېگەنلىك دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە دۆلەت بولماسلىق ئىلمى ئىكەن. بىراق تۆنۈگۈنمۇ تۆنۈگۈنكى ئەشۇ ۋاقىتنىڭ بۈگۈنى،تۆنۈگۈنكى ئەشۇ پەيت تەڭداشسىز جانلىق، تەڭداشسىز راست، تەڭداشسىز يېقىن، تەڭداشسىز سېزىشلىق، تەڭداشسىز قۇيۇلۇشچان، تەڭداشسىز قىزىق، تۆنۈگۈن ھەرگىزمۇ بۈگۈن ۋە ئەتە تەرىپىدىن پاك-پاكىز يۇيىۋېتىلمىگەندەك ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش، مانا بۇ مەڭگۈلۈك تۇرمۇش. يۇمشاق بولساڭمۇ ئۆتىدۇ بۇ تۇرمۇش، سەپرا بولساڭمۇ ئۆتىدۇ بۇ تۇرمۇش، جېنىڭنى تىكىپ ئۆتكۈزسەڭمۇ يەنىلا بۇ تۇرمۇش، شەكلىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلسىمۇ يەنىلا بىپايان ئوت-چۆپ ئىچىدىكى قۇرۇتتەك قەيسەرلىك بىلەن ياشايسەن. يۇمشاقۇ، سەپرايۇ، جاننى تىكىپ ياشاشنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئەڭ ياخشى ھېكايە، ئەڭ ياخشى تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىسى ياكى ئىتالىيە ئوپېراسى رومانىستىن ئارىيە. ئۇ گويا نامراتلىق بىلەن جەۋرى- جاپا، پاجىئە بىلەن يوقۇتۇش، كەچۈرۈڭ، ھەتتاكى كېسەللىك بىلەن ئاچچىق دورا سۇيۇقلىقى ئەڭ ياخشى ئەدەبىيات بولالىغاندەك. بۇلار كۆپۈنچە ھاللاردا بەختلىك تىپلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچقاندەك ئەڭ ياخشى ھېكايە بولىدۇ. تۇرمۇش ۋە ئەسلىمە يوقالمايدۇ، ئۇدۇل قاراش بىلەن ئەگرى قاراش يوقالمايدۇ، شۇڭلاشقا نامراتلىق بىلەن جەۋرى- جاپا ئىچىدە يەنىلا جەسۇرلۇقنىڭ قىرائىتى بار، ئۈمىتسىزلىك بىلەن كۆيۈشنىڭ ئىچىدە يەنىلا ئەڭ تەسىرلىك تەسۋىرلەر مەيدانغا كېلىدۇ، قەبرە تېشىنىڭ ئالدىدىكى سۇپا بىلەن يۈزدىكى ياش تامچىلىرىنىڭ دومىلىشى ئارىسىدا يەنىلا بۇ تۇرمۇشنىڭ تاتلىق سېزىمى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بولىدۇ.
   رەھمەت ساڭا ھەممە. بىز ئۇنىڭ ئاسماننى ئۆرىۋەتكۈدەك زور كۈچ بىلەن تۇرمۇشنى باسىدىغىنىنى پەرەز قىلساقمۇ، بىراق تۇرمۇش ئۇنىڭدىنمۇ قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن ئۇنىڭ كۈچىنى يۇيىۋېتىدۇ. ئۇ شىددەت بىلەن باسقان چاغدىمۇ تۇرمۇش يەنىلا پەرۋاسىز قورقۇمسىزلىقى بىلەن چەكسىز خۇشخۇيلىقى ۋە مېھىر- مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇرۇن تۇرمۇش شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. بۇرۇن سەن شۇنداق ئىدىڭ، ھازىرمۇ  شۇنداقسەن ئەي باتۇرۇم! بۇرۇن قاپارتما نەقىشلەر شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. بارلىق دەرت-ئەلەم ۋە قالايمىقانچىلىق، بارلىق لېرىكا ۋە مەستلىك، بارلىق ھەۋەس ۋە كۆيۈمچانلىقمۇ دەل شۇنداق.
   ھەي، مەن ئەلۋەتتە ئاڭلىقلىق بىلەن سىزنىڭ تەلىمىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، بۇنى باشقا بىرسى قانداقتۇ كاللا يۇيۇش دېسىمۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئويى بىلەن ئەشۇ بارلىق ئاجايىپ- غارايىپ يوغان گەپلەرنى جىمجىت ئاڭلاۋاتقان چېغىمدا كاللىسى يۇيۇلغانلار توپ-توپ بولۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ ياكى قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىنى كىممۇ بىلسۇن؟
   سىز بىلمەيسىز. بىركىم بىلمەيدۇ. ئۇمۇ بىلمەيدۇ، بىركىم بىلمەيدۇ. بىركىملەرنىڭ ئورتاقلىقى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ، دۇنيا مېنىڭ قولۇمدىكى موم دەپ قارىۋالىدۇ. بىركىملەر بىلمەيدۇكى، ئەگەر بىركىم ھەممىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدىكەن، ھەممە بىركىمنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر بىركىم باشقىلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدىكەن، باشقىلار ئاللىقاچان مەزكۇرنى ئۆزگەرتىپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىركىم يوقۇتۇشنى ئويلايدىكەن، مەزكۇر يەنىلا ئۆزىنى يوقاتقان بولىدۇ. بىر قاتىل تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىمۇ نابۇت قىلىدۇ. بىر ئۆسمۈر ئوغۇل تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزى بىلەنمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە 40 يىل بۇرۇنقى يېزىقچىلىقىم خۇددى ھازىرقى يېزىقچىلىقىمغا ئوخشاش يۈرىكىمنى ئويناقشىتىپ، نەپىسىمنى جىددىلەشتۈرەتتى، زىنىقىمنى پەيدا قىلىپ ھوزۇرلاندۇراتتى، ئېغىر يۈك بولۇپ ئارتىلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇۋالچىلىققا چىدايتتىم، قوپاللىققا چىدايتتىم، شۇئارلارنى مەسخىرە قىلىپ، يالغان-ياۋىداققا قاپىقىم تۈرۈلۇپ، سەمىمىيلىكىم جۇش ئۇراتتى-دە، يەنىلا قوياش نۇرى ۋە دەرەخ سايىسىغا چۈمكىلىپ تۇرمۇشنىڭ بارچە ئۇششاق-چۈششەك رېئاللىقىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۈمىت- ئارزۇغا بەنت بولۇپ قەددىمنى رۇستلىغىنىمچە كۈلۈپ كېتەتتىم. ئېغىر كويزىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ۋاقتىمدىمۇ شۇنچە يەڭگىل سەكرەيتتىم. بىشەملىك قىلمايتتىم. بىز قۇچاقلىشاتتۇق، بىز قۇچاقلىشىپ بىر بولاتتۇق، بىز ۋاقىت تونېلىدا ماڭاتتۇق، كەبى ئىپتىدادا، كەبى كەلگۈسىدە، كەبى بۇتساتۋادەك ، كەبى چەكسىز ئەدەبىيلىكتەك.
   بىزنىڭ تىرىكلىكىمىز، خاتىرە- ئەسلىمىلىرىمىز ئىنتايىن ھەقىقىي ئىدى، ھەقىقىيلىقى ھەر كۇۋادراتى 4 مو 8 پۇڭلۇق ئۆيىمىزدەك ئىدى. ھەقىقىيلىقى ھەر كىلوسى 9 مو 6 پۇڭلۇق سۈرلەنگەن توڭگۇز گۆشىدەك، كەڭ ئېغىزلىق راك گۆشى كونسېرۋا قۇتىسىدەك ۋە تەتۈر ئۆرىسە ئېچىپ قۇرتلاپ كەتكەن چىلىغان سەيدەك ئىدى. ھەقىقىيلىقى گويا دەرەخ شېخىغا قونغان قۇشنىڭ سايرىشىدەك ئىدى. ھەقىقىيلىقى گويا مەن سىلاپ ئۆتكەن بىردىن-بىر ئىللىقلىقتەك ئىدى.
   ۋاقىت، ۋاقىت دېگەن نېمە؟ ۋاقىت دېگەن نېمە؟ ئىستەك تارقاپ كېتىدۇ. دولقۇن پۈرمىسى كەبى پەسىيىپ، ئاجىزلاپ، تېپ-تېنچلىنىپ، قايتا ئاۋاز چىقارمايدۇ. ھازىدار كەبى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ، بۇقۇلدايدۇ، قول باغلاپ تۇرىدۇ، قاپاقلىرى ئىششىيدۇ، ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن كەبى خۇشاللىق بىلەن ئازاپنىڭ، ئۇزۇن بىلەن قىسقىنىڭ، تۇغۇم بىلەن ئۆلۈمنىڭ، بار بىلەن يوقنىڭ پەرقىنى ئاجرىتالمايدۇ. ۋاقىت يەنىلا ھاياجانغا سالالىشى مۈمكىن، ۋاقىت يەنىلا خۇشال قىلالىشى مۈمكىن، ۋاقىت يەنىلا يىغا-زارىنى توختىتالىشى مۈمكىن، قايغۇ ئەمدى ماتەم قايغۇسىدەك بولمايدۇ. قايغۇ تېنچلاندى، يەنە قايغۇغا ئايلانمىغۇدەك دەرىجىدە تېنچلاندى، تېنچلىنىش ئاغرىش بىلەن ئاغرىماسلىقنىڭ ئارىسىدىكى ساقايغان يارا ئېغىزى. ئويلاپ بېقىڭا، يارا ئېغىزى قايسى كود بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؟ قالتىس تالانت! ساڭ جيې، يەنە ۋاڭ يۇڭمېنمۇ بار. بەش سىزىقلىق كىرگۈزگۈچتە «يارا ئېغىزى» بىلەن «ئەسەر» ئوخشاش كودتا يېزىلىدۇ:   WTKK.
   گۈل-چېچەكلەر خازان بولدى، بەلكى ئۇرۇقى باردۇ، بەلكى ئۇرۇقى بىخ چىقىرىدىغاندۇ، ئۆسۈپ كىچىك، ئوتتۇرىھال، چوڭ ھەمدە قەدىمىي دەرەخكە ئايلىنىدىغاندۇ. ئازاپ ئاخىرلاشسا ۋىللىدە بىر تەبەسسۈم بىلەن خاتىرجەملىك روي بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن بىر تىنىش بەلگىسى بولىدۇ، بىر جۈملە خەت بولىدۇ، ئازراق ئەسلىمە بولىدۇ، ئاندىن چاقماقتەك چېقىلىدۇ، ئاندىن ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرى سەلدەك ئاقىدۇ، كونا ياشلار تۆكۈلىدۇ، ئاندىن ئەسەر بولۇپ قاتىدۇ، ئەسەر جاراھەتلىك بولسا ئاپتورى ئۈچۈن بىر تامچە ئىسسىق ياش تۆكمەي قالارسىزمۇ؟  بىباھا دەپ پىچىرلاپ كېتىسىز. ئاندىن خاتىرە دەپتەر ئىچىگە قىستۇرۇلغان بىر دانە يوپۇرماققا، بىر پارچە سۈرەتكە، چۈش ئىچىدىكى سېغىنىش ۋە كۆيۈمچان تاپىلاشقا ئايلىنىدۇ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا، گاھ سىزنىڭ گاھ مېنىڭ ئارامدا. ۋاقىت ئۆزئارا ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ۋاقىت ئۆزئارا سىرداش ۋە ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، قۇچاقلىشىش ۋە سۆيۈشۈشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ۋاقىت ئۆزئارا كۆيۈشۈش ۋە بىر تەن- بىر جانغا ئايلىنىپ كېتىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، مۇسبەت ۋە مەنپىي توك ئېقىمىنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ چاقماققا ئايلىنىشىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. تۆنۈگۈنكى مۇھەببەت بۈگۈن تېخىمۇ قەدىرلىك بولۇپ كېتىدۇ ئازاپلىق ياكى شىرىن بولسۇنۇ. ۋاقىت تىرىلىشنى، سوت ھۆكۈمىنى، قايتا باشتىن كەچۈرۈشنى ساقلاپ تۇرىدۇ گويا غۇنچە ئېچىلىشنى، شەبنەم ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى، رويال بارماقلارنىڭ بېسىلىشىنى، پوجاڭزا ۋاللىدە ئوتنىڭ يېقىلىشىنى كۈتكەندەك. ئۆتكەن ئەسىردىكى بىئولوگىيە ژورنىلىدا مۇنداق خەۋەر بار ئىدى: تاسىس ئاگېنتلىقى، لېنىنگراد خەۋىرى: سوۋېت پەنلەر ئاكېدىمىيىسى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ پارنىكىدا دۇنيادا ئەڭ كەم ئۇچرايدىغان بىر ھادىسە بايقالدى: قەدىمقى دەۋردىن قېپقالغان بىر تال نىلۇپەر ئۇرۇقى بىخ چىقاردى. بۇ ئۇرۇق جۇڭگولۇق دوستلار ئۇلارغا سوۋغا قىلغان 6 تال ئۇرۇقنىڭ بىرسى ئىدى. بۇ ئۇرۇقلار شېنياڭنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى پاتقاق گازى كولىنىۋاتقان يەردىن بايقالغان بولۇپ ساقلىنىپ قالغىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولغان. ۋاقىتنىڭ روھى باشتىن- ئاخىر بىزنىڭ تېنىمىزدە يوشۇرۇنغان بولىدۇ ياكى تۇيۇقسىز پارلاپ چىقىدۇ، ياكى ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك كەمتەرلىك بار جىمجىت ھالدا بىراقلا پارتلاشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان. ياكى بىزنى يېنىككىنە پەپىلەپ بېسىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن سەۋرچان، يۇمۇرلۇق ھەم تەسىرلىك.
   يول بويى نۇرغۇن كوچا چىرىقى ۋە ئاۋاز ياڭراتقۇلار رېمۇنت قىلىنىپ دەرەخ يىلتىزىغا كىيدۈرۈلگەن ئوراملار يورۇتۇلدى. سىز كەتتىڭىز، ئارزۇيىڭىز قالدى، قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسلۇبىڭىز قالدى، ياغاچ ھوجرا قالدى، قوزغىتىش باسقۇچىدىكى مەبلەغ قالدى. ئادەم ئاسان قېرىيدۇ تاغ تەستە. يەنە مېڭىۋاتىمەن، يەنە يېزىۋاتىمەن، يەنە ناخشا ئېيتىۋاتىمەن، يەنە تاغ ئۈستىدە.
   ئۇندىن كېيىن ئانچە ئىسسىقى يوق يامغۇرلۇق ياز كەلدى. مەن ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئۈمىتسىز، غېرىپ ۋە چۈشكۈن ھىس قىلدىم. تەڭرى مېنى ناھەق جازالىدى. سىنگاپوردا مەن كۆك ئاسمان ئوپېرا ئۆمىكى ئورۇنلىغان مويەننىڭ يېڭى دراممىسى «زومىگەرنىڭ باشقا توقىلى»نى كۆرۈپ ھوزۇرلانغان ئىدىم. ئۇنى نىمىشقا شۇنچە يىراققا بېرىپ كۆردۈم؟ ئۇ ئېيتتىكى، لۈ خانىشنىڭ سۆيگىنىمۇ شياڭ يۈ، سىڭلىم، يۈرەكلىك ئالدىڭغا ماڭ! سىز مەن مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى چاغدا مېنىڭ باشقا يېرىمىمنى ئېلىپ كەتتىڭىز. مەن «ئۇزۇن كېچە»نى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن، مېي لەنفاڭچە تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان «كۆردۈم پادىشاھنى، چېدىر ئىچىدە، كىيىم بىلەن ئۇخلاپتۇ، ھوزۇر ئىچىدە»نى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن، بىر دەستە كۆك نۇر...ھېچنېمە يوق، پەقەت جەڭلا بار، يېڭىش ۋە يېڭىلىش، قارا ئات ۋە ھەممە يەرگە پىستىرما قويۇش، يەنە ئەڭ مۇھىمى تارىخ بار.
   مەن بۇ يېشىمدا ئېھتىمال پېيىم تارتىشىدىغان ياكى سۇ ياندۇرىدىغان، قان ئازلىق ياكى بېشىم قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىدىغان بولۇپ قالىمەن دەپ قارايتتىم.  مۇبادا دېڭىز بويىدا ئۆلسەم ICU ئىچىدە ئۆلگەندىن ياخشىراقتۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەلۋەتتە، قازانىڭ ياخشى-يامىنى يوق، ئەجەلنىڭ پەرقى يوق، پەرقسىز، دەرىجىسىز، مىقدارسىز، سېزىمسىز، مەنسەپتىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مەن ھەر كۈنى سائەت 13 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە cctv نىڭ 13- قانىلىنى كۆرىمەن. مەن چوقۇم بۈگۈنكى ئاساسى سۇ رايونىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپۇراتۇرىسى، دولقۇن ئېگىزلىگى، سۇ ئېقىمىنى بىلىشىم كېرەك. مەن ئاللىقاچان℃14 لىق سۇغا قورقماي چۈشەلەيدىغان يېشىمدىن ئۆتۈپ كەتتىم. دېڭىز سۈيىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىگە بولغان نارازىلىق ھەممە يەرنى قاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭغا چۈشتۈم. زەھەرلىنىپ قېلىشتىنمۇ قورقمىدىم، مەڭگۈلۈك ۋېدالىشىشمۇ مېنى يىقىتالمايدىغان، قورققىنىمدىن قىزىرىپ كەتمەيدىغان ھەم كۆكۈرۈپ كەتمەيدىغان تۇرسام شۇنچىلىك مەينەتچىلىكتىن قورقۇپ كېتەتتىممۇ؟ مەن نېمىنى كۆرمىدىم؟ نېمىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم؟ سەرگۈزەشتلىرىمنى ئويلىسام پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ كېتىمەن. مەن يۇلغۇن بىلەن توغراقنى ياخشى كۆرىمەن. تاغ ئېغىزىدىكى چوڭ يوپۇرماقلىق ئەينەك دەرەخنى ياخشى كۆرىمەن. ئازادى دەرەخ بىلەن قەدىمىي تۇخۇمەكنى ياخشى كۆرىمەن. سېرىس دەرىخىنى ياخشى كۆرىمەن. خادا تاش ئۈستىدىكى قىرلىق قۇلۇلە قېپى سۇنۇقلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، ئەتنى پىچاقتا كەسكەندەك كەسسە قان كەچكى شەپەقتىكى پېتىۋاتقان قۇياشقا ئوخشايدۇ.
   يەنىلا زەڭگەر ئاسمان بىلەن ئاق بۇلۇتنىڭ ئاستىدا، جۇدۇن- ماناننىڭ ئارىسىدا، دولقۇنلارنىڭ كۆبجىگى ئاستىدا قۇياش نۇرى بىلەن تۇمانغا، دېڭىزنىڭ دەم كۆتۈرۈلۈپ، دەم پەسىيىپ تۇرىدىغان ئۆركىشىگە چۆمۈلدۈم، پاكىزلاندىم ۋە بۇلغاندىم، گاھ ئۇ تەرەپكە ئۈزسەم گاھ بۇ تەرەپكە، گاھ يانغا ئۈزدۈم، قالپاقلىق مالدوزا بىلەن قۇرتلارغا چىدىدىم، ئۇلۇق ئىش ئۈچۈن يىللىق پايدىنى ئاشۇرۇشنى ئەمىلىلەشتۈرىدىغان قاتناش باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلدىم، تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاي بىلەن ئارچىلارغا ، ئىرمىشىپ- چىرمىشىپ كەتكەن سىرىنگۈللەرگە، كوچىدىكى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆسكەن گۈل- گىياھلارغا، تۇمۇزغىلار چىرىلداۋاتقان تېرەكلەرگە، قۇچقاچلار ۋىچىرلىغان چىنارلارغا، چوڭ يوپۇرماقلىق ئۈجمىلەرگە، تەسەۋۇرۇمدا ئېچىلغان ئېگىز تاغدىكى پەرىگۈل ۋە پايانسىز نىلۇپەرزارلىققا نەزەر سالدىم. مۇبادا باش ئۈستۈمدە يۇقۇرى بېسىملىق توك سىمى تارتىقلىق بولمىغىنىدا ئىدى، ئەشۇ نىلۇپەر كۆلى گويا جەننەتنىڭ ئۆزى. ئۆتكەن يىلى سىز ئۇ يەردە سۈرەتكە چۈشكەن ئىدىڭىز، شۇقەدەر تولغان ۋە ساغلام ئىدىڭىز، بىلىنەر-بىلىنمەس مەيۈسلۈك ۋە مەيۈسلۈكتىن كۈچلۈك بولغان سەۋر-تاقەت بىلەن خاتىرجەملىككە چۆمۈلگەن ئىدىڭىز.  
   سىز مەن بىللە ئۇ يەرگە بارغان ئىدىڭىز، كارۋىتىڭىز كارۋىتىمنىڭ قېشىدا، ياستۇقىڭىز ياستۇقۇمنىڭ قېشىدا، ئاۋازىڭىز قۇلاق تۈۋىمدە، مۇلايىملىقىڭىز مېنىڭ بارلىق يۆلىنىشىمدە ئىدى. كۆز نۇرىڭىز مېنىڭ سۇ ئۈزۈشىمگە قاراۋۇل بولاتتى، مەن يەنىلا بىر دۆت بېلىق ئىدىم، بىر ياغاچ پارچىسى ئىدىم، بىر كالامپاي تاشپاقا ئىدىم. مېنىڭ مۇشۇ بىر يېرىم بار، كىچىك ۋاقتىمدا سۇ ئۈزۈشكە ھەۋەس قىلاتتىم، بىر ئۆمۈر ئۈزسەم دەيتتىم، ئۇ يەرگە بارسام ھامان سۇ ئۈزۈش بۆكى، كۇسىرى، كۆزەينىگى ئېلىۋالاتتىم. بىر مېتىر ئۈزۈشۈم ئىككى مېتىر بولدى، ئون مېتىر ئۈزۈشۈم يۈز مېتىر بولدى، يەنىلا ھاماقەتلەرچە ئاستا-ئاستا مىڭ مېتىرگە تەرەققى قىلدىم، ھاياتلا بولسام ئۈزەتتىم، خالايدىكەنمەن ئۇنى قىلاتتىم. تىرىكلىك ھاياتلىقنىڭ جەۋلانى، يەلكەن چىقىرىشى، پالاق ئۇرۇشى، تىرىكلىك ھاياتلىقنىڭ قىزغىنلىقى، دولقۇنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇت-قولنىڭ ماسلىشىشى ۋە چۈشتىكى ئۇزۇن سەپەر. يەنە بوكسيۇر ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ، ۋاق-ۋۇق، تاس-تۇس...دەلدەڭشىپ كەتسەڭمۇ يەنە ئىلىپتەك تىك تۇرىسەن. ياكى ئارقىدىنلا ماگنېتىك رېزونانسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، تىرىق-تىرىق، شىرىق-شىرىق، داق-داق، گۇم-گۇم، دۇت-دۇت،شىر-شىر،تىك-تاك،تىك-تاك، ۋاش-ۋۇش، ۋاش-ۋۇش...ۋېنا تومۇرىغا بىر جۈمەك ئورنىتىلىدۇ، جۈمەكنىڭ ئىچىدە سۇيۇقلۇق تېمىپ تۇرىدۇ. بۇ قېرىلىق ياكى كېسەللىك ئازاۋى، بۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان، قايغۇرىدىغان، ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىدىغان داۋالاش، دورىگەرلىك. ئۇ ئېھتىماللىقتىكى يىراق جاي. ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماي تۇرۇپ ئىككى چېكە ئاقىرىپ كەتكەن بىلەن نۇرغۇن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ يەنىلا ئىككى چېكىنىڭ ئاقىرىپ كەتكىنىنىڭ نېمە پەرقى؟ چوقۇم ئايرىش كېرەك.
   ھالبۇكى، مەن تىرىك ئىكەنلىكىمگە قەتئىي ئىشىنەتتىم، يۈرىكىم سوقۇپ تۇراتتى، پەقەت ماڭمىساملا ھايات تۇراتتىم، پەقەت دوزاقتىن ئۆتسەملا جەننەتكە كىرەتتىم، پەقەت ئايرىلىپ باققاندىلا ئاندىن ئۇچرىشاتتىم، بۇرۇن بىللە ئىدىم، كېيىن بىللە ئىدىم، كېيىنمۇ بىللە مەن. مەن يەنىلا گۈللەپ ياشنىغان يازغا ئېرىشتىم، شامال، قۇياش نۇرى، قويۇق سايە، مۆلدۈر، تېرە، قۇم، ماغزاپ، دولقۇن ۋە مۇسكۇل، خولېستىرىننىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن ۋېتامىن D غا ئۆزگۈرىشى ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە ئوخشايتتى. بەلكى، يوقلىقىڭىز سەۋەپلىك غەمخورلۇق ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەندىمەن، تەڭرى رەھىمسىز، ئەجىرسىزلا يىغلايدۇ. ئىلگىرى سىزنىڭ دوستانىلىقىڭىز سەۋەپلىك دوستلارغا ئېرىشكەن ئىدىم، مەن بولسام- بولمىسام دوستلارنى كۈتىۋالاتتىڭىز. تېيىز دېڭىز ساھىلىغا 3 قېتىم باردىم، ئاسما كۆۋرۈكتە ماڭغاندىكى تۇيغۇنى ياخشى كۆرەتتىم، بەلكى قۇمدا يالىڭاياق مېڭىش تېخىمۇ ياخشىدۇ. بۇلتۇر سىز بىلەن بىرگە بارغان ئىدىم، قۇم-شېغىل، شامال، چايكىلار، كەچقۇرۇن مەن ئاينىڭ چىقىشىنى كۈتتۈم، مەن كۈتەتتىم، سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ جىمىرلىشىنى تېخىمۇ كۈتەتتىم. مەن ئايدىڭ كېچىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن.
   بۇرۇن يۇرتۇمدىكى ئىيۇل- ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ كەچقۇرىنى ھويلامغا سالقىن تاشلىغان ۋاقىتتا ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلارغا قاراشقا ئەڭ ئامراق ئىدىم......بۇ با جىننىڭ «يۇلتۇزلار»ناملىق نەسىرىدىكى جۈملە بولۇپ مەن ئۇنى يادقا بىلەتتىم، نېمە ئىشكىن، كېيىن بىرنەچچە قېتىملىق تەھرىرلەش ئارقىلىق ئۇنى بىڭشىننىڭ «يۇلتۇزلار»(«ئەگىز») ناملىق يېڭى شېئىرى قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتىشتى، 70 يىل بۇرۇنقى خەنزۇتىلى دەرسلىك كىتاۋىمدا باجىننىڭ شۇ تېكىستى بار ئىدى.
   ‏  ئىلگىرىنىڭ ئىلگىرىسى، ياشلىقنىڭ ياشلىقىدا بىز دېڭىز-ئوكياننىڭ ئەركىن تەسەۋۋۇرىغا يۈزلىنىپ،  ئۇلۇغ تېنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى ئايرىم-ئايرىم ئوبدان كۆرگىلى بولىدىغان ماياككا بىرلىكتە يامىشىپ چىققان ئىدۇق.بىز كۆك كىتنى كۆردۇق، دېڭىز ئېتىنى كۆردۇق، ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان پىل توپلىرىنى كۆردۇق، مايمۇن ۋە تۆگىقۇشلىرىنىڭ زىچ جۇغلىنىشلىرىنى كۆردۇق. دەريا سۈيى يەر يۈزىگە تاشقان ئىدى،  ئاياللار نۇرغۇن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، ئۇلارنىڭ تېرىسى تاۋارغا ئوخشايتتى. ئۇلار ئىنتايىن يۇمىلاق، ئىللىق، ئەمما باتۇر ئىدى. ئوتياش، بانان ۋە مانىھوت بىلەن خالىغان چاغ ۋە خالىغان جايدا قورساق گوللايتتۇق. جۇمھۇرىيەتنىڭ سابىق قەبىلە ئاقساقىلىغا ئايلانغانلار داۋاملىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. مەن بارلىق مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئاڭلىدىم.
‏  ئەشۇ شىۋىرلىغان ئاۋاز، ئەشۇ ھۆڭرەپ يىغلىغاندەك قەلب ئىزھارى ، ئەشۇ تەكرار-تەكرار ئالدىغا قاراپ مېڭىشلار، ئەشۇ ئۇشتۇمتۇت توختاشلار، ئەشۇ تۇيۇقسىز تاماملاشلارنى.
‏  ئىككىمىز نۇرغۇن قېتىم كۈلكىلىك پاراڭلارنى قىلىشقان ئىدۇق، مەن چۈشۈمدە دۈپ- دۈگىلەك بىر رۇداۋچە چېلىشىش چېمپيونى بىلەن لەۋھە تالاشقىنىمنى ئېيتقان ئىدىم، سىز مېنى يالغان ئېيتىش ئۈچۈنلا يالغان ئېيتتىڭىز دېگەن ئىدىڭىز. دۇنيادا مۇشۇنداق ئەركەك بارمۇ؟ مېنىڭ تۇنجى سۆيگىنىم سىز. مېنىڭ ياشلىقىم سىز. مېنىڭ سورۇقچىلىقىم سىز. مېنىڭ ئالتۇن تويۇم سىز. مېنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئالماس تويۇم سىز. سىزنىڭ بىردىن- بىر رەقىبىڭىز ئافرىقا چېمپىيونى، ياۋروپا ئۇزۇنغا يۈگرەش ماھىرى،  روسىيە بىلەن بىلوروسىيەنىڭ تېننىس توپ ماھىرى،  ئاۋستىرالىيە بېلىقى ئىدى. مەن قېرىغانچە- قېرىغانچە ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە مەپتۇن بولدۇم، دۇنيا رېكورتىنى بۇزغۇچىنىڭ چىقىشىنى كۈتتۈم، كۆتۈردى، پىرقىراتتى،دىت قىلغان ئاۋاز بىلەن قولىغا ئالدى ياكى زېمىننى كۈكۈم- تالقان قىلدى. سىزنىڭ ئايال ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرىم ئىكەنلىگىڭىزگە قەتئىي ئىشىنەتتىم، بىراق مەن سىزنىڭ شتانكىڭىزدەك ئېغىر ئەمەس ئىدىم، بەلكى مەن پەقەت قوشۇپ قاچىلىسىڭىز دۇنيا رېكورتى بۇزۇلىدىغان بىر دانە كىچىك تۆمۈر تەخسە ئىدىم. مېنى قوشۇپ قاچىلاڭ. ئاياللار ھوقۇقى ياشىسۇن!
‏   دۇنيادا دېڭىز بار، بورانلىق دولقۇن بار. دېڭىزدا ئاي ۋە يۇلتۇزلار بار. مەن دېڭىز ئۈستىدە ياتقىنىمچە ئۇيقىغا كەتتىم. قۇياش نۇرى دەستىدىن كۆزۈمنى ئاچالمىدىم، قايتا- قايتا ئۇرۇنۇشتىن كېيىن ئاندىن بىردەم مۈگدىيەلىدىم.ئېيتىلىشىچە دېڭىز باشلىنىشمىش، دېڭىز ئاخىرلىشىشمىش، دېڭىز بۆشۈك، دېڭىز يۇرت- ماكان، دېڭىز تەڭرى ئىمىش. باش باھاردا دېڭىز بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۆزئارا قەدرىمىزگە يېتىشتۇق، مەن پەقەت سىزنىڭ يالغۇز قېلىشىڭىزدىن قورقۇيتتىم. ئەسلىدە سىز ئۇ قەدەر يالغۇز قالمىسىڭىزمۇ بولاتتى. ئەسلىدە سىز ماڭا ھەمرا بولسىڭىز بولاتتى. خۇددى يۇلتۇزلار ئاينىڭ، ئوت- چۆپلەر گۈلنىڭ،قۇملار كۆپۈكنىڭ، چاقىرىش ئەكس سادانىڭ، ئەسلىمە سېغىنىشنىڭ ھەمرايى بولغاندەك. كەلسىڭىزچۇ!
‏  ئاي نۇرى ئاينىڭ قول پۇلاڭلىتىشى،  يۇلتۇز نۇرى يۇلتۇزلارنىڭ  كۆز قىسىشى، يەلپۈنۈش شامالنىڭ  سىلىشىدۇر.مەن شامالغا مىنىپ قايتىشنى ئىستىدىم، نېرۋاناغا ئايلىنىشنى ئىستىدىم، ئەرش ئوردىسىدا سىز بىلەن قۇچاقلىشىشنى ئىستىدىم. 500 يىل بۇرۇن مەن تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئىستىقامەت قىلاتتىم، قۇياش ۋە ئاي شۇ قەدەر كۆركەم، تاغلار شۇ قەدەر ھاۋالىق، دەل- دەرەخلەر شۇ قەدەر بۈك- باراخسان، تۈلكە- توشقانلار شۇ قەدەر شوخ - ئەركىن ئىدى، جىمجىتلىقتا ئاي- يۇلتۇزلارنىڭ پىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھەر نەپەستە زېمىننىڭ تەسەللىيسى بار ئىدى.  دۇنيا سىزنىڭ «سوغۇق ھەيدەر ھوجرا»ڭىز ئىدى.
‏ بىلىپ قالىسىز، مەن كېلەر يىلى قېرىيمەن؟                                            
‏  5 يىل بۇرۇن ، شۇ قېتىممۇ دېڭىز بويىدا، تاغ يولىدا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدا، كۈز يوپۇرماقلىق دەرەخ ئاستىدا بىر مۇلايىمغىنە قىز مەندىن سورىغانىدى:
‏   - سىز لولىتادەك كەيپىياتقا چۆمۈلۈپ باققانمۇ؟
‏   مەن ئۇنىڭ راستىنلا بۇ سۇئالنى سورىغىسى بار- يوقلىقىنى بىلمەيتتىم، چۈنكى ئۇ بىر كېچىلىك نومۇر ئىدى،  كىشىلەر ئويۇنغا ئانچە ئىشەنمەيتتى، بىر دوستۇم ماڭا تاراتقۇلاردا رولغا چىقماسلىقىمنى ئۈندىگەن ئىدى. 80،90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ماڭا  ئېيتىشىچە،  تاراتقۇلار كۆرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مۇبالىغە  ۋە يالغان-ياۋىداقنى توقۇپ قاداقچىغا كۆزەينەك تارتقاندەك، تۇخۇمنىڭ ئىچىدىن سۆڭەك ئىلغىغاندەك  ئىش قىلىدىكەن.
‏  مەن پەقەت  راۋرۇس بىرنى كۈلۈپ قويدۇم.   مۇبالىغە قىلامدۇ- قىلمامدۇ، ئۆزئارا بىر- بىرىگە تېتىشامدۇ- تېتىشمامدۇ، مەن يەنىلا مەن ئىدىم. قانداق دەۋالسا نېمە بوپتۇ، كىم قىزىل، كىم ئاق،  كىم كۆچۈرمىچى، كىم كۆچۈرمىچى ئەمەس ماڭا بەرىبىر ئىدى. مېنىڭ ئەشۇ پىچىر- پىچىر باياناتچىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلار ھازىر ئاساسەن يوقالدى، خۇددى دېڭىزغا ئاققان قەغەز قېيىقتەك، يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك، قورققۇنچلۇق چۈشتىكى مەسخىرىلىك كۈلكىدەك. ئۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، ھېچنېمىنىمۇ بىلمەيدۇ، ھېچنېمىدىمۇ يوق.  تاغ ئىچىدە چوڭقۇر كۈز، مەن سۈزۈك سەھەردە تىرىلىپ تۇنچى كۈنى ئاخشىمىلا ئېچىنىشلىق ئۆلگەن دۆلەت قوڭغۇزىدىن تەسىرلەندىم. ئۇ ئۇيغىنىپلا سايرىغان ئىدى، ئاندىن ئەتىسى ياكى ئۆگىنى جىمجىتلا ئۆلۈپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلمىدىم.
‏مەن لولىتانى بىلمەيمەن دېدىم، قىز ماڭا قانداقتۇر بىر قېرى يىگىت بىلەن بىر قىزچاقنىڭ بىر- بىرىگە ئاشىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.
‏  ئۇنداقتا نېمىدەپ مەندىن سورايدۇ؟ مەن ئېلىشىپ كەتتىم ياكى ئېلىشىپ كەتكەندەك قىياپەتكە كىرىۋالدىم. لۇشۈن ئۇلار قوپاللاشتى ياكى قوپاللاشماقچى، دەپ ئېيتقانكەن. مەن ئاللىقاچان، مۇددەتتىن بۇرۇن ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرنى ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، مەن كۆپ سەگەكلەشتىم، شۇڭا  ئېلىشىپ كېتىمەن ياكى ئېلىشىپ كەتكەندەك قىياپەتكە كىرىۋالىمەن، ياكى بولمىسا راستىنلا تەس كېلىدۇ.
‏  دەرۋەقە، ئاللىقاچان ۋاقتى كەلدى. ئەستە تۇتقىنىم بەك كۆپ، بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. مەن شامال چىقمىسىمۇ توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان، كىچىككىنە يامغۇر ياغسا يول پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان تىرامۋاي دەۋرىگە يېتىشتىم.
‏  مەن ھەمىشە بىر خالتا كوچىنىڭ ئەگىلمىسىگە جايلاشقان بىر ھويلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتىم، ئۇنىڭ ئېگىز تېمىغا توكلوق تور سىمى ئورنىتىلغان بولۇپ،  بەزىدە ئۇنىڭغا قۇچقاچلار قوناتتى، قارا دەرۋازىسىدا قىزىل سىردا يېزىلغان«سادىق بولۇپ جەمەتىمىز ئەنئەنىسىگە، مەسنىۋىنى ئۇلىغايمىز مەڭگۈگە» دېگەن مەسنىۋى بار ئىدى، دەرەخ ئۈستىدىكى تومۇزغىلارنىڭ چىرىلدىشى بىردەممۇ توختىمايتتى.
‏  بۇ قورونىڭ قارشىسىدىكىسى كۆرۈمسىزرەك قورونىڭ سىرى چۈشكەن دەرۋازىسىغا يېزىلغان مەسنىۋىگە مەھلىيا بولۇپ قالغان ئىدىم.«گۈل- گىياھلار كۆكەردى بۇ يىلمۇ يەنە،  ئون چاقىرىم ئارىلىقتا ئۈرۈك چېچىگى قىزاردى ئەنە».
‏ئوت- چۆپلەر سارغىيىپ يەنە كۆكىرىشكە باشلىدى،  گۈللەر بالدۇرلا تۆكۈلۈپ ئۇنتۇلغان ئىدى، ئاندىن تۇساتتىن پۈتۈن كوچا، پۈتۈن دەرەخ ۋە شاخلار بۈككىدە ياشنىدى ۋە زاۋاللىققا يۈزلەندى. بولۇپمۇ باھار كۈنلىرى بۇ مەسنىۋى مېنى بەختلىك ۋە ئازاپلىق ھالدا تىترىتىدۇ، گويا ئېلېكتىر سىمىغا ئېسىلىپ قالغان لەگلەك كەبى.
‏  شارىلداپ باھار يامغۇرى ياغىدىغان ۋە دۆڭدىن قارشىسىدىن سەلكىن شامال چىقىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى. بۇ  ئوت-چۆپ ۋە ئۈرۈك چېچەكلىرىنىڭ چەكسىزىنچى مەۋسۈمى.
‏  مەنمۇ قېرى پروفېسسورنىڭ ئۆيىدە ھۆسىنخەت ۋە شېئىر كۆرۈشكە يېتىشتىم، ھەركۈنى ئىللىق باھار شامىلى ئىچىدە قارا ئۈرۈك يامغۇرى كەبى يۇرت سېغىنىشىغا غەرق بولدۇم. ئالدىنقى ئىككى مىسرانى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىيەلمىدىم، بەلكى 2- مىسراسى «قار ئۇچۇپ جاھاننى باسقان كەبى جۇت»قۇ دەيمەن، بۇ كونا شىمالىي پايتەختنىڭ قوپال باھار كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ «جياڭنەن ياخشى، مەنزىرىسى قەدىمىي» دېگەن بىلەن ئوخشىمايدۇ. بىر تۈپ مەجنۇنتال بىلەن بىر تۈپ گىلاس ئوخشىمىغان مەنزىرە بېرىدۇ. ئۇ چاغدىكى قەدىمىي شەھەرنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى يامغۇردىن كېيىن ھەممە يەردە يىڭناغۇچلار ئۇچۇپ يۈرەتتى، يېشىل پاقا بىلەن كىرپە تۆت چاسا ھويلىغا كىرىۋالسا كەچتە پەرۋانىلەر ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرەتتى، بىر يېشىل پاقا مېنىڭ ھوجرامغا ئۆمىلەپ كىردى، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بارلىقىغا ئىشەندىم. بىراق باش يازدىكى تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ ئۈستىدە يېشىل قۇرتلار ساڭگىلاپ تۇراتتى، ھەر باھار كۈنلىرىدە ھەممە يەردە چۈجە سېتىلاتتى. «ئەبگا توخۇ» ئەسكى بىر نام، پۇقرالار تالىشىپ باقىدىغىنى بولسا گۆش توخۇسى، يەنى ئۇنىڭ ئېمپورت قىلىنغان سورتى.‏  مەن پۇل تېجەش ئۈچۈن ئەمدىلا 6 بېكەت نېرىسىدىكى باغچىغا يېتىپ كەلدىم،  ئۇ يەردىكى تېرەكلەر ئاۋاز چىقىرالايتتى، ناخشا ئېيتالايتتى، ھېكايە سۆزلىيەلەيتتى، مەن ھەر قېتىم ئەشۇ كىچىك قەدىمىي قىزىل دەرۋازىدىن ئۆتكىنىمدە  سۇنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم. سالقىنلىق بىلەن سۇ ئاۋازى تەڭلا مەۋجۇت ئىدى. ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئىشىكى ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇ يەردە ئادەم بىلىشكە  بولمايدىغان ھېكايە بار ئىدى.يەنى قېرىغاندىن كېيىن ھۆسن-جامالىدىن كەتكەن ئايال پۇل ۋە نوپۇز تەرىپىدىن تامام سۈپۈرىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇ ھېكايە ۋە ئۇ ھېكايىنىڭ تارقىلىشى ئاللىقاچان غايىپ بولغان ئىدى، ئۇ ھېكايە ئەمدىلىكتە بىزنىڭ بايقاپ تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇراتتى.
‏   تۇمانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، پېقىرغا ناھىيىتى ئايانكى ، كېيىنكىسى«تومان، ئاھ مېنىڭ تۇمانىم» دېگەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ناخشىسى ئىدى، ئاندىن كېيىن قېرىيمەن دەپ قېرىيالمىدۇق، ئاندىن كېيىن بۇرۇنقى رەسىمگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق، ئاندىن كېيىن  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تېنچلاندۇق، مەن كۆردۈم، مەنمۇ سىزنى كۆردۈم،بىز ئەسلىدىنلا زاكىنىڭ ئىچىدە ئىدۇق.ھەممە سىزنى چىرايىدىن دۆلەت يېغىپ تۇرىدۇ دېيىشتى شۇ كۈندىن باشلاپ.
‏مەن نۇرغۇن قېتىم ئايرىۋېتىلدىم،  مەن ئايرىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئايرىلىشنىڭ بىردىن- بىر قىممىتى جەم بولغان ۋاقىتنى ئەسلەش ۋە كېيىنكى جەم بولۇش بەختىنى كۈتۈشتۇر. ئايرىلىشنىڭ گۈزەللىگى مەن ئايغا قاراۋاتقاندا سىزنىمۇ ئايغا، ئوخشاش بىر ئايغا قاراۋاتىدۇ دەپ ئويلاشتۇر. ئايرىۋېتىلگەن چاغدا مەن ھەمىشە يېرىم كېچىدە توۋلاش ئارقىلىق ئۆزەمنى ئويغىتاتتىم، ئاندىن بوشقىنا چۆرگىلەيتتىم. توۋلايدىغىنىم ئىسمىڭىز ئىدى، سىزنىڭ بىر ئەركىلەتمە ئىسمىڭىز بار ئىدى، ئىسمىڭىزنى چاقىرىشىمغا يول قويمايتتىڭىز. باھار سۈيى ۋە مەجنۇنتال ئاستىدا ئۇچرىشاتتۇق، بىز ئاق مەرمەر كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدا ئۆرە تۇراتتۇق، يېنىمىزدا چەينەك- چەينەك چايلار ۋە توقاچ-توقاچ گازىرلار تەل ئىدى. سىز سۇ بىلەن بېلىقنىڭ پۇرىقىنى ۋە مەجنۇنتال تېلى بىلەن شۇڭ ئورۇندۇقنىڭ ھىدىنى  ھىدلايتتىڭىز. بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشقان ئىدۇق، ئۇ چاغدا تېخى  مىڭ چاقىرىم مېڭىپ جىننياڭنى ئۇزىتىش دېگەن مودا ناخشىنى ئۇنۇتمىغان ئىدۇق.
‏   ئويغانغاندىن كېيىنكى تۇنجى سېزىمىم مەن نىمىشقا ھازىرغىچە شۇنچە ئۇزۇن ياشىدىم دەپ ئويلىدىم. مەن يەسلىگە چىقتىم، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىدىم، بىرىنچى بولدۇم،  كادىر، ئەزا، ئەترەت باشلىقى ۋاھاكازا بولدۇم...نۇرغۇن جېنىنى تىكىپ قەسەم قىلىشلارنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن راست گەپ ۋە ئانچە راست بولمىغان گەپلەرنى قىلدىم، نۇرغۇن قەغەزنى سەرپ قىلدىم، 30 ياش چېغىمدا تۇساتتىن چۆچىدىم، ئەسلىدە مۇنداقمىدى دەپ.
‏   بۇ يەردە لىتا، لوتا، لىلى،تاتا، لولو بارمۇ؟ ياق، ياق-ياق، ياق-ياق-ياق، بۇ يەردە پەقەت سىزلا بار. مېنىڭ لىتالونى بىلگۈم يوق.
‏  ئاندىن بىر ئەدەپلىك قىز مەندىن سورىدى،نېمە سەۋەپ سىزنى قېرىغاندا بۇنچە بىئاراملىققا گىرىپتار قىلغان؟ ئالايلۇق خاتىرىڭىزنىڭ ئاجىزلىشىشى، بەدەن كۈچىڭىزنىڭ خورىشىمۇ؟...ئۇ دەرۋەقە بەك تۈز ئىدى، ئۇ تاراتقۇنىڭ كولدۇرلىتىشىغا تۇتقۇن ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن جاۋاپ بېرىش تەس سۇئال ئىدى، مەن ھەئە دېدىم، مەن نىمىشقا ھەئە دېگەن بولغىيتتىم؟
‏ئۇ يىلى چاچلىرىم پۈتۈنلەي ئاقىرىشتىن تېخى بەكلا يىراق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. ھازىرمۇ تاغقا چىقالايمەن، توپ ئاتالايمەن ۋە سۇ ئۈزەلەيمەن. يەنە تېخى رۇسچە ۋە ئېنگىلىزچە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنەلەيمەن، كونۇپكىنى تاراقشىتىپ تېز خەت يازالايمەن، دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرالايمەن، بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا  ئۇجۇقتۇرالايمەن. ھالبۇكى مەن ھازىر 70 تىن ئاشقان، ئازراقمۇ ياش  بولمىساممۇ لېكىن يەنىلا يامان ئەمەس ئىككى باشلىق، ئۈچ باشلىق مۇسكۇللىرىم ۋە كۆكرەك مۇسكۇلۇم بار. كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان  ئەشۇ خەلقئارالىق سىياسىئونلاردىن ھەرگىز كەم تۇرمايمەن.
‏‏  ‏كېيىن مەن تېخى «بەلەن ئاۋاز»كۇرسىدىن «ئۆزۈمنى پادىشاھتەك سۆيىمەن»نى ئۆگىنىۋالدىم، ئۇ گەپ ئىدى ھەم ناخشا ئىدى، ئاۋازلىق ئوقۇش ھەم دېكلاماتسىيە ئىدى، گويا بۈيۈك برېتانىيەنىڭ مېيخۇا ماركىلىق چوڭ دۇمبىقىدا ياۋروپانىڭ   خۇا شياۋباۋ ۋە جى ۋېي كەبى دۇمباقچىسى  مۇزىكا چالغاندەك. ئۇ ئادېلېنىڭ ناخشىسى ئىدى:   ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇنتىما مېنى، تۆكۈلمەكتە ياشلىرىم.
‏  مەن تاراتقۇنىڭ قىلتىقى بىلەن  تارقاتقاندىكى كۆپتۈرۈشلىرىنى قوبۇل قىلدىم، قىلتاققا ئوڭاي چۈشىدىغان كىچىك ئەخمەق بولۇشقا رازىمەنكى، ھەرگىزمۇ ھېچنېمىنى بىلمەس دۆت-كالۋا تۇرۇپ ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان تەلۋىلەردىن بولمايمەن، كونىلار ئېيتىدىغۇ ئۇلارنى كۆتەكتىن پەقەت ئىككى كۆزىلا ئارتۇق دەپ، تېخى بۇمۇ ئارتۇق.
‏   ئەمما مەن كامېرا ئالدىدا ئۆزەمنى پەردازلاپ كۆرسۈتۈشنى ئويلاپ باقمىدىم.
‏  مەن مۇشۇنداق دېسەم بولمامدۇ؟ دۇنيا سىلەرنىڭ،ھەم ئۇلارنىڭ،ھەم بالىلارنىڭ. مەن بالدۇرلا چېكىنىشىم كېرەك ئىدى، كىم مېنى ئىتمۇ قاراپ قويمايدىغان مانتىدىن 4-5 نى يەۋېتەلىسۇن دەپتۇ تيەنجىن سۈنئىي ھەمرا قانىلى؟
‏  ئاددىيسى، چەتئەلدە ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن قىزچاق مەندىن سىز قېرىغىنىڭىزنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ دەپ سورىدى، مەن قانداقمۇ ئۇنداق ئىش يوق دەپ جاۋاپ بېرەلەي؟
‏  مەن ئەلۋەتتە قېرىدىم،  داۋاملىق قېرىيمەن، ‏ماڭدىم، ھاردۇق ئالدىم، كەتتىم، ئايرىلدىم، ئىستەك تارىدىم، «قەدىناس دوستۇم ئايرىلدى غەربىي سېرىق تۇرنا راۋىقىدىن،چوكانتال پەسلىدە ياڭجوۋ تامان ئالدى يول»دەك ئۇزىتىلدىم...بەلكى سۇئال ئىچىدە ھەممە مەنا باردۇر.  خالىسا كېتىش، خالىسا قايتىپ كېلىش بۇ تەبىئەتتەكلا تەبىئىي ئىش، گۇيا تۆت پەسىل ۋە كېچە- كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدەك. مېنىڭمۇ ياشلىقىم بولغان، تۈمەن يىللار ياشاپ باققان، كۈچ سىنىشىشتا غەلىبە قۇچقان. سىزچۇ...سىز قېرىپ باققانمۇ؟
‏بۇنىڭغا جاۋابىم: شۇنداق، بەلكى كېلەر يىلى، مەن كېلەر يىلى قېرىيمەن.
‏ئېيتالمىغان گېپىم: ئەگەر كېلەر يىلىدىكى قېرىشىم رۆشەن بولمىسا ئۇنداقتا كېلەر يىلىنىڭ كېلەر يىلى ياكى كېلەر يىلىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ كېلەر يىلى قېرىيمەن. قېرىشىم چوقۇم،بۇنىڭغا مەن كېسىم پىچالمايمەن، قاچان قېرىشىمغا كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايمەن، ئۇ ھېچكىمنىڭ تەستىقىنى ئاڭلىمايدۇ:
‏بۇ نەقەدەر خۇشاللىق،
‏مەن كېلەر يىلى قېرىيمەن.
‏بۇ نەقەدەر خاتىرجەملىك،
‏بۈگۈن يەنىلا ھاياتمەن...
‏  بۇ مېنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئېيتقان ئەڭ ياخشى گېپىم، مەن ئەڭ رازى بولغان گېپىم،  مەن كېلەر يىلى قېرىيمەن، بۈگۈن يەنىلا ناخشامنى ئېيتىمەن. ئاياللار بۇ گېپىمنى بىر- بىرلەپ ئۆچۈرىۋېتىشتى، شۇندىن كېيىن ئۇلارغا پىسەنت قىلمىدىم، گەرچە باھاردا ماڭا چىللىگۈل ھىدىنى سوۋغا قىلغان بولسىم. مەن ئۇلارنى كەچۈرمەيمەن. مەن ئۆزلىگىمدىن بۇ ھېكايىنى بىردىن- بىردىن ئېيتىپ چىقتىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى مېنىڭ ئەڭ قالتىس ھېكايەم ئىكەنلىگىنى ئېيتىشتى، سىز ئۇنى ئۆچۈرەلمەيسىز، توسىيالمايسىز. مەن سوغۇق ھەيدەر ئۆيۈمدە لاۋزى بىلەن جۇاڭ زىنىڭ كىتاۋىنى ئوقىدىم، كۈز ئاپتىپى پارلاپ چىقسا مەن ئۇنى «قەلبنى قۇرۇقداپ ھەقىقەت قاچىلاش» دەپ ئاتىدىم. مەن ئاخىرى قەلبىمنى قۇرۇقدىدىم.
‏    مەن سىزنى كۆردۈم، كېلەر يىلى قېرىغاندا ئەمەس، بەلكى بۇ يىلقى  كۇڭتۇڭ تېغىدا. ئۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرىگە جايلاشقان.ئۇ قەدىمدىن نامى مەشھۇر، لېكىن ھەمىشە بىدئەت كۆپ تارقىلىدىغان بىر تاغ. ئۇنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئۇ تاغقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى تەلۋە ئادەمنىڭ غەزەپ بىلەن ئويغان ئويمىسىغا ئوخشايدۇ. بەك خەتەرلىك، ئىنتايىن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن چوقچىيىپ تۇرىدۇ، ‏يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلىشى ئۆزۈمچىل بولۇپ قۇلۇم-قوشنىلارنى بېسىۋالغان، ھەرقانداق ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە يۇقۇرى تۆۋەننىڭ ئالاقىسىگە، بوشلۇق قالدۇرۇشقا دىققەت قىلمىغان. كوڭتوڭ تېغى رايىش ئەمەس. تىك ۋە چوڭقۇر ھاڭلار، دەل-دەرەخ ۋە داۋ ساڭراملىرى، ئېرىق ئۆستەڭ ۋە ئېگىز چوققىلار، چاتقال ۋە قويۇق چۆپلۈكلەر، تاش پەلەمپەي، ئابىدە تاش، خاتىرە راۋاق، شوتا ۋە قارچۇغا-قۇرغۇيلار تاغنىڭ تېشى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن قۇرۇلۇشلار بىلەن ئىنتىلىشىپ تۇرىدۇ. ئاسمان، ئاسمان، ئاسمان، بۇلۇت،بۇلۇت،بۇلۇت، ئاسمان بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، بۇلۇتلار بىلەن بىللە ياشىسا يەنە نە ئارمان، نە تارتىشىش قالسۇن. نەقەدەر ئۇلۇغ خۇاڭخې ھاۋزىسى! يامىشىپ چىقىۋاتىمەن، يېنىكلىشىش گۇمپىسى ئىشلەۋاتىمەن، ئوت ئۈزىۋاتىمەن، مەن سىزنى كۆردۈم...مەن كېپىنەك بىلەن قۇشنى كۆردۈم، ھىدلىغىنىم يىڭنە يوپۇرماق بىلەن كەڭ يوپۇرماقنىڭ خۇش پۇرىقى، ئاڭلىغىنىم قۇشنىڭ، ئادەمنىڭ، ئاياقنىڭ ئاۋازى، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى. مەن تەرەپتە پادىشاھ بار، گۇاڭ چېڭزى(خەنزۇ رىۋايەتلىرىدىكى 12 ئەۋلىيانىڭ بىرى)بار، قېرىشتىن بۇرۇنقى مۇسكۇل بار، خورىماس جۇشقۇنلۇق، ئارزۇ، كۈتۈش، ئەسلىمە، چۈش، رەڭ، زىناق، پىلان، تەكلىپنامە، ئۈندىدار، ساۋاپلىق ۋە گۇناھلىق ئىشلار بار. تەدرىجى كۈچىيىۋاتقان ھاسىراش بار. ئەلۋەتتە يۆتەلمۇ يوق ئەمەس. مەن ئەسلىدە قىلىچۋاز باتۇر بولسام بولاتتى، ئەسلىدە ئەۋلىيادەك خىسلەتكە ئىگە بولسام بولاتتى. مەن 7 خىل تىل بىلەن سىزگە ئوقۇيدىغان مەرسىيەمنى قەسىدىگە ئۆزگەرتىمەكچى. مەندە ھازىر تەيجى گۇمپىسى بار. گەرچە كېلەر يىلى قېرىساممۇ ھازىر يەنىلا ياپ-ياشمەن! كېلەر يىلى كەتسەممۇ، ھازىر يەنىلا بۇ يەردە مەن. سىز كەتتىڭىز، سىز يەنىلا سىز، ھېچكىممۇ سىزنى ئازاپلىيالمايدۇ. مەن يامىشىۋاتىمەن، مەن يەنىلا تاغدەك بەرجەس. تاق-تاق-تاق-تاق، ئىگىزگە چىقىۋاتقاندىكى ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىماقتىمەن، مەن بىر كىچىك قۇشتەك تاغ چوققىسىغا ئۇچۇپ چىقتىم، بۇلۇتقا مىندىم، كۇڭتۇڭ تېغىنى ئايلىنىپ ئۇچتۇم، ئۇچتۇم، يەنە ئۇچتۇم. يەنىلا سىزگە قىيالمىدىم، سۆيۈملىگىم.
سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن.   

تۈگىدى





   
   


  




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-19 15:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-18 13:23:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان ئىشلارمۇ ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن.

ۋاقتى: 2015-9-18 19:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىل ئەمەس مېنى بىر ئارمان قېرىتتى،
بېشىمغا چۈشكەن بۇ ھىجران قېرىتتى.
ھالىمدىن رەنجىسەم بەزلىدى ئۈمۈد،
ئۆزىنى تۇتقۇزماي جانان قېرىتتى...

-قاسىم سىدىق

ۋاقتى: 2015-10-14 12:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ھېكايىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، تەرجىمىمۇ قالتىس چىقىپتۇ. ئىپادە قىلىش ئۇسۇلى دېگەن باشقا بىر ھۈنەركەن دېسە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش