شاڭخەي يازغۇچىلىرى شىنجاڭدا ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدى
شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى ما ۋېنيۈن ئۆمەك باشلىقلىغىدىكى «شاڭخەي يازغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئالتاي، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئون كۈن داۋاملىشىپ، بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان «شاڭخەي يازغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» ــ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۆت يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئەدەبىى ئالماشتۇرۇش، ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت، شاڭخەيدە ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان شىنجاڭلىق كۇرسانتلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلار شاڭخەيدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوتتۇرا ياش، ياش يازغۇچىلار ۋە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن بولۇپ 14 كىشىدىن تەركىپ تاپتى.
ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتقان يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پۈتۈن خىراجەتنى ئۆزلىرى چىقىرىپ ، جەمى 56 نەپەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ تەربىيەلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. «شاڭخەي ئەدەبىياتى»، «شاڭخەي شائىرلىرى» ژۇرناللىرى مەخسۇس سان ئاجىرتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇردى. شاڭخەيدە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مۇھەببەت يېنىڭىزدا»،«بايىن ئامىننىڭ باھارى» ناملىق ئىككى كىتاپنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. غەيرەت ئاسىم، لى جۈەن قاتارلىق ئىككى شىنجاڭلىق يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. 2015-يىلى يەنە «شىنجاڭ شىئېرىيىتى مەملىكەت سەپىرى»نىڭ شاڭخەيدىكى دىكلاماتسىيە پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرلىشىغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالاھىدە زور دەرىجىدە قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ھەم تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىدى.
بۇ قېتىم شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى ما ۋېنيۈن ئۆمەك باشلىقلىغىدىكى «شاڭخەي يازغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى»نىڭ شىنجاڭدە ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللىشى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى» تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۆزئارا سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇشلار جەريانلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈچلۈك ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى.