ئاقىبەت
(نەۋائىي غەزىلىگە مۇخەممەس )
مەمتىمىن تۇرسۇن
دەفتەرى ئىشقىمغا تۈشتى لەۋزى فەرمان ئاقىبەت ،
قەترە -قەترە تۆكتى ياشىن دىلدا ئەرمان ئاقىبەت ،
خۇرشىدى ئەنۋارىنى كۆرسەتتى ئەسمان ئاقىبەت ،
ياشۇرۇن دەردىمنى زاھىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت ،
ئاسراغان سىرىمنى يايدى سەيلى مۇژگان ئاقىبەت .
دەم-بەدەم ۋەيران سالىب ئول ئاغزى ئىچرە لەئلى تاش ،
خەنجەرى قاش ئاللىدا ھەم بوسەئى يەر غەمدە باش ،
چۆرگەلىب لەبلەرى ئەترافى ئىتى ئەتسە تالاش ،
ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى ۋەھكى قىلدى فاش ،
ھەر تەرەف كۆزدىن تەرەششۇف ئەيلەگەن قان ئاقىبەت .
ئۈليۇرەلمەس دەردىگە تەن ، تەندە جان مىڭ ۋاھىكىم ،
كۆزلەرىم گىريانى سەلدۇر ئول فەلەك گۇۋاھىكىم ،
نە ئىمىش ئىشقى كويىدا يۈرگەنىم گۇناھىكىم ،
تىغى ھەجرىدىن نىھان كۆكسۈم شىكافىن ئاھىكىم ،
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت .
ھەر نەفەس غەۋغاسىدىن چەككەي كۆڭۈلكىم رەنجۇ زەخم ،
ئەيلەمەس سەرگەشتە ھالىمغە پەرىشان زۇلفى رەھم ،
قالغۇسى شۆئلەسىدىن ھىجران تۈنى ، جانىمغا ۋەھم ،
ۋايىكىم كۆكسۈم شىكافىن ئۇلۇسقە بولدى فەھم ،
ئىشق ئوتى باغرىمغا قۇيغان داغى پىنھان ئاقىبەت .
بىر سەنەمكىن تەلمەرۈپ كۆزلەرى ئارزۇمەند ئىدىم ،
ساچىلىب ئاياغىغە رەھمەتى بەھرىمەند ئىدىم ،
يوللەرىم ئۈرگەن ئىتىغە ھەمكى نافىسەند ئىدىم ،
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن بىدادىغا خۇرسەند ئىدىم ،
ۋەھكى بولدۇم ھەجرىدىن رەسۋايى دەۋران ئاقىبەت .
ئاھىكىم ، لەبلەرى بەشەر جىنسىدە نۇكتە گىرىھ ،
مەششاتە ئالەمۇ دەۋران ھۆسنى ھەرفىگە كەرىھ ،
تاپقامەن قايدىن ئۆلۈمنى تۇرسە نۇشخەندە مەسىھ ،
گەر بۇدۇر كافىر كۆزى ، زۇننارى زۇلفى ، ئى فەقىھ ،
بولغۇدەكمەن دەھر ئارا مەستۇ فەرىشان ئاقىبەت .
يىغلاسام سىينەم خەرەش ئىشقىدا ، شادى ئەيلەدى ،
ئاللى زۇننارى بويۇمدىن جان فاسادى ئەيلەدى ،
بالۇپەر قىلدى تۈنۈمدىن ئەنۋار ئازادى ئەيلەدى ،
ئىشق كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى ،
ھەجر تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئۇريان ئاقىبەت .
ئەھلى خىرەد مەلاھەددىن قىلچە نالە كۆرمەدۇك ،
پىرى مۇغان بادە ئىچرە قەترە ژالە كۆرمەدۇك ،
بىسەروسامان جاھان مەنسۇرى ھالە كۆرمەدۇك ،
دەھر بوستانى ئارا سەركەش نىھالە كۆرمەدۇك ،
سايە يەڭلىغ بولماغان يەر بىلە ياكسان ئاقىبەت .
ۋەفا ئەتمىشمۇ جەھان ئاخىر ئۆلەرسەن ۋەسلىدىن ،
تەۋھىدى ئەترافىدا يوقنى بۆلەرسەن ۋەسلىدىن ،
ۋادىسى ھەيراتىدا ۋەيران كۈلەرسەن ۋەسلىدىن ،
ئى نەۋائىي دەۋلەتى باقى تىلەرسەن ۋەسلىدىن ،
كەسىب ئەتمەك فەنا بولماي نى ئىمكان ئاقىبەت .
|