كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 6

ئەنۋەرجۇلا(ت): چېڭ نەن ـــــ قوشنا (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                قوشنا

                                                               (ھېكايە)


                                                              چېڭ نەن

                                                                     1

  ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىرىنچى قەۋەت، ئىككىنچى قەۋەت...يېتىپ كەلدىم، ئاچقۇچنى چىقىرىپ قۇلۇپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدۈم، تولغىدىم، چارىسسىدە...ئۇ ئىشىك مانا مۇشۇنداق ئىتتىكلا ئېچىلىپ كەتتى. مەن ئۆيگە ئەمدىلا كىرىشىمگە، بىرسى مېنى قاتتىق ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى، مەن ئۆيۈمگە كىرىۋالغان ناتۇنۇش بىرسى مېنى قورقۇتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپتىمەن. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىنمۇ كاللام گاراڭلىقتىن ئوڭشالمىدى. بۇ ئىشنى كۆرۈڭ، مەن 201-نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئاچقۇچىدا 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىشىكىنى  ئېچىپتىمەن ئەمەسمۇ.
2
  بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەن كارىۋىتىمدا تۈپ-تۈز يېتىپ، بۇ خىل تېنچ يېتىش ھالىتى بىلەن روھى جىددىچىلىكىمنى پەسەيتتىم. ئارىلىقتا تازىلىق ئۆيۈمگە كىرىپ يۈزۈمنى يۇيدۇم، QQ رىمدىكى نەچچە ئون پاراڭدىشىمغا«مەن ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچى بىلەن بىنادىكى باشقا بىرەيلەننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ سالدىم» دەپ ئۇچۇر يوللىدىم. ئاندىن يەنە كارىۋىتىمغا چىقىپ يېتىپ، ئۇ ئاچقۇچنى چىقاردىم-دە، ئۇ ۋە تورۇسقا ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتىم.
  چۈشتە، QQرىمغا ئارقا- ئارقىدىن بىر مۇنچە ئۇچۇر قايتتى. «قىزچاق يېقىندىن بۇيان قولىڭىز قىسقا بولۇپ قالدىمۇ» دەپ يېزىپتۇ بىرسى، «بىنادا چوقۇم كېلىشكەن يىگىتتىن بىرسى باركەن» دەپتۇ يەنە بىرسى؛ « يېزىۋېرىپ كاللىڭىزدىن كېتىپ قاپسىز» دەپ يېزىپتۇ يەنە بىرسى. ھىم، بۇ پەرەزلەرنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس ئىدى ، قولۇم قىسقا بولۇپ قالغان ئىشمۇ يوق ئىدى، ھەر قايسى چوڭ بانكىلاردا مىڭلاپ- ئونمىڭلاپ قويغان پۇلۇم بار ئىدى؛ ئۇندىن باشقا 301-نومۇرلۇق ئۆيدىكى كىشىنىڭ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئەمەس ئىدى، مەن تېخى ئۇنى ھازىر ئايالمىكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتىمەن؛ يېزىۋېرىپ ئېلىشىپ قېلىشقا كەلسەك، ھازىر مەندە بىرەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىدى، كاللام ئىزچىل سەگەك ، ھەر بىر پارچە قەلەم ھەققىمنى ئېزىپ كەتمەي ھېساپلاپ بۇ بويتاقلار بىناسىدا ئۆزۈمگە پۇختا بولۇپ ياشاۋاتىمەن.
  بۇ شەھەردىكى نۇرغۇن ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ۋاختىم كۆپ . لېكىن ۋاقتىمنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىك بىنانىڭ ئىچىدە ئۆتىدۇ، كونكىرىت ئېيتسام، ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە يوغان بىر كارىۋات بار، يەپ-ئىچىش، ئويۇن- تاماشايىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە پۇل تېپىشمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە. كوررېكتىرلىق قىلىمەن، ھەر يېرىم ئايدا بىر ژورنال ئۈچۈن خەت سېلىشتۇرۇپ بېرىمەن، ئاندىن ئۇنى يىمېيئېر ئارقىلىق يوللاپ بېرىمەن، قارشى تەرەپمۇ تور بانكىسى ئارقىلىق ماڭا ئىش ھەققىمنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ يۈز كۆرۈشۈشىمىز ھاجەتسىز، ھەممە ئىش تور ئارقىلىق         بېجىرىلىدۇ.         ئۇندىن باشقا مەن بىر قىسىم رومانلارنى يېزىپ ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلدىم، ئۇلار ئەسىرىمنىڭ چېكىلىشىگە قاراپ قەلەم ھەققى بېرىدۇ. يەنە شۇ تور، ئويغاقلا بولسام ۋاختىم ئاساسەن تور ئارىلاش بىلەنلا ئۆتىدۇ، تور ئارقىلىق خەۋەرلەرنى ئوقۇيمەن، تور ئارقىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىمەن، تور ئارقىلىق ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىمەن، ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشاللىق ۋە ئازاپ ھەر ئىككىسى بار، بەزىدە ئۇلارغا بىر نەچچە ئېغىز تەسەللى بېرىمەن، بەزىدە ئۇنى رومانىمغا يازىمەن. مەسىلەن، بىر ناتونۇش كىشى         ماڭا ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ 10 يېشىدا ئانىسىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن 20 يېشىدا قىز دوستىدىن مەھرۇم قاپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى خىل مەھرۇم قېلىشنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى، ئالدىنقىسىنى ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ مەنىسىزلىكى دېسەك ، كېيىنكىسىنى «ئۆزى كەلگەن يارەي، ئۆزى كەتكەن يارەي» دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كەچۈرمىشىنى 3 كېچە سۆزلىدى، مەنمۇ 3 قېتىم ياش تۆكتۈم، ID ئادرېسى بېيجىڭنى كۆرسىتىپ تۇرغان بۇ ئەر ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدىكى، ئۇلار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايال ئىكەن، مەن كومپيوتېرنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۇنىڭغا بىر- ئىككى ئېغىز تەسەللىمۇ بەردىم. كېيىن مەن 3 قېتىم ياش تۆكۈپ ئۆزۈمنى بوشىتىشتىن كېيىن قاتتىق ئىلھاملىنىپ، 200 مىڭ خەتلىك روماندىن بىرنى يېزىپ چىقتىم، ئاندىن كېيىن مەن رومانىمدىكى باش قەھرىماننىڭ پىروتوتىپى، ئەشۇ ئەرنىڭ «ھاياتىدىكى 3- ئايال»غا ئايلىنىپ قالدىم.
ھازىر، بېيجىڭلىق ئۇ ئەر توردىشىم ماڭا ئۇ ئاچقۇچ توغرىلىق سۆزلەپ قالدى.
-سەنئېر(ئۈچىنچى دېمەكچى)، «ئىشىكنى خاتا ئېچىپ قويۇش» كىچىك ئىش ئەمەس جۇمۇ،- دېدى ئۇ. ئۇ مېنى ئۈچىنچى دەپ چاقىرىشنى ياختۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق ئاتىشىغا پەرۋا قىلمىدىم، چۈنكى، بىر ئەرنىڭ قەلبىدە 3- ئورۇننى ئىگەللەشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بېيجىڭلىق ئەر توردىشىم بەك مۇڭداشقاق ئىدى، گەرچە بىز ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ باقمىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بېيجىڭ تەلەپپۇزىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا كونا بېيجىڭلىققا ئوخشاش مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ يەكۈن چىقىرىشقا ماھىر ئالاھىدىلىك بار ئىدى. ئەگەر «ئىشىكنى خاتا ئېچىپ قېلىش» ۋەقەسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقان بولسا «يەنجاۋمېن ۋەقەسى»(باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، توردا يېيىۋېتىشنى كۆرسۈتىدۇ، شياڭگاڭلىق داڭلىق ئەر ئارتىست چېن گۇەنشى بىلەن جاڭ بوجىنىڭ جىنسىي سەتچىلىكى توردا يېيىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ ۋەقە يەنجاۋمېن ۋەقەسى دەپ ئاتىلىپ، مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئومۇملاشقان نامىغا ئايلانغان- ئاپتوردىن) گە ئايلىنىپ كېتەتتىكەن،- دېدى ئۇ. ئارقىدىن ئۇ تەھلىل ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشنى باشلاپ، ئۇ ئىككى خىل ئىشنى بىر-بىرىگە باغلاپ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن مېنى ئاگاھلاندۇردى:
- سەنئېر، سىز 301- نومۇرلۇق ئىشىكنى ئاچالىغان بولسىڭىز، 301- نومۇرلۇق ئاچقۇچمۇ سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى ئاچالايدۇ، ئىشىكىڭلارنىڭ قۇلپىسىنىڭ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۇ ئاچقۇچ ھەممىباپ ئاچقۇچ بولىشىمۇ مۈمكىن، سىز ھەتتا 401-، 501-نومۇرلۇق ئىشىكنىمۇ ئاچالىشىڭىز مۈمكىن...
بېيجىڭلىق ئەر توردىشىمنىڭ گېپىدىن ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئەلۋەتتە، مەن 401-، 501- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ يۈرمەيمەن، مەن پەقەت شۇ كۈندىكى ئىشتىن خاتىرەمدە مەسىلە كۆرۈلگەنمىدۇ ياكى كۆزۈمدىن مەسىلە كۆرۈلگەنمىدۇ؟ دەپ گۇمانلاندىم. ھەتتا مەن ئۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگىمۇ گۇمان قىلىۋاتىمەن، بەلكى، كاللام راستىنلا ئېلىشىپ قالغاندۇ.
بۇ گۇمانلار مېنى نۇرغۇن ئازاپلىدى، بۇ ئازاپلار مېنى دەلىللەشكە قىستايتتى. ئۇ ئىش بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن يەنە ئۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە مەن نېرۋامنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىنى رۆشەن دەرىجىدە ھىس قىلغان ئىدىم، بىر تال ئاچقۇچ كەلتۈرۈپ چىقارغان گاراڭلىقىمغا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ قېتىم مەن ئىشىك نومۇرىغا ئەستايىدىل قارىدىم، چاتاق يوق، 301. مەن 301- نومۇرلۇق ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردۇم.
   ئۈستىگە چىققان بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە، ئىككى خىل ئېھتىماللىقنى ئويلىدىم. بىرىنچى خىلى، باشتىكىگە ئوخشاش ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان بولىۋېلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭلا ھەيران قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش. ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ يالغاندىن ئىشىك نومۇرىغا قارايمەن، ئاندىن «ئاپلا، 301-نومۇرلۇق ئۆيكەنغۇ بۇ، مەن قانداقلارچە سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى ئېچىپ سالدىم» دەيمەن. ئاندىن 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىگىسى بىلەن غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆي مۈلۈكچىلىك شېركىتى بىلەن خوجۇلۇق بۆلۈمىدىكىلەرنى تېپىپ ئۇلارنىڭ بىخەستەلىكى ئۈچۈن ھېساپلىشىمەن. ئىككىنچى خىلى، ھېچقانداق ساختىلىق ئىشلەتمەي ۋە قىلچە قورقمىغان ھالدا ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن، ھەيران قالغىنىدىن داڭ قېتىپ قالغان قارشى تەرەپكە ئاچقۇچنى بەرگەچ دەيمەن:« قارىمامسىز، بىر ھەپتە بۇرۇن مەن ئاچقۇچۇم بىلەن ئۇقۇشماستىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويدۇم، بۇ ئىشتىن بەك تەڭلىكتە قالدىم، توپ-توغرا بىر ھەپتە، مەن ئېلىشىپ قالاي دېدىم، بىراق سىز غېمىڭىزدە يوق ياشاۋېتىپسىز، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
  بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئەلۋەتتە، ماڭا بۇنداق دەپ سورايدىغان پۇرسەت نېسىپ بولمىدى. چۈنكى 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت ئىدى، مەن ئۇ گەپنى بىر تال تېنچلاندۇرۇش دورىسىنى يىگەندەك ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم، ئىككى خىل پىلانىم سۇغا چىلاشتى، شۇ چاغدىلا 301- نومۇرلۇق ئۆيدىكى تۇرمۇشنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىگى ئېسىمگە كەلدى، چۈنكى پۈتۈن كۈندۈزدە ئۇ ئۆينىڭ ئىچى تېپ-تېنچ ئۆتتى، پەقەت كەچلىك تاماق ۋاختىسىدىلا ئاندىن ئاياق تىۋىشى ۋە پولنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى كەلدى.
مەن ئۆينىڭ سىرتىغا دەرھاللا چىقىپ كەتمىدىم، چۈنكى شۇئان تەن بەرمىدىم، قورسىقىمغا يىغىلىپ قالغان گەپنى دەۋەتمىسەم بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىشىكنىڭ 2-3 قەدەم نېرىسىدا تۇرۇپ ئوغۇرلۇقچە قارىدىم. بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ھېچ يامىنى يوق ئىدى.
بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، مەنمۇ بىر جۈپ كۆز ماڭا ئوغۇرلۇقچە قاراۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. بۇرۇلدۇم، ھەقىقەتەن، رەڭسىز ھالەتتىكى بىر جۈپ يوغان كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ تامدىكى رەسىمدىن كېلىۋاتاتتى، بەلكى بىر ئېلاندەك قىلاتتى. فەن بىڭبىڭ؟ لى بىڭبىڭ؟ جوۋ شۈن؟ جاۋ ۋېي؟ ھەممىسىگە ئوخشايتتى ھەم ئوخشىمايتتى. يوغان كۆز ماڭا تىكىلىپ قارىغىنىچە كۈلۈمسىرەيتتى. يا چوڭقۇر ئەمەس، يا تېيىز ئەمەس، يا قىزغىن ئەمەس، يا سوغۇق ئەمەس، بىر ئاز ياسالما ھالەتتە يېتىرقىغاندەك قارايتتى. رەسىم خېلى ئېگىز ئېسىلغان ئىدى، شۇڭا ئۇ كۆز ماڭا يۇقۇرىدىن پەسكە قاراۋاتقاندەك كۆرۈندى.
  مەن ئۆي ئىچىگە ناھىيىتى تېزلىكتە بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقتىم، ئاندىن ئۇ كۆزنىڭ ئۇزۇتۇپ قويۇشى بىلەن ئىشىك سىرتىغا يېنىپ چىقتىم.
  بۇ ئىشنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى گاراڭلىقىمغا ھېچقانداق ياردىمى بولمىدى. ئەكسىچە، گاراڭلىقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.  يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ ئۇ بىر جۈپ كۆزنى ئېسىمگە ئالدىم، ئۇ مېنىڭ باش ئۈستۈمدىكى ئورۇندا كۈلۈمسىرىگەن بىلەن كۈلۈمسىرىمىگەننىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قاراۋاتاتتى. ئاندىن مەن بەدىنىمنىڭ يۆتكىلىشىگە بويسۇنۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىردىم، ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، تاماق ئەتتىم، ھەتتا ھاجەت قىلىشقا ئولتۇرغىنىمدىمۇ ئۇ بىر جۈپ كۆز ھامان كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.
  ئەتىسى مەن QQ رىمغا يەنە «مەن يەنە بىر قېتىم 301- نومۇرلۇق ئۆيگە كىردىم» دەپ توپ ئۇچۇر يوللىدىم.
  بۇ قېتىم ئۇچۇرۇمغا قايتقان ئىنكاسلار قايىل قىلارلىق ئىدى، بىرسى دەپتۇ: «201، 301، سىز 2 بىلەن 3 نى پەرق ئېتەلمىگەن بولسىڭىز چوقۇم ئېلىشىپ قاپسىز». يەنە بىرسى دەپتۇ:« قىزچاق سىز يا ئۇ قۇلۇپنى قۇلۇپ رېمۇنت قىلىش ئورنىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭ يا ئۆزىڭىزنىڭ كاللىسىنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ». بېيجىڭلىق ئەرمۇ دەل ۋاختىدا جاۋاپ قايتۇردى، ئۇنىڭ يازغان خېتى خېلى كۆپ بولۇپ، مىڭ خەتلىك ماقالىدەك كېلەتتى. ئۇ ئاۋال سۇئال سوراپتۇ: نىمىشقا يەنە 301-نومۇرلۇق ئۆيگە كىرىسىز؟ ئارقىدىن ئۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا تولۇق دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ يەكۈن چىقىرىپتۇ. «سىز ئۇزۇن مۇددەت 2- قەۋەتتە ئولتۇرغاچقا ئۇ يەردىن زېرىكىپسىز، بۇ مېڭىڭىزنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ». ئاندىن ئۇ 500 خەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يېزىپ شۇنداق خۇلاسە چىقىرىپتۇ:« كۆچۈڭ، 1- قەۋەتكە كۆچۈپ چۈشۈڭ».

3
  مەن 1- قەۋەتكە كۆچۈپ چۈشمىدىم، ھەتتا ئۆيدىن بوسۇغا ئاتلاپ چىقىپمۇ باقمىدىم. بۇ بىر ھەپتە مەن ئاساسەن ھېچ ئىش قىلمىدىم، ئەسەرمۇ يازمىدىم، كۆپۈنچە ۋاقىتنى خاتىرە كومپيۇتېرىمنى يېنىمغا قويۇپ يېتىش بىلەن ئۆتكۈزىۋەتتىم. مەن 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ھالىتىنى دىققىتىمنى يىغىپ تەسەۋۋۇر قىلىۋېدىم، ئۇ بىر جۈپ كۆز تورۇستىن ھالقىپ ئۆتۈپ ماڭا تىكىلىپ قاراشقا باشلىدى، مەنمۇ باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ بىلەن ناھىيىتى ئۇزاق تىكىلىپ قاراشتۇق. قاراۋېرىپ ھارغان ۋاختىمدا دىققىتىم كومپيۇتېرغا ئاغدۇرۇلدى،  QQرىمدىكى ئادەم باشلىرى مىدىرلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئىككى تەھرىر بۆلۈمىدىن ناھىيىتى قىزغىن ھالدا ئەسەر سۈيلىگەن ئۇچۇر كەپتۇ: «چىن، ماقالە ئەۋەتىڭ جۇمۇ، چىن، غەيرەت قىلىڭ-ھە.» يەنە بىر ئادەم بېشىنى چەكسەم مەن دائىم كىرىدىغان بىر تور دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى:« چىن، نەرسىنى تاپشۇرىۋالغانسىز، ياخشى باھا بېرىپ قويارسىز» دەپ يېزىپتۇ.
  بېيجىڭلىق ئەر توردىشىممۇ مېنى چىن(سۆيۈملىكىم، سۆيۈش دېگەن كۆچمە مەنىدە) دەپ ئاتاپتۇ، ئەمما ئۇ بەكلا يۈرەكلىك ھالدا « سەنئېر، كېلىڭ، چىن،چىن،چىن،چىن» دەپ بىراقلا تۆت قېتىم يېزىۋېتىپتۇ. بۇ بىزنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئورۇندايدىغان رەسمىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ شۇنداق دېدى: «سەنئېر، بۇ مېنىڭ ئېكران ئارقىلىق تۇنجى قېتىم سىزنى سۆيۈشۈم». ئۇ ئېكران ئارقىلىق تۇنجى سۆيۈشىنى تېخىمۇ كونكىرىتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ماڭا بىر مۇزىكىلىق كىچىك ئېيىقنى ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇنى بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ئەتىگەنلىكى تاپشۇرۇپ ئالدىم، كىچىك ئېيىق قوڭۇر رەڭلىك ئىدى، ئۇنىڭ بوينىغا گويا راستتەك كۆرىنىدىغان بىر ھالرەڭ بانتىك چىگىپ قويۇلغان بولۇپ بەكمۇ ئوماق ئىدى، ساغرىسىنى سىلىسام ئاۋاز چىقاردى:« سەنئېر، كېلىڭ، سۆيۈڭ،سۆيۈڭ، بىرنى سۆيۈپ قويۇڭچۇ». ئاۋازنى بېيجىڭلىق ئەر ئۈنگە ئېلىپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ساپ بېيجىڭ تەلەپپۇزدا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ساددىلىق، خىيالپەرەسلىك، ئاستانىقلارچە پۇراق چىقىپ تۇراتتى، بۇ پەقەت زىجىڭچېڭ ۋە تيەنئەنمېندەك ئەنئەنىۋى شەھەرگىلا ماسلىشىدىغان تەلەپپۇز ئىدى.
  ئۇ كۈنى قۇياش نۇرى ناھىيىتى كۈچلۈك ئىدى، كۆزنى چاقايتىپ ئاچقىلى قويمايتتى، مەن ناھىيىتى خۇشال ھالدا كۆز نۇرۇم بىلەن پوچتىكەشنىڭ ۋېلسىپىت مىنگەن ھالىتىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، كىچىك ئېيىقنى قۇچاقلىغىنىمچە ئۈستىگە چىقتىم. مەن ئەمدىلا پەلەمپەيگە چىقىشىمغا ئۇ بىر جۈپ كۆز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، كۆزنىڭ ئىگىسى پوپايكىنىڭ ئىچىگە ئورىنىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئورنى مەندىن ئېگىز بولغاچقا پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىن بىر باسقۇچ- بىر باسقۇچ پەسكە چۈشىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ بىر جۈپ كۆزدىن رەسىمدىكىگە ئوخشاش ئېگىزدىن پەسكە قاراۋاتقاندەك ھالەت چىقىپ تۇراتتى. ئۇ يېنىمدىن ئۆتكەندە كىچىك ئېيىققا شۇنداقلا قارىدى-دە، ئاغزى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلاپ كەتتى. تەڭرىم! جەزم قىلالايمەنكى، ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ كىچىككىنە مىدىرلىشى گەرچە قۇچىقىمدىكى مۈشۈك ئېيىقنىڭ سەۋەبىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن پاك بولغان بىر كۈلۈمسىرەش ئىدى.
  مەن ئۆيۈمگە كىرمىدىم، ئەكسىچە كىچىك ئېيىقنى قۇچاقلىغىنىمچە ئۇدۇللا 301- نومۇرلۇق ئۆيگە كىردىم، بۇ قېتىم مەن ھېچقانداق ئويلانمايلا ئۇ ئىشىكنى ئاچتىم. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار پىششىق ئويلىنىشتىن ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ، پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئۈسۈپ كىرىشتىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، شۇڭا خەنزۇ تىلىدا «ھاياجانلىنىش» دېگەن بىر سۆز بار. ھازىر مەن ھاياجانلىنىشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتاتتىم، يۈرىكىم ھەر قانداق چاغدىكىدىن دەھشەت سوقىۋاتاتتى، قان ئايلىنىشىم بەك تېزلىشىپ كەتكەچكە ئالقىنىممۇ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىگىسى چوقۇم ئىشقا ماڭغان ئىدى، شىمال تەرەپتىكى دەرىزىدىن ئۇنىڭ كېتىۋاتقان قارىسى تېخى يىتمىگەن ئىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ تالاي قېتىم ئىشقا ماڭغان ئادەتتىكى بىر كۈنى ئىدى: ئىشىكتىن چىقىدۇ، ئاپتۇبۇس ساقلايدۇ، ئاندىن قىستا- قىستاڭ ئاپتۇبۇس ئىچىدە ناشتىلىق يەيدۇ، ئۇ بىر تۇخۇم تۈرمىلى ياكى چايغا چىلانغان تۇخۇم بولىشى مۈمكىن، نىمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭدىن بەختكە تولغان ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇرىدۇ.
  نېمىدېگەن ئەمىلىي تۇرمۇش-ھە! ئۆزۈمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆزۈمگە ياش كەلدى، مەن ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئەشۇ چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالدىم، ھەر كۈنى سەھەردە يۈگۈرەيتتىم، ناشتىلىق سېتىۋالاتتىم، ئاپتۇبۇسقا قىستىلىپ چىقىپ، مىققىدە قىستاڭچىلىقتا تۇخۇم تۈرمىلىنى ئاچاتتىم، ياپىلاق دوخۇپكىدا پىژ- پىژ قىلىپ پىشىۋاتقان تۇخۇم بىلەن ياپ-يېشىل مەنزىرە تېخىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، قەلبىم چەكسىز ئۈمىدۋارلىققا تولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلۈك خۇشال تۇرمۇشۇم بىر دانە تۇخۇم تۈرمىلىدىن باشلىناتتى.
  شىمال تەرەپتىكى دەرىزە يېنىدىن ئايرىلىپ ھېلىقى رەسىمگە يەنە قارىدىم، بىردەملىك تەسەۋۋۇردىن كېيىن ئۇ بىر جۈپ كۆزنىڭ خېلى مېھىرلىك قاراۋاتقىنىنى ھىس قىلىپ قالدىم. مەن كىچىك ئېيىقنى قۇچاقلىغىنىم پېتى بىر ئاچ يېشىل رەڭلىك دىۋاننىڭ ئۈستىدە ئولتۇردۇم، مەندە ھەتتا ھېچقانداق قورۇنۇش تۇيغۇسىمۇ بولمىدى، بۇنداق ناتۇنۇش جايدا تېخى خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم، كىچىك ۋاختىمدا ھەمىشە بىر كىچىك دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاپ قالىدىغىنىم ئېسىمگە كەلدى، يېرىم كېچىدە سىيگۈم كېلىپ ئويغىنىپ كەتسەم تىمىسقىلاپ يۈرۈپ سىيىپ بولغاندىن كېيىن يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ يېتىپ تورۇسقا قاراپ قورقۇپ كېتەتتىم، تۆت ئەتراپ ئىنتايىن ناتۇنۇش كۆرىنەتتى، ئىشىك قانىتى، دەرىزە بالداقلىرى، كارىۋات كىرلىكى، پاشىلىق قاتارلىق ھەممە نەرسىدىن بىر خىل ناتۇنۇش پۇراق كېلەتتى، بىراق بۇ خىل ناتۇنۇش پۇراقتىن قورقمايتتىم، چۈنكى يېنىمدا ئۇخلاۋاتقىنى مەن ئەڭ ئامراق كىچىك دوستۇم ئىدى، ئۇنىڭ بىلىنەر- بىلىنمەس تىنغان ئاۋازى ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىنى يېقىملىق قىلىۋېتەتتى. ھازىرمۇ شۇنداق تۇيغۇدا بولىۋاتاتتىم، ئۇ بىر جۈپ كۆزنى كۆرۈشۈم بىلەنلا كىچىك ۋاختىمدىكى ئەشۇ دوستۇمنى ئېسىمگە ئالغان ئىدىم.
  مۇشۇنداق بىر دەم ئولتۇرۇپ چاي ئۈستىلى ئۈستىدىكى بىر ژورنالنى تارتىپ ئالدىم-دە، ئازادە ھالدا ئۇنى ۋاراقلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم. گەرچە ئۇزاقراق ئولتۇرۇش نىيىتىم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئولتۇرۇش ماڭا تولىمۇ خوش يېقىپ كەتتى. تۇيۇقسىز، بەت ئارىلىقىدىن بىر پارچە خەت يەرگە چۈشۈپ كەتتى، مەلۇم بانكىنىڭ ھېساپ سېلىشتۇرۇش تالۇنىدەك قىلاتتى، كونۋېرتتىكى خەت تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئىسمى شياڭ شياۋۋەن ئىدى.
  بۇ ئۇنىڭ ئىسمى ئىدى. ئەلۋەتتە، مەن بۇ مېنىڭ گۇمانىم ۋە پەرىزىم ئەمەس ئىدى، بەلكى مەن ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم. مەن كىچىك ۋاختىمدىكى دوستۇمنى ئېسىمگە ئالدىم، ئۇنىڭ ئىسمى ليۇ مېيخۇڭ ئىدى، يەنە بېيجىڭلىق ئەر توردىشىمنى ئېسىمگە ئالدىم، ئۇنىڭ ئىسمى لى دايۇڭ ئىدى. ھەممىسى ئادەمنىڭ ئىسمى، خەنزۇچە خەت ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىدا ئازراقمۇ شېئىرىي پۇراق يوق ئىدى.
  ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەندە، ئەشۇ چۈشتىن كېيىنكى ئىشنى يەنە ئەسلىدىم، ماڭا بۇ بەخت تولىمۇ تۇيۇقسىز كەلگەندەك تۇيۇلدى. مەن ئاچ يېشىل دىۋاندا مۈگدەپ قالغۇچە ئولتۇردۇم، دىۋاندىن تارقىلىۋاتقان پۇراق ئەسلىمىلىرىمنى كىچىك ۋاختىمغا ئېلىپ كەتتى، ئەشۇ كېچىلەردە مەن ليۇ مېيخۇڭ بىلەن بىللە ئۇخلايتتىم، باشلىرىمىزنى يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالاتتۇق، ئاندىن قولچىراق بىلەن يۈزىمىزنى يورۇتقىنىمىزچە پاراڭلىشاتتۇق. ليۇ مېيخۇڭ دادىسى بىلەن ئانىسى ھەققىدە، ئاۋۇ خوشنا ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ئەر- خوتۇن ئىشچى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلايتتى. ئۇ شۇنداق دەيتتى، ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇ ئۆيدىن غەلىتە ئاۋاز كېلىدۇ، ئۇ ئاۋازنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، خۇشال بولىۋاتامدۇ ياكى يىغلاۋاتامدۇ، بۇنى ئايرىيالمايمەن، مېنىڭ كەيپىياتىممۇ ئاۋازغا قاراپ ئۆزگۈرىدۇ. ليۇ مېيخۇڭ بۇلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى مەن تەرەپكە قاراپ ئۆرىلەتتى، قولچىراق يورۇتۇپ تۇرغان بارماق ئۇچلىرى قىپقىزىل كۆرىنەتتى، ئاندىن ئۇ ئۇزۇن بىر ئۇھ تارتىپ، چوڭ ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەسكەن، دەيتتى.
  بۇ بىر جۈملە گەپنى ئەڭ دەسلەپتە مەن دېگەن ئىدىم، ئاتا- ئانام ئاجرىشىمىز دەپ سوقۇشۇپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش  مەيدانىدىكى تالىشىشقا ئوخشاش مېنى بېقىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، باھانى قارشى تەرەپنى ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغىدەك دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن مەن شۇنى ھىس قىلدىم: ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشى ئەسلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن قىممەتلىك بولغانلىقىمدا ئىكەن، كىشىلەر بىر نەرسە قانچىلىك قىممەتلىك بولسا ئۇنى شۇنچە يالغۇز ئىگەللىۋالغۇسى كەلسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن دادام ئەڭ ئاخىرى ھەل قىلغۇچ تەدبىردىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەت يازايلى. بۇمۇ ئۇنىڭ بارلىق ئاياللارنى بويسۇندۇرىشىدىكى بىر تەدبىرى ئىدى. دادام مەن ئۈچۈن توپ- توغرا 10 بەتلىك خەت يازدى، ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملىسى ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ يىغلىتىۋەتكۈدەك تەسىرلىك ئىدى. خاتىمىسىدە ئۇ مېنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە ئۆتۈشىمگە قوشۇلىشىمنى، مېنى گۈزەل كېلەچەككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئۆتۈنۈپ يېزىپتۇ. مەن دادامنى تاللىدىم. گەرچە ئۇ ئەمىلىيەتچىل ئادەم بولمىسىمۇ، لېكىن ناتىق ئىدى. ئاخىرىدا مەن خەتنىڭ بوش ئورنىغا ئىمزايىمنى قويدۇم ھەمدە مايماق- سايماق قىلىپ بۇ جۈملىنى يېزىپ قويدۇم: سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەن.
  كېيىن، مەن بىلەن دادام ۋە يەنە بىر ناتونۇش ئايال بىر ئائىلىنى قۇردۇق. ئاناممۇ باشقا بىر ناتونۇش ئەر بىلەن بىر ئائىلىنى قۇردى. ئىككى ئائىلىنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، بىرسى بازارنىڭ شەرق تەرىپىدە، يەنە بىرسى بازارنىڭ غەرپ تەرىپىدە ئىدى. مەن ھەمىشە بۇ ئۆيدىن ئۇ ئۆيگە، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە قاترايتتىم، بۇ نامرات ھەم بېكىنمە كەنتتە بىز سۆز- چۆچەكنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدۇق. كىشىلەر بىكار قالسىلا بىزنىڭ غەيۋىتىمىزنى قىلىپ كۈننى كەچ قىلاتتى. كېيىن بۇ ئىككى ئائىلە مېنىڭ كېلىشىمنى ئانچە قارشى ئالمايدىغان بولۇشتى، مەسىلە ئۇ ئىككى كاندىدات ئەزادا ئىدى، دادام بىلەن ئانام ھەر ئىككىسى مېنى چەتكە تارتىپ مېنى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.
  قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ياخشى كۆرۈش. ئۇلاردىن ئىنتايىن نەپرەتلەندىم، ئەشۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئەمەسلىكىمنى، ھەتتا ھېچنېمە ئەمەسلىكىمنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. چۈنكى ئۇلار بىر قېتىم بازاردا ئۇچرىشىپ قالغاندا، ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدا دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرغاندەك، مېنى تاپقىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك بىر ھالەت ئەكس ئەتتى.
  تەڭرىم! ئۇلار مىڭ ئۆچلۈك قىلسىمۇ مېنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىم ئۈچۈن ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى.
  كېيىنكى كۈنلەردە مەن ئىزچىل ليۇ شياۋمېينىڭ كارىۋىتىدا ئۇخلىدىم، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئۆيۈم دەپ بىلدىم. ئەلۋەتتە، ليۇ مېيخۇڭنىڭ ئاتا-ئانىسى مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرمەيتتى، ئۇلار ليۇ مېيخۇڭغا مەن بىلەن دوست بولماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتى، بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇ چاغلار بىزنىڭ لېي فېڭ، لەي نىڭدىن ئۆگىنىۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى، بىز گويا بىر قورساق قېرىنداشتەك ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلاتتۇق، ئىنقىلاۋى سەپداش بولۇپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە تاقابىل تۇراتتۇق. بىز ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپ، يەنە شىرە بىلەن توسۇپ قوياتتۇق، ئاندىن يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ پىچىرلىشىپ مۇڭدىشاتتۇق. سۆزلەپ ھارغاندا، ليۇ مېيخۇڭ ئاشخانىدىن ئىككى موما بىلەن بىرەر تال لوبونى ئېلىپ چىقاتتى، بەزىدە بىرەر تال چىلان ياكى 3-4 تال كەمپىتمۇ ئېلىپ كىرەتتى. بىز يوتقاننىڭ ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ ئۇ نەرسىلەرنى پاك-پاكىزە سوقىۋېتەتتۇق. شۇڭا مەن ھازىرغىچە كارىۋاتنى شەرتسىز ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى بارلىق دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭ ئىللىق ماكانى دەپ قارايمەن.
  مەن 301- نومۇرلۇق ئۆيدىن قايتىپ چىققان ئەشۇ ئەتىگەندىن باشلاپ ليۇ مېيخۇڭنى ئەسلەشكە باشلىدىم. مەن بازاردىكى ئانامغا تېلېفۇن ئېلىپ باشلانغۇچتىكى دوستۇم ليۇ مېيخۇڭ ئېسىڭدە بارمۇ دەپ سورىدىم. ئانام ئەسلەشكە تىرىشىۋاتقاندەك بىر ھازاغىچە گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى، مەن ئانامغا ئۇنىڭ بويىنىڭ مەندىن ئېگىزلىگىنى، كۆزلىرىنىڭ يوغان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن ئانامدىن ئاندىن زۇۋان كەلدى، لېكىن ئۇ مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇسۇل ئويناپ ئالغان ھاسىلاتلىرى توغرىسىدا سۆزلىدى. « قىزىم، سەنمۇ كۆپرەك ئۇسۇل ئويناپ بەرگىن، بۇنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بار، پىگورىڭنى گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېدى ئۇ. ئانام راست ياش ۋاختىسىدا ئۇسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ھوسۇلنىمۇ كۆپ ئالاتتى، ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن ئەرلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى ھەم سۆز- چۆچەكلەرگىمۇ كۆمىلىپ تۇراتتى.
  مەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋېتىپ يەنە بىر قېتىم سورىدىم:
  - ليۇ مېيخۇڭ دېگەن ھېلىقى قىسقا چاچ قىز شۇ، كىچىك ۋاختىمدا ھەمىشە ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇخلايتتىمغۇ......
-سەن تېلېفۇن ئېلىپ مەندىن ئەھۋال سورىماي نېمە ليۇ مېيخۇڭ- نيۇ مېيخۇڭ دەۋېرىسەن، مانا مەن ليۇ مېيخۇڭ، ــــ ئانام تېلېفۇننى قويىۋەتتى.
  مانا بۇ مېنىڭ ئانام، مەڭگۈ چۇسلىقىنى ئۆزگەرتمەيدىغان ئايال. ئۇ ھەممە ئىشتا چۇسلۇق قىلاتتى، تېلېفۇننى قويۇۋېتىشىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
  مەن يەنە دادامغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ليۇ مېيخۇڭنىڭ ئىز- دېرىكىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلدىم، دادام ئانامغا قارىغاندا كۆپ سەۋرلىك ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن سوراپ، بىر تەرەپتىن مېنىڭ سەمىمگە سېلىپ تۇردى:
  - مۇشۇنداق بىر ساۋاقدىشىڭ بولىدىغان راست، كۆزلىرى يوغان-ھە؟ ياق-ياق كۆزلىرى سېنىڭكىدىن يوغان ئەمەستۇ. چاچلىرى ئۇزۇن ئىدى، ئاتنىڭ قۇيرىقىنى چىگىۋالغاندەك چىگىۋالامتى؟ ھە، بىر ئۆرۈملا قىلىپ چىگىۋالاتتى، ئىككى ئۆرۈم قىلىپ چەگمەيتتى-ھە، ئۇنىڭ بويى سەندىن ئېگىزمىتى؟ ئۇنداقتەك قىلمايتتىغۇ.
  مەن دادامنىڭ بۇ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرمىدىم. مېنىڭ خاتىرەم ئۇنىڭ ئۆزى سۇئال سوراپ ئۆزى جاۋاپ بېرىشى بىلەن پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن دادامغا «سۈرۈشتۈرۈپ باق» دەپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتىم.
4
  ئاتا- ئانام بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن بىر نەچچە كېچە ليۇ مېيخۇڭنى چۈشەپ چىقتىم. چۈشۈمنىڭ مەنزىرىسى گويا رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل ئىدى، مەيلى مەن ليۇ مېيخۇڭ بىلەن بىرلىكتە لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئويناي، مەيلى قار ئادەم ياساپ ئويناي قار ئۇچقۇنلىرى بىر خىل رېتىمدا پىلدىرلاپ چۈشەتتى، بىزنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرىمىز بۇلۇت قاتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مەغرۇرانە جاراڭلايتتى. بىراق، بارلىق چۈشلىرىمنىڭ ئاخىرى تولىمۇ غەلىتە ئاخىرلىشاتتى، 301 نىڭ يوغان كۆزلىرى ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ ئويغىنىپ كېتەتتىم. مەن ئىزچىل گۇمانلىنىپ كەلدىم، ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىدى، مەن زادى 301 سەۋەپلىكلا ليۇ مېيخۇڭنى ئەسلەمدىغاندىمەن؟ ياكى ليۇ مېيخۇڭ سەۋەپلىك 301 بىلەن تونۇشىشنى بەكمۇ خالاپ قالدىممۇ؟
  شۇنداق، مەن 301 بىلەن تۇنۇشۇشنى بەكمۇ خالاپ قالدىم.
  مەن ھەر كۈنى سەھەردە ياكى كەچلىرى دېگۈدەك پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلارغا قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ سىرتقا ئوغۇرلۇقچە قارايتتىم، 301 كۆرۈنگەندە مەنمۇ ئىشىكتىن چىقاتتىم ھەمدە ھېچ ئىش يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ «ھاي» ياكى «ياخشىمۇسىز؟» دەپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورايتتىم.
  بىراق مەن بىر قېتىممۇ ئىشىكنى تاقاپ نېرىغا چىقمايتتىم.
  مەن يەتكۈچە چۈشكۈنلەشتىم، ئۆزەمنى كەمسىتكىدەك جاسارىتىم بولمىغاچقا ئۆزۈمنى جازالاش ئۈچۈن چۈشلۈك تاماقنى بايقۇت قىلدىم. ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلايتتىم، لېكىن كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا 301 نىڭ يېشىل دىۋانىدا ياتاتتىم. ئۇ بىر نەچچە كۈندىكى چۈش ۋاختىدا مەن 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم، ئاندىن يېشىل دىۋاندا بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ليۇ مېيخۇڭنىڭ كارىۋىتىدا ياتقاندەك ئىككى پۇتۇمنى تۈگۈۋېلىپ ياتتىم. ليۇ مېيخۇڭ بىلەن ئىككىمىز مۇشۇنداق يېتىشقا ئامراق ئىدۇق، بىر-بىرىمىزگە پۇتىمىزنى ئارتقان ھالدا پىچىرلىشىپ مۇڭدىشاتتۇق. ليۇ مېيخۇڭ بەزىدە كىچىك بۆرە ــــــــ ئۆيىدىكى بىر قانجىق ئىت ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئۇ ئىت ئىزچىل ھامىلدار ۋە كۈچۈكلىگەن ھالەتتىن نېرى بولمايتتى، ئەمچىكى دائىملا كۆپۈپ تۇراتتى. ليۇ مېيخۇڭ سۆزلەپ ھاياجانلىنىپ كەتكەندە تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ شۇنداق دەيتتى:
-        يېقىندىن بۇيان ئەمچىكىم يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ، بەك ئاغرىيدۇ.
  ئۇ كۆڭلىكىنى ئۈستىگە قايرىغاندا ياڭاق چوڭلۇقتىكى ئەمچىكى كۆز ئالدىمدا مىدىرلايتتى. ئاندىن ئۇ مەندىن سېنىڭ ئەمچىكىڭ ئاغرىمدۇ يوق، تەرەققى قىلدىمۇ يوق، دەپ سورايتتى.
  مەن بىلەن ليۇ مېيخۇڭنىڭ چوڭقۇر دوستلىقى ئەشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يىمىرىلمەس ھالەتكە كەلگەن بولسا كېرەك، بىز ئەمچىكىمىزنىڭ تەرەققى قىلىش ئەھۋالىغا ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىشەتتۇق ۋە كۈزۈتۈپ تۇراتتۇق. بىز خۇددى كۆچەت تىككەندىن كېيىن كۆچەتنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى كۈزەتكەنگە ئوخشاش يوتقانغا كىرىۋېلىپ بىر-بىرىمىزگە سېپ سالغىنىمىزچە پىخىلداپ كۈلىشەتتۇق.
  ھازىر مەن تامدىكى رەسىمگە قارىغىنىمچە قولۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتىۋېلىپ ئەشۇنداق پىخىلداپ كۈلدۈم، ئاغزىمدىن چىققان ئىسسىق ھور ئالقىنىمنى تەرلىتىۋەتتى، كۈلكە ئاۋازىم خۇددى دېڭىز بۇژغۇنلىرى قىرغاققا ئۇرۇلغاندەك چىقاتتى، مەن كۈلىۋېرىپ ئېڭىشىپ قالدىم، تا كۆزۈمدىن ياش چىققۇچە كۈلدۈم. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تۈز ئولتۇرۇپ ئۇ رەسىمگە قاراپ دېدىم: ياخشىمۇسىز شياڭ خېنىم، سىز بىلەن شۇنداق دوست بولغۇم بار.  كېيىن مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم، ئاۋازىم پۈتۈپ قالغاندەك ھىس قىلدىم، چۈنكى مەن يەنە قۇتۇلدۇرىۋالغۇسىز ھالدا ليۇ مېيخۇڭنى ئەسلەشكە باشلىغان ئىدىم.
5
  مەن 301 بىلەن دوستلىشىش ئارزۇيىمنى بۇرۇنقىدەكلا تورداشلىرىمغا ئېيتىۋېدىم، يەنە بۇرۇنقىدەكلا مەسخىرىلىك جاۋاپلارغا ئېرىشتىم. بولۇپمۇ بېيجىڭلىق ئەر توردىشىم QQنىڭ خەت ئۇستىخىنىنى ئەڭ يوغان قارا خەتكە تەڭشەپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى:« سىز بىر تال چىش پاستىسى ياكى ھاجەتخانا ئولتۇرغۇسى بىلەن دوست بولالىشىڭىز مۈمكىن، 301 بىلەن ھەرگىزمۇ دوست بولالمايسىز. بېيجىڭلىق ئەرنىڭ قارىشىچە، بىز كەبى ھازىرقى ياشلار ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز دوست بولغاندىن باشقا پەقەت نەرسىلەر بىلەنلا دوست بولالايدىكەنمىز. مەن ئۇنىڭ گېپىگە رەددىيە بەردىم:
-        ئۇنداق بولسا ئىككىمىزچۇ؟
-        بۇ دېگەن تور!!- دەپ جاۋاپ قايتۇردى ئۇ دەرھاللا.
  مەن 301 بىلەن دوست بولالايدىغىنىمغا، خۇددى ليۇ مېيخۇڭدەك يېقىن دوست بولالايدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. مەن ئۆز قارىشىمدا چىڭ تۇردۇم، خۇددى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاشۇ كىچىك بازاردىن چىقىپ كېتىش ئىرادىسىگە كەلگەندەك. دادام ماڭا نەچچە قېتىم 10 بەتلىك خەت يېزىپ ماڭا قىيمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ يەنە قانداق قىلالىدى؟ ئۇ مېنىڭ خاتا تۆرىلىپ قالغىنىمنى، مېنىڭ مەۋجۇتلىقىم ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى،شۇ سەۋەپلىك ئۆتمۈشىدىكى خاتالىقىنى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. خاتالىقنى تۈزىتىش؟ مەن ئاتا- ئانامدىن سەسكەندەك بۇ ئىككى سۆزدىن سەسكەندىم. مانا ھازىر مەن 301- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرغىنىمچە ئويۇن ئورنىدىكى بۇ نىكاھنىڭ ماڭا قانچىلىك  زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەكتىمەن. ئەشۇ كۈنى مەن يېشىل دىۋاندا ياتقىنىمچە ئۆتكەن 20 يىللىق ھاياتىمنى يەنە بىر قېتىم بىر-بىرلەپ ئەسلەپ چىقتىم، ئەشۇ مېڭە فۇنكىتسىيىسى ئىچىدىكى «ئەسلەش» دەپ ئاتىلىدىغان بوشلۇقتا مەن ليۇ مېيخۇڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئادەمنى قاچۇرىۋەتمەي ئەسلىدىم.
  دادامنىڭ تېلېفۇنى دەل ئەشۇ چاغدا سايرىدى، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ئاۋازى تىترىگەن ھالدا ليۇ مېيخۇڭنىڭ دېرىكىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇنىڭ كېيىنكى دېگەنلىرى يەنىلا نېرۋامنى ئۆرلەتتى، ئۇ يەنىلا ئۆتكەن قېتىمقىدەك ئۆزى سۇئال سوراپ، ئۆزى جاۋاپ بېرىپ ئۇزۇن ۋالاقلىدى، مەسىلەن، ليۇ مېيخۇڭ سەندىن ئېگىزمۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغانمۇ؟ نىمىشقا ئالاقىلاشمىدىڭلار؟
  مەن دادامنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتىم:
-        سەن زادى ليۇ مېيخۇڭنىڭ خەۋىرىنى ئالالىدىڭمۇ يوق؟
  دادام بۇ چاغدىلا جىمىدى، ئارقىدىن قەلەم ئېلىپ خاتىرىلىۋال، دەپ ئېھتىيات بىلەن 5 تېلېفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە تېلېفۇن ئېلىپ سىناپ بېقىشىمنى ئېيتتى، بۇ نومۇرلارنى ئۇنىڭ ئىلگىرى خوشنىلىرى تەمىنلىگەن بولۇپ، ليۇ مېيخۇڭلار خېلى بۇرۇنلا كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن.
  دادام بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم ھەمدە قىياپىتىمنى رۇسلاپ بىرىنچى نومۇرغا ئۇردۇم. تېلېفۇننىڭ ئۇ تەرىپىدىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ بولمايلا تېلېفۇننى قويىۋەتتى، مەن تېلېفۇننى قايتا ئۇردۇم. ئۇ بىتاقەت ھالدا «خاتا ئۇرۇپسىز، خاتا ئۇرۇپسىز» دېدى. مەن تېلېفۇننى ئۈزگەندىن كېيىن بىرىنچى نومۇرنىڭ ئاستىغا سىزىۋەتتىم ــــــــ بىر ئۈمىد ئۆلگەن ئىدى.
  ئارقىدىكى بىر قانچە نومۇر مېنى تېخىمۇ ئازاپلىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى زاۋۇتنىڭ يەتكۈزۈش ئىشخانىسىدا ئىشلەيمەن دېدى، ئۇندىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيگەن نومۇرلار بولۇپ چىقتى. مەن بىردىنلا نەپسىمنىڭ قىسىلىپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن نومۇرلارنىڭ ئاستىنى بىر-بىرلەپ سىزىۋەتتىم. 5 نومۇر خۇددى 5 جەسەتتەك قەغەز ئۈستىدە ياتاتتى.
  قۇلىقىم تىنچىغاندىن كېيىن ئەشۇ ھالىتىمنى ساقلاپ ئۇزاق ئولتۇردۇم، قاچاندىن باشلاپ ئۇقمايمەن، كۆز قۇيرۇقىمدا ياش ئەگىپ قالغىنىنى بايقىدىم، بۇ ۋاقىتتا مەن تۇساتتىن ليۇ مېيخۇڭنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم.
  ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيگە كىرىپ يۈزۈمنى يۇيدۇم ۋە بىر ئاق لۆڭگە بىلەن يۈزۈمنى سۈرتتىم. بۇ مېنىڭ بۇ لۆڭگىنى 3- قېتىم ئىشلىتىشىم ئىدى، ئۇنىڭدا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۇس پۇرىقى بار ئىدى. ئاندىن مەن يەنە دىۋانغا قايتىپ كېلىپ ئۆزۈمنى بىر ئۆلۈكتەك ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم. بۇ چۈشتىن كېيىن ماڭا ھەر قانداق كۈندىكىدىن بەكرەك خاتىرجەملىك بېغىشلىغان ئىدى، مەن دىۋاندا لۆڭگە بىلەن يۈزۈمنى يېپىپ، ئاندىن كۆز يېشىم لۆڭگىنىڭ ئاستىدىن ئاققىنىچە تا قۇياش نۇرى غەرپتىكى دەرىزىگە ئاجىز نۇرىنى سەپكەنگە قەدەر ياتتىم، بىر كۈنۈم مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. مەن مېھمانخانا ئۆيدە ئاستا مېڭىپ بېرىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، كۈتۈپخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئاچتىم، كىيىم ئىشكابىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم ۋە ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ياپتىم.
  ليۇ مېيخۇڭنىڭ ئۆيىدە ئىلگىرى مۇشۇنداق قىلغان ئىدۇق، ھەر خىل ئىشكاپلارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئاندىن ئۇنى بىر-بىرلەپ ياپاتتۇق. بىز ئىشكاپتىكى ئەشۇ ئاددىي، لېكىن ناتونۇش بۇيۇملاردىن ھەيران قالاتتۇق، ئۇ ليۇ مېيخۇڭنىڭ دادىسىنىڭ پەلىيى، ئانىسىنىڭ كۆڭلىكى ھەمدە بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرى ئىدى. بىز چوڭ ئادەملەرنى دوراپ كىيىملەرنى كىيىپ باقاتتۇق ياكى يۈزلىرىمىزگە قارىغۇسىز دەرىجىدە سىزىۋالاتتۇق.
  ھازىر 301نىڭ تارتمىسىدىمۇ بىر قىسىم گىرىم بۇيۇملىرى بار ئىدى، قول سائەت، ھالقا، خېنە...دېگەندەك. مەنمۇ ئىلگىرى سۈركەپ باققان، ھەر بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمىدىن ناتۇنۇش پۇراق كېلەتتى، مەن خۇددى ئىتقا ئوخشاش ئۇنى ھىدلايتتىم، بۇ خىل ناتونۇش پۇراق مېنى قانداقتۇ بىر يەرگە باشلايتتى، گويا تارغىنە بىر كان يولىدا گۆرىستاندەك جىمجىتچىلىقتا پەقەت ئۆزۈمنىڭ 4 پۇتىنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىنىمچە تېزمۇ ئەمەس ئاستىمۇ ئەمەس بىر سۈرئەتتە بۇرنۇم بىلەن ھىدلاپ ئۆيۈم بار تەرەپكە كېتىۋاتقاندەك.
  ئەمىلىيەتتە بۇندىن بۇرۇن مەن مەنمۇ ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققان ئىدىم. مەسىلەن، 301 ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باققان ئىدىم؛ ئۇنىڭ توڭلاتقۇسىدىكى ئەشۇنداق تەمدىكى كالا گۆشى قىيامىنى سېتىۋېلىپ يەپ باققان ئىدىم؛ ھەتتا تاماق شىرەسىدە تۇرغان بىر ھۆسىن تۈزەش كارتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنداق ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا غىپپىدە كىرىپ ھۆسىن تۈزىتىپ باققان ئىدىم.
  ئۇ چاغدىكى ئىش مېنى بەك خوشال قىلىۋەتكەن ئىدى. مەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگىنى بارغان ئىدىم، بۇ ۋاقىتتا خېرىدار ئاز كەلگەچكە ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسىنىڭ يېتەرلىك ۋاختى بولاتتى. مەن ياتقاندىن كېيىن ياش ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم، مەن ئۇنىڭدىن بۇ يەردە شياڭ فامىلىلىك خېرىدارنىڭ بار- يوقلىقىنى سورىدىم.
  - ھە، يوققۇ دەيمەن، ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟- سورىدى ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى.
  - شياڭ شياۋۋەن،- دېدىم مەن بىرئاز ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا.
  - ئەستا، بار، بار، بۇ خېرىدار بار،- دېدى ئۇ تۇساتتىن كەيپى كۆتۈرۈلگەن ھالدا.
  مەن بىرئاز جىددىلەشتىم، يۈز مۇسكۇللىرىم چوقۇم ئۇنىڭ بارماقلىرى ئاستىدا لىپىلداپ كەتتى بولغاي، ھۆسىن تۈزىگۈچى سورىدى:
-        ئۇ سىزنىڭ دوستىڭىزمۇ؟
-شۇنداق،- دېدىم مەن باش لىڭشىتىپ، لېكىن، تۇساتتىن يەنە ئىنكار قىلدىم،- ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئەشۇ دەقىقىدە مەن ئۆز- ئۆزەمدىن بەك كەمسىنگەن ئىدىم.
  - شياڭ شياۋۋەن كەلمىگىلى خېلى بولدى، يېرىم يىلچە بولدى، بۇرۇن ئۇنىڭ يۈزىنى مەن تۈزەپ قوياتتىم، نىمىشقا تۇيۇقسىز كەلمەس بولىۋالىدۇ؟- سورىدى ئۇ.
  مەن نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمىدىم، ھەم جاۋاپ بېرىشنىمۇ خالىمىدىم، شۇ ھامان كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ يۈزۈمنى سىلىشىدىن راھەتلەندىم، يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا شياڭ شياۋۋەننىڭ يۈزىنى سىلىغان بۇ بارماقلار ماڭا شياڭ شياۋۋەن بىلەن شەكىلسىز مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بېرىۋاتاتتى.
6
  ئەشۇ كۈنى مەن 301- نومۇرلۇق ئۆيدە بەك ئۇزۇن تۇردۇم، ۋاقىت ئېسىمگە كەلگەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى، مەن ئالدىراپ يېنىپ چىقىپ ئەمدىلا ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە 301 قايتىپ كەلدى، مەن ئىشىكىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشلىرىنىڭ پەشتاقتا ئېنىق ئاڭلانغىنىنى ۋە بارا-بارا يىراقلاپ كەتكىنىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدىم.
  مەن 301 ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن نېمىنى ھىس قىلىدىغانلىقىنى، تارتمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، دىۋاندا ئولتۇرغان ئىزنىڭ قالغانلىقىنى، لۆڭگىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى، توڭلاتقۇدىكى تەييار چۆپتىن بىرسى ئازلاپ كەتكىنىنى بايقىيالايدىغان- بايقىيالمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم......
  لېكىن، شۇ ئاخشىمى ھەر قانداق چاغدىكىدىن بەك شىرىن ئۇخلىدىم، چۈشۈمدىكى ئايال 1- نومۇر ۋە ئايال 2- نومۇر يەنىلا ليۇ مېيخۇڭ بىلەن شياڭ شياۋۋەن ئىدى. ئويغانسام چىڭقى چۈش ۋاختى بوپتۇ. تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بىلەن خۇشاللىقى بەلكى مۇشۇنداقتۇ، ئۇ سىزنى بىر كۈن خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالدۇرسا، ئارقىدىنلا يەنە خۇشاللىققا تولغان بىر كۈننى ئاتا قىلىدىكەن.
  شۇنداق، تۇرمۇشنىڭ مەنىسى دەل ئۇنىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدا، كىممۇ بىر مىنۇتتىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىسۇن؟ بېيجىڭلىق ئەر توردىشىم ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىستىپا بېرىپ ئەشۇ ئۇنى چىدىغۇسىز بىزار قىلغان خىزمەتداشلىرىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى؛ مېنىڭ ئاناممۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاجرىشىپ ئۇسۇل ھەمرايىنى ئالماشتۇرغاندەك ئەر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلمەيتتى.
  ئانامنىڭ ئاجراشقىنىنى دادام ماڭا ئېيتتى، چۈنكى داداممۇ شۇ چاغدا ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇلار قايتا يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن ئاجراشمىغان، بەلكى يەنە بىر كاندىدات ئەزا بىلەن ئائىلە قۇرۇش قۇرۇش ئۈچۈن ئاجراشقان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ نىكاھىنى دائىم ئويلاپ، ئالى ماتېماتىكىدىكى گۇرۇپپىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا سېلىپ باقاتتىم. دادامنىڭ تېلېفۇندىكى ئاۋازىدىن ئۇنىڭ بىرئاز ئازاپلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
-        بۇنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ دەۋر كەلتۈرۈپ چىقارغان،- دېدى ئۇ.
  مەن دادامنىڭ ئاجرىشىش ئىشىنى نىمىشقا دەۋرگە دۆڭگەيدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.
  بىراق مەن ئازاپلانمىدىم، ئۇلارغا نىسبەتەن بۇنداق قىلىش نورمال ئىش ئىدى، مەن ھەتتا دادامنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئەشۇ قەلىمى بىلەن ناھىيىتى ھېسسىياتلىنىپ تۇرۇپ يېڭى ھەمرايىغا سالام خەت يازغىنىنى كۆرگەن ئىدىم، خۇددى ئانامنىڭ تانسا مەيدانىدا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۆز پىگورىسىنى كۆز- كۆز قىلغىنىنى كۆرگىنىمدەك. ئانامغا نىسبەتەن، ھايات بىر تانسا مەيدانى ئىدى. تۇرمۇش دېگەن بۇ ئاناڭنى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەر كويغا سالىدۇ ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كوزېرىغا تايىنىپ كونا تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلايدىكەن.
  ئۇلارنىڭ باشقىدىن توي قىلغاندىن كېيىنكى ئۆيىگە مەن بېرىپ باقمىدىم. ئائىلە مەن ئۈچۈن پەقەت بىر ئىسىم خالاس، ئۇنى ئېنگىلىزچىدا home؛ فىرانسۇزچىدا maison دەيدۇ. ئائىلە بىر دېڭىز قولتۇقى، روھ ئارام تاپىدىغان جاي. لېكىن، ماڭا بۇنداق تۇيغۇنى بېرەلىگىنى ليۇ مېيخۇڭنىڭ كىچىك ياتىقىدىن باشقا مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق 301- نومۇرلۇق ئۆي ئىدى.
  ھازىر مەن يەنە ئاچ يېشىل دىۋان ئۈستىدە ياتماقتىمەن، قەلبىم ۋە تېنىم بىراقلا راھەتكە چىقتى. كۈزنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرى بولغاچقا دەرىزە سىرتىدىكى يوپۇرماقلار يازدىكى قېنىق يېشىللىقىنى يوقاتقان ئىدى، پۈتۈن بىر كۈز پەسلى ئىچىدە مەن ليۇ مېيخۇڭنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدىم، 301 گىمۇ بىر قېتىم يۈرەكلىك گەپ ئاچالمىدىم، ئۇنى بىر قانچە قېتىم پەلەمپەيدە ئۇچرىتىپ گەپ قىلىشقا تەمشەلدىم-يۇ، لېكىن تېشىمغا چىقىرالمىدىم، ئۇ ئېگىزدىن پەسكە چۈشىۋېتىپ ماڭا بىلىنەر- بىلىنمەس قارىدى، ئاندىن ئاغزىنى ئېچىپ كۈلدى، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن ئىلھاملىنىپ گەپ قىلىش ئۈچۈن تىلىمنى ئۆمەللىدىم، لېكىن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن كۈلۈمسىرىمىگىنىنى بايقىدىم، ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئىچىدە تىڭشىغۇچ تۇراتتى، ئۇ تېلېفۇندا سۆزلىشىۋاتقان قارشى تەرەپ ئۈچۈن كۈلىۋېتىپتۇ. ئادەم دېگەن ھەقىقەتەن بېخىل مەخلۇق، كۆز ئالدىدا بولمىغان ئادەم ئۈچۈن كۈلۈمسىرەيدۇ-يۇ، كۆز ئالدىدىكى ناتونۇش ئادەم ئۈچۈن كۈلۈمسىرەشنى خالىمايدۇ. لېكىن، 301 نىڭ ئەشۇ كۈلۈمسىرىشى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ماڭا ليۇ مېيخۇڭنى ئەسلەتتى، بىز ھەر قېتىم بەتقىلىقلىق قىلساق ليۇ مېيخۇڭمۇ مۇشۇنداق ئېچىلىپ كۈلەتتى، ئۇ بىر خىل ھەرقانداق غەمدىن خالىي، تولۇق ئېچىلىپ كۈلۈش ئىدى.
  بېيجىڭلىق ئەر توردىشىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئىزچىل باشقا خىزمەت تاپمىدى، ھەر كۈنى ئۆيدە ئولتۇراتتى، باشقىلار ئىشىكنى تاقاپ ماشىنا ياسىسا، ئۇ ئىشىكنى تاقاپ شېئىر يازاتتى، ئۇ، بۇ دەۋرنى پەقەت شېئىرلا قۇتقۇزالايدۇ، دەيتتى. ھەر كۈنى QQرىمدا ئۇ يېڭىدىن يازغان بىر- ئىككى پارچە شېئىر تاپشۇرۇپ ئالالايتتىم، ئۇ شېئىرلاردىن مەن ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئاساسەن چۈشىنىۋالاتتىم. مەسىلەن، ئەتىگىنى ناشتىلىقىغا تەييار چۆپ ئىچسە «قاتمۇ-قات چىرمىشىپ تۇرسىمۇ قارشى، سۇنىڭ سىلىشىغا بېرەلمەي بەرداش، پىلىكتەك يۇمشاپ ئېگىدۇ بويۇن» دەپ يازاتتى.
  بىراق، كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيتتىم، قەلبىممۇ ئېرىپ كېتەتتى، مەن ئۇنىڭغا ئۇنى سېغىنغىنىمنى، ئىنتايىن سېغىنغىنىمنى ئېيتاتتىم. ھەتتا، بىر قېتىم ھاياجانلىنىپ كېتىپ بېيجىڭغا بارىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بېلىتىنى توردىن سېتىۋالدىم، چۈنكى، ۋۇجۇدۇم سېغىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمىدى. بېيجىڭلىق توردىشىم مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق قىزغىن بولمىدى، ئۇ تورنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن «بەك رەھىمسىزكەنسىز، ھازىرقى بۇ گۈزەل ھالەتنى بۇزۇشقا قانداقمۇ رايىڭىز باردى؟» دېگەن بۇ خەتنى يازدى.
  ئەشۇ كۈنى بىز ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدۇق، خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش. چۈنكى كۆرۈشۈش ياكى كۆرۈشمەسلىكنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بار قوللانما كىتاۋى يوق ئىدى.
-        مەن سىزنى بەك سېغىندىم،- دېدىم مەن.
  -  سېغىنغىنى بەدىنىڭىزدىكى مەلۇم بىر خىل مۇھەببەت، بۇنىڭ بىزنىڭ كۆرۈشۈش- كۆرۈشمەسلىكىمىز بىلەن ئالاقىسى يوق،- دېدى ئۇ.
  - سىزنى كۆرسەم بەلكى ياخشى بولۇپ قالىدىغانمەن.
  - شۇنداق بولغاچقا كۆرۈشمىگىنىمىز ياخشى، كۆرۈشتۇقمۇ سېغىنىش ھېسسىياتىڭىز سۇسلاپ كېتىدۇ، كېيىن مېنى ئۇنداق سېغىنمايدىغان بولىسىز.
  ـ بىراق... ــــ مەن بېيجىڭلىق ئەر توردىشىمنىڭ تېز رەددىيىسىگە قۇلاق سالمىدىم.
- بىراق، بىراق، بۇنداق دەۋەرسىڭىز سىزنى بىر تېپىپلا ئۆزىڭىزنىڭ پىلانىتىسىغا چىقىرىۋېتىمەن.
  مەن كىچىك ئېيىقنى قۇچاقلىغىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم، قۇپقۇرۇق ئۆي مېنىڭ مەنىسىز يىغامغا ئەكس سادا قايتۇردى. تۇساتتىن، قەلبىمنىڭ ئاخىرقى چەككىچە قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم، قىش كېلەي دەپ قالغان ئىدى، مەن ھېچقاچان ھىس قىلىپ باقمىغان بىر سوغۇقنى ھىس قىلدىم.
  كىچىك ئېيىق تەرەپباللا تىت-تىتلىدى: سەنئېر، كېلىڭ، سۆيۈڭ-سۆيۈڭ، سۆيۈڭ- سۆيۈڭ، سۆيۈڭ-سۆيۈڭ....... سەنئېر، كېلىڭ، سۆيۈڭ-سۆيۈڭ، سۆيۈڭ-سۆيۈڭ، سۆيۈڭ...كۆز يېشىم سەلدەك ئاقتى، كىچىك ئېيىقنى چۆرىۋەتتىم.
  چەكسىز ئۈمىتسىزلىك مېنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا دادامدىن تېلېفۇن كەلدى. ئۇ ئۆزى ۋە ئانامنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن باشقا بىر نىكاھلىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇلار بۇرۇنقىدەك بىر-بىرىگە ئۆچلۈك قىلمايدىغان بولغان ئىدى، ئەكسىچە مول نىكاھلىق تۇرمۇش تەجرىبىسى ئۇلارنى ئورتاق تىلغا، بىر-بىرىگە ھىسداشلىق قىلىدىغان قەلىبكە ئىگە قىلغان ئىدى.
  دادام تېلېفۇننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئارقىدىنلا يەنە تېلېفۇن قىلدى. ئۇ بىرئاز خىجىللىق ئارىلاش دېدى:
-        ساڭا بىر مۇھىم ئىشنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
-        نېمە ئىش؟- سورىدىم مەن.
-        ليۇ مېيخۇڭنىڭ خەۋىرىنى ئالدىم،- دېدى ئۇ.
  - ھە،- دېدىم مەن جىددىلەشكەن ھالدا، ھەتتا ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي سورىدىم:
  - ليۇ مېيخۇڭ ھازىر قانداق تۇرۇۋېتىپتۇ؟
  - ليۇ مېيخۇڭ ئۆلۈپتۇ،- دېدى دادام تۈزىگىلا.
7
  مەن ئىزچىل ھالدا كائىناتتا قۇياشقا ئوخشاش مۇشۇنداق نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز بار، قاراڭغۇ كېچە ياكى سايىۋەن بولسۇن ئۇلار ھامان يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، مېنىڭ چەكسىز قاراڭغۇلۇق باسقان قەلبىمنى يورىتىدۇ، دەپ كەلگەن ئىدىم. ھازىر بۇ قۇياشلار بىر-بىرلەپ ئېقىپ كەتتى، مېنىڭ قەلبىم ھەمساتتا بىر پارچە قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىپ كەتتى. دادامنىڭ ئېيتىشىچە، ليۇ مېيخۇڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىدە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن چەتئەلگە ئىشلىگىلى چىقىپ كېتىپتۇ، تۇنجى يىلى ئىشلىرى ئوبدان يۈرۈشۈپ، ئائىلىسىگە 20مىڭ سوم ئەۋەتىپتۇ، ئىككىنچى يىلى كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپتۇ، قانداق ئۆلگەنلىكى نامەلۇم ئىكەن، لېكىن نىمىلا دېمىگەن بىلەن ئائىلىسىگە 200 مىڭ سوم ئەۋەتكەن ئىكەن.
  دادام بەك ئۇزۇن سۆزلىدى، لېكىن بىر گېپىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى، كۆز ئالدىمدىن ليۇ مېيخۇڭنىڭ ئېچىلىپ كۈلگەن تۇرقى كەتمەيتتى، تۇيۇقسىز يۈرىكىمگە قاتتىق بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى، گويا سانسىزلىغان ئوق يۈرىكىمگە، كۆزۈمگە قادالغاندەك. شۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، كۆز ياشلىرىم بۇلدۇقلاپ چىقتى.
  مەن يىغا ئاۋازىمنى زادىلا توختىتىۋالالمىدىم، ئەكسىچە ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. مەن كىچىك ۋاختىمدىكى يۇرتۇمنى، دەپىن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەشۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرنى ئەسلەشكە باشلىدىم. يىغلىغان ئاۋازىم بارغانسېرى كۆتۈرۈلۈپ ھازىغا ئايلىنىپ كەتتى، مەن قازا ئەتكەن دوستۇمنىڭ ياخشى تەرىپىگە سېغىنىپ، ھايات ياشاۋاتقان ئۆزەمنىڭ تۈرلۈك ئازاپلىرىنى  بايان قىلىۋاتاتتىم. شۇ تاپتا يىغا ئاۋازىم دەم كۆتۈرىلىپ- دەم پەسىيىۋاتاتتى، لېكىن نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم، پەقەت چەكسىز ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى، چەكسىز غېرىپلىققا پاتقىنىمنى ھىس قىلاتتىم.
  بېيجىڭلىق ئەر دوستۇمغا تېلېفۇن بېرىپ ئۇنىڭغا نەقەدەر مۇھتاج بولغانلىقىمنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ئويلىمىغان يەردىن «ساراڭ بوپسىز» دەپ ئەيىپلەپ كەتتى. مەن يەنە دادام ۋە ئانامغا تېلېفۇن بېرىپ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا يېنىمدا بولىشىنى، ئۇلارنىڭ مېنى باغرىغا بېسىشىنى ئارزۇ قىلدىم، لېكىن تېلېفۇن ئۇرمىدىم، ھەتتا بۇ ئويلىغىنىمنىڭ تولىمۇ ئەخمىقانە ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم، دادام چوقۇم مېنى پۇلنى بەك كۆپ خەجلىۋېتىپتۇ، قولى قىسقىراپ قاپتۇ، دەپ چۈشىنىپ قالاتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ بارلىق ئازاپ- غەملىرىنى پەقەت پۇلغىلا باغلايتتى، كۆڭلىدىكىدەك نەرسە سېتىۋالالمىغىنى ئۈچۈن ئاغرىناتتى، ئۆي ئىجارە پۇلىنى تۆلىيەلمىگىنى ئۈچۈن ئاغرىناتتى، قولى مەڭگۈ قىس تۇرىدىغان بۇ ئەر ئەزەلدىن قىزىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ باققان ئەمەس ئىدى. مەن ئانامنى يەنە سېغىندىم، ئۇنىڭ تېلېفۇن نومىرىنى ئۇنتۇپ كېتەي دېگەن ئىدىم، ئۇزۇندىن بۇيان بىز ئالاقىلىشىپ باقمىغان ئىدۇق، ئېسىمدە قىلىشىچە، ئۇنىڭ مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باغرىغا بېسىشى دادام بىلەن ئاجرىشىشقا كېلىشكەن ۋاختى ئىدى، ئەشۇ كۈنى ئۇ ئەمدىلا ئىشتىن قايتىپ كەلگەن ئىدى، مەن بوسۇغا تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان ئىدىم، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز مېھرىبانلىقى تۇتۇپ مېنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرغۇزغان ئىدى ھەمدە:
  - چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئاناڭنى قۇچاقلاپ قويغىنا،- دېگەن ئىدى. ئۇ مېنى قۇچىقىغا ئالغان ئىدى، لېكىن مەن دەرھال ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراپ چىقتىم. «نېمە بولدۇڭ؟» دەپ سورىدى ئانام، مەن بىئارام بولغىنىمنى، قىچىقىم كەلگەنلىكىنى ئېيتتىم. كېيىن ئۇ مېنى قايتا قۇچاقلىمىدى، ئەشۇ قۇچاقلىشىش بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مېھىرلىشىشىمىزنىڭ ئابىدىسى بولۇپ قالدى. ھازىر مەن ئەينى ۋاقىتتا يالغان سۆزلىگەن- سۆزلىمەنلىگىمنى ئۇنتۇپ كەتتىم، راستلا قىچىقىم كەلگەن بولغىيمىتى، راستلا بەدىنىمدە ئەشۇ ئۆلگۈر خىمىيىۋى تەسىر يۈز بەرگەن بولغىيمىتى؟
  تېلېفۇننى ئېچىپ يەنە ئېتىۋېتەتتىم، تېلېفۇن نومۇرىنى بېسىپ بولۇپ يەنە ئۆچۈرىۋېتەتتىم، تەسەۋۋۇر قىلالايمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭغا تېلېفۇن ئۇرسام چوقۇم تېلېفۇننىڭ ئۇ تەرىپىدىن بىر مۇنچە شاۋقۇننىڭ ئاۋازى كېلىدۇ، ئۇسۇل ئويناش ئانامنىڭ كەسپىگە ئايلانغان ئىدى، ئۇنىڭ ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولغان تەلەپپۇز بىلەن « مەن ئالدىراش، مەن ئالدىراش، سەل تۇرۇپ تېلېفۇن قايتۇراي-ھە» دەپ جاۋاپ قايتۇرىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى، ئاندىن مېنىڭ گېپىمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتمەيلا تېلېفۇننى قويىۋېتىدۇ. بىراق، مەن راستىنلا ئانامنىڭ قۇچاقلاپ قويىشىغا مۇھتاج ئىدىم، خۇددى ئەشۇ قېتىمقىدەك. مەن ئۇنىڭغا «ئانا مېنى باغرىڭغا باس» دەپ ئېيتاتتىم. مەن چوقۇم ئۇنىڭ باغرىغا يۇۋاش قوزىدەك كىرىپ كېتەتتىم، راستىنلا قىچىقىم كېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ چىدايتتىم، ئۇنى قانغۇچە ھىدلايتتىم، مېنىڭ ئىزچىل «ئانا» دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىم بار ئىدى.
  مەن يىغىدىن ئۆزەمنى توختىتالمىدىم، ليۇ مېيخۇڭ، دادام، ئانام، بېيجىڭلىق ئەر توردىشىمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا دەم سۈزۈلۈپ، دەم غۇۋالىشاتتى. مەن چاي ئۈستىلىگە بېشىمنى قويۇۋېلىپ يۇم-يۇم يىغلايتتىم، ئاخىرى مەن بىر ۋاراق قەغەزنىڭ كۆز يېشىمدىن پۈتۈنلەي ھۆل كەتكىنىنى كۆردۈم.
  بىر قەلىمىمنى ئېلىپ قەغەزگە قالايمىقان خەت يېزىشقا باشلىدىم، ليۇ مېيخۇڭ، سېنى سېغىندىم......كۆز ياشلىرىم يەنە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ ئۇ بىر نەچچە خەتنى يۇيۇۋەتتى. بېشىمنى كۆتۈردۈم، كۆزۈم ھېلىقى بىر جۈپ كۆز بىلەن  ئۇچراشتى، رەسىمدىكى ئۇ بىر جۈپ كۆز ئىزچىل ماڭا تىكىلىپ قاراپ، ھەر بىر ھەسرىتىمگە شاھىت بولىۋاتاتتى. مەن قەلەمنى يەنە بىر قېتىم قولۇمغا ئېلىپ، بىر پارچە خەت يازدىم:
  
  شياڭ شيۋۋەن، ياخشىمۇسىز!
   بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تولىمۇ ئەجەپلەنگەنسىز-ھە؟ مەنمۇ ئىنتايىن ئەجەپلىنىمەن، نىمىشقا سىزگە خەت يازىدىغاندىمەن؟
  سۆزلەپ كەلسەم ھەقىقەتەن بىمەنە، بۇ خەتنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن، سىز مېنى تونىمايسىز، بىراق مەن سىزنى تونىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، مەن ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئۇقۇشماي سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويدۇم، بۇنداق دېسەم سىز چوقۇم ئىشەنمەيسىز، لېكىن ئەمىلىيەت مۇشۇنداق، ئەشۇ كۈنلەردە مەن نېرۋام تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى، مەن ئۆزەمدىن چاتاق چىققاندىمۇ دەپ گۇمانلاندىم، شۇڭا ئارقا- ئارقىدىن دەلىللىمەكچى بولدۇم، لېكىن سىزگە بۇنى دېيىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئەشۇ جاينى، سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى، رەسىمىڭىزنى، كۈلۈشلىرىڭىزنى، ئۆيىڭىزدىكى ھەر بىر نەرسىنى ياختۇرۇپ قالدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر دوستۇمنى ئېسىمگە ئېلىشىمغا ئابىھاياتتەك تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ ئىسمى ليۇ مېيخۇڭ ئىدى، بىراق، بىر سائەت ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاندىن ئۇختۇم.
  مەن ئىنتايىن ئازاپلاندىم، گەرچە سىز مېنى چۈشەنمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ئىدىم، بىز ھەمىشە بىر كارىۋاتتا ئۇخلايتتۇق، ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ مېنى ئىشىكىمنىڭ ئالدىدا ساقلايتتى، مەن تاماق يەپ بولغىچە ساقلاپ سومكامغا كىتاپلىرىمنى رەتلىك سېلىپ تەقلەپ تۇراتتى، ئاندىن 26 تىپلىق ۋېلسىپىتىگە مىنگەشتۈرەتتى، ئۇ مېنى بىر مەۋسۈم ۋېلسىپىتىگە مىنگەشتۈردى. ئۇ چاغدا مەن ۋېلسىپىت مىنىشنى بىلمەيتتىم، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ بىر قولۇم بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى تۇتىۋالاتتىم، شاماللار يۈزۈمنى مامۇقتەك سىپايتتى. ھەمىشە ئويلايمەن، ئىككىمىز بەئەينى بىر ئادەمدەك ئىدۇق. راست. بىز ھەقىقەتەن بىر ئادەمدەك ئىدۇق. بىراق، مېنىڭ قەدىردان دوستۇم ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم، بىردىن- بىر دوستۇم ئىدى. ھازىر مەن تۇساتتىن ھىس قىلدىمكى، مەن نىمىشقا سىزگە بۇ خەتنى يازىمەن، چۈنكى شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان مەن سىزنى ئۆزەمنى دوستى دەپ بىلىپ كەلدىم ــــــ سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايمەن.
  مۇشۇنچىلىك يازاي. ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىدىغان ۋاختىڭىزمۇ بولۇپ قالدى، بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئەشۇ سۈرىتىڭىزدىكىگە ئوخشاش تاتلىق كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا مەنمۇ سىزنىڭ مەلۇم ياخشى دوستىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئېلىشىڭىزغا تۈرتكە بولالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.

                                 ئاستىنقى قەۋەتتىكى 201 دىن
                                 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى
  
  خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئىچىم بەكلا بوشاپ قالدى. بىر كېچە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تىۋىشكە قۇلاق سېلىپ چىقتىم، ئىلگىرىكىدىن تېنچتەك لىقىلغان بىلەن ئەمما تېنچ ئەمەستەك قىلاتتى. شىرىقلىغان، كىتىرلىغان ئاۋازلار گويا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يامغۇرلۇق پەسىلنى ئەسلىتەتتى، سوغۇق ھەم نەم تۇيغۇ تامنىڭ تورۇسىدىن ئاستا- ئاستا ساقىيتتى.
  ئەشۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن كۆزۈمنى مىتمۇ قىلىپ قويماي تورۇسقا تىكىلىپ يېتىپ، ليۇ مېيخۇڭ بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر دەقىقىنى، ئاتا- ئانام ۋە ئۇلار ماڭا بۇرۇن بەرگەن بەختلىك مىنۇتلارنى ئەسلەپ چىقتىم، كېيىن يەنە 301 نى، ئەتە تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئېھتىمال مەن بىلەن دوست بولۇپ قالغۇسى ئۇ قىزنى ئويلىدىم. تۇساتتىن، مەن تۇرمۇشنىڭ ئۇنچىۋالا مەنىسىز ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدىم، مەن 301نىڭ ئۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن قانداق جىددىلىشىدىغانلىقىنى ۋە خۇشال بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ قەغەز ئالىدۇ، ھەتتا ئايىقىنى يەڭگۈشلەشكىمۇ ئۈلگۈرمەي مېنىڭ ئىشىكىمنى چېكىدۇ. ئۇ ماڭا سىزنىڭ خېتىڭىز راستىنلا ماڭا بىر كىچىك دوستۇمنى ئېسىمگە سالدى، مەنمۇ سىزدەك غېرىپسىنىمەن، سىز بلەن دوست بولۇپ قېلىشنى خالايمەن دەيدۇ. بىراق، مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ مەن دېيىشىمنى بىلمىدىم، ئۇنداقتا ھېچنېمە دېمەي، خۇددى ليۇ مېيخۇڭغا ئوخشاش ئېچىلىپ، ئەڭ بىغۇبار ھالەتتە كۈلەي، تا قورسىقىمنى تۇتۇپ قېلىپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە.
  دەرىزە سىرتىغا پەيدىن-پەي يورۇق چۈشۈشكە باشلىغاندا مېنى ئۇيقۇ باستى، بۇ بىر كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا مەن چوڭقۇر ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرق بولدۇم، چىڭقى چۈش بىلەن ئىشىكىم ئۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئويغاندىم.
  مەن بەدىنىمنى تۈزلەپ ئولتۇرۇپ بۇ چۈشۈم ياكى چۈشۈم ئەمەسلىكىنى جەزم قىلالمىدىم، ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازى تېخىچە قاتتىق چىقىۋاتاتتى، 301 مىدۇ؟! كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ياتاق ئۆيدىن چىقتىم، ئاندىن تازىلىق ئۆيىگە ئېتىلىپ كىردىم، ئېھتىمال يۈزۈمنى يۇيغان بولسام كېرەك.
بىر ھازا جىددىلىشىشتىن كېيىن مەن نەپەس ئېلىشىمنى تەڭشەپ ئىشىكنى ئاچتىم.
  ئىككى  فورما كىيگەن ساقچى ئىشىك سىرتىدا ئۆرە تۇراتتى.
  ئۇلار كىملىكىمنى كۆرۈپ مېنىڭ 201- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىمنى دەلىللىگەندىن كېيىن، كېچىدىن بېرى ئۈستۈنكى قەۋەتتە دېلو يۈز بەرگەنلىكىنى، مەندىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، چوقۇم تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
  چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرى شۇنچە ئوچۇق ۋە كۆركەم بولۇپ ھەر بىر تالاسىدىن گويا مەشۈتتەك يۇمرانلىق ۋە سۈزۈكلۈك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.  مەن ئۇزۇنغىچە ئۆيدىن تالاغا چىقىپ باقمىدىم، بۇ دۇنيا بەئەينى يېڭىلا كاكىلانغان تۇخۇمدەك يېڭى بولۇپ ئادەمنى ھاياجانلاندۇراتتى، كۈز كۈنلىرى يەنە ئانىسىنىڭ ئۆيىنى تاپالمىغان بىر قىزچاققا ئوخشاش غەمكىن ۋە تارتىنچاق ئىدى. ساقچىلار ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قىزنىڭ ئاخشام ئۆلگەنلىكىنى، ئۆزى ئۆلىۋالغانمۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ بۇنىڭغا ھازىر بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، گەرچە گاز تۇرۇببىسى ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە 301نىڭ مەلۇم ئورگاندىكى بىر رەھبەرنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. ئۇلار نەق مەيداندىن گەپ قىلالايدىغان بىر كىچىك ئېيىق قونچاقنى تاپقان بولۇپ، گەرچە ئۇ يىرتىلىپ پارە-پارە قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدىكەن.
  مەن تۇساتتىن ئۇ يەردە ھاڭۋېقىپ قالدىم، مېڭەم پارتلاپ كەتكەندەك بولدى، مەن تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىچىك ئېيىقنى ئۇنتۇپ ئېلىپ چۈشمىگىنىمنى ئەسلىدىم، 301 قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زادى نېمە ئىشلارنى قىلدى، ئۇ مېنىڭ خېتىمنى كۆردىمۇ ياكى كىچىك ئېيىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ، ئاناڭنى، بۇنى كىم بىلسۇن؟
  ماشىنا ئۈستىدىكى ساقچى چىرىقى تېخىچە نۇر چېچىپ پىلدىرلايتتى، ئۇنىڭ قىپ-قىزىل شولىسى دەرىزەمدە، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆزىدە ئەلەڭگىيتتى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جاھان بىر پارچە قىزىللىققا ئايلاندى.

  [يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش] چېڭ نەن، ئەسلى ئىسمى تاڭ چېڭنەن بولۇپ ئايال، 1979- يىلى تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ ۋىلايىتىدىن. «بىر ئادەمنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى تارىخى»، «ئەشۇ يىلىدىكى غېرىپ ياز»، «كۆكسۈڭنى كىمگە بېرىسەن» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان، 2011- يىلىدىن بۇيان ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ھازىر بىناكارلىق كەسپىدە.

  ( خەنزۇچە «تاللانغان ھېكايىلەر» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 5- سانىدىن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى،
  «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژورنىلىغا بېسىلغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-19 16:00  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-18 10:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى جىم يۈرمەپسىز بۇرادەر، كىتابلىرىڭىز كەلسە بىر دانىدىن سېتىۋېلىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئەڭ ئەقەللىي ئۇسۇلدا تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-18 10:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى جىم يۈرمەپسىز بۇرادەر، كىتابلىرىڭىز كەلسە بىر دانىدىن سېتىۋېلىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئەڭ ئەقەللىي ئۇسۇلدا تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-18 11:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئەنۋەرجاننىڭ جۇڭگو،  چەت ئەل نادىر ھېكايە-پوۋېستلىرىدىن تەركىپ تاپقان  «ئالتۇن قۇدۇق»  ناملىق تەرجىمە كىتىپى يېقىن كەلگۈسىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈدەكقۇ؟
   شۇنداقمۇ، جۇلا بۇرادەر؟

ۋاقتى: 2015-9-18 12:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلانىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن.بۇ ئەسەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.توپلىمى چقسا سىتىۋىلىپ ساقلاپ قويساق ئەرزىيدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-18 18:51:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا ئەپەندىنىڭ ئەجىرى بەىركەتلىك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-9-18 23:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلانىڭ  ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش