كۆز تۇمار
ئابدۇلئەھەد قادىرى
ئۆز قولۇڭدا تىكىپ كۆز تۇمار،
ئاسقان ئىدىڭ بوينۇمغا ئانا.
بىلمەپتىمەن گۈدەكلىگىمدە،
ئەمدى يەتتىم تېگىگە مانا...
شۇچاغدىلا يۈرەك پارەڭنىڭ،
تەقدىرىدىن غەم يەپتىكەنسەن.
«يامان كۆزدىن ساقلا ئىلاھىم!»
دەپ بەختىمنى تىلەپتىكەنسەن.
ماڭا تۇمار ئاسمىغان بولساڭ،
كۆز ئەمەس ئوق تېگەتتى بەلكىم.
(تۇرمۇش گويا قىمارغا ئوخشاش،
ئۇتسام دەيدۇ تاۋكادا ھەركىم).
ئۆزۇڭ تىككەن شۇ كۆز تۇمارنى،
قويسامچۇ-ھە، بوينۇڭغا ئېسىپ.
ئەپسۇس! ئەقلىم تاپقىچە ئانا،
ياشاش ساڭا بولمىدى نېسىپ.
كىمنىڭ كۆزى تەگكەندۇ ساڭا ،
شۇنداق كۆزلەر تەگسىچۇ ماڭا.
كۆز تۇمارنى ماڭا ئاسقىچە،
ئۆزەڭ ئاسساڭ بوپتىكەن ئانا!
2002-يلى4-ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-18 01:35