كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 3

ئابدۇراخمان سادىق: نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەسىھەت
(ھېكايە)
ئابدۇراخمان سادىق

  تەلئەت ئاكامنىڭ مىلىشمال دۇكىنىنىڭ ئالدى دائىم ئاۋات بولۇپ ، دۇكاننىڭ ئىككى يېنىغا يۆلەپ قۇيۇلغان ئىككى ئۇزۇن ، لىكاڭشىپ تۇرغان ئورۇندۇققا مەھەلىدىكى بىچارىلەر ئولتۇرۋىلىپ قۇرۇق پاراڭ قىزىتىپ دۇكانغا ھەقسىز 《ئېلان-سەنئەت》يۈرگۈزۈپ بىرىشەتتى. قۇرۇق پاراڭنى تازا ۋايىغا يەتكۈزدىغانلاردىن بىرسى قۇشنىمىز ئاۋۇت بويتاق ئىدى . ئاۋۇت بويتاق  ئىگىز ،كېلەڭسىز ، تەتۈر ئۇستىخان ئادەم بولۇپ ،لاپ ئېتىشنى ياخشى كۆرەتتى ، يەتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي مۇشتەككە تاماكا سانجىپ چېكىشكە ھېرىسمەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۆيى تەلئەتكامنىڭ دۇكىنىنىڭ ئۇدىلىدىكى قورودا بولۇپ ، بىر دېرىزىسى دۇكانغا قاراپ تۇراتتتى ، ئاۋۇت بويتاق ھەر كۈنى ئاشۇ دېرىزىدىن مائاراپ ، دۇكان ئالدىغان ئادەم دوپلاشقاندا ئاندىن چىقاتتى . بۇلۇپمۇ مىنى كۆرمىسە ھەرگىز چىقمايتتى .
   ئاۋۇت بويتاق مايلىشىپ ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چۇچىلىق تاماكا خالتىسى ، غاڭزا سىياقىدىكى ئەگرە بىر مۇشتكى بولۇپ ، ئۇلارنى باشقىلاردىنمۇ كۆرە ماڭا جىقراق كۆز-كۆز قىلاتتى . ئۇ تاماكا خالتىسىنىڭ يىپىنى چىمەلتىكىگە ئورىۋىلىپ يوغان باشلىق مۇشتىكىنى خالتىغا سېلىپ  تۇرۇپ تاماكىغا تولدۇراتتىدە، كېيىن مۇشتەكنى خالتىدىن چىقىرىپ باشمالتىقى بىلەن تاماكىنى چىڭدىغاچ:
-ماڭا قارا ، ھاشىمجان ئۇكا ، ئەينى يىللىرى بوۋام تىجارەت قىلىپ رەسيىگە(روسىيە) بارغاندا ،پادىشاھ نىكولاي مۇشۇ خالتا  بىلەن  مۇشتەكنى كۆرۈپ قىلىپ تالىشىپتىكەن ،-دېيىشىنى ئۇنۇتمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتقان لاپلىرىغا مۇشۇ مەھەلىدە پەقەت  مېنىڭ ئۇنى –بۇنى دېمەي كۆلۈمسىرەپ ئاڭلايدىغانلىقىمنى بىلەتتى .
-        ھە ، شۇنداق قىلىپ ..... دېدىم بۈگۈنمۇ ئاۋۇت بويتاق مىڭ قىتىم ئاتقان لاپىغا ئىشەنگەندەك ۋە بىرىنچى قىتىم ئاڭلىغاندەك كۈلۈمسىرەپ .
-        شۇ ، مۇشۇ تاماكا خالتاڭ بىلەن مۇشتىكىڭنى ماڭا بەرگىن، مەن ساڭا ئالتۇندىن تاقىلىغان ئاتلىرىمنى ھەم كلاسكىنىمۇ بېرەي دەپتۇ ..
-        خوش ، بوۋىڭىز نېمە دەپتۇ ئاۋۇت ئاكا ؟
دېدىم مەن ئەتەي چۆچىگەندەك .
-بوۋام ، ئەپۇ قىلسىلا، بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك دادمدىن قالغان يالدامد دەپتۇ ، راست !
نىكولاي مەيلى دەپتىما ؟،-سوراپ قويدۇم ، ئاۋۇت بويتاق مەنمۇ نىكولاينى نىكولاي دەپ .
-ئۇمۇ نوچى پادىشاھكەن ،« ئۇنداق بولسا مەيلى تالاشماي »دەپتۇ .
ئاۋۇت بويتاق مىنى ئىشەنمەيۋاتامدۇ دېگەندەك سەل ئېڭىشىپ كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ:
-بوۋاممۇ ئوغۇل بالىدە ، نىكولايغا 《بۇ قىتىم غۇلجىدىن كەلگەندە بىرنى ئالغاچ كېلەي》دەپتۇ،- دەپ قوشۇپ قويدى .
بىز پاراڭلىشۋاتقاندا يېنىمىزغا مەھەلىنىڭ تۆۋەندىكى ھېكىم ئەلەس كەلگەنىدى . شۇ تاپتا ئۇ ماڭا بىر كۆزىنى قىسىپ قويۇپ گەپكە ئېغىز ئاچتى .
-ۋۇي .....راستلا، ئاۋۇت ئاكا ، مەن بىرچاغلاردا پادىشاھ نىكولاينىڭ غاڭزا چىشلەپ تۇرغان ئالامەت ھەيۋەت سۈرىىتىنى كۆرگەندەك قىلغان، شۇنى داداڭ نىكولايغا ھەدىيە قىپتىكەندە، ھە؟
ئاۋۇت بويتاق بىر پەس جىم بولۇپ قالدى، ئاندىن مۇشتىكىگە چىڭداپ تاماكا بېسىپ ، سەرەڭگە ياقتى -دە،ئىسنى ئىچىگە كۈچەپ شورىدى.كېيىن قويۇق ئىسنى ھېكىم ئەلەس  تەرەپكە  ئۇزاق پۈۋلەپ ئاندىن ماڭا قارىدى.
-ماڭا قارا ، ھاشىمجان ئۇكا ، مۇشۇ تاماكا دىگەنمۇ جاھاننىڭ ھۇزۇرى دېگىنە ، بىراق سەن چەكمەيسەن؟
-چەككەن –دېدىم مەن .
-خېلى يىل بولدى تاشلىۋەتتىم.
-نېمە دەيسەن ھوي ، ياپياشلا تۇرۇپ خېلى يىل بولدى دەيسەن؟ زاكاڭدىلا چەككەنمىدىڭ؟ لېكىن تاماكا دىگەن يالغۇز قالغان ، ئىچىڭ سىقىلغان چاغلاردا ئىچ پۇشۇقىڭنى چىقىرىدۇ!
  ئۇنىڭغا  جاۋابەن بىر نېمە دەپ ئاغزىمنى گەپكە ئۇمەللەپ تۇرىۋدىم ، ھېكىم ئەلەس ئاغزىنى ئېچىپ قالدى.
-ئاۋۇت ئاكا ، ئاڭلىسام تاماكىنى چېكىيۋەردىڭ دەپ ئايالىڭ سىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتىكەن ، ھە ؟
ئاۋۇت بويتاق ئاغزىدىكى بولۇتتەك ئىسنى يەنە ھېكىم تەرەپكە پۈۋلىدى ۋە بىر قىزىرۋىلىپ:
-نېمە دەيدۇ؟ خۇتۇن ھەيدەپ چىقارمىدى، ئۆزەم چاپىنىمنى دۇلامغا تاشلاپلا يېنىپ چىققان –دېدى ، كېيىن ماڭا لەپپىدە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى
- سەۋەبىنى بىلگۈڭ بارمۇ ھاشىمجان؟ ئۇ تازا ياش ۋاقىتلىىمىزئۇتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلى بولۇپ ، ناخشىنى بۇلبۇلدەك ئېيتيىدىغان چاغلار ئىدى، دېگىنە يەنە مۇشۇخالتا بىلەن مۇشتەك ئۇخلىساممۇ بېشىمدا ئېدى . بىر كۈنى قارسام يەڭگەڭ خالتا بىلەن مۇشتەكنى ئوتقا تاشلىۋىتىمەن دەپ قولىغا ئېلۋاپتۇ، جان –ئىمانىم چىقتى . خالتام بىلەن مۇشتىكىكىم پاتمىغان ئۆيدە بىزمۇ يوق دەپلا خۇتۇننىڭ قۇلىدىن خالتا بىلەن مۇشتەكنى تارتىۋىلىپلا ئۆيدىن يېنىپ چىققانمەن.
- تاماكا خالتا بىلەن مۇشتەكنى دەپ بويتاق ئاتىلىپ كېتىپكەنسەندە؟-دېدى ھېكىم ئەلەس يەنە ماڭا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي چەتكە قارىۋالدىم، ئاۋۇت بويتاق گەدىنىگىچە قىزىرىپ ، غۇدۇڭشىدى:
- بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك بوۋام بىلەن دادامدىن مىراس قالغان نېمە دەيمەن ، ھېكىماخۇن  ،جۇغ جەمىئىي بىرەر يۈز يىللىق يالداما بۇ ، شۇنىڭغا ئاچچىق قىلغان گەپ!
ھېلىلا مۇشتىكىنى بەتىنكىسىنىڭ پاشنىسىغا قاققان ئادەم، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن مۇشتىكىنى تاماكىغا پاتتۇردى، ئاڭغەچە ھېكىم ئەلەسنىڭ يانچۇقىدىكى تېلفۇنى جىرىڭلاپ قىلىۋدى ، ئۇ يان تېلفۇننى قولىقىغا يىقىپ يۈرۈپ كەتتى.
ئادەمنى بەزىدە يوقلا خومارلا تۇتۇپ قالىدۇ. ھېلىقى پاراڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر قولدا ياسالغان كۆك موخۇركىنى غاڭزىغا بىسىپ ، شوراپ –شوراپ چەككۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كۆز ئالدىمغا ئاۋۇت پوچىنىڭ مۇشتىكىنى سىڭايان چىشلىۋىلىپ، تەلئەت ئاكامنىڭ دۇكىنى ئالدىدا غادىيىپ تۇردىغان سىياقى كېلىۋالاتتى . ئاخىر ئادەم چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ، ھەتتا سەل غەيرى بولسۇن ، ئويلىغىنىنى ئىشقا ئاشۇرىشى ، ئارزۇسىغا يېتىشى كېرەكقۇ! شۇ ئىستەك ، خىيالىم نەچچە كۈنلەرگىچە بېسىقماي ئاخىرى بىر كۈنى ھويلىنىڭ ئالدىدىكى لاي سۇۋاق ئورۇندۇقتا غاڭزىسىنى چىشلەپ خىيالچان ئولتۇرغان ئاۋۇت پوچىنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم .
-ئاۋۇت ئاكا ، مۇشۇ سېنىڭكىدەك غاڭزا مۇشتەكنى نەدە ساتىدۇ؟
ئاۋۇت بۇيتاقىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئاغزىدىكى مۇشتەكنى ئالمايلا كىشىنىدى:
نېمە ؟ نېمە دېدىڭ ؟ نەدە غاڭزا ساتىدۇ دەمسەن؟ نېمە قىلسەن ئۇنى؟
-مەنمۇ سەندەك قىڭغىر چىشلەپ موخوركا چىكەيمىكىن دەيمەن!
-ما بالىنى ! ئاۋۇت بۇيتاق ئەمدى مۇشتىكىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا ، تېخى كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراپ كەتتى. كېيىن خالار –خالىماس غۇدۇڭشۇپ قويدى:
قاراپ باقمامسەن ، بىدە بازىرىدىكى چىش دوختورخانىسىنىڭ يېنىدا بارمىكىن ،  موخۇركىچىلار شۇ يەردىغۇ!
-ئەمسە مەن شۇ ياققا بېرىپ باقاي- مەن باشقا نېمىگە ئىرەن قىلمايلا بۇرۇلۇپ ماڭدىم .كەينىمدىن ئاۋۇت بۇيتاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ھەي ، ھەي ھاشىمجان، توختاپتۇرغىن، توختاپ.....گېپىمنى ئاڭلا!
-نېمە گەپ ئاۋۇت ئاكا ؟ دېدىم كەينىمگە قايرىلىپ ،ئاۋۇت بۇيتاق مۇشتىكىگە تازا بىر قاراپ كېتىپ :
-ئالدىرماي تۇرغىنا، بولدى بۈگۈنچە بارما ، ئەتە مەن شۇ ياققا ئۆتىمەن ، بىللە بارايلى ، مەن تاللىشىپ بېرەي، ھەر خىللىرى بارچۇ؟ -دېدى.
-ئەمسە تېخى ياخشى، دېدىم ، مەن سەپىرىمدىن يالتىيىپ، ئاۋۇت ئاكا ، ئەتە چۈشكىچە ئىشلەيمەن ، چۈشتىن كېيىن ساڭا يولۇقاي!
ئەل ياتقۇغا يېقىن دەرۋازىمىز تاراقلاپ كەتى ، بىر تەرىپىمدىن ئەنسىرەپ، بىر ھەيران بولۇپ يېرىم يالاڭغاچ دېگۈدەك تالاغا يۈگۈردۈم.
دەرۋازىنى ئاچسام پۇتلىرىنى كىرەدەپ  ئاۋۇت بۇيتاق تۇرۇپتۇ، مېنىڭ چىقىشىمغا ئۇ گېپىنى باشلىدى:
-ھاشىمجان ئۇكا ، ئەتىگىچە تەخىر قىلالمىدىم. سەن نوچى بالا ، بىراق ھېلىقى نىيىتىڭدىن يانغىن جۇمۇ!
-ق....قايسى نىيتىمدىن؟-دېدىم ئويلاپ يادىمغا ھېچنىمە كەلمىدى.
-ھېلىقىچۇ، بۈگۈن ماڭا دېگەن غاڭزا سېتىۋالدىغان خىيالىڭدىن-ئاۋۇت بۇيتاق خىرىلداپ تۇرۇپ بۇ سۆزنى داۋام ئەتتى – بايقىسام تاماكىنى باشلاش نىيىتىگە كەلگەندەك قىلسەن! نېمە قىلاتتىڭ ، ئۇكا ئاران قۇتۇلغان مەينەتنى يەنە يۇقتۇرۋېلىپ؟ بىزلەر قۇتۇلالمايۋاتساق!
-نېمە دېدىڭ ؟ ئاۋۇت ئاكا؟ دېدىم ھەيران بولۇپ ، خالتا بىلەن مۇشتەك سېنىڭ ئامرىقىڭ ئەمەسمىدى؟
-دەپ قويغان گەپ دېگىنە!- ئاۋۇت پوچى گىرىمسەندە بېشىنى چايقىدى، بىر ئۆمۈر شۇنىڭ كىسىلىنى تارتتىمغۇ مەن ، ئۆپكىمۇ تۈگىدى، ئۆيمۇ يوق بولدى، كانايدىكى غىژ-غاژلا قالدى .
-سېنى مۇنداق دەر دېمەپتىكەنمەن ئاۋۇت ئاكا –دېدىم، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كۈلۈپ –مەنغۇ چاقچاق قىلىپ قويغان، تاماكىنىمۇ چېكىپ كەتمەيمەن، بىراق سېنىڭ گېپىڭ ئاجايىپ بولدى!
-ئۇنداق بولسا ياخشى، دېدى ئاۋۇت پوچى كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ :
-بىر مەرەزنى يۇقتۇرۋالمىسۇن دېدىمچۇ، دەردىنى مەنلا تارتىپ كېتەي!
ئاۋۇت بۇيتاق گەپ –سۆز قىلماي ئارقىغا ئۆرۈلدى، ئىككى – ئۈچ قەدەم بېسىپ ،توختىدىدە:
-سەن ياخشى بالىچۇ ھاشىمجان ، گەپكە قۇشۇق سالمايسەن، ھېكىم ئەلەسكە بۇنداق گەپنى قىلمايمەن مەن! دەپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتى.
ئارىدىن بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپ مەھەلىدە 《ئاۋۇت بۇيتاق دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ》دېگەن پاراڭ تارقالدى. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ تەلئەت ئاكامنىڭ مىلىشمال دۇكىنىغا كەلسەم، ھېكىم ئەلەس ئەتراپىدىكىلەرگە سۆزلەۋىتىپتۇ:
-دېسەم – دېسەم ئۆپكىنىڭ ئىشى ،تاماكىنى نان يېگەندەك يەيتى ئەمەسمۇ ئۇ پوچى ، كاردىن چىقتى دەڭلار!
مەن ھېكىم ئەلەسكە يامان كۆزۈم بىلەن بىر قارىۋېتىپ ، ئاۋۇت ئاكامنى  يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن،ئۈن چىقماي بازار تەرەپكە  ماڭدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 22:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-17 22:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى دىئالوگلار ياخشى ماسلىشىپتۇ.

-ئەمسە مەن شۇ ياققا بېرىپ باقاي- مەن باشقا نېمىگە ئىرەن قىلمايلا بۇرۇلۇپ ماڭدىم .كەينىمدىن ئاۋۇت بۇيتاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ھەي ، ھەي ھاشىمجان، توختاپتۇرغىن، توختاپ.....گېپىمنى ئاڭلا!
-نېمە گەپ ئاۋۇت ئاكا ؟ دېدىم كەينىمگە قايرىلىپ ،ئاۋۇت بۇيتاق مۇشتىكىگە تازا بىر قاراپ كېتىپ :
-ئالدىرماي تۇرغىنا، بولدى بۈگۈنچە بارما ، ئەتە مەن شۇ ياققا ئۆتىمەن ، بىللە بارايلى ، مەن تاللىشىپ بېرەي، ھەر خىللىرى بارچۇ؟ -دېدى.
-ئەمسە تېخى ياخشى، دېدىم ، مەن سەپىرىمدىن يالتىيىپ، ئاۋۇت ئاكا ، ئەتە چۈشكىچە ئىشلەيمەن ، چۈشتىن كېيىن ساڭا يولۇقاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 21:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 22:42
ھېكايىدىكى دىئالوگلار ياخشى ماسلىشىپتۇ.

-ئەمسە مەن شۇ  ...

ھۇرمەتلىك تورداش ئۇستازلار،كەمىنە ئابدۇراخمان سادىقتىن سالام،كۇمپىيۇتۇر بۇزۇلۇپ قېلىپ ئۇستازلار بىلەن ئەسىرالىشالمىدىم ،ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ تەنقىت ۋە مەدەت ئىلھام بەرگەنلىگىڭلارغا رەخمەت ،ئالتۇن قەلىمىڭلار تىخىمۇ قۇۋەت تاپقاي،

ۋاقتى: 2015-9-18 23:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا ئەسەر يوللاش ۋە توردىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئىنكاس يوللاش،تەلەپ-تەكلىپلەرنى بىىرىش ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش