كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 1

ئەلتىگىن: ئۆلۈكلەرگە ئۈچ سۆز، ھاياتلارغا توققۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆلۈكلەرگە ئۈچ سۆز، ھاياتلارغا توققۇز

ئەزىز ئەخمەت ئەلتىگىن

‹‹ئۆلۇكلەرگە ››
بىرىنجى سۆز: ئۆلۈكلەر،قەبرەڭلاردا شۇنداق يېتىڭلاركى،سىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭلارغا ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان بولسۇن.قەبرەڭلارغا شۇنداق كىرىڭلاركى،قەبرىگە كىرگەن سىلەرنىڭ جىسمىڭلار ئەمەس ئالەمنى يورتۇپ تۇرغان بىر قوياش كۆمۈلۇپ كەتكەندەك بولسۇن.
ئىككىنجى سۆز: ئېھ!ئۆلۈكلەر،شۇنداق ئۆلگەن بولوڭلاركى،مەھشەرگاھتا روھىڭلارغا يۆلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ھايات چېغىڭلارنى ئەسلىگىنىڭلاردا بۇ ئالەمدىكى قىلمىش-ئەتمىشىڭلاردىن زارلانمايدىغان،بىھۇدە ئۆتۇپ كەتكەن كۈنۈڭلارغا ئۆكۈنمەيدىغان،ئۆلۈم سائىتىڭلارنىڭ دەل ھەم ۋاقتىدا يىتىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلدىغان بولمىسۇن.
ئۇچىنجى سۆز: يەنە شۇنداق ئۆلۈڭلاركى،بۇ ئالەمدەچالا قويغان ئىشلىرىڭلار ۋە قەرزىڭلار قەبرەڭلەرگە يۆلۈنۇپ سىلەرنى كۇتىدىغان بولمىسۇن.قىلىنغان زۇلۇم-سىتەمىڭلار سىلەرنىڭ گۆرۇڭلار،غەزەپ ۋە قەھرىڭلار كىپىنىڭلار،قىلمىش-ئەتمىشىڭلار لەھتىڭلار بولمىسۇن.ھەم شۇنداق ئۆلگەن بولۇڭلاركى،سىلەرنىڭ خەيرىلىك كەتكىنىڭلار باشقا ئۆلۈكلەرگە ئۈلگە بولسۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەنىسىز،بالدۇر ئۆلۈپ كەتكىنىگە پۇشايمانلار بولسۇن.نەتىجىدە سىلەرنىڭ ئۆلۈكلىكىڭلارغا ئۆلۈكلەرمۇ ئىشەنمىسۇن.

ھاياتلارغا:
بىرىنجى سۆز:قەلبىڭلاردا شۇنداق ئويلاڭلاركى ۋە ئېيتىڭلاركى،ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ دۇنياغا ئىنسان بۇلۇپ تۇغۇلغىنىڭلاردىن پەخىرلىنىڭلار ۋە جاكارلاڭلار.
ئىككىنجى سۆز: شۇنداق ياشاڭلاركى،ئۆتۇپ كەتكەن ھەربىر كۈنۈڭلارغا سىلەر يۇز كىلەلمەيدىغان ئەمەس بەلكى،ھەربىر كۈن سىلەرگە يۇز كىلەلمەيدىغان بولسۇن.
ئۇچىنجى سۆز: ھەرجايدا شۇنداق ياشاڭلاركى،قەيەردىن ئايرىلساڭلار ۋە بولمىساڭلار شۇ جاي سىلەرسىز چانسۇن.خۇددى گۈلزارلىقتىن ئەڭ گۈزەل بىرتۇپ گۈلنى قومۇرۋالغاندەك.
تۆتىنجى سۆز: ھاياتتا شۇنداق رەسسام بولوڭلاركى،گۈزەل قۇش سىزىشتىن بۇرۇن چىرايلىق ئالتۇن قەپەز سىزىڭلار،تەقدىر نەيزىسى كىلىشتىن بۇرۇن تەدبىر قالقىنى ياساشتىن،تەدبىر نەيزىسى بولۇپ تەقدىر قالقىنىغا ئۇرۇلۇڭلار.ئون قاچقۇچىدىن بىر قوغلىغۇچى ئەۋزەلدۇر.
بەشىنجى سۆز؛ شۇنداق ئادەم بولۇڭلاركى،بارلىق ياخشى سۈپەتلەر سىلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان،سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىن ئايلىنىپ كىتەلمەيدىغان بولسۇن،خۇددى ھەسەل ھەرسى گۈلدىن،پەرۋانە ئوتتىن،تۆمۇر ماگنىتتىن،ئاشىق مەشۇقىدىن ئايرىلالمىغاندەك.
ئالتىنجى سۆز؛ ياشاڭلار ۋە ئىسىڭلاردا ساقلاڭلاركى،ھەرقانداق بىر شەيئى سەۋەپسىز ۋە پايدىسىز يارتىلمىغاندۇر.ھەربىر شەيئىدە بىر بۆيۈك خىسلەت مۇجەسسەم،مەخسەت ئۇنى بايقاشتا.
يەتتىنجى سۆز؛ ھەربىر ئادەمنىڭ(ئۆزۇڭلارنىڭ)تەقسىم قىلىنغان ھايات مۇساپىسىنىڭ بىرلىك ۋە مۇقەررەرلىكىگە،ھاياتنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىغا ئۆزۇڭلارغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىڭلار.گوياكى بىرتال سەرەڭگە بىرقىتىم يېنىپ قايتا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلالمىغاندەك.
سەككىزىنجى سۆز: ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئەتىرگۇللۈك باغ ئەمەس،قۇياشتەك يىراق،تاشتەك قاتتىق،قەنىتتەك تاتلىقمۇ ئەمەس،لىكىن ئۈمىد ئۇڭ قانىتىڭلار،ئىشەنج سول قانىتىڭلار بولسۇن.ھەرۋاقىت ئۆز مەۋقەيىڭلارغا ئۆزۇڭلار ئىگە بولۇڭلار.دۇنيا يەنىلا يېڭى،يەنىلا مېھرى ئىسسىق.
توققۇزىنجى سۆز؛ ئۆلۈش ئۇچۇن ياشماستىن،ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى،ھاياتىڭلاردا باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭلارنى تۈنجى ھېس قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن مىسلىسىز بەخىت ۋە ئۆزگىرىش.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 01:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-17 22:55:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەمسە مەن شۇ ياققا بېرىپ باقاي- مەن باشقا نېمىگە ئىرەن قىلمايلا بۇرۇلۇپ ماڭدىم .كەينىمدىن ئاۋۇت بۇيتاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ھەي ، ھەي ھاشىمجان، توختاپتۇرغىن، توختاپ.....گېپىمنى ئاڭلا!
-نېمە گەپ ئاۋۇت ئاكا ؟ دېدىم كەينىمگە قايرىلىپ ،ئاۋۇت بۇيتاق مۇشتىكىگە تازا بىر قاراپ كېتىپ :
-ئالدىرماي تۇرغىنا، بولدى بۈگۈنچە بارما ، ئەتە مەن شۇ ياققا ئۆتىمەن ، بىللە بارايلى ، مەن تاللىشىپ بېرەي، ھەر خىللىرى بارچۇ؟ -دېدى.
-ئەمسە تېخى ياخشى، دېدىم ، مەن سەپىرىمدىن يالتىيىپ، ئاۋۇت ئاكا ، ئەتە چۈشكىچە ئىشلەيمەن ، چۈشتىن كېيىن ساڭا يولۇقاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش