كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 13

قۇدرەت ئېلى: قانداق قىلسام بولار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن قانداق قىلسام بولار؟

قۇدرەت ئېلى

بىر يىل ۋاقت سەرپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان كىتابىم ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ئاخىرى نەشىر قىلىندى.كىتابنى قولۇمغا ئالغاندىكى ھوسۇل شادلىقىدىن ھوزۇرلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا كەيپىياتىم ئۇچتى.چۈنكى «تەرجىمان» دەپ يېزىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنغا «تەرجىمانلار»دەپ يېزىلىپ، مېنىڭ ئىسمىم ئاستىغا يەنە بىر خاتۇن كىشىنىڭ ئىسمى يېزىقلىق تۇراتتى.ھەيران قالماي ئامالىم بولمىدى.كىتابنى ئۆزۈم مۇستەقىل تەرجىمى قىلغاندىم.ئۇزۇن كېچىلەردە ماڭا پەقەت ئايالىملا ھەمراھ بولغان.ئىسمىم ئاستىغا ئىسمى يېزىلغان ئۇ خاتۇننى مەن تونۇمايتتىم،ھەتتا ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغاندىم.بۇ ئىشنى ئۇققان ئايالىم تەتۈرلۈك قىلدى:
-ئاشنىڭىزما؟
-ياق.
-ئەمىسە كىم؟
-بىلمەيمەن.
-...
-...
دەرھال نەشىرىيات مەسئۇلىغا تىلفۇن قىلدىم:
-بۇ قانداق ئىش؟
-شۇنداق بولسا بولمامتى؟
-بولمايتى،چۈنكى بىر بالىنىڭ بىرلا دادىسى بولىدۇ.
-...نىمانچە ئاچچىق گەپ قىلىسىز؟مەن بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن.مەسئۇل مۇھەررىگە تىلفۇن قىلىپ بېقىڭ.
-خوپ!...
نەشىرىيات مەسئۇلىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەسئۇل مۇھەررنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىغا ئېرىشتىم.ئۇنىڭ نۇمۇرىنى باسقىچە غەزەپتىن قوللىرىم تىترەپ كەتتى:
-سىز پۇستانى مۇھەرىر بولامسىز؟
-شۇنداق.
-مەن «ئوقۇغۇچىلارغا ئۆسۈپ يىتىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرەيلى»دىگەن كىتابنى تەرجىمە قىلغان ...
-ھە،شۇنداقمۇ،تىچلىقمۇ؟
-تىچلىق ئەمەس،بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟
-خاپا بوپ قالدىڭىزما؟بىز ئادەتتە شۇنداق قىلاتتۇق دەڭا،سىزگە مەسلىھەت سالماپتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتابنى سىز يازمىغان،تەرجىمە قىلغان بولغاندىكىن،ئۇنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويساق نېمە بولىدۇ؟ئاچچىقىڭىز كەپتۇ-دە؟سىزگە مەسلىھەت سالماپتىمەن،كەچۇرۇڭ.
-مەسلىھەت سالغان بولسىڭىزمۇ قوشۇلمايتتىم،ئاشۇ ھالىڭىز بىلەن مۇھەرىر بولىۋالغىنىڭىزنى قاراڭ....
-ئۇغۇ بىر ناچار كىتاپكەن ...
-ناچار بولسا نەشىر قىلماي،قايتۇرۋەتسىڭىز بولاتتىغۇ؟...
سۆھبەت شۇ يەردە ئۈزۈلدى.ئۇنىڭ بىمەنە گەپلىرى تۈپەيلىدىن قۇلاقلىرىم ئازابلىق مىدىرلاپ كەتتى.
باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئىسمى ئىسمىم ئاستىغا يېزىلغان ئۇ مەزلۇم مەلۇم تېلىۋىزىيە ئىستانسىدا تەرجىمانلىق قىلىدىكەن.ئۈنۋان ئېلىش ئېھتىياجى بىلەن شۇ ئىشلارنى قىلغانمىش...
ئويلاپ قالدىم:
قانداق قىلسام بولار؟بۇ ئىشنى ئۇرۇش-تالاش بىلەن ھەل قىلىش ئەلۋەتتە ئاقىل چارە ئەمەس، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلسام ئۇ مۇھەرىر ئايالغا ،ئۇ تەرجىمان ئايالغا زىيان كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن،ئەرىز قىلماي دىسەم ۋىجدانىم ئۇنىماي تۇرىدۇ...
قانداق قىلسام بولار؟...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 01:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-18 00:35:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپ راسىتمۇ  ؟ نۇمۇسسىز ئادەملەر يەنىلا كۆپكەن جۇمۇ بۇ جاھاندا !

ۋاقتى: 2015-9-18 00:43:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى نەشىرياتتۇ ئۇ ؟...مېنىڭچە  نەشىريات  ئورنىدىكىلەر  مەسئۇليەتنى تولۇق ئۈستىگە ئېلىپ سىزنى قايىل قىلىشى كېرەك، ئۆزىنى قاچۇرسا شۇلارنىمۇ نازارەت قىلدىغان ، باشقۇردىغان ئورۇن بار ، بەك بولمىغاندا  سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ  ھوقۇقىڭىزنى قوغدىشىڭىز كېرەك، باشقا ئىشقا ئوخشىمايدۇ بۇ !

ۋاقتى: 2015-9-18 00:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام نەشرىياتنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلاتتىم!

ۋاقتى: 2015-9-18 12:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرقەت يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 00:55
سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام نەشرىياتنىڭ ئۈستى ...


توغرا گەپ، مەن بولغان بولسام، كىتابنى قايتىدىن نەشىر قىلدۇرغىلى سالاتتىم نەشىرياتتىكىلەرگە، خاتالىقىنى بىر قېتىم تونۇسا ئىككىنجى كىتابنى خاتا باسمايدىغان، بىر قېتىم قاراپ، تەكشۈردىغان ئىش بولسا، قايتا-قايتا، قايتا-قايتا قاراپ ئاندىن باسىدىغان بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 12:35  


ۋاقتى: 2015-9-18 17:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە بۇ ئىشنى يوللىماسلىقىڭىز كىرەكتى.بولغۇلۇق بولدى-ئەمەسمۇ! كەڭ قوساق بولۇپ چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلغىنىڭىز تۈزۈك.ياشاش شۇ قەدەر مۇشاقەتلىك.ئىگىمىز تۈرلۈك سىناقلىرى بىلەن بىزنى مۇشۇنداق كويلارغا سىلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاختۇرغۇزىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-19 12:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەن«چىرايلىقچە ئۇسۇل»نى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تورداشلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئىگىمىز بۇ ئارقىلىق زادى كىمنى سىناۋاتقاندۇ؟
ئەگەر مېنى سىناۋاتقان بولسا،ئىگىمىز ناھەقچىلىق ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ ياتقانلارنى ياقتۇرمايدۇ...

ۋاقتى: 2015-9-19 15:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، مۇنداقمۇ ئىشلار بار ئىكەن دېسە. كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ دېگەن راست ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-9-19 15:47:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    پاكىت قولىڭىزدا بولغاندىكىن، قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىڭ. مەنمۇ بىرىگە ئىككى پارچە دەرسلىك كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ سېتىپ پايدىسىنى ئۆزى يەيدىغان، ماڭا قەلەم ھەققى ئۈچۈن 45مىڭ 500يۈەن بېرىدىغان؛ مەن ئىككى كىتابتىن 2000دىن جەمئىي 4000نى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىدىغانغا كېلىشىپ، توختام تۈزۈپ بەرگەن، مەن توختام بويىچە  4000 كىتابنى ئېلىپ، پۇلىنى بېرىپ بولغان؛ لېكىن مەن ھەققىمنى ئېلىپ بولغىچە خىزمەت ئورنۇمدا (بىر ئىدارىنىڭ ئىچىدە) ئۆزگىرىش بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بەرگىلى ئۇنىماي، ئاخىرى ئارىغا ئادەم سالسام: «ئەرز قىلسۇن، مېنى يېڭەلمەيدۇ، ھوقۇقىدىن پايدىلانغان ۋەھاكازا دەپتىكەن، ئەرز قىلىپ، ساق ئالالمىساممۇ، 37،700 يۈەن ئالغان. ئەرز قىلىش ئەڭ ياخشى يول. سىز ئەرز قىلسىڭىز روھىي زىيان تۆمىلى ئالاليسىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 00:01  


ۋاقتى: 2015-9-19 17:06:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، مۇنداقمۇ ئىش باركەندە؟ مەن ئەسەر نەشىر قىلدۇرۇمىغان ھەۋەسكارمەن سىزگە ئاقلانە چارە كۆرسىتىپ بىرەلمىگنىمدىن تولىمۇ خجلمەن ، مىنىڭچە بولسا ئەرىز قىلسىڭىز.

ۋاقتى: 2015-9-19 23:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش راست ئىكەن دە، بەك نومۇسسىز مۇھەررىرلەر ئىكەن. مېنىڭچىمۇ تويغۇزىۋېتىش كېرەك. سۈكۈت ئاشۇنداقلارغا يول ئېچىپ بەرگەنلىك. نەشىرىياتلاردا كەينى - كەينىدىن كۆرۈلىۋاتقان بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر ئەمدى چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان يېرىگە كەپتۇ. دەل مۇشۇنداق ئىشلار ئۇمىد غېنىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار!» دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-20 11:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، ئۇلار بىلەن بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ھەققىدە ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋالغان ھالدا پىكىرلىشىپ بېقىڭ. پەقەت ھەل قىلىش ئۇسۇلى چىقمىغاندا ياكى ئۇلار ئۆكتەملىك قىلغاندا، سىز «مانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلمىساڭلار، سىلەرنى ئەرز قىلىمەن» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ. شۇ چاغقىچىمۇ ھەل قىلمىسا، ئەرز قىلىڭ.
ئەرز قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا بىر ساۋاق بېرىش، ھەم بۇندىن كېيىن مۇنداق ئىشنى قىلماسلىققا يول ئېچىش، يەنە شۇنداقلا ئادالەتنى ياقىلاش.
ئەگەر بۇ ئىشنى ھەل قىلمىسىڭىز، بۇلار داۋاملىق شۇ ئۇسۇلدا پۇل تاپىدۇ ۋە مۇشۇنداق يالغان ئىسپاتلارنى ياساپ، جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-20 12:01:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر قانچە كىتاپلارنى تەرجىمە قىلغان، لېكىن كىتاپتا ئىسمىم يوق، ھەم ھېچكىمنىڭ ئىسىمى يوق. بوپتۇلا دېدىم، كېيىن تەرجىمە قىلغانلىرىمدا ۋە يازغان كىتاپلىرىمدا ئىسىمىم بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-21 13:29:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا قانۇنغا تايىنىش كرەكتەك قىلىدۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش