يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 8

ئېزىز تۇرسۇن:ئۇيغۇرچە ۋاقىت-ئۇيغۇرچە تەرەققىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           ئۇيغۇرچە ۋاقىت-ئۇيغۇرچە تەرەققىيات

                                                         ئېزىز تۇرسۇن

    گەپنى بۇنداق باشلاش ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تويۇلىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى ياراتقۇچى ۋاقىتنى دىن، مىللەت، ئىرق ۋە رايۇن ئايرىماي ھەممە بەندىلىرىگە ئوخشاشلا بىريىلىنى 365 كۈن، بىر كۈننى 24 سائەت يارىتىپ ياشاش، ياشاش ئىچىدە تەرەققي قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا ۋاقىتنى قانداقتۇر «ئىنگىزچە ۋاقىت»،«نېمىسچە ۋاقىت»،«ياپۇنچە ۋاقىت» دېگەندەك تۈرگە ئايرىش مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. لىكىن، مەن بىزنىڭ ۋاقىت قارشىمىزنىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق»،«ئۇيغۇرچە يىمەك-ئىچمەك»،«ئۇيغۇرچە كىيىم-كىچەك»...لەرگە ئوخشاشلا روشەن خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئۇيغۇرچە ۋاقىت» دەپ ئاتىدىم.
   ۋاقىت توغرىسىدا ئويلىنىش پۇرسىتى ماڭا تولىمۇ كىچىكىپ نىسىپ بولدى. ئادەمگە نېمىنىڭ قەدىرى بەكرەك ئۆتۈلسە ئاندىن شۇ توغرۇلۇق ئويلانسا كېرەك؛ يېقىندىن بويان مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان-«ئوقۇتقۇچىلارنى قوشتىل بويۇنچە تەربىيەلەش» كورۇسلىرىنى ئاچتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۈرۈمچىدە بىر يىل تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر بۈرجىكىدە چوڭ بولغان، ئونىڭ ئۈستىگە ۋىلايەت ئاتلاپ سىرتقا چىقىپ باقمىغان ماڭا ئوخشاش بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن «ئۈرۈمچى» بىر چۈش ئىدى! مەن خۇددى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىدەك قىن-قىنىمغا پاتمىغان خۇشاللىق ئىچىدە مەركىزى شەھەر-ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدىم.
    ئۈرۈمچى-بۇ بىر كاتتا شەھەر ئىدى! ئۇنىڭدىكى بارچە ھاياتلىق قايناقلىق بىلەن تولغان؛ كۆز يەتكۈسىز ئېگىز بىنالار، تىقما-تىقما ماشىنىلار، ئادەملەر توپى ھەممە، ھەممە نەرسە شۇنداق زىچ، شۇنداق ئالدىراش.
    مەن پەقەت تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن يېڭى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر سىنىپقا توپلۇشۇپ «ئۆگەتكۈچى»دىن«ئۆگەنگۈچى»گە ئايلانغان ۋاقتىمدىلا ئاندىن «ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى»ئىچىدە ۋاقىت توغرىسىدا ئويلۇنۇشقا باشلىدىم.
   ۋاقىت-بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىققا كۆز ئاچقان ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۆز يۇمغانغا قەدەر بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى. «ۋاقىت ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ»غان مۇشۇنداق بىر كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە ۋاقىت توغرىسىدا نېمىشقا بورۇنراق ئويلانمىدىم؟!
    «غەربتىكى تەرەققي قىلغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ  ۋاقت قىس، تەرەققىياتى تېز.  بىزنىڭ ۋاقتىمىز كۆپ، تەرەققىياتىمىز ئاستا!»-دەيدۇ دوكتۇرىمىز ئەسئەت سۇلايمان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بىزدىكى بۇ كۆپ ۋاقىت- قىممەت يارىتالمىغان بىكار ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ.
   ئەجدادلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپلا ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ قىممەتلىك تەجىرىبە-ساۋاقلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇنى تونىشىمىز ، ھەزىم قىلشىمىز ئەكىسچە بولغاندەك تۇرىدۇ. «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت»،«ۋاقىت-جان دېمەكتۇر»،«ۋاقىت-ئاتقان ئوق»،« ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى»...دېگەنلەرنى قانداقتۇر« ۋاقىتنى ھېچقانداق ئىشقا سەرپ قىلماي  قولۇڭدا چىڭ تۇتۇپ تۇرساڭلا ،ئۆمرۈڭ ئوزۇن بولۇپ،ھەممىگە ئېرىشىپ باي-باياشات ياشىيالايسەن!»-دەپ چۈشىنىپ «ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي» كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپ «كۆز يومۇش ۋاقتى»مىزنى تېزلىتىپ كەپتىمىز. «ھاياتلىق ھەرىكەتتە»،«ھەرىكەت قىلساڭ بەرىكەت تاپىسەن»-دىسە ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىقىمىز، مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ھەرىكەتلىرىمىزدىن ئۆزىمىزنى مەھكۇملىققا، زاۋاللىققا-گۆرىستانغا باشلايدىغان ھەرىكەتلىرىمىز؛ خاسلىقىمىزنى، «ئۇيغۇر»لىقىمىزنى ساقلايدىغان ھەرىكەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى ئۇنتۇش، غەربلىشىش، ياتلىشىشتەك ھەرىكەتلىرىمىز غالىپ كىلىپ كۈنلىرىمىز«مەيخانا»( توغرىسى: ئەبجەش ئاتالسىمۇ «لەيخانا»)،كەچلىك بەزمىخانىلاردا ئەيشى-ئىشرەت بىلەن ئۆتۈپتۇ!
    چوڭ شەھەر، چوڭ شەھەرگە تۇتاشقان يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، تەرەققىيات پۇرسىتى مەندە ئاجايىپ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىيالىمنى ئۆز ناھىيەمگە ئېلىپ قاچتى. كىچىككىنە بىر ناھيەنى،ئۇنىڭغا يانداشقان يېزىلارنى چوڭ شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمىسىمۇ، «بازارغا يۈزلىنىش» نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا، ناھىيە ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى نىسبەتەن چەت يېزا-قىشلاقلاردىن كۆپ بولىدۇ. لىكىن بىزنىڭ ناھىيەگە نىسبەتەن ناھىيە بازىرىغا يېقىن يېزىلاردىن، ناھىيە بازىرىغا يېراق يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يوقىرى. سەۋەپ؛ ناھىيە بازىرىغا يېقىن يېزىنىڭ ئادەملىرى تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇپ بېيىش تۈگۈل ئىككى پۇل تاپسىلا بازارغا قاتىراپ پۇلىنى،ۋاقتىنى تەڭلا خورىتىدۇ.
  «ئەتىسى نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم»دىن ھېچ بولمىسا «ئەتە نېمىنى ئۆگىنىمەن؟»،«سائەت قانچىدە ئورنىمدىن تۇرىمەن؟» دېگەندەك تۇرمۇش رېتىمىغا كىرگەندىن كىيىن بىچارىلىكتىن سەل-پەل بولسىمۇ خالي بولغاندەك تىتىكلىشىپ قالدىم. ئۆگىنىش ئىچىدە يىتىشەلمىگەن، ۋاقىت تەرىپىدىن سىقىلىپ، ئۇرۇپ-سوقۇلغان چاغلىرىمدا تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن؛« ئۈرۈمچى ۋاقتى » «قەشقەر ۋاقتى» دىن قىسقىمۇ قانداق؟
  ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرنىڭ،بولۇپمۇ ئالىم، يازغۇچى،تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ۋاقىت قارشى، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشى، تۇرمۇش رېتىمىدىن «ئەشۇلارمۇ تاماق يەپ، ئارام ئېلىپ،دوست-يارەنلىرى بىلەن بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرامدىغاندۇ؟»-دەپ قالىدۇ ئادەم! ئۇلارلا ئەمەس ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچى،سودا-سېتىقچىلارمۇ كۈندۈلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەرتىپ بويۇنچە ئورۇنلاشتۇرۇپ يەنە كىشىلىك ئالاقە، ئارام ئېلىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ۋاقىت چىقىرالايدۇ. ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز بىرەر كۈن ئاۋال كىلىشىپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ. قانداقتۇر «ۋاقىتقا باي» بىزلەردەك ئەتە چۈشتە كۆرىشىمىز دەپ «چاشكادىن كۈن ئولتۇرغىچە» ئادەم ساقلاشقا بولمايدۇ.
   ئۈرۈمچىدە ھەممە ئالدىراش. ھالال پۇل تاپىدىغان ھەرقانداق بىر خىزمەت ئىناۋەت، چوڭ-كىچىك، تەبىقە ئايرىماي ئوخشاشلا بازارلىق، ئوخشاشلا قايناق. جەنۇپقا ئوخشاش «ياخشى ئاتنى تاپالماي، ناچىرىنى ياراتماي، قىرغا مىنگەن باراتباي»  بولۇپ ئىشسىز يۈرۈيدىغان، ئاتالمىش يۈز-ئابرۇيى،پۇل مېلى ۋە ھۆنىرىنى پەش قىلدىغانلار يوق دېيەرلىك.
   ئەپسۇس، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلالمىغاندەك، ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقىت رېتىمى، ۋاقىت قارشىمۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ ۋاقىت رېتىمى، ۋاقىت قارشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ «ئۇيغۇرچە ۋاقىت»نىڭ ئىچىدە ھەم سىرتىدا. شۇنداقلا تار يېزا-قىشلاقلاردا ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقىت قارشى ئىچىدە ياشاۋاتقانلارمۇ ھەم يوق ئەمەس.
   مەۋجۇتلۇق-ۋاقىتقا تاينىدۇ. مىللەتنىڭ ۋاقتى دېمەك مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى دېمەكتۇر. ئۇ ھەر بىر ئەزانىڭ ئۈنۈملىك ۋاقىت توپلاملىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تەرەققىيات خامىنىمىزنى ئالتۇن چەشلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. كىلىڭلار، ۋاقىت توغرىسىدا ئويلۇنۇپ بولالمىغان قېرىنداشلىرىم، بىرلىكتە ئويلىنايلى، بىر-بىرىمىزنى تولۇقلايلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 01:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-17 01:12:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توۋا، بى قالسە يڭى گاپتەك بى قەلىسە ھەممىسى قۇرۇق گەپ،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-17 01:33:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، بى قالسە يڭى گاپتەك بى قەلىسە ھەممىسى قۇرۇق گەپ،




راست دەيسىز، بۇ 10 يىل بۇرۇن دىگەن گەپتى. يەنە دىگۈم كەلدى! يېڭى گەپ تاپقۇچە ئاڭلىتىپ تۇراي!

ۋاقتى: 2015-9-17 09:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىگەندىن -دىگەن ياخشى ،ئادەم دىگەننىڭ بىىشىدىن قانداق قىسمەتلىر ئۆتمەيدۇ دەيسىز !

ۋاقتى: 2015-9-17 11:47:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 01:33
توۋا، بى قالسە يڭى گاپتەك بى قەلىسە ھەممىسى قۇرۇق گەپ،  ...

بۇ پىكىرلىرىڭىزنىڭ ۋاقتى 10يىل ئەمەس 100يىلدىن كېيىنمۇ ئۆتمەيدۇ،قىلىچنىڭ ۋاقتى ئۆتسىمۇ ئەدەبىياتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن نەدە بار،مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى ‹‹بورتالا گېزىتى››گە بېسىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئەمما كۆرمەپتىكەنمەن،بۈگۈن كۆرۈپ ئۇچۇمۇمدا تۇرمىغان ۋاقىتلارغا ئىچىم سېرىلدى....

ۋاقتى: 2015-9-17 11:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، بى قالسە يڭى گاپتەك بى قەلىسە ھەممىسى قۇرۇق گەپ،


قىممىتى بار نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ .توردىشىم ،رەنجىمىسىڭىز ئىنكاسنىڭ ۋە تىلنىڭ ساپ توغرا بولىشىغا ئېتىبار بەرسىڭىز .....

ۋاقتى: 2015-9-17 11:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەختەپ نادە، شىنجاڭدىمۇ موشۇنداق داپ مەختاپ بامە؟ قانداكلارنى قوبۇل قىلىدۇ؟




لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى-ماۋزۇلۇق خەۋەرگىمۇ شۇنداق يېزىپسىز ....


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 15:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزنى ‹‹بورتالا گېزىتى››گە بېسىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئەمما كۆرمەپتىكەنمەن


  ئۇنداق ئەمەستۇ، مەن بۇ ماقالىنى ئۇ گېزىتكە ئىبەرتمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا «سومرۇغ» تورىغا يوللىغان ئىدىم!

ۋاقتى: 2015-10-7 01:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ۋاقىت-ئۇيغۇرچە تەرەققىيات------بۇ ياخشى يېزىلىپتۇ .ئېلان قىپ قويۇش كېرەك جۇما ھە ؟ مانداق

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش