قايتا بىر رەت تۇغۇلسام
كامىلجان ناسىردىلداش
ئۈمۈد بىرىپ سۇلغۇن دىلىمغا،
كۆكلەتكەنتىڭ ئارمانلىرىمنى.
چۈمدۈرگەنچە تاتلىق ئازاپقا،
ئاشۇرغانتىڭ ئىلھاملىرىمنى.
يىمىگەنتىم سۆيگۈم ئۈچۈن غەم،
ئەقىدەڭدىن ئاشقان ئىشەنچىم.
لەۋزىڭ بىلەن ياشىدىم تەنھا،
ئۆزگەرمىدى سەن ئۈچۈن لەۋزىم.
ئۆتۈپ كەتتى ئۈمۈدتە كۈنلەر،
ساڭا ھېچ چاغ، ھېچ قىيالمىدىم.
ۋىسال قەسرىڭ قوينغا ئەمما،
پەرۋازىمدا ھىچ كېلەلمىدىم.
ئوڭ–سۇلۇمدا چۈشۈمدىمۇ سەن،
كۈلۈپ ئۆتسەڭ شۇ مېنىڭ بەختىم.
قايتا بىر رەت تۇغۇلسام يەنە،
سەن باغرىمدا تەنھا كەپتىرىم.
سۈرىتىڭنى سىزدىم نەچچە رەت،
ئەقىدەمنىڭ بەتلىرى ئارا.
چىداملاردا كۆيسەممۇ تىمتاس،
ئاشۇ يولدا كۈتىمەن يانا.