كۆرۈش: 1134|ئىنكاس: 7

ژاك دېرىدا ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ژاك دېرىدا ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيسى


2004-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى فىرانىسيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ ژاك دېرىدا پىروفىسسور ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن پارىژدىكى بىر دوختورخانىدا 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 9-چىسلا يۇقىرقى خەۋەرنى جاكارلىدى، ھەمدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھىراك بۇنىڭغا چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بىر پارچە خېتىدە :« ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن فىرانسىيە دۇنياغا ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىدىيەنى تارقاتتى، ئۇ شەكسىزكى بىر ‹دۇنيا پۇقراسى›دۇر» دەپ يازدى.
چۇۋۇلمىچىلىققا ئاساس سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىمۇ فىرانسيە ئىدىيە ساھەسىدىكى سارتىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ يوقىتىشتۇر.
باشلانغۇچتا ئوقۇشتىن ھەيدەلگەن
ژاك دېرىدا 1930-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالجىرىيەدىكى بىر يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى سودىگەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە پايتەخت شەھەر ئالجىرغا جايلاشقان بولۇپ، كېيىن ئەلبىھارغا كۆچۈپ بارغان ھەم شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
ئۇنىڭ ھازىر نامى پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولسىمۇ، بىراق، بالىلىق بالىلىق دەۋردىكى ئوقۇشى ئۇنچە ئۇتۇقلۇق بولۇپ كەتمىگەن. ئالجىرىيە ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغانلىقتىن  ئۇ شۇيەردىكى بىر داڭلىق فىرانسۇز تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1942-يىلى فىرانسيە ۋېسسى ھۆكۈمىتى ئېرقىي زىيانكەشلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، شۇ سەۋەبتىن دېرىدا مەكتەپتىن قوغلانغان. بىراق، بىلىم ئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك دېرىدا بۇنىڭ بىلەن بەل قويۇۋەتمىگەن، ئۇنىڭ قىززىقىشى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇ روسسو، نىتچى، كامىيۇس، پائول ۋالىد قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن.
1949-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئۇ فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، ئۇنىڭ مەقسىدى «فىرانسىيەدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ بۆشۈكى» ـــــــ فىرانسىيە ئالىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇش ئىدى. بىراق، ئۇ ئۇدا ئىككى يىل تىرىشىپمۇ كىرەلمىگەن، 1952-يىلغا كەلگەندە ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۇ بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئېغىزچە ئىمتىھاندا ئۆتەلمىگەن.
50 يېشىدا ئاندىن دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئالغان.
1956-يىلى دېرىدا فىرانسىيە ئالىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ باكلاۋېرلىق ئۈنۋانىنى ئالىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنۋېرىستىتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيسى ئەنئەنىۋى ئىدىيدىكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي كەلگەنلىكتىن، دوكتورلۇق ماقالىسى ئىزچىل ئۆتمەيدۇ، 1980- يىلى ئۇ 50 ياشقا كىرگەندە ئاندىن دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئالىدۇ. بىراق، ئۇ دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئېلىشتىن بۇرۇنلا ئالىلمۇقاچان پەلسەپە ئۇستىللىرى قاتارىدا دۇنياغا تۇنۇلۇپ بولغاندى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا «چۇۋۇلمىزىم» نى ئوتتورغا قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پەلسەپە نەزەرىيەسى ئىنسانىيەت مەدەنىيتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرگەن، پەلسەپە، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، قانۇن، بىناكارلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. پوستمودىرنىزىمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن «چۇۋۇلمىزىم» دېگەن بۇ سۆزمۇ بىر مودا سۆزگە ئايلانغان.
غەرب پەلسەپىسىنىڭ «ئاسيسى»
ژاك دېرىدا چۇۋۇلمىچىلىق پەلسەپىسنىڭ بەرپاچىسى بولۇپ، «چۇۋۇلمىچىلىقنىڭ ئاتىسى» دېگەن نامغا ئىگە. ئۇنىڭ ئىدىيسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن غايەت زور بىر دولقۇننى ھاسىل قىلدى. ئۇ بولسا ئەڭ تالاش –تارتىش قىلىنغان پەيلاسوپ بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىدىيسى پۈتكۈل ئەنئەنىۋى ئادىمىيەت پەنلىرنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويىدى. ھەم پوستمودىرنىزىم ئىدىيسنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىدىيۋى مەنبەسىگە ئايلاندى.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «يېزىقشۇناسلىق ھەققىدە»(1967)،« ئاۋاز ۋە ھادىسە»، « يېزىقچىلىق ۋە پەرق»(1967) «تارقىلىش» (1972)، «پەلسەپىنىڭ گىرۋىكى»، «مەيدان»(1972) «ئادەمنىڭ مەقسدى»(1980) قاتارلىقلار بار. «ئەدەبىيات ھەرىكىتى» ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يازغان يېڭى ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك ئەدەبىيات قاراشلىرنى مۇجەسسەملىگەن. بۇ ھەم بىر پارچە پەلسەپە ئەسەر ھەم يۈكسەك تالانت جەملەنگەن تەنقىد ئەسىرىدۇر.
يالې ئۇنۋېرىستىتىدىكى پەيلاسوپ ھېرىس مېل ئوبرازلىق قىلىپ : «‹چۇۋۇلمىچىلىق› دېگەن بۇ سۆز ئادەمگە بۇ خىل تەنقىد مەلۇم خىل پۈتۈنلۈكنى پارچىلارغا بۆلگەندەك ياكى ئايرىم دېتاللارنىڭ ھەرىكىتىدەك تەسىر بېرىدۇ، ئادەمنى باللار دادىسنىڭ قولىدىكى سائەتنى چۇۋۇپ پەرەختەم قىلىۋىتىپ قايتا بېرىكتۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويغاندىكى دېتاللارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ، بىر چۇۋۇلمىچى ئۇ ھەرگىزمۇ پارازىت قۇرت ئەمەس، بەلكى ئاسيدۇر، ئۇ غەرب مېتافىزىكىسىنى بۇزۇپ، ئۇنى قايتا قۇراشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان بالىدۇر» دەيدۇ.
2001-يىل دېرىدا جوڭگوغا كېلىپ ھەر قايسى جايلاردا ئۆزىنىڭ نەزەرىيسىنى تۇنۇشتۇردى.
ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆكۈنىشى: كەسپى پۇتبۇلچى بولالمىغىنىدۇر.
دېرىدا «چوۋۇلمىچىلىقنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چۇۋۇلمىچىلىق ئەنئەنىگە قارشىلىق بولۇپ، ئەپىلاتون، ئارىستۇتىل قاتارلىقلاردىن باشلانغان غەرب ئەنئەنىۋى مېتافىزىكىسىغا ئېلان قىلىنغان رىقابەتتۇر. بۇ ئۇنى ياۋروپادا ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن.
«لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان:« ئۇ ياشلارغا بىر سوۋغا ئېلىپ كەلدى، بۇ سوۋغا ئۇنىڭ ياشلارغا پەقەت چەتئەلنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەي،  تەتقىق قىلش، ئىزدىنىش، زاماندىن ئۆتكەن ئۆسەك ئىدىيلەرگە قارىغۇلارچە ئىشنىۋەرمەي ئاكتىپ تەنقىد قىلىش كېرەكلىنى تۇنۇتقانلىقىدۇر».
ئەنئەنىۋىلىككە قارشى تۇرغۇچى«ئاۋانگارت» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مەستانىللىرى كۆپىيىش بىلەن بىرگە ئۇنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان ئاۋازلارمۇ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىگەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئۇنى «تالانىت ئىگىسى» دەپ تەرىپلەپ، خۇددى مودا ناخشا چولىنىغا چوقۇنغاندەك چوقۇنسا، تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ نەزەرىيەسنى ئېنىقسىز بولغان نىسبىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى، نەزەرىيەسىدىكى ھەرقانداق نەرسە ئېنىقسىز، ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق نەرسە يەنە بىر نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ تەنقىد قىلغان.
1992-يىلغا كەلگەندە زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. ئەينى دەۋردە ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنۋېرىستىتى ئۇنىڭغا دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى بەرگەندە خارۋارد ئۇنۋېرىستىتىدىكى ۋ.ۋ.كۈيئېن باشلىق 20 پىروفسسور كامبېرىج ئۇنۋېرىستىتىغا خەت يېزىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.
تالانىتلىق بىر پەيلاسوپ بولۇشتىن باشقا دېرىدا يەنە بىر تىل ئۇستىسىدۇر. گەرچە ئۇنىڭ يازمىللىرى دائىم چۈشنىلمەي كېلىنگەن بولسىمۇ.
ئۇ ئوتتورغا قويغان «چۇۋۇلمىچىلىق» بولسا «قۇرۇلمىچىلىق»قا ياكى ئەنئەنىۋى پەلسەپىگە بولغان قارشىلىقتۇر. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «چۇۋۇلمىچىلىق» دېگىنىمىز «قۇرۇلمىغا قارشى تۇرۇش»تۇر.
دېرىدانىڭ قارىشىچە، ئەپلاتۇندىن باشلانغان مېتافىزىكا بىرخىل يۇشۇرۇن بېكىتىلگەن قۇرۇلما بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەممە نەرسىنىڭ كەينىدە بىر تۈپ پىرىنسىپ بار، بىر خىل بەلگىلىگۈچ كۈچ بار، بۇ خىل ئاخىرقى، بىردىنبىر، بىرلەمچى نەرسە بىر قاتار لوگوسلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ لوگوسلار مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ خۇددى «تەڭرىنىڭ قانۇنى»دەك بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى چىقىش خاتالىققا قەدەم بېسىش سانىلىدۇ. بۇ  ئىدىيەنى بۇغۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى چەكلەيدۇ. چۇۋۇلمىچىلىق دەل مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئەخلاق تەرتىپى، كىشلىك ئاڭ ئادىتى ۋە مىللەت روھىدىكى كوللىكتىپ ئاڭسىزلىقتىكى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
دېرىدا «مەركەزسىزلەشكەن، ئەركىن ئۇيۇن» شەكىلدىكى دۇنيانى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭچە چۇۋۇلمىچىلىق بۇ دۇنيانى ئازات قىلىش كۈچىگە ئىگە، خۇددى روللاند بات «يازغۇچنىڭ ئۆلۈمى»بىلەن شادلانغىنىغا ئوخشاش چۇۋۇلمىچىلىقمۇ كىشىلەرگە ئەركىن، شاد دەۋرنى بەخش ئېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.  
قۇرۇلمىچىلىق ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق جەھەتلەردە تىكىستتىكى پۈتۈنلۈكنى، ماسلىقنى ئۆزىنىڭ چىقىش نوقتىسى قىلسا، چۇۋۇلمىچىلىق تىكىستتىكى زىددىيەت ۋە پارچىلىنىشنى يەنى تېكىستنى ئۆز ئۆزىگە قارشى قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغان بولۇپ، ئەسەرنى مەركەزسىزلىك تەلىماتى بويىچە تەھلىل قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ئۇنىڭ «يېزىقشۇناسلىق ھەققىدە» ھەققىدە دېگەن ئەسىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئەڭ كۆپ نەقىل ئېلىنغىنى «تېكىستنىڭ سىرتىدا ھېچنېمە يوق» دېگەن جۈملە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تىل رېئاللىقنى  ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قىلغانلىقىنى، تىلدىن چىقىپ باشقا نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق، دەپ قارايدىغان ئەدەبىيات تەتقىقات قارىشنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

بەيدۇ تورىدىكى ماتېرىياللار ۋە پېتر باررىنىڭ نەنجىڭ ئۇنۋېرىستىتى نەشىياتى تەرىپىدىن ياڭ جىيەنگونىڭ تەرجىمىسى بىلەن 2014-يىل 1-ئايدا نەشىر قىلىنغان «نەزەرىيەگە كىرىش: ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت نەزەرىيەسى» نامىلق كىتابتىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تەييارلاندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvnyukuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-16 16:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-16 18:15:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«پەلسەپىنىڭ گىرۋىكى» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى يوق ھەقىچان ،خەنزۇچە نەشرى بارمىدۇ ؟

باھا سۆز

خەنزۇچىسى بار. ئۇنىڭ ھەممىسى ئەسەرلىرى بار. توردىن ئېلىڭ!  ۋاقتى: 2015-9-16 08:10 PM
ۋاقتى: 2015-9-16 18:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹چۇۋۇلمىزىم››   دىن بىرەنى تەرجىمە قىلىپ بىللە يوللىماي.

ۋاقتى: 2015-9-16 19:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چۇۋۇلمىچىلىق»نىڭ خەنزۇچىسى «解构主义» . بۇ ئاتالغۇ بىر قىسىم ماقالىلەردە ئۇيغۇر  تىلىغا ئاللىبۇرۇن «يەشمىچىلىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-16 19:08  


ۋاقتى: 2015-9-16 22:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiwirhemit يوللىغان ۋاقتى  2015-9-16 19:05
«چۇۋۇلمىچىلىق»نىڭ خەنزۇچىسى «解构主义» . بۇ ئاتالغۇ بىر قى ...

‹‹يەشمىچىلىك›› ياكى ‹‹چۇۋۇلىزم›› ھەققىدە تەپسىلىرەك ماقالە تونۇشتۇرۇلغان بولسا، بەك ياخشى بولاركەن!
ئاپتورغا رەھمەت،ياخشى بىر ئەسەرنى يوللاپتۇ،بۇ ھەقتە ئىزدىنىدىغانلار بولسا،تېزدىن ماقالە يوللىغان بولسا-ھە؟!

ۋاقتى: 2015-9-17 02:10:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-9-17 11:01:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يەشمىچىلىك»دەپ تەرجىمە قىلسا ئەسلى ئوراندىن بەكلا يىراقلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆزنىڭ ئورانى بىر قەدەر سىلىق بولۇپ، «تەھلىل قىلماق»دېگەن مەنىگىمۇ كېتىپ قالىدۇ. دېررىدانىڭ چۇۋۇلمىچىلىق پەلسەپەسى بىر خىل سىستېمىسىزلاشتۇرۇش پەلسەپەسى بولۇپ بارلىق ئەنئەنىلەرنى، بارلىق نەزەرىيەلەرنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، خارەكتىرى ناھايىتى كەسكىن، ئىنقىلابىي بىر ئېقىم. شۇڭا ئۇنى «يەشمىچىلىك»كە ئوخشاش سىلىق مەنە بېرىدىغان سۆز بىلەن ئىپادىلىسە جايىغا چۈشمەيدۇ. مەنچە، ھازىرچە «چۇۋۇلمىچىلىق» ئىبارىسىنى ئەسلى ئورانغا بىر قەدەر يېقىنلاشقان، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
غەرپ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ۋە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، بىز ھەمىشە ئەسلى مەنىگە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىدىغان سۆزنى تاپالماي بەك قىينىلىپ كېتىمىز. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى بىزدە بىر بولسا تىل جۇغلانمىسى كەم، يەنە بىر بولسا ئەسلى ئەسەرنى يازغان پەيلاسوپمۇ ئۆز تىلىدا يېڭى سۆز ياسىغان.
مەسىلەن، داڭلىق پەيلاسوپ ھايدېگېرمۇ بىز ئومۇملاشتۇرۇپ «مەۋجۇدىيەت»دەپلا ئاتايدىغان بىر سۆزنى ئېسىمدە قېلىشىچە «سېئىن»، «بېڭ» دېگەندەك ھەرخىل سۆزلەرنى ياساپ ئىپادىلىگەن.

ۋاقتى: 2015-9-23 10:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، ياخشى بىر ئەسەر ئىكەن. ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش