كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 6

رەپقەت غوپۇر: پايتەختتە ئويغانغان ھېسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پايتەختتە ئويغانغان ھېسلار

رەپقەت غوپۇر

(ئەدەبىي خاتىرە)

سەپەرگە چىقىش ئالدىدا

2014-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قاراماي مەدەنىيەت كەسپىي باغچا رايونىغا جايلاشقان خەلقئارا سەنئەت پورتى كۆرگەزمە زالىدا قاراماي شەھىرى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» لوڭقىسى گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق، فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۆرگەزمە شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك ئاممىۋىي تەلىم تەربىيە ئىشخانىسى، شەھەرلىك نېفىت ئشچىلار ئۇيۇشمىسى، شەھەرلىك دېنىي ئىشلار ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولغان، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە قاراماي رايونى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان چوڭ كۆلەملىك كۆرگەزمە بولۇپ، كۆرگەزمىگە تاللانغان 200گە يېقىن ئەسەر شۇ كۈنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ كۈن مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەسەرلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، مېنىڭ «قاينىغان دولان»ناملىق ماي بوياق ئەسىرىم گۈزەل سەنئەت تۈرى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى، مەكتىۋىمىزنىڭ سېكرىتارى ئەكرەم ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىمىز جاۋ شىيۇمېي قاتارلىق رەھبەرلەر كۆرگەزمىگە كېلىپ، مېنى تەبرىكلىدى ۋە ئىلھام بەردى.  نەچچە كۈندىن كېيىن قاراماي گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى گاۋ لىيەنچىڭ ئەپەندى ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، قاراماي ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قاراماينىڭ گۈزەل سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن موشۇ كۆرگەزمىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن غوللۇق خادىملاردىن يەتتە كىشىنى بېيجىڭدىكى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى،  بۇ تىزىملىكتە مېنىڭمۇ ئىسمىم بارلىقىنى ئېيىتتى. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. چۈنكى، بۇ كۆرگەزمە ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كاتتا كۆرگەزمە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مېنىستىرلىكى، جۇڭگو ئەدەبىيەت سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرىدىغان جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىلىك كۆرگەزمە ئىدى، بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرلەرنى جۇڭگو گۈزەل سەنئىتىدىكى ئەڭ نامايەندە خاراكتىرلىق مۇنەۋەر ئەسەرلەر دىيىشكە بولاتتى.  بۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش مېنىڭ ئىجادىيەت مەنزىلىمگە نىسبەتەن تېپىلغۇسىز تەتقىق قىلىش پۇرسىتى ئىدى. گاۋلىيەنچىڭ ئەپەندى يەنە ماڭا يولغا چىقىش ۋاقتىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن غەمخورلۇق قىلغان ھالدا مېنىڭ كۆپرەك  يېمەكلىك ئېلىۋېلىشىمنى تاپىلىدى.
2015-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭغا ماڭىدىغان يەتتە كىشى قاراماي ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ زالىدا جەم بولدۇق. بۇ يەتتە كىشى: قاراماي گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى گاۋلىيەنچىڭ، قاراماي گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتىنىڭ كاتىپى جاڭ يۈسۈن، قاراماي گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتى ئەزالىرىدىن لىيۈمىڭ، خۇۋېنمېي، نەن جىيەنفېڭ ۋە مەن قاتارلىقلار. ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى، شۇ تاپتا بىز خۇددى گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بەيگىگە چۈشكەن چەۋەندازلاردەك بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراپ قويىشاتتۇق. شادلىق جىلۋىسى چېھرىمىزنى نۇرلاندۇراتتى. ھايال ئۆتمەي گاۋلىيەنچىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىگىدە قاراماي ئايدۇرۇمىغا قاراپ يول ئالدۇق، بىز تىزىملاتقان ئايرۇپىلان14دىن 25مىنۇت ئۆتكەندە قارامايدىن قوزغىلىپ،19دىن 30دا بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىغان T3 ، CA1260 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى ئىدى. بىز تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئايرۇپىلانغا چىقتۇق، شۇنداق قىلىپ،كۆڭۈللۈك ئېكىسكۇرسىيە سەپىرىمىز رەسمىي باشلاندى.

بېيجىڭدىكى قاراماي مېھمانسارىيى

ئايرۇپىلاندىكى ئۈچ كىشىلىك ئورۇننىڭ دېرىزە تەرىپىدە گاۋلىيەنچىڭ، ئوتتۇرىدا مەن سول تەرىپىمدە خۇۋېنمېي ئولتۇردى، بىز قاراماينىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭداشتۇق، بۇ جەرياندا گاۋلىيەنچىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان نۇقتىلارنى ۋە بۇ يەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بەردى، بىز شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ بېيجىڭغا كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماي قاپتۇق، ئايرۇپىلان گۈزەل پايتەختنىڭ كېچە ئاسمىنىدا لەرزان ئۇچۇۋاتاتتى، دېرىزىدىن قارىغىنىمىزدا يالتىراپ تۇرغان چىراق نۇرلىرىدىن رەڭ تۈزەپ، مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان بىر نۇرلۇق سىترېئولۇق خەرىتە گاھى تۈز گاھى قىيپاش ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ نازاكىتىنى نامايان قىلاتتى.  ئايرۇپىلان دەل ۋاقتىدا بېيجىڭ ئايدۇرۇمىغا قوندى. بىز گۈزەل شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرسىنى تاماشا قىلغاچ، مەخسۇس ئايدۇرۇمغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ، مېترو بېكىتىگە كېلىۋالدۇق ۋە مېتروغا ئولتۇرۇپ، بىز چۈشمەكچى بولغان مېھمانخانا بېيجىڭ قاراماي مېھمانسارىيىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېھمانخانا بېيجىڭنىڭ شەرقى شەھەر رايونىدىكى ئەندې يولىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى مېھمانخانا ئىكەن. بۇ مېھمانخانا ئاساسەن شىنجاڭ نېفىت شىركىتىدىن بېيجىڭغا كاماندۇرۇپكىغا كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۈچۈن كۈتىۋېلىش خىزمىتىنى ئۆتەيدىكەن ۋە ئارىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن. ئورنى جەھەتتە، شەرقى تەرىپى جوجى سارىيىغا،جەنۇپ تەرىپى جوڭگۇلو، شىمال تەرىپى يايۈن كەنتى، ئاۋيۈن كەنتىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولايلىق ئىكەن. تاماقخانىلىرىمۇ شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئالاھىدە شىنجاڭچە تائاملار بىلەن مېھمانلارنى كۈتىۋالىدىكەن. مېھمانخانا قورۇسىدا قاراماي ئاساسىي تېما قىلىنغان ئېلان كۆزنەكلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بىز بېيجىڭدا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مېھمانخانىدا ياتقىنىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. بىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، باشقىلار تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى، مەن ئۆيدىن ئەكەلگەن نان، گۆشلەر بىلەن غىزالىنىپ، ئەتىدىكى كۆرگەزمىنى خىيالىمغا كەلتۈرگەچ ياتاققا قايتىدىن نەزەر تاشلىدىم، ئازادە بىزەلگەن بۇ ياتاقتىكى مېنى ئەڭ جەلىپ قىلغان نەرسە كومپىيۇتېر بولدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنى چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە كومپىيۇتېرنى ئاچتىم ۋە گۈزەل سەنئەت سارىيىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتىرياللارنى، كۆرگەزمىگە تاللانغان رەسىملەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ئالدىنئالا مۇناسىۋەتلىك ماتېريالغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئېكىسكۇرسىيەنى غەلبىلىك ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەپ قارىدىم، چۈنكى ئىگە بولغان ماتېريال مەن ئۈچۈن كۆرگەزمىنى چۈشۈنۈش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

كومپىيۇتېردىن ئىگە بولغان سانلىق مەلۇمات

جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى ساقلاش، تەتقىق قىلىش،كۆرگەزمە بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى بولۇپ، بۇ ساراي 1958-يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، 1962-يىلى پۈتكەن ئىكەن. 1963-يىلى 6-ئايدا رەئىس ماۋزېدوڭ «جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى»دىگەن خەتنى يېزىپ بەرگەن ئىكەن. قۇرۇلۇش جۇڭگو مىللىي ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىكى ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلاش، تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان ساراي ئىكەن، ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ يېقىنقى،ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى سېستىمىلىق قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش، چەتئەللەر بىلەن ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئىكەن.
1995-يىلى يېڭىدىن زامانىۋىلاشقان ساقلاش ئىسكىلاتى ياسالغان بولۇپ، كۆلىمى4100كۇۋادىرات مېتىر ئىكەن. بۇ ساقلاش ئىسكىلاتىدا ھەر خىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن 10مىڭدىن ئارتۇق ساقلانغان بولۇپ، يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ئەسەرلەر ئاساس قىلىنغان ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق رەسسام چى بەيشىنىڭ410 پارچە ئەسىرى، شۈبىخوڭ، ۋۇزورېن قاتارلىق داڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بار ئىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا خەلق سەنئىتى ئەسەرلىرى، ھەيكەل، ساپال بۇيۇملارمۇ ساقلانغان ئىكەن. بۇ ساقلاش ئىسكىلاتىدا يەنە گېرمانىيەلىك يىغىپ ساقلىغۇچى ئىئانە قىلغان ياۋروپا، ئامىرىكا سەنئەت ئەسەرلىرىدىن117 پارچە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە بۈيۈك رەسسام پىكاسسونىڭ تۆت پارچە ئەسىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ،سىرتىدىكى داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ 3100قېتىمدىن كۆپرەك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى چوڭراقلىرىدىن «فىرانسىيە 19-ئەسىر يېزا تەسىراتى مەنزىرە رەسىم كۆرگەزمىسى»،«پىكاسسو ئەسلى ئەسەر كۆرگەزمىسى»،«رودېن سەنئەت كۆرگەزمىسى»،«ئافرىقا سەنئەت كۆرگەزمىسى»، «روس رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ سارايدا يىغىپ ساقلانغان ئەسەرلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ فىرانسىيە، ئامىرىكا،ياپونىيە،تۈركىيە،گېرىتسىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان ئىكەن، 2002-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ئاساسىي ئىمارەت قىسمى قايتا بېزىلىپ،كۆرگەزمە ئەسلىھەلىرى، چىراق نۇرلىرى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇكەممەل بولغان، خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلگەن ئىكەن.
ھازىرقى قۇرۇلۇش كۆلىمى 22379كۇۋادىرات مېتىر، 1 -قەۋەتتىن 5-قەۋەتكىچە 17كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، كۆرگەزمە زالىنىڭ  ئومۇمى كۆلىمى 7000كۇۋادىرات مېتىر،كۆرگەزمە ئۇزۇنلۇقى 2110مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قەۋەتتە 9كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، ئومۇمىي ھەجمى 4305كۇۋادىرات مېتىرغا يېتىدىكەن. ئۇزۇنلۇقى 1400مېتىر ئىكەن. ئىككىنچە قەۋەتتە بەش كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 1500كۇۋادىرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 429مېتىر ئىكەن، ئۈچىنچى قەۋەتتە ئۈچ كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ.كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 863كۇۋادىرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 235مېتىر ئىكەن.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر ئونۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ، ھەر بىر كۆرگەزمە رايونى تۈر بويىچە بۆلۈنگەن، يەنى، جۇڭگوچە رەسىم كۆرگەزمە رايونى، ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمە رايونى، باسما رەسىم كۆرگەزمە رايونى، ھەيكەل ئەسەرلىرى كۆرگەزمە رايونى، سۇ بوياق، دۇغ بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە رايونى، سىر رەسىم كۆرگەزمە رايونى، ساپال بۇيۇملار سەنئىتى كۆرگەزمە رايونى، سەنئەت لايىھەسى كۆرگەزمە رايونى، تەجرىبە سەنئىتى كۆرگەزمە رايونى، ئونۋېرسال رەسىم كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلار. دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئۆلكە ئاپتونۇم رايۇنلاردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر ھەرقايسى تۈرلەردىن بولۇپ 23916 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەزمىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئەسەر 4391پارچە ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتقا ۋە ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئەسەر576پارچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى « جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر 160 پارچە ئىكەن. ھەرقايسى تۈرلەردىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەر 7پارچە، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكىنى 18پارچە، مىس مېدالغا ئېرىشكىنى 49پارچە، مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى 86پارچە ئىكەن.
كۆرگەزمە تەسىراتى

ئەتىسى يەنى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتنىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەزالار بىلەن جەم بولۇپ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىغا يول ئالدۇق.
جۇڭگو مىللىي ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان راۋاقلىق بۇ گۈزەل سەنئەت سارىيى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغاندا ھەممىمىز ھاياجانلىنىپ، بۇ ساراينىڭ كۆركەملىكى ھەققىدە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتۇق ۋە بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. ساراي ئالدىدىكى ئۇزۇن قىزىل لوزۇنكا رىشاتكا بويلاپ يېيىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى «12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» دىگەن ئاق رەڭلىك خەت ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
ساراي ئىچىگە كىرگەندە ئاددىي بىخەتەرلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتىدىكەنمىز، ساراي ئىچىگە ھەرقانداق ئىچىملىك ئېلىپ كىرىشكە يول قويۇلمايدىكەن. بىز سارايغا كىرگەندىن كېيىن خۇددى رەڭگارەڭ گۈللەرگە مەستانە بولۇپ، توختىماي ئۇسۇل ئويناۋاتقان كېپىنەكتەك، ھەر بىر ئەسەر ئالدىدا تويماي پېقىراپ يۈرەتتۇق. بۇ ئەسەرلەر مەيلى رەڭ جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن ئەسەرلەر ئىكەن، مېنىڭ كۆڭلۈمدە بۇ ئەسەرلەرگە نىسبەتەن سان بولغاچقا ھەر بىر ئەسەر ئالدىدا كۆپرەك مۇھاكىمە ئېلىپ باردىم، بولۇپمۇ ماي بوياق ئەسەرلەرگە بەكرەك دىققىتىمنى ئاغدۇردۇم. بۇ ئەسەرلەرنىڭ رەڭ، قەلەم ئىشلىتىش ماھارىتى، ئۇسلۇبى، تاللىنىشتىكى سەۋەبى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئويلىناتتىم. كۆڭلۈمدە ئۆز ئەسەرلىرىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزۈمدىكى يېتەرسىزلىكنى تېپىشقا تىرىشاتتىم.  بۇ ئەسەرلەردە ھەر بىر قەلەم ئىزىغا ئاپتورنىڭ ھىسسىياتى شۇ قەدەر سىڭگەنكى، رەسسامنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئاپېرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم. ئەسەرلەردە مەنىۋىي تۇرمۇشتىكى تەسىرات، كەيپىيات ۋە ھېسسىيات نۇقتىسىدىن پىكىر بايان قىلىنىپ، ھەركەتچان ۋە تېنىچ بولغان پىسخىك ئۆزگۈرۈشلەرنى يىغىنچاقلاش، يۈكسەلدۈرۈش ۋە ماددىلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىنغان ئىدى. تېما جەھەتتە قانداقتۇر گۈزەل مەنزىرىلەر،باياشات تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولماستىن بەلكى تۇرمۇشتىكى بىزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاددىي كارتىنىلار، مەسىلەن: تاشلاندۇق زاۋۇت، كونا ئۆيلەر، خەلقنىڭ ئاددىي تۇرمۇشى ئاساسىي تېما قىلىنغان. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى شۇ بولدىكى، بۇ ئەسەرلەر ئۆزئالدىغا مۇستەققىل ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە بىر بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان روشەن خاسلىققا ئىگە ئىكەن. بۇ ئەسەرلەردە تەكرارلاش مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. سەنئەت نۇقتىسىدىن بۇ گەپنى چۈشەندۈرسەم، «تەكرارلاش» سەنئەتكارنىڭ  سەنئەت ھاياتىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى ياكى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان ئىجادىيەت پائالىيىتىدىن ئىبارەت. تەكرارلاش ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي دوراشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردىكى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى  تەكرارلاش دىگىنىمىز ئىجاتچانلىقى بولمىغان قارىسىغا دوراشنى كۆرسىتىدۇ، ئۆزىنىڭكىنى تەكرارلاش بولسا توختىماستىن قېلىپتا قۇيغاندەك ئوخشاش ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قەدىمىنى توختىتىپ ئالغا ئىلگىرلىمىگەنلىك بىلەن باراۋەر بولىدۇ، مەسىلەن، بىز «ھازىرقى زامان رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئاتىسى»دەپ ئاتالغان بۈيۈك رەسسام سىزاننىڭ ئەسەرلىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە دەپ قارايمىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى دورىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى ھىچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئىسپانىيەلىك داڭلىك رەسسام پىكاسسونىڭ ئەينى چاغدا «دۇنيادىكى ئەڭ ياش سەنئەتكار» دەپ ئاتىلىشىمۇ  ئۇنىڭ باشقىلارنى تەكرارلاشنى خالىمىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭكىنىمۇ تەكرارلاشنى خالىمىغانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى توختىماي پىكىر قىلىش، ئۇسلۇبى توختىماي ئۆزگۈرۈش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمە تالانتقا ۋە سەنئەت ئىجاتچانلىقىغا ئىگە بولۇش بىلەن نامى چىققان. دىمەك، سەنئەتكارلار توختىماستىن ئىجاد قىلغاندىلا ئاندىن سەنئەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، سەنئەت ئىجادىيىتى توختىماستىن ئۆزىدىن ھالقىشتۇر. مەن بۇ رەسىملەرنى بىر-بىرلەپ كۆرىۋېتىپ بىر ئەسەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق سېزىم قاپلىدى. رەسىمدە كۆزلىرىدىن ئاقكۆڭۈللۈك، پاكلىقنىڭ سىماسى بالقىپ تۇرغان، بېشىغا چىرايلىق چىمەن دوپپا كەيگەن، ئۇچىسىغا كۆڭ رەڭلىك ئەتلەس كېيگەن گۈزەل ئۇيغۇر قىزى ساتار چېلىپ ئولتۇرغان ھالدا بىزگە تىكىلىپ تۇراتتى.  بۇ رەسىم بۇ كۆرگەزمىگە ئەسىرى تاللانغان بىردىنبىر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ ئەسىرى يەنى زۆرەم ياسىن مۇئەللىمنىڭ ئەسىرى ئىدى. زۆرەم مۇئەللىم مەن سەنئەت ئېنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىزگە ماي بوياق دەرىسىنى بەرگەن. ئۆزىنىڭ كۈچلۈك كەسىپچانلىقى، ئىسىل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن قەلب تۆرىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇ كۆرگەزمىدە زۆرەم مۇئەللىمنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. كۆك رەڭ ئىچىدە جۇلالىنىپ ئۇسۇلغا چۈشكەن قەلەم ئىزلىرى، پاكىز رەڭلەر ئىچىدە چوڭقۇر مەنە تاپقان ھېسسىيات مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. مىللىي مەدەنىيەت قاتلىمى سەنئەتكار پائالىيىتىنىڭ بىۋاستە زىمىنى بولۇپ، سەنئەتكار بۇ زىمىندىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. مەن بۇ ئەسەر ئالدىدا خېلى ئۇزاق زوقلانغاندىن كېيىن قەدىمىمنى يۆتكەپ ماي بوياق تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن «كۆۋرۈكتىكى مەنزىرە» ناملىق ئەسەر ئالدىغا كەلگەندە  ئىختىيارسىز قەدىمىمنى توختاتتىم. ئەسەردە، ئۈچ ئادەم كۆۋرۈك ئۈستىدە مەلۇم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىزگە مەلۇم نەرسىنى دىمەكچى بولغاندەك بىلىنىدۇ، ئارقا كۆرۈنۈشتىكى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتقان ئېففىل تۆمۈر  مۇنارىدىن  ۋە بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كېيىنىش ئالاھىدىلىكىدىن بۇ يەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى تۈنۈگۈن توردىن كۆرۈپ، ئانچە چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. شۇڭا كۆز ئالدىمدا تۇرغان بۇ نادىر ئەسەرنى قايتا -قايتا كۈزەتتىم. ئەسەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئۇزاق مۇلاھىزە ئېلىپ باردىم. مەن رەسىم كۆرۈش جەريانىدا بۇ رەسىمنىڭ يان تەرىپىگە ئېسىلغان كىچىك رامكىلىق باھا سۆزىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئادىتىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە باھا سۆزى يېزىلىپ قويۇلىدىكەن. بۇ باھا سۆزىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاندىن بۇ رەسىم ھەققىدە بىرقەدەر توغرا بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.  رەسسام خې خوڭجونىڭ بۇ ئەسىرىدە  تەسۋىرلەنگەن بۇ ئۈچ كىشى بولسا شۇ يىللىرى فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان لىن فېڭمىيەن، ۋۇ دايۈ، لېن ۋېنجېڭ قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى ئىكەن. ئەسەردە پارىژنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىشتىكى سەۋەپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ  پارىژ دۇنيا سەنئەتكارلىرى جەم بولىدىغان سەنئەت شەھىرىگە ئايلانغان. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ يەردە  رەسىم ئۈگەنگەن، بۇ ئۈچ رەسسام ئەينى دەۋىردىكى شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن تالانتىلىقلىقى، كۆڭلىگە گۈزەل ئارمانلارنى پۈككەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، دىمەك ئۇلار  ئۇلار شەرىق، غەرىپ سەنئىتىنى ئۆز-ئارا باغلىغۇچىلار، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغۇچىلار، چەتئەل ۋە جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلار، ئەسەردىكى كۆۋرۈك دەل موشۇنى چىقىش قىلغان ئىكەن. دىمەك ئەسەر ماۋزۇسى بولغان «كۆۋرۈكتىكى مەنزىرە» ئادەتتىكى كۆۋرۈك مەنزىرىسى بولماستىن جۇڭگو ۋە چەتئەل مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى سىمۋول خاراكتىرلىق كۆۋرۈكنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەن. مەن بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئايلىنىپ، چۈشلۈك تاماقمۇ يىمەي ئاخىرقى ھېساپتا پۇتۇن ئەسەرلەرنى تولۇق كۆرۈپ تۈگەتتىم. تەسىراتىممۇ چوڭقۇر بولدى، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، ئەڭ مۇھىمى جۇڭگو رەسساملىرىنىڭ ھازىرقى دەۋر ئىجادىيەت يۈزلىنىشى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. ئىجادىيەت مەنزىلىمگە نىسبەتەن يېڭى نىشان تىكلەندى.

879سەنئەت رايونىدا كۆرگەنلىرىم

2015-يىل12-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىز  بېيجىڭدىكى داڭلىق بولغان« 879سەنئەت رايونى»دەپ ئاتالغان يەرگە كەلدۇق. بۇ سەنئەت رايونى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى جىيۇشەنچىياۋ 718نومۇرلۇق چوڭ قورۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن. بۇ رايون 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئەسلىدىكى سانائەت قۇرۇلۇش ئورنىدا پەيدىنپەي شەكىللىنىپ ھازىرقى زامان سەنئىتىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان سەنئەت رايونىغا ئايلانغان ئىكەن. بۇ يەر ھازىر جۇڭگو چەتئەل مەدەنىيەت سەنئەت كەسپى ئالاھىدە رايونى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ يەر يەنە «798-زاۋۇت سەنئەت رايونى»دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشىدا بېيجىڭ دۆلەت ئېگىدارچىلىقىدىكى ئېلېكتىرۇن سانائەت زاۋۇتىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغان ئىكەن. بۇ يەردە جەمى 718چوڭ ھويلا بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 230مڭ كۇۋادىرات مېتىر ئىكەن. بۇ يەرگە جۇڭگودىكى داڭلىق سەنئەتكارلار توپلانغاندىن سىرت يەنە ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، بىلگىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سەنئەتكارلىرىنىڭ رەسىم كارىدورلىرى بار ئىكەن.
بىز يېغىلىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بەلگىلەپ قويۇپ، بۆلۈنۈپ ئايلىنىشقا باشلىدۇق، بۇنداق بولغاندا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىش دائىرىمىز بويىچە تەجرىبە توپلىيالايتتۇق، ئايلىنىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ يەردە ھەر بىر سەنئەتكار ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىۋالغان ئىكەن، ھەر بىر دۇكان باشقا دۇكانلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا زىننەتلەنگەن بولۇپ، دۇكاندىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ خاراكتىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئىكەن. مەن ئاساسەن ماي بوياق رەسىم سېتىلىدىغان كارىدورلارنى ئاساسلىق زىيارەت نۇقتىسى قىلدىم، چۈنكى بىر كۈن ئىچىدە ھەممە يەرنى تولۇق كۆرۈپ بولغىلى بولمايتتى. بۇ ماي بوياق رەسىملەرنىڭ سۈپەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىمدا يۇقۇرى سەۋىيىدىكى رەسىملەرمۇ، تۆۋەن سەۋىيىدىكى رەسىملەرنىمۇ ئۇچراتتىم. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى شۇ بولدىكى، بۇ سەنئەت رايونى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە ئەسەرلىرىنى ئىقتىزادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغان ھەرقانداق سەنئەتكار ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى بولدى. بۇ يەرگە كېلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن.  خىلمۇ خىل ھەيكەللەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى زامان مودېرنىزىم ئېقىمىغا تەۋە بولۇپ، بۇ سەنئەت رايونىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچىلىكى ھېساپلىنىدىكەن.  بۇ يەردە تۆۋەن سەۋىيىدىكى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمنىمۇ نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدىكەن، مەن ھەر بىر رەسىم كارىدورىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن زوقلانغاچ مېڭىپ « 751-نومۇرلۇق پويىز بېشى» دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە كېلىپ قالدىم، بۇ يەردە بىر كونا پويىز توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، پويىز ئىچى قەھۋەخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. 200مېتىر نېرىدىكى تاختىدا «تىرىك 3D موزىيخانىسى » دىگەن ۋېۋىسكىنى كۆرۈپ قالدىم، سىتېروئولۇق رەسىملەرگە بۇرۇندىنلا قىزىقىشىم بولغاچقا بۇ موزىيخانىغا كىرىپ چىقىش خىيالىغا كەلدىم. بىلەت باھاسى 70يۈەن ئىكەن، بۇ يەردە  خىلمۇ خىل سىترىئولۇق رەسىملەر تام ۋە يەرلەرگە سىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر قىزغىنلىق بىلەن رەسىم چۈشىۋاتاتتى، توغرا نۇقتىنى تېپىپ رەسىمگە تارىتقاندا رەسىمگە چۈشكۈچى مەنزىرە بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، مەنزىرە ئىچىدە تۇرغاندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇ يەردە يەنە داڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ رەسىملەردىكى ئوبرازلار خۇددى جان كىرىپ قالغاندەك ئۆز-ئارا سۆزلىشىدىكەن ۋە  ھەركەتلىنىدىكەن،  مەن بۇرۇن سىتروئولۇق رەسىملەرنى قانداق سىزىدىغاندۇ دەپ ئويلايىتتىم، بۇ يەرگە كىرىپ ھېس قىلدىمكى، بۇنداق رەسىملەرنى سىزىش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن، پەقەت كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىكى خاتالىقتىن پايدىلىنىپ، سىتىروئولۇق تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن. بۇ موزىيخانىدىن چىقىپ ئۇزاق ماڭماي بىر كىتاپ يايمىسىغا كېلىپ قالدىم، بۇ كىتاپ يايمىسىدا دۇنياغا داڭلىق رەسساملارنىڭ كىتاپلىرى يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن، مەن بۇ كىتاپلار ئىچىدىن «رەڭگە يوشۇرۇنغان سىرلار» ناملىق كىتاپنى سېتىۋالدىم، شۇنداق قىلىپ بىر كۈن ۋاقتىم ئايلىنىش بىلەن ئۆتتى، بىزنىڭ يېغىلىدىغان ۋاقتىمىزمۇ بولۇپ قالغان ئىدى.  مەن كوچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ كەلدىم، ھەممىسى يېغىلىپ بولغان بولۇپ، مېنىلا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز تەسىراتلىرىمىزنى سۆزلەشكەچ بۇ رايوندىن ئايرىلدۇق.

روس رەسساملىرى قالتىسكەن

1-ئاينىڭ 1-كۇنى يەنى يېڭى يىل كۈنى ئەنتىگەندە بىز دادۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىغا بارماقچى بولدۇق. بىز بۇ يەردە «روسىيە تېرچاكۇف دۆلەتلىك رەسىم كالىگورىيىسى، ساقلانما ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق.
دادۇ گۈزەل سەنئەت سارىيى بېيجىڭدىكى داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت رايونى گوزىلىن  كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، گوزىلىن ۋە كوڭزى ئىبادەتخانىسى بىلەن خوشنا ئىكەن. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 11مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق ئىكەن. ئاساسەن ساقلاش، تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە بىر گەۋدە قىلىنغان گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىكەن. بۇ ساراينىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا غەرىپ ھازىرقى زامان لاھىيە ئۇقۇمى بىلەن شەرىقنىڭ قەدىمىي ئىستېتىك قارىشى ئۆزئارا بىرلەشكەن ئېسىل قۇرۇلۇش ئىكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىنىلا مۇنەۋەر سەنئەت ئەسىرى دىيىشكە بولىدىكەن.
كۆرگەزمە مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ كۆرگەزمىگە 1894-يىلدىن 1980-يىلغىچە بولغان 30دىن ئارتۇق رەسسامنىڭ 56پارچە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى روسىيە رەسساملىرىنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇ كۆرگەزمە نامىدىكى «تېرچاكۇف» دىگەن ئىسىم 1834-يىلدىن 1892-يىلغىچە ياشىغان رەسىم ساقلاش ھەۋەسكارىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ رەسىم كالىگورىيىسى شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىكەن.
مەن كۆرگەزمە ئىچىگە كىرگەندە جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ ئەسەرلەردىن روس رەسساملىرىنىڭ پىشقان سەنئەت تالانتىنى كۆرۈپ  سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم.
بۇ رەسىملەر تېما جەھەتتە تۇرمۇش، ئۆرىپ ئادەت رەسىمى، پورتېرىت رەسىم، مەنزىرە رەسىم ۋە جىسىم رەسىملىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، روس مىللىتىنىڭ خاراكتىرى رەسىمدىكى رەڭ ۋە شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى، شۇنداقلا تەبىئەتكە زىچ باغلانغان كىشىلىك تۇرمۇشقا مەدھىيە ئوقۇلغان ئىدى. بۇ مۇنەۋەر ئەسەرلەر روسىيەنىڭ دەسلەپكى دەۋىردىكى  سەنئەت ئاساسىي ئېقىمى بولغان كىلاسسىزىم ئېقىمىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان ھالەتتە روس مىللىتىنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋار بولغان مەدەنىيەت روھى ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئەسەرلەر  مارىياۋىننىڭ «رېپىننىڭ پورتىرىتى»ناملىق ئەسىرى، نېستېروفنىڭ «ۋاسنېتسوۋنىڭ پورتىرىتى»ناملىق ئەسىرى، يۇئوننىڭ « ئاۋغۇسىت ئېيىدىكى كەچقۇرۇن»ناملىق ئەسىرى، بۇنىڭدىن باشقا روسىيە ئاۋانگىرات ئېقىمىغا تەۋە رەسساملاردىن، كونچالوۋىسكىنىڭ «ئىسكىرىپكا» ناملىق ئەسىرى، سارىئاننىڭ «تاغ باغرى» ناملىق ئەسىرى بولدى. كۆرگەزمىخانىدا روسىيەنىڭ 1960-يىلدىن 1980-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى  ئەسەرلىرىگە يەنە ئايرىم زال تەسىس قىلىنغان بولۇپ. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە موسىئىنكونىڭ « خەت توشۇغۇچىلار»، «ئانىلار،ھەدىلەر»، «9-ماي» ناملىق ئەسەرلىرى بار ئىكەن. بۇ ئەسەرلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، روس رەسساملىرىنىڭ دۇنيا رەسساملىقىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىكەن. مەن تۈنۈگۈن كۆرگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئەسەرلەر بىلەن بۇ ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ شۇنى بايقىدىمكى، جۇڭگو رەسساملىقىدا روس رەسساملىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، روس رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو رەسساملىق سەنئىتىدىكى يەنە بىر يورۇق نۇقتا ئىكەن. مەن بۇ ئەسەرلەردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ئالغان ھوسۇلۇممۇ كۆپ بولدى، قايتىش ۋاقتىدا كۆرگەزمە مەسئۇل خادىمىدىن « روسىيە تېرچاكۇف دۆلەتلىك رەسىم كالىگورىيىسى، ساقلانما ئەسەرلەر توپلىمى»نى سېتىۋالدىم، بۇ ئەسەرلەر مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىش قىممىتى يۇقۇرى ئەسەرلەر ئىدى. يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنى  موشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىنىمدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم.

سوڭ جىياسۈن رەسساملار كەنتى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتنىگەندە بىز سوڭجىياسۈن كەنتىگە ئاتلاندۇق.
بۇ كەنت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ توڭجۇ رايونىغا جايلاشقان ئىكەن.سوڭ جىياسۈن كەنتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 115مىڭ929كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 100مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. يېشىللىق قاپلىنىش نىسبىتى 33پىرسەن ئىكەن. بۇ كەنىت ئۇزاق تارىختىن بۇيان مول مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە سەنئەت كەيپىياتىغا ئىگە بولۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ كەنىتكە سەنئەت تالانتىلىقلىرى يىغىلغان بولۇپ، ئاللىقاچان بېيجىڭنىڭ جۇڭگو بويىچە كۆلىمى چوڭ نامى مەشھۇر سەنئەتكارلار كەنتى بولۇپ قالغان ئىكەن. ئارىمىزدىكى نەن جىيەنفېڭنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى دەل موشۇ كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. ئۇلار ئۆز-ئارا ئالاقە قىلغان بولسا كېرەك، بىز بۇ كەنىتكە كېلىشىمىزگە  نەنجىيەنفېڭنىڭ ساۋاقدىشى ئالدىمىزغا چىقتى. بۇ چەبدەس يىگىت جۇاڭزۇ مىللىتىدىن ئىكەن، ئۇ بىزنى يەتتە كىشىلىك بىر ماشىنىغا سېلىپ بىزگە يول باشلىغۇچى بولدى، ئۇ تولىمۇ پاراڭچى يىگىتكەن، بىزگە بۇ كەنت ھەققىدە كۆپ پاراڭلارنى قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ كەنىتنىڭ «رەسساملار كەنتى» بولۇپ شەكىللىنىپ قېلىشىدا يۇەن مىڭيۇەن كەنتىنىڭ باغلىنىشى زور بولۇپ، 1993-يىلدىن 1994-يىلغىچە يۇەن مىڭيۇەن كەنتى ئەينى چاغدا جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دائىم كېلىدىغان مۇھىم مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن،  بۇ خىل ئەھۋال سوڭجىياسۈن كەنتىنىڭمۇ تونۇلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، نۇرغۇن جاھانكەزدى سەنئەتكارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن رەسساملار بۇ تېنىچ گۈزەل كەنىتتە رەسساملىق ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىپتىكەن. 1994-يىل باھاردا شەھەردىن ئونغا يېقىن كەسپىي رەسسام شەھەرنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە مۇقىم ئورۇنلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شوغۇلللىنىپتۇ. كېيىن بۇ يەردە سەنئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى قۇرۇلۇپتۇ، بۇ جەمىئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ يەر كۆلەملەشكەن سەنئەت رايونى بولۇپ شەكىللىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت جۇڭگو ۋە چەتئەل رەسىم سودىگەرلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆز تىكىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ يەردە ھازىر 2000غا يېقىن سەنئەتكار بار ئىكەن. ھازىر بۇ يەردىكى ئاساسلىق سەنئەت مەركەزلىرىدىن سوڭجۇاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئامىرىكا ھازىرقى زامان سەنئەت موزىيى، تەيۋەن،شىياڭگاڭ رەسىم كارىدۇرى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇ پاراڭ قىلغاچ ماشىنىنى بىر چوڭ قورۇ ئالدىغا توختاتتى. بۇ قورۇ « جۇڭگو سەنئەت ئوبزورچىلىقى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋاڭ شىشۈننىڭ قورۇسى ئىكەن، ۋاڭ شىشۈن بىزنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى، ئۇنىڭ قورۇسى ئىشخانا شەكلىدە ئىككى قەۋەت بولۇپ، ھەر ئىككى قەۋىتىگە ئۆز ئەسەرلىرىنى چىرايلىق ئېسىۋالغان ئىكەن، بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى زوقمەنلىك بىلەن كۆرۈشكە باشلىدۇق، گاۋلىيەنچىڭ قاراماي گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا ۋاڭشىشۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ سەنئەت كۆز قارىشىنى يېغىنچاقلاپ « سەنئەتتە ئەڭ مۇھىمى روھ، ئادەمدە روھ بولمىسا جەسەتتىن پەرقى يوق، رەسىمدە روھ بولمىسا كېرەكسىز قەغەزدىن پەرقى يوق.»دىدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئالقىشلىدىم. قايتىدىغان چاغدا ۋاڭشىيەنشۈن ئەپەندى بىزنى ئىمزا قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى،ئادەتتە بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار ئىمزا قويۇپ، دوستلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئاۋال گاۋلىيەنچىڭ ئىمزا قويدى، نۆۋەت ماڭا كەلگەندە چىرايلىق ئۇيغۇرچە ھۆسنىخەت بىلەن ئىمزايىمنى قويدۇم. ئاندىن دەپتەرنى ۋاراقلاپ كۆردۈم، بۇ دەپتەردىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەت مېنىڭ ئىمزايىم ئىدى. ئاخىرىدا بىز خاتىرە رەسىمگە چۈشتۇق ئاندىن خوشلىشىپ يەنە بىر قورۇغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ قورۇ جۇڭگودىكى داڭلىق رەسسام يى لىڭنىڭ قورۇسى ئىكەن، بۇ يەردىمۇ بىر چوڭ زالغا يى لىڭنىڭ ئەسەرلىرى ئېسىلغان ئىكەن. كېيىن بىلدىمكى بۇ يەردىكى سەنئەتكارلار ئۆز قورۇسىنى كۆرگەزمە شەكلىدە بىزەپ،شۇ يەردە ئىجادىيەت پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىكەن، بۇ قورۇنى «ئىشخانا» دەپ ئاتاپ قويىدىكەن. بىز شۇنداق قىلىپ بەش مەشھۇر رەسسامنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن جۇاڭزۇ يىگىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن شۇ يەردىكى بىر موسۇلمانچە خۇيزۇ ئاشخانىسىدا غىزالاندۇق، ئاندىن بۇ كەنىتنىڭ گۆھىرى ھىساپلىنىدىغان، جۇڭگو ۋە چەتئەلگە داڭلىق  شاڭ شاڭ خەلقارا گۈزەل سەنئەت سارىيىغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ ساراي كونا قەلئە شەكلىدە ياسالغان، سەنئەت تۈسى ئىنتايىن قويۇق گۈزەل ساراي ئىكەن، بۇ ساراي سوڭ جىياسۈن كەنتىنىڭ سىمۋول خاراكتىرلىق سارىيى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ ساراي 2006-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان ئىكەن. كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 20000كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ھېساپلىنىدىكەن. ئىمارەت لاھىيىسىنى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكار جويۆچاۋ ئەپەندى لايىھىلىگەن ئىكەن. بۇ سارايدا ئاساسەن جۇڭگو ھازىرقى زامان سەنئىتى ۋە خەلقئارا ھازىرقى زامان سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. بىز ئىچىدىكى ئەسەرلەردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇق، سارايدىن چىققان ۋاختىمىزدا تۈن ئاللىقاچان قارايغان ئىدى. بىز قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا گاۋلىيەنچىڭ « بۇ يەردە بىز يوقلاپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان بىر ئادەم بار، شۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەيلى»دىدى. بىز ئۇ ئۆيگە بېرىپ ئۆز كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق، بۇ كىشى قاراماي مەدەنىيەت سارىيىنىڭ پىشقەدەم رەسسامى، قاراماي خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادىمىك باشلىقى لى شۇيى ئەپەندى ئىدى. ئۇ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن بۇ يەرگە ماكانلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۇ ھازىر بۇ يەردىكى جۇڭگو سوڭجۇاڭ رەسساملار ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادىمىك باشلىقى ئىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ھەر بىرىمىز بىلەن قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئەڭ ئېسىل چايلىرىنى دەملەپ بەردى، بىزمۇ بۇ يۇرتدىمىشمىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالغىنىمىزدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇق، مەن سومكامدىن قارامايدىن ئالغاچ كەلگەن شىنجاڭ نانلىرىدىن بەش-ئالتىنى ئېلىپ بۇ كىشىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا بەردىم، ئۇ قايتا قايتا رەھمەت ئېيتىپ ناننى قوبۇل قىلدى، لى شۇيى ئەپەندىنىڭ ئۆيىمۇ كۆرگەزمە شەكلىدە بولۇپ، تاملىرىغا ئۆزىنىڭ ئىسىل جۇڭگوچە رەسىملىرى ئېسىلغان ئىدى، بىز ئۆينى پېقىراپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق، ئاندىن چاي ئىچكەچ مۇڭداشتۇق. لى شۇيى ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، 2005-يىل ۋە 2006-يىل ئارلىقىدا بۇ كەنتتە زور ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىپتۇ،ئىككى قېتىم ئۆزىگە خاس بولغان «سوڭجۇاڭ مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى» ئۆتكۈزىلىپتۇ، بۇ يەر ھازىر بېيجىڭغا ساياھەتكە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن چوقۇم كېلىشكە تېگىشلىك بىرىنچى بىكەت ھىساپلىنىدىكەن. بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىمۇ قىممەت بولۇپ، ئازراق ئىقتىدارى، نامى بولمىغانلارنىڭ بۇ يەردە كۈن كەچۈرىشى تەس ئىكەن. ئاخىرىدا ئۇ بىزگە ئۆزى چىقارغان كىتاپلارنى سوۋغا قىلدى ۋە ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. بىز بۇ يەردىن خوشلاشقان ۋاقتىمىزدا بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، شەھەر ئىچىگە قاتنايدىغان ئاپتوبوسلار توختاپ كەتكەن ئىكەن، ئامالسىز تاكسى توسۇپ ياتاققا قايىتتۇق.

ياتاقتىكى خىياللار

ئەتىسى يەنى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتنىگەندە بىز يەن خۇاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدىغان« غەربى يۇرت ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»نى كۆرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. بۇ ساراي بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونى يايۈن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ساراينىڭ قۇرغۇچىسى داڭلىق رەسسام خۇاڭ جو ئەپەندى ئىكەن. زالغا كىرىش بىلەنلا خۇاڭجو ئەپەندىنىڭ يېرىم بەدەن تاش ھەيكىلى كۆزىمىزگە چېلىقىدىكەن، ئەپسۇس، بىز بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدۇق، كۆرگەزمە ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان ئىكەن. بىز ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق، ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان نۇقتىلارمۇ ئاخىرلاشقان ئىدى،باشقىلار بازار ئايلىنىش ئۈچۈن مېڭىپ كەتتى، مەن ياتاققا قايتىپ كەلدىم ۋە سېتىۋالغان كىتاپلىرىمنى كۆرگەچ، بۇ نەچچە كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدىكى تەسىراتلىرىمنى ئەسلەپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم.
بېيجىڭنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىدىكى بولۇپمۇ ماي بوياق سەنئىتى جەھەتتىكى بۇنچە زور تەرەققىيات مېنى ھەم ھەيران قالدۇردى ھەم شاتلاندۇردى. ھەيران قېلىشىمدىكى سەۋەپ: ماي بوياق سەنئىتىنىڭ جۇڭگوغا كىرگىنىگە تېخى ئۇزاق بولمىغان ئىدى، ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە غەرپ دىن تارقاتقۇچىلىرى 17-،18-ئەسىرلەردە ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرگەن، ئەمما ئومۇملاشمىغان، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جۇڭگولۇقلاردىن چەتئەلدە ماي بوياق رەسىم سىزىشنى ئۈگەنگۈچىلەر كۆپىيىپ، رەسساملىق ساھەسىدە بىر تۈركۈم ماي بوياق رەسساملىرى بارلىققا كەلگەن، سەنئەت مەكتەپلىرىمۇ غەرپچە رەسىم فاكولتىت، بۆلۈملىرى تەسىس قىلىپ، ماي بوياق سەنئىتى بارغانسېرى تەرەققى قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ماي بوياق رەسساملىق سەنئىتىدە دەسلەپكى گۈللىنىش شەكىللەنگەن. بۇ دەۋىردىكى رەسسام دوڭ شىۋىننىڭ « دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى» دىگەن ئەسىرى بىلەن رەسسام ۋۇزورېننىڭ « چى بەيشىنىڭ پورتىرىتى»دىگەن ئەسىرى  ماي بوياقتا سىزىلغان بولۇپ، جۇڭگو ھازىرقى زامان بوياق رەسىملىرىدىكى ئۆرنەك ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ دەۋىردە  جۇڭگو ماي بوياق رەسساملىرى ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئاساسىي تېما قىلغان نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزغان، چۈنكى، بۇ چاغدا رەسساملار دۈچ كەلگەن مەسىلە: سىياسەت بىلەن سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىشچى دېھقان ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئامما ئارىسىغا چۆكۈش قاتارلىقلار ئىدى، ماي بوياق ئىجادىيىتى ئاساسەن ئىنقىلاپ تارىخىنى ئىپادىلەش، سوتسىيالىستىك ئەمگەك ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئاساسىي تېما قىلىش بولۇپ قالغان ئىدى، شۇ يىللاردا دۆلىتىمىز سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە گۈزەل سەنئەت ئۈگۈنۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتكەن شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رومىنىيە رەسساملىرىنى دۆلىتىمىزگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، بۇ ئوقۇتقۇچىلار بېيجىڭ ۋە خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ جۇڭگو ماي بوياق رەسىم سەنئىتى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. چۇەن شەنشى، جاڭ خۇاچىڭ قاتارلىق داڭلىق رەسساملار دەل شۇ چاغدىكى روس رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق سىنىپىدا تەربىيىلەنگەنلەر ئىدى. بۇ دەۋىردە سىزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە داڭلىق رەسسام، ئۇستاز  غازى ئەھمەد سىزغان «جىنايى ھۆكۈم» ناملىق رەسىممۇ خېلى تەسىرگە ئىگە ئەسەر ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇڭگودا ماي بوياق سەنئىتى غەرىپ ماي بوياق سەنئىتىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىپتۇ، بۇ بەلكىم جۇڭگو خەنزۇ مەدەنىيىتىدە تارىختىن بۇيان رەسساملىق سەنئىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك، جۇڭگو خەلقى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قېنىغا سىڭىپ كەتكەن رەسساملىق ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتىپ، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا غەرىپ رەسساملىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ تەرەققىياتقا ئېرىشتىمىكىن دەپ ئويلىدىم.  ئەمدى شىنجاڭ رەسساملىقىغا كەلسەك، تارىخنى ۋاراقلىغىنىمىزدا مىلادى 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە ئۇيغۇر رەسساملىقى دەرۋەقە ئاجايىپ گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ دەۋىرلەردە ياشىغان ۋايجىرا ئېراساتكا، ۋايجىرا كويجى قاتارلىق بىر تۈركۈم خوتەنلىك ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ رەسساملىق سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئاز ئەمەس ئىدى، 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلام دېنىنىڭ شىنجاڭدا كېڭىيىشى بىلەن رەسساملىق سەنئىتى زور خىرىسقا دۈچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ رەسساملىقىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى  بىناكارلىق، ھۈنەر سەنئەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بىرىكىپ كەتكەن. مانا ھازىرقى يېڭى ئەسىر، ئىلىم پەن دەۋرىدىمۇ شىنجاڭ رەسساملىقىغا كېلىۋاتقان بۇ خىرىس تولۇق ئاخىرلاشقىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېڭىگە سىڭىپ كەتكەن « جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزسا يامان بولىدۇ»دىن ئىبارەت بۇ قالاق ئىدىيە ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ تۇرىۋاتقان كىشەندىن ئىبارەت خالاس. ئازاتلىقتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېڭىدا ئازتولا ئۆزگىرىش بولدى، 50-،60-يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ سەنئەت مەكتەپلىرىدە ماي بوياق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ماي بوياق رەسىم ئىجادىيەت قوشۇنى شەكىلەندى، مەشھۇر رەسساملاردىن لوگوڭلىيۇ، چۈەنشەنشى قاتارلىقلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، شىنجاڭغا تۇرمۇش ئۈگۈنۈشكە كېلىپ، ماي بوياق كۇرسى ئاچتى، غازى ئەھمەد، غېنى، لىيۇكەيجى، لى ياڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ماي بوياق رەسساملىرى  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىئالىزىم ماي بوياق رەسىم ئىجادىيەت ماھارىتىنى ئۈگۈنۈپ ۋە ئۈلگە قىلىپ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز غازى ئەھمەدنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى.  80-يىللاردىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ماي بوياق رەسساملىقى گۈللەنگەن دەۋىرگە قەدەم قويدى، تېما ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىدى، ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇكېرىم نەسىردىن دەل موشۇ دەۋىرنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ھازىر ئۇيغۇر رەسساملىقى گۈللەنگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق، چۈنكى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت قاتلىمىمىزدا خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدە رەسساملىققا بەرگەن ئورنى يېتەرلىك ئەمەس. ئەمدى تېمىنى يۆتكەپ بازار مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەنئەتكارلارنىڭ بولۇپمۇ بېيجىڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ  ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىقتىزادىي قىممەتكە ئايلاندۇرىشىغا مۇكەممەل شارائىت ھازىرلانغان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار قانداقتۇر مەلۇم خىزمەتنىڭ بىچارە پەرۋانىسىغا ئايلىنىپ قالماستىن، ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلاپ، گۈزەل سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىكەن. ئەمما شىنجاڭدا بۇ خىل شارائىت تولۇق ھازىرلانمىغان، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردا ئاساسەن بازار يوق.  مېنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇ تەرەققىياتىدىن سۆيۈنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، بېيجىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى، مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭغا ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭنىڭ رەسساملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ.
ئەتىسى، يەنى1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىز قايتىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ ئايدورۇمغا يول ئالدۇق.

( مەنبە: «مايبۇلاق» ژۇرنىلى 2015-يىل 3-سان )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-15 20:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-15 23:03:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايتەختتىن باشلانغان  ھېسلىرىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي !  ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان بارلىق ئامىللارنى تەپسىلىي خاتىرلەپسىز ، ئەمما  ئىككى يەردە ۋاقىت خاتالىغى كۆرۈلۈپتۇ،بۇ يىل تېخى ئاخىرلاشمىدى، مۇنبەرگە ئەسەر يوللاشتا ژورنالدا ئېلان قىلىنغاننى ئاساس قىلىڭ ، ھاياجانلانماڭ ! ئەركزاتمۇ دىققەت قىلماپتۇ ....

باھا سۆز

شۇنداق بوپتۇ.  ۋاقتى: 2015-9-16 12:30 AM
ۋاقتى: 2015-9-16 00:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يولداش رەپقەت غوپۇر  كۈندە دېگۈدەك بىللە يۈرۈپ سېنىڭ شۇنچە يىراق جايلارغا بېرىپ، مول مەزمۇنلۇق سەيلى-ساياھەت، ئۈگنىشتەبولغېنىڭدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن-يا [ بەلكىم، جۇدۇنلۇق كۈنلەردە جۇدۇنۇم تۇتۇپ تالا-تۈزگە چىقمىغانلىقىمدىندۇر ] .
      بۇ ئۇزۇن ‹‹خاتىرەڭ ››نى  تەپسىلى ئوقۇۋېتىپ، سەن بىلەن تەڭ مېڭىپ، سەن كۆرگەنلەرنى تەڭ كۆرۈپ،سەن بىلەن تەڭ تەسىرلىنىپ، كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم.ئادەمنىڭ قەلبىگە نېمە سىغسا، قارچۇقىغا شۇ ئۇيۇپ قالىدۇ.سىنچى كۆزلىرىڭدە كۆرگەنلىرىڭنى پاك قەلبىڭگە چوڭقۇر پۈكۈپ، پەلكۆچۈڭنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  چىڭ تۇتۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق رەسساملىق سەنئىتىمىزدىكى ئەنئەنىيلىكىمىزنى
[ بۇنى گابائىن خانىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن] زامانىۋىيلىققا كۆتۈرۈپ، يېڭى پەللە يارىتىشىڭغا تىلەكداشمەن!
                             ماھارەتلىك قولۇڭ بەرىكەتلىك بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-16 09:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخ يوللىغان ۋاقتى  2015-9-15 23:03
پايتەختتىن باشلانغان  ھېسلىرىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئىزدى ...

كۆزىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن، تولىمۇ ئەستايىدىل ئىكەنسىز،  دەرۋەقە خاتا يېزىلىپ قاپتۇ، ‹2015-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى › ۋە ‹ 2015-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى› دىگەن ۋاقىت خاتىرىسى ئەسلىدە ‹2014-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى› ۋە ‹2014-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى›ئىدى. مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. سىزدىن مىننەتدارمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-16 09:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-9-16 00:02
يولداش رەپقەت غوپۇر  كۈندە دېگۈدەك بىللە يۈرۈپ سېنىڭ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋاھىت ئاكا، مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. سىزمۇ يېقىندا چەتئەلدىكى نەچچە دۆلەتنى كۆرۈپ كەلدىڭىز، تەسىراتىڭىزدىن مۇنبەر ئەھلىنى بەھىرلەندۈرۈشنى ئويلاۋاتقانسىز ھە، شۇ تەسىرات خاتىرىڭىزنىڭ بىز بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-9-16 12:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبەرەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-16 15:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايتەختتە ئويغانغان ھېسلار

yahxi yeziliptu بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-16 15:21  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش