يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 9

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل: كونا بازارنىڭ ماللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                 شاۋكەت رۇستەم


                 ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ھەر كۈنى تور ئالدىدا ماراپ ياتاركەن ئا.خېلىل،
رىزقىنى ،ئوزۇقىنى توردىن تاپاركەن ئا.خېلىل،
دان ئېتىپ ئىلھامىنى تورغا چاچاركەن ئا.خېلىل،
تورغا كىم چىققايكى دەپ ساقلاپ ياتاركەن ئا.خېلىل،
شۇ سۈپەت تەشنا بولۇپ تورغا باقاركەن ئا.خېلىل.

قايسى بەتكە قارىساڭ باردۇر ئۇنىڭ ئىنكاسلىرى،
ئۆزگىچە ئىنكاسنىمۇ تور ئەھلىگە يوللاشلىرى،
بارچىگە ھەردەم مەدەت رىغبەتلىرى،قوللاشلىرى،
كۈللى تور ئەھلى ئۇنىڭ سىرداشلىرى،مۇڭداشلىرى،
ھەر سەھەر بىسمىللا دەپ تورنى ئاچاركەن ئا.خېلىل.

گەر غەزەل يازساڭ ئاڭا تەييار ئۇنىڭ تەقمىسلىرى،
ئۆزگىچە تەقمىسىنىڭ دىللارنى رام ئەتمىشلىرى،
تىللىرى قەندۇ-گېزەك،تۇتقان كۆڭۈل پەتنۇسلىرى،
رازىمەن ئۇندىن شۇڭا تورداشلىرى ھەم دوستلىرى،
تورغا چىققاننى شۇئان كۈيگە قاتاركەن ئا.خېلىل.

مەن بۇ كەمگە ئۇ كەبى ھازىر جاۋاپنى كۆرمىگەن،
تىلىدا تىزىق مېغىز تەييار جاناپنى كۆرمىگەن،
تورغا بۇنداق كۈن بويى رېشتى تاناپنى كۆرمىگەن،
قېپى باشقا سېپى بىر خەنجەر-غىلاپنى كۆرمىگەن،
ئېشىنىپ توردىن يەنە بالمۇ ساتاركەن ئا.خېلىل.

خىزمىتى مۈشكۈل تۇرۇپ قالماس قىسىر،ئويۇندا بار،
يىغىلىپ دوستلار ئارا بولغان جىمى سورۇندا بار،
تۈگىمەس يۇمۇرلىرى،ھەزىللىرى قويۇندا بار،
قوينىدىن تۆككەنلىرى ياتقان-تۇغان ئورۇندا بار،
كۈنلىرىنىڭ بوينىغا مارجان ئاساركەن ئا.خېلىل.

تەڭرىما ئۇل بەندىنى بىر كۈنمۇ نۇردىن ئايرىما،
مەيلى نانسىز قوي لېكىن،بىر كۈنمۇ توردىن ئايرىما،
تور ئاڭا بەرگەن ئوزۇق-رىزقى،ھوزۇردىن ئايرىما،
سەن كېپىل ئىمانىغا، ۋىجدان-غورۇردىن ئايرىما
ئۇشبۇ تور بولغاچ كۈلۈپ،خەندان ياشاركەن ئا.خېلىل.

مەن بىلۇرمەن ئۇشبۇ دەم دوستۇم يەنە تور ئالدىدا،
ئولتۇرار،مىڭلاپ پىكىر غەليان قىلىپ ئەس-يادىدا،
گاھ يۇمۇر،گاھى شېئىر ئىلـــھــــامىنىڭ پەرۋازىدا،
بىلمىدىم بۇ خۇيلىرى تاڭ،بارمىكىن ئۇستــــازىدا،
ئاڭلىسام تور ئالدىدا تاڭــلار ئاتاركەن ئا.خېلىل،

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

بولدى تېگىل بۇ كۆڭۈلگە ئاپىرىن،ئالقىشلىرى،
ئەپلىشىپ قاپتۇ تېخى،سۆزنىڭ يۈزىن قالقىشلىرى،
داغدۇغا قوزغاپ كېتەر بۇ قېتىم چالقىشلىرى،
جۇت تېگىپ سولاشمىسۇن ھەزىلدىكى ھالقىشلىرى،
بىلىنىپ قالدى ئەجەپ تەھسىن سىمان قارغىشلىرى.

ئەسلى ئەستىن چىقمىدى،بىز تونۇشقان يىللىرى،
چاچلىرى قىزىل ئىدى ئۇزۇن ئەمەستى تىللىرى،
ئىلغىنىپ چىققان چېغى پاكىز ھەسەلنىڭ قىللىرى،
كى ھەزىلدىن يۇرىدى مىسكىن پېقىرنىڭ دىللىرى،
يادىدىن يۇتتى تامام تارقۇلۇق-تارتمىشلىرى.

ئولتۇرۇپ قالدىم بىر ئاي، ساقلا تورنىڭ ئالدىدا،
تەزىسى تۈرلۈك تۈمەن، ناخشا-خورنىڭ ئالدىدا،
ئۆتكىنى راسقۇ ئۆمۈر ،دۇسكايۇ-بورنىڭ ئالدىدا،
نېمە قىسمەت بار تېخى ئەمايۇ-كورنىڭ ئالدىدا،
كى يۇشۇرماي يوللىغايلا بولسىلا  قاتمىشلىرى.

ئۇنى توردىن ئايرىما دەپ،قىپتىلا كۆپ ئىلتىجا،
ئىچكۈلۈكمۇ كىملا قىلسا بىر قەترە مەينى ئىپتىدا،
پەملىسەم ئۇرغان ئىكەنلا كالتەك ئەمەسۇ قىپچىدا،
بۇ ھەزىلنى يازدىلا كىملەرگە ئەيلەپ ئىقتىدا،
بارمىدى پاختىغا ئوراپ ،ئوقلارنىمۇ ئاتمىشلىرى.

قىپتىلا بۇ ئىشنى خەير،چىقىرىپ ئويدىن ئويۇن،
ئويلىرىنى ئويلىسام چىقىرىش توردىن قۇيۇن،
سىلىگە كەلدىم ئۇدۇل،كەلسىلە ئاچتىم قويۇن،
ئەسلىرىدىن چىقمىسۇن خېلىسى ئەككەن بويۇن،
قانچىلىك ئىكىن كۆرەي توپ بولۇپ قاڭقىشلىرى.

شاۋكات رۇستەم

چاغلىماي ھەزىلچىگە چاقچاق قىلىپ تويديۇم مانا،
بولمىغاچ ھازىر جاۋاپ باشىم قېتىپ تۇردۇم مانا،
جۇتتا قالغان گۈل كەبى تور ئالدىدا سۇلدۇم مانا،
نەيلەيىن،ئۆزۈمگە ئاز دەرتكە دۇچار بولدۇم مانا،
ئاھ ئۇرۇپ شۇ ۋەجىدىن ياشىمدا لەڭ ئۇردۇم مانا.

بەسى مۈشكۈلدۇر ماڭا ئۇشبۇ ھەزىلنى يـــازمىقىم،
گال قەلەم بىرلە تىرەن سۆز كانىدىن دۇر قـازمىقىم،
ئەسلىدىن ئەقلىم كوتا،باشىمدىلا رەڭـــــۋازلىقىم،
شۇ سەۋەپ روھىم گاداي،مىسقالچە يوق تىل بايلىقىم،
مىڭ مۇشەققەتتە شۇبۇ قۇرلارنى مەن قۇردۇم مانــا.

كىم مېنى ھەزىلچىنىڭ شاش ئېىتىغا مىنگەش دېدى،
دوسۇتلىرىم ئۆزىڭگە ئاز،بوپسەن ئاڭا نىمكەش دېدى،
بىرلىرى دوستۇڭغۇ ئۇ، ھەردەم ساڭا دىلكەش دېدى،
خوتۇنۇم قىپتۇ ساراڭ سىزنى ئەشۇ جىنكــــەش دېدى،
بولمايىن ھەزىل تامام بىر شىشە مەي قۇيدۇم مانــا.

يولىدا ياتسا يىلان،ئارقانمىكىن دەپ قــــاپتىمەن،
بىلمەيىن شۇ ۋەجىدىن قۇيرۇققا دەسسەپ ساپتىمەن،
ئاھ نىتەي،قولغا ئۇنى ئۆلگەن چېغى دەپ ئاپتىمەن،
مەن ئۆزەم ئۆزەم ئەمەس،ئىنجىقتىدۇر شۇتــاپتمەن،
بويىدىن ئاجراپ كېتەر ھالاتتىدۇر تۇيــغــۇم مانا.

بولدى بەس،ئەي شەۋكىتى يازغانلىرىڭ ئەمدى يېتەر،
ئا.خېلىل ئۆز كۆڭلىنى ئىنكاس يېزىپ تەڭ خوش ئېتەر،
يازغىلى ھەزىل يەنە پۇرسەت تېپىپ خوش بوپ كېتەر،
بار دېمەك ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا بىر مۈشكۈل سەپەر،
يول خەتەر،دەيسەن ھامان دوستۇڭغا قول قويدۇم مانـا.

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ھېچنېمىدىن-ھېچنېمە يوق قاقشاپ كېتىپلا شەۋكىتى،
پۇتلىرىغا يەپ تاياق ئاقساپ كېتىپلا شەۋكىتى،
كى كېپەكنى ئۇن بىلىپ تاسقاپ كېتىپلا شەۋكىتى،
باشلىرى تۇرمايدۇ جىم چايقاپ كېتىپلا شەۋكىتى،
سۈپ-سۈزۈك سۈدىن مانا لايقاپ كېتىپلا شەۋكىتى.

گەپلىرى يۇمشاق تېخى يۇمران قۇرۇتنىڭ تېنىدەك،
تەنگە قۇۋۋەت ئۇزۇتار كۇچا بىجاقنىڭ نېنىدەك،
چاچلىرى قىزىلمۇ ھازىر سۆيغان توخۇنىڭ قېنىدەك،
ۋاھ ئەجەپ چاپلاشتىلا  ئەسكىلا تامنىڭ جىنىدەك،
چاپلىشىشنى ئارزۇلاپ ئاڭساپ كېتىپلا شەۋكىتى.

بويىدىن ئاجراپ تېخى چۈشۈكتىكەن تۇيغۇلىرى،
سۈر بېسىپ تۈنلەر ئارا كەلمەس يەنە ئۇيقۇلىرى،
نېمىگە شۇنچە قوپۇپ تىكلىشەر  قۇيقۇلىرى،
توختىماس  قاچانغىچە بۇ توردىكى غۇلغۇيلىرى،
لەۋلىرى كەس-كەس يېرىق ئۇسساپ كېتىپلا شەۋكىتى.

شۇنچىلىك ۋايساپ تۇرۇپ يېزىشلىرى بۇيرۇقمىدى،
يۇرتلىرى جېلىليۈزى يا پىچان ،بۇيلۇقمىدى،
مېنى جىن دېگەن  خوتۇن ئەسلى جىن خۇيلۇقمىدى،
‹‹ھە ››لا دەپلا، ‹‹جىن ›› دىسەئارقا پەش قۇيرۇقمىدى،
ئاستىرىتتىن ئالدىراپ قاپساپ كېتىپلا شەۋكىتى.

بىلىمەن ھازىرغىچە قىستاپ تۇرار تولغاقلىرى،
قاپتىلا چۈشۈككە ئەستا،تەس كېلىپ تۇغماقلىرى،
ھال سوراپ ئاۋارىدۇر ئۆيدىكى بوغماقلىرى،
دەللا كەلدى بارمىقىمغا  ئەتىۋا ئويماقلىرى،
ئاقىۋەت ئويماق بولۇپ ئوڭشاپ كېتىپلا شەۋكىتى.

شاۋكەت رۇستەم

بۇ ئەرۇز دەرياسىدا مەن بىر كىچىك قولــۋاقتىمەن،
بەسلىشىپ كاتىر بىلەن ھارغىن پالاق ئۇرماقتىمەن،
گاھ ئۈزۈپ،گاھى چۆكۈپ جاندىنمۇ جاق تويماقتىمەن،
يەتكىلى مەنزىلگە تىز قىرغاققا قول سۇنماقتىمەن،
ئا.خېلىل ئۇنداق دېمەڭ دولقۇندا مەن،موللاقتىمەن.

بىر مەسەل تاشپاقىنىڭ توشقان بىلەن بەسلەشكنى،
نەدە بار بىر گاچچىنىڭ سۆزمەن بىلە گەپلەشكىنى،
بولمىغاي مايمۇن بىلەن شاقلاردا تەڭ سەكرەشكىلى،
تور دېگەن تاۋكا ئەمەس پۇل بولسىلا سەپلەشكىلى،
باش قېتىپ شۇ ۋەجىدىن ساچىمنى مەن يۇلماقتىمەن.

قاقشىماي بولغايمۇ دوستۇم تۇرسا ھالىم شۇنچىلىك،
تۆككىلى قونجۇڭغىمۇ قوينۇمدا بارىم شۇنچىلىك،
ئا.ھەسەنمۇ دەپتىكەن ئۆزلەگە تازىم،شۇنچىلىك،
ھە مېنىڭمۇ ئېھتىمال ئېيتماققا قالىم شۇنــچىلىك،
ئىككى غىلمان ئالدىدا مەن بىر بالا،بۇلمەقتىمەن.

باشقا كەلگەننى ماڭا كۆرمەسكە ئەمدى نە ئىلاج؟
ئوتنىمۇ تۇتقان ئۆزۈم،كۆيمەسكە ئەمدى نە ئىلاج،
ئۆمۈلەپ تاشپاقىدەك يۈرمەسكە ئەمدى نە ئىلاج،
كۈن بويى ھەزىل يېزىپ كۆنمەسكە ئەمدى نە ئىلاج،
ئۆزلىرىدەك بولمىسام جاڭگالدىكى دۇمباقچىمەن.

ئا.ھەسەن ئۆزلە بىلەن چاقچاقلىشىپ ۋاي دات دېگەن،
بارچە تور ئەھلى ئاڭا قايىل بولۇپ ھەيـھـات دېگەن،
ماختىنىپ ئەسئەت بېگىم بىر يۇرۇتلۇقۇم،قى ئات دېگەن،
ماڭىمۇ ئاسان ئەمەس ئويناشقا بۇ شاخمات دېگەن،
شۇ سەۋەپتىن ئا. خېلىل تور ئالدىدا تولــغــاقتىمەن.

ئەسبۇھالىڭغا جاۋاپ يازمايــلا قويسام بوپىكــەن،
ئەسپۇھالدا ئۆزلىرى ھازىر جاۋاپ بىر مۇپــتىكــەن،
تۈگىمەس ھەزىللىرىڭ يانچـۇقتىكەن،قولتۇقتىكــەن،
ۋاي ئىسىت،سەن ئەسلىدە ئۆلەڭچى بولساڭ بوپتىكەن،
ئات چېپىپ يۈرمەس ئىدىم تور تاشلىغان ئوغلاقتىمەن.
  
ئىزاھات: قالىم-ـ تىلىم،سۆزۈم

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ھەسپىھالمۇ، ئەرزىھالمۇ بىلمىدىم مەن شەۋكىتى،
داننى دالۋاي قىلغۇدەك چىلمىدىم مەن شەۋكىتى،
شۇنچىلا باش ئۇرغىدەك پىلمىدىم مەن شەۋكىتى،
خەزنەئىي تىل تەپتىدە نىلمىدىم مەن شەۋكىتى،
پاكلىقى پازىلچە بار دىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

ھەر ھەزىل رەپتارىدا بار تېخى ۋايساشلىرى،
دىلنى ئەزدى توختىماي زارلىبان قاقشاشلىرى،
يارىشىپتۇ ئۆزلىرىچە تىلدىكى ئاقساشلىرى،
بىلىنىپ قالدى بىراق ھاپ قىلىپ قاپساشلىرى،
قاقشىبان قاپساشلىغا خىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

ئا.ھەسەننى تىلغا ئاپلا يوقمىدى كىتاپلىرى،
ياقمىغاندەك تۇرىدۇ ئول ‹‹چىخوپ››خىتاپلىرى،
شۇندىمۇ بوپ قالدى ئاشكار يۇشۇرۇن لىپاپلىرى،
باسمىغاندۇ سىلىنى بۇ زامان بىتاپلىرى،
بەركىتى بەرگىدە يوق يىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

دەپ يۈرۈپلا مېنى چۆل-جاڭگاللىنىڭ دۇمباقچىسى،
بۇ خاتادۇر مەن ئۆزۈم تارانلىنىڭ ئوغلاقچىسى،
سىلىگە ئۇچرىدىمۇ جانانلىنىڭ موللاقچىسى،
نە سەۋەپتىن بولدىلا تور ئەھلىنىڭ تولغاقچىسى،
سىلىنى مەجبۇرلىبان قىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

نەگىمۇ بارغاندىلا ئۆمۈلەپ تاش پاقىدەك،
دۆڭگىلەپلا تۇرسىلا ئەرگۇلۇنىڭ چاقىدەك،
يول يامان قالمىسىلا قۇرۇپ ئۈرۈكنىڭ قاقىدەك،
مېنىمۇ قىلماقچىمۇ ئۆزلىرى بولغان ئاقىدەك،
بۇ ئازاپقا خەستە دىلنى تىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

يەڭ تۈرۈپلا پەملىسەم مەن بىلەن بەسلەشكىنى،
پالتا ئاپلا قوللىرىغا ھەم ئوتۇن كەسلەشكىنى،
نەدە بولغان ياخشى ئەر بىر-بىرىن قەسلەشكىنى،
دوستتىغا قەست قىلدىمۇ شۇ ئۇنىڭ پەسلەشكىنى،
سىلى قىلتاق ئەشكۈدەك قىلمىدىم مەن شەۋكىتى.

  <1>يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرىشىتنى شۇنداق ئاتاش ئادىتى بار.

شاۋكەت رۇستەم

نەزمىدە چاقچاققــا بار،تىللاشقــا يوقـتــۇر ئا.خېلىل،
كۈلكىنى ياقلاشــقــا بار،قىيداشقــا يوقـتۇر ئا،خېلىل،
تۈلكىنى باپلاشقـا بار،چىللاشــقـــا يوقـتۇر ئا.خېلىل،
قاپنىمۇ ساپلاشـقـــا بار،قىيناشـقـــا يوقتۇر ئا.خېلىل،
بارىنى تاشلاشقــا بار،يىغلاشــقــا يوقتــۇر ئا.خېلىل.

يازغىنىم ۋايساش ئەمەس،ئەسلى سېنى ماختاش ئىدى،
مـاختىشىم ۋەجى سېنى بۇ كـوچىغــا باشــلاش ئىدى،
دىلدىكى ھېسلارنى تەڭ تور ئەھلىگە تاشـلاش ئىدى،
نەزمىدە نەرگىز بولــۇپ نەۋرۇزغىچە شاقــلاش ئىدى،
دوسۇتنى تەڭ ئاقلاشقا بار،چىمداشقا يوقـتۇر ئا.خېلىل.

ئەي تاران،ھالىڭغا ۋاي،چۈشتۈڭ ئەجەپ دامىمغا سەن،
ئەمدى ئوينايسەن ئۇسۇل پەرۋانىدەك شامىمغــا سەن،
قۇيىسەن مەي قۇي دېسەم لىق تولدۇرۇپ جامىمغا سەن،
بولىسەن ناخشامغا جۆر كۈيلەر قېتىپ سازىمــغــا سەن،
بەرىنى قىلماقــقــا بار، خىللاشقــا يوقــتــۇر ئا.خېلىل.

نەزمىدە ھەم بەزمىدە شەۋكەتمـۇ ئەسلـى بوش ئەمەس،
نەزمىسىز ھەم بەزمىسىز كۆڭلى ئۇنىڭمۇ خـوش ئەمەس،
قورۇقــقىـلى رەقىبىنىڭ باشى،يۈرەكــى قــوش ئەمەس،
تىل دېگەن گۆش،ۋە لېكىن،ئاتماققا ئۇ بىر مۇش ئەمەس،
بۇندا كـۈي قاتمـاقـقـا بار،تىغـلاشـقــا يوقتۇر ئا.خېلىل.

شەۋكىتى ھەر كۈندە بىر سەندىن جاۋاپ كۈتكەي يەنە،
نەزمىسى كۈن ئاتلىماي دەل ۋاقــتىـدا پۈتكەي يەنـە،
قويـنىدا ھەم بارىنى تور ئەھـلىگــە تۆكـكــەي يەنە،
كۈنلىرى نەزمە يېزىپ شات ـ بەختىيار ئۆتكـەي يەنە،
توختىماي يازماقـقــا بار، جىمــلاشـقـا يوقتۇر ئا.خېلىل،

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ئەمدى رەسمى تىغ ئېلىپ ئاتلىناملا شەۋكىتى،
كەينى مەجھۇل غەلبىدىن شادلىناملا شەۋكىتى،
تېخى بەزەن سۆزلىرىمدىن باتلىناملا شەۋكىتى،
گاھىدا قەلەمتۇرۇچتەك قاتلىناملا شەۋكىتى،
تونۇلۇپ تور ئەھلىگە يادلىناملا شەۋكىتى.

نەچچە يەردە دىيىلىنىپتۇ ساپ بىلەن قاپنىڭ گېپى،
ئىلگىرىمۇ نەچچە بولغان جىن بىلەن داپنىڭ گېپى،
تىللىرىدىن توختىمىدى زەمزەمسىمان ئابنىڭ گېپى،
نېمە دەيمەن يەنە دىسەم ساپقا قاپ تاپنىڭ گېپى،
نە ئۈچۈن چىقمايدۇ قاپ دەپ داتلىناملا  شەۋكىتى.

جەڭگە چىللاپ تۇرىلا ھەر كۈنى دۇمباق چېلىپ،
غىققىدە يەرگە ئۇرارغا ئەپ بىلەن چىماق سېلىپ،
يۈز-كۆزۈم قالمىدى ساق تاتلىغاچ تىماق سېلىپ،
ئۆزگۈچە غەيرەتلىرى باقتىمۇ بۇلماق چېلىپ،
باقسىلا كۈچكە تولۇپ ئارخاتلىناملا شەۋكىتى.

قايسى كۈنى زارلىغانلا قالدىما چۈشۈككە دەپ،
زادى ئىچىم ئىسسىماس ئۇچرىدىم ئۈششۈككە دەپ،
مەن بولاي چاشقانىڭىز كىرىمەن تۆشۈككە دەپ،
بولسىلا چاشقان ئەگەر جايلىتاي مۈشۈككە دەپ،
بىلمىدىم بىلمەي-بىلىپ ئاغۋاتلىنىناملا شەۋكىتى.

چۈشكىنىم راستتۇر مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دامىغا،
قارىسام شۇ مەنە بار سۆزلىرىنىڭ قامىغا،
تولدۇرۇپ تاش يۈرمىگەيلا كۆزلىرىنىڭ جامىغا،
يەنە بىر قاراپ باقاملا بۆزلىرىنىڭ چامىغا،
كەلدى پەيت دەپ كى بازاردەك ئاۋاتلىنىناملا شەۋكىتى.

شاۋكەت رۇستەم

يۇرۇرتلىرى مويىنگۈزەر توققۇستارا بوستانىمـــۇ؟
بىلمىدىم،ۋەياكى ئۇ چاقچاق،يۇمۇرنىڭ كانىمۇ؟
تۆت ئەسىر ئىلگىركى يا تارانچىنىڭ توپلامىمۇ؟
شائىرى،قىززىقچىسى بىر دانىمۇ،مىڭ دانىمــۇ؟
سىلىدەك ئادەملىرى بىر-بىرىگە دوستـانىمــۇ؟

نەزمىدە ھەم بەزمىدە تەييار سېنىڭ ھەييارلىقىڭ،
مەيلى بولسۇن،بولمسۇن ئالدىن ئالا تەييارلىقىڭ،
بارچىنى قايىل قىلـۇر شۇڭلاشقىمۇ تىل بايـلىقىـڭ،
ئالمىغان كىمنى ئىلىپ پىر كامىلىم شۇ قارمىقىڭ،
سەن ئۆزۈڭ ھازىر جاۋاپ،يۇرۇتنىڭ سەلەي چاققانىمۇ؟

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ئەسلى كارغا كەلمىگەي قويغان تۇزاق-قاپقانلىرى،
چىقتىمۇ غالتەككە ئەمدى،بىر ئۆمۈر تاپقانلىرى،
نەدە قالدى شەۋكىتى چەللىدە ئات چاپقانلىرى،
كى ھەزىل دەرياسىدا لەيلەپ-چۆكۈپ ئاققانلىرى،
سۆزلىرىنى كۈندە ئۈچ ۋاق يەم بىلەن باققانلىرى.

دىسىلا قورقۇپتىمەن شەۋكىتىمۇ بوش ئەمەس،
چۈشكىنى چاۋۇر ئىرۇر ۋە ياكى داستۇر دوش ئەمەس،
يۇيغىنى كۇچا سوپۇنى يا شىمەننەي لوش ئەمەس،
سۆزلىرىدىن بۇ خېلىلنىڭ كۆڭلى ئەمدى خوش ئەمەس،
يانمىسا ھېساپ ئەمەس نەشتەر ئۇرۇپ چاققانلىرى...

ئۆزلىرى دېگەنتىلە جىملاشقا يوق يازماققا بار،
ۋەجلىرى ئاشۇنچىلىك ئالقانغا يوق بارماققا بار،
چۈشمىدىلە تېخى تورغا تاشلىسام قارماقتا بار،
تۈگۈسە يېنىمدىكى ئامبار يەنە قازناقتا بار،
توغرا بوپتۇ پەشنى ئەمدى خادا قىپ قاچقانلىرى.

شاۋكەت رۇستەم

نەدىكى ئىشنى قىلىپ،قالدىڭ بالاغا ئا.خېلىل،
باغلىنىپ قالغان كەبىي قاشى قاراغا ئا.خېلىل،
بىلمەيىن چۈشتۈڭ ئۆزۈڭ ئۇسسۇل-ساماغا ئا.خېلىل،
شۇنچىلىك ئامراقمىدىڭ چۇقان-ساداغا ئا.خېلىل،
ئاڭلىسام چىقماس بولۇپ قاپسەن تالاغا ئا.خېلىل،

ئولتۇرۇپ تور ئالدىدا دۈمچەك بولارسەن بىر كۈنى،
قەۋزىيەت قىيناقىدىن دەرتكە تولارسەن بىر كۈنى،
دەممۇ-دەم ئىنجىق تۇتۇپ ئاھلار ئۇرارسەن بىر كۈنى،
شەۋكىتى راست دەپتۇ-دەپ،قولمۇ قويارسەن بىر كۈنى،
باشتىلا كەتكەن ئۆزۈڭ سۈلھى-سالاغا ئا.خېلىل.

سەن ‹‹سەلەي چاققان››غىمۇ دوتەي بولۇپ قالماس كىشى،
يېڭىلىپ گەپتىن ساڭا بوتەي بولۇپ قالماس كىشى،
سەن كىيىپ يىرتقان سېسىق چوقەي بولۇپ قالماس كىشى،
ئالدىراپ ھەزىلدىمۇ توتەي بولۇپ قالماس كىشى،
يېڭىلىپ قاچتى دېمەڭ بىزنى كاماغا ئا.خېلىل.

تۇرسىمۇ جەۋلان قىلىپ توردا بۈگۈن بايراقلىرىڭ،
ئاخىرى قالغاي قۇرۇق ئامبار بىلەن قازناقلىرىڭ،
قالىسەن تورنى يېيىپ،تارتساڭ قۇرۇق قارماقلىرىڭ،
ئالقىنىڭ گەز-گەز يېرىق،قالغان ئۇيۇپ بارماقلىرىڭ،
تويىسەن تور ئەھلىدىن كۈتكەن تاماغا ئا.خېلىل.

بولمىدى بىر ئاي تېخى بىزلەرگىمۇ گەپلەشكىلى،
بارىنى دوۋغا تىكىپ تور ئالدىغا سەپلەشكىلى،
باشلىغاندۇ ئېھتىمال تور ئەھلىمۇ ئەسنەشكىلى،
سەن ئەمەس مەن، ئابلىكىم كەلكۈن بىلەن بەسلەشكىلى،
توۋلىشايلى يەكمۇ-يەك چىققىن دالاغا ئا.خېلىل!

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

مەن ئەزەلدىن ئۆچ بولۇپ كەلگەن تاماغا شەۋكىتى،
داپ ئۇرۇپ بەرسەم ئۆزۈڭ چۈشتۈڭ ساماغا شەۋكىتى،
بوشقىنا قويسام ئۇرۇپ قاڭقىپ ھاۋاغا شەۋكىتى،
مېنى كەتتى دەپسىنا سۈلھى-سالاغا شەۋكىتى،
ئىتتىرىپ كەتمە مېنى مۇنداق قاراغا شەۋكىتى.

گۈل كېپىنەك ئىزدىسەڭ،گۈل ئارا چىملىقتا بار،
ئولكى ئۈدەش بەلگىسى بەزىبىر ئىملىقتا بار،
تەنلىرىڭنى تەرلىتىپ قويغان گۇناھ تىنجىقتا
قەۋزىيەت بولسا پەقەت سەن كەبى ئىنجىقتا بار،
ئىزدىدىڭ، ئۇچرىمىدىڭ ياخشى داۋاغا شەۋكىتى.

پەملىسەم باركەن ئۆچۈڭ سەلىيى چاققاندىمۇ،
تىلغا ئالدىڭ نەچچە رەت پۇتۇڭغا تاش پاتقاندىمۇ،
زىكرى قىلدىڭ دەپمۇ-دەم بىرىگە قاش ئاتقاندىمۇ،
ئويلىمامسەن باشقىنى ئورۇنۇپ ياتقاندىمۇ،
ئوخشۇشۇپ قالدىڭمۇ يا كۆڭلى ئالاغا شەۋكىتى.

سېسىسا چوقاي كېتەر ئەڭ ئاۋال بۇغۇچىدىن،
كى ئۆلۈكمۇ رازىدۇر سۇ قۇيۇپ يۇغۇچىدىن،
كۆز قىزارتىپ سويمىغا يەپ تاياق قوغۇنچىدىن،
كىرىبان چۆگۈن ئىچىگە ۋاڭشىدىڭ جوغۇچىدىن،
ئەمدى ئويلا قاپتۇ كىم  پۈتمەس بالاغا شەۋكىتى.

قويىدۇ دەرتكە سېنى قويغىنىڭ پىرغا يېنىپ،
يۈرىسەن ھازىرمۇ سەن ئۇچى تىك قىرغا يېنىپ،
ئىزدىدىڭ قويۇشنى ھەم ئېچىلماس سىرغا يېنىپ،
ئەڭ يامىنى بولدىغۇ ئول ئۈنى خىرغا يېنىپ،
ئاقىۋەت قالدىڭ مانا سۆرەپ سالاغا شەۋكىتى.

شاۋكەت رۇستەم

ئەي تاران،چاپتىڭ قايان،مەنزىل-قارارىڭنى كۆرەي،
چاپ قېنى مەنزىلگە ساق ئەمدى بارارىڭنى كۆرەي،
بولسىمۇ يورغا ئېتىڭ ئوغلاق ئالارىڭنى كۆرەي،
تەنلىرىڭگە سىغمىغان قۇۋۋەت-مادارىڭنى كۆرەي،
سەنمۇ كۆر، مەنمۇ سېنىڭ سۆرەپ سالارىڭنى كۆرەي.

ئالما ئاتسام مەن ساڭا،چالما ئېتىپسەن ئاھ،نىتەي،
ئالدىراپ ئاڭ ئاتقىچە پىستان چېقىپسەن ئاھ،نىتەي،
بىلمىدىم،نە بولدى تىل چايناپ كېتپسەن ئاھ،نىتەي،
نەزمەئىي-ئەرۇزدا كۆپ دېشۋار چېكىپسەن ئاھ،نىتەي،
ۋاي،سېنىڭ ئەمدى يەنە نەزمە يازارىڭــنى كۆرەي.

تور دېگەن قايناق بازار يوقتۇر ئۇنىڭ دۆشەمـبىسى،
قايسۇ كۈن كىرسەڭ ئاڭا تور ئەھلىنىڭ بار ھەممىسى،
تولىدۇ تىلاغا لىق نىممەتكە باينىـــڭ غـــەللىسى،
مىڭ لەنەت،قارغىش ياغۇر گەر بولسا كىم تور تەلۋىسى،
قىل بۇ سودانى بۈگۈن چاپ-چاپ بازارىڭنى كۆرەي.

ئۇيلىرى قوشتىن چىقىپ سۆرەمگە چۈشكەندەك يانا،
ئا.ھەسەننى سىلىگــە ئەيبۇ يەنــە قىپتــۇ سالا،
ئۇل يۈسۈپجان شۇ سەۋەپ يەڭنى شىمايلاپتۇ مانا،
شۇ سالانىڭ ۋەجىدىن قالغايمىكىن ئىشلار چالا،
بىر بېشىڭغا ئەمدىكى تاپقان بالارىڭنى كۆرەي.

ھەممىگە ئۆزۈڭ سەۋەپ، ئەمدى سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي،
بولمىغىن كۆپ دەرغەزەپ،ئەمدى سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي،
مەنمۇ ئەمدى بېتەرەپ، ئەمدى سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي،
قىل ئاڭا دۇئا-تەلەپ،ئەمدى سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي،
توردا سەن، قارماقتا سەن شىلتىڭ ئاتارىڭنى كۆرەي.

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

توختىماي ئوقلار ئۈزۈپ ئاتقىنىمنى كۆرىسەن،
بارچە قىلمىش-ئەتمىشىڭنى قاتقىنىمنى كۆرىسەن،
ئۇپۇقىڭغا كۈن بولۇپ پاتقىنىمنى كۆرىسەن،
ئا.ھەسەن بىلەن يۈسۈپنى چاتقىنىمنى كۆرىسەن،
بۇ ئېرىقتا يەكمۇ-يەك ئاقىنىمنى كۆرىسەن.

رەنجىمە يازغانلىرىم قېلىپىڭغا چۈشمىسە،
ۋە يەنە يامراپ كېتىپ قىنىقىڭغا چۈشمىسە،
تۈزۈلەلمەس بۇ ئارۇزمۇ سىنىقىڭغا چۈشمىسە،
سەندە مال يوق ئوغرىمۇ قىلىقىڭغا چۈشمىسە،
ئەينىكىڭنى تۈندە بېرىپ چاققىنىمنى كۆرىسەن.

ئەشۇ بەش تال يازمىمۇ يازغانلىرىڭنىڭ پەللىسى،
شۇلا بولسا يازغىنىڭ ئىگىز ئەمەسكەن چەللىسى،
ئۆزنىنى ساق دەپ يۈرەر قوماقچى تازنىڭ مەللىسى،
ئاخىرى غالتەككە چىقتى ئوقەت-ئىشىڭنىڭ غەللىسى،
غالتىكىڭنى قوغلۇشۇپ  چاپقىنىمنى كۆرىسەن.

تۇرىسەن پات-پات تېخى سەن ماڭا قوقاق سېلىپ،
كارنىيىڭنى كۆپتۈرۈپ ۋە يەنە پوقاق سېلىپ،
ئورمىغانتىم مەن سېنىڭ ئارپاڭنى خام ئورغاق سېلىپ،
ئىزگۈلۈكتە باقمىدىڭ بىر قېتىم ئوقاق سېلىپ،
ئۈرۈگۈڭنى تاڭلا يازدا قاققىنىمنى كۆرىسەن.

كۆرمىشىم كۆپتۇر مېنىڭ كۆرگەنلىرىمدىن شەۋكىتى،
كۆيمىىشپ ئازدۇر مېنىڭ كۆيگەنلىرىمدىن شەۋكىتى،
جەڭدە كۆپتۇر تىرىكىم ئۆلگەنلىرىمدىن شەۋكىتى،
كەلمىگەن قىلچە ۋاپا سۆيگەنلىرىمدىن شەۋكىتى،
سۆيگۈنۈمگە ئەمدى ئوتنى ياققىنىمنى كۆرىسەن.

ئا.ھەسەن چۈشمەس ماڭا، قىلسىمۇ ئەيبۇ سالا،
قىلمىغىن پەش ئول يۈسۈپنى ئۇ تېخى كىچىك بالا،
كۆنمىگەن ئۇ ئاغىسىدەك ھەم يەنە ئىشقا  چالا،
تۇت ياقاڭنى بۇ خېلىلنىڭ تۇلپىرى قاقتى  جالا،
تۇلپىرىمدا نەرە تارتىم  چاپقىنىمنى كۆرىسەن.

شاۋكات رۇستەم

ئا.خېلىل قىلما ماڭا چاقچاق دېگەننى بىلمىدىــڭ،
ئالدىراپ سالما ماڭا قاق-ۋاق دېگەننى بىلمىدىڭ ،
باشلىرىمنى چايقىبان ياق-ياق دېگەننى بىلمىدىڭ،
بولىسەن ئاخىر ئۆزۈڭ ئاقماق دېگەننى بىلمىدىڭ،
چۈشمىسۇن باشىڭغا ھاي،چاقماق دېگەننى بىلمىدىڭ،

خوپ ئىدى ئۇ باشتىكى تەقمىسنغۇ باغــلاشــلىرىڭ،
قىلدى بۇ دىلنى غەلەت ئەمدى مانا قايناشــلىرىڭ،
ئوخشىماس ھەر  كۈندىكى سازىڭنىمۇ سازلاشلىرىڭ،
شۇمىدى دانلار چېچىپ دوستۇم مېنى ئالداشلىرىڭ،
قىلمىغىن شەۋكەتنى كۆپ پايپاق دېگەننى بىلمىدىڭ.

مېنى بوش كۆرمە،ئاتام ئۇل رۈستىمىى داستان ئېرۇر،
غەيرىتى ھەم قۇدرىتى چەكسىز ئاڭا ئاسمان ئېرۇر،
ئالدىدا رەقىپلىرى ھەم يەر بىلەن يەكسـان ئېرۇر،
ئا.خېلىلمۇ ئۇ ئۈچۈن تەييار تاماق،پاقــلان ئېرۇر،
ساق ئېتىڭنى قلمىغىن ئاقساق دېگەننى بىلمىدىڭ.

مىڭ كاچات يەيسەن تېخى بولدۇڭ ئۆزۈڭ ئەلگەك ماڭا،
ئۇچۇسەن ئۇچقىن دېسەم،بولدۇڭ ئۆزۈڭ لەگلەك ماڭـا،
ئورىغا چۈشكەن ئۆزۈڭ قازماق بولۇپ خەندەك ماڭــا،
نەدە بار تور تاشلىغان بىر لوقما گۆش سەندەك ماڭــا،
ئەي تاران،مۇشتتىن يامان شاپلاق دېگەننى بىلمىدىڭ.

چاپ دېسەم ئويغا سېنى،دۆڭگە چېپىپ قىلدىڭ خاتا،
باقمايىن غانجۇغىغا ئوقنى ئېتىپ قىلــدىڭ خـــاپــا،
سالدىڭا ئۆزەڭگىمـــۇ دىشۋار تېپىپ مىڭبىر جــاپـا،
ھەر نەپەس جانىڭغا يۈكتۇر تۈگىمەس ئۇشبۇ ھـاشــا،
ئا.خېلىل ھاي،توختۋال پاتراق دېگەننى بىلمىدىــڭ.

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

توغرا دەيسەن مەن سېنىڭ قايناقلىغىڭنى بىلمىدىم،
كى ھەزىلدە ئولجا ئالغان ئايماقلىغىڭنى بىلمىدىم،
سېرە ساغماي توپلىغان قايماقلىغىڭنى بىلمىدىم،
ئۆزى تەمكىن سۆزى غەمكىن نايناقلىغىڭنى بىلمىدىم،
بادرىدەك  ئاپتاپتا قالغان مايماقلىغىڭنى بىلمىدىم.

ئەمدى بىلدىم ئول داداڭ رۇستىمى داستان ئىكەن،
ھەجمۇنۇقنى چېلىشىپ ئاستىغا باسقان ئىكەن،
كى سېنىڭ بوينىڭغىمۇ بىر  شەرەپ ئاسقان ئىكەن،
تۆۋۋا دەيمەن ئۇ شەرەپمۇ مانتىسىز قاسقان ئىكەن،
لاپ ئۇرۇپ ئاغزىڭدا يۇرت ئالماقلىغىڭنى بىلمىدىم.

بۇ كېچىكتە مەن ساڭا ئەلگەكمۇ بولدۇم شەۋكىتى،
خالىساڭ ئۇچۇرغىنى لەگلەكمۇ بولدۇم شەۋكىتى،
نەملىكى ئاشتى سۆزۈڭنىڭ بەزگەكمۇ بولدۇم شەۋكىتى،
تور نېمە ھەتتاكى يۇرتتىن تەزگەكمۇ بولدۇم شەۋكىتى،
باشتا بەللەپ ئەمدى دەللەپ سالماقلىغىڭنى بىلمىدىم.

مەن ئېيتىپ ئولتۇرمىدىم قايغانلىرىڭنى شەۋكىتى،
سەن يۈرۈسەن بىر سالالماي تايغانلىرىڭنى شەۋكىتى،
كىمگە ئېيتاي كى گۇناھ تاڭغانلىرىڭنى شەۋكىتى،
يا ئىمىن،پەرھاتقا دەپ باق يالغانلىرىڭنى شەۋكىتى،
ھېلىدىن ھالۋا ياساپ،چالماقلىغىڭنى بىلمىدىم.

رۇستىمۇ داستان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى بەك ئىلگىرى،
مېنى بىلمەيدۇ دېمە ئايان ماڭا ھەم سىرلىرى،
پىر تۇتۇپ يەلكىگە ئالغان ھەتتا خۇدانىڭ شىرلىرى،
سەن ئۇنى ئاتام دېسەڭ چىققايمۇ دىلنىڭ كىرلىرى،
ئۆز ئاتاڭدىن بۇنچە تېز چانماقلىغىڭنى بىلمىدىم.

شاۋكەت رۇستەم

توختىماي يازسام يانـا گالـدىن ئالامــــلا ئا.خېلىل؟
ئاخىرى جاڭجاللىشىپ باشنـى يارامــــــلا ئا.خىلىل؟
ئەرزىمەس چاقچاقنى دەپ مەندىن تاناملا  ئا.خېلىل؟
بىر ئۆمۈر ياكى ماڭــا تەتـــۈر قارامــــلا ئا.خېلىل؟
پىتنى دەپ تامبالنى يا ئوتـقــا سالامــــلا ئا.خېلىل؟

سەن بىلەن بەسلەشمىكىم ئەسلى سېنى ئۇتماق ئەمەس،
تەكتىنى بىلدىڭمىكىن،چاقچاقتـا شان قۇچماق ئەمەس،
تورمۇ بىر مەكتەپ ئېرۇر،توردا بىلىق تۇتمـاق ئەمەس،
جىلۋىگەر ئارمانلىرىم كۆپ،ماختىنىپ ئۇچماق ئەمەس،
بىلمـەيىن شەۋكەتنى سىز دۈشمەن سانامـــلا ئا.خېلىل؟

ئەل ئىشەنگەيمۇ مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىمنى لاپ دېسەڭ،
بۇمۇ مەيلى جەڭ دېگەننىڭ توقـقـۇزى رەڭ، بىرى جەڭ،
سەن بىلەن دوئىلـدا مەن،بۇ تور دېگەننىڭ قوينى كەڭ،
ۋەزنەئېي ئەرۇزدا كەل چولپان بولۇپ چاقنــايلـى تەڭ،
چان دېسە،ئاچچىقلىنىپ شۇنداق چانامــــلا ئا.خېلىل؟

مەن يىتۈك شائىر ئەمەس،قايساممۇ مەن قايغاندىمەن،
بىلمىدىم،ئەممــا ساڭــا نە بىر گۇناھ تاڭغـاندىمەن؟
دەر گۇمان قىلدىڭ ئەجەپ،بولغان قاچان يالغاندىمەن،
بۇ كېچىكتە سەن بىلەن قانداق بولۇپ ماڭغاندىمــەن،
يار دېسـە قىرىــق قىلىپ، قىلــنى يارامـــلا ئا.خېلىل؟

چىقىــدۇ كىر ئىزلىسـەڭ ئاپـئاق بويۇنــدىن ئەي تاران،
چىقمىسۇن جاق-جاق لىكىن چاقچاق ئويۇندىن ئەي تاران،
تاش ئەمەس قونجۇڭغا مەن تۆككەن قويۇندىن ئەي تاران،
شۈك بولۇر شاش ئۇيـنىمــۇ تەشسەڭ بۇرۇنـدىن ئەي تاران،
كەتكىچە  دىلـــلارغــا دەز تــوختاپ قالامــــلا ئا.خېلىل.

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

بىلسىلە شاۋكەت بۇنى،بۇ پەقەت چاقچاق ئىرۇر،
مەخسىتىم چاقچاق بىلەن غۇسسىدىن قاچماق ئىرۇر،
مەن ئۆزۈم جاڭگالدىمەن ماڭارغا يول ئاچماق ئىرۇر،
ياردىمىدە ئۆزلىرىنىڭ بىرەر داۋان ئاشماق ئىرۇر،
سىلى بىلەن تەڭ كۈلۈپ زەررە نۇر چاچماق ئىرۇر.

نە قىلارمەن  سىلىنى ئېيتسىلا گالدىن ئېلىپ،
ئات ئەمەسقۇ ئۆزلىرى باسقىلى يالدىن ئېلىپ،
يىقىتاركەن ئول ھاراق يا جىگەر تالدىن ئېلىپ،
قويسىلا قوللاپ مېىنى ئاز-تولا بالدىن ئېلىپ،
ئۇشبۇ بال تەبىي ھەسەلكى ئوغۇزى بۇلماق ئىرۇر.

خاتىرە بوپ قالغۇسى ئۇشبۇ چاقچاقلار ئاداش،
‹‹ كى ›› بولار سەچۈكلىرى قويسا تاقشاقلار ئاداش،
ئوت ئېلىپ تۇرغاي يەنە قولدا چاقماقلار ئاداش،
كېپ قالار بولساق ئامان ئوتنى ياقماقلار ئاداش،
سۆز تامام بولدى مانا كى ھەزىل ئاقساق ئىرۇر..


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-15 08:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-15 12:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چاخچىقىڭلارنى خېلى كەلتۈرۈپ قىلىۋاپسىلەر،ئاخرقى خۇلاسىنىمۇ ياخشى كەلتۈرۈپسىلەر،سىلەرگە قۈت تېلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-15 13:00:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ېسىل مۇشائرىلەركەن بۇ، بۇرۇن نېمىشقا كۆرمىگەن بولغىيتىمكىن تاڭ؟

ۋاقتى: 2015-9-15 13:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزدا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بۇ ژانىر جانابى ئۇستازلارنىڭ قەلىمىدە قايتىدىن جانلىنىپتۇ...

ۋاقتى: 2015-9-15 13:22:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلىرىڭلارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-9-15 22:40:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى قەلەم ساھىبىنىڭ دوستانە مۇشائىرە چاقچاقلىرىنى ئوقۇپ، خۇمارىم بېسىلدى،شېئىرىيىتىمىزدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ھەزىل- چاقچاق ، مۇشائىرە ژانىرى ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۇنىمىزدە يوقارقى مۇشائىرىلەر ماڭا ئۆزگىچە تەسىرات ئاتا قىلدى.قەلەمداش دوستلىرىمغا ئىھتىرام ۋە سالام !

ۋاقتى: 2015-9-16 10:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئابدۇخېلىل مىرخېلىل  بىلەن شەۋكەت رۇستەمگە قىزغىن سالام! ئەزىز دوسلارنىڭ ئالتۇن تېنى ھەر يەردە ئامان بولسۇن!


ۋاقتى: 2015-9-16 12:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلۇق گۈلىستانىدا ياشاپ كېتىڭلار ئۇستازلىرىم.
كۆز تەگمىسۇن.
ئەھەدى ئاكىمىز بىلەن ئا.سادىر ئاكىمىزنىڭ مۇشائىرلىرىنىمۇ سېغىندۇق.

ۋاقتى: 2015-9-16 12:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى يوللىغان ۋاقتى  2015-9-15 22:40
ئىككى قەلەم ساھىبىنىڭ دوستانە مۇشائىرە چاقچاقلىرىنى  ...

ئەھەدى ئاكىمىز بىلەن ئا.سادىر ئاكىمىزنىڭ مۇشائىرلىرىنىمۇ سېغىندۇق.

ۋاقتى: 2015-9-16 18:34:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاساستا داۋاملاشتۇرۇپ بىر توپلام قىلساڭلار بولغىدەك. شەۋكىتى، ئا. مىرخېلىل ئاكىغا ئوتلۇق سالام. ھارمىغايسىلەر...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش