بىر كىتاب ۋە ھاياتىم
بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم،شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى
ــ«يېڭى ھايات»تىن
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلاشتىن بۇرۇن،ئەدەبىيات،ماتېماتىكا،تارىخ دەرىسى دېسە بېشىم ئاغرىيتتى.كىتاب بەتلىرىدە يىرگىنىشلىك،ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان قۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرگەندەك،قارىساملا نېرۋامغا بۆسۈپ كىرىپ نەشتىرىنى سانجىۋاتقاندەك چەكسىز بىئارامچىلىق ھىس قىلىغان چاغلىرىمدا،چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ،بېشىمنى ئىككى بىلىكىم ئارىسىغا ئېلىپ ئېغىر نەپەسلىنىۋاتقىنىمنى ئۇستازلىرىم بايقاپ قىلىپ،نېمە ئىش بولغانىلىقىنى سورىشاتتى.بۇنداق چاغلاردا،كىتاب ۋاراقلىرىغا قورقىنچ ئىلكىدە قاراپ،بارماقلىرىم بىلەن قۇرلاردا لۆمشۈپ يۈرگەن قۇرتلارنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ:«ھېچنېمە!»دەيتتىم.ئۇ كىتابنى قولۇمدىن ئېلىپ ئۆرۈپ-چۈرۈپ قاراپ بېقىپ ھېچنېمىنى بايقىمايتتى.چۈنكى ئۇ مېنى بىئارام قىلىدىغان قۇرتلار كىتاب بەتلىرىدە ئەمەس،نېرۋا تالالىرىمنى غاجىلىماقتا ئىدى.
ھەر خىل شەكىللەر،سان-سېفىرلار،تىئورمىلار،نامەلۇملۇقلار بېشىمنى قايدۇراتتى.بىر مەزگىل چىدىغانمۇ بولدۇم(ئۇستاز ھەر قېتىم ماڭا كىتابنى مەجبۇرىي ئاچقۇزغاندا بارمىقىمنى چىشلەپ قانىتاتتىم،تاكى ئاغرىق دەردىدىن ھىس-تۇيغۇ يوقىغان قەدەر شۇنداق قىلاتتىم)ئۇستاز دوسكىغا گىئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنى،ئالگىبىرالىق تەڭلىمىلەرنى يازاتتى.مېنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرۇم ئاجىزمۇ ياكى قىزىقىشىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن شۇنداقمۇ،ئۇنىڭ دوسكىغا يېزىۋاتقان،«مۇنداق دەپ پەرەز قىلىپ تۇرساق...ماۋۇ يەرگە بىر ياردەمچى سىزىق سىزساق...ھېلىقى فورمىلانى ئەسلەڭلار..»دېگەندەك گەپلىرى قۇلىقىمغا پەقەتلا كىرمەيتتى.ئىچ-ئىچىمدىن بىر خىل بىزارلىق،ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ قۇسقۇم كېلەتتى.
ئەدەبىيات،تارىخ دەرىسلىرىمۇ شۇنچىلىك زىرىكىشلىك ئىدى.ئۇ دېگەن نېمە ،بۇ دېگەن نېمە،بۇ تارىخي ۋەقە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە،بۇ ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى نېمە،بۇ ئابزاستا قانداق ئېستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللانغان،بۇ ئۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئىيتىپ بېرىڭ،بۇ ماقال-تەمسىلىنىڭ مەنىسى نېمە دېگەندەك بىمەنە سۇئاللارغا قاراپ جۇدۇنۇم تۇتاتتى.كىلاسسىك شېئىرلارنى مەجبۇرىي يادىلاۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنى كۆرگىنىمدە كۈلۈپ تاشلايتتىم.
بىر ئايمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇستازلار بىلەن كاللا سوقاشتۇرىدىغان بولدۇم.ھاقارەت قىلىشتى،ياقا سىقىشستۇق.ئايال ئۇستازلار سىنىپنى ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ تىللىغىنىچە چىقىپ كېتىپ مەكتەپ مەسئۇللىرىغا چېقىشاتتى؛ئەر ئۇستازلار ئاسانلىقچە بولدى قىلمايتتى.چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇش تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.ئۇلار مەندىن چوڭ بولغاچقىمۇ دائىم تاياق يەيتتىم،بىراق ئاشۇ كىتابلارغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇش،ئۆگىنىش قىلىشقا قارىغاندا،مۇشت-پەشۋالار مەنىلىك بىلنەتتى.
ئۇستازلار بىلەن ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ يۈرۈپ تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇشۇمنى تۈگەتتىم.بۇ جەرياندا، ھەر قېتىملىق سىنىپ يېغىنى بولسا ئانام بېشىنى كۆتۈرەلمەيتتى.ئۇستازلار بىلەن ئۇرۇشىۋاتقاندا ماڭا يۇشۇرۇنچە مەدەت بەرگەن،ماڭا ھەۋەس قىلدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئانىلىرى ماڭا يەر ئاستىدىن مەرەزگە قارىغاندەك قارىشىپ باللىرىنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلايتتى.ھەر قېتىملىق ئائىلە باشلىقلار يېغىنىدىن كېيىن ساۋاقداشلىرىم مەندىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورايتتى:«داداڭ-ئاناڭ نېمە دېدى،ئۇرمىغاندۇ-ھە؟».دادام باشقا يېزىدا خىزمەت قىلىۋاتقاچقا مېنىڭ ئوقۇشۇمنىڭ نەدىن-نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيتتى.ئانام بولسا بىردەم قايناپلا توختاپ قالاتتى.ئۇرسىمۇ ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى.چۈنكى مەن ئوقۇشتىن بىزار ئىدىم.
ئۆيدە مېنىڭ قايسى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشۇم ھەققىدە مۇنازىرە بولدى.دېمەك،ئۇلار مېنى ئوقۇتماقچى بولىۋاتاتتى.ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشۇم بەلگىلەندى.ئەتىلا كۈدە-كۆرپەمنى كۆتۈرۈپ تىزىملاتقىلى مېڭىشىم كېرەك ئىدى،بىراق مەن جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدىم.ئوقۇشتىن رايىم يانغانلىقىنى ئىنىق دېگەن بولساممۇ،ئۇلار(دادام چىڭ تۇرىۋالغان)مېنى مەكتەپكە ھەيدىدى.بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا مەكتەپكىمۇ كېلىپ بولدۇم.مەكتەپ ئىچى ھەر قايسى يېزا-بازاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى.يۈك-تاقلىرىمىنى بىر يېزىدىن كەلگەن كونا ساۋاقداشلىرىمغا ساقلاشقا قويۇپ مەكتەپ ئىچىنى ئايلاندىم.كۆل بويىدىكى سۆگەت شاخلىرى جاناننىڭ چېچىدەك يەلپۈنۈپ تۇراتتى.مەيىن شامالدا يۇپۇرماقلاردىن تارقىلىۋاتقان تىنىقلارنى پۇرىغاچ يىنىك قەدەم بىلەن ماڭدىم.كۆل بويىغا جايلاشقا ئورۇندۇقتا ئىككى قىز ئولتۇراتتى.ئورۇندۇق ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ئارىسىدىكى بىرنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تونۇش بىلىندى.ئۇنىڭ تەبەسسۇمى،يۇمىلاق يۈزى ماڭا بەكمۇ تونۇش بىر كىمگە ئوخشاپ تۇراتتى.يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ كەتتى.ئىككى ئۈچ قەدەم ئالار-ئالمايلا تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەك كۈلكە كۆتۈرۈلدى.ئارقامغا قاراشقا پىتىنالمىدىم.بەلىكىم ئۇ ئىككى قىز مېنى سەھرالىق توپماي دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقان بولۇشىمۇ،ياكى باشقا ئىشقا كۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.كۆلدىن ئايلىنىپ ئۆتەي دەپ تۇرىشىمغا كەينىمدىن بىرسىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىشى بىلەن ئورنۇمدا تۇرۇپ قالدىم.«ئارقىغا بۇرۇل!»ئۇنىڭ شوخ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى.مەن بىلدىم ،دەل شۇ قىز ئىدى.
مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا،مەكتەپ ئىچىدە بىر قىزنى ئۇچراتتىم.ئۇنىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەن بولساممۇ،ئۇنى ھەر قاندىقىغا تەڭ قىلمايتتىم.شۇ كۈنى ئۇ بىزنىڭ فىزىكا مۇئەللىمىم(ئايال) بىلەن تۇراتتى.يەردىن ئۈنەەندەكلا پەيدا بولغان بۇ قىزغا ئاشىق بولدۇم.دۈشەنبە كۈنى فىزىكا مۇئەللىمىمىز ئۇ قىزنى سىنىپقا باشلاپ كىرىپ تونۇشتۇردى.ئۇنىڭ مۇئەللىمنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ھېچ ئويلىمىغان ئىدىم.مۇئەللىممۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى.مەكتەپتە ئۇنى قوغلىشىپ يۈرىدىغان ياش ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئىدى.ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنى كۆرۈش نىيىتىدە دەرسكە تولۇق كېلەتتى،ھەم ئۇنىڭ دەرىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى.ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم.ئۇ پارتامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا،ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقىنى،ئاياغ تاۋۇشىنى،چىرايىنى مېڭەمگە كىرگۈزىۋاتاتتىم.ئۇ ئالدىمدىكى پارتىدا ئولتۇردى.مۇئەللىمنىڭ دەرىسى پەقەتلا كاللامغا كىرمەيتتى.ئۇنىڭغا كەينىدىن قاراپ ئولتۇراتتىم.بۇ چاغقىچە مۇئەللىمدىن،ئۇنىڭ چىرايلىق لەۋلىرىدىن،تولغان كۆكسىدىن كۆز ئۈزمەي ئولتۇرىدىغان مەن،بۈگۈن ئاجايىپ بىر خىيالغا چۆكۈپ كېتىۋاتاتتىم.مەن ئولتۇرغان يەرنىڭ سىنىپ ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئېسىمدىن چىقارغان ئىدىم.ئۇنىڭ قاشتېشىدىن سۈزۈك بويۇن تېرىلىرىگە،بىلەكلىرىگە قارايتتىم.خىيالىمدا ئۇنىڭ قىززىق كۆكسىلىرىگە قول سوزۇيتتىم،لەۋلىرىگە لەۋلىرىمنى ياقاتتىم.يېنىمدىكى پارتىدىشىم نوقۇپ ئويغاتقاندىلا،سىنىپتا ئولتۇرغىنىمنى بىلدىم.مۇئەللىم مەندىن سۇئال سورىغان ئىدى.مەن نېمىگە جاۋاب بېرەلەي؟مۇنۇ ئالدىمدا ئولتۇرغان قىزغا ئاشىق بولدۇم دەيمۇ؟ ئەلۋەتتە،فىزىكا دەرىسىدە ئىشىق-مۇھەببەت سۆزلەنمەيتتى،ھەم بۇ گەپنى ئېغىزدىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.پۈتۈن ئەس-يادىم قانداق قىلىپ بۇ ۋاقىتنى تېزراق ئۆتكۈزۈپ تەنەپپۇس قىلىش ئىدى.چۈنكى ئۇ چاغدا مۇئەللىم دەرسخانىدىن ئايرىلىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش بىر قەدەر ئاسانغا چۈشىدۇ.مىڭ تەستە ۋاقتىنى توشقۇزدۇم.ئۇنىڭ بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالدۇق.يۈرگەنمۇ بولدۇق،بىراق خۇشال كۈنلىرىمىز ئۇزۇنغا بارماي ئاچىسى(فىرىكا ئوقۇتقۇچۇم) ئۇقۇپ قىلىپ ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى.تىرىشىپ ئۈگىنىش،ھىسياتقا بېرىلمەسلىك دېگەندەك ساپلا قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ مېنى قايىل قىلماقچى بولغان ئىدى.بىر قىزغا ئاشىق بولغان ئىدىم،مەن تەربىيە-نەسىھەتكە مۇھتاج ئەمەس ئىدىم.مۇئەللىم مېنىڭ گەپ يېمەيدىغىنىمنى بىلىپ سىڭلىسىنى باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى.كەيپىياتىم بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى.دەرستىن قېچىپ تورخانا،بىلىيارتخانىغا باراتتىم.ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئېسىمدىن چىقرىش ئۈچۈن ساراڭلارچە تور ئويۇنلىرىنى ئوينايتتىم.ئۇنىڭ دەرىسىدە قەستەن جىمجىت بولۇۋىلىش(بۇرۇن بەك شوخلىق قىلاتتىم)،قاپاق تۈرۈش،دەرىسىدىن قېچىش ئارقىلىق قارشىلىقمنى،نەپرىتىمنى بىلدۈرەتتىم.بىراق ئۇنىڭ پەرۋايى-پەلەك ئىدى.
دەل ئۇ ئالدىمدا قاراپ تۇراتتى.ئاددىيغىنە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن،ئۇ مېنى دوستىغا تونۇشتۇردى.مەكتەپ ئىچىدە بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن بىللە غىزالاندۇق،ئاندىن ئۇلار ئازراق ئىشى بارلىقىنى ئىيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.
ئوقۇشقا كىرىپ بىر ھەپتە ئىككى ھەپتە بولغاندا، ئۇرۇش-جىدەل،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرەڭلىكىنى ،جەمئىيەت لۈكچەكىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.دادام بىرھازا ئاغرىنغاندىن كېيىن باشقا يەردە ئوقىسۇن دېگەن قارارنى چىقاردى.ئۆيدە دادامنىڭلا دېگىنى دېگن ئىدى.ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتىش،قاراپ چىقىش،پىكىر بايان قىلىش دېگەندەك ھوقۇقى يوق ئىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ قارشى چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس،ھەم خىيالى فانتازىيەگە ئايلىنىپ قالاتتى.
ۋىلايەتتىكى بىر تولۇق ئوتتۇرىغا قۇبۇل قىلىنغاندىن باشلاپ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قالغان ئىدىم.ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز يۇمۇرلۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە،كىتابتىكىنى خەتنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ بېردىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەمەس ئىدى.دەرسنى تېزلا تۈگىتەتتى-دە،ساۋاقداشلارغا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا روي بەرگەن ھادىسىلەرنى،كۈلكىلىك ئىشلارنى،دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدا بولۇنغا پاراڭلارنى،ئوقۇغان كىتابلىرىنى ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بېرەتتى.بەزى-بەزىدە ئۆزى يازغان شېئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرەتتى.دراممىلارنى روللارغا بۆلۈپ ئويناتقۇزاتتى...ۋەھاكازالار.
ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ يېزىقچىلىق قىلىشنى تاللاپ قالدىم.بۇنىڭغا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم سەۋەب بولغان ئىدى.ئۇنىڭغا ئاتاپ كېچىلەپ شېئىرلارنى،خاتىرىلەرنى يازدىم.دەرس ئارلىقلىرىدا ئۇنى يۇشۇرۇنچە كۈزىتەتتىم.كېيىن ئۇنىڭغا تەلەپ قويغانمۇ بولدۇم،بىراق ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنپا ئوقۇيدىغان قوشكىزەك ئاچىسى قارشى تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتتىم.يازغان خاتىرىلىرىم سىنىپلار ئارا تارقىلىپ يۈردى.ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۈگىشىشكە باشلىدىم.بۇ مەزگىلدە قىزلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان،ياتاق،كىتابخانىلارغا مۆكىۋالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تاپالىغانلىكى شېئىر توپلاملارنى ئوقۇپ چىقتىم.چەتئەل شېئىرلىرى بىلەن بىر ئاز تونۇشقاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شېئىرلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدىم.باشقىدىن يېزىشىم كېرەك ئىدى.سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىدىن تارتىپ ھىسياتلىق سۆزلەرگىچە ھەممىنى قايتىدىن يېزىشىم كېرەك ئىدى.ئۇلار گەرچە چىن يۈرەكتىن (بۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەيمەن)ئېتىلىپ چىققان مۇھەببەتلىك مىسرالار بولسىمۇ،ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەلگەندە بىرلا ئېغىز گەپ بولاتتى.بارماق ساناپ يازغان مىسرالار ئىچىدە دېمەكچى بولغانلىرىمنى تولۇق دېيەلمەيۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم.
بىر كۈنى دوستۇم بىر كىتاب تەۋسىيە قىلدى.ئىككىلەنمەيلا سېتىۋالدىم.بىراق كىتابنى كۆرۈشكە كەلگەندە ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن ئادەمدەك ئۇزۇن جۈملىلەرنىڭ ئايىغىغا چىقىپ بولغىچە ھاسىراپ كەتتىم.«تېخى كىتابنىڭ باشتىكى سەھىپىلىرىنى ئوقۇۋېتىپلا ئۇنىڭ شۇنداق بىر سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىمكى،جىسمىم مەن ئولتۇرغان بۇ ئۈستەل-ئورۇندۇقتىن ئاجراپ يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بولدى...»ئوقۇۋاتقان كىتابقا ئەسىر بولدۇم.كىتابتىن چاقناۋاتقان سوغۇق نۇر مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.10نەچچە بەتتەك ئوقۇپ داۋاملاشتۇرالمىدىم،كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتكەننڭ ئۈستىگە،تەرلەپ ئولتۇرالمايۋاتاتتىم.كىتابنىڭ تۇنجى جۈملىسىنى ئوقۇپلا مېنى ،ھەم قىزىقىش ھەم قورقىنىچ مەھكەم ئورىۋالدى.نېمىشقا دېگەندە،بىر كىتابنى ئوقۇپ پۈتۈن ھاياتى ئۆزگىرىش بۇ بەكمۇ ئېسىل گەپ،ئەكسىچە ئويلىغاندا،بىر كىتاب ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتەلىسە،ئۇ بەكمۇ خەتەرلىك،ۋەھىمگە،بالا-قازاغا،قارغىشقا،ھادىسىگە تولغان كىتابتۇر.ئىنىقىنى دېگەندە،مەن بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشقا ئېلىنىپ قالغان ئىدىم.ئىچىمدە ئىككى ئوقۇرمەن تەڭ مەۋجۇت ئىدى،بىرسى،«ئوقۇ!»دەپ ئالدىراتسا،يەنە بىرسى،«قەتئىي ئوقۇما!»دەپ قورقىنىچ سالاتتى.ئىككىلىنىش ئىچىدە بىر ئاينى ئۆتكۈزدۈم.بىر كۈنى دەرستىن كېيىن،دوستۇمغا ئۇچراپ قالدىم:«قانداق،ئۇ كىتابنى ئوقۇدىڭمۇ؟»مەن راست گەپ قىلماقچى بولدۇم-يۇ،ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم.ئۇ چىرايىمغا قاراپلا بىلىپ بولغان ئىدى.قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئوقۇماقچى بولۇپ ئاران 44بەت ئوقۇيالىدىم.ئۈچىنچى قېتىم قولۇمغا ئېلىپ ئەس-يادىمنى ئۇنتۇپ كىتاب ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.شۇنداق بىر يېڭى ھاياتنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتتىم.پىرسۇناژلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن تۈركىيەنى كېزىپ چىقتىم .جانانغا ئاشىق بولدۇم.ئوقۇشتىن زىرىكتىم.شۇنداق بىر دۇنيانى تېپىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىشىم لازىملىقىمنى ئۆزۈمگە ئەسكەرتتىم.بۇ ھاياتىمدا تولۇق ئوقۇپ چىققان تۇنجى رومان (شېئىر دېيىشىمگە رۇخسەت قىلساڭلار)ئىدى.ئۇ روماننىڭ سېھرىي كۈچىدە ئەدەبىياتنىڭ قانداقراق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.رومان تۇنجى جۈملىسىدە ئوقۇرمەنلەرگە دېگەندەك،پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى.كىتاب ئىيتقان بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىپ كەتكەن ئىدىم.«يېڭى ھايات»نى ئىزدەپ يولغا چىقتىم.كىتاب ھەققىدە ئويغا پاتقانسېرى،ئۇ سېھىرلىك ماكاننى ئىزدەپ تېپىش ئىشتىياقىم كۈچەيگەنسېرى ئېزىۋاتقانلىقىمنى كېچكىپ ھېس قىلدىم.«سۇفىيەنىڭ دۇنياسى»دېگەن روماندىكى ئىككى سۇئالنى ئۆزۈمدىن سورىدىم.سۇئاللار ئارام بەرمەيتتى.بارا-بار مەن ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ پۇتلىرى لىڭشىپ قېلىپ ئورنىنى تەگسىز قاراڭغۇلۇق ئىگىلىدى.«بۇ پويىز نەگە بارىدۇ،بىلەمسەن؟-دېدىم قىزىمغا ئىختىيارسىز
-نەگە بارىدۇ؟
-ئاۋۋال ئىزمىتقا،ئاندىن بىلەجىككە.
-ئاندىنچۇ؟
ئاندىن ئەسكىشەھەرگە،ئاندىن ئەنقەرەگە بارىدۇ.
ئاندىنچۇ؟
-ئاندىن قەيسەرىگە،سىۋاسقا،مالاتياغا بارىدۇ.
-ئاندىن؟-دەپ سۆزىنى خۇشاللىق بىلەن تەكرارلىدى سېرىق چاچلىق قىزىم ئاخىرقى ۋاگۇننىڭ كۆرۈنەر-كۆرۈنمەس قىزىل چىراغلىرىغا قىزىقىپ قاراپ.»
مەن توختىماي تەكرارلايتتىم.بىراق دائىملا سۇئاللىرىم جاۋابسىز قېلىپ مېنى ئازابلاتتى.يېڭى بىر دۇنيانىڭ ماڭا كەڭ قۇچاق ئېچىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىمكى،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايتتىم.توختام سۇغا ئوخشاش مەينەتلىشىپ كەتكەن تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ ئازابلىناتتىم.
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىلى پۈتۈنلەي تۈگەشتىم.باشقا بىر دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈش بۇ ھاياتنى چىدىغۇسىز بىر دوزاخقا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.رەڭسىز تېلېۋۇزورى بار قەھۋاخانىلار،ۋىدىيوسى بار ئاپتۇبۇسلار،قاتناش ۋەقەلىرى،سىياسىي سۈيقەست ۋە جىنايەتلەر،بايلار تەشكىلاتلىرى،ئاقماس نەزىرىيىلەر،سەزگۈر مۇخبىرلار،يوقلغان كونا نەرسىلەرنىڭ ئىلھام تىۋىشلىرى،چەت-ياقا جايلارنىڭ ھەسرەت-خاپىلىقلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتەتتى.كىتابنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى خاتىرە دەپتىرىمگە پۇراقلىق قەلەم بىلەن كۆچۈرۋاتاتتىم.بۇ كىتاب مەن ئۈچۈنلا يېزىلىۋاتقاندەك،مېنىڭ ھېكايەمنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتىم.دەسلەپتە كىتابنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى قىزىل قەلەمدە سىزىپ ماڭغان بولسام،ئەمدى كىتابنىڭ پۈتۈن بېتى قىزىل رەڭدە بويۇلۇپ كەتكەن ئىدى.پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشكە نائىل بولغان بۇ كىتاب ئاپتۇرىنى نەقەدەر خەتەرلىك،رەزىل،ئىپلاس قاتارىغا چىقىرىپ تاشلىغان ئىدىم،يەنە ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىشنى(كىتابتىمۇ ئاپتۇر قەستكە ئۇچرايدۇ) خىيال قىلغانتىم.چۈنكى ئۇ كۆزئالدىمدىكى بارچە نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئىدى،ھەم مېنى تاپتىن چىقىرىۋاتاتتى.
كېيىنكى كۈنلەردە،تولۇق دەرس تاشلىدىم.نۇرغۇن ئادەم ھاياتنىڭ بۇرۇلىش نوقتىسى دەپ قارايدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنى خايالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماي،خىلمۇ-خىل ئوي خىياللار،رومانلار بىلەن ئۆتكۈزدۈم.ھەممە بىردىنلا ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويغاندەك،چۈشلۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالدىم.
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم.كۈز ئايلىرىدا يۈك-تاقلىرىمنى ئادەتتىكىچە يۇغۇشتۇرغاندىن كېيىن،مەن 20يىل ياشىغان بۇ يۇرتتىن ئايرىلدىم(ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يۇرتتىن چىقىپ باقمىغان ئىدىم)،ئۆيىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتىم.ئانامنىڭ كۆز يېشى بەكمۇ بىمەنە تۇيۇلدى.
ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە كېلىپ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بېلەتنى ئالدىم.ماشىنا قوزغىلىشقا 40مېنۇت ئەتراپىدا بار ئىدى.سەپەرگە چىقىشقا ئالدىراۋاتاتتىم.تۇنجى ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشىم بولغانلىقتىن ئەمەس،بەلكى بوغچامدىكى كىتابتىن چىققان نۇر يۈزلىرىمگە تۆكۈلىۋاتاتتى.سەپەر مېنى يېڭى بىر ھاياتقا ئاپىرىدۇ دەپ ئويلايتتتىم.بىر تال تاماكىغا ئوت ياقتىم.تاماكىنىڭ خۇشپۇرىقى كەيپىياتىمنى كۆتۈردى.بېكەت تاللا بازىرىدىن ئېچىملىك ۋە بولكىلارنى ئالدىم.سەپەر باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.مەن ئارزۇ قىلغان ھاياتقا بارا-بارا يېقىنلىشىۋاتقاندەك تاتلىق ھاياجانلارغا چۆمگەن ئىدىم.ماشىنا قوزغالدى.ماشىنا بېكەت ئىشىكىدىن چىقىپ شىمال تەرەپكە قايرىلدى.كىتابنى بوغچا تېشىدىن سىلاپ قويۇپ يولغا چىقتۇق دەپ بوش پىچىرلىدىم.ماشىنا ئاۋات بازاردىن،كۆجۈم مەھەلىلەر،ئېگىز بىنالاردىن ئۆتۈپ قۇم-بارخانلىق يولغا تاشلاندۇق.چەكسىز كەتكەن باياۋانلارغا قاراپ سەپەرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سەھگەندەك بولدۇم.تەشۋىشلىك خىياللار نېرۋامنى قوچۇيتتى.چۆلنىڭ ئوتتۇرىدا ماشنىدا بۇزۇلۇپ قالامدىغاندۇ؟ماشىنىدىكى بىرەرسى ئۆلۈپ كېتەمدىغاندۇ؟ بوران چىقىپ قالسىچۇ؟ ھەرخىل ئېھتىماللىقلارنى بېشىمدىن بىر قاتار ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى.ماشىنا بىر خىل يۇسۇندا تەۋرىنىپ كېتۋاتاتتى.نەپىسىم قىستىلىپ كېتىۋاتاتتى.ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى ئاچقىلى بولمايتتى.مېنى قورقىنىچ باستى.سوغۇق تەرلەپ كەتتىم.ئۆرە ئولتۇرۇدۇم.ئۇيان ئۆرۈلۈپ ،بۇيان ئۆرۈلۈپ قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالغان ئىدىم.
ئەتىسى كەچلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم.ناتونۇش چىرايلار،ناتونۇش يوللار مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.ئاكامغا تېلېفۇن قىلدىم (ئۇ ئۈرۈمچىگە ئولتۇراقلاشقان ئىدى)،ئۇ تاكسىي توسۇپ كېلىشىمنى،ئۆزنىڭ بەكمۇ ئالدىراشلىقىنى ئىيتتى.قارا ماشىنىدىن بىرسى ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ قورقۇپ قالدىم.مەن بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەچكە ،ھەم يېنىمدا بىر مۇنچە نەق پۇل بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشىم كېرەكلىنى ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ ماڭدىم.شەھەرلىكلەر سەھرالىقلارنى بىر قاراپلا تونۇۋالالايدۇ.سەھرالىقلارنى كۆرسە بىر ئاماللارنى قىلىپ قويۇشقا تەييار بولىدۇ (ئەلۋەتتە،ھەممىسىمۇ ئۇنداق ئەمەس،مەنە پەقەت شۇ چاغلاردا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەم باشقىلاردىن ئاڭلىغان بولغاچقا شۇنداق ئويدا ئىدىم)ئازراق ماڭا-ماڭمايلا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ چامىداننى سۆرەپ ئاستا سۈرۈلدۈم.ئۇيان مېڭىپ ،بۇيان مېڭىپ يولدىن ئېزىپ قالدىم.چامىداننىڭ ئۈتىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چەكتىم.يەڭگەمگە تېلېفۇن قىلغان بولساممۇ كۆتۈرمىدى،ئاكامغا قايتا تېلېفۇن قىلغۇم يوق ئىدى.يوللارنىڭ غېرىبلىقىنى دەسسەپ مېڭىۋەردىم.قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى.قورقىنىچ مېنى ئىسكەنجىگە ئالغان شۇ مېنۇتنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.كېچە،ناتونۇش شەھەر،غېرىب بىر يولۇچى،ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەھەردە تەرەپ مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى ئۇ بۇ شەھەرنىڭ ھېچنېمىسىنى بىلمەيدۇ.سائەت ئىككى بولاي دېگەندە،ئاكام تېلېفۇن ئۇرۇپ نېمىشقا تېخىچە ئۆيگە كېلىپ بولالمىغانلىقىمنى،قەيەرگە كەلگىنىمنى سورىدى.راستىمنى ئىيتسام ئۆزۈمنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقىنىمنى بىلمەيتتىم.يول بويىدىكى بىر ۋىۋىسكىنى ئوقۇپ بەرگىنىمىدە ئاكام مېنىڭ نەدىلىكىمنى بىلدى-دە،ئۇزۇن ئۆتمەي مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
تۆت كۈن ئۆيدىن تالا-تۈزگە چىقمىدىم.بەشىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ئاكام ئېلىپ بەرگەن پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بېكەتكە كەلدىم.ھاياجانلىنىۋاتاتتىم.بوغچامنى سىلاپ قويدۇم.تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقىمۇ،رەت-تەرتىپنى تازا بىلىپ كەتمىدىم.پويىز كۈتۈش زالىغا كىرگىنىمدە بىر قىزچاقلا ئولتۇراتتى.ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.ئۇ قىز ماڭا قاراپ قويۇپ تېلېفۇنىنى ئويناپ ئولتۇردى.بىر ھازادىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ نەگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى.
«بولۇڭ-بولۇڭ،تېز! ئا پويىز قوزغىلايلا دەپ قاپتۇ»ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چامىدانىمنى سۈرەپ ماڭدى،مەن ئارقىدىن ئەگەشتىم.پويىزغا ئۈلگۈرەي قالغىلى قىل قالغان ئىدىم.ئۇ قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ماڭا ئاق يول تىلدى.ئورنۇمنى خىل تەستە تېپىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكىنىمنى سەزدىم.ئەتراپىمغا قاراپ تونۇش چىرايلارنى ئىزدىدىم.ئەمما بۇ ۋاگۇندا بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىدىم.ئىلگىرى خوتەندىكى چېغىمدا كېيىم-كېچەك ئالغاندا خەنزۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولساممۇ (ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرچە بىلەتتى)،بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرۇچە گەپ ئارلاشتۇرماي خەنزۇتىلدا پاراڭلىشىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىدىم.ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغىنى ئىككى ئەسكەرنىڭ بىرسى گەپ باشلىدى.دەسلەپتە خىجىل بولدۇم.ئېغىزىم گەپكە كەلمەيتتى.پەقەت نېمىلا دېسە كۈلۈپ قويۇپ ئۈچ-تۆت سائەتنى ئۆتكۈزدۈم.ئەمدى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان مۇھىتتىن ئايرىلغىنىمنى ھېس قىلغان ئىدىم.بىر ھازا ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئېغىزىم بىر ئاز گەپكە كېلىشكە باشلىدى.ئۇ ئىككى ئەسكەر گەپلىرىنى چۈشىنەلمىگۈدەك بولسام تېلېفۇنىغا بېسىپ ماڭا كۆرسىتەتتى.خىلى ۋاقىتلار ئۆتكەندە ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭغا چۈشتۇق(ئېغىز تىلىم ئاجىز بولسىمۇ،بىر ئاماللارنى قىلىپ چۈشەندۈرگىدەك سەۋىيەدە ئىدىم).يىگىرمە نەچچە سائەتلىك سەپەردىن كېيىن لەنجۇغا چۈشتۈم.مىڭ تەستە بىر ياتاق ئاچقۇزۇپ يۇيۇنۇپ ئۇخلاپ قالدىم(بەكلا چارچىغان ئىدىم).ئەتىسى كارۋاتلىق ماشىنا بىلەن يىنچۈەنگە باردىم.مەكتەپنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى بىلەن جەنۇبى مەكتەپ رايۇنىغا باردىم.يىنچۈەن ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل بىر شەھەر ئىدى.شەھەرنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلغاندەك قىلاتتى.مەكتەپكە يېتىپ كېلىپ ئورۇنلىشىۋالدىم.ئالتە كىشىلىك ياتاققا بۆلۈنگەن ئىدىم.بەش خۇيزۇ،بىر ئۇيغۇر.بۇ مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى.ئۇلار ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندا بېيىجىڭ تەلەپپۇزى بويىچە ئەمەس،بەلكى ئۆزنىڭ يەرلىك تىلدا پاراڭلاشقا ھېچنېمىسىنى ئۇققىلى بولمايتتى.كېيىن ئۇلار مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئامال بار ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان بولغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلانغان بولدى.كىتاب تارقىتىش باشلانغۇچە،كوچا ئاپتۇبۇسلارغا ئولتۇرۇپ (ئەلۋەتتە،بوغچامدا «يېڭى ھايات»بولاتتى) بۇ شەھەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىگە ئايلاندىم.بىر ھەپتە ئالايلانغاندىن كېيىن بۇ شەھەرنىڭ يوللىرىنى بىر ئاز بىلدىغان سەۋىيەگە يەتتىم.
دەرسكە چىققاندا ئۇ كىتابنى بوغچامغا سېلىۋالاتتىم.ماڭا تەسىر قىلغان جۈملىلەرنى قايتا-قايتا قىزىل،يېشىل،كۆك،قارا رەڭلىك قەلەملەر بىلەن سىزىىپ چىقاتتىم.ھەتتا ئەقلىمىدىن ئېزىپ پۈتۈن ئۆمرۈمدە مۇشۇنىڭدىن باشقا كىتابنى ئوقۇمايمەن دەۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم.كىتابنى ھەر رەت ۋاراقلىغىنىمدا دەرھال يولغا سەپەرگە ئاتلانغۇم،ئۇ ناتونۇش دىيارغا كەتكۈم كېلەتتى.ھۆرمەتلىك ئورمەن،سىز بەلكىم مۇشۇ تاپتا بۇنداقمۇ ساراڭلىق بولامدۇ، بىر رومانغىمۇ بۇ قەدەر ئىشىنىپ كەتكەن بارمۇ ،ئۇ ناھايىتى كەلسە ئورخان پامۇكنىڭ شۇنداقلا يېزىپ قويغان بىر ئەسىرىغۇ ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن.توغرا،سەپەر ئارقىلىق،بىر رومان ئارقىلىق سىز كۆزلىگەن نىشانغا مەڭگۈ يېتىپ بارالمايسىز،بىراق مەن بىر قاتار سەپەرلەردىن كېيىن بۇنى ھېس قىلدىم،يەنى –تۇيغۇنىڭ نەخ مەركىزىدە ئۆزۈمنى كۆردۈم.
2012-يىل ،10-ئاي،نىڭشىيا-يىنچۈەن.«ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەر»دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-16 11:41