يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1178|ئىنكاس: 17

م.م.نەزەر: بۇ قانداق «سۆيگۈ؟»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                     بۇ قانداق «سۆيگۈ»؟
                         («سۆيۈلۈشتىن تۆرەلگەن سۆيگۈ»نى ئوقۇغاندىن كېيىن)

                                                               م.م.نەزەر

بىزنىڭ رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتلىقتا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان مۇئەييەن بىر قانۇنىيەتلىك مۇساپىمىزنىڭ بولىدىغانلىقى ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس. بەزىلەر بۇ مۇساپىنى داغدام يوللار ئارقىلىق ئادىمىيلىككە ماس ھالەتتە بېسىپ ئۆتسە، بەزىلەر يولىنى تاپالماي شەيتانىي ئىستەكلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بۇ يولدا مۈدۈرۈشى، بەزىدە ھەتتا يىقىلىپ چۈشۈشى مۈمكىن. ئادەم ماڭغان ئىكەن، يىقىلىپ چۈشۈشتىن خالىي بولالمايدۇ.  يىقىلماسلىق ئۈچۈن ماڭماسلىق كېرەك، ئەمما كىممۇ ھاياتلىقتا <ماڭمايمەن، مەڭگۈ بىر جايىمدا تۇرىمەن> دىيەلەيدۇ؟ دەرھەقىقەت، يىقىلىپ چۈشۈش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى يىقىلغان جايىدىن تۇرالماسلىق ۋە ياكى تۇرۇشقا ئىنتىلمەسلىك.
مەن رەيھان مۇئەللىمنى دەسلەپ ئۇچراتقان چېغىمدا ماڭا تولىمۇ يېقىشلىق بىلىنگەن ئىدى. سەۋەبى ئاددىي، رەيھان مۇئەللىم مەن بىلىدىغان تالاي مۇئەللىملەرگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز بالىلىرىدەك كۆرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزى ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان سېسىق گەپلەرگە، تاپا-تەنە، دوقلارغا، «باغلاقتىن بوشىنىپ كەتكەن» ئىتلارنىڭ چىشلىۋېلىش خەۋپىگە قارىمايدىغان، كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان مۇئەللىمدەك تەسىرات بەرگەنلىكى ئىدى. كەمىنىمۇ ئوقۇتقۇچى، شۇڭىمۇ رەيھان مۇئەللىمدەك مۇئەللىملەر بارغانچە ئاز قېلىۋاتقان شارائىتتا رەيھان مۇئەللىمنىڭ بۇ خىسلىتى مېنىڭدىلا ئەمەس، باشقىلاردىمۇ ھۆرمەت قوزغىشى تەبىئىي. لېكىن مەندىكى رەيھان مۇئەللىمگە بولغان بۇ ھۆرمەتنىڭ ماشىنىنىڭ كەينىدىكى ئىس-تۈتەكتەك شۇنچە ئوڭايلا غايىپ بولۇشى كۆڭلۈمنى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە بىئارام قىلدى، بىئارام قىلدىلا ئەمەس، ئۆلۈپ كەتكۈچى گەرچە «سۆيۈملۈك لۈكچەك»- ئابلەت (رەيھان مۇئەللىمنىڭ سۆزى) بولسىمۇ، ئەمما مەن رەيھان مۇئەللىمنىڭ قەلبىمدىكى ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچتىم، ئۇنىڭ مۇئەللىملىك شەنىنى شەخسىي ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ پېتىقداۋاتقانلىقىدىن ئېچىندىم، چۈنكى، نەزەرىمدە رەيھان مۇئەللىم ئابلەت قازا قىلىشتىن بۇرۇنلا قازا قىلغان ئىدى، گەرچە مېڭىپ يۈرگەن بولسىمۇ !
بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەسلىكى، گەپنىڭ باش-ئايىقىنىڭ نېمىلىكىنى تازا بەك ئاڭقىرالماسلىقى مۈمكىن،  شۇڭا گەپنى ئېنىقراق ئېيتىشىم زۆرۈردەك قىلىدۇ. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان رەيھان مۇئەللىم ۋە ئابلەتتىن ئىبارەت ئىككى شەخس  تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىق گۈزەل خوتەندە نەشر قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ھازىرقىدەك خىل كەسپىي خادىملارغا، مۇكەممەل ئاپتورلار قوشۇنىغا ئىگە بولغان «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 3- سانىنىڭ رەيھانگۈل قادىر ئاپتورلۇقىدىكى «سۆيۈلۈشتىن تۆرەلگەن سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىدىكى پېرسۇناژلار ئىدى. كېيىنكى پىكىرلەرنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئالدى بىلەن ھېكايە ۋەقەلىكىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
رەيھان شەھەردىن خېلىلا يىراق بولغان بىر يېزىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان مۇئەللىم. سەبىي ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە بولۇش ئۇنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىقى. بىر كۈنى رەيھان مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىكى سانىيە ئىسىملىق قىز ئائىلە قىيىنچىلىقى ۋە مۇتەئەسسىپ دادىنىڭ يول قويماسلىقى تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن توختاپ قالىدۇ. ئىستىقبالى پارلاق بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر غۇنچىنىڭ توزۇپ كېتىشىگە «تاقەت قىلالمىغان» رەيھان مۇئەللىم سانىيەنىڭ دادىسىغا خىزمەت ئىشلىگىلى بېرىپ كەچ قالغانلىقتىن، شەھەرگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمەي، شەھەرگە ماڭغان بىر كىچىك ماشىنىغا چىقىدۇ. يولدا ماشىنا شوپۇرى ئابلەتنىڭ بەتقىلىقلىق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. گەرچە چوڭ ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، دەسلەپ بۇ ئىشتىن خورلۇق ھېس قىلغان رەيھان مۇئەللىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئابلەتنى ئىختىيارسىز سېغىنىدىغان، ئۆزى زورلۇققا ئۇچرىغان يولغا بېرىپ ئابلەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئۇچرىتىپ، تاكسى بىلەن ئارقىسىدىن ئوغرىلىقچە ئەگىشىپ بېرىپ ئۆيىنى كۆرىۋېلىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ قىلچىمۇ ئازابلانمايدۇ، قىلغانلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىپمۇ يۈرمەيدۇ. رەيھانغا نىسبەتەن ئىشنىڭ يەنە بىر ئوڭ كەلگىنى- ئۇ ئابلەتنىڭ كەينىدىن ئوغرىلىقچە ئەگىشىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى كۆرىۋالغاندا ئۆزى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان سانىيەنىڭ ئابلەتنىڭ ئۆيىدە بالا باققۇچى بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغانلىقى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئابلەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك» بىلەن قېنىپ كۆرۈشۈشىگە باھانە چىقىدۇ ۋە ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن ئابلەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سانىيەنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. ئابلەت بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا دۆڭگەپلا ئارقىدىن سانىيەنى مەكتەپكە قايتۇرىدىغانلىقىنى، سانىيەنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. رەيھان مۇئەللىم بۇلارنى ئاڭلاپ بۇ «سۆيۈملۈك ئەبلەخ»قە چوڭقۇر ھۆرمىتى قوزغىلىدۇ ۋە ئۇنى قانغۇچە كۆرىۋېلىش ئىستىكى بولسىمۇ ئامالسىز تەشەككۈر ئېيتىپ قايتىپ چىقىدۇ.
شۇ ئىشتىن كېيىن يەنە بىر كۈنى رەيھان ئىشتىن چۈشۈپ يېزا يولىدا شەھەرگە قايتىشتا ماشىنا ساقلاۋاتقاندا (ئۇنىڭ ئەسلى خاھىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ئابلەتنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ساقلاۋاتقان ئىدى) ئابلەتنىڭ ماشىنىسى ئۇچرايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ شوپۇى باشقا بىر كىشى ئىدى. گەپ ئارىلىقىدا ناتونۇش شوپۇر ئابلەتنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئايالىغا بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلىپ ئۆزى ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قاتتىق ئازابلانغان رەيھان شوپۇردىن ئۆزىنى ئابلەتنىڭ تۇپراق بېشىغا ئاپىرىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىدۇ، شوپۇر قوشۇلىدۇ. رەيھان ئابلەتنىڭ تۇپراق بېشىدا كۆز يېشى بىلەن ئولتۇرۇپ، بۇ  «سۆيۈملۈك ئەبلەخ» ئۈچۈن قايغۇرىدۇ...
ھېكايىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى مانا مۇشۇ. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئوقۇپلا ئالدى بىلەن ھېس قىلغىنىم، «بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بوپتۇ» دېگەن قاراشقا كەلگىنىم بولدى. ئۇنداقتا ھېكايىنىڭ مەغلۇبىيىتى نەدە؟ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەيھان مۇئەللىمنىڭ خاراكتىرىدىكى شاللاقلىقلارنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن پەردازلىنىپ «مۇھەببەت» نامى بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى، مۇھەببەت ئۇقۇمىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى، ئەۋەلقى پىكرىمىزنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قارىغاندا رەيھاننىڭ مۈدۈرۈپ كەتكەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق يىقىلىپ كەتكەنلىكى!
مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا تارىختىن بېرى تالاي جاۋابلار بېرىلدى. مەيلى قانداقلا جاۋاب بېرىلسۇن، ئۇنىڭ بىرلا خىل تەبىرى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى، مۇھەببەت- ئىككى قەلبتىكى بىر- بىرىگە بولغان ئەڭ غەرەزسىز، ئەپ ساپ ۋە پاك ئالىيجاناپ تۇيغۇ، ھېسسىياتتىن ئىبارەت. ئەمدى بىز باشقا گېپىمىزنى قويۇپ رەيھان مۇئەللىمدىكى بۇ ئاتالمىش «مۇھەببەت»كە قاراپ باقايلى:
ھېكايىدىكى رەيھان ئىنسان روھىيىتىنىڭ پەرۋىشلىگۈچىسى بولغان بىر مۇئەللىم. ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ  ئەمما ئەڭ بىغۇبار، ئەڭ پاك بولغان، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ زىننىتى بولغان سەبىي بالىلار. رەيھاندا گەرچە شۇ سەبىيلەرگە بولغان قىسمەن ھالدىكى كۆيۈمچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي ئەخلاقنىڭ «ئۆزى ئۈلگە بولۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم بىر تەرىپى يېتىلمىگەن. رەيھان شەھەردىن يىراق بىر يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا چىن كۆڭلىدىن رازى ئەمەس. ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتكەنلىكتىن تاپىدىغان ئازغىنە «شاد»لىقىمۇ ھەل بېرىلگەن ساختىلىقتىن ئىبارەت. قاراڭ:
«مېنىڭ شەھەردىن خېلىلا يىراق بولغان قوشئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ يۈرگىنىمگە تۆت-بەش يىل بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىت خۇددى ماڭا نەچچە ئون يىلدەك ئۇزاق بىلىندى. كۈندە بىر خىل تەكرارلىق، يول ئازابى بىلەن چارچىغان جىسمىم ئۆزەمنىڭ ئ.وماق، سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەرس ئۆتۈشتىن تاپالايدىغان ئازغىنە شادلىقىمدىن باشقا ھېچقانداق خۇشاللىق بىلەن ئۇچراشمايتتى...».
ھېكايە باشلىنىشى بىلەنلا يۇقىرقى جۈملىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. يېزىدا ئىشلەۋاتقان رەيھانغا ئوقۇتقۇچى بولغىلى ئەمدىلەتىن تۆت-بەش يىل بولسۇنۇ، نەچچە ئون يىلدەك بىلىنسۇن. نەچچە ئون يىل دېگەن قانچىلىك ۋاقىت؟ ئالاھەزەل يۈز يىلدىن تۆۋەن ۋاقىتنى نەچچە ئون يىل دەيدىغانلىقىمىزنى ھەممەيلەن بىلسە كېرەك. «كۈندە بىر خىل تەكرارلىق»، مانا بۇ رەيھاندىكى تۇيغۇ. بۇ يەردىكى رەيھاندىكى زادى قانداق كەيپىيات؟ جاۋاب ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم، بىزارلىق، ياقتۇرماسلىق! رەيھان ئەسلى شەھەردە چوڭ بولغان قىز. ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا يېزىغا كېلىپ خىزمەت قىلغۇسى يوق. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىمۇ پەقەت تىرىكچىلىك ئېھتىياجى ئۈچۈنلا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەندە خۇشال بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان بىللە بولغانلىقتىن شەكىللەنگەن ئىستىخىيلىك تۇيغۇ. ئادەم بولغان ئىكەن، ئۇنچىلىك تۇيغۇلارنىڭ شەكىللىنىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، بولمىسا رەيھاننىڭ تاشتىن نېمە پەرقى؟ ئەسەردە بۇ قارىشىمىزنىڭ ئاشكارا ئىزنالىرى يوق. ئەمما يۇقىرىدىكى بىر ئابزاستىكى بىز تىلغا ئالغان مەزمۇنلاردىن رەيھاندىكى شۇ خاھىشلارنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشنى ياقتۇرمىسا، ئۇنى بىر خىل خۇشاللىق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس ئالۋاڭ تەرىقىسىدە چۈشەنسە، ھەرقانداق كۆڭۈللۈك ئىشمۇ زېرىكىشلىك بىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «كۈندە بىر خىل تەكرارلىق» شەكىللىنىدۇ. ئەسلى رەيھان ئۆز كەسپىگە، خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن بولسا ئىدى، خىزمىتىدىن «كۈندە بىر خىل تەكرارلىق» ھېس قىلمايتتى، ئەكسىچە ئاشۇ «كۈندە بىر خىل تەكرارلىق» ئىچىدىن يېڭىچە مەنالارنى، خۇشاللىقلارنى تېپىشى تامامەن مۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئاۋالقى پىكرىمىز بويىچە رەيھاننى بۇ ئۇلۇغ سەپكە ئۇقۇشماستىن كىرىپ قالغان جانباقتىلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇرمىز.
رەيھاننىڭ سانىيەنىڭ دادىسى بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ شەھەرگە قايتاشىدا ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمەي بىر كىچىك ماشىنىدا قايتقانلىقىنى بىز بايا سۆزلەپ بولغان ئىدۇق. بىز نەزەرىمىزنى داۋاملىق ھېكايە ۋەقەلىكىگە بېرىمىز. يەنە قاراڭ:
«-قىزچاق،شەھەرگە كىرەمسىز؟ ماشىنىغا چىقىڭ، ئالغاچ كېتەي!
مەن خۇشاللىقىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالمىغان ھالدا ماشىنىغا چىقىپ كەينى ئورۇندۇققا جايلىشىپ ئولتۇردۇم...ئالدى ئەينەكتىن شوپۇرغا سەپسالدىم... ئاھ خۇدا، چىراينى ئايىمايلا بېرىپسەنغۇ بۇنىڭغا، بۇنداقمۇ كېلىشكەن، ھېچ يېرىدىن ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىكەنغۇ بۇنىڭ؟ ۋاي خۇدايىمەي، بۇ ئەر كىشىگە نىمانچە قاراپ كەتكەندىمەن؟ ئۆزۈمچە خىجىل بولدۇم...ئاستا دېرىزىدىن يىراقلارغا قارىۋالدىم. ئەپسۇس، يەنىلا ئالدى ئەينەكتىن ئۇنىڭ كۆزى بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى...»
«ماشىنا تۇيۇقسىز يولنىڭ چېتىگە چىقىپ چىپپىدە توختىدى-دە، ھېلىقى كېلىشكەن ئەر ماشىنىدىن چۈشۈپ... مەن ئولتۇرغان ئارقا ئىشىك يېنىغا كېلىپ...ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ يېنىمدا ئولتۇردى-دە، ماڭا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. مەن چۆچۈگەن بولساممۇ قىلچە چاندۇرماي يىراقلارغا تىكىلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماڭا قاراپ بىرئاز تۇرغاندىن كېيىن بېشىمنى قايرىپلا سۆيۈشكە باشلىدى...»
مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قىزىرىپ كەتتىم. تەلىيىمگە ئۆڭۈم قارىراق بولغاچقىمۇ ئانچە چانمىدىم. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. زورلاپ قۇراشتۇرۇلغان بۇ تەپسىلاتلارنىڭ نېمە مەقسەتتە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئەمما بۇ تەپسىلاتلارنىڭ رەيھاننىڭ ئورنىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيىتى ئاچ، شەرم-ھايالىق ئاياللىق سۈپىتىگە ئازراقمۇ لايىقلاشمىغان، شاللاق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دۇرۇس، رەيھان تۇرمۇش ئىشىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بەختسىز، دىلى سۇنۇق ئايال. ئىلگىرى ئېزىزجان ئىسىملىك بىرى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن تۆت يىل بىر ئۆيدە ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما «تۇغماس»لىقى تۈپەيلى ئامالسىز ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن بىز رەيھانغا ھېسداشلىق قىلىمىز، لېكىن ئۇنىڭ بىر ناتونۇش شوپۇرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا، شوپۇرنىڭ يولدا ماشىنىنى توختىتىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىگە سىنچىلاپ قاراۋاتقاندا قىلچە چاندۇرماي يىراقلارغا تىكىلىپ ئولتۇرۇشىنى بىز ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمايمىز. نورمال بىر ئايال ناتونۇش بىر ئەر كىشى يېنىغا يېقىن كېلىپ ئەمەس، سەل يىراقتىن بەكرەك قاراپ كەتسىمۇ قىلچە چاندۇرماي يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرىۋەرمەيدۇ. سەل زەردىسى بارراق ئايال بولسا ھەتتا شۇ ئەرگە قاتتىقراق تېگىپ قويۇشىمۇ مۈمكىن. تېخى رەيھان ماشىنىغا چىقىپ كەينى ئورۇندۇققا جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئالدى ئەينەكتىن شوپۇرغا سەپسالىدۇ. (دىققەت، بىر ئايال پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر ئەرگە سەپسالىدۇ!) «ئاھ خۇدا، چىراينى ئايىمايلا بېرىپسەنغۇ بۇنىڭغا، بۇنداقمۇ كېلىشكەن، ھېچ يېرىدىن ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىكەنغۇ بۇنىڭ؟ ۋاي خۇدايىمەي، بۇ ئەر كىشىگە نىمانچە قاراپ كەتكەندىمەن؟ ئۆزۈمچە خىجىل بولدۇم...ئاستا دېرىزىدىن يىراقلارغا قارىۋالدىم. ئەپسۇس، يەنىلا ئالدى ئەينەكتىن ئۇنىڭ كۆزى بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى...» ۋادەرىخ، بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى! رەيھان ئۆيىگە ماڭدىمۇ ياكى ئەر ئىزلەپ باشقا يەرگە ماڭدىمۇ؟ بىز بۇ يەردە رەيھاننىڭ راستتىنلا ئۆيىگە ماڭغانلىقىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز، رەيھاننى ئۆيىگە ماڭدى دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ھېچبولمىسا ئۇنىڭ ئازراق قىچىقى بار، ئەر كىنەپ قالغان چوكانلىقى بىزگە مەلۇم بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇنداق ئىللىتى بار ئاياللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ ھال رەيھاندا كۆرۈلسە بولمايتتى.
ئالدىرىماڭ، گەپنىڭ قىزىقى تېخى ئاخىرىدا. ھىلىقى شوپۇر رەيھاننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ رەيھانغا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن بىردىنلا ئۇنىڭ بېشىنى قايرىپ سۆيۈشكە باشلايدۇ. «مەن بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن مەڭدەپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. ...ئاخىرى خورلۇققا چېدىماي:
-ۋۇ لۈكچەك، ھايۋان، ساراڭ، قاراقچىمۇ سەن؟!- دەپ تىللىغانچە كۈچەپ ئۇنى ئىتتىردىم. بىراق ئۇ سۆيۈشتىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى...سۆيۈشلەر داۋاملىشىۋاتاتتى. بىرئازدىن كېيىن... ئۇنىڭ ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشلىرىگە يول قويغاندەك ئۇنىڭ سۆيۈشلىرىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ شۇنداق بىر تاتلىق سېزىم پەيدا بولغاندەك غەيرىي بىر ھالغا كېلىپ قالدىم... بۇ سۆيۈشلەر بارا-بارا يۈرىكىمنى لەرزىگە كەلتۈردى. بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم... ئۇنىڭ قوللىرى باشقا جايلاردا ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى...مەن ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ يۈزىگە راسا كەلتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدىم. ئۇ مېنى يەنە قاتتىق بىرنى سۆيۈپ ئۆز جايىغا بېرىپ ماشىنىسىنى قوزغىدى... مەن كوپتامنىڭ تۈگمىسىنىمۇ ئەتمەي گاڭگىراپ ئولتۇراتتىم...»
بىر ناتونۇش ئەرنىڭ ماشىنىسىدا زورلۇققا ئۇچرىغان رەيھاننىڭ قارشىلىقىنىڭ تېزلا ئاخىرلىشىپ، شوپۇرنىڭ سۆيۈشىدىن بارا-بارا مەست بولۇپ ھاياجانلىنىپ كېتىشىنى قانداق ئەقىل قوبۇل قىلىدۇ؟ بۇ ئىدراكقا ئۇيغۇنمۇ؟ ئاخىرىدا شوپۇرنىڭ قولى باشقا جايلاردا ھەرىكەتلەنگەندە رەيھان ھۇشىنى تاپقاندەك بولۇپ شوپۇرنى شاپىلاق بىلەن بىرنى سالىدۇ. بوپتۇ، بىز بۇنى شۇنداق بولدىمۇ دەيلى، لېكىن شۇ ئىش بولۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن رەيھاندا ھىلىقى شوپۇرنى سېغىنىش، كۆرۈش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. «مېنىڭ مەكتەپكە كېلىپ-كېتىش ئىشلىرىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىۋاتاتتى. ئەمما بۇ جەرياندا... بىر خىل مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇنىڭ قوماندانلىقىدا ... كۆڭلۈم ھىلىقى <ئەبلەخ>نى ئىزلەيتتى... دەل مەن ئۆزەمنى قوللاپ ھەم ئەيىپلەپ ئەشۇ <سۆيۈملۈك لۈكچەك>نى سېغىنىپ يۈرىۋاتقان كۈنلەردە كوچىدا ھىلىقى ئەبلەخنىڭ ماشىنىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم...يەنە شۇنداق روھلۇق، قەددى-قامەتلىك، كېلىشكەن... يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ھالسىزلاندىم...بىر تاكسىنى توستۇم ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشتۈم...»
مانا بۇ قارىماققا ئەقىل-ھۇشلۇق بىر ئايالنىڭ، يەنە كېلىپ بىر مۇئەللىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى. بۇ جەريانلارنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن رەيھاننىڭ شوپۇرنى راستتىنلا بىر كاچات ئۇرغانلىقىغا ئىشىنەرمۇ؟ بۇ تەپسىلاتلار پەقەتلا ئاپتور تەرىپىدىن رەيھاننى ئاقلاش ئۈچۈنلا زورلاپ توقۇلغان رەيھاننىڭ «باتۇرانە ھەرىكەت»ى. يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش زۆرۈركى، رەيھاننىڭ ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەسۋىرلىنىشىمۇ رەيھاننىڭ قىپيالىڭاچ شاللاق خاراكتىرىنى باشقىلارنىڭ بايقىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئاپتورنىڭ كىيدۈرۈپ قويغان نىقابىدىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئارتۇقچە دەلىل- ئىسپات كەتمەيدۇ. ئەگەر دەلىل تەلەپ قىلىدىغانلار بولسا مۇنۇ بايانلارغا نەزەرىنى ئاغدۇرسۇن:
رەيھان تاكسى توسۇپ ھىلىقى «سۆيۈملۈك لۈكچەك»نىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بېرىپ،  كۈتۈلمىگەندە ئۆزى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ دەل مۇشۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك»نىڭ ئائىلىسىدە بالا بېقىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپ بولىدۇ-دە، ھەممىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك»نىڭ ئىشىكىنى چېكىدۇ. رەيھاننىڭ ئىشىك چېكىشى قانداقتۇ ئوقۇغۇچىسىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك»ى بىلەن كۆرۈشۈش، ئۆز قەلبىدىكى ئۆزى كېچە-كۈندۈز سېغىنغان ئەرنىڭ چىرايىنى يېقىندىن كۆرۈش ئىدى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھېكايىدىن ئېلىنغان مۇنۇ جۈملىنى كۆرسەكلا كۇپايە.« ...ئۆزەمنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن ئىشىكنى چەكتىم. كۆڭلۈمدە بولسا بۇ <لۈكچەك> بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇنداق ياخشى سەۋەب ھازىرلاپ بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتتىم...».
ئىشىكنى «سۆيۈملۈك لۈكچەك» ئابلەتنىڭ ئايالى- ئوتتۇرا بويلۇق، چىرايلىق بىر ئايال ئاچىدۇ. «مەن قورۇنۇش ئىچىدە ئۆيگە كىردىم. خېلىدىن بېرى كۆڭلۈمنى ئارامىدا قويماي سېغىندۇرۇپ قىينىغان بۇ <ئەبلەخ> بىلەن كۆزىمىز يەنە ئۇچراشتى...». رەيھان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزى سېغىنغان ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدا ئۆز ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلماي بۇزۇق خوتۇنلاردەك «سۆيۈملۈك لۈكچەك»نىڭ كۆزىگە ئەيمىنمەستىن قارايدۇ. ئابلەتنىڭ ئايالىدىن خىجىل بولۇش، قورۇنۇش تۇيغۇسىدىمۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە بىز ئېھتىياج ئۈچۈنلا «بۇزۇق خوتۇنلاردەك» كەلىمىسىنى ئىشلەتتۇق، ئەمەلىيەتتە رەيھاننىڭ بۇزۇق خوتۇنلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. پەرقى بار دېيىلسە، رەيھاننىڭ ئاپتور تەرىپىدىن زورلاپ كىيدۈرۈپ قويۇلغان «مۇئەللىم»لىك لىباسىلا ئارتۇق ئىدى. رەيھان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سانىيەنىڭ ھەممە تەرەپلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، مۈمكىن بولسا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ سانىيەنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئېيتىدۇ. بۇ چاغدا ئابلەت ھەممە سەۋەنلىكنى ئايالىغا دۆڭگەپ، سانىيەنى دەررۇ مەكتىپىگە قايتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن سانىيەنىڭ ئوقۇش چىقىمىنىلا ئەمەس، ئائىلە چىقىمىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەتتا مەكتەپتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ناھايىتى ئاقكۆڭۈل، ئالىيجاناپ قىياپەتتە مەيدانغا چىقىدۇ.
رەيھاننىڭ ساختىلىقىغا تاقەت قىلالمايۋاتقاندا ئابلەتنىڭ شۇنداق قىياپەتتە مەيدانغا چىقىشى بىزنىڭ تېخىمۇ ئوغىمىزنى قاينىتىدۇ. شۇنداق ئالىيجاناپ ئادەم نېمىشقا ئۆزى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر ئايالغا ساپ-ساق ھالەتتە، كۈندۈزدىلا ھېچقانداق سەۋەبسىزلا بەتقىلىقلىق قىلىدۇ؟ ئۇ يا مەست ئەمەس، يا شۇنداق قىلىدىغانغا ئەسەردە بىرەر بىشارەتلىك ئالامەتلەرمۇ يوق. ئەمدى تۇرۇپلا شۇنداق ئالىيجاناپ بولۇپ قېلىشى نېمىدىن؟ رەيھان سانىيەنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئابلەت ئەر-خوتۇنلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئابلەتنىڭ ئايالىمۇ ئۆزىنى ئەيىپلەپ خىجىللىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ چىنلىقىمۇ كىشىدە گۇمان قوزغايدۇ. بىر ناتونۇش ئايال «مەن سىلەرنىڭ بالا باققۇچىڭلارنىڭ مۇئەللىمى، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك، ئۇنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېتىمەن» دەپلا بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرسە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىراپلا «بىز خاتا قىپتىمىز» دېيىشى ئىشەنچلىك ئەمەس.
ئابلەتنىڭ شۇ ۋەدىلىرىنى ئاڭلىغان رەيھان خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىپ چىقىدۇ. «ئۇنىڭغا قانغۇچە قارىۋېلىش ئىستىكىم بولسىمۇ ئامالسىز ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم». بۇ رەيھاننىڭ شۇ چاغدىكى ئىستىكى. بۇ جۈملىلەردىن رەيھاننىڭ نومۇسسىز، شاللاق خاراكتىرى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىزگە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا نامايان بولىدۇ. ئاپتور رەيھاننى پەردازلاپ ياخشى بىر ئايال، مۇھەببەتكە، سۆيگۈسىگە سادىق قىلىپ تەسۋىرلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانۇ، بىراق ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي نەزەرىمىزدىكى شاللاق بىر ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بەلكىم ئاپتور بۇنى ئۆزىمۇ ھېس قىلىپ يېتەلمىگەندۇ. مەن ئاپتورنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر غەرىزى بولسىمۇ بۇنى قەستەن قىلمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەمدى بىز سۆزىمىزنىڭ ئاخىرقى مەزمۇنلىرىغا كۆچىمىز. گەپ يەنە رەيھان ئوبرازى ئۈستىدە بارىدۇ. «خاتالاشماسلىق- ئىنساننىڭ مىزانى، مۇتلەق خاتالاشماسلىق پەرىشتىلەرچە خام- خىيال»( ھيۇگو). ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئىنسان خاتالاشقۇچىدۇر. خاتالىقىنى تونۇپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش- ئادەمنىڭ ئىشى. لېكىن ئادەم ھامان يېڭىلىشقۇچى، شۇڭىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىنساننىڭ مۇشۇ ماھىيىتى نەزەرگە ئېلىنغانمۇ قانداق، ئادەم سۆزى «يالڭۇق»(يېڭىلىشقۇچى، يېڭىلگۈچى) دېيىلگەن. ھېكايىدىكى رەيھان «يالڭۇق» ئىبارىسىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئىسپاتلاپ بەردى-يۇ، ئۇنى(خاتالىقىنى) تۈزىتىش  تەرەپدارى بولمىدى. ئېرى بار، ئائىلىسى بار بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان رەيھان شۇنى بىلىپ تۇرىدۇ-يۇ، ئاخىرىغىچە ۋاز كەچمەيدۇ. «...بۈگۈنمۇ شۇ مەن ئۇچراتقان سەھرا كوچىلىرىدا پىيادە قېلىپ ئۇنىڭ قايتا ئۇچراپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كېتىۋاتقىنىمدا، بىر ماشىنا يېنىمغا كېلىپ توختىدى. يۈرىكىم گۈپۈلدەپ كەتتى، مېنى ئوتىدا كۆيدۈرۈپ ئىشقىدا سېغىندۇرۇپ ھالىمنى قويمىغان ماشىنا شۇ ئىدى...» مانا بۇ بايانلار رەيھان ئابلەتنىڭ ئۆيىگە سانىيەنى باھانە قىلىپ، شۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك»ىنى كۆرگىلى كىرىپ، ئابلەتنىڭ «مەرت، ئالىيجاناپ»لىقى تۈپەيلى سانىيەنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنكى تەسۋىرلەر. رەيھان ئۆز قىلىۋاتقانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئابلەتنىڭ ئايالى، بالىلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە نېمە دەپ ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ؟ بۇ يەردە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنى خاتا يېتەكلەپ، گەرچە قەستەن بولمىسىمۇ تۇيۇق يولغا باشلىغاندەك قىلىدۇ. رەيھان كىچىك بالا ئەمەس. ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى سالاھىيىتى، ئورنى، تۇرمۇش تەجرىبىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا ئۇ ئۇنداق يولغا ماڭماسلىقى كېرەك. بەلكىم بەزىلەر بۇنى ئىنسان تەبىئىتى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۈمكىن. ئەمما مەن بۇنى «<تۈنۈگۈن نەگە باردىڭىز؟> دېسە <ماشىنا بېكەتكە ئەمدى كىردى>» دېگەندەك تاقا-تۇققا جۈملىسىدىن سانايمەن. مۇشۇ نۇقتىدا رەيھان «پۇتى كىرگەن تۆشۈككە قايتا دەسسىمەيدىغان ئېشەك»چىلىكمۇ بولالمىدى دەپ قارايمەن. ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرنى تەربىيىلەش رولى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئوبراز يارىتىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە مەن ھەر ئىككىلا رەيھانغا ئەپسۇسلۇق ئىلكىدىلا قاراپ قويالايمەن. شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ قالسا، رەيھان مۇئەللىمىنىڭ يەنە بىر رەيھاننىڭ قېشىغا ئۆزىنى ھەقىقىي ئايال قىلىپ قايتىدىن يارىتىشىنى ئىلتىماس قىلىپ بېرىشىنى قوللايتتىم.
دەيدىغان گېپىممۇ ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالدى. مەنمۇ نەسىرىي ئەسەرلەر ساھەسىگە كىرىپ كەلگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. رەيھانگۈل قادىر ئىسىملىك بۇ ئاپتورنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى كۆرگىنىم يادىمدا يوق. بەلكىم كۆرسەممۇ ئېسىمدىن چىقىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. لېكىن چۈشەنمىگىنىم،  ئاپتور بۇ ھېكايىدىكى رەيھان مۇئەللىم ئوبرازى ئارقىلىق قانداق مۇددىئانى ئىپادىلىمەكچى؟ ئوقۇرمەنلەرنى مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن گۇمانلاندۇرۇپ، پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئەينىنى «مۇھەببەت دېگەن مانا شۇنداق بولىدۇ» دېگەن يەكۈنگە ئىشەندۈرمەكچىمۇ؟  رەيھاندىكىنى مۇھەببەت دېيىشكە توغرا كەلسە بۇ زادى قانداق مۇھەببەت؟!...
ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى، يېزىقچىلىق خالىغان شەخسنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئىش ئەمەس. ئىچ پۇشۇقىڭىزنى مەشق دەپتىرىڭىزگە جىياپ چىقارسىڭىز بولىدۇ، لېكىن مەتبۇئاتنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ھەركىم بولسا دەيدىغىنىم، يازسىڭىز بولىدۇ. بىراق ئەستايىدىل بولۇڭ. ئېيتقانلىرىمدا سەھۋەنلەر كۆرۈلگەن، باشقىچە ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان جايلىرىم بولسا ئاپتوردىن تەنبىھلەرگە ئىنتىزارمەن!

                                 
                                      «يېڭى قاشتېشى» 2015-يىل 2-سانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-14 15:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 16:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ھەققىدە ئەتراپلىق توختۇلۇپسىز،ئۆزۈم قاملاشتۇرۇپ يازالمىساممۇ قاملاشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالە-ئوبزورلارنى ئوقۇشقا بولسىمۇ ئىشتىياقىم بار. بولۇپمۇ تەنقىدىي ماقالىلەر كۆرۈنمەس بولۇپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە جۈرئىتىڭىزگە ئاپىرىن دېمەي تۇرالمىدم.

ۋاقتى: 2015-9-14 18:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەلىل-ئىسپاتلىرى جايىدا،ئىزدىنىشلىرى يېتەرلىك بولغان،باشقىلارغا ياخشى ئېبرەت بولغىدەك ئوبزور بوپتۇ،قەلىمىڭىزگە دەت كەلمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-15 00:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ياسىن يوللىغان ۋاقتى  2015-9-14 18:08
دەلىل-ئىسپاتلىرى جايىدا،ئىزدىنىشلىرى يېتەرلىك بولغان ...

      بۇنداق بولۇشىنى تەھرىر بۆلۈمىدىكى تۇرسۇنجان ئاكىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەستايىدىل تەھرىرلىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن. رىغبەتلەرگە تەشەككۈر!

باھا سۆز

چىن مۇھەببەتنى پايخان قىلغان ئىكەن رەيھان، ئەسلىدە......  ۋاقتى: 2015-9-15 12:46 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-15 01:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېتىقدىسا كىم سۆيگۈنى سۆيگۈ پايخاندۇر،
پېتىقدىغان ئەسلى ئۆزى نەقلا شەيتاندۇر!

ۋاقتى: 2015-9-15 11:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2015-9-15 16:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايىل قىلارلىق يىزىپسىز.

ۋاقتى: 2015-9-15 17:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى يالغۇز ئەمەسكەن...تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-9-15 18:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2015-9-15 17:28
ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى يالغۇز ئەمەسكەن...تەشەكك ...

   يېشىڭىزغا ماس كەلگۈدەك، ئەقلىڭىزدىن روشەن بىشارەت بەرگۈدەك، ئوقۇرمەنگە ياققۇدەك تېتىملىق ئىنكاستىن بىرەرنى يازسىڭىز نېمە بولار؟
   بۇ يەرگە يالقۇن روزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟
   كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-9-15 18:29:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكتە ھەقىقەتنى يورۇتقان قەلەمكەشلىرىمىزگە كۈلۈپ قارىغىنىمىز مۇۋاپىقمىكەن...!:

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-15 18:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈمۈلە بىلەن پىلنى سېلىشتۇرغىلى بولماس، پىل بولالىسامدىم، مەندە ئارمان قالماس(ئىدى)... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-15 19:16  


ۋاقتى: 2015-9-16 00:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر يوللىغان ۋاقتى  2015-9-15 18:43
چۈمۈلە بىلەن پىلنى سېلىشتۇرغىلى بولماس، پىل بولالىسام ...


     بۇنداق سېلىشتۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ.ئىككىلىسى ئۆزگىچە دۇنيادا مەۋجۇتتۇر .
     بىر كۈنى بىر توپ چۈمۈلە سەپ تارتىپ كېتىۋاتسا،دەرەH ئۈستىدىكى قاغا سوراپتۇلەر:
          - شۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭلار؟  چۈمۈلىلەر دەپتۇدەك:
           - پىل دوستىمىز ئوپېراتسىيىگە چۈشۈپ قاپتۇ، قان بەرگىلى ماڭدۇق................. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-16 00:19  


ۋاقتى: 2015-9-16 00:24:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر يوللىغان ۋاقتى  2015-9-15 18:43
چۈمۈلە بىلەن پىلنى سېلىشتۇرغىلى بولماس، پىل بولالىسام ...

     بۇنداق سېلىشتۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ.ئىككىلىسى ئۆزگىچە دۇنيادا مەۋجۇتتۇر .
     بىر كۈنى بىر توپ چۈمۈلە سەپ تارتىپ كېتىۋاتسا،دەرەH ئۈستىدىكى قاغا سوراپتۇلەر:
          - شۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭلار؟  چۈمۈلىلەر دەپتۇدەك:
           - پىل دوستىمىز ئوپېراتسىيىگە چۈشۈپ قاپتۇ، قان بەرگىلى ماڭدۇق.................

ۋاقتى: 2015-9-16 00:27:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-9-16 00:24
بۇنداق سېلىشتۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ.ئىككىلىسى ئۆزگىچ ...

    ئىككى بېسىلىپ قاپتۇ ،بىرىنى ئۆچۈرەلمىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-16 00:43:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنىڭ قاتىلى!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش