يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 409|ئىنكاس: 7

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر : دىل بايان(12)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

         دىل بايان (12)

       كەچكۈز چېچەكلىرى

       مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر

كەلدى كۈز سولدى باھار چېچەكلىرى،
سۇكۇناتقا چۈمدى دالا ئ‍ېتەكلىرى.
جەنۇپ تامان قاقتى قانات قۇشلار مەيۈس،
مۇڭغا تولدى زەڭگەر ئ‍اسمان گىرۋەكلىرى.

قاراپ قالدى جەنۇپ ياققا ھاسىلىق چال،
شالاڭ ساقال يۈزلىرىدىن ئ‍ۆچكەن قۇياش.
قانچە مەۋسۇم كۈتتى ۋەسلى رەيھانىنى،
كەتتى ياشلىق ئ‍ەمما ئ‍ېشقى ئ‍ون سەككىز ياش.

بار ئ‍ېدى ئ‍ۇنىڭ سەنەمگە يار بولغۇسى،
مەجنۇن كەبى ئ‍الغاچ لىۋەن چال مەيلىنى.
گەر باقسىمۇ ئ‍اي ۋە يۇلتۇز بىر-بىرىگە،
باقمىدى قىز بىلمىگەچ چال ئ‍ېچ- سېرىنى…

شۇندىن بۇيان سەنەم ئ‍ېشقى قۇرداش ئ‍اڭا،
بولالمىدى ئ‍ۆزگە گۈللەر دىلداش ئ‍اڭا.
گاھ ئ‍ېسقىرتىپ گاھ مۇڭلۇنۇپ ئ‍ۆتتى يىللار،
تەنھا كېچە ،غېرىپ كەپە سىرداش ئ‍اڭا…


2015-يىل 13-سىنتەبىر، ئۈرۈمچى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-14 10:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-14 03:28:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋاقتى: 2015-9-14 11:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ دىل بايانلىرى›› بىلەن مۇنبەرگە  قەدەم باسقىنىڭىز  خوش قىلۋەتتى . تاتلىق نەسىرلەرگىمۇ ئېپىڭىز بار ىئدى . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئەسىرىڭىزنى چوڭقۇر ئىزتىراپ ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.

ۋاقتى: 2015-9-14 11:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېڭلنۋاتقان  دىل بايانلار ئۈزۈلمىگەي !

ۋاقتى: 2015-9-14 15:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچكۈز چېچەكلىرىدكى «سەنەم» ،« ھاسىلىق چال» خېلى ياخشى جۇلا قىلغاندەك. يەنە نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىغىم بار ئىدى. نىمىشقىدۇر ، قەلبىم سۇراشقا جۈرئەت قىلالمىغاندەك...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-14 19:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئېككىمىزنىڭ ئوي پېكرى ئوخشاشتۇر ...لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاڭلىغۇم بار گۈلۈم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-14 19:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2015-9-14 11:17
‹‹ دىل بايانلىرى›› بىلەن مۇنبەرگە  قەدەم باسقىنىڭىز  خ ...

رەھمەت ئادىشىم ،يانفۇندا تورغا چىقىپ سىناق تەرىقىسىدە ئەسەر يوللاپ باققان ئېدىم..شۇ باھانىدە سىزنىڭ تېۋىشلىرىڭىزنى ئاڭلىۋالدىم..

ۋاقتى: 2015-9-14 23:45:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دىل بايان»لىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىر ماۋزۇ ئاستىغا يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش