باھارگۈل زىياۋدۇن 1978- يىلى 8- ئاينىڭ 10 كۈنى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شاھ يېزا قاغىچاق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1994- يىلىدىن 1997 – يىلىغىچە شىنجاڭ سودا مەكتەپنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. ئۈگىنىش ، خىزمەت داۋامىدا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ خەنزو تىلى تەرجىمانلىق كەسپىدىن تولۇق كۇرس دىپلومىنى ئالغان. 1998 – يىلى 3- ئايدىن 2011- يىلى 3- ئايغىچە شاھ يېزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىدا، 2011- يىلدىن 2012- يىلىغىچە ئىلانلىق يېزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىدا بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 2013- يىلدىن ھازىرغىچە غولبۇيى يېزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
باھارگۈل زىياۋدۇن 1999- يىلى «تۇرپان گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئادەم ئۆزىگە دۈشمەن» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدىبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان. شۇندىن باشلاپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا بىرقىسىم شېئىر، ھىكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. 2011- يىلى «تۇمانلىق يۇلتۇزلار» ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرپان ۋىلايىتى دائىرىسىدە ئانا تىلدا يېزىلغان تۇنجى رومان يازغۇچى ئايال بولۇپ قالغان. باھارگۈل زىياۋدۇن تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەميىتى شۇنداقلا ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-17 02:55