ئىسمائىل قادىرنىڭ ئەدەبىيات دۇنياسى
ئەھەدجان تۇردى
(دۇنياۋى ئابرويغا ئىگە يازغۇچى ئىسمائىل قادىرى)
«بۇك ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دېگەن ئابرۇيلۇق مۇكاپات خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشلۇق. «بۇك» ئېنگىلىزچە «كىتاب» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنى كىتاب مۇكاپاتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئۇ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پەقەت ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەڭ نادىر رومانلىرىغا بېرىلىدۇ.
2005-يىلى بۇك مۇكاپاتى باھالاش كومتېتى ئۆز قارمىقىدا «بۇك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ئەنگىلىيە سىىرتىدىكى نۆۋەتتە دۇنيا ئەدەبىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقان يازغۇچىلارنى تاللاپ ئىككى يىلدا بىردىن يازغۇچىنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن گارسىيا ماركۇز، گۈنتىر گېراس، بېللوۋ، نەجىپ مەھبۇز، داجىياڭ جىيەنسەنلاڭ قاتارلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كاتتا يازغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 يازغۇچى مۇكاپات نامزاتلىقىغا كىرگەن. ئەمما باھالاش ھەيئىتى نامزاتلار ئىچىدىن ئالبانىيەلىك مۇسۇلمان يازغۇچى ئىسمايىل قادىرنى تاللاپ چىقىپ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپاتنى بۇ يازغۇچىغا بەرگەن. نوبېل مۇكاپاتى، سېرۋانتىس ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، دۇبلىن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىدىن قالسىلا 4- ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ كاتتا مۇكاپاتنىڭ نامى تازا تارالمىغان بىر مۇسۇلمان يازغۇچىغا بېرىلىشى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنى بەكلا ھەيرا قالدۇرغان.
(ئىسمائىل قادىرى تۇنجى نۆۋەتلىك بۇك خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋالماقتا)
ئىسمائىل قادىرى 1936-يىلى ئالبانىيەدە تۇغۇلغان،ئۇنىۋېرسىتېتتا تارىخ، پەلسەپە ئۆگەنگەن.گوركى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان.1954-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ياشلىقتىكى قىزغىنلىق» نەشىر قىلىنىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 60-يىللاردا دىققىتىنى پىروزا ساھىسىگە قارىتىپ، 1963- يىلى تۇنجى رومانى «مەغلۇب بولغان قوشۇننىڭ باشلىقى» نەشىر قىلىنغان.1978-يىلى «ئاپرېلدىكى يېمىرىلىش» رومانى، 1981-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر رومانى بولغان «چۈش قەسرى» رومانىنى، 1988-يىلى «مۇزىكا كېچىلىكى» ناملىق رومانى نەشىردىن چىققان.
ئىسمائىل قادىرى كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەسىرى كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە ئىسلام- خىرىستىيان دىنلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يۈكسەك باھاغا ئېرىشكەن «چۈش قەسرى» ناملىق رومانى ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا سىياسىتىدىكى مۇستەبىتلىك ۋە چاكىنلىقلار ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان.
«چۈش قەسرى» رومانى ئوتتۇراھال ھەجىمدىكى رومان بولۇپ، ئاز ھەجىمگە كۆپ مەزمۇننى سىغدۇرۇپ، ئاللىقاچان20-ئەسىردىكى كىلاسسىك رومانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى.
بۇ روماننى ئۇزۇندىن بىرى بىر ئوقۇشنى ئارزۇلاپ كېلىۋاتاتتىم. بۇ يىل 7-ئايدا بىۋاستە ئالبان تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسى شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ روماننى ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.بۇ روماندا «چۈش قەسرى» دېگەن بىر ئورگان تەسىس قىلىنىپ، ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا ئىش يۈرگۈزۈلىدۇ. روماننىڭ تىلى شېئىرىي پۇراققا باي، تىلى بەكلا ئۆزگىچە بولۇپ، ئىسمائىل قادىرى مۇشۇ رومانى بىلەن بۇك خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ رومان ھازىر ئومومىيۈزلۈك كىتابخانىلارغا سېلىندى، بىر ئوقۇشقا، ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.
ئىسمائىل قادىرىدىن كېيىن ئەلىس مۇنرو (2007-يىلى)، چىنۇئا ئاچىبې(2009-يىلى)...قاتارلىقلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.