يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 2

ئەسئەت ئەمەت: خۇئان رۇلفو ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇئان رۇلفو ھەققىدە



ئەسئەت ئەمەت

خۇئان رولفو 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە لاتىن ئامېرىكىسىدا بارلىققا كېىلىپ دۇنياۋى ئەدەبىيات ئۈستۈنلىكىنى ياراتقان «پارتلاش ئەدەبىياتى» نىڭ موھىم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 1917- يىلى مىكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خالىسكو شىتاتىنىڭ سايولا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنى خۇددى قاغىش چىرمىۋالغاندەك 4 يېشىدىن 12 يېشىغىچە بوۋىسى، دادىسى، ئانىسى، ئۈچ تاغىسى ئارقا ئارقىدىن ئۆلۈپ ياكى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇ تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي تايانچىسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى فىرانسىيەلىك مۇناخلار ئاچقان گۇۋادالاخا دارىلتامىدا ئۆتىدۇ. بالىلىق دەۋرىدىكى يىتىملىك ۋە غۇربەتچىلىك ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ئىشتىياقىغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇ ئۆمرىدە مۇنتىزىم ئالى مائارىپ تەربىيەسى كۆرۇپ باقمىغان. مىكسىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئالى مەكتەپتە سىرتتىن دەرس ئاڭلىغان ۋە شۇ مەزگىلدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەشھۇر نامايەندە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇغان. 1942- يىلىدىن باشلاپ يۇرتىنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۇرۇلگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئۇ 1953- يىلى ھىكايىلەر توپلىمى «يېلىنجىغان تۈزلەڭلىك» نى ئېلان قىلغان. ئۆزىگە خاس تىل ۋە ئۇسلۇپتا يېزىلغان، رىئاللىقنى چوڭقۇر قازغان بۇ ھىكايىلەر توپلىمى دۆلەت ئىچىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. 1955- يىلى پوۋېستى «پېدرو پارامو» نى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەر ئىككى مىڭ نۇسقا بېسىلغان بولۇپ، دەسلەپ كىشىلەر چۈشەنمىگەچكە ياخشى سېتىلمىغان. يازغۇچى ئۇنىڭ يېرىمىنى باشقىلارغا تەقدىم قىلىپ تۈگىتىشكە مەجبۇر بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى بارا- بارا كۈچىيىپ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە دۇنياغا كەڭ تارقالغان. «لاتىن ئامىرىكىسى يېڭى پىروزىچىلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر»، «لاتىن ئامىرىكىسى پارتلاش ئەدەبىياتىدىكى گىگانت ئەسەر» دىگەن باھالارغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن ھىچقانداق ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لاتىن ئارمىرىكىسىلىق يەنە بىر ئۇلۇغ يازغۇچى گارسىيە ماركىز بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەنمۇ ‹پېدرو پارامو› دەك بىر ئۇلۇغ ئەسەرنى يازالىغان بولسام قايتا ئەسەر يازمىغان بولاتتىم». ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شۆھرىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەسسىلەپ ئاشقان. 1956- يىلى مىكسىكا خاۋېر ۋىللاررۇتىيا مۇكاپاتىغا، 1970- يىلى مىكسىكا دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 1983- يىلى ئىسپان تىلى ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى ئىسپانىيە شاھزادە ئاستۇرىئاس مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1974- يىلى مىكسىكا تىل ئەدەبىيات ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان. 1990- يىلى مىكسىكا ۋە لاتىن ئامىرىكىسى ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «خۇئان رۇلفو لاتىن ئامىرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى رايونى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان. 1990- يىللارغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. 1982- يىلى ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» دا ئۇنىڭ مەشھۇر ھىكايىسى «ئانوكلىتو مورونس» ئېلان قىلىنغان.
ئۇ دەسلەپتە بالون سەييارە سېتىقچىسى بولغان بولۇپ بالون سېتىقچىلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كېزىپ چىققان. 1962- يىلىدىن باشلاپ مىكسىكا ئىندىئانلار تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. 1986- يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
خۇئان رۇلفو «ئەسلەش ۋە سېغىنىش» ناملىق ماقالىسىدا «مەن يېزىقچىلىقتا پۇختا ئاساسقا، ئۆزەمنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تېپىشقا مۇھتاج. ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈشكە قولايلىق بولسۇن دەپ مەلۇم جايغا قويىمەن. ئۇنىڭدا جان پەيدا بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزەم بىلمەيدىغان بىر يولغا يىتەكلىنىپ كىرىمەن» دەيدۇ. ئۇ يەنە «مەن ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا پايتەختتە ئۆزەمنى بەكلا غېرىپ ھىس قىلاتتىم. باش پانا بولىدىغان ھىچنىمەم يوق، ئۈمىتسىزلىككە پاتقان ئىدىم. باشقىلار بىلەن بېرىش- كىلىشىممۇ يوق ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللار مىنى يېزىقچىلىققا ئۈندەيتتى... ئۇ چاغ مەن غېرىپلىققا دائىر بىر رومان يازغان ئىدىم. بىراق ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم. چۈنكى تىلىمنى بەك چاينىۋېتىپتىمەن. سۈپەت سۆزلىرى بەك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ. بىزدە ئىسپانىيەنىڭ تەسىرى بەك گەۋدىلىك. بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىسپانىيە ئەدىبىي ئەسەرلىرىنى زىيادە ياساپ جابدۇلغان، ھۈنەرگە زىيادە كۈچەلگەن بىزەك بويۇمى دىسە بولىدۇ. ناھايىتى زەئىپ. بۇ مىنىڭچە بىر ئەخمىقانىلىق. ئۇنى ئىنكار قىلىش كېرەك. مۇشۇ ئەسىرگە كەلگىچىمۇ لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتى ناھايىتى قالاق ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى مۇشۇ جەھەتتە. مەن ئۇدۇللا دەي. مەن بۇ خىل ئەدەبىياتتىن نەپرەتلىنىمەن... ئېھتىمال مۇشۇ سەۋەپتىن، ئۇ خىل يېزىقچىلىقنى رەت قىلىش ئۈچۈن مەن ئاددى پىرسۇناژلارنى، شەھەرلىكلەرنى ئەمەس يېزىلىقلارنى، سەھرالىقلارنى يازدىم... ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى كىشىلەر بەك ئاددى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر نەرسىنى بايان قىلىشىمۇ شۇنچە ئاددى ئىدى. شۇڭا مەن يېزىقچىلىقىمدا ئىشلىتىدىغان سۆزلەر شۇقەدەر ئاز، ئاددى. ھەتتا كاللىسى ئاددى ئادەمنىڭ سۆلىرىدەكلا.»
خۇئان رۇلفونىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا شۇ قەدەر كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يازغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بىرى گارسىيە ماركىزدۇر. گارسىيە ماركىز مۇنداق دەيدۇ: «مىنىڭ خۇئان رۇلفونى بايقىشىم خۇددى فىراز كافكانى بايقىغاندەك شەكسىزكى مىنىڭ خاتىرەمدىكى مۇھىم بىر سەھىپە. مەن 1961- يىلى 7-ئاينىڭ 2- كۈنى ھېمىڭۋاي ئۆلۈۋالغان شۇ كۈندە مىكسىكىغا كەلدىم. مەن خۇئان رۇلفونىڭ ئەسىرىنى ئوقۇمايلا قالماي ھەتتا ئۇنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بۇ بەك غەلىتىلىك. مەن ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەھۋاللارنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتىم، بولۇپمۇ لاتىن ئامىرىكىسىدىكى ئەھۋاللارنى... مەن بۇ چاغدا ئانچە داڭقى چىقمىغان بەش پارچە كىتاپنىڭ يازغۇچىسى ئىدىم. مەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلەم مەن مۇشۇ كىتاپلارنى يېزىپ بولۇپ ئۆزەمنى بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. مەن كوچىدىن چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ھەرتەرەپتىن يوچۇق ئىزدەيتتىم. ماڭا يول كۆرسۈتەلىشى مۈمكىن بولغان ئەشۇ ياخشى- يامان يازغۇچىلار ماڭا بەك تونۇش ئىدى. ئەمما مەن يەنىلا بىر دائىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ كىتەلمىدىم. مەن ئۆزەمنى ئىقتىدارىم تۈگىدى دەپ قارىمايتتىم. ئەكسىچە نۇرغۇن كىتاپلار مىنىڭ يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى. بىراق مەن ھەم قايىل قىلىش كۈچىگە، ھەم شىئېرىي مەناغا ئىگە بىر خىل يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى تاپالماي يۈرەتتىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئارۋالو مودىس بىر باغلام كىتاپنى كۆتۈرۈپ مىنىڭ يەتتىنجى قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە چوڭ قەدەم تاشلاپ كىرىپ كەلدى. ئۇ بىر دۆۋە كىتاپنىڭ ئارىسىدىن نىپىز بىر كىتاپنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ‹بۇ نەرسىنى ئوقۇپ باق. ئاناڭنى. بۇنىڭدىن ئوبدان ئۈگەن› دىدى. بۇ كىتاپ دەل ‹پېدرو پارامو› ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۇنى ئىككى قېتىم ئوقۇپ ئاندىن ئۇخلىدىم. شۇ كۈندىن تەخمىنەن ئون يىل بۇرۇنقى ئاجايىپ بىر كەچتە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىمدا كافكانىڭ ‹شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى› نى ئوقۇغاندىن بۇيان بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىم. ئىككىنجى كۈنى ‹يېلىنجىغان تۈزلەڭلىك› نى ئوقۇدۇم. ئۇمۇ مىنى ئوخشاشلا شۇنداق لەرزىگە سالدى... ئۇ يىلنىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدا مەن باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى پەقەت ئوقۇيالمىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدەك سالمىقى يوق ئىدى. بىرى كارلوس ۋېلوغا مىنى ‹پېدرو پارامو› نى پۇتۇنلەي يادىلاپ بىرەلەيدۇ دىگەندە مەن تېخى ھۇشۇمغا كىلىپ بولالمىغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇلا ئەمەس. مەن پۈتۈن كىتاپنى يادىلالاپلا قالماي، قايسى ھىكايىنىڭ كىتاپنىڭ قايسى بىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بىرەلەيمەن، پىرسۇناژلارنىڭ ھەرقانداق ئالاھىدىكىدە مىنىڭ بىلمەيدىغىنىم يوق... بۇلارنى دىيىشىمدىكى سەۋەپ مەن خۇئان رۇلفونىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىم ئۈچۈن ئاخىر ئۆزەمنىڭ كىتاپلىرىنى داۋاملىق يېزىشىمغا زۆرۈر يولۇمنى تاپالىدىم.... ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى پەقەت ئۈچ يۈز بەت بولسىمۇ ئۇ بىز بىلىدىغان سۇفۇكلىسنىڭ ئەسەرلىرىدەكلا گىگانت. ھەم شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ».
ئۇ ئەسەرلىرىدە مىكسىكىنىڭ يېزا قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، چەتئەللىك ئوبزورچىلار ئۇنى «يېزا تىمىسىدا ئەسەر يېزىشنىڭ ئۇستازى» دىگەن. ھەتتا «يېزا تىمىسى ئۇنىڭ قەلىمىدە پۈتۈنلەي يېزىلىپ تۈگىدى» دىگەنلەرمۇ بولغان. بۇ باھانى بەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن دەپ قارىساقمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزا تۇرمۇشى كەڭ كۆلەملىك ئىپادىسىنى تاپقىنى ئەمەلىيەت. ئۇنىڭ پوۋېستى «پېدرو پارامو» ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدەك مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئەسەر بولۇپ ئۇنىڭ تەپسىلاتى ناھايىتى ئاددى. پېدرو پارامو ئىنتايىن مەككار، ۋەھشى ئادەم بولۇپ، ئۇ قىلمىغان رەزىللىك قالمىغان. بۇرۇنلا ۋەيران بولغان ئائىلە ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي بايلىق توپلايدۇ. قەرز ئىگىسى دولېلەيسكە قەرز قايتۇرۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئىگىلىكىنى يۇتۇۋېلىپ ئۇنى بالىسى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ. ئۇ ئايال ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كىتىدۇ. ئاردىلېدنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۇرىدۇ. ئىنقىلاۋىي ئارمىيە ئۇنىڭدىن ھىساپ ئېلىشقا كەلگەندە گەرچە قورال كۆتۈرۈۋالغان ‹بۇ بىر توپ گاداي› غا ئۆچمەنلىكى قايناپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلارغا ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنقىلاۋىي ئارمىيەگە ئەسكەر ۋە ئىقتىسات لازىم بولغان پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن نەچچە يۈز ئادەمنى ئىنقىلاۋىي ئارمىيە قوشۇنىغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ شۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خالىغىنىنى قىلالايدىغان شارائىتقا ئىرىشىدۇ. ئاياللارنى دەپسەندە قىلىپ تاپقان نىكاھسىز بالىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ سانىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ قاقتى- سوقتى قىلىشىغا ئۇچرىغان يېزىلىقلار ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ زۇلمىغا چىدىمىغانلار يۈرتىنى تاشلاپ چىقىپ كىتىپ كىمالا ئادىمىزاتسىز قاقاسلىققا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
«پېدرو پارامو» نىڭ ئىپادىلەش سەنئىتى جەھەتتىكى نەتىجىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، يۈزمىڭ خەتكە يەتمەيدىغان ئەسەردە ھازىرقى زامان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىنى تاپقىنى بولىدۇ. بۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژلار ھەممىسىلا ئەرۋاھلار بولۇپ، ئۇلار ئاللىقاچان ۋاقىتنىڭ كونتىروللىقىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ ئەسەردە ۋاقىت ئۇقۇمى پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەس، ئەسەر ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە راۋاجلانمايدۇ. ئەسەردىكى قارىماققا ھايات ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلگىنى بولمايدىغان پىرسۇناژلار، ئەمەلىيەتكىمۇ، خىيالغىمۇ ئوخشايدىغان ۋەقەلەر- مەيلى بۇرۇن بولغان، كىيىن بولغان، ياكى كەلگۈسىدە بولىدىغان بولسۇن ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، ئورنىنى خالىغانچە يۆتكىگىنى، ئارىلاشتۇرغىنى بولىدىغان، خالىغاندا يولۇقىدىغان دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئىرىشكەن. خۇئان رۇلفو ئۆزىنىڭ مۇشۇ قالتىس تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە بايان بوشلۇقىنى ياراتقان. بۇ ھال باشقا مۇدىرنىزىمچى يازغۇچىلارنىڭ ماكان- زامان تونۇشىدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە تېخىمۇ چىن تەسىر بىرىدۇ.

ئەسكەرتىش: نەشرىياتىمىزدىن بۇ كەم ئۇچرايدىغان ئەدەبىيات پېشۋاسىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان، ئاران 350 بەت چىقىدىغان تولۇق ھېكايە- پوۋېسىتى ئۇيغۇرچە ئىشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەل ئەدەبىياتى ھەققىدە ئۈنۈملۈك ئىزدەنگەن يازغۇچى، ئەسەر دىتلاش ئىقتىدارى پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولغان ئەسئەت ئەمەت ئەپەندى تەييارلىغان بۇ ياخشى ماقالىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ ئۇستاز ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالساڭلار دەيمەن.

    ( شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت نەشرىياتىدىن ئەھەدجان تۇردى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-13 09:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 13:20:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۇ توپلامنىڭ تىزرەك ئ‍وقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-9-14 09:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆگنىشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بىرەلەيدىغان ئىسىل كىتابلار بىلەن كۆپلەپ ئۇچرۇشۇۋاتىمىز، شۇ كىتابلارنى بىزگە يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئەجرى يەردە قالمىغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش