مەن يارغا يېقىنمەن، يار مەندىن يىراق
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
مەن يارغا يېقىنمەن، يار مەندىن يىراق،
ھەر كۈنى قىينايدۇ مېنى بىر پىراق.
سۆيىمەن دەيدۇ يار، قۇشلاردەك سايراپ
سۆيىمەن دەيدۇيۇ سۆيمەيدۇ بىراق.
ئاقسىمۇ يار تامان كۆزۈم قاراسى،
تاش بېغىر كېسەلنىڭ يوقكەن داۋاسى.
چىمەنلەر ئۇۋۇلۇپ سارغايدى بۈگۈن،
چىپىلداپ قانىدى گۈلنىڭ ياراسى.
مەن يارغا يېقىنمەن، يار مەندىن يىراق،
قىينايدۇ ئۇ يارنىڭ دەردى بىسوراق.
سۆيىمەن دەيدۇ يار تىترەپ تۆكۈلۈپ،
سۆيىمەن دەيدۇيۇ سۆيمەيدۇ بىراق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-12 01:34