ماشىنا بىلەن پاراڭلىشىشنى بىلەمسىز؟
تۇردى لېتىپ
ـ ماشىنىنىڭ تىلىنى بىلەمسىز؟ ماشىنا بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمۇ؟
بۇ سوئال بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەرگە «مېنى شوپۇرلۇقتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ» دەپ سوراۋاتقاندەك تويۇلۇشى مۇمكىن، مەيلى ھازىرچە ماشىنا، شوپۇرلۇق دەپمۇ تۇرايلى، ھەممىسىدىلا ئادەم بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، بۇيرۇق ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر بۇيرۇق توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا سوقۇلسا ئۇنىڭ ئىجرا بولۇنۇشىدىن كېلىدىغان ھاسىلاتمۇ كاتتا بولىدۇ. ناۋادا بۇيرۇق خاتا سوقۇلۇپ قالسىچۇ، ئۇ چاغدا ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىمەك تەس. شۇنداقلا، بۇيرۇق قىلىشنى پەقەتلا بىلمىسىچۇ، ئۇ چاغدا بۇ، شۇ كىشىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.
كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، كۇنۇپكا تاختىسى كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر بىلەن ئالاقىلىشىدىكى بىردىن بىر قورالىغا ئايلاندى. كۇنۇپكا تاختىسى خۇددى ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ ھەرىكەت نىشانىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. كېيىن مائۇس يەنى چاشقان بارلىققا كېلىۋىدى، كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ماشىنىنى ھەر خىل خوتلارغا سالغىلى بولىدىغان بولدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ياخشى ماسلىشىشى ئىنسانلارنى كومپيۇتېردا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ھالەتكە ئېلىپ باردى. شۇغىنىسى بۇ ئىككى قورالدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئازلىق قىلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا يىزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ رەڭ قۇتىسىدىن رەڭ شورىتىپ قەغەز يۈزىدە قەلەم تەۋرىتىش ئادىتىدىن قۇتۇلالمىدى.
گەرچە كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن چاشقان نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنى بىمالال باشقۇرۇشنى ئىگىلەپ بولۇش يەنە بىر ئەۋارىچىلىق ئىش بولۇپ قېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرغا يېزىش تاختىسى ۋە ئاۋاز تونۇش ئىقتىدارى قوشۇشقا توغرا كەلدى. بىر مەزگىللىك تەتقىقاتلاردىن كېيىن بۇ مەسىلىلەر تېخنىكا جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ بولدى. ئومۇملىشىش جەھەتتە قىيىنچىلىقلار ئاز ئەمەس ئىدى. چۈنكى كىشىلەرنىڭ قول يازما ئادىتى ۋە ئاۋاز چاستوتا، گەپ قىلىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل ھەر يوسۇندا ئىدى. ئۇلارنى بىر- بىرلەپ بىرلىككە كەلتۈرۈش ياكى تۈرلەرگە ئايرىپ تۈرلەر بويىچە ھەر خىل ئاۋاز ۋە يېزىقلارنى كومپيۇتېر مىڭىسىدا تولۇق بار قىلىش ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ خىزمەتلەردىن ئىدى.
بۇنىڭغا قارىغاندا كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنى ئاسانلاشتۇرۇش بىر قەدەر ئاسانغا چۈشەتتى. شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، خۇددى تەرەت تۇڭىدەك بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ھەممە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ئېلىپ يۈرۈشكە يەنىمۇ ئەپلىك بولۇش ئۈچۈن يانفون چوڭلىقىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. مانا ھازىرقى يانفونلارنى ھەقىقەتەن بىر كومپيۇتېرنىڭ مىكرولاشقان نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. كومپيۇتېردا قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ھازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت بارماق تەككۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلىرى سەل كىچىكرەك، ئاۋايلاپ مەشغۇلات قىلسىڭىزلا كومپيۇتېر قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭدىمۇ قىلالايسىز. بۇنىڭلىق بىلەن ھازىرقى يانفونلار كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىغا جەڭ ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. ھەتتا كىشىلەر قول بارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ ئەپلىكرەك بولۇشىنى ئارزۇلاپ قالىدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتتى.
ياخىشى يېرى يانفون كىشىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر دائىم ياندىن ئايرىلمايتتى. بوش ۋاقتى بولسىلا يانفون ئويناپ تۇرۇشقا مۇمكىن بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن يانفوندىكى مۆجىزىلىك تەرەققىياتلار كۆپىيىشكە باشلىدى. مىكرو ئۇچۇر، مىكرو بىلوگلارنىڭ دەل بۇنىڭ مىسالى، شۇنداقلا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىۋاتاتتى. مەسىلەن بۇندىن كېيىن يانفون يەنە تېلېۋىزورنىڭ ئورنىنى ئېلىشى تامامەن مۇمكىن. دېمەك يانفون ھازىر پەقەت سۆز ئالاقە قىلىش ئۈچۈنلا بولماي قالدى. ئۇنىڭدىكى مىكرو ئۇچۇر ياكى مىكرو بىلوگنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ بىلەن ئوخشاش ياكى سىز ئېھتىياجلىق تىپتىكى سىزگە ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىكى كىشىلەرنى دوست بولۇشقا ياكى پاراڭلىشىشقا چىللىغىلى بولىۋاتاتتى. يەنە تېخى مىكرو ئۇچۇرنىڭ يانفوننى چايقاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىزگە ئوخشاش ۋاقىتتا دوستقا مۇھتاج بولغان كىشىلەر بىلەن خالىغانچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا مۇمكىن بولىۋاتاتتى.
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يانفوننى ۋاستە قىلىش نەتىجىسىدە ئارىلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا چەكسىزلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. مىسالى، مۇشۇ تاپتا مەن يانفونۇمنى شۇنداق بىر چايقىسام مۇشۇ بىنا تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆزىنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىق ئۇچۇرى كېلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە بۇ سەپكە قېتىلىۋاتقانلار ئىچىدە 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ نىسبىتى كۆپرەك. كۆپلىگەن ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن ئورتاق پىكىرنىڭ كۈنسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىشى بىكار ئەمەس. ئۇلار ئاساسەن تور دۇنياسىدا، ئۇ يەردە ئۆزنىڭ تۇنجى ئۇچۇرىغا «توي قىلىپ قولغان ياكى جۆرىسى بارلار مېنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتسۇن» دەپ يېزىۋالغانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
دېمەك، ياشلار يانفون بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلىۋالغان، يانفون بىلەن پاراڭلىششنى بىلگەنلىك جاھاننىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئۆز خىلىدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى بىلگەنلىك بىلەن باراۋەر. يانفوننىڭ بىرىنچى ئىشىكىنى قانداق ئېچىشنى بىلىۋالغان ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى تېخىمۇ ئىچكىرى ئىشىكلەرنى ئېچىشنىمۇ ئاسانلا بىلىۋېلىشى مۇمكىن.
خۇلاسە، ھازىرقى زاماندا ماشىنا بىلەن پاراڭلىشىشنى بىلىپ قويۇشمۇ جاھان رەپتالىرىلىرىدىن كېيىن قالماسلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ.
2012- يىل 3- ئىيۇن ئۈرۈمچى
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 11:28
|