نۇر ئېئى ئەدەبىياتقا كۆيگەن، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قىزغىن سۆيگەن ئىرادىلىك،ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىمنىڭ بىرى. مەن ئۇنى ھەمىشە كىتاب ئوقۇۋاتقان،يېزىۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىم. ئۇ دەسلەپ شېئىريەت ئېقىنىدا ئاققان بولسا، ئەمدىلىكتە پىروزا،نەسىرچىلىكتە يېڭىچە ئۇسلۇبلار توغرىلىق تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىن ئالاھىدە بىر خىل يېڭىلىقنى ، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ماھارىتىنى، تىرەن پىكىرنى بايقايمىز.ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاندۇرالىغانلىقى ، ئۇلارغا بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ يوقۇرى ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.«يېرىم كېچىدە كەلگۈچى»نى بۇ ئالاھىدىلىك تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىنغان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا مەن يېزىقچىلىق دەرسىمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىسال تەرىقىسىدە ئوقۇپ بەردىم.نۇر ئېلى ئۈمىدىمىز سىزدە! ئەدەبىياتىمىزغا تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشقانيسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇلبۇل62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-15 10:22
|