نۇرئەلى تۇرۇپ كۆكيارنىڭ شېئىرلىرىدىن
قىزىل چىراق يانماقتا
ئۇ ئۆزىنى قۇرىتىۋاتقاندا
ئۇنىڭ كىپەنلىكى باش ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى.
قىيسايغان سايىسى ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى .
ئەمما ئۇ
مېنىڭ مەۋجۇدلىقىمدىن خەۋەرسىزدەك
ئۇنىڭ ئىشىكلىرىنى چېكىشلىرىمگە پەرۋا قىلمايتتى .
ھەم كۆزلىرىمدىكى كېچىدە
ماڭا قارايتتى.
ئەگەر ئۇ
تۈنلەرگە ئىشەنگەن بولسا
ھەم قىشىمغا كەلگەن بولسا ئىدى
ئۇنىڭغا ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچىنى ھەدىيە قىلغان بولاتتىم.
ئەسلىمە
گۇگۇمدىن باشلىنار
يامغۇردا ئاخىرلىشار .
سۈكۈتتىن ياسالغان دەريا
ئاقار بۇ زاماندىن ئۇ زامانغا
دومىلىتىپ پەسىللەرنىڭ چىرايىنى .
كىرپىكىڭ ۋاراقلاپ ئۆتەر
تالاي كېچە ۋە كۈندۈزلەرنىڭ ھېكايىسنى .
سەن كۆرىسەن بىراق
ئۇ كىتاپنىڭ خاتىمىسىدىن
ئارماننى قۇچاقلاپ تۇرغان
تونۇش بىرىنى ...
ئۇنتۇش
دېرىزەمنىڭ ئاپئاق ،ئۇزۇن چاچلىرى،
يۈرەر ئۇچۇپ باش ئۈستۈمدە كىپەندەك.
قىنى مېنى سۆيگەن رەزىل ئەتترگۈل،
ئەبلەخ يالغۇز قالدى ئۆيدە تىكەندەك.
ئەسلى سېنى خىيال قىلغۇم يوق ئىدى،
تەردىم لىكىن خاراپ بولغان بەرگىڭنى .
دەپنە قىلدىم قەلبىمدىكى بوز يەرگە ،
سېنى ھەمدە سېنىڭ بارچە دەردىڭنى .
ئۆتۈپ كېتەر بۇ چۈشلەرمۇ ئىھتىمال ،
لەزىز مەيگە تولار يەنە ئالتۇن جام .
خەيىر سېنى سۆيۈپ ئۆتكەن ئەبلەختىن ،
بەلكىم ئۇنتۇش ئەڭ چىرايلىق ئىنتىقام .
قاراڭغۇنىڭ كۆزىدە
سۈزۈك بىر ئاۋازنىڭ پىچىرلىشى بار ،
تۇپراقتىن ئاسمانغا دەريا ئاقار .
كىم ئىشىكنى چىكەر
كىم تۈڭلۈكتىن زېمىنغا باقار .
قۇشلار قانىتىنى بىلەيدۇ تاشتا ،
دەرەخ كۆكلەر كۆز ياشتا .
شەكىلسىز بىر ئۆيدۇر ئۇ
ئەگەر سەن بىر رەڭۋاز بولساڭ
ھېچ نەرسە سىغمايدۇ ئۇنىڭ ئىچىگە
تاشلار بىلەن قورشالغان كەبى ،
قاراڭغۇ ھەم تار بىر جايغا ئايلىنار دەرھال .
ئەگەر سەن بىر يۇلتۇز بولساڭ
ھېچ نەرسە قالمايدۇ ئاڭا سىغمىغان
سەن كۆرىۋاتقان شۇ ئاسمان كەبى ،
بىپايان ھەم يورۇق جايغا ئايلىنار دەرھال .
شەكىلسىز بىر ئۆيدۇر ئۇ
ئۇنىڭ شەكلى ئۆزۈڭگە ئايان.
قەدىمقى كىتاپ
چىرايى سارغايغان
بەتلىرى يىرتىلغان
تېخى تەلتۆكۈس ئوقولمىغان كىتاپ ئىدى ئۇ .
ئۇنىڭ ھەر بىر ۋارىقىدىن
ھەر بىر تىنىقلىرىدىن
پۈتەر ئىدى يېڭى –يېڭى كىتاپلار يەنە .
ئۇ كىتاپتا
نۇرغۇنلىغان يوللار بار ئىدى
نۇرغۇنلىغان يوللار بار ئىدى...
بىز ئۇ كىتاپنى تېخى ئوقۇپ بولالمىغان ئىدۇق ...
دۆڭكۈۋرۈكتىكى بالا
تۆت ياشلاردا بولسا كېرەك ئۇ
ئەمدىلا مېڭىشنى ئۈگەنگەن كەبى
ماڭاتتى يىتىرقاپ
جەنۇپتىن كەلگەن ئەي بېچارە ئاققۇ .
نەقەدەر كۆپ تاغ بۇ دېرىزىسى بار؟
نىمانچە ئالدىراش چۈمۈلىلەر بۇ ؟
بىلمىدىم ئارىسىدائادەم بارمىدۇ ؟
دۆڭكۈۋرۈككە كۈن چۈشتى
كۆردى بالا ئەپىلاتوننى
كۆردى جەيناماز سېتىپ ئولتۇرغان
قاراڭغۇ ئايال يازغان شېئىرنى.
دۆڭكۈۋرۈكتە يامغۇر ياغدى،
ھېچكىم ھۆل بولمىدى ئۇنىڭدىن باشقا.
ئۇ تۈكۈردى
ئىشىكى يېپىلغان بىر قۇرام تاشقا .
دڭكۈۋرۈكتە تۈن كېچە
ئۇ بالا يىغلىدى قولىنى سوزۇپ
مامكاپ گۈللىرى كەتمەكتە توزۇپ.
كۆڭلۈمنىڭ سۇنغان بىر تال شېخىدا
بىر تال تاش بار
كۆزى بار
قۇلىقى بار
قولى بار
پۇتى بار
بىراق ئېغىزى يوق...
ئالما دەرىخى
دەسلىپىدە
ئۇنىڭ سايىسى مېنىڭ ۋەتىنىم ئىدى.
مەن
ئاق بوز ئاتنى چاپتۇرۇپ ئۇندا
دەھشەتلىك ئۇرۇش قىلاتتىم دوسلىرىم بىلەن .
كېيىن
ئۇنى كېسىپ كېمە ياسىدىم
دېڭىزدىكى كوچىلارنى كەزدىم شادىمان.
ھەمدە ئۇنىڭ پۇت –قولى بىلەن
ساق –سالامەت ئۆتتى قەھرىتان.
مانا ئەمدى
قولۇمدا ئۇنىڭ بىر تاللا شېخى
مەنمۇ ئالما دەرىخىگە ئايلىنىپ قالدىم...
ئىغىرلىق كۆتۈرگۈچى
ئۇ خۇددى بارىلىق ئىغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەرگە ئوخشاش
ئىغىر شىتانكىلارنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە
جىمجىتلىق ئىچىدىكى كىچىك ياسىن دەرىخىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىدۇ.
پەقەت ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى
ئۇلارنىڭ شىتانكىلىرى تۇرمۇشتىن ياسالغان.
ئۇلارنىڭ مەيدانى بولسا ھەرۋاقىت گۈمۈرلۈپ چۈشۈش خەۋىپى بولغان تاش غاردۇر.
چوغ سورىغۇچى
مەن سېنىڭدىن سورىسام قۇياش،
نىچۈن ماڭا بەردىڭ زىمىستان.
ۋىسالىڭغا تەلمۈردۈم بىراق،
كۆرسەتكىنىڭ بولدى قەبرىستان.
سىزدىم ئايدىڭ تۈنلەرنى نەچچە،
لىكىن ئاڭا كەم قىلدىڭ ھىلال.
كۈلۈپ ياشاي دىسەممۇ گەرچە،
كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى تال-تال.
يالغۇزلۇقنىڭ سايىسى ئارا،
زەيتۇن گۈلى بولماقتا گۇمران.
بىر چىشلەم چوغ بەرگىن ئەي ئۇپۇق !
ئۆلۈمۈمگە تاپايمەن ئىمكان.
بىلىق تۇتۇش
كۆل سۈيى جىمجىت ئىدى،ھىچكىم يوق ئىدى،
قارماقنى تۇتۇپ ئولتۇراتتىم كۆلنىڭ لىۋىدە.
توساتتىن بىر بىلىق ئىلىندى،
شۇئان بىلىق ئىكەنلىكىم كەلدى ئېسىمگە.
شۇندىن كىيىن بىلىق تۇتالمىدىم
قايتىدىن ئويلاندىم ئۆزۈم ھەققىدە.
چاقماق چاقماقچى بولاتتى ،
يامغۇر ياغماقچى بولاتتى،
تۇرۇپلا بىر پارچە بەدى سۈرەتكە ئايلىنىپ قالاتتىم
سىغمايۋاتاتتىم ئىچىمگە.
شۇنداق ،
مەن بىلىق ئىدىم .
مېنىڭ قولۇمدىن تارتىۋاتقىنى كىمنىڭ قارمىقى؟
بىلمەيۋاتاتتىم .
ئەگەر ئۇ قۇياش بولسا
نىچۈن مەن ياشايمەن بۇنچە شادىمان؟!
ئەگەر ئۇ بىر كېچە بولسا
نىچۈن قار-يامغۇرغا تولىدۇ جاھان...؟
قارماقنىڭ يىپىنى تارتتىم
تەرلەپ كىتىۋاتاتتىم.
دەرەخكە سۆز
ئەي دەرەخ، گەرچە سەن
ھەسرىتىڭنى خازان قىلىپ تۆككىنىڭ بىلەن
باشلىنار جاپاكەش ئانامنىڭ دەردى .
ئۇ
ئۆستۈرگۈچى ئانا يەرگە ئىگىلىپ
ئالار سېنىڭ ھەسرىتىڭنى بىر-بىرلەپ تېرىپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-11 11:10