يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 3

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى:چۈشكۈنلۈككە قامچا سالغۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چۈشكۈنلۈككە قامچا سالغۇچى

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى

چىراق دېدى سېنى بەزىلەر،
قاراڭغۇنى قوغلار يىراق دەپ.
شامغا ئوخشاش كۆيگەن مېھرىگە،
تەڭداش بارمۇ ،قېنى ساناق؟دەپ.

ئىنژىنىرغا ئوخشاتتۇق يەنە،
لاھىيلىسەڭ دىلغا چىرتىيۇژ.
باغۋىنىم دەپ تەرىپلىرىڭ بار،
ئەجرىڭ سانجاق، «مېۋە»لىرىڭ ئۇز.

گاھ ئارتىسسەن ،گاھى رېجىسور،
مۇنبەر ئاتلىق سەھنە مەيدانىڭ.
ھەر بەيگىنىڭ چەۋاندازىنى،
يېتىشتۈرگەن سېنىڭ تەر، قانىڭ.

پادىچى سەن مىنگەن ئارغىماق،
چۈشكۈنلۈككە قامچا سالغۇچى،
ئىگىزىگە ئېسىلغان ماياك،
تەشۋىشىنى تۈننىڭ ئالغۇچى.

ئەم شىپاسى چارىسىزلىكنىڭ،
سەندىن پۈتكەن دۇنيا قامۇسى،
گۈل كۆركى سەن تارىخ بېتىنىڭ،
شەرىپىدە لەكمىڭ ئۈلگىسى.


2015-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى (ئاتۇش)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-10 23:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-11 21:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي

ۋاقتى: 2015-9-13 15:15:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىنغان بۇ شېئىرنى ياقتۇردۇم، ېئىلھامىڭىز بەرىكەتلىك، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھەركەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2016-1-30 20:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن باھايىڭىز ھەقىقىتەن ئىلمىي بوپتۇ،ھەتتا ئوقۇتقۇچىنى قوياشقا ئوخشاتساقمۇ بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش