مارالبېشىغا ئۇلاشتىم
ئابدۇسالام ساۋۇت
بىر قىزنىڭ ئاۋازىدا ئۇزاق ئولتۇردۇم،
ئاندىن قاراڭغۇ قىياپىتىگە قارىدىم.
بىر قۇتا يېشىل چايىنى يېرىمدىۋېتىپ،
تۈننىڭ پارچىلنىشىغا قاراپ يۈزلىنۋاتقان ئاسمانلىرىغا ئىككى كۆزۈمىنى بىردەم ئېسىپ قويدۇم.
تۇپراق كۆرۈش قۇۋىتىمگە لايىقلاشتى،
ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىنكى قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرار كۆردۇم.
يۇلغۇن ئەتراپىمدا كېچىدىكى قاراقچىدەك ئات چاپتۇرۇپ يۈرەتتى،
ۋاقىت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە مېڭىپ يۈرەتتى.
مەن تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ ماڭا تونۇشتەك قاراشلىرىغا،
پويىزنىڭ مەن ماڭماقچى بولغان جايغا قاراپ ئىلگىرلىشىگە،
بىر پارچە بولۇتنىڭ يامغۇرغا ئايلىنىش جەريانىغا،
يېنىمدىكى ئادەمنىڭ مەندىن توكدان سوراشلىرىغا ئاستاغىنە يۈزلىنۋاتاتتىم.
قوغۇنچىنىڭ پاكار كەپىسىدەك بۇزۇلغان چاچلىرىم مېنى ئاۋۇ قىزغا قاراشتىن ئۇيالدۇردى.
ئاخىرى كۆزۈمىنى چىڭ يۇمۋېلىپ ئۆزۈمىنى ئۇيقۇغا زورلاپ باقتىم،
لېكىن تىك ئورۇندۇق بۇنداق قىلشىمغا ئىمكان بەرمىدى.
ئۈستەلنىڭ بىر بۈرجىكىگە بېشىمنى قويدۇم.
ئەمما
ئاسمان ئاقىرىۋاتاتتى.
مەن بېشىمنى ئۈستەلدىن يىراقراق قويۇپ بىر قىزنىڭ قاراڭغۇ چاچلىرىنى ئاستا سىلۋالدىم.
ئۇنىڭ قولۇمىنى سىلكىۋەتمەسلىكىنى ئويلايىتتىم.
قولۇمىنى چۈشۈرۋالدىم،
ئىچىمدىكى ئۆلۈم دەرىخىنىڭ پىنھانلاشقان مېۋىسى ھەققىدە ئوي سۈرۈپ ئۆزۈمگە كەلدىم.
مەندە ھېچنىمە قالمىغان ئىدى،
تۇپراققا يېقىنلاشقانچە سىقىلىشتىن بوشۇنۇشقا يۈز تۇتۇم.
مارالبېشىغا ئۇلاشتىم،
مەندىن يەڭگىل بىر تەنھالىق ھالقىپ ئۆتتى.
|