كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 26

رەھىمە ئابدۇراھمان: چاشقان نالىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چاشقان  نالىسى
رەھىمە  ئابدۇراھمان  
      كىچىكىمىزدە بىنەم ئۇنىدا ئەتكەن ئوخشىغان  لەغمەننى  يىگەچ دادام رەھمەتلىك بىزگە  بىنەم تۇغۇرلۇق نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ  بېرىدىغان.
       تاغقا يانداش ئەت توپىلىق تۆپىلىكنى بىنەم دەپ ئاتايىتتى.ئۇ كەملەردە شەھەرگە قاراشلىق يېزىلارنىڭ ئۆزىگە  تەۋە  بىنەم  يەرلىرى  بولىدىغان. ئەترەت ئەزالىرى ئەتىيازدا  بۇغداي  ئۇرۇقىنى چېچىپ قويۇپ چۈشۈپ كەتسە، 8-ئايدا   ھوسۇل  ئالغىنى بىراق چىقاتتى. بىنەم  بۇغدىيى يامغۇر سۈيىگە  تايىنىپ  ئۆسەتتى.ھۆل-يېغىم كۆپ يىللىرى بۇغدايلار تازىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. قۇرغاقچىلىق يىللىرى بىنەمدىن توپا ئۆرلەپ،چاچقان ئۇرۇققا چۈشلۇق دەسمى چىقمايىتتى. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ياخشى بولغاچقا تەمى ئۆزگىچە، بولۇپمۇ   بىنەم  ئۇنىدا  ئەتكەن  لەغمەنلەر  قەۋەتلا ئوخشاپ كېتىدىغان.
يازلىق تەتىلدە ئۇرۇق –تۇققان،  قولۇم -خوشنىلارنىڭ بالىلىرى ئېشەك ھارۋىلىرىمىزنى ھەيدەپ، بىنەمگە بۇغداي  ئورۇشقا چىقاتتۇق . چۈشلۈك چايدىن  كېيىن يولغا چىقىپ، ئېشەكنى  بىر خىل يۈرۈشىگە قويۇپ بەرسەك، نامازشامغا تاقاپ بىنەمگە ئاران چىقىۋالاتتۇق. يىراقتىن  كۆرۈنۈپ  تۇردىغان  سۇس  تۇمانلىق  تاغ ، بىنەمنىڭ جانغا ئارام بېرىدىغان  غۇر- غۇر   شامىلى  كەيپىمىزنى باشقىچە كۆتۈرەتتى. بىز  ئېلىپ چىققان  لازا- پەمىدۇرلىرىمىز  بىلەن  خام سەي تەييارلاپ،  يۇمشاق نان بىلەن  چاي  ئىچىشكەچ قىززىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتۇق.
- بىنەم خەتەرلىك.
-ھېلىقى باراتجان مۇشۇ  بىنەمدە   يالغۇز يەردە  ئۇخلاپ قېلىپ،  قول- پۇتى تىترەيدىغان بولۇپ قالغان.
-بۆرە  بار، بۆرە بەك قۇۋمىش،   ئاۋال  چارۋىغا   تەھدىت  سالارمىش ، مال چارۋىدىن  ئايرىلغان  ئادەمنى  بۆرە  ئاسانلا  بىر تەرەپ قىلارمىش، لېكىن  بۆرە قىل  ئارغامچىلاردىن   قورقارمىش.
        بۆرىنىڭ گېپىدىن كېيىن، ئىشەكلىرىمىزنى   ھارۋىلارنىڭ   ئوتتۇرىسىغا ئالاتتۇق-دە، ، بۇغداي باغلاشقا ئېلىۋالغان  ئارغامچىلار بىلەن  ھارۋىلارنى   چۆرگىلىتىپ  باغلايىتتۇق. بىز  قورقۇپ تۇرۇپ  ھېلى بۆرىنىڭ، ھېلى جىنلارنىڭ  گېپىنى  قىلىشىپ ياتاتتۇق.  باشقىلار تاڭ ئېتىشقا ئازلا قالغاندا  چاشقان   ئۇۋىسى  كولايدىغان بولۇشۇپ، ئۇ-ياق، بۇ ياقلارغا تارقىلىشىپ كېتىشەتتى. پەقەت  بىزنىڭ  ئۆيدىكلەرلا  بۇغداي   ئورۇيدىغان  مەسلىھەتكە  كېلىشىپ  تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇيقىغا كېتەتتى.بىر يىلى دادام  بىزنىڭ  بىنەمگە چىقىشىمىزغا قوشۇلماي تۇرىۋالدى. ھەدىلىرىم يېلىنىپ يۈرۈپ  دادامنى  ئىندەككە كەلتۈرۈپ، مېىڭشقا تەمشىلىپ تۇراتتى، دادام توختىتۋالدى:
   -بوپتۇ،بۇ قېتىم رۇخسەت قىلاي.لېكىن بىنەمگە چىققاندا چاشقان  ئۇۋۇسىنى  كولىماڭلار، ئۇلارنىڭ  رىزقىغا چاڭ سالساڭلار قۇيرىقى بىلەن بوينىنى يۆگەپ ئۆلۈۋالىدۇ.ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خۇدا ياراتقان جان.بىزگە ئوخشاش تەبىئەتتىن رىزقىنى تىلەپ يەيدۇ. ھەرقانچە  جاپالىق  بولسىمۇ  بۇغداي  يۇلۇشىمىز كېرەك.
دادامنىڭ گېپىگە بويسۇنماسلىققا ھەددىمىز ئونمۇ، چۈنكى  ئۇ دېگەن بۇيرۇق، دادامنىڭ بۇيرۇقى ئائىلىمىزنىڭ قانۇنى ئىدى. ھەئە، بىنەمگە چىقتۇق. ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئاسمانغا قاراپ  يۇلتۇز ساناپ ياتىمەن.يازنىڭ تىنىق ئاخشاملىرىدا،مانا شۇنداق تۆپىكلەردە تەبىئەت بىلەن مۇڭدۇشۇپ يېتىش قانداق راھەت ھە ؟ يۇلتۈزلار  شۇنچىلىك چىرايلىق، بىردەم  خۇددى كىچىك بالىنىڭ ۋېلىقلاپ  كۈلىشىدەك، بىردەم ئۈنچە-مەرۋايىتتەك  كۆرۈنۈپ كۆزلىرىڭنى قاماشتۇرىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈلتۇزى بار دىيشىدىكەن، مېنىڭ  يۇلتۇزۇم  قايسى بولغىيىتتى ؟ كىمنىڭ  يۈلتۇزى  ئاسماندىن  ساقىپ كەتسە شۇ كىشى  بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ دەيدىغان گەپ بار. ئەي خۇدا، ھېچكىمنىڭ  يۇلتۇزى  ساقىپ   كەتمىسۇن! ئاۋۇ ئەڭ چىرايلىق  يۇلتۇز چوقۇم  سىڭلىم  رەيھاننىڭ  يۇلتۇزى، چۈنكى  ئۇ مەھەللە  بويىچە  ئەڭ چىرايلىق .
       تاغ سەلكىنى كۈچەيمەكتە ئىدى. بۇ يەردە كەچتە بۇنچە سوغاق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە يالاڭ كىيىۋالغانلىقىمدىن توڭلاپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. توڭلىغانسىرى ھەدەمگە چاپلىشىپ يېتىۋالدىم. بۇنداقلىقىنى بىلگەن  بولسام  قىشلىق  چاپان ئېلىۋالاردىمكەن.
ئەنە،بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان  يەردە   سانسىز چىراقلار  كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ  تۆمۈر   پىششىقلاپ  ئىشلەش زاۋۇدى، ئۇ يەردىكى  كىشلەر  بەلكى  ئىسسىق  يوتقاندا  ياتقاندۇر. «بېرىپلا  بىر  ئۆيگە  ئاستا كىرىپ  كارۋات ئاستىدا بولسىمۇ بىر كېچىنى   ئۆتكۈزۈۋالسام،  نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ؟ مەن ئومرۈمدە يۇتقان يېپىنىپ  يېتىپ باققان  بولغىيتتىممۇ؟... خىياللىرىم ئۇزارغانسىرى سوغۇق جان-جېنىمدىن  ئۆتكىلى تۇردى. يۇلتۇلارمۇ مېنى  زاڭلىق  قىلىپ «ئىسىق  يۇتقىنىڭدا ياتماي، نىمە بار   بۇ  يەرلەردە ؟» دەپ  مەسخىرە  قىلىۋاتقاندەك  كۆزلىرىنى  چىمچىقلىتىپ  تۈراتتى. بەدىنىم مۇزلاپ، پۇت-قولۇم ئۇيۇشۇپ، چىشلىرىم كاسىلداشقا باشلىدى. ئېسىمگە  سەرەڭگە  ساتقۇچى قىز كەلدى. ئۇنىڭغا  ئەمەس   ئۆزەمنىڭ  بۇ  ھالىغا ئىچىم  ئاغرىيتتى. قانداقلا   بولمىسۇن  سەرەڭگە  ساتقۇچى قىزنىڭ  سەرەڭگىسى بار، مەندە  ھېچنىمە  يوق . ئورنۇمدىن  بەك تەستە تۇردۇم . بىنەمنىڭ  سوغىقى ماڭىلا  ئۆتىۋاتامدۇ قانداق؟ مەندىن باشقىسى دۇنيادىن بېغەم «سەمەرقەنت ئۇيقىسى»نى ئۇخلىماقتا  ئىدى. دادام يازنىڭ  كېچىسى قىسقا دەيتتى. نەدە ئۇنداق، نىمانداق تاڭ  ئاتمايدىغان  كېچە بۇ ؟
مەندە بايىقى  قورقۇنچلۇق ھېكايىنى  ئاڭلىغاندىن كېيىنكى  بۆرە،  جىنلاردىن  قۇرقۇشتىن ئەسەر قالمىغان،  مۇزلاپ  نېرۋىلىرىم  تورمۇزلىنىپ  كەتكەن ئىدى. ھەدىلىرىمنى  ئىتتىرىپ  يۈرۈپ  ئۇلارنىڭ  ئاستىغا  سالغان  مىشكاپنى تارتىپ ئالدىم. بىر مىشكاپنىڭ ئىچىگە كىردىم، يەنە بىر مىشكاپنى ئۈستۈمگە يېپىپ پۈكلىنىپ دۈم يېتىۋالدىم. مىشكاپنىڭ  قاتتىق  قىللىرى بەدەنلىرىمگە سانجىلىپ  قىچىشتۇرۇپ  كېتىۋاتاتتى. بىنەمنىڭ  قۇرغاق  توپىلىرىدىنمۇ  مۇز  چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
تاڭ ئېتىشى بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بۇنغداي  يۇلۇشقا  ، چاشقان ئۇۋىسى كولايدىغانلار چاشقان  ئۇۋىسى ئىزدەپ مېڭىشتى. يۇلغان  بۇغدىيمىزنىڭ  غولىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ باشىقىنى خالتىلارغا قاچىلىدۇق.
چاشقان  ئۇۋىسى ئىزدەپ ماڭغانلارنىڭ «ئۇۋا تاپتۇق» دېيىشى مېنى بېرىشقا دەۋەت قىلاتتى. بۈغداي  يۇلىۋېتىپ ئۇچرىغان يوغان چاشقان ئۆلۈكلىرىنى كۆرۈپ مېنى سۈر باستى. شۇنداقتىمۇ،  ھەدەمنىڭ  توسقۇنىغا   ئۇنىماي  باشقىلار  تاپقان چاشقان ئۇۋىسى قېشىغا باردىم. كەتمەن ،  گۈرجەكلەر بىلەن كولاپ چىقارغان قىپ -قىزىل بۇغداي  كۆرۈندى، ئۇلار   خوشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىۋاتاتتى . بىزدىن  ئانچە يىراق بولمىغان  يەردە  چىرقىرىشىپ  تېپىرلىشىپ  يۈرگەن چاشقانلار ئېچىنىشلىق نالە قىلماقتا ئىدى.ئۇلار گويا «ھەي، سىلەر  ئىنسانلار، نىمانچە   رەھىمسىز، بىزنىڭ  قۇيرۇقىمىز بىلەن سوقۇپ  ئېغىزىمىز بىلەن بىر تال- بىر تالدىن توشۇپ يىققان ئاشلىقىمىزغا نېمىشقا  چاڭگال سالىسىلەر ؟ بىز  بىر قىش  نىمە  يەيمىز؟  بالىلىرىمىز نېمە بېرىمىز ؟ » دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
     شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز چىققان قاتتىق بوران ئالەم-جاھاننى توپ-تۇمانغا كۆمۈپ،بىزنى تېرە-پېرەڭ   قىلىۋەتتى. بىر-بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ ئارانلا ھارۋىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋالدۇق.چاشقان ئۇۋىسى بۇزغانلارنىڭ  خالتىلىرىغا قارىشىپ  پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. شامال بىلەن تەڭ قۇلىقىمغا چاشقانلارنىڭ  ئېچىنىشلىق  نالىلىرى  ئاڭلىنىۋاتقاندەك  تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.ھەئە،ئۇلارنىڭ نالىلىرى بېسىقمايىتتى.«ئوۋچىنىڭ  مىلىتىقى بولسا،  كېيىكنىڭ  خۇداسى   يوقمىكەن»  دىگەندەك تەڭرى بەلكىم چاشقانلارنىڭ نالىسىغا چىدىماي بو بوراننى چىقارغان  بولۇشى مۇمكىن دەپمۇ پەرەز قىلدىم. بۇ يەردە بىر مىنىۇتمۇ تۇرغۇم  كەلمىدى. زاغرا  يىسەكمۇ  يەيلى بولدى، بىنەمدىن  چۈشۈپ  كېتەيلى  دەپ  ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن   يالغاندىن قۇرسۇقۇم   مۇجۇپ  ئاغرىغان    بولىۋېلىپ،  چۈشتىن  كېيىنلا  بىنەمدىن   قايتىپ كەلدۇق. ھازىر  چاشقان ئۇۋىسى  بۇزىدىغان  ئىش  بولمىسىمۇ،    بىنەم  بۇغدىيىدا  ئەتكەن  لەغمەننى يىگىنىمدە   ئاشۇ  چاشقانلارنىڭ جان تالىشىپ   پۇتلىرىنى  ئاسمانغا  قارىتىپ  تېپىرلىشىپ ياتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
ھەي بىز  ئىنسانلارنىڭ قىلمايدىغان  ئەسكىلىكلىرىمىز  بارمىدۇ؟!.
بىز بىر- بىرىمىزنى   قاقتى –سوقتى  قىلغاننى  ئاز دەپ ئەمدى  ھايۋاننىڭ  ئاغزىدكى ئاشقىمۇ چاڭگا سالساق بىزىدىكى ئېنسانىي  خىسلەت  نەگە  كەتتى . بىزنىڭ ھايۋاندىن  پەرقىمىز  قالمىدىغۇ؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-10 19:43  


باھا سۆز

ياخشى يېزىلىپتۇ، تىرىشىڭ...  ۋاقتى: 2015-11-19 04:29 PM
تەسۋىرلەر جايىدا بوپتۇ.  ۋاقتى: 2015-9-10 08:15 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-10 20:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ ئالەم كۈچلۈكلەرنىڭ ئالىمىدۇر.........

ۋاقتى: 2015-9-10 22:08:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقانلارغا ئىچ ئاغىرتىپ قويۇپ بەرسىڭىز سىزنىڭ ھەممە نەرسىڭىزنى يەيدۇ ، ھەتتا كىيىم -كىچەك ، يوتقان -كۆرپىلىرىڭىزمۇ ساق قالمايدۇ . يەنىلا ھەممە ئىش نورمال بولغىنى ، ھەممە جانلىق ئۆز رىسقىنى تېپىپ يېيىشى كېرەك .
ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ قۇردىن باشقا يەرلىرى ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىز بەركەت تاپسۇن !

ۋاقتى: 2015-9-10 22:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-10 22:08
چاشقانلارغا ئىچ ئاغىرتىپ قويۇپ بەرسىڭىز سىزنىڭ ھەممە  ...

ھەي بىز  ئىنسانلارنىڭ قىلمايدىغان  ئەسكىلىكلىرىمىز  بارمىدۇ؟!.
بىز بىر- بىرىمىزنى   قاقتى –سوقتى  قىلغاننى  ئاز دەپ ئەمدى  ھايۋاننىڭ  ئاغزىدكى ئاشقىمۇ چاڭگا سالساق بىزىدىكى ئېنسانىي  خىسلەت  نەگە  كەتتى . بىزنىڭ ھايۋاندىن  پەرقىمىز  قالمىدىغۇ؟

راست، دەيسىز، مۇشۇ خىتاپ ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-11 11:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر تىلى يېپىشقاق  ھەم جانلىق چىقىپتۇ . ئىكۇلۇگىيە دۇنياسىدا  چاشقانمۇ شۇ دۇنيانىڭ بىر ئەزاسى .ئەمما ئۇنىڭ توللاپ كېتىشىمۇ بىر ئاپەت . ئۇ ئىنسانغا زىيان سالغۇچى بولغاشقا بىزنىڭ سۆيۈش دائىرىمىزگە كىرەلمىگەن . ئەمما ئۇنى تامامەن يۇقۇتۋىتىشمۇ توغرا ئەمەس . شۇڭا بۇ ئەقىللىق ھەم ھېلىگەر جانىۋارنى ھاياتلىقنىڭ تەڭپۇڭلۇق دۇنياسىدىن قوغلىۋىتەلمەيمىز .
ئادەتتە تازلىق نوقتىسىدىنمۇ چاشقان چىشلىگەن نەرسىلەنى يېيىش مەنى قىلىنىدۇ . ھىكايىدا چاشقان ئېغزى بىلەن توشىغان دانلارنى تارتىۋىلىپ ئۇ چاشقانلارنى رىزىقسىز قويغان  بۇ بالىلارنىڭ قىلمىشى بىزگە ھالال ھارامنى ئايرىمايلا   باشقىلارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالىدىغان ئىنسان نەپسىنىڭ بالاخۇر قىلمىشىدىن  بىشارەت بىرىدىكەن .

ۋاقتى: 2015-9-11 18:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇدا دادىڭىزدىن ؛ -دادا بىنەمدە  چاشقاننىڭ ئۇۋۇسىنى كولامتىڭلار ھۈدۈگەننىڭمۇ -دەپ بىر سوراپ بېقىڭ.

باھا سۆز

ئۆزى قارامتۇلراق،يوغانراق...ئېتىز چاشقىنىغا ئوخشىمايدۇ  ۋاقتى: 2015-9-11 06:22 PM
شۇنداق،بىز بىنامغا ھۇدۈگەن ئۇۋۇسىنى كولىغىنى چېققان  ۋاقتى: 2015-9-11 06:20 PM
ھۈدۈگەن؟  ۋاقتى: 2015-9-11 06:13 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-11 19:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام ھۈدۈگەن دەيتتى  مەن  چاشقان دەپ ئالدىم. ئۇمۇ چاشقاننىڭ  بىر  تۈرى شۇ  جۇغى سەل  چوڭاراق .

ۋاقتى: 2015-9-12 10:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقاندىن جۇغى چوڭراقىنى كۈسۆتكە ...دەيدىغانلارمۇ بار .....
...............................................................................................

ۋاقتى: 2015-9-12 10:30:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنەم ئۇنىدا ئەتكەن ئوخشىغان  لەغمەننى

بىنەم يەرنىڭ بۇغداي ئۇنىدا ئەتكەن لەغمەن --- دېسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن - دەيمەن .

ۋاقتى: 2015-9-12 19:19:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2015-9-11 11:35
ئەسەر تىلى يېپىشقاق  ھەم جانلىق چىقىپتۇ . ئىكۇلۇگىيە دۇ ...


«ئىكۇلۇگىيە دۇنياسىدا  چاشقانمۇ شۇ دۇنيانىڭ بىر ئەزاسى».

   مانا بۇ ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ ئېيتىلغان بىر ئېغىز راست گەپ بوپتۇ.
   مەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «ئالا ئىت قىياسى» ناملىق پوۋېستىدىن دەرس ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭدىكى بىر جەمەتتىن بولغان بەش ئادەم ئىچىدە ئاخىرقى ھايات قالغۇچى قىرسىق دېگەن پىرسۇناژنىڭ دېڭىزدا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا: «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەپ نالە قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلانغانىدىم. ئەجىبا ئۇ: «ئەجدىھا ئاكا...،ئېيىق ئاكا...، توڭگۇز ئاكا...» دېمەي، نېمىشقا قايتا-قايتا ئىككى جايدا ئىككى قېتىم: «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەيدۇ؟ كېيىن شۇنى بىلدىمكى، بۇ تىل تەسۋىرى زامانى ئەۋۋەلدە چاشقاننىڭ ئادەمئاتىغا سۇ باشلاپ ئەكىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تېرىقچىلىق، تىرىكچىلىك قىلىپ، نەسىل قالدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن كەلگەنىكەن...
   ئۈشبۇ رىۋايەتتتە يەنە ئېيتىلىشىچە، كېيىن ھوسۇل بۆلۈشىدىغاندا ئادەمئاتىغا ياردەم بەرگەن يەنە بىر جانىۋار كالا خاماندىكى بۇغداينى ئاز كۆرۈپ، ساماننى تاللىغان-دە، ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تا ھازىرغىچە سامان يەپ ياشاۋاتىدۇ. كالا ساماننى تاللىغاندىن كېيىن ئادەمئاتا بىلەن چاشقان ئۆزلىرىگە قالغان بۇغداينى بۆلۈشىدىغان چاغدا، ئادەمئاتا چاشقاننىڭ تاغنى تېشىپ سۇ باشلاپ كېلىپ ئۆزىگە كۆپ ياردەم قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزسىدىن، ئۇنىڭ ئالدىن تاللىۋېشىنى ئېيتقان، ئەمما چاشقان ئۆزىنىڭ جۇغىنىڭ كىچىكلىكىنى، بۇنچە كۆپ ئوزۇقلۇقنى يۆتكەپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ ۋاكالىتەن ساقلاپ قويۇشىنى، ئۆزى ھاجەتمەن بولغاندا بېرىپ ئېپكىلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئادەمئاتىدىن ئۆتۈنگەن. ئادەمئاتا چاشقاننىڭ ئۆزىگە ئىشەنگىنىگە يەنە بىر مەرتەم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلغان...
   ئەجىبا، بىزلەر نى-نى رېزق-نېسىۋىمىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنسا كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرىدىكەنمىزۇ، ئالەم بىنا بولغان ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتتا ئادەمئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسى بويىچە ئامبار-قازناقلىرىمىزغا كىرىپ ئۆز ھەققىنى ئېلىپ كەتكەن چاشقانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىكەنمىز. «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك...» دەپ كېتىشلىرىمىزچۇ تېخى؟ بۇ خۇددى: «چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم...» دېگەندەك ئىش بولمىدىمۇ؟
   ئىلاھىم، بىزلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە: «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!!!» دەيدىغان كۈنگە قالمىساققۇ بىر نۆرى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-16 16:10  


باھا سۆز

قالتىس گەپ- بەرھەق.  ۋاقتى: 2015-11-16 11:05 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-16 15:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahmat,  inkasingizni kurup  bakmu  hox  boldum

باھا سۆز

ئېيتسىڭىز تەڭ خۇش بولاتتۇق ئەمەسمۇ؟  ۋاقتى: 2015-11-17 10:15 PM
مېنىڭ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ كۈلمىدىڭىزمۇرەخىمە،ماڭىمۇخۇش بولغانلىقىڭىزنى  ۋاقتى: 2015-11-17 10:15 PM
ۋاقتى: 2015-9-16 17:14:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ چاشقاننى ئەقىللىق ھەم ھىلىگەر ، دەپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ راستنلا چىنپۈتتۈم بۇ ئەبلەخلەرنىڭ يامانلىقىغا. بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە بىر مۈشۈك بارئىدى، چاشقان تۈگۈل دانلاپ بىدىشلارغا قونۇۋالغان قۇشقاچنىمۇ تۇيدۇرماي ئوۋلاپ يەيتتى. بۇ قېتىم بارسام يېقىندىلا ئالتىنى ئاسلانلىغان مۈشۈك دورا يىگەن چاشقاننى يەپ ئۆلۈپ قاپتۇ. ئاشۇ چاشقان دېگەن ھىلىگەر«مۈشۈك دېگەن جەددال ئالتە بالىلىق بوپتۇ، ئۇنى كۆزدىن يوقاتمىساق ئەمدى بىزگە كۈن يوق، شۇڭا مەن زەھەر يەپ مۈشۈكنىڭ ئالدىدا يېتىپ بېرەي، ئۇ كېلىپ مېنى يەپ ئۆلسە قالغانلىرىڭلار خاتىرجەم ياشارسىلەر» دېگەنمىكىن، دەپ ئويلىدىم. مۈشۈكمۇ بۇ چاشقاننىڭ گۆشىدىن  بالىلىرىغا بىر چىشلەممۇ يىگۈزمەي تۇرۇپ ئاۋال ئۆزى يەپ ئارقىدىن بالىلىرى بىلەن ۋىدالاشقانغا قارىغاندا، بالىلىرىغا «قىساس» ئېلىشنى مىراس قالدۇرغاندەك ئەتمالىم.
مۇشۇ چاشقان دېگەن بالاخورنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگىنىنى ئاڭلىماپتىم. رەخىمە يازغان «چاشقاننىڭ نالىسى» نىڭ يازما ئىسپاتىدىن كۆرۈپتىمەن. مېنىڭ ئۆيۈمدىكى چاشقانلار يىگىلى بىرنەرسە تاپالمىسا ئىشىكلىرىمنى غاجاپ كېپەك چىقىرىپ پەشمەت يېگەندەك يەيدۇ ئولتۇرۇپ.

باھا سۆز

ھاھا ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت سىڭلىم.  ۋاقتى: 2016-2-9 02:51 PM
ھا. ھا. ھا...گەپچى.  ۋاقتى: 2015-11-16 11:08 PM
ۋاقتى: 2015-9-16 17:54:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2015-9-17 10:15:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېزىت-ژورناللاردىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، رەخىمە خانىمنىڭ ھېكايە ۋە راست ئىشلار خاتىرىلىرى بىر بىرىدىن ئوبدان چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەردىكى كۈزۈتۈش نوقتىسىمۇ ئۆزگىچىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 10:18  


ۋاقتى: 2015-9-22 12:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخىمە يوللىغان ۋاقتى  2015-9-16 15:52
rahmat,  inkasingizni kurup  bakmu  hox  boldum

   ئەرزىمەيدۇ، رەھىمە خانىم.
   مۇشۇنىڭدەك ئەمەلىي ۋەقەلەر بىلەن چىن ھېس-تۇيغۇلار يۇغۇرۇلغان يازمىلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرغايمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش