سەھەردىكى سادا
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
(نەسىر)
ئىگىز – ئىگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇ،
بۇ كۆيگەنلەر چىراق ئەمەس، پىراق كۆيەدۇ.
سەھەر، سەھەر تىمتاسلىقىدا ھەممە شىرىن ۋە خەيرلىك چۈشلىرىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان بىر پەيتتە، يېنىمدىلا تاراۋاتقان ھەسرەتلىك كۈيدىن يۈرىكىم ئىزىلىپ لەختە بولغان ھالدا كۆزۈمنى ئاچتىم. «يارۇ»دەپ پىچىرلىدىم ئىچىمدە، كىرپىكلىرىمدىن تاشتەك بېسىپ تۇرغان ئۇيقىلىرىمنى سۈرگۈن قىلىۋىتىپ. سەھەر ئاقلىقىغا تارالغان «يارۇ»نىڭ ساداسى، تىڭشىغان ھەر بىر جان ئىگىسىنىڭ دىلىنى سۇدەك ئېقىتىپ، جىسمىنى ياپراقتەك تىترىتىۋاتاتتى. سەھەر تىمتاسلىقىدىكى مەجنۇن تاللارنىڭ لەرزان تەۋرىنىشىگە قوشۇلۇپ ياڭراۋاتقان بۇ كۈي، بۇ سادادىن، ئاسمان، يۇلتۇز ھەم شاماللارنىڭمۇ كۆزى ياشلىنىپ تىترەۋاتاتتى.
ئەي تەقدىر،-دەپ پىچىرلىدىم سەھەرگە يىيىلغان زارىقىشتىن كۆزلىرىم ئىچىشىپ، مېڭەپ چىڭقالغان ھالدا،- ئانىلارنىڭ تاقىتىنى، ئىرادىسىنى، چىدام – غەيرىتىنى ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ئارقىلىق سىناۋاتامسەن، ئانىلارنى ئىلاجىسىز، ئىمكانسىز قويۇش ھېسابىغا ئۇلاردىن قانداق ئىمتىھانلارنىڭ جاۋابىغا ئىرىشمەكچى بولۇۋاتىدىغانسەن؟
سەھەر، يەنە سەھەرگە يېيىلغان «يارۇ»نىڭ پەرياتلىق ساداسى. يۇلتۇزلار ئاللىقاچان بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن قالغان بولسا كېرەك، كۆزلىرىنى يۇمۇۋاپتۇ. ئاسمان ئاپپاق شايى روماللىرى بىلەن بۇلۇت توپلىرىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. سەھەرگە ئاشىق مەيىن شاماللارمۇ ياپراقلار ئارىسىغا مۆكۈۋاپتۇ، پورەكلەپ ئىچىلىپ كەتكەن ھەرخىل گۈللەرنىڭ چاناقلىرىغا چوڭ، پارقىراق سۇ تامچىلىرى تولۇپتۇ. ئەي،-گۈزەللىك، پاكىزلىق، مەسۇملۇقنىڭ مۇجەسسىمى بولغان گۈللەر، چاناقلىرىڭلاردىكى شەبنەم تامچىلىرىمۇ ياكى سىلەرمۇ يىغلاۋاتامسىلەر؟
سەھەر، ھەر بىر سەھەردە ياڭراۋاتقان «يارۇ»نىڭ پەرياتلىق ئۈنلىشىدىن ھەسرەتلىرىم ھەر كۈنى «غۇچچىدە» چېچەكلەۋاتقاندا تاڭ سۈزۈلۈپ، ئاقلىق يېيىلىۋاتقان ئۇپۇققا قارىغىنىمچە سەھەرنى قاپلىغان، تىڭشىغان ھەر بىر جان ئىگىسىنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىدىغان «يارۇ»نىڭ پارچىسىغا ئايلانغىنىمچە دادام ئىيتىپ بەرگەن مۇنۇ سۆزلەرنى سىلەرگە تۆككۈم كەلدى.
ھويلىنىڭ بۇرجىكىدىكى كېچىك گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈرۈك باھار كېچىسى چېچەكلەپ كەتكەن بولۇپ، ئاپپاق چېچەكلەر سەھەر گۇگۇمىنى يورۇتۇپ، باھار بۇلۇتى لەيلەپ تۇرغان ئاسماننىڭ كۆك كۆزلىرىگە پاكلىق، ئاقلىق بېغىشلاپ تۇراتتىكەن. يۇمران ۋە نەمخۇش چېچەكلەر ئارىسىدىن بىر ئاققۇچقاچنىڭ پەرياتلىق سايرىغان ئاۋازى چېچەكلەرنىڭ بەرگىلىرىنى نەمدەپ يەرگە توزۇتۇپتۇ. قۇچقاچ پەرياتلىق سايراپتۇ، ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپتۇ، ئوغرى مۈشۈكنىڭ تىرناقلىرى تىتىپ يەرگە سورۇلغان يۇمشاق پەيلەرگە سۈركىلىپتۇ، قارا، كېچىك، ناتىۋان كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش خۇددى قورام تاشتەك دومىلاپ چۈشۈپ يەرنى تىترىتىپتۇ. ئانا قۇچقاچنىڭ پەريات ۋە ھەسرەتلىرىدىن چېچەكلەر پۇرۇلداپ سورۇلۇپتۇ، گۈگۈم ئىلكىدە ئاقىرىۋاتقان سەھەر قاراڭغۇلۇققا تولۇپتۇ، ئاسمان كۈلرەڭ لىباسىنى يىپىنىپتۇ، باھار سىمىلدىغىنىچە ياش تۆكۈپتۇ.
«بىر بېلىقچى دېڭىزدىن نەچچە تال بېلىق تۇتۇپ پۇشۇرۇش ئۈچۈن قازانغا ساپتۇ، لېكىن بېلىقلاردىن بىر نەچچىسى ئوڭدا بولغىنىچە قورسىقىنى ھەدەپ قازاندىكى قىزىغان سۇغا تەككۈزمەسلىككە ھەركەت قىلىۋاتقىدەك. بېلىقچىغا بېلقلارنىڭ بۇ ئىشى قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ تاماشا قىلىپ ئولتۇرغان شۇ پەيتتە قازان تېشىپ ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپتۇ ۋە بۇخسۇپ چىققان كۈللەر بېلىقچىنىڭ كۆزىگە كىرىپ ئۇنى ئەبەدىيلىك قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىپتۇ». ئەسلىدە، ئۇ ئىككى بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇخۇملىرى بولۇپ، بېلىقلار تۇخۇملىرىنىڭ پىشىپ قىلىشىدىن قورقۇپ قورسىقىنى قىزىق سۇدىن قاچۇرغان ۋە ئوڭدا بولىۋالغان ئىكەن.
سەھەر، سەھەرگە تولۇپ تۇرغان «يارۇ»نىڭ پىغانلىق، ئازاپلىق ئاۋازىدىن كۆزلەردىن كۆللەر ھاسىل بولۇۋاتاتتى، باھار يەنە سىم – سىم يىغىۋاتاتتى. مەن باھارنىڭ سىم – سىم ياشلىرىغا يۈزۈمنى تۇتۇپ ئولتۇرغىنىمچە كۆككە قاراپ پىچىرلىدىم، - ئەي پەلەك، ئانىلارنىڭ تاقىتىنى ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ئارقىلىق سىنىما، ئانىلارنىڭ كۆز يېشى دۇنيانى ئېقىتىدۇ، ئانىلارنىڭ كۆز يېشى زىمىننى تىترىتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-10 17:32