«تىم قورغان خارابىسى» «تىم قەلئەسى خارابىسى كاتتايلاق يېزىسى 26 كىلومېتر غەربى جەنۇبىدا بولۇپ، خان سۇپىنىڭ غەربى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 2 كىلومېتر، بۇ خارابە خەن دەۋرىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدۇر. بۇ خارابىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ستراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە لەشكىرى بازا بولۇشى ئىھتىمالغا يىقىن. قەلئەنىڭ تۆت ئەتراپىدا قورۇق تام بار. قورۇق تام دەرۋازىسىنىڭ ئېگىز مۇنارى ھېلىھەم شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 12 مېتر، لاي كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان، لاي كېسەكلەرنىڭ ئۆلچىمى 5014×34×، قەلئەنىڭ ئومۇمى كۆلىمى (62-رەسىم) تەخمىنەن 15 مو كېلىدۇ. قەلئەدىن خېمىر يۇغۇرغان ياغاچ تەڭنە، ئاق يىپلىق يۇڭ رەخت پارچىسى، ھەر خىل ساپال پارچىلىرى ۋە قەدىمقى مىس تەڭگىلەر تېپىلغان. بۇ يەر ئوبلاست دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ.» بىز «تىم قورغان خارابىسى»دا 63-رەسىم دىكىدەك ھەممە يەرگە چېچىلىپ ياتقان ساپال پارچىلىرى، قەدىمكى ھەيكەللەرنىڭ توپا بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن قىزىل ھەم ئۇيۇل كاللەكلىشىپ قالغان قالدۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئۇچراتتۇق. بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى 64-رەسىمدىكى قوپال باش ھەيكەل (بۇ ھەيكەل توختى پاشادا)نى ئۇچراتقانلىقىمىز بولدى . بۇ ھەيكەل ناھايىتى ئاددى لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ باش قىسمى، بولۇپمۇ كۆز، قاش، بۇرۇن ۋە ئېغىز قىسمى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەيكەلمۇ «دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قەلەسى» («تۆۋەن چىن»نىڭ «بارخان» ئوردىسى)دىن تېپىلغان «11-رەسىم، كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئەر) بېشى قاپارتمىسى»دەك بالبال ۋە قورچاق تىپىدىكى يادىكارلىقتەك قىلىدۇ. ھەيكەلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چەمبەر سىمان ئايلانما سىزىق ھالىتىدىكى قاپارتما نەرسە، ناھايىتى چوڭ ھەيكەلنىڭ باش قىسمىنىڭ بۈدۈر چاچ ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن نەرسە بولسا كېرەك . 65- رەسىمدىكى يارماق ۋە مارچان مۇشۇ رايۇندىن تېپىلغان. مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىن ئىش ھەققى ئېلىپ «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان»نىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل توختى پاشا ئىسىملىك كىشنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ جايدىن يەنە «ئەنقا باشلىق ئادەم ھەيكىلى» بايقالغان بولۇپ، بۇ ھەيكەل ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. «ئەنقا باشلىق ئادەم ھەيكىلى» بىلەن 35-رەسىمدىكى «ئارغۇ ئاچچىغدىكى ئىككى قۇش سۆرىتى» ئاساسەن تارىختىكى ھونلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «تىم قورغان خارابىسى»دا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ئېگىز مۇنار بولۇپ بۇ غەربى جەنۇپتىكى «سۇلى»غا ۋە شىمالدىكى «بارخان» (دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قەلئەسى)گە ئوت يېقىپ ياكى تۇتۇنلىتىپ بەلگە بېرىشتىكى «تۇر» بولىشى مۇمكىن. ئومۇمەن، «خان سۇپا» بىلەن «تىم قورغان خارابىسى» ئاساسەن بىر گەۋدە ھالىتىدىكى خېلى چوڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. بۇ ئىككى تارىخى ئىزنا «سۇلى»نىڭ شەرقى شىمال قورغىنى بولۇپ، «سۇلى»دىن «سۇغۇن ئاغزى» ۋە «بارخان»غا ئۆتۈشتىكى ئەڭ موھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ھەم بۇ جايدىن تېپىلغان خانتاجىغا قارىغاندىمۇ «خان سۇپا خارابىسى»دا ئەفراسىياپ (ئالپ ئەرتۇڭا)، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، «ئالپ ئايا» ۋە غەربى خەن سولالىسىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى بەن چاۋ قاتارلىق پادىشا ۋە سانغۇنلار تۇرغان بولىشى مۇمكىن. 62-رەسىم، تىم قورغان خارابىسى
63-رەسىم، چېچىلىپ ياتقان ساپاللار
64-رەسىم، قوپال باش ھەيكەل
65-رەسىم، يارماق ۋە مارجان
«كونا مۇرتۇم خارابىسى» «مورتىم خارابىسى كاتتايلاق چۈشۈرگە كەنتىدىن 12 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، پىرامىدا شەكىللىك بىر مۇنار ھېسابلىنىدۇ، ئاستىنىڭ دېئامېتر 21 مېتر، ئېگىزلىكى 7 مېتر، بولۇپ لاي كېسەكتىن قوپۇرۇلغان، لاي كېسەكلەرنىڭ ئۆلچىمى 36× 34× 9 سانتىمېتر، بۇ خەن دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، بۇددا دىنى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ ئۇنى غەربى دىياردىكى ئەل ئىھرام دېيىشكە بولىدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ئوبلاست دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ.» يۇقۇرقى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا «كونا مۇرتۇم خارابىسى» بىلەن ھازىرقى قۇمسېغىرنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى «مۇرتۇم خارابىسى»نىڭ زۆرۈر تارىخى مۇناسىۋىتى باردەك قىلىدۇ. بىزنىڭچە، قەدىمكى «سۇلى» بارغانسىرى يوقۇلۇش گىرداۋىغا يۈز تۇتقان ئەھۋالدا، ئەشۇ «كونا مۇرتۇم»نى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە مەڭگۈ يادلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن قۇمسېغىرنىڭ غەربى جەنۇبىغا يۆتكەلگەن. ياكى بولمىسا، ھازىرقى مۇرتۇم خارابىسى ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ تەسىرىدە كونا مۇرتۇم ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئابىدە دەپ قاراشقا بولىدۇ. چوقۇمكى كونا مۇرتۇم ۋە مۇرتۇم- <مۇر ئاتام> تىل يىلتىزى بويىچە <قاراخان> شاھلىرىنىڭ قەبرىسى بولىشى مۇمكىن.
داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-21 13:33
|