كۆرۈش: 952|ئىنكاس: 0

ئېلىجان ياقۇپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                 8888888.png
   ئېلىجان ياقۇپ كارۋان 1974-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چەرچەن ناھىيە كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى چەرچەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالغان. 1994-يىلى 7-ئايدا تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخىنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1997-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   ئېلىجان ياقۇپ 1995-يىلدىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ماقالە ئېلان قىلغان. بايىنغولىن ئوبلاستىدا نەشر قىلىنىدىغان «كروران» ژۇرنىلىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن «بۈركۈت پەرۋازى» مۇكاپاتى تەسىس قىلغان. بۇ پائالىيەت ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇ ھازىر بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 2015- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-9 00:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش